قەشقەردىن پاراڭ ئىلىپ كەلدىم
--------------------------------------------------------------------------------------------
بۇگۇن ئەتىگەندىلا ئىشقا يەنە كېچىكىپ قالغاچقا يۈگۈرگەن پىتى قوزغۇلاي دەپ تۇرغان ئاپتۇۋۇزغا ئاران چىقتىم. خۇداغا شۇكرى؛ بوش ئورۇندىن بىرسى باركەن جايلىشىۋالدىم .
ئاپتۇۋۇز بىر بېكەتتە توختاپ، چىقىدىغانلار ،چۈشىدىغانلار ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىكەتتىن قوزغۇلىشىغىلا مانا قىزىقچىلىق باشلاندى. ياشانغانراق بىر ئاكىمىز ئەسلى بۇ بېكەتتە چۇشمەكچى ئىكەن خىيال بىلەن ئولتۇرۇپ قالغان چېغىۋا
- ئۇكام ماشىنىنى توختاتسىڭىز بوپتىكەن ،چۇشىۋالسام. دەپلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىككە قاراپ چۇشۇشكە تەمشەلدى .
شەدە يانچۇقچى بالىلار مودا قىلىپ كىيىۋالغان ئاپپاق كەپكە شەپكىنى كۆك كۆزلىرىگە چوكۇرۇپ كىيىۋالغان، ئەتتىگەندە تاماكىسىنى قىڭغايتىپ چىشلەپ، ئىككى قولىدا رولنى تۇتۇپ تۇرغان 26-27 ياشلاردىكى شوپۇر، ئاكىمىزغا گۆلىيىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن ماشىنىنى تورمۇزلاپ،
-ئاكوۋۋۋۋۋۋۋۋ بۇ ئورۇن دادىلىرىدىن قاغان تەۋەرۇك بولمىغاندىن كېيىن ، توختىغاندا چۇشسەك بوممامتى ئوتتۇرۋالغىچە ، خەخنىڭ ۋاقتىنى ئامماي . دىدى توختۇتۇپ.
- ئۇكىام ما سېنىڭ تىلىڭنىمۇ ئىشىك قىسسىۋالمىغاندىن كېيىن ،ئەتىگەندە پولا يىگەندەك بېكەتنى توۋلاپ قوي . دىدى ئاكىمىزمۇ بوش كەلمەي.
- كۆڭەللىرىدە ئايرۇپىلانغا چىققان ئوخشىماملا سىلى، كىچىكىپ قالسا توۋلايدىغانغا. قايلىسا ما غەللىگە سالام قىلىۋەتسە . ياشانغان ئاكىمىز پۇل تولىمەيلا چۇشىۋاتاتتى .
- ما سېنىڭ ماشىناڭ، كىنىشكە ئوتمەيدىغان تانكا ئوخشىمامدا.
قارىغاندا ئاكىمىزنىڭ قېرىلىق كىنىشكىسى باركەندە دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە . لېكىن ئاكىمىز كىنىشكىنى كۆرسەتمىگەن ئىدى .
-ئا يوغان نەرسىلىرىنى بەسلە، كۆزەمگە بىر سۇرتىۋالاي . دىدى شوپۇر.
شۇندىلا ئاكىمىز كىنىشكىسىنى چىقىرىپ كۆرسۇتۇپ چۇشۇپ قالدى.
سەل جىلە بولدىمۇ قانداق شوپور بالا ماشىنىنى ئىتتىكلا قوزغۇشىغا، شىلەپە كەيگەن ئىگىز بىر يېتىم يېپىلاي دەپ قالغان ئىشىككە ئاران ئېسلىپ ماشىنىغا چىقىۋالدى ، چىقىۋالدىيۇ يەنە بىر تورمۇز قىلغان بىلەن تەڭ سەنتۇرلۇپ يۇرۇپ خېلىغىچە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالمىدى، ئەتتىگەندە بۇنىڭدىن سەل ئىزارتىپ قالغان چىغىۋا، خاپىلاپلا سوزگە چىقتى .
-قانداق ئاپتۇۋۇز بۇ، تەرەكتۇر ھەيدىسىلىرى بولىدىكىن ئۇكام سىلى ،ئەمدى چىقاي دىسە ماڭغان ، بوپتۇ بۇداقىسىغا چىقاي دىسە توختىغان . چىقىۋالغاندىن كېيىنمۇ قوڭىنى جىم تۇتماي ئالدى كەينىگە لىغاڭشىپ تۇرغان . ھامان بەرگەندىكىن جىم تۇرىمىز ئۇنى .
- قايلىسااااااااااا بەرگەن كىرالىرىغا ئويلەپ قويىدىغاندەك گەپلىرى چوڭغۇ . شوپۇرنىڭ قولى مىڭىۋاتقان ماشىنىنىڭ رولىدا، كەينىگە ھورپىيىپ قاراپ قويدى .
- ھە قاپىقاڭغا چىگۇڭ يىغىپ قايلايسەنغۇ. دىدى ئىگىز يېتىم .
-خويەنجيا كەنلا غوجۇۇۇۇۇۇۇۇم، قايلىماي قول باغلاپ تۇرايما .
-ئا قاپىقاڭدا بىر ئوبدانلا بەز بار، ماشىنىدىن بىر تېپىپلا ئۇچۇرۋىتىدىغان گۇيكەنسە.
-قايلىسا پەيغەمبىرىمنىڭ شىرى ھەزىرتى ئىلى شاھى مەردانمۇ بىر تېپىپ ئادەم ئۇچۇرۇپ باقمىغان. سىلى نىمەتىلە. دەپلا شوپۇر ماشىنىنى يەنە بىر بىكەتتە توختۇتۇپ كەينىگە قارىدى.
–ھەرقانداق گەپ بولسا ئاڭلايمەنغۇ . دىدى ئىگىز يىتىممۇ چېچىلىپ .
-مەنمۇ ئىككى مۇرسىنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر بېشى بارلىكى ئادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن. دىدى شوپۇرمۇ ئاچچىقلاپ .
ئىم ما كېچىكىپ قالغاندا ئىش چىڭقىغا چىقمىسا بولىتى دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە . ئاڭغىچە ئارقا ئورۇندۇقتا پۇتلىرىنى مىنگەشتۇرۇپ ، مەيدىسىنى تىك تۇتۇپ ئولتۇرغان شاپ بۇرۇت ئاكىمىز يۇقىرى ئاۋازدا ؛
- ما ئىككىڭلا بىر بىرىڭنىڭ سىسىق گېپىنى ئاڭلىغىچە ،مەسچىتكە چىرىپ ياخشى تەپسىر ئاڭلاڭلار جۇما ، ئەتىگەندە ئادەمنىڭ نېرۋىسىنى چاچماي .
-شۇ ئەمەسمۇ. دىدىم مەنمۇ قولۇمنى شىمىمنىڭ يانچۇقىدىن ئالماي، ئاۋازىمنى سەل كۆتۇرۇپ.
ئۇنىڭدىن كىيىن ئاپتۇۋۇزدا سالا سۇلۇ باشلىنىپ بۇ ئىككەيلەننى جىمىقتۇرغاندىن كېين كىشىلەر ئادەتتىكىدەك مەسلىنى تەھلىل قىلىشقا چۇشتى ، مەن ئادەتتە ئادەم كۆپ يەردە گەپ ئاڭلاشقا خۇشتار بولغاچقا ،ئۇنىڭ بۇنىڭ تەھلىللىرىنى ئاڭلىغاچ بىر دەمدىلا مەنزىلىمگە كەپ قالغان ئىدىم .
ئادەتتە كىرا ئاپتۇۋۇزلىرىدا بۇنداق گەپ سوزلەر كۆپ بولسىمۇ ،بۇگۇنكىسى ئالاھىدە تۇيۇلغاچ ،بۇ ۋەقەلىكنى يېزىپ چىقىپ مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلاشقىم كەلدى .
مەنبەسى: ئۆزۇم