saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 663 قېتىم كۆرۈلدى
ablarahman
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6387
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 105 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 107 سوم
تۆھپە: 54 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 54 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 يىراق تۇر   (تىكەن )

يىراق تۇر

ئابلاجان راخمان تىكەن

ھەر قەدەمدە ئۆچمەنلىك ئاداۋەتتىن يىراق تۇر.
ئوڭدا يېتىپ ئىرىشكەن ھالاۋەتتىن يىراق تۇر.

كىچىك ئىشنى ياراتماي تال چىۋىقتەك بىلەكتە،
تاغ يۆتكەيمەن دىگەندەك شىجائەتتىن يىراق تۇر.

ئۆز بەختىنى نىشانلاپ ئۆزگىلەرنى يىغلىتىپ،
قىلتاق قۇرۇپ ئىرىشكەن سائادەتتىن يىراق تۇر.

مەيدە قېقىپ لاغايلاپ ھاراقكەش ھەم بەڭگىلەر،
ئەزرائىلنىڭ ئەلچىسى مالامەتتىن يىراق تۇر.

چىۋىن چۈشكەن ئېشىنى قوشنىلارغا كۆڭلۈم دەپ،
شۇم نىيەتكە لىق تولغان شاپائەتتىن يىراق تۇر.

ئاتلاپ ئۆتسە پەس قىردىن  داۋان ئاشتىم دەپ يۈرۈپ،
گىردە يىسە،گۆش يىگەن ئالامەتتىن يىراق  تۇر.

ئەل غېمىنى يىمەستىن كەلكۈن كەلسە يۇرتىغا،
جاننى ئېلىپ قاچقۇدەك كارامەتتىن يىراق تۇر.

سەللە يۆگەپ بېشىغا،  يانچۇقىدا   بوتولكا،
شەھۋەتلىرى ئۈگدىگەن،ئىبادەتتىن يىراق يۇر.

<<تۇمۇزدىمۇ قول كۈيەر>>ئۆزگىلەرنىڭ ئىشىغا،
مېھنەت قىلماي نان يىگەن دىيانەتتىن يىراق تۇر.

ئاۋام بەرگەن ھۇقۇقنى ئاۋام ئۈچۈن ئىشلەتكىن،
ئۆز نەپسىڭنى تار قىلىپ خىيانەتتىن يىراق تۇر.

سەگەك تۇتۇپ ئۆزەڭنى قانۇنلارغا ئەمەل قىل،
قۇلى بولماي شەيتاننىڭ جىنايەتتىن يىراق تۇر.

مەنبە:توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار ئوتتۇرا مەكتەپ
ئابلاجان راخمان
13899226268
2012-يىل 27-ئاپرېل
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-04, 09:26
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-04 03:03 |
otmakani
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6488
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەسىم:
بۇ بەك ياخشى يېزىلغان شېئېر ئىكەن ........
lutun
ئوت ماكانى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 13:56 |
turan
سۇكۇتتە تۇرۇشۇم ئاجىزلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 578
شۆھرەت: 3307 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3328 سوم
تۆھپە: 1927 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1934 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 533(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ،تىلىمۇ ئاددى ھەم مەنىلىك.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-08 21:20 |
ablarahman
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6387
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 105 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 107 سوم
تۆھپە: 54 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 54 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دوپپا كىيىپ ياشايلى!
 
ئابلاجان راخمان تىكەن
 
بايرام بۈگۈن بولغاچقا دوپپا كەيدىم ئۆزگىچە،
    دوپپا كىيىپ يول ئالدىم تاغ داۋاندىن تۈزگىچە،
      ئەمدى سالماي كىيۇرمەن باھار ،ياز ھەم كۈزگىچە،
 دىدىم شۇنداق ئاۋامغا قايتىپ كەلگەچ ئۆيگىچە،
      دوپپا كىيىپ     ئۈتەرمەن  ھاياتلىقتىن ئۆلگىچە.
 
