saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 3548 قېتىم كۆرۈلدى
ilim

دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1086
شۆھرەت: 6991 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 7100 سوم
تۆھپە: 3920 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3984 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1590(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 36پەم بىلەن تەپسىلى تونۇشۇڭ

1. نامى توغرىسىدا: ئۇيغۇر تىلىدا بۇنىڭغا نەق توغرا كېلىدىغان ئاتالغۇ تاپالمىغاندەك قىلىمەن. چۈنكى بۇنىڭ مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق ،ئۇنى “تەدبىر” دىگەن نام بىلەن ئاتىسىمۇ ئۇنىڭ ئالىدىغان مەزمۇنىغا نەق توغرا كەلمەيدىكەن. چۈنكى تەدبىر دىگەندە ئاشكارىلىق ساقلانغان بولىدۇ. ئۇنىڭدا رەقىبنى يېڭىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ھىلە-مېكىر، تاكتىكا، چارە- تەدبىر، پەم، ئۇستاتلىق، نەيرەڭۋازلىق، ئالدامچىلىق، كۆز بۇيامچىلىق، پۇرسەتپەرەسلىك … قاتارلىق ھەر خىل ۋاستىلەر تېپىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقى دىيىلسە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە يېڭىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئەقىل ئىشلىتىپ رەقىبىنى ياكى ئۆز مەنپەتداشلىرىدىن بەزى مۇھىم ھالقىلارنى يوشۇرۇپ پەم ئىشلەتكەنلىكى روشەن بولىدۇ. شۇڭا مەن ئۇنى” 36 تەدبىر” دەپ ئالماي، “36 پەم” دەپ ئالدىم. چۈنكى “计谋” بىلەن “措施”نىڭ پەرقى بار. بۇ يەردە “پەم” دىگىنىم “计谋”نى كۆرسىتىدۇ
2. بۇ يەردە “36″ دىن ئىبارەت بۇ سان مۇقىم سان بولسىمۇ ، خەنزۇ مىللىتىنىڭ تىل مەدەنىيىتىدە بۇ سان يەنە “ناھايىتى كۆپ” دىگەن مەناغا ئىگە. شۇڭا خەنزۇ تىلىدا 36 پەم دەپ ئالغان بۇ سۆز ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ چۈشىنىشىدە “پەم ئىلمى” دىگەن مەناغىمۇ ماڭىدۇ، يەنى پەمنىڭ پەقەت 36 بىلەن چەكلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ، پەقەت جەۋھەر سۈپىتىدە 36 سىنى رەتلەپ چىققان؛
3. 36 پەم جۇڭگو تارىخى جەريانىدا ئۇرۇشتا رەقىبىنى يېڭىشتا ئىشلىتىدىغان پەم-تەدبىرلەر بولسىمۇ، بۇگۈنكى كۈندە دۇنيادا ئۇنى دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى توقۇنۇشتا، ھەربىي ئۇرۇشلاردا، ئىقتىسادىي رىقابەت جەريانىدا، ھەم شەخسلەر ئارا، ھەم توقۇنۇش بولىۋاتقان ھەر قايسى توپلار ئارا ئىشلىتىدىغان “پەم” بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتماقتا؛
4. بۇ” 36 پەم ” ئالدى بىلەن جۇڭگودا رەتلەنگەن بولسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاقلىق تەرەپلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن، باشقا ئەللەرنىڭ تارىخى جەريانىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش “پەم”لەر ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىلگەن، پەقەت باشقا ناملاردا ئاتالغان خالاس. يېقىنقى زاماندا ياۋۇپالىقلارمۇ جۇڭگودا رەتلەنگەن بۇ 36 پەمنى تەتقىق قىلىپ ھەم ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئەمىلىيتىگە تەدبىقلاپ، ئۇنى بىر ئىلىم قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويغان ھەم شۇ دەرىجىگە كۆتۈرگەن. ياۋرۇپالىقلار ئۇنى “ستراتىگىيە ئىلمى” نامىدا تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان.
5. بۇ 36 پەمنى كۆرگەن كىشى، رەقىبىنى يېڭىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دۇنيالىق مەنپەتى ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاستىلەرنى قوللىنىشتىن باش تارتمايدىغان رەزىل ھىلە-مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن دەپ پەقەت ئۇنى بىر رەزىللىك ئىپلاسلىق دەپلا ھېس قىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ تەركىۋىدە “پەم”نىڭ يۇشۇرۇنغانلىقى ھەم ئۇنىڭ بەزىسىنى رەزىل مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ياخشى مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈنمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغان “پەم”لەر بار. شۇڭا ئۇنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ “رەزىللىك” دەپلا چەتكە چىقىرۋېتىشمۇ توغرا ئەمەس؛
6. “36 پەم”نى كىشىلەر نىمىشقا ئۈگىنىدۇ؟ دىگەندە، ئۈچ خىل مەقسەت بولىدۇ: (1) باشقىلارغا ئىشلىتىش؛ (2) باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىدىن مۇداپىيە كۆرۈش؛ باشقىلارنىڭ قىلتىقىغا دەسسەپ مەنپەتداشلىرى ياكى ئۆزىنىڭ مەنپەتىگە زىيان سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، باشقىلارنىڭ قانداق ھىلە-مىكىر- نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىپ، ھۇشيار بولۇش، باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناشتىن ساقلىنىش، يەنى ھىلە- مىكىرگە سەر بولۇشتىن مۇداپىيەلىنىش؛ (3) دۇنيالىقتا كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە قانداق پەم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىپ قويۇش؛ مانا مۇشۇ مەقسەتلەردە بۇنىڭدىن خەۋەردار بولىدۇ. مەن توردا مۇنازىرە قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەنپەتداشلىرى ۋە ئۆز توپىدىكىلەرگە بولغان سۆيۈش ھىسسىياتى كۈچلۈك بولسىمۇ، سىياسى مەسىلىلەردە ئىنتايىن ساددا كىشىلەرنىڭ ناھايتى كۆپ ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ بۇگۈنكىدەك دۇنيانىڭ مۇرەككەپلىكىدە باشقىلارنىڭ “پەم”ىگە سەر بولۇپ كېتىدىغان كىشلەرنىڭ كۆپلىكىنى ھېس قىلىمەن. شۇڭا ، بۇ “پەم ئىلمى”دىن ئاز -تۇلا خەۋەردار بولسا ئەھمىيتى بولۇپ قالار دىگەن مەقسەتتە ، بۇنى تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرگە يوللاپ بېقىشنى لايىق كۆردۈم؛
7. بۇنىڭدا رەتلەنگەن ھەر بىر “پەم”نىڭ ئۇيغۇر تىلىدا نەق شۇ گەپكە تەڭ كېلىدىغان سۆزلۈكلەرنى تېپىش تەسكەن. لۇغەتلەردە كۆرسىتىلگەن تەرجىمىسىدىمۇ پەقەت ئۇنىڭغا قىسمەن يېقىنلىشىدىغان تەمسىللەرنى بەرگەنلىكىنى كۆردۈم. چۈنكى ئىككى مىللەتنىڭ تارىخى جەريانىدا قالدۇرغان تەمسىللەرنىڭ بىلدۈرمەكچى بولغان مەنىسى بىر-بىرىگە نەق چۈشىشى ناتايىن. شۇڭا يېقىن كېلىدىغان مەنىسىنى بېرىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭدا نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بەردىم، ھەم بەزى ئەمەلىي مىساللارنى قوشۇمچە ئالدىم . بۇ “پەم”لەر ھەربىي ئۇرۇش، ئىقتىسادىي رىقابەت، سىياسىي رىقابەتلەردە ئىشلىتىلىپلا قالماي يەنە رەقىپ ھىسپلىنىدىغان ھەر قايسى تەرەپلەرمۇ ئىشلىتىدۇ. بولۇپمۇ پەقەت دۇنيالىق مەنپەت ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان تەرەپلەر، رەزىللىك ، ھالال -ھارام دىگەن بىلەن ھىساپلاشمايدىغان كىشىلەر ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا بەكرەك ئىشلىتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ “پەم”لىرىدىن ھۇشيار بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا شۇ ھىلىلەرنى قانداق تەدبىقلايدىغانلىقىدىنمۇ ئەسكەرتىشلەرنى بەردىم.
“36 پەم”نىڭ خەنزۇچىسى تۆۋەندىكىچە:
 第一套胜战计
  一 瞒天过海  二 围魏救赵  三 借刀杀人
  四 以逸待劳  五 趁火打劫  六 声东击西
  第二套敌战计
  七 无中生有  八 暗渡陈仓  九 隔岸观火
  十 笑里藏刀  十一 李代桃僵 十二 顺手牵羊
  第三套攻战计
  十三 打草惊蛇  十四 借尸还魂  十五 调虎离山
  十六 欲擒故纵  十七 抛砖引玉  十八 擒贼擒王
  第四套混战计
  十九 釜底抽薪  二十 混水摸鱼  二十一 金蝉脱壳
  二十二 关门捉贼  二十三 远交近攻  二十四 假途伐虢
  第五套并战计
  二十五 偷梁换柱  二十六 指桑骂槐  二十七 假痴不颠
  二十八 上屋抽梯  二十九 树上开花  三十  反客为主
  第六套败战计
  三十一 美人计   三十二 空城计   三十三 反间计
  三十四 苦肉计   三十五 连环计   三十六 走为上
ئەمدى بۇلارنى شۇ رېتىمى بويىچەتەپسىلىي تونۇشتۇراي:
دەسلەپكى 6 سى رەقىبىدىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان ئەھۋالدا كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان پەملەر:
1. 瞒天过海mán tiān guò hǎi
بۇنىڭ ئەڭ بېشىغا قويۇلىشى بۇ پەمنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى بۇ پەمنىڭ “瞒” سۆزىدىن باشلانغانلىقى، يەنى بۇنىڭدا “يوشۇرۇش ” سۆزى بېشىدا كەلگەنلىكىدىن بولسا كېرەك(36 پەمنىڭ ھەممىسىدە “يۇشۇرۇش”تىن پايدىلانغان ). بۇ سۆزىنىڭ ئۇدۇل تەرجىمىسى: كۆز بۇياپ دېڭىزدىن ئۆتۈش دەپ تەرجىمە قىلىنسا بولىدۇ. تارىختا تەڭتەيزوڭ 300 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ شىئەندىن لىياۋدوڭ ۋە گاۋلى دەپ ئاتىلىدىغان يەرگە ئاتلىنىدۇ. شۇ جەرياندا دېڭىزدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلگەن، تاڭتەيزوڭ كۆز يەتكۈسىز كەتكەن سۇنى كۆرۈپ ، دېڭىزنى كۆرۈپ باقمىغان تاڭ تەيزوڭ سۇدىن قورقىدىغان بولغاچقا كېمىگە چېقىشقا ئۇنىماي قوشۇن مېڭىشتىن تۇختاپ قالغان. كېيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى تاڭ تەيزوڭنى ھاراق -شاراپ ئىچىپ تاماشا قىلىشقا تەكلىپ قىلغان، بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىش بولغاچقا بىر يەرگە ھاراق-شاراپ ئىچىپ تاماشا قىلىشقا بارىدۇ. شۇ يەرگە بېرىش جەريانىدا ئۇنىڭغا دېڭىزمۇ كۆرسىتىلمەيدۇ، خۇددى ئادەتتىكى بىر زالغا كىرگەندەكلا كىرىدۇ، شۇ يەردە بىرمۇنچە كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھاراق -شاراپ ئىچىشىپ تاماشا قىلىشىدۇ، كېيىن ئۇلار تۇرغان يەرنىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقىنى سېزىپ دەرىزىدىن سىرتقا قارىسا ئاللىقاچان دېڭىزدا سەپەرگە چىقىپ بولغان . شۇنداق قىلىپ دېڭىزدىن ئۆتۈپ رەقىبىنى بوي سۇندۇرغان.
بۇ يەردە مۇشۇ ۋەقەنىڭ نامى بىلەن بۇ بىر پەمنى ئاتىشىدا، كۈپ-كۈندۈزدە پادىشانى ئالداپ ئۇنى قوشۇن بىلەن بىللە دېڭىزدىن ئۆتكۈزگەنلىكىدىن ئبارەت بىر تەرىپى سەۋەپ بولغان. بۇ پەمنىڭ ماھىيىتىدە ناھايىتى چوڭ بىر ئالدامچىلىق يۇشۇرۇنغان بولۇپ، ئەنە شۇنداق چوڭ بىر پادىشانىڭ كۆزىنى بۇياپ دېڭىزدىن ئۆتۈشتىن ئبارەت مەقسەتكە يەتكەن. بۇ پەمنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: كىشىلەر ئادەتتە كۈندە كۆرۈپ ئادەتلىنىپ قالغان ھالەت ۋە كۆۈنۈشلەرگە نىسبتەن دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. بۇ پەمنىڭ دىمەكچى بولغىنى دەل مۇشۇ ھەممە ئادەم ياكى بىر قىسىم كىشىلەرگە نورمال ئەھۋال بىلىنىدىغان يەرگە مۇھىم مەخپىيەتلىكنى يۇشۇرۇپ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا بۇ يەردە “يۇشۇرۇش” ۋاستە، “دېڭىزدىن ئۆتۈش” مەقسەت بولىدۇ. ئەمەلىيەتە بۇ پەمنى ئىشلىتىشتە مۇنداق بىر نەچچە خىل ئەھۋال بار: (1)كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغاندەك كۆرسىتىپ، ئەمەلىيەتتە يوشۇرۇن ئىتائەت قىلماسلىق، شۇنداق قىلىپ رەقىبىنىڭ دىققەتسىزلىكىنى پەيدا قىلىش؛ (2)رەقىبىنىڭ دىققىتىنى باشقا يەرگە بۇراپ ھەقىقى مەقسەتنى رەقىبنىڭ بىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئاندىن تويۇقسىز زەربە بېرىش؛ (3) بۇنىڭدا ھەممە ئادەمنىڭ نەزىرىدە ئەڭ روشەن، ئەڭ نورمال دەپ قارالغان يەرگە ئەڭ چوڭ مەخپىي مەقسەتنى يۇشۇرۇپ نىشانغا يېتىشنى كۆرسىتىدۇ. يۇشۇرۇش بەزىدە ئۆز ئادىمىدىن يۇشۇرۇش بولسا، بەزىدە رەقىبىدىن يۇشۇرۇش بولىدۇ.
بۇ پەم ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا كۆپ ئىشلىتىلىپ، نىشانغا ئۈنۈملۈك يېتىدۇ. تارىختا بۇنىڭغا مىساللار ناھايىتى كۆپ. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيەنىڭ “چاقماق ئۇرۇشى”، ياپۇنىيەنىڭ ئامىركا پېرىل خاربور پورتىغا تويۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ھەربىي پاراخودلارنى دېڭىزغا چۆكتۈرۋېتىشىمۇ بۇنىڭغا ئەمەلىي مىسال بولىدۇ. ياپۇنىيە شۇ ھۇجۇمنى قوزغاشتىن بۇرۇن دۇنياغا بەرگەن تەسىرىدە ئۇ يەرگە ھۇجۇم قىلىشنى ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرمىگەن. بۇ ئىشتا شۇ چاغدىكى ئامىركا زوڭتۇڭى(روزۋېلت)مۇ ئوخشاش پەم بىلەن ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتكەنمىشكەن. يەنى شۇ چاغلاردا زوڭتۇڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىغا ئامىركىنىڭ قاتنىشىشىنى خالايدىكەن، ئەمما دۆلەت ئىچىدە ئۇرۇشقا قارشى خەلىقنىڭ ئاۋازى بەك كۈچلۈك بولغاچقا ئۇرۇشقا كىرىشكە يول چىقمىغان. تەھلىلچىلەرنىڭ دىيىشىچە شۇ چاغدا زوڭتۇڭ، ياپۇنىيەنىڭ شۇ پورتنى بومباردىمان قىلىشىدىن ئىلگىرىلا خەۋەر تاپقان ياكى بىلىدىغان بولۇپ، بۇنى ئامىركا خەلقىدىن يوشۇرغان، ئاندىن شۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئامىركىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ قېتىملىق ۋەقەدە ياپۇنىيە تاكتىكا جەھەتتە غەلىبە قىلغان، ئەمما سىتارتىگىيە جەھەتتە ئامىركا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن دەپ قارايدۇ.
