saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 433 قېتىم كۆرۈلدى
kurban
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 932
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 112 سوم
تۆھپە: 61 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 61 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بالىلار فولكلورىنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىگى توغرىسىدا

بالىلار فولكلورىنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىگى توغرىسىدا
 

      ئۇيغۇرلار مەملىكىتىمزىدە ياشىغۇچى ئەڭ قەدىمىي ۋە مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى.فولكلور ئىجتىمائى پەن دائىرىسىدىكى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر ئىلىم بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ دەسلەپ ئەنگىلىيىدە پەيدا بولغان.ئۇنىڭ ئېنگىلىزچە دەسلەپكى ئاتىلىشىFolkloreئىدى، بۇ ئىلمىي نام ئەنگىلىيە فولكلور جەمئىيىتىنى قۇرۇغۇچىلاردىن بىرى بولغان ئەنگىلىيە پارلامىتىنىڭ كاتىپى فىلولوكگى ۋىليام تومىس تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ۋىليام تومىس 1846-يىلى ساخۇن تىلىدىكى فولىك ۋە لورىي دېگەن ئىككى سۆزنى بىرلەشتۈرۈپ ياساپ چىققان. بۇ سۆز بىرىكمىسىنىڭ ئەسلى مەنىسى «خەلق بىلىمى» ياكى «خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتى» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.

«Folklore
»دېگەن بۇ ئاتالغۇ دەسلەپ ئېنگىلىز تىلىنى قوللىنىدىغان ھەر قايسى مەملىكەتلەردە ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىلىرىدە ئېتىراپ قىلىندى.

ھەر قايسى دۆلەتلەر «فولكلور»غا بولغان تەتقىقاتلار ئوخشاش بولمىغان ئىدىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسلەن، ئەنگىلىيە فولكلور جەمئىيىتى ۋىليام تومسنىڭ مۇھەرىرلىكىدە جەمئىيەتنىڭ ژورنىلى سۈپىتىدە «فولكلور» ناملىق ژورنال چىقاردى. شۇنداق قىلىپ 10يىل ئەتىراپىدا بۇ نام كەڭ دائىرىدە ئومۇملىشىپ، 1888-يىلى ئامىرىكىدىمۇ «فولكلور» جەمئىيىتى قۇرۇلدى، بۇ جەمئىيەت فولكلور ژورنىلىنى چىقاردى. ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەتلەردىمۇ فولكلور ئىدىيىۋىي كۆز قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1890-يىلى بېرلىندا فولكلور ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن فولكلور مۇستەقىل بىر پەن يولىغا قاراپ ماڭدى.ئىلىمىزدە «فولكلور»دېگەن بۇ ئىلمى ئاتالغۇ 1878-يىلى «ئەنگىلىيە فولكلور ئىلمىي جەمئىيىتى» قۇرۇلۇشتىن تۆت يىل ئىلگىرى دىنىس ئىسىملىك ئەنگىلىيىلىك بىر ئالىمنىڭ «جۇڭگو ئوبزورلىرى» دا فولكلور ھەققىدە ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىنلا مەلۇم بولدى.ئېلىمىزدە فولكلور دېگەن ئاتالغۇ مۇنداق ئىككى ئاساسقا تايانغان. بىرى ئىلىمىزدە قەدىمدىن باشلاپلا يەنى « 
»دېگەن ئاتالغۇ كەڭ قوللىنىپ كەلگەن.يەنە بىرى ياپۇنىيە رەسمىي ھالدا بىزدىن 30يىل بۇرۇن فولكلورنى بىر ئىلمىي ئاتالغۇ سۈپىتىدە قوللانغان. بىزگە بۇ ئاتالغۇ ياپۇنىيە ئارقىلىق سىڭگەن.  فولكلور ئاتالغۇسى ئىتىمولوگىيە جەھەتتىن «كەڭ ئاممىنىڭ بىلىمى»، «خەلق دانىشمەنلىرى» دېگەن مەنىگە تەڭ بولسىمۇ ، لېكىن خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە فولكلورنىڭ مەنىسى ۋە دائىرىسى ھەققىدىكى تالاش بىردەك ئەمەس.

دەۋرنىڭ ئوخشىماسلىقى دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ فولكلورنىڭ ئۇقۇمىدا يېڭى مەنىلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. فولكلور ئۇقۇمى كەڭ ۋە تار مەنىگە ئىگە. كەڭ مەنىدىكى فولكلور ئۇقۇمى ئۇ بىر ئونۋېرسال پەن بولۇپ شەھەر قىشلاقلاردىكى ئاۋام خەلق ھاياتى ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبىكتىدىن ئىبارەت . بۇ پەن يالغۇز مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ ئاۋام تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىپلا قالماستىن يەنە ئارقىدا قالغان مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن تارتىپ ئىپتىدائىي ھالەتتىكى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىغىچە تەتقىق قىلىدۇ.

