ئۇيغۇرچە كەسپى بېكەتلەر توغرىسىدا
جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دىيارىمىزدا ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى ئونۋېرسال توربېكەتلەر كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى تور دۇنياسىدىكى كۈچلۈك رىقابەتتە شاللىنىپ قالسا يەنە بىر قىسىمى ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىپ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر قوزغىدى.
سەپتىن چۈشۈپ قېلىۋاتقان ئەنە شۇ توربېكەتلەر مەغلۇپ بولۇشتىكى سەۋەبىنى ئۆزىدىن ئىزدىمەي، ھە دېسىلا باشقا داڭلىق تور بېكەتلەردە بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ داۋراڭ سېلىپ يۈرىۋاتىدۇ. مەن بۇيەردە ھەرگىز بۇ تور بېكەتلەرنى ئەمدى ئېلان بەرمەڭ، تەشۋىقات قىلماڭ دېمەكچى ئەمەسمەن؛ توربېكەتنى چوقۇم تەشۋىق قىلىش كېرەك، لېكىن ئاۋال ئۆزىمىزنى دەڭسەپ بېقىپ تورداشلار مەنپەتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، تور بېتىم كەڭ تورداشلار ئۈچۈن نېمە ئىشقىلىپ بېرەلىدى؟ تور بېتىم مۇشۇ ئۇرۇنغا ( داڭلىق بېكەت، تەۋسىيە بېكەت ) ماس كېلەمدۇ؟ دېگەن سوئال ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرسىكەن دېگەن ئۈمۈتتىمەن.
ھەممىمىزگە ئايان ئاشۇ ئاتالمىش تەۋسىيەلىك ئورۇنلارغا چىقىۋالغان بەزى تور بەتلەردە مەزمۇن دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق، يەنە بەزى تور بەتلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن كىرمەكچى بولسىڭىز ئېچىلمايدۇ، قىسقىسى قىلچە پايدىلنىش قىممىتى يوق. بۇنداق < داڭدار توربېكەتلەر > شۇنچە كۈچەپمۇ تورداشلارغا مەنپەت ئېلىپ كېلەلمەيۋاتىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار يەنە شۇ ئۇرۇننى بوشاتماي ياكى شۇ ئۇرۇنغا لايىق ئش قىلماي، كۆپ ساندىكى ئامما ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان باشقا ساھەدىكى كەسپى تور بېكەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولىۋاتىدۇ. تور بەتلەرنىڭ ئاساسلىق خېرىدارلىرى بولسا تورغا چىققۇچىلار، ھازىر نۇرغۇنلىغان توربېكەتلەر <خېرىدار ھەممىدىن ئەلا> دەپ شوئار توۋلايدىيۇ ئۇلارنىڭ مەنپەتىنى قىلچىمۇ ئويلىشىپ قويمايۋاتىدۇ.
شۇڭا تور بېكەتلەرنىڭ سەركىسى بولغان بەزى داڭلىق تور بېكەتلەر مۇشۇنداق تور بېكەتلەرگە بولغان تەلەپنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ تور بېكىتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئېلانلارنى شۇ تور بەتنىڭ مەزمۇنىغا، خاراكتېرىگە، تىپىغا بۆلۈپ تۇرۇپ قۇيۇپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن. بۇنداق بولغاندا كەڭ تورداشلارغا نۇرغۇنلىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن باشبەت كىشىلەرگە بىر خىل كۆركەم، راھەت تۇيغۇسى بېرەلەيدۇ، بۇ ئارقىلىق تور بېكەت قۇرغۇچىلىرى ۋە تورداشلار ئۆزى كۆزلىگەن مەقسەتكە تېخىمۇ ئاسانلا يېتەلەيدۇ ئەمەسمۇ.
يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ شەخسى پىكرىم، كەڭ تور داشلارنىڭ بۇ ھەقتە توغرا مۇئامىلىدە بولۇشنى، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقنى ئۈمۈت قىلىمەن. يېقىندىن بۇيان تور ئارلاۋېتىپ نۇرغۇنلىغان كەسپى تور بېكەتلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىققانلىقىنى كۆردۈم، ھەم شۇنداق خۇرسەن بولدۇم. ئۇيغۇر تورچىلىقدا بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق تور بېكەتلەرنىڭ داۋاملىق مەيدانغا كېلىشىگە تىلەكداشمەن.
ئەگەر سىز ئانا تىلىمىزدىكى كەسپى توربېكەتلەرنى زىيارەت قىلماقچى بولسىڭىز http://www.izda.com مۇشۇ تور بېكەتكە كىرىپ< كەسپى تور بېكەت > دەپ ئىزدىسىڭىز، ئۆزىمىزنىڭ كەسپى تور بېكەتلىرىنى كۆرەلەيسىز.