رەخمەت ئېيتماق شۇنچە تەسمۇ؟
ھازىر جەمىيىتىمىزدە بىر-بىرىگە مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش،ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلۈش،كۆيۈنۈش ھە دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ. ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرىدىمۇ بۇنىڭ ساۋاپلىق، ياخشى ئىش ئىكەنلىگى ھەققىدە تەلىم بېرىلىدۇ. شۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈنمۇ بىزدە بىر-بىرىمىزگە مېھرىبانلىق قىلىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ناھايىتى ياخشى ئەخلاقپەزىلەت، ساۋاپلىق ئىش دەپ قارىلىدۇ.
ئۇنداقتا بىر كىشى يەنە بىراۋغا ياخشىلىق قىلىدىكەن، چوقۇم شۇ كىشى مىننەتدارلىققا يارىشا ئەڭ ئاددى رەخمەتكە ئېرىشىش ھوقۇقى بارمۇ يوقمۇ؟
مەن كوچا ئاپتوبۇسلىرىدا نۇرغۇن ياشلارنىڭ چوڭلارغا، بالىسى بارلارغا،ئاجىزلارغا،ھامىلدار ئاياللارغا،ئاغرىقلارغا دەرھال ئورۇن بوشىتىپ بېرىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر خىل ئىللىق ھىسقا چۆمدى. ئەمما نۇرغۇن ھاللاردا بۇنىڭ كەينىگە ئۇلىشىپ كەلگەن بىر قىسىم ئىشلار ئىللىغان كۆڭلۈمنى يەنە غەش قىلدى.
1. ئورۇن بوشىتىپ بەرگەنلەرگە رەھمەت ئېيتماسلىق، خۇددى بۇ ئورۇن بوشىتىپ بەرگۈچىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدەك، ئورۇنغا ئېرىشكۈچى كىشى رەھمەتمۇ ئېيتماستىن كېلىپلا ئولتۇرىدىغان ئەھۋالنى مەن ناھايىتى كۆپ ئۇچراتتىم.
2. ئورۇنغا ئېرىشكۈچى ئاپتوبۇستىن چۈشىدىغان چاغدا،ئۆزىگە ئورۇن بوشىتىپ بەرگۈچى يېنىدىلا تۇرغان ئەھۋالدا، قوپۇپلا چۈشۈپ كېتىدىغان، ئاۋۇ ماڭا ئورنىنى بەرگەن، مەن مۈمكىن بولسا،بۇ ئورۇننى يەنە شۇ كىشىگە بېرەي دەيدىغان چۈشەنچە يوق.
رەھمەت ئېيتىش ئادەملەر ئارىسىدىكى يېقىنچىلىقنى،مېھرىبانلىقنى كۈچەيتىدۇ، بۇ ئەڭ ئاددى ئادىمىلىك، بىزنىڭ بوينىمىز شۇ قەدەر قاتتىقكى، رەھمەت ئېيتىش، كەچۈرۈم سوراش دىگەنلەر بىزگە ياتلىشىپ كەتكەن. بۇ ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىش بىزنىڭ قىممەتلىك نەرسىمىزنى ئېلىپ كەتكەندەك، رەھمىتىمىز ناھايىتى تەستە چىقىدىغان، كەچۈرۈم سورىساق ئاتالمىش" غورۇرىمىز" دەخلى تەرۈزگە ئۇچرىغاندەك تۇيغۇدا بولىدىغان بىر خىل روھى ھالەت بار.
ئېنگىلىز تىلىدا 5 سېھىرلىك سۆز بار دەيمىز، ئۇلار " thank you رەھمەت"،" sorry كەچۈرۈڭ"،"please مەرھەمەت"،"you're welcome ھىچقىسى يوق"،"excuse me ( ئۇيغۇرچىدا نىمە دەپ ئېلىشنى بىلەلمىدىم...كەچۈرۈڭلار) دىگەن سۆزلەر ئېنگىلىزلارنىڭ ئاغزىدىن تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا كىشى بىر خىل يېقىنچىلىق ۋە ئىللىقلىق ھىس قىلىدۇ.
مەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇشۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى، ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ، يېقىنچىلىقنى، مېھرىبانلىقنى كۈچەيتىدىغان سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.