مەلۇمكى فولكلور پۈتكۈل خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ پەقەت يالغۇز كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىپلا قالماستىن كىشىلەرنىڭ ماددى تۇرمۇشىنى، ئارقىدا قالغان مىللەتلەرنىڭ ھەتتا ياۋايى ھالەتتىكى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. مانا بۇ فولكلور ئۇقۇمىنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان قاراش.

فولكلورنىڭ تەتقىقات يولى كەڭ تار مەنىدىكى ئۇقۇم توغرىسىدا فولكلور تەتقىقات ئىشلىرى ئوخشىمىغان دەلىللەرنى بەردى. بۇ مۇنازىرە بىر ئەسىردىن ئارتۇق داۋام قىلىش جەريانىدا بۇ پەن ھەققىدىكى چۈشەنچە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى ۋە سېستىملاشتى.

دەسلەپتە بىزنىڭ فولكلور تەتقىقاتچىلىقىمىز پەقەت تار مەنىدىلا چەكلىنىپ قالغان ئىدى. كىيىن خەلقئارادا فولكلور ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى شەرق ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ فولكلور ھەققىدىكى يېڭى يېڭى نەزىرىيەلەرنىڭ تۈرتكىسى ، شۇنداقلا ئىلىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس فولكلورغا ئائىت تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئەمەلىي تەجىرىبىسىگە ئەگىشىپ 30-يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئىلىمىزدىمۇ فولكلورنىڭ ئۇقۇمى كەڭ مەنىگە قاراپ يۈزلەندى.

يېرىم ئەسىر مابەينىدە جەمئىيەت جىددىي ئۆزگىرىۋاتقان پەيتتە ئىلىمىزنىڭ فولكلور تەتقىقاتى بوران-چاپقۇنلۇق سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى.

دېمەك، ماركىزىمنىڭ تارقىلىشى ۋە ئومۇملىشىشى، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ ۋە قۇرۇلۇش تەرەققىياتى بىزنىڭ فولكلور ئىلمى ھەققىدىكى تونۇشىمىزنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملنىشىگە ئاساس يارىتىپ بەردى. بولۇپمۇ 30-يىللارغا كەلگەندە ئىلىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ھەققىدىكى تەتقىقاتى بىلەن ئەل ئەدەبىياتى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قلىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتى فولكلور ئىلمى ئۈچۈن بىر يېڭى گۈللىنىش يولىنى ئېچىپ بەردى.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا فولكلور تەتقىق قىلىدىغان مەدەنىيەت ھادىسىلىرى تۆۋەندىكى ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە ھازىرمۇ شۇ خەلقنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىدا بىر قەدەر تەسىرى بولغان ھادىسىلەردۇر. فولكلور ئىلمىي تەتقىقاتى كۆپ خىللىق، كۆپ تىپىكلىك، كۆپ قىرلىقا، قارمۇ قارشى مۇقىملىق شەكلىگە ئىگە ھادىسىلەر يەنى فولكلور تەتقىق قىلىدىغان ھادىسىلەر كىشىلەرنىڭ ھەركىتىدە ئاغزاكى نۇتىقىدا، پىسخىك ھالەتلىرىدە ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ھادىسىلەردۇر. ئۇنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى ئۆزلۈكسىز پەيدا بولۇپ تۇرىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

دېمەك، فولكلور ئىنسان مەدەنىيەتشۇناسلىق ئىچىدىكى بىر پەن. قەدىمكى دەۋردىن ھازىرقى دەۋرگىچە فولكلور ئۆز ئىپتىدائىلىقىنى تاپتى. ئىنسان مەدەنىيەتشۇناسلىقى ئەڭ ئاخىرىدا مەدەنىيەتنى بەرپا قىلدى. فولكلور پۈتكۈل  خەلقنىڭ تۇرمۇش ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. فولكلور دېگەندە دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆزىگە خاس فولكلور مەدەنىيىتى بىلەن باشقا مىللەت قوۋمىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتى خەلقىمىز ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، تېرىقچىلىق، قول ھۆنەرۋەنچىلىك، ئۇلتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكى دەۋرىلىرىگىچە قەدەم قويغان ۋاقىتلاردىلا ئۈزلۈكسىز شەكىللەنگەن ۋە ئۆرپ-ئادەت ھادىسىلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ مول مەدەنىيەت جۇغلانمىسىنى ياراتقان. ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتى خەلق تۇرمۇشىدىكى بارلىق تەرەپلەرنى يەنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە قائىدە-يۇسۇنى، ئۆلۈم-يىتىم، نەزىر-چىراق ئادەتلىرى، نىكاھ ئىشلىرى، توي-تۆكۈن، ھېيىت-بايرام پائالىيەتلىرى، مىللىي ئېتىقاد، ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى، يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەكلىرى، يېزا ئىگىلىكى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، قول ھۆنەرۋەنچىلىك سەنئىتى، ھەر خىل سەنئەت پائالىيەتلىرى، ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ كونكىرىت تەتقىقات ئوبىكتى قىلغان كۆپ مەنبەلىك ئىلىمدۇر.

