saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1253 قېتىم كۆرۈلدى
vmvtwar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7387
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 17 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 17 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مەمەت ئاۋاققا ئىنكاس




مەن ئىلگىرى مەمەت ئاۋاق رومەنىنى ئوقۇپ باقمىغان ئىدىم. نەشىردىن چىققاندىن كېيىن ئوقۇپ چىقتىم. بىراق ئابدۇرىيم ئابلەتخان يازغان مەمەت ئاۋاق ھەققىدە پاراڭدىكى بەزى مەزمۇنلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلەلمىدىم. مەسىلەن تۆۋەندىكى "خوتۇنسىراپ كەتكەن قاراقچى " دىگەن ۋەقەنى دىمەكچى.  ئاپتور ئۆزى بىلگەنچە مەمەتكە مۇشۇنداق باھالارنى يازسا بولامدۇ ؟ بولۇپمۇ چوڭ ياشلىق موماينىڭ خىيالىنى دىمەكچى
خوتۇنسىراپ كەتكەن قاراقچى.

................
مەمەت تاڭ ئاتارغا يېققىن يېزىسىغا يېتىپ كەپتۇ. يېزىنىڭ سىرتىدىكى ھېلىقى تاشنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپتۇ. قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى يېزىسىغا قاراپتۇ. كۆڭلى بۇزۇلۇپتۇ. بالىلىقى، ياشلا ئۆلۈپ كەتكەن دادىسى، جاپاكەش ئاپىسى يادىغا كەپتۇ. ئىچى چىڭدىلىپ كەتكەن ئىكەن. مەمەت ئاۋاق باشقىلارنىڭ ئالدىدا خالىغانچە يىغلىسا بولمايدىكەن. شۇڭا يىغلاپ باقمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن. بالىلىق دەۋرىدىكى تاشقا يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ تازا يىغلاپتۇ. تۇختىماي يىغلايدىكەن. بىر چاغدا خېلى يېنىكلەپ قاپتۇ. كۆڭلى كۆتۈرلۈپ قاپتۇ. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزى بىلىدىغان خىلۋەت يوللار بىلەن ھۆرى ئانىنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. موماينىڭ چىرىقى يېنىقكەن. مەمەت كۈلۈپتۇ. ھۆرى ئانىسى ھەر كۈنى چىرىقىنى ئۆچۈرمەي ئۆزىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلىپتۇ. ئىشىكنى ئاستا تىرىقلىتىپتۇ. ئەزاننى ساقلاپ ياتقان ھۆرى ئانا ئىشىكنىڭ تىرىقلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. كۆڭلى تۇيۇپتۇ. مەمەت ئاۋاق كەپتۇ. مەمەت ئىشىكنى شۇنداق تىرىقلىتىدىكەن. ئىشىكنى ئېچىپتۇ. " كەلدىڭمۇ جېنىم بالام.....كىر...بالام...ئەھۋالىڭ قانچىلىك...يارىلىرىڭچۇ......" ئانا توختىماي سورايدىكەن. مەمەت جاۋاپ بېرىپ ئۈلگىرەلمەپتۇ. ئولتۇرغۇزۇپتۇ. "....قوسىقىڭچۇ ؟.....ھازىر قازان ئاسماي...ئۇلار كەلگىنىڭنى بىلىۋالىدۇ...سېرىق ماي بىلەن ھەسەل بار......قوسىقىڭنى توقلاپ تۇر.....توڭلىدىڭمۇ......ياراڭ ئاغرىمدۇ....." 
 ئانا داستىخىنىنى ئېچىپتۇ. يىغىپ قويغان سېرىق مايلىرىنى، تىقىپ قويغان ھەسەللىرىنى چىقىرىپتۇ. مەمەتنىڭ ئالدىرىماي نان چايناشلىرىغا قارايدىكەن. چىنىسىغا چاينى جىقلاپ تۇرىدىكەن. مەممەت " سەنمۇ ئىچكىن ئانا.." دىسە، " ياق، سېنىڭ ئىچكىنىڭنى كۆرۈپ ئولتۇراي.." دەيدىكەن. مەمەت چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ ھۆرى ئانىسىغا ئۇ كەتكەندىن كېيىنكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. باتتال ئاغا بىلەن خوشلىشىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. چاينى ئىچىپ بولۇپ بىرلىكتە دۇئا قىپتۇ.
مەمەت ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىن قاراقچى بولماي كەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتماقچى بوپتۇ. سەيران بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتماقچى بوپتۇ. گەپنى قانداق باشلاشنى بىلەلمەپتۇ. يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان ئادەم باداشقاننى قۇرۇپ ئولتۇرۇپ بېقىپتۇ. ئۆزىگە قولاشمايۋاتقاندەك بىلىنىدىكەن. يەنە يۈكۈنۈپتۇ.