تارىختا، مىلادىدىن ئىلگىرى 12 -ئەسىردە كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىدا يۈز بەرگەن “تېرويى ياغاچ ئات” ۋەقەسىمۇ دەل مۇشۇ پەمنى ئىشلەتكەن. بۇ توغرىسدا بىر كىنومۇ بار. غايەت زور بىر ياغاچ ئاتنى ياساپ ئۇنىڭ ئىچىگە جەڭگە ماھىر كىشىلەرنى يوشۇرۇپ ھەم ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ، رەقىبى بۇ ياغاچ ئاتنى خاتىرە بويىمى قىلىش سۈپىتىدە ساقلاش ئۈچۈن نۇرغۇن كۈچ چىقىرىپ ئوردا سېپىلىنڭ ئىچىگە ئەكىرىپ تۇختىتىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كېچىسى بولغاندا بۇ ياغاچ ئاتنىڭ ئىچىدىكى جەڭچىلەر چىقىپ سېپىل دەرۋزىسىنى ئېچىپ سىرتتىكى قوشۇننى كىرگۈزىدۇ ھەم شەھەرنى ۋەيران قىلىپ غەلىبە قىلىدۇ.
جۇڭگۇدىكى ئۇرۇشلاردا، چاۋشەن ئۇرۇشى، ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشلىرىدا، كوسوۋو ئۇرۇشىدا ، ئىراق ئۇرۇشلىرىدىمۇ بۇ پەمنى ئىشلەتكەن ئەھۋاللار بار.
بۇ پەم، كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە ئادەت بولۇپ قالغان ئشلارغا قارىتا ئانچە دىققەت قىلمايدىغان، بەلكى ئالاھىدە ئەھۋالغا بەكرەك دىققەت قىلىدىغان پىسخكىسىدىن پايدىلىنىپ، ھەممە ئادەمگە نورمال كۆرىنىدىغان ھالەتنىڭ ئارىسىغا مەخپىيەتلىكنى يۇشۇرىدۇ. بۇ خۇددى ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى بەزى ھايۋاناتلار بەدىنىنىڭ رەڭگىنى ئۆز مۇھىتىنىڭ رەڭگىگە ئوخشاش قىلىپ ئۆزگەرتىپ يۇشۇرۇنغىنىغا ئوخشاش. شۇنىڭدا باشقىلار ئۇنى ئاسان بايقىيالمايدۇ. ئوۋلىغۇچى مۇھىتنىڭ رەڭگىگە كىرىپ يۇشۇرۇنۇشتىكى مەقسىتى ئوۋلانغۇچىنىڭ كۆرمەي قېلىپ ئۇنىڭغا يەم بولىشىنى مەقسەت قىلىدۇ، ئوۋلانغۇچىنىڭ شۇنداق قىلىشى خەتەردىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. “ئاق ئىشەكنى ئايدىڭدا تاپماق تەس” بولىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئىش.
2. 围魏救赵wéi wèi jiù zhào
ۋېى بەگلىكىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ ، جاۋ بەگلىكىنى قۇتقۇزۇش
مىلادىدىن ئىلگىرى 354 -يىلى ۋېى بەگلىكى جاۋ بەگلىكىگە جازا يۇرۇش قىلىپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا جاۋ بەگلىكىنى يۇقۇتۇشقا ئازلا قالىدۇ، شۇ چاغدا جاۋ بەگلىكى چى بەگلىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ، چى بەگلىكى ياردەم بېرىشنى ماقۇل كۆرۈپ تيەنجى(قۇماندان) بىلەن سۈنبىننى(مۇشاۋۇر قىلىپ ) ئۇرۇشقا ئەۋەتمەكچى بولىدۇ. ئەگەر بۇلار قوشۇن باشلاپ مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالغان جاۋ بەگلىكىگە بېرىپ ئۇرۇش قىلسا ئىككى بەگلىك بىرلىشىپمۇ ۋېى بەگلىكىنىڭ قوشۇنلىرىنى يېڭىش مۇمكىنچىلىكى كىچىك بولغاچقا، ئۇ يەرگە بارماي، ۋېي بەگلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان ، يەنى پايتەختىگە يېقىن بولغان بىر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئەگەر ۋېى بەگلىكىنىڭ قۇشۇنلىرى جاۋ بەگلىكىدىن چېكىنمىسە ۋېي بەگلىكىنىڭ پايتەختىمۇ خەتەرگە ئۇچرايدۇ. شۇنداق قىلىپ جاۋ بەگلىكىنى بېسىۋېلىش ئالدىدا تۇرغان ۋېى بەگلىكىنىڭ قوشۇنى چېكىنىپ قايتىپ ئۆز بەگلىكىنى قوغداشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ پەم مۇشۇ ئۇرۇشنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
بۇ پەمدە، دۈشمەننىڭ كۈچلۈك يېرىگە ھۇجۇم قىلماي، ئۇنىڭ تارقاق، ئاجىز يېرىگە تېگىش قىلىش، ئەجەللىك يېرىگە تېگىش قىلىش، مەركەزلىك، كۈچلۈك يېرىنى بولسا پارچىلاپ، ئاندىن ھۇجۇم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا ۋېي بەگلىكىنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ۋاستە، مەقسەت بولسا جاۋ بەگلىكىنى قۇتقۇزۇش، شۇڭا مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قانداق ۋەستە قوللانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكچى. يەنى رەقىبنىڭ كۈچلۈك يېرىگە بىۋاستە تېگىش قىلماي، ئۇنىڭ ئاجىز ھەم ئەجەللىك يېرىگە تېگىش قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ پەم، رەقىبىنىڭ ئەجەللىك ھەم ئاجىز يېرىنى قوغدىمىسا بولمايدىغان ھالەتتىن پايدىلىنىپ، رەقىبىنىڭ شۇنداق يېرىگە تېگىش قىلىپ ئۇنى يەنە بىر ئىشتىن يېنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
كىنو:
http://www.56.com/u81/v_MjExNTQyMTQ.html
3. 借刀杀人jiè dāo shā rén
باشقىلارنىڭ قۇلى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش(پىچاق ئارىيەت ئېلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش)
رەقىبىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرى ، توقۇنۇشلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن كۈچلەندۈرۈپ ئۆزىگە ئۆزىنى خوراتقۇزۇش، يەنە 3-تەرەپنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ رەقىبىنى ئاجىزلىتىش، ئۆزىنى بولسا كۈچىنى ساقلاپ قېلىش.
ئارىيەت ئالغان نەرسىلەر: ئادەم كۈچى، بايلىق، شەرت-شارائىت، پەم -پاراسەت، ۋاستە-مۇھىت، جامائەت پىكرى، ئۈستۈنلىكى قاتارلىق نەرسىلەردۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى 3-تەرەپنىڭ ياكى رەقىبىنىڭ ئۆزىدىن بولىدۇ. ئۇرۇشقا ئۆزى بىۋاستە قاتناشماي تۇرۇپ رەقىبى ياكى 3- تەرەپنىڭ يۇقۇرقىدەك نەرسىلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن ئىشقا سېلىپ رەقىبىنى ئاجىزلىتىدۇ ، يوقىتىدۇ.
ئامىرىكا ئىراق ئۇرۇشىدا مۇشۇ پەمدىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. ئامىركا ئىراقتىكى قارشى كۈچلەر ۋە كوردلارنى قوللاپ يەنە بىر تەرەپنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاتقانلىقى دەل مۇشۇنىڭغا چۈشىدۇ. “باش شىتاپنى يۇقۇتۇش ھەركىتى”دىن كېيىن ئامىركىنىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا تەپىسلى قىلىپ ئىراقنىڭ ئىچىدىكىلەر سادام توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تەمىنلىگەن دەپ بايان قىلىپ سادامنىڭ ئۆز ئىچىدىكىلەرگە بولغان گۇمانىنى ۋە قالايماقانچىلىقنى قوزغىغان. شۇنداق قىلىپ سادام ئۆز ئىچىدىكى “خائىن”لارنى جازالىغان. مۇشۇ ئىشلاردا سادامغا ئۆز ئادەملىرىنىمۇ جازالاتقان بولىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.
يۇقۇرىدا ئېيتىلغان ئارىيەتكە ئالىدىغان نەرسىلەرگە قارايدىغان بولساق، كىشىلەر مۇرەككەپ تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ تەسىرىدە ، ئۆز قېرىنداشلىرىنى چەتكە قاقىدىغان، ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئازار بېرىپ، باشقىلارنىڭ “پىچىغى” بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنىمۇ سەزمەسلىكى مۇمكىن. سىزنىڭ رەقىبىڭىز 3- تەرەپنىڭ كۈچىدىنلا پايدىلىنىپ قالماي، ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ كۈچىڭىزدىن پايدىلىنىپ ئۆز توپىڭىزدىكىلەرنى، سىزنىڭ مەنپەتداشلىرىڭىزنى سىزدىن پارچىلاپ، ئۇلارنىڭ قۇلى بىلەن سىزنى ئاجىزلىتىشى مۇمكىن. ئۆز ئىچىڭىزدىن 3- تەرەپ ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يەنە تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان “ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ھېلىسى”نى ئۇزۇن ۋاقىت ئۈزلۈكسىز ئىشقا سېلىپ ئارىنى بۇزۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ھىسسىياتىغا تايىنىپ ئىش تۇتىدىغان، ئالدىراقسان، قىزىققان ، ساددا كىشىلەر ئاسانلا باشقىلارنىڭ “پىچىغى”غا ئايلىنىپ قالىدۇ، ھەم بۇنى “پىچاق ” بولۇپ قالغان كىشى ئاسان سەزمەيدۇ، ئۆزىنى ھەققانىيەتنى قوغدىغۇچى دەپ ھېس قىلىپ يۈرىۋېىدۇ. ئەمەلىيەتتە بەلكىم نەق ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئازار بەرگەن، ئۇلارنى يۇقاتقان بولىشى مۇمكىن. باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ، ئۆز رەقىبى ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كۆپرەك بىلىم ئىگەللەش، سوغۇققان بولۇش، كەڭ قۇساق بولۇش لازىم بولىدۇ. ئۆز توپىدىكى كىشىلەرگە ئالدىراپ نەشتەر سانچىدىغان بولماسلىق، ھەقىقى ئەھۋالنى ئىنچىكە سۈرۈشتۈرۈش، ئىختىلاپ مەسىلىلەردە كەڭ قۇساق بولۇش لازىم بولىدۇ. رەقىب تەرەپنىڭ تەشۋىقاتىدىن ئالغان نەرسىلەرگە ئالدىراپ ئىشىنىپ يەكۈن چىقىرىۋەتمەسلىك لازىم بولىدۇ.
بۇ پەم، كىشىلەرنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالنى بىلىپ كېتىشى تەس بولىدىغان ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىدۇ. يەنە كىشىلەرنىڭ قىزىققانلىقى، كەسكىنلىكى، ئالدىراقسانلىقى قاتارلىق پىسخىكا ئالاھىدىلىكلەردىن پايدىلىنىدۇ.
4. 以逸待劳yǐ yì dài láo
دەم ئېلىپ كۈچ توپلىۋېلىش، رەقىبىنى چارچىتىپ ئاجىزلىتىش؛ كۈتۈپ تۇرۇپ ھالسىزلانغاندا زەربە بىرىش
ئۆزى پايدىلىق شارائىتتا بولۇپ، رەقىبى قېيىن ئەھۋالدا بولغاندا بىۋاستە ھۇجۇم قىلماي، ئۆزىنىڭ كۈچىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا رەقىبىگە تېخىمۇ قېيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ، ھاردۇرۇپ ئاجىزلىتىشنى كۆرسىتىدۇ. رەقىبى ھالسىراپ ئاجىزلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا زەربە بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچ خىل شەكلى بار:
(1)ئۆزىگە كۈچ يىغىش؛ رەقىبىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن يېتەرلىك كۈچ لازىم بولىدۇ. ئۆزىنىڭ كۈچى رەقىبىنى يېڭىشكە يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋالدا ، ئىمكان قەدەر بىۋاستە ھۇجۇم قىلماي، مۇداپىيە قىلىش جەريانىدا ئۆزىگە كۈچ توپلىۋېلىش، شۇ جەرياندا رەقىبىنى ھاردۇرۇش؛
(2) رەقىبىنى ھاردۇرۇپ كۈچىنى خورىتىش؛ رەقىبى بەك كۈچلۈك بولغاندا بىھۇدە چىقىم تارتىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىمكان قەدەر رەقىبىنى كۆپرەك ھەرىكەت قىلدۇرۇپ ھاردۇرۇش، ئاندىن پۇرسەت تېپىپ قاخشاتقۇچ زەربە بېرىش؛
(3) پۇرسەت كۈتۈش؛ شارئىت پىشىپ يېتىلمىگەندە پۇرسەت كۈتۈش، پۇرسەت يارىتىش، ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇپ، رەقىبكە زەربە بېرىش پۇرسىتى چىققان ھامان زەربە بېرىش.
بۇ تەدبىرنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى، ئۆزى ياخشى شارائىتنى قولغا كەلتۈرۈپ يەنى ئەپلىك مۇداپىيەلىنىش، ئۆزىنىڭ كۈچىنى خوراتماسلىق بىلەن بىرگە ، رەقىبنى ئارتۇقچە كۈچ چىقارغۇزۇش، ھالسىرىغاندا پۇرسەتنى تۇتۇپ زەربە بېرىش.
بۇ پەم، رەقىبنىڭ يېڭىشكە ئالدىراش پىسخكىسىدىن بەكرەك پايدلىنىدۇ.
5.(chèn huǒ dǎ jié) 趁火打劫)
ئۇدۇل تەرجىمىسى: ئوت كەتكەن پۇرسەتتە بۇلاپ ئېلىش
ئۇيغۇر تىلىدىكى يېقىنلىشىدىغان مەنىسى: “توپىلاڭدا توقاچ ئوغۇرلاش” ؛ ئەمما خەنزۇ تىلىدا ئىپادىلەيدىغان مەنىسى سەل پەرىق قىلىدۇ: “ئۇغۇراش” بولماستىن، رەقىبى ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان چاغدىكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنى “بۇلاش”نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ يەردە “ئوت” دىگىنى، رەقىبىنىڭ پالاكەتكە ئۇرچىغان ، ئىچكى قالايماقانچىلىقى، تاشقى قالايماقانچىلىقى، ياكى ئىچكى -تاشقى جەھەتتىن قالايماقانچىلىققا ئۇچرىغان ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنە شۇنداق رەقىبى ئاپەتكە دۇچ كېلىۋاتقان پۇرسەتتە ھۇجۇم قىلىپ ئاز كۈچ بىلەن كۆپ نەپكە ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭدا نەچچە خىل ئەھۋال بولىدۇ: (1)رەقىبى قېيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن پۇرسەتتە، يەنى ئۆزلىرىنىڭ قېيىن ئەۋالدىن قۇتقۇزۇش بىلەن ئاۋارە بولغان پۇرسەتتە (بۇ چاغدا رەقىبىنىڭ سىرتقا قارىتا كۈچى ئاجىز بولىدۇ) ئۇنىڭغا تېگىش قىلىپ نەپكە ئېرىشىش؛ (2) رەقىبى ئاپەت ئىچىدە قالغاندا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ چوڭ ئاپەتنى كەلتۈرۈپ ئۇنى بىۋاستە ئۆلۈم گىرداۋىغا ئاپىرىپ قويۇش؛ (3) رەقىبى “ئوت ئاپىتى”نىڭ ئىچىدە قالغاندا، ئۇنىڭغا شەكىل جەھەتتە ياردەم بېرىپ (بۇ چاغدا ئۇ ياردەمنى رەت قىلمايدۇ)، يوشۇرۇن ئەدەپ بېرىش، “ياردەم بېرىش” ئارقىلىق ئۇنى تېخىمۇ چوڭ ئاپەت ئىچىدە قالدۇرۇش. (4) ئوتنى 3-تەرەپ قويغان بولسا ، “ئوتنى ئۆچۈرۈش” كە قاتنىشىپ نەپكە ئېرىشىش.