فولكلور قەدىمدىن تارتىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي تۇرمۇشىنىڭ تىل ۋە ھەركەت ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ كەلگەن، ساقلانغان، ۋارىسلىق قىلغان مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بولغانلىق سەۋەبىدىن فولكلور مەدەنىيىتى بارا-بارا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

ئۇيغۇرلار ئىلىمىزدىكى قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى، بۇنىڭدىن 2000يىل ئىلگىرىلا ئولتۇراقلىشىپ ۋە شەھەرلىشىپ، شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇر مىللىتى ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردە دۇنيانىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي مەدەنىيىتىگە مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشتى. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخى، ئىجتىمائى ۋە تەبئىي شارائىتى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۇزاق تارىخى تەرەققىياتلار جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن خەلق مەدەنىيىتىمۇ ئوخشاش بولمىدى. مانا بۇ خەلق مەدەنىيەتشۇناسلىقى ۋە فولكلورشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ تەخىرسىزلىكى.

دېمەك، مىللىي مەدەنىيەت
مىللەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ مۇھىم شەرتى، دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆزىگە خاس فولكلور مەدەنىيتى بىلەن باشقا مىللەت قوۋىمىدىن پەرقلەنگۈسى.

شىنجاڭ مول فولكلور مەدەنىيىتى بايلىقى يوشۇرۇنغان زىمىن، مول فولكلور مەدەنىيتىمىزنى قېزىش، توپلاش، تەتقىق قىلىش ئىنسانىيەتنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت تارىخىنى يېزىپ چىقىشقا ھەسسە قوشىدۇ. ئىلىمىز ۋە چەتئەللەرنىڭ خەلق مەدەنىيەتشۇناسلىق ئىلمىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخى تەرەققىياتلار جەريانىدا بېسىپ ئۆتكەن ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، تېرىقچىلىق، قول ھۆنەرۋەنچىلىك ، ئولتۇراق دېھقانچىلىق دەۋرلىرى ناھايتى ئېنىق ھالدا ماددىي مەنپەئەتنى ئالدىنقى شەرت قىلغان مەدەنىيەت ھادىسىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىز ئىزدىنىۋاتقان ۋە تەتقىق قىلىۋاتقان فولكلور مەدەنىيىتى بولسا دەل شۇ ئىپتىدائىي مەدەنىيەت ھادىسىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مول مەدەنىيەت جۇغلانمىسىنى ھاسىل قىلغان مەدەنىيەت ئاتمىسفىراسىدۇر. ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتىمۇ مول مەدەنىيەت جۇغلانمىسغا ئىگە قەدىمىي مىللەتلەرگە ئوخشاش خەلق تۇرمۇشىدىكى بارلىق تەرەپلەرنى يەنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە قائىدە-يۇسۇنى، ئۆلۈم-يىتىم، نەزىر- چىراق ئادەتلىرى، نىكاھ ئىشلىرى، توي-تۆكۈن، ھېيىت-بايرام پائالىيەتلىرى، مىللىي ئېتىقاد، ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى، يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكلىرى يېزا ئىگىلىگى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، قول ھۆنەرۋەنچىلىك سەنئىتى، ھەر خىل خەلق سەنئەت پائالىيەتلىرى ۋە ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ كونكىرىت تەتقىقات ئوبىكىتى قىلغان كۆپ مەنبەلىك ئىلىمدۇر. مەسلەن، دەل مۇشۇ مۇرەككەپ ۋە شەرەپلىك خىزمەتكە يەنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ فولكلور مەدەنىيىتىگە دائىر ماتىرىياللارنى توپلاش، يىغىش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ئەڭ دەسلەپ قولىغا ئالغان كىشى ئۇلۇغ فولكلور پېشىۋاسى مەھمۇد قەشقىرى دۇنيا تارىخىغا نىسبەتەنمۇ تۇنجى ئېنسىكىلوپدىك ھېسابلىنىدىغان ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ 15يىللىق ئىجادىي ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى بولغان «دىۋانۇ لوغەتى تۈرك» قامۇسى ئۇيغۇر خەلق فولكلور مەدەنىيىتىنىڭلا ئەمەس بەلكى بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭمۇ فولكلور مەدەنىيەت تارىخىغا نىسبەتەن ئالەمشۇمۇل ئەمگەك. دېمەك، «دىۋانۇ لوغەتى تۈرك»تە يەنى تۈركى خەلقلەرنىڭ تېرىتوريىسى، ياشاش شارائىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ھېيىت-بايراملىرى، ئۆلۈم-يىتىم، توي-تۆكۈن مۇراسىملىرىغا ئائىت ناھايتى مول تەپسىلاتلار خاتىرلەنگەن. تىبابەتچىلىك، دېھقانچىلىق، قول ھۆنەرۋەنچىلىك، تارىخ، ئاستورنىمىيەگە ئائىت نۇرغۇن مىسرالار، قىممەتلىك ماتىرىياللار قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار جانلىق ھەم ئېنىق ھالدا ئەمگەكچى خەلىقنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىدىن يىغىلغانلىقى ئۈچۈن بىز بۇ ئۇلۇغ ئەمگەكنى ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيەت تارىخىدىكى «بىرىنچى قول ماتىرىيال» دەپ ئېيتساق بولىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىللەتنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت ئىزلىرىنى روشەن ھالدا ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان فولكلور مەدەنىيىتى بۇنىڭدىن مىڭ يىللار بۇرۇن ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرى تەرىپدىن رەسمى قولغا ئېلىنغان. ئەمدى ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتىگە دائىر بۇ ئۇلۇغ خىزمەتنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىغا كەلسەك خەلقىمىزنىڭ قەدىمكى فولكلور مەدەنىيىتىگە دائىر ۋەسىقىلىرى، ئىستىبدات چىڭ خاندانلىقى ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خاراب بولۇشقا ئازلا قالغاندا ئازادلىق ئېڭى بىلەن قايتا جانلىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. لېكىن ئالدى بىلەن قەيىت قىلىش كېرەككى ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتىگە دائىر ماتىرىياللارنى