ھۆرى ئانا سېزىپتۇ. مەمەتتە بىر ئىش باركەن. دىيەلمەيدىكەن. " مەن سېنىڭ ئاناڭ...ماڭىمۇ دىيەلمەيدىغان نىمە ئىشىڭ بار..." دەپتۇ. مەمەت شۇنى كۈتكەندەك؛
- ئانا مەن تاغدىن چۈشىمەن. قاراقچىلىق قىلمايمەن- دەپتۇ.  
ھۆرى ئانا ئۇنىڭ چىرايىغا ئىپادىسىز قارايدىكەن. ئانىنىڭ كۆزلىرىدىن ھېچنەرسىنى بىلگىلى بولمايدىكەن. مەمەت سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ؛ 
 - بۇ بەرىبىر ئىشكەن. قىلغانلىرىمنىڭ نىمە پايدىسى بولىۋاتىدۇ. ئابدىنى ئۆلتۈردۈم، ھەمزە كەلدى. ھەمزەنى ئۆلتۈردۈم. ھازىرچە سىلەر ئازات بولدۇڭلار. ئەمما ئەتە-ئۆگۈن يەنە باشقا ھەمزە پەيدا بولمايدۇ دىگىلى بولامدۇ!؟ بۇنىڭ ئايىقى چىقمايدىكەن.....بىر پاي ئوقتا ئۆلسەم مەيلىتتى. قىلغان ئىشىمنىڭ پايدىسى بولسىلا مەن رازىتتىم.....
مەمەت جىق گەپلەرنى قىپتۇ. ھۆرى ئانا بېشىنى سېلىپ ئولتۇرۇپ ئاڭلاپتۇ. مەمەت قىزىشىپ سۆزلەيدىكەن..." مەن كەتسەم كەينىمدىن نۇرغۇن مەمەتلەر كېلىدۇ. بىر مەن بىلەن دۇنيانىڭ ئىشى توختاپ قالمايدۇ......" ھۆرى ئانىنىڭ بېشى سېلىنىپ كېتىپتۇ. بىچارە نىمىمۇ دىيەلىسۇن " ياق سەن قاراقچىلىق قىلىشىڭ كېرەك" دەي دىسە جان مەمەتنىڭ. دەرتنى مەمەت تارتىدۇ. " قىلما " دەي دىسە كۆڭلى خالىمايدۇ. راست گەپنى قىلغاندا مەمەتنىڭ مەڭگۈ قاراقچى بولىشىنى خالايدۇ. ھۆرى مەمەتنى قاراقچى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ياخشى كۆرىدىكەن. بىراق نىمىمۇ دىيەلىسۇن. بېشىنى سالغىنىچە ئولتۇرىدىكەن. ھۆرىگە دۇنيانىڭ قىززىقى قالمىغاندەك، سۇ بىلەن ئوت ئوخشاشتەك، ئولتۇرغان بىلەن تۇرغاننىڭ ھىچقانداق پەرقى قالمىغاندەك بىلىنىپتۇ. ھۆرى ئانا ھېچنىمە دىمەپتۇ. گەپ قىلغان بىلەن گەپ قىلمىغان ئوخشاشكەن. شۇڭا گەپ قىلماپتۇ. مەمەت ئانىسىغا قارايدىكەن. ئۇنىڭ گەپ قىلىشىنى كۈتىدىكەن. سەيراننى دىمەكچى بوپتۇ. ھۆرى ئانا چوقۇم خوشال بولىدىكەن. مەمەتنىڭ توي قىلىشىنى، بالىلىق بولىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن؛
- ئانا، ۋاي ۋاي يېزىسىدا سەيران دەپ بىر قىز بار. بۇ قېتىم ئۇنى ئالغىلى كەلدىم. ئەتە ياكى ئۆگۈنلا توي قىلىمىز.ئاندىن يىراقلارغا كېتىمىز....- دەپتۇ.  ھۆرى ئانىسى بېشىنى ئىتتىك كۆتۈرۈپتۇ. مەمەتنى تۇنجى كۆرۈۋاتقاندەك قاراپتۇ. چىرايىدا ئاشكارا ھەيرانلىق بار ئىكەن. مەمەت ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان تىتىلداش بار ئىكەن.  كېيىن بېشىنى تۆۋەن قىپتۇ. ئىككى مۈرىسى بىلەن دەم ئالىدىكەن. ھۆرى ئانا سەل تۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرمەي غۇدۇڭشۇپتۇ؛
- سېنىڭ دەردىڭنى بىلدىم. ئەسلىدە خوتۇنسىراپسەن ئەمەسمۇ....تېخى كۆرۈشكىلى بارامسەن؟! .... خوتۇن ئېلىشتىن ئاسان ئىش يوققۇ.....
مەمەت ھودۇقۇپتۇ. ھۆرى ئانىسىنىڭ خوشياقمىغاندەك قىلغان گەپلىرى يەرنىڭ تېگىدىن چىققاندەك ئاڭلىنىپتۇ.
بىر چاغدا ھۆرى بايىقىدىنمۇ ئىتتىك بېشىنى كۆتۈرۈپتۇ. كۆزلىرى يىرتقۇچنىڭ كۆزىدەك يانىدىكەن. چىڭ يۇمۇلغان لەۋلىرى توختىماي مىدىرايدىكەن. مەمەتكە بىر ھازا قاراپتۇ. تۇيۇقسىز ئاغزى ئېچىلىپتۇ.
خۇدايا توۋۋا...راستىنلا ئېغىزى ئېچىلىپتۇ؛
- ئاڭلا مەمەت ! خوتۇن ئېلىپ، بالا تېپىۋاتقان يۇۋاش گادايلار ئالەمدە مىڭ....ھەممىسى خوتۇن ئالالايدۇ. ئەمما بىرىمۇ مەمەت ئاۋاق بولالمايدۇ ! سەنمۇ خوتۇن ئالماقچىمۇ ؟.....ئال ! يوغان ئىش قىلغىدەكسەن.....سەندەك بېلى بوش، سىيگەك، مەمەت ئاۋاق بولالامسەن. ئۇنداق ئادەم بۇرۇنلا قوڭۇڭنى قىسساڭ بولمامدۇ ! .....
ھەي دۆت ! قاراقچى دىگەننىڭ خوتۇنى، بالىسى، ئۆيى بولمايدۇ....
ھۆرى ئورنىدا ئولتۇرغان بىلەن ھەر بىر سۆزىدە ئۈستىگە كۆتۈرلۈپ كېتىدىكەن. جان-جەھلى بىلەن سۆزلىگەچكە تۈكرۈكلىرى مەمەتنىڭ چىرايىغا چاچرايدىكەن؛
- قاراقچى ئاتالماق تەس. بىلىپ قوي، ئەمما ئۇنىڭدىن يانماق شۇنداق ئاسان. قىلمايمەن دىسەڭلا بولىدۇ. سەن شۇنداق ئاسان قۇتۇلماقچىما....ھەممىنى ئۈمۈتلەندۈرۈپ قويۇپ ئەمدى تاشلاپ كەتمەكچىما.....ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، بىلىپ قوي....سېنىڭ جېنىڭ سېنىڭ ئەمەس...ئەمدى ساڭا تەۋە جان يوق !...سېنىڭ دەستىڭدىن پەرھات ئىماممۇ تۈرمىدە چىرىپ ياتىدۇ....ماقۇل بارە...ئاۋۇ سەيران-پەيران دىگەنلىرىڭ بىلەن كۆرۈش...ماقۇل بار...يۇرتنى چاقىرىپ توي قىل....مېھمانلىرىڭ ئاشقا ئولتۇرماي تۇرۇپلا ئۈستۈڭدىن ساقچىلار چۈشىدۇ. توي قىلارمىش تېخى... قاراقچى بولغىچە تىزەك تەرسەڭ بولمامدۇ.....شۇنچىلىك ئىشنى بىلمەمسەن...ھۆكۈمەت "مەمەت قاراقچى بولمىغۇدەك..." دەپ سېنىڭ بىلەن كارى بولماسمۇ....."بوپتۇلا جېنىنى باقسۇن" دەپ كارى بولماسما....دەپ باقە...ئەمدى سەن ئارام تاپىمەن دىسەڭمۇ مەڭگۈ ئارام تاپالمايسەن....ئارام تاپقىنىڭنى مەن كۆرۈپ باقاي.........ھۇ ! ئەقىلسىز كالا....گاداي ئىبراھىمنىڭ بالىسى....موللا مۈشۈك يۇۋاشنىڭ بالىسى... 
 مەمەت ھۆرى ئانىسىدىن بۇنداق ئېغىر گەپ ئاڭلاپ باقماپتىكەن. چىدىماپتۇ. نەچچە رەت ئورنىدىن تۇرۇپ كېتەي دەپتۇ. بىراق، چىدىماي ئىلاجى يوقكەن. چۈنكى ھۆرى ئانىسى ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەن. مەمەت قىزىرىپ كېتىپتۇ. چىپ-چىپ تەرلەپ كېتىپتۇ. ئالقانلىرىمۇ تەرلەپ كېتىپتۇ....ھاسىراپ كېتىپتۇ. ئەمما جىم ئولتۇرۇپتۇ.
