دوپپا كىيىپ ياشايلى!
ئابلاجان راخمان تىكەن
بايرام بۈگۈن بولغاچقا دوپپا كەيدىم ئۆزگىچە،
دوپپا كىيىپ يول ئالدىم تاغ داۋاندىن تۈزگىچە،
ئەمدى سالماي كىيۇرمەن باھار ،ياز ھەم كۈزگىچە،
دىدىم شۇنداق ئاۋامغا قايتىپ كەلگەچ ئۆيگىچە،
دوپپا كىيىپ ئۈتەرمەن ھاياتلىقتىن ئۆلگىچە.
ئەجداتلىرىم ئۇلۇغلاپ تەۋەرۈك قىپ ساقلىغان،
دوپپا كىيىپ ئۇيغۇر دەپ غورۇرىنى ئاقلىغان،
نەغمە تۇقۇپ داستاندا دوپپىلارنى ياقلىغان،
دوپپا بىلەن ئىماننى ،ئېتىقاتنى پاكلىغان،
دوپپا دىگەن‹‹يول خېتى››قۇرۇلتايدىن يانغۇچە.
مەن ئېيتىمەن ناخشىنى، دوپپا ئۇيغۇر ناخشىسى،
دوپپىلاردەك باش كىيىم تېپىلمايدۇ ياخشىسى،
چۈنكى دوپپا نۇر چاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ تاجىسى،
دوپپا بىلەن قېنىم بىر، مەن بىر ئۇيغۇر تامچىسى،
داستان قىلىپ كۆيلەيمەن بېشىم كۆككە يەتكۈچە.
دوپپا دىگەن‹‹كىملىك››تۇر، ئۇيغۇرۇمنى تۇنۇتقان،
پاك ئۇدۇمنى ئەۋلادقا ھېكمەت قىلىپ يۇرۇتقان،
بىراق بەزى گۆدەكلەر بۇ ھېكمەتنى ئۇنۇتقان،
چىقارمىغىن ئىسىڭدىن بىز دوپپىدىن ئۇيۇشقان،
دوپپا ئۇيغۇر ئۇدۇمى، ئەلمىساقتىن كەلگۈچە.
دوپپا بىزنىڭ بەلگىمىز 55 خىل مىللەتتىن،
تاشلىمايلى دوپپىنى ساقلىنىپ بىز ئىللەتتىن،
ئۆگىنەيلى ئۆز-ئارا ئىلھاملىنىپ خىسلەتتىن،
نۇرلاندۇرغىن ئۆزەڭنى دوپپا‹‹كىملىك››ھېكمەتتىن،
‹‹دارغا ئېسىلىپ ئۈلىۋال››دوپپىدىن ۋاز كەچكۈچە.
دوپپا كىيگەن قوشناڭغا كۆزلىرىڭنى ياشلىما،
ناماز بوپتۇ ئۆيدە دەپ، دوستلىرىنى باشلىما،
‹‹سەۋىر قىلىڭ››دەپ قولنى، مۈرىسىگە تاشلىما،
‹‹بەلباغ››يوق دەپ بىلىدە، گەدىنىڭنى قاشلىما،
نامازسىزمۇ كىيگەن بىز، كىرگۈچە ياش يۈزگىچە.
دوپپا كىيسە ئۆز-ئارا مىھرى تۇنۇش ئۆز بۇلۇر،
ھەۋەس قىلىپ بىزلەرگە ھەممە جايدا كۆز بۇلۇر،
ئەنە ئۇيغۇر كەلدى دەپ جاراڭلىغان سۆز كىلۇر،
تۇنۇشمىغان كۆڭۈللەر دوپپا بىلەن ئۆز بۇلۇر،
دوپپا كۆرسە دوپپىنى تەكلىپ قىلار تۆرگىچە.
دوپپا دىگەن غۇرۇردۇر-ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈكى،
تاشلىۋەتسە كىم ئۇنى ئەلدىن يانار سورىقى،
شۇڭا دائىم بۇلۇدۇ دوپپىلارنىڭ كۆرىكى،
دوپپىلاردىن ياتلاشقان بولماس مىللەت ئۆرنىكى،
دوپپا كىيىپ ياشايلى بۇ دۇنيادى كەتكىچە.
ئاپتۇر:توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار ئوتتۇرا مەكتەپ
ئابلاجان راخمان
2012-يىل 3-ماي