ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن، بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئاپامنى دوختۇرخانىغا تەكشۈرتكىلى ئېلىپ بارسام، بىر كىچىك قىزغا دەل سىزنىڭ قان تىپىڭىز بىلەن ئوخشاش قان جىددى لازىم بولۇپ، ئاتا - ئانىسى ۋە دوختۇرلار ھېچقانداق يەردىن تاپالماي، كۆز ئالدىمىزدىلا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى
ئۇ قىز ئەمدىلا 5 ياشقا كىرىپتىكەن. ئەتراپتىكى ھەممىمىز يىغلىشىپ كەتتۇق .....
قولىڭىزدىن كەلسە ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز .... سىزنىڭ ياردىمىڭىزنى كۈتۈپ تۇرغان كىشىلەر بەلكىم سىزنى تاپالمايۋاتىدۇ ....