ھۆرى ئانا ئاچچىق بىلەن سۆزلەۋېتىپ تۇيۇقسىز توختاپ قاپتۇ. گېپىنى يۈتۈرۈپ قويغاندەك، خىيالىغا بىر ئىش كەلگەندەكلا چىپپىتە توختاپ قاپتۇ. ئېغىزى ئوچۇقكەن. چىشسىز ئاغزى قاراڭغۇكەن. ئىچى كۆرۈنمەيدىكەن.
ھۆرى ئېسىگە كەپتۇ. ئۆزىنىڭ نىمىشقا ئاچچىقلاپ كەتكەنلىكىگە ھەيران قاپتۇ. خىجىل بوپتۇ. تۇيۇقسىز ئېسىگە كېلىپ بېشىنى سېلىۋاپتۇ. يۈزىنىڭ تېرىسى بوشاپ كەتكەچكە قىزىرىپ كەتكەنلىكى بىلىنمەيدىكەن. ئەمما تەرلەپ كېتىپتۇ. "مەمەتمۇ بىر ئەر كىشى تۇرسا. قاراقچىغىمۇ ئايال لازىمدە!؟ ھۆرى نىمىشقا ئۇنى توسايدۇ. ھەممىدىن توسىسىمۇ ئايالدىن قانداقمۇ توسايدۇ. توۋۋا..!....ھۆرىنىڭ نىمانداق ئىچى تار....مەمەتنىڭ بىر ئايالنى سېغىنىشىنى ياقتۇرمىدى دىسە.....ھۆرى ئۇيات ئەمەسمۇ......سەن ئۇنىڭغا نىمە بولماقچى ؟!...."
ئۇياتلىق يېرى ئېچىلىپ قالغاندەك ، مەخپىيەتلىكى پاش بولۇپ قالغاندەك ھودۇقىدىكەن. كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىنى تۈزەيدىكەن. كىچىككىنە قاتلايدىكەن. يەنە تۈزەيدىكەن. ئەمما نىمىشقىدۇ بېشىنى كۆتۈرمەيدىكەن. ئۆينىڭ ئىچى جىمجىتكەن.......
ھۆرى ئۆمۈر بويى يۈرەك ئازابى بىلەن ياشاپتۇ. ئەتراپىدا بولىۋاتقان تەڭسىزلىك ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ئىچى قانغا تولىدىكەن. مىجەزى شۇنداقكەن. ئەتراپىغا قاراپ يۈرەكلىرى سىقىلىدىكەن. بىراق ئۇنى قولى بىلەن توسالمايدىكەن. ناھەقچىلىقنىڭ بېشىغا تاش بىلەن ئۇرالمايدىكەن. ئەمما غەزەپلىك قارايدىكەن. تىللايدىكەن. قاغايدىكەن. ھەر بىر كۈنىنى زەرداپ يۇتۇپ ئۆتكۈزىدىكەن. كۆڭلىگە ياقمىغان ئىشنى كۆرسە مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ئەر-ئايال دىمەستىن سىلكەيدىكەن. مېھرىبانلىقى ئون خوتۇندىن جىقكەن. ئەمما غەزىۋى تۇتقاندا چىشى بۆرىكەن. ئوتى لاۋۇلداپ كۆيىدىغان، سۈيىمۇ دولقۇنلاپ ئاقىدىغان خوتۇنكەن.  ئوتى باركەن، سۈيىمۇ باركەن.
بىراق، بىچارە ھۆرىنىڭ بىر ئۆمۈر كۆڭلى سۇ ئىچمەپتۇ. ھاردۇقى چىققۇدەك بىر ئىش بولماپتۇ. زامانغا ، يارىماس ئىنسانلارغا بولغان قىساسى ئېلىنماپتۇ. كېچىلىرى ئامانلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلغۇدەك بىر ئەزىمەت چىقماپتۇ. 
ئەرگە تەگمىسە بولمايدىكەن. سەت بولىدىكەن.ھۆرى ئەرگە تېگىپتۇ. تېنىنى بېرىپتۇ. بىراق جېنىنى بەرگۈدەك ئەرگە تېگەلمەپتۇ.
ھۆرى ئانا مەمەتنى ئەمەس بەلكى قاراقچى مەمەت ئاۋاقنى ياخشى كۆرىدىكەن. چۈنكى بۇ قاراقچى باشقىلار قورقۇدىغان تەڭسىزلىككە ئوق ئېتىپتۇ. ھەممە ئادەم قاراشتىن ئەيمىنىدىغان زالىمنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ھۆرىنىڭ ئىچ-باغرى بوشاپتۇ. قىساس ئوتى يېنىكلەپتۇ. خىيالىدىكى بۇ قاراقچىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىمگە بەرمىگەن جېنىنى مەمەت ئاۋاققا بېرىدىكەن. شۇنداق قىلسا مۇرادىغا يېتىدىكەن.
