تېلېۋىزيە ۋاستىسى ئارىمىزغا كەلگەندىن بۇيان كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، خەلقنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىشتا زور رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى، ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى، بولۇپمۇ بىلىم ئىگىلىكىنىڭ بازار ئىگىلىكىگە يۈزلىنىشى بۇ ساھەنى ئەسلى ھالىتىدىن، ئەسلى رولىدىن بارا-بارا يېراقلاشتۇرۇپ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ سەپسەتە تارقاتقۇچى ۋاستىگە ئايلاندۇردى. بۇ سەپسەتە يالغانچىلىقى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىدىلا ئەمەس بەلكى دۆلىتىمىز ئىچىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال. كونىلار بىكار ئېيتمىغان<<دىلبۇزۇر>> دەپ . ھازىر مەيلى كىم بولسۇن تېلېۋىزۇر كۆرۈپ ئالغان مەنپەئەتى ئەڭ ئاخىرقى ھېساپتا دىلنى بۇزۇشتا ئىپادىلەندى. بولۇپمۇ بىزدەك ئىسلام مەدەنىيىتى تەسىرى ئاستىدىكى تۆۋەن ساپالىق خەلقىمىزنىڭ روھىيەت قۇرۇلمىسىغا خەنجەر بولۇپ ئۇرۇلدى. چوڭلىرىمىز تونۇر بېشىدا نەۋرىلىرىگە ئېيتىپ بېرىدىغان چۆچەكلەر ئورنىغا تىزگىنەك تالىشىپ <<دىلبۇزۇر>> كۆرۈشكە، ئاتا-ئانىلىرىمىز پەرزەنتلىرىگە ياخشى-يامان تەربىيىسى بېرىش، ئۇلارغا ھەمراھ بولۇشنىڭ ئورنىغا خىتاي، كورىيە، ئامرىكا، ھىندىستان، شىياڭگاڭ فىلىملىرىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن ئۆگەنگەن ئۇرۇش-جىدەل، شۆھرەتپەرەسلىك، مەيخورلۇق، ئەخلاقسىزلىق، مەدەنىيەتسىز يېڭى سورۇندارچىلىقلىرىغا تىگىشتى. پەرزەنتىلىرىمىز ئەسلىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئاشۇ كىنولاردىكى يات ئېتىقاد، يات مەدەنىيەتتىكى كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىشىپ، ئەتىسى قاراڭغۇ يوللارغا كىرىپ كېتىشتى.
مەيلى ئۆي مەيلى ئاممىۋىي سورۇنلاردا بولسۇن ھېلىقى بېزەڭ دورا ئېلانلىرى ئاتا-بالا، ئاكا- سىڭىل، ئىش قىلىپ ئىلگىرىكى پەدىشاپ تاملىرىنى پارە-پارە پاچاقلىۋەتتى. كۆپ قىسىم ئەقلى كور ئىنسانلىرىمىزنى يولدىن چىقىرىپ ئەخلاقسىزلىق، نومۇسسىزلىق پاتقىقىغا بوينىغىچە پاتۇرۋەتتى. ئەگەر تېلېۋىزىيە توغرىسىدا قاقشاشقا توغرا كەلسە، بىر تېما توشقىدەك گېپىم چىققۇدەك. ئەڭ ئەقلىمدىن ئۆتمەيدىغىنى شۇكى پروگراممىلار خىزمەت تەقسىماتىدا خەلق ئۈچۈن ، خەلقنىڭ ياخشى تەربىيىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاپا تارتىپ تەر تۆككەنلەرنىڭ ئىش ھەققى بىلەن ھېلىقىدەك سېسىق ئېلان خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش ھەققى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق. خەلقنى ئويلاپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلار ئايلىق تۇرمۇشىنى ئاران ئۆتكۈزگۈدەك ئىش ھەققى ئالىدۇ، بىراق سېسىق دورا ئېلان خىزمەتچىلىرى ئالدىنقىلارنىڭ يىللىق ئىش ھەققىدىنمۇ كۆپ ئىش ھەققى ئالىدۇ. ئۆزۈمغۇ تېلېۋىزىيە خىزمەتچىسى ئەمەس، لېكىن تېلېۋىزىيە خىزمىتى قىلىۋاتقانلارنى ۋە تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى ئانچە مۇنچە ئۇققىنىمدىن دەۋاتىمەن.
تېمىدىن كۆپ چەتنەپ كەتتىم. مېنىڭمۇ تېلېۋىزىيە ئېلانلىرى توغرىسىدا ئۆزۈمگە خاس پىكىرىم بار. بىز ئېتىقاد، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، تىل-يېزىق جەھەتتە باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە ئۆزىمىزگە خاس مەدەنىيەت، ئېتىقاد ۋە ئەخلاق قاراشلىرىمىزغا قارشى ئېلانلار بېرىلمىسە، بولۇپمۇ ھېلىقىدەك خىتايچە سېسىق ئېلانلارنى ئەينەن تەرجىمە قىلىپ تارقاتمىسا...
ھازىرقى دەۋىردە تېلېۋزىيە مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا تەربىيىلەش رولىنى ئۆتەۋاتىدۇ. ئۇنداقكەن تېلېۋىزىيە خىزمىتىنى قىلىۋاتقان ھەر بىر خادىم ئۆزى ئۈستىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق تونۇشى كېرەك. ئون مىليون خەلقنىڭ روھىيىتىنى بۇلغاش بەدىلىگە ئېرىشكەن شۇ ئېلان ، تېلېۋىزىيە ھەققىنى ئېلىپ خەجلەشكە قايسى تېلېۋىزىيە خادىمىنىڭ غۇرۇرى كۆتۈرىۋاتىدۇ؟! شۇ ئېرىشكەن ھەق بىلەن بۇلغانغان پەرزەنتىنىڭ روھىيىتىنى ساپلاشتۇرغىلى بولامدۇ؟ ئون مىليون خەلقنىڭ روھىيىتىنى ساپلاشتۇرۇشقىچۇ؟
بۇ تېما ئۈستىدە باشقا كۈنى تېما قىلىپ ئايرىم يازما يازماقچى ئىدىم. گەپنىڭ بېشى چىقتى، ئاخىرىنى تورداشلار مېنىڭچە ئويلىغانلىرى ئارقىلىق تولۇقلاپ قويسا ئەجەپ ئەمەس... پىكىرىم چېچىلىپ كەتتى... تورداشلار توغرا چۈشىنىپ تولۇقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
http://www.uqur.net