توپلاش، يىغىش، تەتقىق قىلىش خىزمىتى ئاساسەن XIX-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرمىدا تۇنجى بولۇپ روس ۋە ياۋرۇپا شەرقسۇناشلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى ۋە ئىلىم-پەن دۇنياسىغا تونۇلۇشقا باشلىدى. ئۇلار تۇرپان-قومۇلدىن تاكى چەرچەن-چاقىلىققىچە ، چۆچەك-ئىلىدىن تاكى گۇچۇڭ-جېمسارغىچە ھەممە رايونلارنى ئارىلاپ چىقتى. ھەتتا جۇڭغار ئويمانلىقىدىن تارىم ۋادىسىنىڭ تەكلىماكان چۆللىرىگىچە بىر يەرنىمۇ ئالا قويماي كەزدى. مىڭلىغان كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى، يۈزلىگەن خەلق قوشاقچىلىرى ۋايىز (مەدداھ) ، باخشى، داخان ۋە ئەلنەغمىچىلەرنى زىيارەت قىلدى. ئۇلار كۆرۈشكەن كىشىلەر ئىچىدە ئەڭ كىچىكى ئون نەچچە ياشلىق بالىلار، ئەڭ چوڭى يۈز ياشتىن ئاشقان مويىسپىتلەر بار ئىدى. ئەر-ئايال، دېھقانلار، ئاخۇن ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر زىيالىلارنىڭ ھەر قاندىقى ئۇلارنىڭ فولكلور ئۈستىدىكى سۆھبىتىنىڭ ئوبىكتى بولغان ئىدى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناسلار توپلىغان فولكلور بايلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ياكى شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمكى خەلقلەرنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى ئەسىرلەرگە ئائىىت يادىكارلىقلىرىدىن تارتىپ ئىسلامىيەتتىن كىيىنكى دەۋرلەرگە ئائىت يادىكارلىقلارنى شۇنداقلا يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامانغا تەئەللۇق ئەسەرلىرى ھەتتا ئازادلىقتىن كىيىنكى يارىتىلغان ئەسەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ تارىخى، ئېتنوگىرافىيىسى ۋە تىلىنى تەتقىق قىلىشتا دۇنيا شەرقسۇناشلىق ئىلىمىنىڭ قىممەتلىك ھۆججەتلىرى سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا. ياۋرۇپادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاكادىمىلىرى ۋە موزىيلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيتى ھەمدە يازما ئەدەبىياتىغا ئائىت قىممەتلىك ماتىرىياللار ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى سىزىپ بېرەلمىسىمۇ لېكىن ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر مەدەنىي ھاياتىنى چۈشىنىشتە يەنىلا قىممەتلىك ماتىرىيال ھېسابلىنىدۇ . بۇ دەۋرلەر (  XIX
-ئەسىردىن ئىلگىرى) دە شىنجاڭدا مەتبۇئات ۋە نەشىرىيات ئورۇنلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم زۆرۈر ماتىرىياللار قىسمەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان بولسىمۇ ئىجادكار خەلق ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئېغىز ئارقىلىق ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا مىراس قالدۇرۇپ ساقلاپ كەلدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىي بايلىقىغا ئائىت ماتىرىياللارنى توپلاپ يىغىش، تەتقىق قىلىش، نەشىر قىلىش ئىشلىرىدا روس ئالىملىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمگەكلىرىنى ئالاھىدە ئاتاپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ . چۈنكى ئالىملارنىڭ ئەمگەكلىرى ئۇيغۇر خەلقىنى تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىياتىنى، ئېتنوگرافىيىسىنى پۈتكۈل دۇنياغا ھەر تەرەپلىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. دېمەك ، تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقانلار ھەر قايسى مىللەتلەردە خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. مەسلەن، مالوفنىڭ ئەمگەكلىرى ئۇيغۇر خەلق مەدەنىيىتىنى تەكشۈرۈشتە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ 1912-1914-يىللىرى شىنجاڭغا قىلغان ساياھىتىدە لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ، سېرىق ئۇيغۇرلار ۋە سالالارنىڭ تىلىنى تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىغا، فولكلورىغا، ئېتنوگىرافىيىسىگە، مۇزىكىسىغا ئائىت ماتىرىياللارنى يىغىپ توپلىدى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەمگىكىگە 1951-يىلى نەشىر قىلىنغان «قەدىمكى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرى» دېگەن چوڭ ئەمگىكى ۋەكىل بولالايدۇ. يەنە بىرى ئۇيغۇر فولكلورىنى يىغقان ۋە تەتقىق قىلغان ئالىملار قاتارىدا ئۇيغۇرشۇناس تاتار ئالىمى، شائىر رازىف بەشرى (1888-يىلى قازاندا تۇغۇلغانلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ) ئۇ ئۇيغۇر فولكلورىغا ئىزچىل قىزىققان. 1925-يىلى ئۇنىڭ موسكىۋادا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر فولكلور نەمۇنىلىرى ( ئۇيغۇر ئەل ئەدەبىياتىدىن بېيىت ، ناخشا-قوشاق، ماقال، تېپىشماق ۋە چۆچەكلەر ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى.) ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا : شىنجاڭدا فولكلور دېگەن ئاتالغۇ 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ مۇشۇ قىسقىغىنە 20يىل ئىچىدە ئۇيغۇر فولكلورى ساھەسىدە كۆپلىگەن خىزمەتلەر ئىشلىنىپ بىر مۇنچە نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ تەرەققيات مۇساپىسى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. بىرىنچى، ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل ئۆرنەكلىرىنى توپلاش، رەتلەش ۋە ئېلان قىلىش خىزمەتلىرى قانات يايدى. ئىككىنچىدىن، ئالىي مەكتەپلەردە «فولكلورشۇناسلىق» ۋە «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى» دەرسلىكلىرى ئىزچىل تەسىس قىلىنىپ ئۇيغۇر فولكلورشۇناسلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا يول ئېچىپ بەردى. ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئېقىندا ئۈزۈشكە باشلىغان تەتقىقاتچىلار قوشۇنى شەكىللەندى. تەتقىقاتلار چوڭقۇرلىشىپ نەتىجىدە مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا يۈزلەندى.