ئەجداتلىرىم ئۇلۇغلاپ تەۋەرۈك قىپ ساقلىغان،
دوپپا كىيىپ ئۇيغۇر دەپ غورۇرىنى ئاقلىغان،
نەغمە تۇقۇپ داستاندا دوپپىلارنى ياقلىغان،
دوپپا بىلەن  ئىماننى ،ئېتىقاتنى پاكلىغان،
دوپپا دىگەن‹‹يول خېتى››قۇرۇلتايدىن يانغۇچە.
 
مەن ئېيتىمەن ناخشىنى، دوپپا ئۇيغۇر ناخشىسى،
دوپپىلاردەك باش كىيىم تېپىلمايدۇ ياخشىسى،
چۈنكى دوپپا نۇر چاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ تاجىسى،
دوپپا بىلەن قېنىم بىر، مەن بىر ئۇيغۇر تامچىسى،
داستان قىلىپ كۆيلەيمەن بېشىم كۆككە يەتكۈچە.
 
دوپپا دىگەن‹‹كىملىك››تۇر، ئۇيغۇرۇمنى تۇنۇتقان،
پاك ئۇدۇمنى ئەۋلادقا ھېكمەت قىلىپ يۇرۇتقان،
بىراق بەزى گۆدەكلەر بۇ ھېكمەتنى ئۇنۇتقان،
چىقارمىغىن ئىسىڭدىن بىز دوپپىدىن ئۇيۇشقان،
دوپپا ئۇيغۇر ئۇدۇمى، ئەلمىساقتىن كەلگۈچە.
 
دوپپا بىزنىڭ بەلگىمىز 55 خىل مىللەتتىن،
تاشلىمايلى دوپپىنى ساقلىنىپ بىز ئىللەتتىن،
ئۆگىنەيلى ئۆز-ئارا ئىلھاملىنىپ خىسلەتتىن،
نۇرلاندۇرغىن ئۆزەڭنى دوپپا‹‹كىملىك››ھېكمەتتىن،
‹‹دارغا ئېسىلىپ ئۈلىۋال››دوپپىدىن ۋاز كەچكۈچە.
 
دوپپا كىيگەن قوشناڭغا كۆزلىرىڭنى ياشلىما،
ناماز بوپتۇ ئۆيدە دەپ، دوستلىرىنى باشلىما،
‹‹سەۋىر قىلىڭ››دەپ قولنى، مۈرىسىگە تاشلىما،
‹‹بەلباغ››يوق دەپ بىلىدە، گەدىنىڭنى قاشلىما،
نامازسىزمۇ كىيگەن بىز، كىرگۈچە ياش يۈزگىچە.
 
دوپپا كىيسە ئۆز-ئارا مىھرى تۇنۇش ئۆز بۇلۇر،
ھەۋەس قىلىپ بىزلەرگە ھەممە جايدا كۆز بۇلۇر،
ئەنە ئۇيغۇر كەلدى دەپ جاراڭلىغان سۆز كىلۇر،
تۇنۇشمىغان كۆڭۈللەر دوپپا بىلەن ئۆز بۇلۇر،
دوپپا كۆرسە دوپپىنى تەكلىپ قىلار تۆرگىچە.
 
دوپپا دىگەن غۇرۇردۇر-ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈكى،
تاشلىۋەتسە كىم ئۇنى ئەلدىن يانار سورىقى،
شۇڭا دائىم بۇلۇدۇ دوپپىلارنىڭ كۆرىكى،
دوپپىلاردىن ياتلاشقان بولماس مىللەت ئۆرنىكى،
دوپپا كىيىپ ياشايلى بۇ دۇنيادى كەتكىچە.
 
ئاپتۇر:توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار ئوتتۇرا مەكتەپتە
 
ئابلاجان راخمان
13899226268
2012-يىل 3-ماي
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-09 10:53 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » شېئىر - نەسىرلەر