1977-يىلىدىكى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشى بۇنىڭغا بىر مىسال بولىدۇ. شۇ چاغدا ئافغانىستاندا ئىچكى جەھەتتە قالايماقانچىلىق بولغان پۇرسەتتە سوۋىت ئىتتىپاقى بېسىپ كىرىپ سېۋىتنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغان تەرەپنى يوقىتىدۇ، ھەم سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ھۆكۈمەتنى يۆلەپ تۇرغۇزىدۇ.
1982-يىلى ئىسرالىيەنىڭ لىۋانغا ھۇجۇم قىلىشىمۇ (4-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشى)بۇنىڭغا بىر مىسال بولىدۇ: شۇ چاغدا ئەرەپلەر ئىچىدە قالايماقانچىلىق بولۇپ ئىتتىپاق بولىشى ، سىرتقا كۈچكە تەڭ قارشى تۇرۇش شارائىتىنى يۇقاتقان. شۇنىڭ بىلەن ئىسرالىيە چاقماق تېزلىكىدە غەلىبە قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا ئىران-ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىسرالىيە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تۇيۇقسىز بېرىپ ئىراقنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى بىراقلا يوق قىلىۋەتكەنلىكىمۇ شۇ چاغدىكى ئىراق-ئىران ئۇرىشىدن ئىبارەت “توپىلاڭ”دىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.
بۇ پەم، رەقىبنىڭ ئىچكى قىسمىدا قاايماقانچىلىق بولغاندا سىرتقا قارىتا قارشىلىق كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدىغان ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىدۇ.
6.shēng dōng jī xī 声东击西
ئۇدۇل تەرجىمىسى: شەرىق تەرەپتىن ئاۋاز چىقرىپ، غەرىپ تەرەپكە ھۇجۇم قىلىش
مەنىسى: ئۇياقتىن شەپە بېرىپ قويۇپ، بۇ ياققا ھۇجۇم قىلىش
رەقىبى شەرىققە ھۇجۇم قىلىدىغاندەك ئۇچۇرغا ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى شۇ ياققا بۇرىۋېتىپ، رەقىبىنىڭ كۈچى ، دىققەت ئېتىۋارىنى شەرىققە قىلدۇرۇپ قويۇپ، تەييارلىقسىز ھەم ئاجىز ھەلەتتىكى غەرىپ تەرەپكە ھۇجۇم قىلىپ غەلىبە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا مۇنداق ئەھۋاللار بار: (1) بىردەم ئۇياققا بىر دەم بۇياققا ھۇجۇم قىلىش شەپىسىنى بېرىپ ، قايسى تەرەپكە ھۇجۇم قىلىشنى رەقىبى ئېنىق بىلەلمەي، ھەر ئىككى تەرەپكە دىققەت ئېتىۋارىنى قارىتىپ، كۈچىنى پارچىلاپ، ئەملىيەتتە مەركەزلىك قىلىپ بىر تەرەپكە ھۇقۇم قىلىش؛ (2) بىردەم ھۇجۇم قىلىپ قويۇپ يەنە چېكىنىش، رەقىب تەرەپ ئەمدى ھۇجۇم قىلمايدىغۇ دەپ تۇرغاندا يەنە ھۇجۇم قىلىش، يەنە ھۇجۇم قىلىدىغۇ دەپ ساقلىسا ھۇجۇم قىلماسلىق. ئەنە شۇنداق راست-يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ پۇرسەت چىقىرىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ زەربە بېرىش. (3) يالغان ھۇجۇم قىلىش، يەنى ھۇجۇم قىلىش نىشانى ئۇ تەرەپكە بولسىمۇ، ئاۋال بۇ تەرەپكە ھۇجۇم قىلىش، رەقىب تەرەپ كۈچىنى بۇ ياققا يۆتكەزگۇزۇپ، ئاندىن ئۇ تەرەپكە ھۇجۇم قىلىش. (4) بىر دەم ئۇياققا بىر دەم بۇ ياققا ھۇقۇم قىلىش جەريانىدا رەقىبنىڭ كۈچلۈك تەرىپى بىلەن تۇتۇشماي، ئاجىز تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىپ يوقۇتۇش. جۇڭگودىكى ئۇرۇشلار ۋە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا بۇ خىل تاكتىكا كۆپ ئىشلىتىگەنكەن. بۇنىڭدا رەقىبكە خاتا تۇيغۇ بېرىش مۇھىم ھالقا ھىساپلىنىدۇ.
ھەممە پەمدە رەقىبىنى قايمۇقتۇرۇش ئالاھىدىلىك بار،بەزىسىدە مەقسەتنى يۇشۇرغان بولسا، بەزىسىدە ۋاستىنى يۇشۇرىدۇ، قايمۇقتۇرۇشنى ياخشى قىلالماي، رەقىبى ئۇنى بىلىپ قالسا، “ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈش” قىلىدىغان ئاقىۋەتكە ئۇچرايدۇ.
7~12 رەقىبى بىلەن كۈچتە تەڭلىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللاردا كۆپرەك ئىشلىتىدىغان ھىلە. ئەمما بۇ خىل چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ
7. wú zhōng shēng yǒu 无中生有
يېقىن مەنىسى: يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىش، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش، نەيرەڭ ئىشلىتىش
بۇنىڭدا، يالغانغا راستنى ئارىلاشتۇرۇپ رەقىبنى قايمۇقتۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ ماھىيەتتە ئۈچ قەرتتىن بىر خىل رەڭنى تاپقۇزۇپ كىشىلەرنى ئالدايدىغان قىمارنىڭ شەكلىگە ئوخشايدۇ. يەنى ئىككى قارا رەڭلىك قەرت بىلەن بىر قىزىل رەڭلىك قەرتنى تۇتىۋېلىپ، كىشىلەرگە قىزىل رەڭنى تېپىۋالغانلار ئۇتىدۇ دەپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەردىن ئالغان قەرتنى “مانا قىزىلى، مانا قارىسى” دەپ كۆرسىتىپ قاتلاپ ئېلىپ بىر ئىككى قېتىم ئاستىدىكىسىنى تاشلايدۇ، كۆرگەن كىشى قىزىل قەرتنى ئاسانلا تېپىۋالىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئەمما قەرت ئويناتقان كىشى ئاخىرقى قېتىم قەرتنى يەرگە تاشلىغاندا ئاستىدىكىسىنى تاشلىماي، چاندۇرماي ئۈستىدىكىسىنى تاشلىسا كۈزەتكۈچى بىلەلمەي خاتا ھۆكۈم قىلىپ پۇلىنى ئۇتتۇرىدۇ. بايان قىلىنماقچى بولغان بۇ پەمنى “يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىش ” ياكى “تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش ” دىسەكمۇ پەقەت بۇ قىلتاقنىڭ بىر قىسىم تەرىپىنى بىلدۈرەلەيدۇ.
بۇ ھىلىنىڭ شەكىللىرى مۇنداق: (1) يوق نەرسىنى” بار” دەپ، تۈگمىدەك ئىشنى تۆگىدەك كۆرسىتىپ، كەڭ تەشۋىق قىلىپ رەقىنىبىڭ ئارىسىدا قالايماقانچىلىق تۇغدۇرىدۇ. “يالغان نەرسىنى يۈز قېتىم تەكرار تەشۋىق قىلسا راستقا ئايلىنىدۇ” دىگەن گەپ بۇنىڭغا چۈشىدۇ. يالغان نەرسىنى دەۋەرسە ئىشىنىپ قالدىغانلار كۆپىىيىدۇ، ھېچ بولمىسا گۇمان بولسىمۇ تۇغۇلىدۇ. ئادەملەر مەلۇماتلارنى تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن ئالىدىغان بولغاچقا ، يالغان نەرسە توقۇلۇپ، ياكى كىچىك نەرسە چوڭايىتلىپ، قىسمەنلىككە ياتىدىغان ئىشنى ئومۇمىلىققا كۆتۈرۈپ تەشۋىق قىلىۋەرسە نۇرغۇن كىشىلەردە خاتا چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ. مانا مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن رەقىبىگە پايدىسىز بولغان جامائەت پىكىرلىرى، چۈشەنچىلەرنى پەيدا قىلىپ رەقىبىنىڭ بىرلىك كۈچىنى ئاجىزلىتىۋېتىدۇ. ” تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش” ئۇقۇملىرىدىمۇ ئاساسلىق ئىسلام دىنىغا قارىتلغان ئۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭدا نەيرەڭلەر كۆپ. نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىلىدىغان كىشىلەر ئاز، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە ھەقىقى مۇسۇلمانلار سەت كۆرسىتىلىپ، بۆھتان قىلىنىپ، ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بەزى ئەھكاملىرى سەت كۆرسىتىلىپ بۇ جەرياندا نۇرغۇن كىشىلەر ئالدىنىشى مۇمكىن. (2) يالغاننى پەردازلاپ راست قىلىپ كۆرسىتىش؛ ساختا نەرسىنى ھەقىقىسى دەپ كۆرسىتىپ نەپكە ئېرىشىش؛ (3) ئىغۋا تارقىتىش، رەقىبى ئىتتىپاق ھەم تېنىچ تۇرغان ئەھۋالدا، يالغان ئاخبارات ياكى يالغاننى توقۇپ رەقىبىگە قالايماقانچىلىق تۇغدۇرۇش، ئاندىن پۇرسەت تېپىپ نەپكە ئېرىشىش. بۇ ھىلىنىڭ ئاساسلىق ھالقىسى، يالغانغا راستنى يۇشۇرۇش، رەقىبىگە يالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇپ كەينىدىن راستنى چىقىرىپ ئەدەپلەش، رەقىبىنىڭ كۆڭلىدە راستنى يالغانغا چىقىرىش قاتارلىق ئۇسۇل بىلەن رەقىبىنى قايمۇقتۇرۇپ ئەدەپ بېرىش.
بۇ پەمدە، كىشىلەرنىڭ كۆرگەن نەرسىسىگە قارىتا ئالدىراپ يەكۈن چىقىرىپ قويىدىغان ئاجىزلىقىدىن، خەۋەرلەردىن توغرا يەكۈنگە ئېرىشەلمەي خاتا ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئاجىزلىقدىن پايدىلىنىدۇ.
8. 暗渡陈仓 àn dù chén cāng
يېقىن مەنىسى: “جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا”
بۇنىڭدا، رەقىبىگە ئالدى تەرەپتىن يالغان ھۇجۇم قىلىپ، رەقىبىگە مۇشۇ يەردىن ھۇجۇم قىلىدۇ دىگەن تەسىرنى بېرىپ قۇيۇپ، يۇشۇرۇن ھالەتتە ئۇنىڭ كەينىگە ئاساسلىق كۈچنى ئۆتكۈزۈپ ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ. يەنى رەقىبىگە ئاشكارىلىغان ئىش يالغان، ئاساسلىق مەقسەت باشقا. كىشىلەرگە ئاشكارىلىغان ، كىشىلەر دىققىتى مەركەزلەشكەن ئىش باشقا، ئۇنىڭدىن چوڭ باشقا بىر مەقسەت يۇشۇرۇن بولىدۇ. قىلماقچى بولغان ئىشتىن رەقىبى باشقا بىر يەكۈن چىقىرىدۇ، ئەمما ھەقىقى چوڭ مەقسەت يوشۇرۇن ھالەتتە ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇنىڭدا مۇنداق شەكىللەر بار: (1) ھۇجۇم قىلىش يولىنى ھازىرلاپ رەقىبىگە شۇ يەردىن ھۇجۇم قىلىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزىدۇ، ئەمما ئاستىرتتىن باشقا يەردىن، يەنى رەقىبى ئويلىمىغان يەردىن ھۇجۇم قىلىدۇ. (2) ئاشكارا بىلەن يۇشۇرۇننى تەڭ ئىشقا سېلىش.
“ئۇ ياقتىن شەپە بېرىپ بۇ ياققا ھۇجۇم قىلىش” بىلەن “جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا” دىگەن بۇ ھىلەنىڭ ئوخشاش تەرىپىمۇ بار، پەرقىمۇ بار. ئوخشاش تەرىپى بولسا ھەر ئىككىلىسىدە رەقىبىگە خاتا چۈشەنچە ھاسىل قىلدۈرىدۇ، پەرقى بولسا ھۇجۇم قىلىش نۇقتىسى ئوخشىمايدۇ. يەنى، ئاۋالقىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىش نۇقتىسى باشقا-باشقا يۇشۇرغىنى ھۇجۇم قىلىش نۇقتىسى. كېيىنكىسىدە بولسا ھۇجۇم قىلىش نۇقتىسى بىر، ئەمما ھۇجۇم قىلىش يۆلۈنىشى يۇشۇرۇنغان، مەقسەت يۇشۇرۇنغان بولىدۇ.
2- دۇنيا ئۇرۇشىدا گېتلېر مۇشۇ تاكتىكا بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ دەسلەپكى ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەن. كېيىن بىرلەشمە قوشۇنمۇ شۇخىل تاكتىكىنى قوللىنىپ نورماندى قۇرۇقلىقىغا چىقىپ ئۇرۇش قىلغان. ئامىرىكا ئىراق ئۇرۇشىدا مۇشۇ تاكتىكىنى قوللانغان. ئىراققا نىسبەتەن ئاساسلىق قوشۇن كۈۋەيت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ دىگەن تەسىرنى بېرىپ، ئەملىيەتتە سەئۇدى تەرەپكە يىغىپ قويغان قىسىمنى ئاساسلىق ئىشقا سېلىپ ئۇرۇش ئۈنۈمىنى كۆرگەن.
ئامىركا باشچىلىقىدىكى تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە بېرىدىغان تەسىرى ، ئۇلار تېرورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىپ دۇنيانىڭ تېنىچلىقىنى ساقلىماقچى دەپ چۈشىنىىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ شۇ باھانىدە ئىراققا، ئافغانىستانغا قىلغان تاجاۋۇزلۇق ئۇرۇشلىرىنى بولسا ئوتتۇرا شەرىقتىكى نېفىت بايلىقىنى كونتىرول قىلىشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان دەپ چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولغان سىراتىگىيىلىك سىياسى نىشانلىرىنى بولسا كۆپ كىشى خىيالىغا كەلتۈرۈپ قويماسلىقى مۇمكىن. ئامىركىنىڭ شۇ ئىشلارنى قىلىشىدا ئەڭ چوڭ يۇشۇرۇن نىشانى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيۇشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۇنياغا خۇجىلىق قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى. ئامىركىنىڭ ھەممىدىن بەك ئەنسىرەيدىغىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيۇشىشىدۇر. ئەمما ئۇ بۇنى ئاشكارە جارسالمايدۇ، ئەنە شۇ تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىش، ئىسلام تېرورىزىمىغا قارشى تۇرۇش دىگەندەك ناملاردا ھەركەت ئېلىپ بېرىپ يۇقۇرقىدەك يۇشۇرۇن مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بازا تەشكىلاتى ۋە تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش دىگىنى ئاشكارە، ئوتتۇرا شەرىقنى كونترول قىلىش ئۇلارنىڭ بىر قىسىم يۇشۇرۇن مەقسىدى.
بۇ پەمدە، كىشىلەرنىڭ بەزى مەسىلىلەرنىڭ چوڭقۇر تەرىپىنى بىلەلمەي قالىدىغان ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىدۇ.