قىسقىسى، ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتى بارلىققا كىلىپ بۈگۈنگە قەدەر بولغان تەرەققىيات جەريانىدا خوشاللىنارلىق ئۇتۇق نەتىجىلەرگە قول يەتكۈزدى . تەتقىقاتچىلىرىمىز فولكلور ئىلمى بويىچە ئىزچىل تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ھەتتا يۈننەن، ئىچكى مۇڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغىمۇ بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىقات ئېلىپ باردى. تۈركىيە، ۋىنگىرىيە، روسىيە، قازاقئىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېچىلغان فولكلور ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ مول نەتىجىلىرىمىزنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە خەلقئارا  فولكلور تەتقىقاتىنى يېڭى ئۈچۇرلىرىنى ئىگىللىدى ۋە دۇنيادىكى ئاتاقلىق فولكلورشۇناسلار بىلەن ئىلمىي ھەمكارلىق ئورناتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتىنىڭ بىر پۈتۈن تەسۋىرى كۆرۈنۈشىنى سىزىپ چىقىشقا بولغان ئىشەنچ تۇرغۇزۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا فولكلورسىتىك تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا ئۇنىڭ تەتقىقات دائىرىسى تۆۋەندىكى تۆت چوڭ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچىدىن، ماددىي فولكلور، ئىككىنچىدىن، ئىجتىمائىي فولكلور، ئۈچىنچىدىن، ئېتىقا ئادەتلىرى، تۆتىنچىدىن، سەنئەت فولكلورى. بۇنىڭ ئىچىدىكى سەنئەت فولكلورىنى مىسالغا ئالساق: خەلق ئارىسىدىكى ئەنئەنىۋىي كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىكى ئادەتلىرىنى مۇھىم مەزمۇن قىلىدۇ . شۇنداقلا يەنە مىللىي تىبابەتچىلىك ئادەتلىرى، مىللىي تەنتەربىيە ۋە سېھرىگەرلىك ئادەتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. فولكلورنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، ئۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىىدىكى پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش ئادەتلىرىدىن تارتىپ تۇرمۇش ئادەتلىرىگىچە ، ماددىي بايلىقتىن مەنىۋىي بايلىققىچە ، پىسخىك ھالەتتىن ئاغزاكى نۇتۇق ھەتتا ھەركەتكىچە ئۇزاق دەۋرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بارلىق ئۆرپ-ئادەت ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى قىلىدۇ. مەسلەن، ئۇيغۇر فولكلورى ئىچىدىكى بالىلار فولكلورىنى مىسالغا ئالساق بالىلار فولكلورى بالىلارنىڭ ئويۇنلىرى ، بالىلارنىڭ تۇرمۇشى، بالىلارنىڭ تىلىنى ، بالىلارنىڭ قىزىقىشى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى قىلىدۇ. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئاممۋىي كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىدىن چوڭلار ئويۇنلىرى، كىچىكلەر ئويۇنلىرى دەپ ئايرىمىز. كىچىكلەر ئويۇنىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتسەك، ئۇيغۇرلار بالىلارنىڭ كىچىكىدىنلا ئىسسىق-سوغۇققا ماسلىشالايدىغان تۈرگۈن، شوخ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئۈچۈن بالىلارنى ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن چېنىقتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. بالىلارنى چېنىقتۇرۇشنىڭ ۋاستىسى ئۇلارنى ھەر خىل ئويۇنلارنى ئويناشقا قويۇپ بېرىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر بالىلىرى بىر قەدەر شوخ كىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى «بالا بولسا شوخ بولسۇن، بولمىسا يوق بولسۇن» دېگەن ماقالىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلارنى كىچىكىدىن چېنىقتۇرۇشقا نەقەدەر ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە بالا تەربىيىلەشتىكى مىللىي پىسخىك ئالاھىدىلىكنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، ھەركەتچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ پەم-پاراسەت، چىۋەرلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. بىرىنچىدىن، تاققا-تۇققۇ ئويۇنى . بۇ ئويۇن بالىلاردا باتۇرلۇقنى قەدىرلەش، باتۇرلۇق روھىنى يېتىلدۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، تۆت ياشتىن ئالتە ياشقا قەدەر بولغان بالىلار ئىچىدە ئومۇملاشقان. بۇ ئويۇن ئادەتتە ئاتا-ئانىلار ياكى توققۇز ئون ياشلاردىكى بىرەر بالىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوينىلىدۇ. ئويۇن بالىلارنىڭ دېققىتىنى جەلب قىلىش يۈزىسىدىن پۇتلىرىغا «تاق-تۇق» قىلىپ ئۇرۇش بىلەن باشلانغاچقا «تاققا-تۇققۇ» دەپ ئاتالغان. بالىلار فولكلورى ئىچىدىكى بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ يەنە بىرى «دۈم-دۈم» بۇ «مۆكۈشمەك» ، «مۆكۈ-مۆكىلەڭ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئويۇن بالىلار ئويۇنى بويىچە بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئويۇنلاردىن بولۇپ ئادەتتە كەچقۇرۇن قاراڭغۇ چۈشكەندە ئوينىلىدۇ، ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ. ئۈچىنچىدىن، «چۆچىلىرىم» بۇ سار «قۇش» بىلەن سىموۋۇل قىلىپ ئوينىلىدىغان ئويۇن بولۇپ بالىلاردا قەيسەرلىك ، ئۆملۈك، ھەمكارلىق روھ خىسلىتىنى يېتىلدۈرۈش رولىغا ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئويۇن «چۈچىلىرىم» دەپ ئاتالغان. تۆتىنچىدىن، «ئاق ئۇستىخان» بۇ ئويۇن قوينىڭ قۇرۇپ كەتكەن بوغجۇما سۆڭىكىنى قاراڭغۇدا ئىزدەپ ئوينىلىدىغانلىقى ئۈچۈن «ئاق ئۇستىخان» دەپ ئاتالغان. بەشىنچىسى، «ئاق تېرەك-كۆك تېرەك» بۇ بالىلارنىڭ كۈچ سىنىشىش ئويۇنى بولۇپ «ئاق تېرەك-كۆك تېرەك» دېگەن قوشاق بىلەن باشلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇ ئويۇن ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچىرىمايدۇ. ئالتىنچىدىن، «قارغۇ چاشقان ئويۇنى» بۇ ئويۇن كۆزى تېڭىق بالىنىڭ ئىككىنچى بالىنى پەم بىلەن تۇتۇش بويىچە ئوينىلىدىغانلىقى ئۈچۈن «قارغۇ چاشقان» دەپ ئاتالغان. يەتتىنچىسى، ياغلىق «بەلباغ» تاشلاش . بۇ ئويۇن «قارغۇ چاشقان» ئويۇنىغا ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاپ كېتىدۇ. بىر پەرقى بىر بالا ئولتۇرغان بالىلارنىڭ ئارقىسىدا يۈگۈرگەچ ئېشىلگەن ياغلىق ياكى يېرىم مىتىر ئۇزۇنلىقتىكى ئېشىلگەن بەلباغ شەكلىدىكى كونا يېڭى لاتىنى تاشلاپ قوغلىشىپ ئوينىلىدۇ. شۇڭا بۇ ئويۇن «ياغلىق تاشلاش» دەپ ئاتالغان . سەككىزىنچىدىن، ساقا ئويۇنى . بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ كۆپ ئوينايدىغان ئويۇنلىرىدىن بولۇپ شاپتۇل ياكى گۈلە ئۇرۇقچىسى ۋە ياكى ياڭاقتا ئوينىلىدۇ. ئۇرۇقچىدا ئوينالغاندا قىشتا ياسالغان ساقا ، ياڭاقتا ئوينالغاندا ياڭاق