ھۆرىنىڭ ئۆزىمۇ ئېنىق بىلمەيدىكەن. مەمەت ئاۋاقنى بالىسىدەك ياخشى كۆرەمدۇ ياكى بىر ئەر كىشىدەك ياخشى كۆرەمدۇ ئېنىق بىلمەيدىكەن. ئەمما چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىكەن.
مانا ئەمدىلىكتە چاتاق چىقىپتۇ.
مەمەت ئايال سېغىنىپتۇ. ھۆرى ئانا مەمەتنىڭ ئايال سېغىنىشىنى ياقتۇرمايدىكەن. ئۇنىڭ يات ئايالغا بولغان ھىسياتىنى قوبۇل قىلغۇسى كەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ تولغۇنۇپ ياتىدىغان كېچىلىرى، نىمىلەرنىدۇ خىيال قىلىپ يالغۇزسىرايدىغان چاغلىرى بولماسلىقى كېرەككەن. بولمىسا ئاددى ئادەم بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ كۆكرەكلىرى ھەققانىيەت ئۈچۈن ئېچىلىشى كېرەككەن. ھەرگىزمۇ ئايال ئۈچۈن ئېچىلماسلىقى كېرەككەن. توختىماي ئادەم ئۆلتۈرىشى كېرەككەن. يۈرىكىدە قىساسلا  بولىشى كېرەككەن. ئىشقى-ھىسيات، ھەۋەسلەر بولماسلىقى كېرەككەن. قاراقچىلىق قىلمىغاندا تەكچىدىكى بۇتتەك چوڭ سۈپەت كۈلۈمسىرەپ تۇرىشى كېرەككەن...
ئەمما، مەمەت ئاۋاق ھۆرىنىڭ ئارزۇسىنى بىلمەپتۇ. خۇداغا خاس يالغۇزلۇققا كۆنەلمەپتۇ. ئايالغا بولغان ھىسياتىنى ئۆلتۈرەلمەپتۇ. خۇددى ھەزرىتى ئادەم ئۆلتۈرەلمىگەندەك، داۋۇت ئۆلتۈرەلمىگەندەك، سۇلايمان ئۆلتۈرەلمىگەندەك. يۈسۈپ ئۆلتۈرەلمىگەندەك مەمەتمۇ ئۆلتۈرەلمەپتۇ.
مېيىپ ئادەم بولىدىكەن. بىرىنىڭ پۇتى يوق. يەنە بىرىنىڭ قولى يوق. بىرلىرىنىڭ قۇلىقى ياكى كۆزى يوق. ئەمما يۈرىگى يوق ئادەم بولمايدىكەن.
مەمەت <<ئانىسى>>نىڭ تۇيۇقسىز جىمىپ، بېشىنى تۆۋەن قىلغانلىقىنى كۆرۈپ سەل يېنىكلىگەندەك بوپتۇ. ئولتۇرۇپ بېقىپتۇ. ھۆرى ئانا بېشىنى كۆتۈرمەيدىكەن. جىم ئولتۇرىدىكەن. رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن ياغلىق ئىچىدىكى كىچىككىنە بېشىنى كۆتۈرمەيدىكەن. مەمەت، ئۇنىڭ ئورۇقلىقىدىن قۇلىقىنىڭ يېنىغىلا كېلىپ قالغان مۈرىسىگە قاراپتۇ. ئىچى سېرىلىپتۇ. بىلەكلىرىگە ماسلاشمىغان يوغان ئالقانلىرى مەمەتنىڭ ئاز جاپاسىنى تارتتىمۇ......
-       ئانا، سەندىن باشقا يۆلەنچۈگۈم يوق. سەندىن باشقا كىمگە ئىشىمەن. مەن بەك ھېرىپ كەتتىم. شۇنداق ھېرىدىمكى بەزىدە ئۆلۈۋېلىپ، ئارام تاپاي دەيمەن.....بىراق........يەنىلا ئۆزەمنى ئالداپ ياشاۋاتىمەن. مەن ئازراق ئارام ئېلىۋالاي....سەيران ماڭا ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمەيدۇ.....بىراق.....