9. 隔岸观火 ge an guan huo
ئۇدۇل تەرجىمىسى: قىرغاق ئايرىپ ئوت تاماشىسى كۆرۈش
يېقىن مەنىسى: چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرۈش،
رەقىبىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قالايماقانچىلىق بولغاندا چەتتە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر-بىرىنى يوقۇتۇشىنى تاماشا قىلىپ كۆرۈش. بۇ يەردە كۆرسەتكەن “ئوت” رەقىبىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈز بەرگەن قالايماقانچىلىقنى كۆرسىتىدۇ، چەتتە تۇرۇش دىگەن گەپ ئۇلارنىڭ قالايماقانچىلىقىنىڭ تەسىرى بۇ تەرەپكە زىيان ئېلىپ كەلمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە تاماشا كۆرۈش مەقسەت ئەمەس، بەلكى پايدىغا ئېرىشىش مەقسەت بولىدۇ. رەقىبىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كۈزىتىش مەقسەت بولىدۇ. ھۇجۇم قىلىش شارائىتى بولمىغان ئەھۋالدا مۇشۇ تەدبىرنى قوللىنىدۇ. بۇنىڭغا مۇنداق ئەھۋاللار بار: (1) رەقىبىنىڭ ئىچكى قىسمىدا “كۆيىۋاتقان ئوت ” كۈچلۈك بولسا(يەنى ئىچكى ئۇرۇش، ئىچكى توقۇنۇش قاتارلىق ئىشلار )، بۇ چاغدا ھۇجۇم قىلسا ئۇلار بىرلىشىپ سىرتقا تاقابىل تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ ئىچكى “ئوتى” ئۆچۈپ ئىتتىپاق تۈزىۋېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا ، چەتتە جىم تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى خورىتىشىنى كۆرۈش؛ شۇنداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاپ قالىدۇ؛ (2) ئادەتتە تاشقى زىددىيەت كۈچلەنگەندە ، ئىچكى زىددىيەت پەسىيىدۇ، ئىچكى زىددىيەت كۈچلەنسە تاشقى زىددىيەت پەسىيىدۇ. ئىككى يولۋاس ئېلىشقاندا چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرۈش رەقىبنىڭ ئاجىزلىشىشىغا پايدىلىق بولىدۇ. (3) چەتتە تۇرۇپ ئوتنى تاماشا قىلىش مەقسەت ئەمەس، بەلكى شۇ ئوتتىن پايدا ئېلىش مەقسەت. شۇڭا رەقىبىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كەتكەن ئوتنى ئاستىرتتىن كۈچلەندۈرۈش، ياكى جىم تۇرغان بولسا ئوت قۇيۇپ ئاندىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ تاماشا كۆرۈپ رەقىبىنى ئاجىزلىتىش مەقسەت بولىدۇ. 1937-يىلى ياپۇن جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغاندا ،ئامىرىكا شۇنداق پوزىتسىيەدە بولغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە سوۋىت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندا چېرچىل شۇنداق پوزىتسىيە تۇتۇپ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى ئۈمىد قىلغان، چۈنكى ئۇ كوممۇنىزىمچىلارغا ئۆچكەنمىش، شۇڭا 2-ئۇرۇش مەيدانى ئېچىشنى قەستەن كەينىگە سۈرمەكچى بولغانكەن.
10. 笑里藏刀 xiào lǐ cáng dāo
“ئاغزىدا كۈلكە، قوينىدا بەكە” (ئاغزىدا كۈلكە-چاخچاق، قوينىدا پالتا -پىچاق)،
ئۇرۇشتا، سىياسى دىپلۇمات جەھەتتە ئۆزىنىڭ ئۇرۇش غەرىزىنى يۇشۇرۇپ تېنچلىق سۈيۈشنى ئىپادىلەپ ، رەقىبىنى بىخۇتلاشتۇرىدۇ ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىپ ۋاقتى كەلگەندە تويۇقسىز ئۇرىدۇ. بۇ يەردە دىگەن “ئاغزىدا كۈلكە” بولسا رەقىبىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ، ئۇنىڭغا دوستلۇقنى ئىپادىلىگەندەك قىلىدۇ، ھەم رەقىبىگە ھەقىقىي دۈشمەنلىكىنى ئاشكارىلمايدۇ. ياخشى مۇئامىلە بىلەن رەقىبىنىڭ ھۇشيارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، “پالتا -پىچاق”نى ئەنە شۇ “ياخشى مۇئامىلە”گە يۇشۇرۇش ، بۇ خىل ھىلىنىڭ مۇھىم ھالقىسى.
بۇنىڭدا مۇنداق شەكىللەر بولىدۇ: (1)ئاغزى ھەسەل ، دىلى زەھەر؛ يەنى قىلغان مۇئامىلىسىدىن ئۇنى دوست دەپ چۈشىنىپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە شۇ ئارقىلىق رەقىبىنىڭ ئەدىۋىنى بېرىدۇ. (2) كۆرۈنۈشتە دوستانە، ئەمما دۈشمەنلىكى يۇشۇرۇن بولىدۇ. (3) كۆرۈنۈشتە بوي سۇنغان، ئىتائەت قىلغاندەك قىلىدۇ، ئەمما دىلىدا ئۇنىڭ ئەكسى ساقلىنىدۇ، پۇرسەت كۈتۈپ رەقىبىنىڭ ئەدىۋىنى بېرىدۇ.
بۇ پەمدە، كىشىلەر ئادەتتە دوستىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ، ياخشى مۇئامىلىنىڭ دوستقا قىلىنىدىغان ئادەتتىن پايدىلىنىپ، ياخشى مۇئامىلىنىڭ ئارىسىغا دۈشمەنلىكنى يۇشۇرۇپ رەقىبىنىڭ سېزىپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ مەقسىدىگە يېتىدۇ.
11. 李代桃僵lǐ dài táo jiāng
ئۇدۇل تەرجىمىسى: شاپتۇل دەرىخىنىڭ ئورنىدا ئالۇچا دەرىخى قۇرۇپ قېلىش
مەنىسى: كىچىكنى قۇربان قىلىپ چوڭىنى ساقلاپ قېلىش
بۇنىڭدا، قۇربان بېرىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە كىچىك قىسىمنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئاساسىي قىسىمنى بىخەتەر ساقلاپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەدبىر ئۇرۇشلاردا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بەزىدە ئامال بولمىغاندا كۆپ سانلىقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئاز بىر قىسىم كىشىنى قۇربان قىلىدۇ؛ چوڭ مەنپەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆز ئالىدىدكى كىچىك مەنپەتنى قۇربان قىلىدۇ؛
بۇ تەدبىرنىڭ مۇنداق كۆرۈنۈشلىرى بار: (1) توپنى قۇربان قىلىپ شاھنى ساقلاش (شاخمات تاختىسىنى تەمسىل قىلغان)؛ يەنى مۇھىم بولغىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن تۆۋەننى قۇربان قىلىش؛ (2) چوڭ مەنپەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كىچىك مەنپەتتىن ۋاز كېچىش؛ (3) غۇللۇق يەرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شاخچە قىسىمنى قۇربان قىلىپ قۇتۇلۇش ؛ (تام پاتمىچۇقى دەل بۇنىڭغا تەمسىل بولىدۇ. ئۇنى قۇيرىقىدىن تۇتىۋالغاندا، پۇتۇن بەدەن قىسمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، قۇيرىقىنى ئۆزى ئۈزىۋېتىپ قېچىپ كېتىدۇ)
(4) باشقىلارنى قۇربانلىققا تۇتۇپ بېرىدۇ؛ (5) باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قۇربان بېرىدۇ.
بۇ تەدبىرنىڭ ئەھمىىيىتىنى چۈشەنمەك تەس ئەمەس. رەقىبى تەرىپىدىن چوقۇم زىيانغا ئۇچراشتىن باشقا چارە بولمىغاندا ئاز بىر قىسىمنى كۆپنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭغا “كۆۋرۈك” دىگەن كىنو فىلىمدا بايان قىلىنغان ئەھۋال مىسال بۇلالايدۇ. يۇگۇسلاۋىيە پارتىزانلىرى 5مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلۈتۈش ئۈچۈن ، گېرمانىيە قۇشۇنىنىڭ ئۆتەر يولىدىكى چوڭ كۆۋرۈكنى پارتلىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭدا شۇ 5مىڭ ئادامنىڭ ھاياتنى ئۈچۈن شۇ كۆۋرۈكنى قۇربان قىلىدۇ.
12. 顺手牵羊shùn shǒu qiān yáng
ئۇدۇل تەرجىمسى: باشقىلارنىڭ قويىنى غىپپىدە يىتىلەپ مېڭىش، (مەنىسى: پۇرسەت ئالدىغا كېلىپ قالغاندا ئېرىشىش ئاسان بولسا كىچىك پايدىنىمۇ قولدىن بەرمەي غىپپىدە سوقۇۋېلىش)
بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنى، ئەسلىدە قۇي ئۈچۈن بارمىغان، باشقا ئىش ئۈچۈن بارغان كىشى، كېتىۋېتىپ ئالدىغا دۇچ كېلىپ قالغان، ئاسانلا ئېرىشىدىغان نەپنى قولدىن بەرمەي ئېلىپ ماڭغانلىقىنى دىمەكچى. يەنى رەقىبىگە كىچىك بولسىمۇ زىيان بولىدىغان بولسا، ئۆزىگە بولسا كىچىك بولسىمۇ پايدا بولىدىغان بولسا ،ئالدىغا دۇچ كېلىپ قالسا قولدىن بېرىۋەتمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خۇددى رەقىبىنىڭ باغلاقلىق قۇيىنىڭ ئارغامچىسىنى يېشىپ يېتىلەپ ماڭغاندەكلا ئاسان ئېرىشىدىغان نەپنى قولدىن بېرىۋەتمەسلىككە تەمسىل قىلىنغان. ئاز كۈچ بىلەن رەقىبىگە كىچىك زىيان سالىدىغان ئىش بولسىمۇ پۇرستى كېلىپ قالسا غەنىمەت بىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا “قوي”نىڭ ئالدىغا كېلىشىنى ساقلىماي، پۇرسەت تېپىپ، رەقىبىنىڭ يوچۇغىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى كىچىك بولسىمۇ چىقىمدار قىلىپ ئاجىزلىتىشنى كۆرسەتمەكچى. لېكىن ئاساسلىق مەقسەتكە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا ئېلىپ بارىدۇ. كىچىك پايدىنى ئالدىم دەپ پەقەت رەقىبىنىڭ يەمچۈكىنى ئېلىپ مېڭىش رەقىبىنىڭ قىلتىقىغا دەسسىگەنلىك بولىدۇ. پاتمىچۇقنىڭ قۇيرىقىنى تۇتۇپ قېلىپ ئۇنىڭ گەۋىسىنى قاچۇرۇپ قويۇش رەقىبىنىڭ قىلتىقىغا دەسسىگەنلىك بولىدۇ. تۇگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قېلىشقا بولمايدۇ.
13-18 ھۇجۇم قىلىش شارائىتى بولغان ئەھۋاللاردا كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان تاكتىكا
13. 打草惊蛇dǎ cǎo jīng shé
چۆپنى ئۇرۇپ يىلاننى ئۈركىتىش
بۇنىڭدا ئىككى خىل ئەھۋال بار: كۈچلۈك تەرەپ ھۇجۇمغا ئۆتكەندە ئاجىز بولغان رەقىبى يۇشۇرۇنغان ياكى بۆكتۈرمە قويغان بولسا “چۆپنى ئۇرۇپ، يىلاننى چۆچۈتۈپ” ئۇنىڭ يۇشۇرۇنغان يېرىدىن ئاشكارا قىلىپ ئۇنى يوقۇتۇش؛ ئىككىنچى خىل ئەھۋال رەقىبىنىڭ يۇشۇرۇنغان يېرىنى ئالدىن بىلىپ بولۇپ، ئەپلەپ بىراقلا يوقۇتۇش ئۈچۈن “يىلاننى چۆچۈتۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش” تاكتىكىسىنى قوللىنىدۇ. شۇڭا “يىلاننى ئۈركىتىش” پەمى بەزىدە ئاكتىپ قوللىنىپ يىلاننى ئاشكارا قىلىشنى مەقسەت قىلسا، بەزىدە رەقىبىنى بىراقلا يوقۇتۇش ئۈچۈن يىلاننى ئۈركۈتۈپ قۇيۇپ ئۇنىڭ باشقىچە يۇشۇرىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن “يىلاننى ئۈركۈتۈش”تىن ساقلىنىش تاكتىكىسى قوللىنىلىدۇ.
بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن “ئوت-چۆپ” بولسا رەقىبىنىڭ ئوخشىشى، “يىلان” بولسا رەقىبىنىڭ ئۆزى شۇ. يىلاننى ئۈركىتىشنىڭ مۇنداق مەقسەتلىرى بولىدۇ: (1) يىلاننىڭ يۇشۇرۇنغان يېرىنى بىلمىگەچكە، قەستەن ئوت-چۆپلەرنى تاياق بىلەن ئۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ نەگە قانداق يۇشۇرۇنغانلىقىنى بايقاپ ئۇنى يۇقۇتۇش، يۇشۇرۇنغان يېرىدە چېقىۋېلىشى(تۇيۇقسىز زەربسى)نىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ (2) يىلاننى قوغلىۋېتىشنى مەقسەت قىلىش؛ رەقىبىگە ۋاستىلىق ھەيۋە قىلىپ ئۇنىڭ ئورنىدىن يۆتكىۋېتىش؛ (3) چۆپنى ئۇرۇپ يىلاننى سەگىتىش؛ يۇشۇرۇنغان رەقىبىنى قورقۇتۇپ ھەركەت قىلالماسلىقى ئۈچۈن، بىر قىسىم ھەركەتلەرنى قىلىپ، بىر قىسىملارغا زەربە بېرىپ، يۇشۇرۇنغان يەنە بىر قىسىملارغا ۋەھىمە سېلىش.
ئىراق ئۇرۇشىدا “يىلاننى ئۈركىتىش” تاكتىكىسىنىمۇ قوللانغان. ئاۋال قېتىمقى پارىس قولتۇقى ئۇرۇشتا ئىراق تەرەپ ئاشكارا ھالەتتە تۇرۇپ ئامىركا -ئەنگىلىيەنىڭ ھاۋادىن قىلغان ھۇجۇمىدا كۆپ زىيان تارتقاچقا، كېيىنقى قېتىملىق ئىراق ئۇرۇشىدا ئىراق تەرەپنىڭ ھەربىي كۈچى كۆپىنچە يۇشۇرۇن ھالەتتە بولغان. بۇ چاغدا ئامىرىكا تەرەپ “يىلاننى ئۈركىتىش” تاكتىكىسىنى قوللانغان. يەنى ئاۋال ئاز بىر قىسىم ھەربىي كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئىراق تەرەپنىڭ يۇشۇرۇنغان يېرىدىن ئاشكارىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئاندىن تويۇقسىز ھاۋادىن كېلىپ ھۇجۇم قىلىپ ئىراق تەرەپكە ئۈنۈملۈك زەربە بەرگەن. ئامىركا قوشۇنى باغداتقا كىرىشتىن ئاۋال ئاز بىر قىسىم تانكىنى ئىشقا سېلىپ باغداتقا كىرىپ بىر ئايلىنىپ چىققان، بۇنىڭدىكى مەقسەتمۇ باغداتتىكى ئىراق ھەربىي كۈچىنى ئاشكارىلاپ ئاندىن زەربە بېرىش، يەنى “يىلاننى ئاشكارىلاپ زەربە بېرىش” تاكتىكىسىنى قوللانغان.
ھەر قايسى دۆلەتلەردە ھاكىمىيەت بېىشىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى بىر قىسىم تەشكىلاتلارغا قارىتا، ھۆكۈمەتلەرمۇ “چۆپنى ئۇرۇپ يىلاننى چۆچۈتۈش” تاكىتكىسىنى قوللىنىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. چۈنكى ئادەتتە قارشى كۈچلەرنىڭ پائالىيىتى كۆپىنچە يۇشۇرۇن بولىدۇ.
14. 借尸还魂jiè shī huán hún
ئۇدۇل تەرجىمسى: جەسەتنى ئارىيەت ئېلىپ روھىنى بېرىش (مەنسى: باشقىچە قىياپەتتە تىرىلدۈرۈش، باشقىچە شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىرىش)
بۇرۇن خەنزۇلار ئارىسىدا بەزى خۇراپىي ئاڭدىكى كىشىلەرنىڭ قارىشىدا ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى باشقا بىرىنىڭ تېنىدە تىرىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلغان. بۇ يەردە ئارىيەتكە ئالماقچى بولغان “جەسەت” ، ئىلگىرى تەسىر كۈچى زور بولغان، ئەمما ئۇ ئۆلگەن، تەسىر كۈچى قالمىغان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭغا باشقا روھنى كىرگۈزۈپ تىرىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تەسىر كۈچۈنى كۈچەيتىشنى كۆرسىتىدۇ.