ساقا قىلىنىدۇ. توققۇزىنچىدىن، سالغا ئېتىش. بۇ ئويۇن سالغا بىلەن يىراققا تاش بويىچە مۇسابىقە شەكلىدە ئوينىلىدىغان ئويۇن بولۇپ بالىلارنىڭ مۇسكۇللىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە. ئونىنچىدىن، تۈپەك-تۈپەك «سۇ مىلتىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بالىلار ئەتىيازلىقى سۇ تۈپەك ياكى ساكى مىلتىقى بىلەن سۇ چېچىشىپ ئوينايدۇ. ئونبىرىنچىدىن، غېرىچ. بۇ ئويۇن داچەن كىچىك تۆمۈر ياكى ئەينەك ساقىسىنى تامغا ئۇرۇپ سېيرىلدۈرۈپ ئوينىلىدۇ. ئون ئىككىنچىسى، ئۆي سېلىش. بۇ ئويۇن بالىلار ئىچىدە ناھايتى ئەھمىيەتلىك ئويۇنلاردىن بولۇپ بالىلاردا ئەمگەك قارىشىنى يېتىلدۈرۈش رولىغا ئىگە. ئون ئۈچۈنچىسى، ئاق تاش- كۆك تاش. بۇ كەچ قاراڭغۇدا ئوينىلىدىغان بالىلار ئويۇنىنىڭ مۇقەددىمە سىگىنالى ھېسابلىنىدۇ. قايسى بالا كەچلىك غىزا تامىقىنى يەپ بولۇپ دوستلىرىنى تېپىپ ئوينىماقچى بولسا «ئاق تاش- كۆك تاش» دەريادىكى سۈزۈك تاش، ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ دەپ ۋارقىرايدۇ. بۇ سىگىنالنى ئاڭلىغان بالىلار كەينى-كەينىدىن ئۆيلىرىدىن چىقىپ بىر يەرگە توپلىشىش بىلەن مەسلىھەتلىشىپ خالىغان ئويۇنلىرىنى ئوينايدۇ. ئون تۆتىنچىسى، چىۋىق ئات ئويۇنى. بۇ ئويۇننى تۆت بەش ياشلىق بالىلار ناھايتى قىزىقىپ ئوينايدۇ. چۈنكى بۇ ئويۇن مەخسۇس سورۇن، ۋاقىت، پەسىل چەكلىمىسىگە ئۇچىرىمايدىغان ئاددىي ۋە قىززىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. يوقارقىلاردىن باشقا يەنە «لىڭگىر تاق-تاق» ، «جىجىق»، «سىزىلما»، «يۈگۈرۈشمەك» ، «گۈمبەز ياساش» ، «تەپمەك» ، «لەگلەك» ، «موللاق ئېتىشماق»، «جەڭ قىلىشماق» قاتارلىق ئويۇنلارنىمۇ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. دېمەك بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ مېھماندوستلۇق ئادىتى ۋە ئانىلىرىنىڭ ئۆي تۇتۇش، قىزلار تاماق ئېتىش، مېھمان ئۇزىتىش قائىدىسى بويىچە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى مۇشۇنداق «مېھماندارچىلىق» جەريانىدا قىلىپ مەشىق قىلىدۇ. بۇ ئويۇن گەرچە ئاددىي بولسىمۇ بالىلاردا بولۇپمۇ قىزلاردا كىچىكىدىنلا ئۆي ئىشلىرىغا قىزىقىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش رولىغا ئىگە بولىدۇ. يەنە بالىلار فولكلورىدىن بىرى بولغان بالىلار تىلىنى ئېلىپ ئېيتساق، بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئويۇنلىرى بولغاندەك ئۆزىگە خاس بالىلىق تىلىمۇ بولىدۇ. مەلۇمكى بالا تۇغۇلۇپ ئاددىي تىلى چىققۇچىلىك بولغان مەزگىلدە ئۆزىنىڭ مەقسەت ھېسسىياتىنى يىغلاش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. بۇ دەۋردە ئانا بولغۇچى بالىنىڭ يىغلاش ھالىتىگە قاراپ ھەر خىل پەرەزگە كىلىپ شۇنڭغا مۇناسىپ سۆزلەرنى قىلىپ بەزلەيدۇ، ئەكىلىتىدۇ ۋە ئاتا- ئانىلىق مېھىر ئۇقۇمى قاتارلىق ئۇقۇملارنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنى سۆزلەپ- سۇراپ سۆزلىتىپ مەشىق قىلدۇرىدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ بىر قىسمى بالىلارنىڭ تەلەپپۇزىغا ماسلاشتۇرۇلغان. بىر قىسمى ھەر خىل قىياپەت-ھەركەت ، ئاۋازغا تەقلىد قىلىنغان، بەزىلىرى مەخسۇس ياسالغان قېلىپلاشمىغان سۆزلەردىن بولۇپ پەقەت بالىلارنىڭ ئاددىي تىلى چىقىش مەزگىلىدىلا ئىستىمال قىلىنىدۇ.