مەمەت گېپىنىڭ كەينىنى يا چىقىرالماي ياكى يۇتالماي بىر پەس تۇرۇپ قاپتۇ. ئاخىرى يەنە بولماي سۆزلەپتۇ؛
-       مەن.....بەك ھېرىدىم. قانچىلىك ھېرىپ كەتكىنىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ھەممىلا ئادەم مېنىڭ قانچىلىك بىچارە، قانچىلىك ھارغىن ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنىمنى بىلمەيدۇ. سەنمۇ بىلمەيسەن، سەيرانمۇ بىلمەيدۇ. باتتال ئاغىمۇ بىلمەيدۇ. ھېچكىم بىلمەيدۇ. سىلەر پەقەت قاراقچى مەمەت ئاۋاقنىلا بىلىسىلەر. ئۇنى تۆمۈرگە ئوخشاش مۇستەھكەم دەيسىلەر.....باشقىنى بىلمەيسىلەر، بىلىشنى خالىمايسىلەر. ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن.....- مەمەتنىڭ ئاۋازلىرى بوغۇلۇپتۇ؛
- سىلەر مېنى قەھرىمان قىلماقچى.....سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئايايسىلەر....قەھرىمان بولۇشتىن قورقىسىلەر، شۇڭا مېنى قەھرىمان بولۇشقا مەجبۇرلىدىڭلار....ماڭا ئۇندىن باشقا يول بەرمىدىڭلار.....تەنە، دوق بىلەن مەجبۇرلىدىڭلار...مېنى ئالدىڭلارغا سېلىۋالدىڭلار.....توغرا ئېيتتىڭ ! مەن خوتۇنسىراپ كەتتىم ! قاراقچىلىقنى ئويلاۋېرىپ باشلىرىم ئېتىلىپ كېتەي دەيدۇ. شۇنداق چاغدا بىر ئايال بىلەن ھال-مۇڭ قىلغۇم كېلىدۇ. قانداق قىلاي ئادەمكەنمەن....تاش ئەمەسكەنمەن ! ئۇنى قۇچاغلىغۇم...سۆيگۈم كېلىدۇ....مۇرادىڭلارغا يېتىسىلەر...بىر كۈنى ئۆلسەم كۆڭلۈڭلەر تىنىدۇ.....يوغان قەبرە قىلىپ گۈللەر تېرىڭلار جۇمۇ...قىرائەت قىپ كېتەرسىلەر تېخى.....- مەمەتنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلىدىكەن. يىغلايدىكەن. بۇرۇنلىرىدىن ئېقىۋاتقان سۇنى كىچىك ۋاقتىدىكىدەك قولىنىڭ كەينى بىلەن سۈرتىدىكەن.
- مەن سىلەرنى مەڭگۈ رازى قىلالمايمەن. ئۆلۈپ بەرسەممۇ سىلەر رازى بولمايسىلەر. ھويلىدىكى ئىتقىمۇ ئازراق يۇندا بېرىسىلەر، ئۇنى ئەركىلىتىسىلەر....مەن شۇ ئىتچىلىكمۇ يوققۇ.....ھۇ! ئىچى تار يارىماسلار.....ئۆزەڭلەرنىڭ ئارزۇسىنى، يارىماس كاللاڭلاردىكى خىيالىڭلارنى ماڭىلا تاڭدىڭلار....پۇت-قولۇڭلار باغلاقمىتتى ! سىلەر نىمىشقا قاراقچى بولمايسىلەر ! مەن ھەرقايسىڭنىڭ قۇلىدەك بوپ قالدىم. كۆڭلۈڭلەرگە ياقمىسام.....ئەڭ پەس تىللار بىلەن ھاقارەتلىدىڭلار.... سىلەر تويمايسىلەر. قىلغانلىرىمغا تويمايسىلەر. ھەتتا جېنىمنى ئالساڭلارمۇ تويمايسىلەر. سىلەردە بەرگۈدەك ھېچنمە يوق. كۆڭلۈڭلارنىڭ تارلىقىدىن، كىچىكلىكىدىن ماڭا بەرگۈدەك ھېچنىمەڭلار يوق !!!....
ھۆرى بېشىنى كۆتۈرمەيدىكەن. ئىككى مۇرىسى توختىماي سىلكىنىدىكەن. تۇرۇپ-تۇرۇپلا بوغۇلۇپ قالغاندەك كانىيىدىكى بىر نەرسىنى يۇتىدىكەن.
بىر چاغدا مەمەت كۆزىنى سۈرتۈپتۇ. ئالقىنى بىلەن كۆزىنى ئويۇۋېتىدىغاندەك قاتتىق سۈرتۈپتۇ. گېلىنى قىرىپتۇ. يۆتۈلۈپتۇ. ئۆزىنى تۇتىۋاپتۇ. ئالدىدىكى ناندىن بىر پارچىنى ئېلىپ خۇددى ئاچ قالغاندەك چايناشقا باشلاپتۇ. ئەمما يۇتالمايدىكەن. قاتتىق-قاتتىق چاينايدىكەن. توختىماي چاينايدىكەن.
ھۆرى ئانىسىنىڭ مۈرىسى توختىماي سىلكىنىدىكەن. بۇقۇلدايدىكەن. ئاخىرى بولماپتۇ. چىدالماپتۇ. بېشىنى كۆتۈرۈپتۇ. ئاۋازىنى قويۇۋېتىپتۇ؛
-       جېنىم بالام !....جېنىم مەمىتىم....مېنى كەچۈر........
كۆزلىرى يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن ئىكەن. يۈزىنىڭ ھەممە يېرى سۇ بولۇپ كەتكەن ھۆرىنىڭ ئېغىزى ئۈمچىيىپ قالغان ئىكەن. يىغلايدىكەن؛
-       بىزنى كەچۈر.....بىز ئاجىزكەنمىز.....بىز يارىماسكەنمىز.....ھەممە دەرتنى سېنىڭغا يۈكلىدۇق. ساڭا ئوخشاش قولىمىز، پۇتىمىز بولسىمۇ يەنىلا ئاجىزكەنمىز...بىز سەندەك بولالمىدۇق. بىر تال مەمەتنى ئىككى قىلالمىدۇق....جېنىم، بالام !؟...بىز نىمىدىگەن يارىماس.......
زامانغا قارشى قورال كۆتۈرۈپ قويۇپ، يالغۇز قالغان قاراقچى بىلەن زۇلۇمغا قارشى ئىمكان تاپالمىغان قېرى موماي خوشنىلارغا تۇيدۇرماي تازا يىغلاپتۇ. ئىچىدىكى زەرداپلار ياشقا ئايلىنىپ ئېقىپ تۈگىگىچە يىغلاپتۇ.....
ئاخىرى ھەر ئىككىسى يېنىكلەپ قاپتۇ. "چاي ئىچ، سەنمۇ ئىچكىن، سارمايدىن ئازراق يىمەمسەن.." دىيىشىپ بىللە قوساق توقلاپتۇ. ئاخىرى چىرايلىق ئولتۇرۇپ مەسلىھەتلىشىپتۇ. مەمەت قىرىق كۆز دەرگاھىغا بارماقچى بوپتۇ. سۇلتان ئانىغا رەخمەت ئېيتقاچ ئۇنىڭدىن ئۆزىگە تىلسىم پۈتۈپ بېرىشنى ئۆتۈنىدىكەن. ھۆرى ئانا، مەمەت قايتىپ كەلگۈچە سەيران بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەممە ئىشنى تەييار قىلىپ تۇرماقچى بوپتۇ. ........


ئابدىريىمنىڭ كاڭساي تورىدىكى پەيغەمبەر تامغىسى دىگەن پارىڭىدىن ئېلىندى.
[ بۇ يازمىنىvmvtwarدە2012-05-05 14:03قايتا تەھرىرلى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-05, 14:01
يۇرتۇمنى ئەسلەيمەن
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-05 13:57 |
vmvtwar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7387
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 17 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 17 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پاراڭنىڭ بېششى دەپ يازغان بۇ مەزمۇنلارنى چۈشەنگىلى بولمىدى. ئوقۇپ بېقىڭىزلار....


مەرھۇم دادام تۈركىيەگە ئامراقتى. نىمە ئۈچۈن ئامراقلىقىنى سورىماپتىمەن. ئەمەلىيەتتە  ئۇ يەرنىڭ دەرۋازىسى قانداق؟ ئادەملىرى  ئىگىزمۇ-سېمىزمۇ ؟ پەتەڭگە كىيەمدۇ ياكى مەسسە-كالاچمۇ  ؟ ھېچنىمىسىنى بىلمەيتتى. پەقەت "تۈركىيە" دىگەن ئىسىمنىلا بىلەتتى.
بۈگۈنكىلەر تۈركىيە دىگەن ئىسىمنىلا ئەمەس، ئىستانبول، ئەنقەرەلەرنىمۇ بىلىمىز. بىراق يەنىلا تورۇس تاغلىرىنى بىلمەيمىز.  
كونىلارنىڭ "پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاچ چاققاندا ئايرىلدۇق." دەيدىغان بىر سۆزى بولىدىغان.
ئىلگىرى تورۇس تاغلىرىغا ئوخشاش مىڭلىغان تاغلار، ئىستانبول ۋە ئەنقەرە بىلەن تەڭ پادا باققان ئىكەن. جەڭلەر قىلغان ئىكەن. "ئۆلسەك شېھىت ! قالساق غازى! " دىيىشكەن،  بىر ئاكوپتىكى سەپداشلاردىن ئىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياڭاق چاقىدىغان ۋاقىتلارمۇ كېلىپتۇ. ئىش شۇ چاغدا بۇزۇلۇپتۇ. تورۇسلۇقلارنىڭ پادا باققاندا كەيگەن كىيىملىرى ، بۇرۇندىن تۇتقان يولى ئەنقەرەلىكلەرنىڭ كۆزىگە سىغماپتۇ. ھەممە كاساپەت شۇلارنىڭ تۇتقان يولىدىن، كەيگەن كىيىملىرىدىن كېلىدۇ دەپ بىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن "تۈركىيە دىگەن بۇ سەھنىدە تورۇس تۇرمىسۇن" دەپتۇ. "پەقەت ئەنقەرەلا تۇرسۇن" دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، بىزنىڭ كۆزىمىزگە سۈت بەرگەن كالىغا قارىغاندا سۈتچى خوتۇن جىق ئۇچرايدىغان بولۇپ قاپتۇ. تورۇس تاغلىرى بولسا ئۇنتۇلۇپ كېتىپتۇ.