ياپۇنىيە تاجاۋۇزچىلىرى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلدە مانجۇرىيە دۆلىتىنى قۇرۇش ھىلىسى دەل مۇشۇ “باشقىچە قىياپەتتە تىرىلدۈرۈش” كە مىسال بۇلالايدۇ. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاسى پۇيى، شىنخەي ئىنقىلاۋىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن ئورنىنى بوشىتىشقا مەجبۇر بولۇپ تەسىر كۈچۈنى يۇقاتقان. 18- سىنتەبىر ۋەقەسدىن بۇرۇن ياپۇنلار ھەربىي كۈچ بىلەن شەرقى-شىمالنى بېسىۋېلىپ، ئۇ يەرگە قانداق ھۆكۈمرانلىق قىلىش مەسىلىسىدە باش قاتۇرغان. ياپۇنىيە پۇيىنىڭ ئالاھىدە رولىدىن پايدىلىنىپ 1932-يلى شەرقىي شىمالنى جۇڭگودىن پارچىلاپ مانجۇرىيە دۆلىتى قۇرۇپ ئۇنىڭغا پۇيىنى باش قىلىپ، جۇڭگولۇق ئارقىلىق جۇڭگۇلۇقنى باشقۇرۇش ھىلىسىنى قوللانماقچى بولغان. يەنى تەسىر كۈچى ئۆلگەن پۇيىنى باشقىچە قىياپەتتە ئوتتۇرغا چىقىرىپ شەرقىي شىمالغا پايۇنلار ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى بولغان. لېكىن بۇ ئىشتا ياپۇنىيە مەغلۇپ بولۇش ئاقىۋىتىدىن قۇتۇلالمىغان. 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ياپۇن تەسلىم بولۇپ، پۇيىمۇ قولغا ئېلىنغان، باشقىچە قىياپەتتە تىرىلدۈرمەكچى بولغان ھىلىسى ئەمەلگە ئاشماي ئاخىرلاشقان.
بۇ ھىلىدە، بەزى شەخىس ياكى نەرسىلەرنىڭ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قارىشىدا تەسىر كۈچى چوڭ بولغان، ئەمما ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچى قالمىغان ئەھۋالدا ، ئۇنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ باشقا بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقرىشتا پايدىلىنىدۇ. بۇ ھىلە سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە دىپلۇمات ئىشلىرىدا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
15. 调虎离山diào hǔ lí shān
يولۋاسنى تاغدىن ئالداپ چۈشۈرۈش (رەقىبىنى ياخشى شارائىتتىن مەھرۇم قىلىش)
شەرت-شارائىتقا قارىماي قاراملارچە ھۇجۇم قىلىش مەغلۇپ بولۇش ئاقىۋىتىگە قالدۈرىدۇ. رەقىبى ئەپلىك شارائىتقا ئىگە بولۇپ، ئۇرۇشقا تاييارلىنىپ تۇرغاندا ، ئۇنىڭغا ئۇدۇل ھۇجۇم قىلماي، ئەپچىللىك بىلەن ئازراق يەمچۈك تاشلاپ ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا ، مۇداپىيەلىنىشقا پايدىلىق بولغان يەردىن يۆتكىلىپ، ئۇنىڭغا زەربە بېرىش قۇلايلىق بولغان يەرگە كىلىشكە ھىلە ئىشلىتىش، ئاندىن پاسسىپ ھالەتتىن ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتۈش، بۇ پەمنىڭ مەزمۇنىدۇر. بۇ پەمنىڭ ھالقىلىق نۇقتىسى “يۆتكەش”تە، يەنى رەقىبىنى ئەپلىك شارائىتتىن مەھرۇم قىلىشتا. چۈنكى رەقىبى مۇستەھكەم ئىستىھكامدا، ھەربىي كۈچى كۈچلۈك، قوغدىنىشقا ئەپلىك، ئۇنىڭغا بىۋاستە ھۇجۇم قىلىپ يەڭگىلى بولمايدۇ، ئۇنى پەم بىلەن “تاغ”دىن چۈشۈرگەندىلا ئاندىن يېڭىش مۇمكىن. بۇ پەمنىڭ قېيىن نۇقتىسىمۇ دەل مۇشۇ “تاغدىن چۈشۈرۈش”، چۈنكى رەقىبىمۇ بۇنداق شارائىتتىن ئاسان قوزغالمايدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا ئۇستاتلىق ئىشلىتىش توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ مۇنداق شەكىللىرى بار:
(1)راست يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ، قالايماقانچىلىق تۇغدۇرۇپ رەقىبنىڭ قايمۇقۇپ خاتا ھۆكۈم قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛ (2) رەقىبنى جىلە قىلىپ تېرىكتۈرۈپ ، ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ يىنىكلىك قىلىپ چولتا ھۆكۈمقىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ (3) رەقىبنىڭ ئىچكى قىسمىدا ياكى تاشقى قىسمىدا ئاپەت پەيدا قىلىپ ئۇنىڭ يۆتكىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛ (4) كىچىك پايدىنى ، بەزىدە چوڭ پايدىنى يەمچۈك قىلىپ ئېزىقتۇرۇپ رەقىبىنى پايدىلىق شارائىتتىن يۆتكىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛
مىسال:
12-ئەسىردە كىرىست تاجاۋۇزچىلىرغا قارشى قوشۇن باشلاپ ئۇرۇش قىلغان سالاھىدىن دىگەن كىشى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا مۇشۇ پەمنى ئىشلەتكەن. 1187-يىلى 7-ئايدا، سالاھىدىن قوشۇن باشلاپ پەلەستىننى بېسىپ ياتقان كىرىست تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ، ئېرسالىم پادىشاسى 10مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. شۇ چاغدا سالاھىدىننىڭ قوشۇنى مەغلۇپ بولسا چېكىنىشكىمۇ ئامالسىز بولۇپ ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق، ئەمما كىرىست قوشۇنى مەغلۇپ بولسىمۇ يەنە بىر شەھەرگە چېكىنىپ كېتەلەيدىغان يولى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سالاھىدىن ئېراسالىمغا تېگىش قىلماي ئۇ يەردە مۇستەھكەم قارشىلىق كۈچىگە ئىگە دۈشمەننى سېپىل سىرتىغا چىقىرىش ئۈچۈن، باشقا بىر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئېرۇسالمىدىكى دۈشمەن قوشۇنىنى ياردەمگە چىقىشىغا مەجبۇر قىلىدۇ، ھەم ئۇلارنىڭ ئۆتەر يولىغا بۆكتۈرمە قويۇپ قويىدۇ، سالاھىدىن قوشۇنى يەنە بىر شەھەرگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن ئىروسالىمدىكى كىرىست قوشۇنى ياردەمگە چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر كۈن ئىسسىقتا چارچىغان كىرىست قوشۇنى كېچىدە ھېلىقى بۆكتۈرمە قوشۇن بىلەن سالاھىدىننىڭ قوشۇنى بىرلىشىپ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ مەغلۇپ بولىدۇ.
16. 欲擒故纵yù qín gù zòng
تۇتۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز مەيلىگە قويىۋېتىش ، ئاغامچىنى ئۇزۇن قويىۋېتىش
“قويېۋېتىش” بىلەن “تۇتۇش” بىر -بىرىگە زىت سۆزلۈك بولىسمۇ، بۇ يەردە مەيلىگە قويىۋېتىش ۋاقىتىنچە بولىدۇ، ھەم قويىۋېتىشتىكى مەقسەت ئۇنى تۇتۇش بولىدۇ. مەيلىگە قويىېتىلسە ھۇشيارلىقى تۈۋەنلەيدۇ شۇنىڭ بىلەن ئاسان تۇتقىلى بولىدۇ. ئۇرۇشتا رەقىبنى بەك قىستىسا، قېچىش يولىنىمۇ قويمىسا، رەقىبىنىڭ بارلىق كۈچى بىلەن جان تىكىپ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئاچراش مۇمكىن. شۇڭا ئۇنى بوش قويىۋېتىپ ھۇشيارلىقىنى تۆۋەنلىتىپ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشىلىق قىلىشىدىن ساقلىنىپ، ئاندىن يۇقاتسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇنىڭغا قېچىش يولىنىمۇ قالدۇرۇپ، قارشىلىق قىلىش روھىي كۈچۈنى تۆۋەنلىتىپ، ھاردۇرۇپ ئاستا-ئاستا يۇقانقاننىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. بىراق ئۇنى بىراقلا قاچۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. بۇ خىل تەدبىر خۇددى يىپنى ئۇزۇن ھەم بوش قويىۋېتىپ بېلىقنى تۇتقانغا ئوخشايدۇ. بېلىق قارماققا ئېلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يىپىنى دەرھال تارتىپ سۇدىن چىقىرىشقا ئۇرۇنسا بېلىق بارلىق كۈچى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، يىپنى ئۇزۇپ، ياكى ئۈسكىنىنى سۇندۇرۇپ قېچىشى مۇمكىن. ئەكسىچە يىپنى تارتماي قويىۋېتىپ تۇرسا بېلىق ئاستا -ئاستا قارشىلىق قىلىپ يىپنىمۇ ئۈزىۋېتەلمەيدۇ، ھەم شۇ جەرياندا ھېرىپ ھالىدىن كېتىدۇ. شۇ چاغدا يىپنى ئاستا-ئاستا تارتىپ چىقارسا بېلىقنى ئۈنۈملۈك تۇتقىلى بولىدۇ.
ئۈچ پادىشالىق ھەققىدە قىسسەدە بايان قىلىنغان جۇگېلىياڭنىڭ مېڭخونى يەتتە قېتىم تۇتۇپ يەتتە قېتىم قويىۋېتىشى دەل مۇشۇ تەدبىرنىڭ بىر مىسالى بولىدۇ. مېڭخونى قويىۋېتىش جۇگېلىياڭنىڭ مەقسىتى ئەمەس ، بەلكى ئۇنى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بوي سۇندۇرۇپ ئارقا سەپنىڭ تېنىچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇنىڭ مەقسىدى. مېڭخو دىگەن بىر ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان باتۇر بولۇپ، ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرگەن بىلەن ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى يەنە داۋاملىق ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنى چىن دىلىدا قايىل قىلىپ ئۇنى قولغا كەلتۈرسە، ئۇ كىشى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى قايتا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرمايدۇ، ئارقا سەپنىڭ تېنچلىقى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا جۇگېلىياڭ بۇنىڭغا “ئارغامچىنى ئۇزۇن قويىتىپ ھەقىقى تۇتۇش” تەدبىرىنى قوللانغان. 7 قېتىم تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۇ كىشى ھەقىقى ئەل بولۇپ جۇگېلىياڭ ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا رازى بولىدۇ. دىمەك، ئۇنى ھەقىقى تۇتقان بولدى.
بۇ تەدبىرنى قولىنىشتا مۇنداق ئەھۋاللار بار: (1) رەقىبى قېچىپ ھارغاندا ئاندىن تۇتۇش؛ قاچقاندا دەرھال قوغلاپ تۇتماي قېچىپ ھارغاندا، كۈچى قالمىغاندا، قارشىلىق قىلىش كۈچىنى يۇقاتقاندا ، ئاندىن تېگىش قىلىپ يوقۇتۇش؛ (2)رەقىبىنى بېقىپ سەمرىتىپ ئاندىن ئۆلتۈرۈش؛
بۇ تەدبىر، ئادەتتە رەقىبنىڭ بىر قىسىم ئەھۋالى ئايدىڭ، بۇ بىر قىسمىنى يۇقۇتۇشمۇ ئاسان، ئەمما ئارغامچىنى ئۇزۇن قويىۋېتىپ ئۇنى يىپ ئۇچى قىلىپ رەقىبنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى تولۇق ئىگەللەپ ئاندىن يوقۇتۇشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ ھالقىلىق يېرى رەقىبىگە يىپنى ۋە يىپنىڭ ئۇزۇن قويىۋېتىلگەنلىكىنى سەزدۈرمەسلىك. بۇ خىل ئەھۋال رەقىبنىڭ يۇشۇرۇن تەرەپلىرىنى يوقۇتۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ تەدبىر(ئۆز مەيلىگە قويىۋېتىپ تۇرۇپ كونترول قىلىش) ئىسلام دىنىغا ئىشلىتىلسە مۇنداق ئىشلىتىلىدۇ: ئارغامچا بىراقلا يىغىۋېتىلمەيدۇ، يەنى دۆلەتلەر ئىسلام دىنىنى بىراقلا چەكلىۋەتمەيدۇ، چۈنكى ئىسلام دىنى بىراقلا چەكلەنسە مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق كۈچى بىلەن قارشىلىق قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئەكسىنچە ئارغامچىنى ئۇزۇنراق قويىۋېتىپ كونترول قىلىنسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، ئەكىنلىكىمىز بار دەپ ئىسلامنىڭ بىر قىسىم شەكلىنى تۇتۇپ قېلىۋېرىدۇ، نامدىكى مۇسۇلمانلار بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.
17. 抛砖引玉pāo zhuān yǐn yù
تەرجىمىسى: كىسەكنى تاشلاپ، قاش تېشىنى سۆرەپ چىقىش(ئېرىشىش)؛
ئۇيغۇر تىلىدا: قۇم-شېغىل تۆكۈپ، ئۈنچە مارجانغا ئېرىشىش،
بۇ يەردە تىلغا ئالغان كىسەك بولسا كىچىك مەنپەتنى كۆرسىتىدۇ، قاش تېشى بولسا چوڭ مەنپەتنى كۆرسەتمەكچى. ئۇرۇشتا ، كىچىك پايدىنى يەمچۈك قىلىپ تۇرۇپ چوڭ پايدىغا ئېرىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. بېلىققا كىچىك يۈمچۈك بېرىپ ئۇنىشۇ پايدىدىن مەنپەتلەندۈرگەندىن كېيىن ، ئۇ داۋاملىق بۇنىڭغا ئىنتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قىلتاققا دەسىتىپ تۇتۇش مۇمكىن. رەقىبكىمۇ ئۇرۇشلاردا قەستەن پايدا ئالغۇزۇپ قويۇپ ، شۇ “يەمچۈك”تىن پايدىلىنىپ قىلتاققا دەسىستىپ چوڭ زىيان تارتقۇزۇش ھىلىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇنىڭدا ، ئادەملەرنىڭ پايدىغا ئىنتىلىدىغان ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ، ئاۋال ئازراق پايدا بېرىپ، ئاندىن چوڭ زىيان تارتقۇزىدۇ. بۇنىڭدا مۇنداق ئەھۋاللار بار: (1)كىچىك نەرسە بىلەن چوڭ نەرسىنى سۆرەپ چىقىش؛ يەنى كىچىك نەرسە يەمچۈك، ئېرىشمەكچى بولغان چوڭ نەرسە مەقسەت. (2) ئاز زىيان تارتىپ كۆپ پايدىغا ئېرىشىش؛ (3) كىچىك نەرسە زىيان بولۇش بەدىلىگە رەقىبنىڭ چوڭ نەرسىسىنى يوقۇتۇش؛
تۇرمۇشتا قويمىچىلارمۇ بۇ ھىلىنى ئىشقا سالىدۇ. ئۇلار ئاۋال ئازراق پايدىلارنى بېرىپ سىزنىڭ ئىشەنچىڭىزگە ئىگە بولىدۇ. شۇ يەمچۈك بىلەن ئشەنچىڭىزنى قولغا كەلتۈرۈپ يەنە داۋاملىق چوڭ پايدا بېرىشكە قىزىقتۇرۇپ، سىزدىن بىراقلا چوڭ پۇل ئارىيەت بېرىپ تۇرۇشنى، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا چوڭ پايدىغا ئېرىشىشىڭىزنى ئىشەندۈرۈپ سىزدىن چوڭ پۇلنى ئالىدۇ، ئاندىن سىز ئۇنىڭدىن پۇل ئالىمەن دەپ خىيال قىلماڭ! ئۇنىڭ پېيىنى كېسىمەن دەپ قەسەملەرنى ئىچىپ يۈرىسىز ئەمما ئۇنىڭ ئىز دېرىكىنى ھەرگىز ئالاماي ئۆتىسىز.
“قۇم-شېغىل تۆكۈم ئۈنچە-ماجانغا ئېرىشىش ” بۇ تەدبىر ئادەتتە بىرسىنىڭ پىشمىغان پىكىرنى ئوتتۇرغا تاشلاپ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلار تەرىپىدىن ئەتراپلىق پىكىرگە ئېرىشىشكىمۇ تەمسىل قىلىنىدۇ.
18. 擒贼擒王qínzéiqínwáng
“ئوغرىنى تۇتساڭ ئاۋال چوڭىنى تۇت”
بۇ رەقىبنىڭ ئەجەللىك مۇھىم يېرىنى يوقۇتۇش، باش قىسمىنى يوقۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇرۇشتا، رەقىبنىڭ قۇماندانى، باش قۇماندانلىق شىتاپى قاتارلىق مۇھىم يېرى يوقۇتۇلسا، ئۇرۇشتا قالايماقانلىشىپ ھەربىي كۈچى ، جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا “باش قىسمى”نى يوقۇتۇش مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئاساسىي زىددىيەت ھەل قىلىنسا قالغان زىدديەتلەرنىڭ ھەل بولمىقىمۇ ئاسانغا تۇختايدۇ. بۇنىڭدا مۇنداق ئەھۋاللار بار: (1) باش قىسمىنى يوقۇتۇش؛ باش قۇماندان، باش رەھبەرنى يوقۇتۇش؛ (2)ئەجەللىك يېرىگە تېگىش قىلىش؛ يەنى يۈرەك قىسىمىنى يوقۇتۇش؛ (3) ھالقىلىق مۇھىم يېرىنى تۇتۇش؛
ئىراق ئۇرۇشىدا، ئامىرىكا بۇ تەدبىرنى قوللانغان. ئۇلار ئەڭ ئاۋال سادامنىڭ تۇرۇشلۇق يېرىنى ئىگەللەپ نەچچە قېتىم ھاۋادىن بومباردىمان قىلىپ باش رەھبەرنى ئاۋال يوقۇتۇش تەدبىرىنى قوللانغان. ئىگەللىگەن ئۇچۇر خاتا بولۇپ قېلىپ مەقسىدىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ، كېيىن يەنە باشقا ۋاستىلەر بىلەن شۇ “باش قۇماندان”لارنى ئاۋال يوق قىلىشقا كۈچىگەن. شۇنداق بولغاندا ئامىركىغا نىسبەتەن قارشىلىق كۈچ ئاجىز بولىدۇ دەپ قارىغان.
19~24 رەقىبى بىلەن ئارىلاش قالايماقان ئەھۋالدا كۆپرەك قوللىنىدىغان پەملەر
19. 釜底抽薪fǔ dǐ chōu xīn
قازاننىڭ ئوتىنى تارتىۋېتىش (مەسىلىنى مەنبەسىدىن ھەل قىلىش)
بۇ تەدبىر، مەسىلىنىڭ مەنبەسىدىن ، يىلتىزىدىن تەل- تۆكۈس ھەل قىلىش تەدبىرى. قايناۋاتقان چوڭ قازاننىڭ سۈيىنى سوۋۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا سۇ قۇشسا ئۇزاق ئۆتمەي يەنىلا قايناۋېرىدۇ، بەلكى تېخىمۇ كۆپ قاينايدۇ. شۇڭا قازاننى قايناتقان ئېنىرگيە مەنبەسىنى كېسىپ تاشلىسا، يەنى ئۇنى قايناتقان ئوتىنى تارتىۋەتسە، كېيىن ھېچقانچە كۈچىمىسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن قازان ئۆزلىكىدىن سوۋۇيدۇ.
بۇ تەدبىرنى ئۇرۇشتا ئىشلەتكەندە: رەقىب تەرەپ قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئۇرۇش كۈچىگە كۈچ قوشىدىغان مەنبە بولىدۇ، ئۇرۇش مەيدانىدا بولسا، ئەسكەرلەرنىڭ ئوزۇق تۆلىگى ئۇلارنىڭ بەدەن ئېنىرگىيە مەنبەسى بولىدۇ، شۇڭا ئەگەر ئۇلارنىڭ ئوزۇق- تۆلىكىگە مەسئۇل بولىدىغان يەرنى ۋەيران قىلىپ، ئاشلىقىنى يوق قىلىۋەتسە بۇ قوشۇن قانچە ھەيۋەت بولسىمۇ ئۇزۇنغا قالماي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىدىن قالىدۇ، شۇڭا ئاسانلا مەغلۇپ قىلغىلى بولىدۇ. يەنە ئۇلارنى روھىي جەھەتتە كۈچلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مەنبە بولىدۇ، شۇ مەنبەگە تېگىش قىلىپ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلسىمۇ، ئۇرۇش جەڭگىۋارلىقى يۇقايدۇ. قازاننىڭ ئوتىنى تارتىۋېتىش تەدبىرى مانا شۇ. ئۇرۇشلاردا ، رەقىبنىڭ جەڭ كۈچى ئاساسى مەنبەلىرىنى يوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنى ئەۋەتىپ رەقىبنىڭ ئايرۇپىلانلىرىنى پارتلىتىۋېتىشمۇ ھاۋادىن كېلىدىغان ئاساسىي كۈچنى يوقۇتۇش. رەقىبكە ھەر قايسى جەھەتلەردە كۈچ بولىدىغان مەنبەنى يوقۇتۇش بۇ تەدبىرنىڭ مەزمۇنىدۇر.
بۇ تەدبىر مۇسۇلمانلارغا ئىشلىتىلسە مۇنداق ئىشلىتىدۇ: مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئەڭ مۇھىم كۈچ مەنبەسى قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر. مەيلى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈرەشچانلىقى بولسۇن ، ياكى ئۇيۇشۇشچانلىقى بولسۇن ، ئەڭ مۇھىم كۈچ مەنبەسى ئاللاھنىڭ كالامىنى توغرا چۈشىنىش، توغرا ئېتىقادنىڭ بولىشىدۇر. ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ھەم بارلىق ئىشلاردا شەرىئەتنىڭ بۇيرۇق توسۇقلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىش روھى مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيادىكى كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ روھىي مەنبەسى بولغان ھەم تۇغرا ئېتىقادىنى ھاسىل قىلىدىغان شۇ مەنبەگە تېگىش قىلىنىدۇ. قانداق تېگىش قىلىنىدۇ؟ ئۇنى توغرا چۈشنىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ، توغرىسىنى تەشۋىق قىلىش چەكلىنىدۇ، خاتا چۈشەنچىلەر ئارىلاشتۇرىلىدۇ، خۇراپىي نەرسىلەرمۇ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. مانا شۇ “ئوزۇق مەنبەسى”گە “زەھەر “ئارىلاشتۇرلسا، ياكى ئۇنىڭدىن ھەقىقى ئوزۇقلىنىش چەكلەنسە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامىي كۈچى نامايەن بولمايدۇ. پەقەت “مۇسۇلمان” دىگەن نامىلا قالىدۇ ، بۇ “قازان”نىڭ تېمپىراتۇرىسىمۇ ئۆزلىكىدىن پەسىيىدۇ.
20. 混水摸鱼hùn shuǐ mō yú
سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش، سۇنى چەلگىتىپ بېلىق تۇتۇش
بۇ پەمنىڭ مەزمۇنى: ئادەتتە سۈيى سۈزۈك ھەم جىم تۇرغان كۆلچەكتە بېلىق ھەممە تەرەپنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ، ھەم بىر-بىرى بىلەن ماسلىشىپ ناھايىتى ئىنتىزامچان ھەركەت قىلالايدۇ. ئەگەر كۆلدىكى سۇ چەلگتىلىپ، ھەم سۇنى پاتقاق قىلىۋەتسە، بېلىق ئوۋلىغۇچىنى كۆرەلمەيدۇ، سۇنىڭ ئىچىدىمۇ يۆلۈنۈشنى پەرىق قىلالاميدۇ، ھەر قايسىسىنىڭ ھەركىتى ئۆز ئالدىغا بولۇپ قالايماقان بولىدۇ، ھەم بەزىسى پاتقاق سۇنىڭ ئۈستىگە چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بېلىق تۇتقۇچى ئۇنى ئاسانلا تۇتىۋالىدۇ.
مۇرەككەپ ئۇرۇشلاردا ئاجىز تەرەپلەرنىڭ يۆلۈنۈشى دائىم تۇراقسىز بولىدۇ، بۇ چاغدا پۇرسەتنى تۇتۇپ ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن. “سۇ” ئەسلىدىلا لاي بولسا شۇ پۇرسەتتە بەزى تەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئەگەر “سۇ” پاكىز بولسا ساقلاپ ئولتۇرماي، قالايماقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ئەھۋال مۇرەككەپلەشكەندە بەزى تەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ يەردە دىيلگەن “بېلىق”: (1)باش ئەگدۈرگىلى بولىدىغان دۈشمەن؛ (2)ئېرىشكىلى بولىدىغان پايدا؛ (3) قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان كۈچ؛ (4)پايدىلانغىلى بولىدىغان پۇرسەت؛ (5)ئىشلەتكىلى بولىدىغان شارائىت قاتارلىقلاردۇر. بۇ پەم ئادەتتە رەقىپنىڭ ئىچكى قىسمىدا قالايماقانچىلىق بولغاندا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى تەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ غەلىبە قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.
1981-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىسرالىيە F—15 تىپلىق ۋە 8 دانە F—16 ئايرۇپىلان بىلەن ئىراق ھاۋا بوشلىقىغا كېلىپ باغداتقا 20 كىلومېتر كېلىدىغان يەردىكى يادرو ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلىپ يوق قىلىۋېتىشتە، “توپىلاڭدا توقاچ ئوغۇرلاش” بىلەن “بۇلغانغان سۇدا بېلىق تۇتۇش” تاكتىكىسىنى تەڭ قوللانغان. شۇ چاغدىكى ئەھۋال مۇنداق ئىدى: ئىران بىلەن ئىراق ئۇرۇش ھالىتىدە بولۇپ، ئىراقنىڭ ئاساسلىق دىققەت ئېتىۋارى ئىرانغا تاقابىل تۇرۇش ئىدى؛ ئىسرالىيە بىلەن سۈرىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرسىسى ئىچىدە بولۇپ ئەرەپ دۆلەتلىرى ئىسرالىيەنى ئىككى تەرەپكە تەڭ ھۇجۇم قىلىدۇ دەپ خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ؛ ئىسرالىيە بۇ ئايرۇپىلانلىرىنى ئىراننىڭ ئايرۇپىلانىغا ئوخشۇتۇپ پەردازلىغان. مانا بۇ ھالەتلەر شۇ چاغدىكى لېيىتىلغان سۇ ئىدى. شۇڭا ئىسرالىيەنىڭ ئايرۇپىلانلىرى مىڭ كىلومېتر يول يۈرۈپ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئاسمىنىدىن بىر يېرىم سائەت ئۇچۇپ ماڭسىمۇ ئىراق تەرەپ ئۇنى ئىسرالىيەنىڭ ئايرۇپىلانلىرى ئىكەنلىكىنى بايقىمىغان.
21. 金蝉脱壳jīn chán tuō qiào
ئۇدۇل تەرجىمىسى: تومۇزغىنىڭ قاسرىقىنى تاشلىشى؛
مەنىسى: كۆز بۇياپ قۇتۇلۇش، شەكىلنى(قېپىنى) قالدۇرۇپ چېكىنىپ چىقىش (يۆتكىلىش)
جەڭدە بەزى ئەھۋالدا شارائىت پايدىسىز بولۇپ قالسا چېكىنىش، ئەسلىدىكى ئورنىدىن يۆتكىلىش، ياكى رەقىبىگە چاندۇرماي باشقا ياققا يۆتكىلىپ زەربە بېرىشكە توغرا كەلسە، رەقىبىگە ئەسلىدىكى جايىدا تۇرغاندەك تەسىرنى بېرىپ چېكىنىش ياكى ئەپلىك يەرگە يۆتكىلىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا رەقىبىگە چاندۈرماسلىق ئۈچۈن شەكىل جەھەتتە ئەسلىدىكىدەك كۆرۈنۈشنى ساقلاپ، ئەمەلىيەتتە بولسا قوشۇننى يۆتكەپ كېتىشكە توغرا كېلىدۇ. مانا بۇ خۇددى، تومۇزغىنىڭ قاسراق تاشلىغان ھالىتىگە ئوخشايدۇ. تومۇزغا (ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ يازدا نەم ئىسسىق بولىدىغان رايونلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ھاشارەت، ئىسسىقتا چىرىلداپ مەھەللىنى بىر ئالىدۇ) چوڭ بولغاندا ئەسلىدىكى قاسرىقىنى پۇتۇن پېتى تاشلايدۇ. تاشلاپ كەتكەن قېپىغا يېقىن بېرىپ سىنچىلاپ قارىمىسا ئۇنى شۇ يەرگە قۇنىۋالغان تومۇزغا دەپ قالغىدەك دەرىجىدە پۈتۈن پېتى تۇرىدۇ. ئۇنىڭ قاسراقتىن چىقىش ھالىتى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك. شۇڭا دۈشمەنگە چاندۇرماي يۆتكىلىپ باشقا يەردىكى دۈشمەنگە زەربە بېرىش ياكى پايدىسىز شارائىتتا بىخەتەر چېكىنىپ چىقىش ئۈچۈن قوللانغان بۇ چارىنى شۇ تومۇزغىنىڭ قاسراق تاشلىشى نامى بىلەن ئاتىغان. كۆز بۇياپ چېكىنىش تەدبىرىنى نەق ۋاقتىدا ئشلەتمىسە بولمايدۇ، بالدۇر بولۇپ قالسا، يەنى غەلىبە قىلىش ئىمكانىيىتى بار ئەھۋالدا قوللانسا بولمايدۇ. يەنە بەك كېچىكىپ قالسىمۇ بولمايدۇ، يېڭىلىپ قالغاندا چېكىنىش تەس بولىدۇ، ئۇ چاغدا دۈشمەن تەرەپ قوغلاپ زەربە بېرىدۇ. شۇڭا دەل ۋاقتىدا قوللىنىشقا بولىدۇ.
بۇ تەدبىرنىڭ مەزمۇنى مۇنداق شەكىللەردە بولىدۇ: (1) چېكىنىپ چىقىش؛ يەنى دۈشمەنگە تېخى ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرغانلىق شەكىلنى كۆرسىتىپ بىخەتەر چېكىنىپ يۆتكىلىش، دۈشمەننىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشىدىن ساقلىنىش؛ (2) ئىككىگە بۆلۈنۈش؛ يەنى دۈشمەن ئىككى تەرەپتە بولسا ، بىر تەرەپتە قاتتىق مۇداپىيە شەكىلىنى ھاسىل قىلىپ بۇ تەرەپتىكى دۈشمەننىڭ ئالدىراپ ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، بۇ ياقتىكى قوشۇننى يەنە بىر تەرەپكە يۆتكەپ شۇ يەردىكى دۈشمەنگە زەربە بېرىش؛
22.关门捉贼 guān mén zhuo zéi
ئىشىكنى تاقاپ ئوغرىنى تۇتۇش
بىراۋنىڭ ھويلىسىغا ئوغرى كىرگەندىن كېيىن، ئىشىكنى تاقىۋەتكەندە ئوغرىنىڭ قېچىش يولى يوق بولۇپ مەجبۇرى قولغا چۈشىدۇ. ئۇرۇشلاردا بولسا، قورشاۋ دائىرىسىگە كىرىپ قالغان ئاجىز دۈشمەننىڭ چېكىنىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلىش، ياكى ئۇنى يوقۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى “ئوغرى” يوشۇرۇن كېلىپ ھۇجۇم قىلغان، سانى ئاز بولغان دۈشمەن قوشۇنى، ياكى بۆكتۈرمە دائىرىسىگە كىرىپ قالغان دۈشمەننىڭ بىر قىسىم قوشۇنىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر قانچە قارشىلىق قىلسىمۇ يېڭىلىشتىن باشقا ئاقىۋەتكە قالمايدىغان ھالەتتىكى دۈشمەنگە ئاندىن “ئىشىك”نى تاقاپ زەربە بېرىش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ. ئەگەر دۈشمەن تەرەپ سەل كۈچلۈك بولۇپ ئۇنىڭ چېكىنىش يولى ئۈزۈلسە، جان تىكىپ ئېلىشىپ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ قويۇش مۇمكىن. شۇڭا ئۇ خىل ئەھۋالدا “ئىشىكنى تاقاش” تەدبىرى قوللانماي، “مەيلىگە قويىۋېتىپ تۇتۇش” تەدبىرى قوللىنىلىدۇ. يەنى قەستەن ئۇنىڭغا چېكىنىش يولى ئېچىپ قويۇلىدۇ. ئاجىز دۈشمەن قورشاۋغا كىرىپ قالسا ، ئىشىكنى تاقاپ زەربە بېرىش تەدبىرى قوللىنىپ بىراقلا يوقۇتۇلىدۇ. ئىشىكنى تاقاشتا پاسسىپ ھالدا ساقلاپ ياتماي، بەزىدە دۈشمەننىڭ بىرقىسمىنى باشقا تەدبىرلەر بىلەن ، مەسىلەن “يەمچۈك تاشلاپ باشلاپ كىرىش” تەدبىرى بىلەن ئاجىز دۈشمەننى ياكى دۈشمەننىڭ بىر قىسمىنى قورشاۋ دائىرىسىگە يەنى ئۇنى جايلاش ئەپلىك شارائىتى بولغان يەرگە كىرگۈزۈپ ئاندىن “ئىشىكتى تاقاپ زەربە بېرىش”تەدبىرى بىلەن تېگىش قىلىنىدۇ. بۇلۇپمۇ يۇشۇرۇن كېلىپ ھۇجۇم قىلىدىغان دۈشمەنگە بۇ تەدبىر قوللىنىلىدۇ.
بۇ تەدبىرنى قوللانماقچى بولغاندا دىققەت قىلىدىغان ئەھۋاللار: (1 ) ئاجىزى بولسا ئىشىكنى تاقاش، كۈچلۈكى بولسا تاقىماسلىق؛ يەنى ئەگەر كۈچلۈك ئوغرى كىرسە ئىشىكنى تاقىغان بىلەن ئۆينى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ يەنە ئالىدىغاننى ئېلىپ چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. (2 ) ئىشىكنى تاقىماقچى بولغاندا چوقۇم مەھكەم تاقاش لازىم؛ چۈنكى ئوغرىنىڭ ئاساسلىق چېكىنىش يولى ئىشىك تەرەپتە بولىدۇ، ئۇ يەردە يوچۇق چىقىرىپ بۆسۈپ ئۆتۈشكە تىرىشىشى مۇمكىن. شۇڭا شۇ تەرەپكە بۆسۈپ چىقىشىنى قاتتىق توسۇپ قالالايدىغان قوشۇن ياكى باشقا ۋاستىلەر چېكىنىش يولىنى قاتتىق ئېتىشى لازىم. (3) پەيتنى چىڭ تۇتۇش؛ يەنى مەيلى ئىشىكنى تاقاش ياكى ئوغرىنى تۇتۇش بولسۇن نەق پەيتىنى تۇتمىسا ئۈنۈمى بولمايدۇ.
23. 远交近攻yuǎn jiāo jìn gōng
يىراقتىكىسىگە دىپلۇمات، يېقىندىكىسىگە مۇش؛
يىراقتىكىسى بىلەن ئەپ ئۆتىدىغانلىق ئۇرۇشمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە قىلىشىپ، ئۇنىڭ يېقىندىكى رەقىب بىلەن بىرلىشىشى ۋە قىلىدىغان ياردىمىنى چەكلەپ تۇرۇپ ئاۋال يېقىندىكى رەقىبنى يېتىم قالدۇرۇپ ھۇجۇم قىلىپ جايلاش؛
رەقىبى بىر قانچە بولغاندا، ئۇلارغا تەڭلا تېگىش قىلسا ئۇلار بىرلىشىپ قارشىلىق قىلسا ئۇرۇشتا غەلىبە قىلماق تەس بولىدۇ. شۇڭا ئاۋال ئۇرۇش ئەپچىل بولغان رەقىبكە تېگىش قىلىش لازىم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يىراقتىكى باشقا رەقىبلەرنى دىپلۇمات يولى بىلەن بەزلەپ ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقا قاتماشماسلىقىنى قالغا كەلتۈرۈش توغرا كېلىدۇ. ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇشنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى يېقىندىكى رەقىبىنى يۇقاتقىچە ئۇلارنىڭ بىرلىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەدبىرنىڭ ماھىيىتى دۈشمەنلەرنىڭ بىرلىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بىر بىرلەپ جايلاشنى نىشان قىلغان ستراتىگىيىلىك تەدبىر ھىساپلىنىدۇ.
يىراقتىلىرى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە بولۇشنىڭ پايدىسى: (1) دۈشمەنلەرنىڭ بىرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يېقىندىكى ئۇرماقچى بولغان دۈشمەننى ۋاقىتلىق يېتىم قالدۇرۇپ ھۇجۇم قىلىپ جايلاشقا شارائىت ھازىرلىنىدۇ؛ (2) يىراقتىكىسى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ ئۆزى ئۇلارنى بىخۇتلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇلار يىراقتا بولغاچقا تېنىچلىق قۇلى ئۇلارغا سۇنۇلسا ئاسان قوبۇل قىلىدۇ، “كالىغا كەلگەن كۈن موزايغىمۇ كېلىشى”نى ئاسان ئويلىيالمايدۇ. ياكى بۇ دىپلۇمات مۇناسىۋىتى ئۇلارغا ۋاقىتلىق پايدا يەتكۈزىدۇ. ھېچ بولمىسا يېقىندىكى رەقىبكە ياردەم بېرىش ئېھتىمالى بولغان خوشنىلىرىنىڭ ياردىمى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۈزۈلىدۇ.
بۇ يەردە دىيىلگەن “يىراقتىكىسى” بىلەن “يېقىندىكىسى” مۇنداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) جۇغراپىيەلىك ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى يىراق ياكى يېقىنىلىقى؛ (2) مەنپەت مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا “يىراق” دىگىنىمىز ۋاستىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان ھەم كەلگۇسى مەنپەتنى كۆرسىتىدۇ، “يېقىن” دىگىنىمىز بولسا، كۆز ئالدىدىكى بىۋاستە ئېرىشكىلى بولىدىغان مەنپەتنى كۆرسىتىدۇ؛ (3) تەشكىلات مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، “يىراق” دىگىنىمىز بۇ تەشكىلاتنىڭ سىرتىدىكىسى، “يېقىن” دىگىنىمىز بولسا، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىنى كۆرسىتىدۇ؛ (4) تەسىر قىلىش دائىرىسىدىن قارىغاندا، “يىراق” دىگىنمىز بىۋاستە كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغان ئادەم ياكى ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ؛ “يېقىن” دىگىنىمىز بولسا، بىۋاستە كونترول قىلغىلى بولىدىغان ئادەم ۋە نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
“يىراقتىكىسى” دىگەندە چوقۇم دۈشمەن بولىشى ناتايىن، بەلكى ئۇرماقچى بولغان رەقىبكە ياردەم قىلىش ئېھتىمالى بولغانلارمۇ “يىراقتىكىلەر” ھىساپلارنسا، يەنە، بىرەر رەقىبنى ئۇرۇش ئۈچۈن بىرلىشىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھازىرقى زاماندا ، ئايرۇپىلان ۋە پاراخوتلار تەرەققى قىلىپ جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتىكى “يىراق-يېقىن” دەپ ئايرىشنىڭ ئەھمىيتى تۆۋەنلەپ كەتتى. چۈنكى ھازىرقى ئۇرۇش ئايرۇپىلانى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەر قايسى رايونلارغا بارالايدۇ، ھەم پاراخوتمۇ دېڭىز يولى بىلەن رەقىبنىڭ بۇسۇق ئالدىغا بېرىپ ئۇرۇشالايدۇ. شۇڭا ھازىر كۆپىنچە “يىراق-يېقىن” ئۇقۇمى ستراتىگىيەلىك ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئايرىلىدۇ. ھازىرقى كۆز ئالدىدىكى مەنپەتىگە تەھدىت بولغىنى “يېقىندىكىسى” ھىساپلىنىپ ،بۇنىڭغا يېقىندىكىسىنى ئۇرۇش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ. بۇ يەردە دىگەن” ئۇرۇش” پەقەت ھەربىي جەھەتتىكى ئۇرۇشلا بولماستىن، سىياسى، ئىقتىساد، ھەربىي قاتارلىق ھەممە جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەربىي كۈچ بىلەن ئۇرۇش، ئۇنىڭ ئالدىدا قوللانغان تەدبىرلەر كارغا كەلمىگەندە ئاندىن قوللىنىدۇ.
2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدا گېتلېر “يېقىندىلەر”نى ئاۋال جايلاش ئۈچۈن، سوۋىت ئىتتىپاقى(يىراقتىكىسى) بىلەن ئۇرۇشماسلىق تۇغرىسىدا كېلىشكەن.
جۇڭگودا ئۈچ خىل كۈچلەرنى يوقۇتۇش كۈرىشدە، “يىراقتىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىشىپ يېقىندىكىسىنى يوقۇتۇش” تەدبىرى قوللانغان بولىشى مۇمكىن، مەسىلەن، بۆلگۈنچىلەر، ئەسەبىيلەر ۋە تېرورچىلارنىڭ بىر قىسىملىرى ، تۈركىيە ، ئۆزبەكىستان، قازاقىستان ، پاكىستان قاتارلىق بىرمۇنچە دۆلەتلەرگە يوشۇرۇنۇپ ھەركەت -پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى مۇمكىن. شۇڭا مۇشۇ ئۈچ خىل كۈچنىڭ نەپەس ئېلىش ئېھتىمالى چوڭ بولغان شۇ رايونلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، بۇ كۈچلەرنىڭ نەپەس ئېلىش مۇھىتىنى قىسقىلى بولىدۇ. شۇ دۆلەتلەردە ياردەمگە ئېرىشىش يوللىرى توسۇلىدۇ.
بۇ تەدبىرنى ئىسلام ئەللىرىگە قوللانسا مۇنداق قوللىنىدۇ: مەسىلەن: ئىراق(مۇسۇلمان رايونىنىڭ بىر قىسمى)نى ئۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك (ئاھالىسى مۇسۇلمان، ئۇنىڭغا ھەسداشلىق قىلىدىغان دۆلەتلەر ۋە ئەرەپ دۆلەتلىرى )بولغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ئېھتىمالى بولغان يوللىرىنى ئېتىش، ئۇنى ئىمكان قىلىپ يالغۇز قالدۇرۇپ جايلاش. ئىرانغىمۇ شۇ ئۇسۇل قوللىنىلىۋاتىدۇ، ھازىرقى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ بىر- بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئەنە شۇنداق بەزىلەر ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن “يىراقتىكىسى”بىلەن ۋاقىتلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئورناتسا، بەزىلىرى كۆز ئالدىدىكى مەنپەت ئۈچۈن دۈشمىنى بىلەنمۇ مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ.
24. 假道伐虢jiǎ dào fá guó
(گو بەگلىكىدىن )يول بېرىشنى سوراش يالغان، (ئۇنىڭغا )ھۇجۇم قىلىش راست؛
بۇ تەدبىردە ، يىراقتىكىسىنى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، يېقىندىكى رەقىبى بىلەن ئۇرۇشماسلىقنى دىيىشىپ، ھەم يېقىندىكىسىنىڭ زىمىنىنى كېسىپ ئۈتۈشكە توغرا كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ يول بېرىشىنى سوراپ، شۇنىڭ بىلەن بۇ يېقىندىكىسىگە تۇيۇقسىز تېگىش قىلىپ ۋەيران قىلىدۇ. ياكى ئاۋال يىراقتىكىسىنى يوقۇتۇپ، قايتىش يولىدا يېقىندىكىسىگە بەزى مەنپەتلەرنى يەتكۈزۈشكە دىيىشىپ ئۇنى خىرامان قىلىپ قويۇپ ئۇرۇشقا تەييرالىقسىز تۇرغاندا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ.
ئارىيەت بېرىشنى سوراش دۈشمەنلىكنى ئىپادىلىمەيدۇ. شۇڭا ئارىيەت بەرگۈچىنى ماقۇل كەلتۈرۈش تەس ئەمەس. بىراق ئۇنىڭدىن پىچاق ئارىيەت سوراپ ، پىچاقنى بەرگەن ھامان ئۇنى جايلىۋېتىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. قۇنالغۇ بېرىشنى سوراپ دەرۋازىدىن كىرىۋېلىپ ئۆينى تارتىۋالغانلىققا ئوخشايدۇ. بۇ تەدبىردە رەقىب تەرەپكە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى سەزدۇرمەسلىكى مۇھىم ھالقا ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپ ئەپلىك شارائىتقا ئىگە بولۇپ، ئۇنى تۇيۇقسىز يۇقىتىدۇ. بۇ تەدبىردە نامەرتلىك بار. ھەم رەقىبىگە يۇشۇرۇن ئاداۋەت ساقلاپ مۇشۇ ھىلە بىلەن ئۇنى ئۇجۇقتۇرغان. بۇ ھىلە ئاجىز بولغان بۇ يېقىندىكى رەقىبىنى بويسۇندۇرۇشتا قوللىنىدۇ. مەسىلەن ئامىرىكىدەك كۈچلۈك بىر دۆلەت كۇۋەيتتەك كىچىك ئاجىز بىر دۆلەتتىن “يېرىڭنى بېرىپ تۇر، مەن ئەسكىرىمنى مۇشۇ يەردە تۇرغۇزۇپ ئىراقنى ئۇرماقچى” دىسە، كۆڭلىدەماقۇل دىگۈسى كەلمىسىمۇ “ياق” دىيىشكە پېتىنالمايدۇ(مەن مەسىلەنگە دىمەكچى). جۇگونىڭ قەدىمىي تارىخىدا ئەنە شۇنداق يول بېرىشنى ياردەم سوراپ، يىراقتىكى بەگلىكنى يوقۇتۇپ بولۇپ، قايتىشىدا ماناشۇ گو بەگلىكىنىمۇ بېسىۋالغان. مېھمان بولۇش ئۈچۈن بېرىپ ، زىمىنىنى ئىگەللەپ ئۇ يەرگە خوجايىن بولىۋالغاندەكلا ئىش.
كىنوسى: http://v.youku.com/v_show/id_cd00XMTM5MjU4NjA=.html
25~30 غەلىبە قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان تەدبىرلەر
25. 偷梁换柱tōu liáng huàn zhù
تەرجىمىسى: لىمىنى ئوغۇرلاپ، تۈۋرىكىنى ئالماشتۇرۇش
مەنىسى: شەكلىنى قالدۇرۇپ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ،يەنى ساختا نەرسىنى ھەقىقىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، ياخشىسىنىڭ ئورنىغا ناچارنى ئالماشتۇرۇشقا تەمسىل قىلىنغان. نەرسىنىڭ ماھىيىتى ۋە مەزمۇنىنى يۇشۇرۇن ھالەتتە ئۆزگەرتىپ قايمۇقتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
بۇرۇنلاردا ئۆي سېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا لىم ۋە تۈۋرۈكلەر ئاساسلىق ماتىريال ھىساپلىناتتى. بۇ ئاساسلىق ماتىريالنىڭ ناچىرى ئىشلىتىلسە ، سېلىنغان ئۆي مۇستەھكەم بولمايدۇ، شەكىلدە ئۇ يەنىلا ئۆي ھىساپلىنىدۇ، ئەمما ئۇزۇنغا بەرداشلىق بەرمەيدۇ ھەم ئۇنى ئاسانلا ئۆرىۋېتىش مۇمكىن.
بۇرۇنقى زاماندا، جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرىنى ھەر خىل سەپ قىلىپ تۈزەتتىكەن. شۇ سەپلەرنىڭ قوشۇمچە قىسمى ۋە ئاساسلىق غوللۇق قىسمىنى قاراپلا پەرىق ئەتكىلى بۇلارمىشكەن. بەزىدە ئىككى دۆلەت بىرلىشىپ يەنە بىر دۆلەتكە تاقابىل تۇرىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. شۇ چاغدا ئىتتىپاقداش لەشكەرلەرنىڭ سېپىنى ھەر خىل ئۆزگەرتىپ ، ئۇنىڭ غوللۇق يېرىگە بۇ تەرەپنىڭ لەشكەر قىسمىنى ئالماشتۇرغاندا ئىتتىپاقداش لەشكەرلەر بۇ تەرەپنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇنى ئۆزىگە قېشۇۋېلىپ تۇرۇپ يەنە بىر رەقىبنى ئۇجۇقتۇرىدىكەن.