دېمەك، بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى، كەلگۈسىنىڭ چىرىقى. بالىلار فولكلورى بولسا مەخسۇس بالىلار مەدەنىيتىنى ئۆزىگە تەتقىقات ئوبىكتى قىلغان. ئەنئەنىۋىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزدىن بىرى بولغان چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئاسىراش ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىدىن بىرى شۇنىڭدەك ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، «ئىززەت قىلساڭ ئىززەت تاپىسەن، چايناپ يىسەڭ لەززەت تاپىسەن» دېگەن ماقال ئەنە شۇ ئەنئەنە ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ئادەت تۆۋەندىكىچە: بىرىنچىدىن، ئاتا-ئانىغا سادىق بولۇش. سادىق بولۇش دېگەندە بالىلار ۋە ياشلارنىڭ ھەر قانداق ئىش بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئاتا-ئانىنى ھەر ۋاقىت ھۆرمەتلەپ سادىق بولۇشنى تەكىتلەيدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئاتا-ئانىنىڭ دۇئاسىنى ئېلىش ئەڭ چوڭ بەخىت، قارغىشىغا ئۇچىراش ئەڭ چوڭ گۇناھ دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئەقىدە «يەر سۇ بىلەن كۆكىرەر، ئادەم ئاتا-ئانا دۇئاسى بىلەن كۆكىرەر»، «ئانىسىدىن قارغىش ئالغان ئىلگىرى باسماس»، «ئاتا قارغىشى ئوق» دېگەن بۇ ماقالىلەردە ناھايتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن. ئۇيغۇرلاردىمۇ كىچىك يىتىم- يىسىرلەرنى بالا قىلىپ بېقىۋېلىش ئادىتى كەڭ ئومۇملاشقان. دېمەك، فولكلور پۈتكۈل خەلقنىڭ تۇرمۇشى ھەم مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. بالىلار فولكلورى بولسا مەخسۇس بالىلارنىڭ تۇرمۇشى، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى، تىلى، مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ھېسسىياتىنى ، روھى دۇنياسىنى، تۇرمۇشىنى، پىسخىكىسىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

دېققەت: تورداشلارنىڭ ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىپ كۆچۈرمەي پايدىلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-04, 01:30
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+2(uyghurizlari) ئەجرىڭىزگە
  • مەن ئەمەس بىز، ھەممىمىز ئۈچۈن.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-04 00:45 |
    uyghurizlari
    دىنىم ئىسلام ،مىللىتىم ئۇيغۇر.
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3877
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 327
    شۆھرەت: 1743 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1760 سوم
    تۆھپە: 1030 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1035 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 249(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت سىزگە بەك ياخشى يىزىپسىز  ...تېخمۇ ياخشى ئەسەرلىرىڭىزگە تەشنا بىز...
    lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-04 19:49 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر