چەرچەن زاغۇنلۇق ئادىمى
بۇگۇن تور ئارىلاۋېتىپ"خەۋەرلەر تورى" دا «2800يىللىق چەرچەن يىگىتى» دەپ ماۋزۇلانغان ئۇچۇرنى كۆرۇپ قالدىم.ئۇچۇر بەك قىسقا ۋە چۇۋالچاق ئىكەن. شۇڭا بۇ ئۇچۇرنى ۋە ئۆزەمنىڭ مۇشۇ جەسەت ھەققىدىكى ئىزدىنىشىمنى تورغا بەردىم.(توردا رەسىمى بار ئىكەن. ئەپسۇس چۇشۇرەلمىدىم.)
خەلقئارا تورى خەۋىرى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، شەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھىرى، شەنشى مۇزىيخانىسى ئۇيۇشتۇرغان «تەڭرىتاغدا ئۇزاتقان قەدىمكى شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت كۆرگەزمىخانىسى» دا بىر 2800 يىللىق تارىخقا ئىگە «چەرچەن يىگىت جەسىتى» ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى جەلپ قىلغان. «چەرچەن يىگىت جەسىتى» شىنجاڭ لۇكى 2-نومۇرلۇق قەبرىستانلىقىدىن قىزىۋېلىنغان بولۇپ، بۇ قول-پۇتلىرىنى تۈز ھالەتتە قىلىپ ئوڭدىسىغا ياتقان جەسەت بەدەن ئۇزۇنلۇقى 176 سانتىمېتىر، ئۆلگەندىكى يېشى 50 ياش، تەخمىنەن بۇ يىل 2800 يىل تارىخقا ئىگە، قەدىمكى ياۋروپا ئادەملەر تۈرىگە كىرىدۇ، ھازىرغا قەدەر ياخشى ساقلىنىپ كەلگەن، قوڭۇر رەڭلىك چېچى، ئۇزۇن قاشلىرى ۋە ساقال-بۇرۇتلىرى روشەن كۆرۈنۈپ تۇرغان.
مەنبە:نۇر خەۋەرلەر تورى
چەرچەن زاغۇنلۇق ئادىمى
تۇرسۇن بەكرى
زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقى ناھىيىمىزنىڭ توغراقلىق يېزىسىدىكى زاغۇنلۇق كەنتىنىڭ 2كىلومېتىر غەربيگە يەنە بوستانلىقنىڭ ياقىسىدىكى قۇملۇققا جايلاشقان. ئورنى ناھىيە بازىرىغا 6كىلومېتىر، چەرچەن دەرياسىدىن غەرىبكە 10كىلومېتىر كېلىدىغان تۈپىلىككە جايلاشقان. جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئورنى شەرقى ئۇزۇنلۇق 852829، شىمالى كەڭلىك 38716، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1270مېتىر، قەبرىستانلىقنىڭ شەرىقى تەرىپى قەدىمكى دەريا ئېقىنىغا يېقىن بولغاچقا، ئەتىراپىدىكى يەر يۈزىدىن بىرقەدەر ئىگىز، چەرچەنلىكلەر بۇ جاينى ‹‹تۇزلۇققاش›› دەپ ئاتايدۇ. قەبرىلەر تۈپىلىكنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، جايلىشىشى تارقاق. كۆلىمى تەخمىنەن 35مىڭ كۇۋادىراتمىتىر كىلىدۇ. بۇ جايدىن 1985-يىلدىن 1996-يىلغىچە ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، 169چوڭ، كىچىك قەبرە قىزىلغان بولۇپ، 1985-يىلى قېزىۋېلىنغان بىر ئەر، بىر ئايال ۋە بىر كىچىك بوۋاقنىڭ مومياسى ھازىرغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھەم مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، بولۇپمۇ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق موزىينىڭ يېقىندىن ياردىمى ئاستىدا بۇجايدا ئېلىپ بېرىلغان 1996-يىلىدىكى ئاخىرقى بىرقېتىملىق قۇتقۇزۇش خارەكتىرلىك قېزىش جەريانىدا بايقالغان كۆپ ئادەم قىلىنغان شامگورنى ئەسلى قىياپىتىدە كۆرگەزمە قىلىش ئۈچۈن قالدۇردى. يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلار ئالاھىدە مەبلەغ ئاجرىتىپ، بۇ قەبرىنى چۆرىدەپ كۆرگەزمە زالى شەكلىگە كەلتۈرۈپ، كەڭ ساياھەتچىلەر ئېچىۋەتتى. بۇ قەبرىگە 14ئادەم دەپنە قىلىنغان بۇلۇپ، دۇنيادا كەم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولغاچقا شاڭخەي جىنىس دۇنيا رېكورتى كومىتىتى تەرىپىدىن ‹‹كۆپ ئادەم دەپنە قىلىنغان شامگۆر›› جىنىس دۇنيا رىكورتى بەردى. ھەمدە دۆلەت ئالاھىدە ئەنگە ئېلىپ دۆلەت دەرىجىلىك قوغداش ئورنى قىلىپ بىكىتتى. بۇ قەبرىستانلىق دۆلەت دەرىجىلىك قوغداش ئورنى قىلىپ بىكىتىپ، كەڭ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەندىن كىيىن مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكى جايلىرى ۋە چەتئەللەردىن كەلگەن ساياھەتچى، ئىلمى خادىملارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشنى قوزغىدى. ئۇلار بۇ قەبرىدە ياتقان ئىنسانلارنىڭ ئىتتىك تەركىۋى (ئاتتوپولوگىيىسى) ھەققىدە نۇرغۇن سۇئاللارنى قالدۇردى. دەرۋەقە، بۇنىڭدىن ئۈچ تۆت مىڭ يىللار بۇرۇن قەدىمكى چەرچەن بوستانلىقىدا ياشىغان ئىنسانلارنىڭ ئىتتىك تەركىۋى ھەققىدە ھېچقانداق مەنبە يوق. شۇنداقتىمۇ يېقىندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ بىر قىسىم ئالىملىرى تارىم ۋەدىسىدىكى قەدىمكى چەرچەن ۋە روران، نىيە خارابىلىرىدىن قېزىۋېلىنغان جەسەتلەرنى ھازىرقى زامانىۋى ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق ھەرتەرەپلىمە تەتقىق قىلىپ، بىرقىسىم تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدى. نەنجىڭ ئۇنۋىرسىتىتى تارىخ فاكولتىتىنىڭ پىروفىسورى شەي تاۋ ئەپەندى 80-يىللاردىن باشلانغان تارىم ۋادىسى ئارخىئولوگىيىلىك قېزىلمىلىرىغا ئاساسەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا مىس قۇراللار دەۋرىدىكى بوستانلىقلاردا ياشىغان ئاھالىلەرنىڭ مەنبەسىگە ئائىت ماقالىسىدا ‹‹ ....مەدەنىيەت ئالاقىلىرى، مىلادىدىن ئىلگىركى بىرىنچى مىڭ يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كاپكاز ئېرىقىدىكى ئاھالىلار پەرغانە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا رايۇنلىرىدىن چىقىپ، پامىردىن ئۆتۈپ تارىم ۋادىسىغا كىرگەن›› دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ئىنسانشۇناسى، تەتقىقاتچى ئالىم خەن كاڭشىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ‹‹شىنجاڭدىكى قەدىمى ئادەملەرنىڭ باش سۆڭەكلىرى ئۈستىدە تەتقىقات›› دىگەن ئەسىرىدە لوپنۇر رايۇنى، تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقى ئېلى دەريا ۋادىسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنى ۋە پامىر رايۇنى قاتارلىق جايلىرىدىن قېزىۋېلىنغان 274دانە باش سۆڭەك ئۈستىدىكى (دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىركى 1800-300يىللارغىچە) خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز خۇلاسىسىدا ‹‹شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمقى كىشىلەرنىڭ ئېرىق تەركىبى ناھايىتتى مۇرەككەپ، چوڭ سېستىما جەھەتتىن ئېيىتقاندا ياۋرۇپا ئېرىقى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئېرىق پورماتسىيە تىپى يەككە بولماستىن بەلكى ئاز ئۈچ تۈرلۈك ئېرىققا مەنسۈپ ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. ياۋرۇپا ئېرىقى تىپىدىن باشقا كىلىپ چىقىشى (مەنبەسى) شەرقتىن بولغان مۇڭغۇل تىپىدىكىلەرمۇ شىنجاڭ دائىرىسىدە پەيدا بولغان›› دەپ بايان قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا 1989-يىلى شىنجاڭ مۇزىيىدىن شاۋ شىڭچۇ، ۋاڭبۇ قاتارلىق مۇتەخەسىسلەر زاغۇنلۇق M2نۇمۇرلۇق قەبرىگە دەپنە قىلىنغان ئەر ۋە ئايال ئۈستىدە تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن بەزى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار ۋە قىسقىچە خۇلاسىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار بۇ ئىككى جەسەت ئۈستىدە 15تۈردە تەكشۈرۈش، 28تۈردە ئۆلچەش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن كېىچىك خۇلاسىسىدا : ‹‹تەكشۈرۈش ۋە ئۆلچەش نەتىجىلەرگە ئاساسەن تەھلىل قىلغاندا زاغۇنلۇق ئادىمى (ئەر)نىڭ ياۋرۇپا ئېرىقىغا مەنسۈپ ئىكەنلىكى، ئايالدا بولسا ئاق ئېرىق بىلەن سېرىق ئېرىقنىڭ ئارلاشما (شالغۇت) ئالامەتلىرى بار ئىكەنلىكى (بۇ نوقتىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىپ قايتا بېكىتىش كېرەك) دەپ دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىشكە بولىدۇ دەپ قارىدى. چەرچەن زاغۇنلۇق ئادىمىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى بىزگە تارىم ئويمانلىقى (جۈملىدىن چەرچەن دىيارى)دا قەدىمىدە ياشىغان خەلقلەرنىڭ ئىتتىك تەركىبى ھەققىدە ئاز-تۇلا ئۇچۇرلارنى بەردى. ئۇنداقتا بۇ قەبرىدىن قېزىلۋېلىنغان ۋە قەبرىدە يېتىۋاتقان ئىنسانلار قانداقتۇر بەزىلەر ئېيىتقاندەك ياۋرۇپادىن كۆچۈپ كەلگەن ياۋرۇپا ئېرىقىدىكى خەلقلەرمۇ؟ تارىخى مەنبەلەردىن مىنىڭ ئۆگەنگەنلىرىمگە ئاساسلانغاندا ئۇلار چەتئەل مەنبەلىرىدە ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ تارىخى مەنبەلىرىدە ئىسكىپ، سىكتاي، ساك(سەك)، ماساگىت، سارىماتىن (سارماتاي)، تۈرك ساكلىرى، سەيجۇڭ، خۇ، خۇر، رۇڭ، زەي، دى، غۇز، كېيىنكى مەزگىللەردىكى ‹‹تۇخارى››، ‹‹ياۋچى››، ‹‹خودات›› ... دىگەن ناملار بىلەن ئاتالغان قەۋم بولۇپ، ئاتتىروپولوگىيىلىك ئىنسان گوروھى جەھەتتە ئاندىرۇنوۋ-ئارى (ئارېئان) لارنىڭ باشقا خەلقنىڭ تىلىدىكى ھەرخىل ئاتىلىشىدۇر. ياكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى جۇڭگۇ تارىخ مەنبەلىرىگە ‹‹رۇڭ››، ‹‹دى››، ‹‹زەي›› دەپ خاتىرلەنگەن خەلىقلەردۇر. ئۇلار قانداقتۇر ياۋرۇپادىن كۆچۈپ كەلگەن ياۋرۇپا ئاق جىنىسلىرى ئەمەس، بەلكى يىراق شەرق سېرىق تەنلىكلەرگە قوشۇلمىغان ئاسىيا تىپىدىكى (تارىم تىپىدىكى) ئاق جىنىسلىق ئىنسانلاردۇر. (گەرچە ئاتىروپۇلوگىيە جەھەتتە پامىر تىپتىكى ياكى كاۋكاز تىپتىكى دەپ ئايرىلسىمۇ) ‹‹ساك›› دەپ تەرىپلەنگەن بۇ قەدىمقى خەلقلەر ئەزەلدىن تارىم ئويمانلىقىدا ياشاپ كەلگەن قەدىمى مەدەنىيەتلىك خەلقلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ دەريا ۋادىلىرىدا ياشىغانلىرى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن تاغ قاپتاللىرىدا يايلاق مۇھىتىدا ياشىغانىرى چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار زامانىسىدا ئۆزىگە يارىشا يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمى قەبرىستانلىقىدىن بىر قىسىم ھايۋانات رەسىملىرى ئويۇلغان ياغاچ بۇيۇملار قېزىلۋېلىندى. ئۇلارغا بۆرى، بۆكەن، قوي، بۇغا، تۆگە قاتارلىق ھايۋاناتلارنىڭ رەسىملىرى ئۇيۇلغان. ھايۋاناتلار قايرىلما شەكىلدە (تاغاقنىڭ دەستىگە ئىككى دانە قايرىلما نۇسخا شەكلىدىكى بۇغا رەسىمى ئۇيۇلغان)، يەنە بىر ئورچۇقنىڭ يۈزىگە ئىككى تۇياق ھايۋانات رەسىمى ئۇيۇلغان بولۇپ، بىر قايرىلما شەكىللىك بۆرە رەسىمى، يەنە بىر قوينىڭ باش قىسمى، يەنە بىردانە ياغاچ سۇغىغا ئۇرە نۇسخىلىق تۈگە ۋە بۇغا رەسىمى، يەنە بىر سوغىغا يېرىم ھالەتتىكى قوي رەسىمى بىلەن بۇغا ئۇيۇلغان. يەنە بىر ئۇزۇنچاق چاسا شەكىلدىكى ياغاچ قۇتىغا بۆرە، قوي رەسىملىرى ئۇيۇلغان. بۆرە ياتقان ھالەتتە بولۇپ، ئىككى بېشى بار. قوي بولسا بۆرىنىڭ قۇرسىقىدا قىلىپ ئۇيۇلغان. ئۇندىن باشقا قۇش بېشى رەسىمى ئۇيۇلغانلىرىمۇ بار. چەرچەن زاغۇنلۇقتىن قېزىۋېلىنغان ياغاچ بۇيۇملاردىكى بۇ نۇسخىلار ئوردۇس نۇسخىسى، ئىسكىف ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ساك مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى نۇسخىلىرىدۇر. قۇش بېشى نۇسخىسى شىنجاڭ چىگرىسى ئىچىدىكى قەدىمى قەبرىلەردىن بايقالغانلىرى يوق. بىراق ئۇ ئۇردۇس نۇسخىسى ئىسكىف سەنئىتىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۇرۇننى ئىگەلەيدۇ. ھەممىدىن بەكرەك دىققەتكە سازاۋەر بولىدىغىنى چەرچەن زاغۇنلۇقىدىن قېزىۋېلىنغان باش كىيىملەر بولۇپ، باش كىيىملەر ئىچىدە ئۇچلۇق قالپاق مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگەلەيدۇ. بۇخىل ئەھۋال تارىخنامىلاردىكى ساك قەبىلىلىرىنىڭ بىر نەچچە گۇرۇپپلىرى ئىچىدىكى ساك تىگراخاۋدلار (ئۇچلۇق قالپاقلىق ساكلار) ھەققىدىكى بايانلىرىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ.
‹‹خەننامە››، غەربىي دىيار تەزكىرىسى›› قەلەمگە ئېلىنغان دىياردىكى تارقاق بەگلىكلەر ئەمىلىيەتتە قەدىمى خەلقلەردىن بولغان ساكلار قۇرغان بەگلىكلەر ئىدى.
دىمەك، چەرچەن زاغۇنلۇق ئادىمىنىڭ ئاتتىروپولۇگىيىسى (ئىنسان تىپىنى) تارىم ئويمانلىقى ئەتىراپىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقلاردىن (نىيە خارابىسى، رورەن خارابىسى...) قېزىۋېلىنغان جەسەتلەر ۋە دەپنە بۇيۇملىرىنى سېلىشتۇرۇپ، تەتقىق قىلغاندا ئوخشاشلا قەدىمكى خەلقلەر ساكلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگى بىلىنىدۇ. خۇلاسە قىلغاندا ھازىرغىچە تارىم ئويمانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان جەسەتلەر ۋە دەپنە بۇيۇملىرى تەتقىقاتى رەسىمى قولغا ئېلىنمىدى. تەتقىقات خىزمىتىدە بۆسۈش بولمايۋاتىدۇ. ھەرخىل قاراشلار مەيدانغا چىقىۋاتىدۇ. شۇڭا تارىم ۋادىسى (چەرچەندە) ياشىغان قەدىمى ئىنسانلارنىڭ ئىتتىك تەركىبى جەھەتتىكى تەتقىقاتلارنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. چەرچەنگە خوشنا بولغان نىيە خارابىسى، كىروران خارابىسى مەملىكىتىمىز جۈملىدىن دۇنيا مېقىياسىدا ئالاھىدە تېمىسى قاتارىدا چىڭ تۇتۇلۇپ، جىددى تەتقىقات باسقۇچىدا تۇرۋاتىدۇ. شۇڭا چەرچەن زاغۇنلۇق ئادىمى ۋە تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغان قەدىمى خەلقلەرنىڭ ئاتتىروپولوگىيىسىنى (ئىنسان تىپىنى) تەپسىلىي بىكىتىش ئىشلىرى پات ئارىدا روياپقا چىقىشى مۇقەررەردۇر.
2010-يىلى شەھىرى چەرچەن