تۈركىيەدىكى دۆلەتلىك موزىينى بىلەمسىز؟
بىز كۆرگەن ماتىرياللاردا، ئىلگىرى بۇ جاي خىرىستىئان دۇنياسىنىڭ سوفىيە دىگەن داڭلىق چېركاۋى ئىكەن. كېيىن تۈرك خەلىقلەرى پەرەڭ قەۋىملىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ ئىسلامىيەتنىڭ شۆھرىتى بولغان سۇلايمان مەسچىتىگە ئۆزگەرتىپتۇ. بۈگۈنچۇ ؟
بۈگۈنكىلەر پەرەڭ ئىتىپاقىغا قوشۇلۇش ئۈچۈن   مەسچىتنى موزىي قىلىپ قويۇپتۇ. تىرىكچىلىك  ئادەمنى نىمە كويغا سالمايدۇ دەيسىز.....
موزىينىڭ نىمە قىلىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟
ئۇ قەدىمقىلارنىڭ ئاجايىپ ئىش-ئىزلىرىنى كۆرۈپ تاڭلايلىرىمىزنى چاكىلدىتىغان جاي.
مەن ئىلگىرى سوفىيە خانىم  چېركاۋىنىڭ سۇلايمان قارى مەسچىتىگە ئايلانغانلىقىغا ھەيران قېلىپ تاڭلىيىمنى خېلى يىللارغىچە چاكىلداتقان.  كېيىن سۇلايمان قارى مەسچىتىنىڭ "دۆلەتلىك موزىيغا ئايلىنىپ قالغان"لىقىنى ئاڭلاپ جىممىتە بولۇپ قالدىم.
تۈركىيەگە بارغانلاردىن سورىسام دۆلەتلىك موزىيغا تارىختىن قالغان دىنىي، مىللىي ئاسارۇ-ئەتىقىلەر سىغماي قاپتۇمىش. موزىي دىگەن چەكلىك بولىدۇ-دە. ئەنقەرە ھۆكۈمىتىنىڭ تارىختىن ئىبارەت بۇ ئېغىر يۈكنى كۆتۈرىدىغان ئىقتىدارى شۇنچىلىككەن. ئامالسىز سۇلايمان مەسچىتىنى موزىيغا ئايلاندۇرۇپتۇ.
ئەجەملەر، ئەرەپلەر، پەرەڭلەر ئۇچراشقان جايدا يەنە نىمە ئىشلار بولار؟ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تىرىكچىلىك سەۋەبىدىن بۇ موزىي قايتىدىن مەسچىتكە ياكى بۇنىڭدىنمۇ باشقا نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.....ھەممىنى ئالدىن بىلگۈچى، يىگانە اللە........
خوش، بىز بۇنداق ئېغىر تېڭىرقاشلار ئىچىدە بېشىمىزنى قاتۇرۇپ يۈرمەي، يىراقتىكى تورۇس تاغلىرىغا كېتەيلى، ئۇ جايلاردا بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئادەملەر ياشىغان.  
ئەشۇلار بىزنى ھەيران قالدۇرغان تارىخنىڭ ھەقىقى ئىگىلىرى. ئىستانبول، ئەنقەرەگە سۈت بەرگەن، ئۇلار ئۈچۈن جان بەرگەن تورۇسلۇقلار!.....
lutun
يۇرتۇمنى ئەسلەيمەن
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-05 14:05 |
afrasiyap
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6456
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 205 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 205 سوم
تۆھپە: 123 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 123 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 75(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

زېھنىياتىم گال  ،ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ  بۇنداق  چوڭقۇر  ،تېرەنلىكىكە  چۆكۈشكە ئامالسىزمەن.  
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 15:15 |
albax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2547
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 141
شۆھرەت: 729 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 732 سوم
تۆھپە: 433 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 436 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      مەمەت ئاۋاق رومانىدا بۇنداق تەپسىلاتلارنى كۆرمىگەن ئىدىم . ( مەن ئىككى قىسىمنى ئۇقۇغان ) . ئابدۇرېھىم ئابلەتخان ئاكىنىڭ يازمىسىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن ، بۇ جايلىرىنى ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ يازغان دەپ ئويلىغان ئىدىم . ھەقىقەتەن بۇ ئۇسلۇب ئەينى ياشار كامالنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن ئوخشاش چىقىپتىكەن .
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 13:14 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە