ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى be42lateدە2012-05-06 12:35يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇغرام، رەھمەت سىزگە،،، مەن ئۆزگەرتىشقا تىرىشاي....ئىلھام بەك مۇھىم نەرسە ئىكەن.. بۇ ماقالە پۈتكىچە، مۇنۇ ماقالىلەرنى ئوقۇپ تۇرسىڭىز:
./read.php?tid=1917 ./read.php?tid=2730
كېچۈرۈڭ. ئاۋۇ يۇقارقى ئىككى يازمىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن سىزگە بىھۆرمەتلىك قىلغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. ساياھەت خاتىرىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ شۇنچە خىجىل بولدۇم. ئالىم دىگەن باشقا، ئادەم دىگەن باشقا. سىز ھەقىقى مۇسۇلمان ئىكەنسىز. ھەقىقى قۇمۇللۇق ئىكەنسىز. ئۆزەمغۇ قۇمۇللۇق ئەمەس لېكىن قۇمۇللۇقلارنى ئوبدان بىلىمەن. بىزنىڭ يېرىمىمىز قۇمۇللۇقتەك بوپ قالساقچۇ دەپ ئويلاپ كىتىمەن.
مەن سىزنىڭ مالايشىيادىكى كېچۈرمىشلىرىڭىز يېزىلغان يازمىڭىزنى بۇرۇن ئوقۇغان ئىكەنمەن، شۇ چاغدىلا سىزدىن پەخىرلەنگەن ئىدىم. سىزنى تونىماي قاپتىمەن. ئالى جاناپ ئادەملەر باشقىچە بولىدىكەن.
راست گەپنى قىلسام ماۋۇ يازمىڭىز ئاۋۇ بۇرۇنقى ئىككى يازمىدەك راۋان چىقماپتۇ، ئىملا خاتالىقى ئاز ئەمەسكەن. ئۆتۈنىدىغىنىم يازمىڭىزنى يوللىغاندا دىققەت قىلسىڭىز، جۈملىلەرنىڭ راۋان، سۆزلەرنىڭ تولۇق ئېلىنىشىغا دىققەت قىلسىڭىزكەن.
ئىشلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن، ئاللاھ ئېزىز تېنىڭىزنى ئامان قىلسۇن. ھارماڭ.