بەزى جەڭلەردە بولسا ، دۈشمەن تەرەپكە يالغان ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭ سېپىنى ئۆزگەرتىشنى قولغا كەلتۈرۈپ ئاندىن ئۇنىڭ ئاجىز نۇقتىسىغا تېگىش قىلىپ يېڭىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
بۇ تەدبىرنىڭ ھالقىلىق نۇقتىسى، دۈشمەن تەرەپكە بۇ تەرەپنىڭ سەپ ئەھۋالىدىن خاتا ھۆكۈمگە كەلتۈرۈش. شۇنداق قىلىپ دۈشمەن تەرەپنىڭ قۇشۇن ئورۇنلاشتۇرۇشتا خاتالىق سادىر قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ جايلاش.
بۇنىڭغا مۇنداى بىر مىسالنى تەمسىل قىلىشقىمۇ بولىدۇ: مەسىلەن، بۇرۇن بىر قېتىم ئات بەيگىسى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، ئاتلارنى ئۈچ تۇرگە بۆلۈپ 1- دىرىجىلىكلەر تۈرى، 2-دەرجىلىكلەر تۈرى، ۋە 3-دەرىجىلىكلەر تۈرى دەپ 3 تۈر بويىچە بەيگىگە سالغان. نەتىجىدە قارشى تەرەپنىڭ ئاتلىرى ھەممە تۈردە يېڭىپ ئۇتىۋالغان. كېيىن يەنە شۇنداق بەيگىگە چۈشمەكچى بولغاندا، قارشى تەرەپنىڭ 1-دەرىجىلىك ئېتىغا بۇ تەرەپنىڭ 3-دەرىجىلىكىنى، ئۇنىڭ 2-دەرىجىلىكىگە بولسا بۇ تەرەپنىڭ 1-دەرىجىلىكىنى، ئۇنىڭ 3-دەرىجىلىك ئات توپىغا بۇ تەرەپنىڭ 2-دەرىجىلىكىنى ئالماشۇرۇپ قاتناشتۇرغان. نەتىجىدە 2دە 1 نەتىجە بىلەن قارشى تەرەپنى يەڭگەن. بۇمۇ ئوغۇرلۇقچە لىم تۈۋرۈكىنى ئالامشتۇرۇش تەدبىرىگە مىسال بولىدۇ.
بۇ تەدبىر قارشى تەرەپ سەزمىگەن ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدۇ، ئەگەر قارشى تەرەپ بىلىپ قالسا “ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈش” قىلىپ بۇ تەرەپنى يېڭىدۇ.
بۇ تەدبىرنى ئىسلامغا ئىشلەتسە مۇنداق ئىشلىتىدۇ: ئىسلام دىنى قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىش ئۇنىڭغا تولۇق بوي سۇنۇش بىلەن “ئىسلام” نامايەن بولىدۇ، ئىسلامىي جەمىيەت ھاسىل بولىدۇ . بۇنىڭ نۇرغۇن مەزمۇنلىرى بولىدۇ. شۇ مەزمۇنلار يەنى ئايەتلەرنىڭ برقىسمىنى خاتا تەرەپكە تەپسىر قىلىپ كىتاپلارنى تارقىتىپ، ئىسلامغا زىت ئىكەنلىكىنى ئادەتتىكى كىشىلەر سېزەلمەيدىغان توقۇلما “ھەدىس”لەرنى سەھىھ دەپ چۈشەندۈرۈپ تارقاتسا مۇسۇلمانلار بىلىپ بىلمەي ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ. مۇسۇلمان ھاكىمىيىتىنى كونترول قىلىۋېلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ سىياسەت-قانۇنغا ياتىدىغان قىسىملىرىنى ئۆزگەرتىپ، پەقەت ئۇنىڭ بىر قىسىم ئىبادەت شەكلىنى ساقلاپ ئۇنىڭ باشقا تەرەپلىرىدىن خەۋەرسىز قىلىپ قويۇلسا، “مۇسۇلمان”لارنىڭ پەقەت “مۇسۇلمان”لىق شەكلى قالىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتى بارلىق ئەھكاملىرى ئارقىلىق ئىنسانىيەت ئارىسىدا ئادالەت ۋە ئادىلىقنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق ھەقىقى تېنچلىقنى نىشان قىلغان يول بولغاچقا ئۇ “ئىسلام”(تېنچلىق) دىنى دەپ ئاتالغان(جەمىيەتتە تېنىچلىق بولىشى ئۈچۈن ئادىل بولغان قانۇن ۋە شۇ ئادىل قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلار بولىشى، جەمىيەتتە ئادىللىققا كاپالەتلىك قىلىنىشى ئالدىنقى شەرتتۇر. ئەكسىچە كىشىلەر بىر-بىرىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىسا ھەم قانۇن كىشىلەرنىڭ ئورتاق مەنپەتىنى ھەقىقى قوغدىمىسا، ساقچى-ئەسكەرلەرنىڭ كۈچى بىلەن تېنچلىقنى ساقلىغان بىلەنمۇ يەنىلا تېنىچلىققا كاپالەتلىك قىلىش تەس). ئەكسىچە ئۇنىڭ تېنچلىق دىنى ئىكەنلىكىنى مۇسۇلمان دىگەن بۇددا دىن مۇرۇتلىرىدەك دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولماي زۇلۇمغا رازى بولۇپ ئىبادىتىنى قىلىپلا تېنچ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئادالەتسىزلىككە قارشى ھەركەت قىلمايدىغان دىن دەپ ئۆزگەرتىلسە، …. مانا بۈگۈنكى كۈندىكى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى نامايەن قىلغان شەكىلدىكى ئىسلام مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شەكىلدە ئىسلام، ماھىيەتتە غەيرى ئىسلام بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ نامى “مۇسۇلمان” ئەمەلى كۈفرى بولىدۇ. گۇنا قىلىشتىن قورىقمايدىغان، ئاللاھدىن قورقۇشنىڭ ئورنىغا كىشىلەردىن قورقىدىغان بولىدۇ. ئاخرەتتىكى مەنپەتتىن بۇ دۇنيالىقتىكى مەنپەتنى ئەلا بىلىدىغان بولىدۇ، ھەقىقى مۇسۇلمانلىقنى ۋە ئىسلامنى نامايەن قىلىدىغان قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىن ئىبارەت بۇ تۆۋرۈكنىڭ مەزمۇنى ئۆزگەرتىلىپ ئۇنىڭ شەكلەن قىسمى قالدۇرۇلسا بۇ ئۆي (ئىسلام جاماسى) ئەنە شۇنداق ئاجىز بولىدۇ. ئاندىن بۇنى يەنە باشقا پەملەرنى ئىشقا سېلىپ ئورنىدىن تۇرغۇزمايدۇ. نامدا مۇسۇلمانلارنىڭ سانى مىليارتتىن ئېشىپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا نەچچىسى مۇسۇلمان بۇنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.
26. 指桑骂槐zhǐ sāng mà huái
تەرجىمىسى: ئۈجمە دەرىخىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ تۇخۇمەك دەرىخىنى تىللاش
مەنىسى: دارىتمىلاپ تىللاش، ئۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ بۇنى تىللاش، يېقىن مەنىسى: قىزىم ساڭا ئېيتاي كىلىنىم سەن ئاڭلا؛
بۇ چارە ئادەتتە، ئاجىز بولغان رەقىبىنى ئاگاھلاندۇرۇش يولى بىلەن ئۇرۇش قىلمايلا بوي سۇندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ چارە سىياسى ۋە دىپلومات ئىشلىرىدا كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان رەقىبنىمۇ شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ.
بۇ چارە يەنە قۇماندان كىشىلەرنىڭ قوشۇننى ئىنتىزامچان كۈچلۈك باشقۇرۇشىدىمۇ قوللىنىلىدۇ. لەشكىرىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ بىر قىسمىنى قاتتىق جازالاش ئارقىلىق قالغانلىرىغا ئىبرەت قىلىنىدۇ.
بۇ چارىنىڭ مۇنداق كۆرۈنۈشلىرى بار: (1) توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا كۆرسىتىش؛ مايمۇن قاندىن قورقارمىشكەن، ئۇنىڭغا گەپ ئاڭلىتىش ئۈچۈن توخۇنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭغا كۆرسەتسە قورقۇپ يۇۋاش بۇلارمىشكەن. لەشكەرچىلىكتىمۇ بەزى بوينى قاتتىق باش-باشچى لەشكىرىي تۈزۈمنى كۆزگە ئىلمايدىغانلارنى شۇنداق ئەدەپلەپ قالغانلارغا ئىبرەت قىلسا قۇماندانغا ۋە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان بولىدۇ؛ (2)تېرە تاراخشىتىپ يولۋاسنى ئۈركىتىش؛ كۈچلۈك رەقىبىنى قورقۇتۇش؛ (3)ۋاستىلىق ئاگاھلاندۇرۇش؛ بىرەر ئۈلگىلىك ئىشنى تۇتۇپ قالغانلىرىغا ئىبرەت قىلىش؛
ئامىرىكا ئىراقنى ئۇرۇپ ئۇنىڭدىن باشقا سۈرىيە ، ئىوردانىيە دىگەندەكلەرنى ھەيۋە بىلەن گېپىگە كىرگۈزىشى، يەنە ئىراندەك دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشىمۇ بۇنىڭغا مىسال بولسا كېرەك.
27. 假痴不癫jia chi bu dian
يالغان ساراڭ بولىۋېلىش، بىلمىگەن ئاڭلىمىغان بولىۋېلىش
مۇنداق شەكىللىرى بار: (1) بىلمىگەن بىلىۋېلىش؛ (2)چۈشەنمىگەن بولىۋېلىش؛ (3)كارى بولمىغان بولىۋېلىش؛(4)قىلالمايدىغان بولىۋېلىش؛ بۇنىڭدا يالغاندىن ساراڭ بولىۋېلىش بىلەنلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە سەگەك بولىشى لازم.
(1)مۇھىتنىڭ شارائىتى پايدىسىز ھەم خەتىرى بولغان ئەھۋاللاردا ئەسلى سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ قالىدىغان گاچا، ساغرو دىگەندەك ئاجىز قىياپەتكە كىرىۋېلىپ خەتەردىن قۇتۇلۇش؛ (2) كۆڭلىدىكىنى يۇشۇرۇن ساقلاپ، ھېچنىمە بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىش؛ (3) كۆرۈنۈشتە دۆتتەك تەسىر بېرىش ئەمەلىيەتتە ھەممىنى بىلىش؛
ئۇرۇشلاردا، ئۆزىنى ئاجىز كۆرىستىپ دۈشمەن تەرەپنىڭ سەل قارىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تويۇقسىز قاتتىق زەربە برېىپ غەلىبە قازىنىش.
مىسال: جەنگو دەۋرىدە سۈنبىن دىگەن كىشى لەشكىرىي ئىلىمدا ئالىم بولۇپ، پاڭجۈەن دىگەن كىشى ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ ھەم ئۇنىڭدىكى “سۇنبىن ھەربىي ئىشلار دەستۇرى” نى يېزىپ قالدۇرىشى ئۈچۈن سۇنبىنگە يۇشۇرۇن قەست قىلىپ ئۇنىڭغا بۆھتان چاپلاپ جازالىماقچى بولىدۇ، ھەم ئۇنى توكۇر قىلىپ ئۇرۇشقا چىقالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. بۇنى سۇنبىن سەزمەي پاڭجۈەنگە ئۇرۇش <سۇنبىن ھەربىي ئىشلار دەستۇرى>نى يېزىپ قالدۇرماقچى بولىدۇ. كېيىن سۇنبىن پاڭجۈەننىڭ ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قېلىپ، كىتاپنىڭ يېزىپ بولغان قىسمىنىمۇ كۆيدۈرۋېتىپ، تۇيۇقسىز ساراڭ بولۇپ قالغان بولىۋالىدۇ. ئۇنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا چارىمۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پاڭجۈەننىڭ سىناشلىرىدىن ئۆتۈپ پۇرسەت تېپىپ چى بەگلىكىگە قېچىپ كېتىدۇ. كېيىن چى بەگلىكىدە مۇشاۋۇر بولۇپ شۇ دەۋىردىكى كۈچلۈك بەگلىك(ۋېي بەگلىكى)نىڭ قۇماندانى پاڭجۈەننىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشۇپ پاڭجۈننى يېڭىدۇ.
كىنوسى: http://v.youku.com/v_show/id_cd00XMTYxNDk4NDg=.html
1945-يىلى 7-ئاينىڭ 17 كۈنى ئامىرىكا، سوۋىت ئىتتىپاقى ، ئەنگىلىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئەمەلدارى يىغىلىشىدا، ئامىركا زوڭتۇڭى خارىي ترومەن ستالىنغا ئاتوم بومبىسىنىڭ گېپىنى قىلىپ، “كۈچى غايەت زور يېڭى بىر خىل قۇرال” دەپ تىلغا ئېلىپ گەپ قىلغاندا، ستالىن ئاڭلىمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئۆتكۈزۋەتكەن. ئەمەلىيتتە، ستالىن يىغىندىن قايتقاندىن كېيىن دۆلىتىدە دەرھال ئاتوم تېخنىكىسى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىشكە يوليورۇق بەلگەن. شۇنىڭ بىلەن تۆت يىلدىن كېيىن سوۋىت ئىتتىپاقىمۇ ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولغان. ئەگەر شۇ چاغدا ستالىن ئاڭلىمىغان بولىۋالمىغان بولسا سوۋىتنىڭ ئوتۇم تېخنىكىسىنىڭ تەتقىق قىلىشتىكى مەخپىيەتلىك خىزمىتىگە پايدىسىز ئىكەن.
28. 上屋抽梯 shang wu chou ti
ئۆگزىگە چىقىرىپ شۇتىنى ئېلىۋېتىش؛ (چېكىنىش يولىنى ئۈزىۋېتىش)
بۇ پەمدە، ئاۋال دۈشمەنگە ئۆگزىگە چىقدىغان “شۇتا”، يەنى دۈشمەنگە نىسبتەن كىرىش يولىنى ئاسانلىق شارائىتىنى قەستەن قويۇپ ، قورشاۋ ئىچىگە ياكى ئۇنى ئۇرۇشقا ئەپلىك بولغان يەرگە قىزىقتۇرۇپ ئەكىلىپ شوتىنى يەنى، ئۇنىڭ چېكىنىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ قورشاپ يوقۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا مۇھىم يېرى شۇتىنىڭ يەنى كىرىش يولىنىڭ قەستەن قويۇلغانلىقىنى دۈشمەننىڭ سېزىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش. بولمىسا دۈشمەن “ئۆگىزىگە” چىقمايدۇ . بۇ ئىشىكنى تاقاپ ئوغرىنى تۇتۇش تەدبىرى بىلەن سەل پەرىقلىنىدۇ. ئۇنىڭدا دۈشمەن ئۆزى “ھويلىغا” كىرگەن ئەھۋال بار. بۇنىڭدا بولسا كىرىشكە يوچۇق قالدۇرۇپ كىرسە پايدىغا ئېرىشىدىغان خاتا ھۆكۈمگە كېلىپ كىرىدىغان ئەھۋالدۇر. بۇنىڭدا ھالىقىلىق يېرى دۈشمەننى ئالداپ ئۆگزىگە چىقىرىش. شۇڭا بۇ ئىككى تەدبىرنىڭ پەرقى بار. دۈشمەنگە قالدۇرغان يوچۇققا، يەنى بۇ خىل قىلتاققا پايدىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ خەتىرىنى كۆرمەيدىغان، ئالدىراڭغۇ مىجەزى ئىتتىك، رەقىبىنى سەل چاغلايدىغان ھاكاۋۇر كىشىلەر ئاسان كىرىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھالاكەتكە ئۇچرايدۇ.
بۇ چارىنى ئۆز ئادىمىگىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆز ئادەملىرىنىڭ غەلىبە قىلىشتىن باشقا ھايات يولى يوق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويسا ھېچقايسىسىنىڭ چېكىنىش يولى بولمىغاچقا ھەممىسى جان تىكىپ دۈشمەن بىلەن ئېلىشىشتىن باشقا يولنى ئىزدىمەيدۇ، جەڭ قىلىش كۈچى چوڭ بولىدۇ. چېكىنىش يولى ئۈزۈلسە ئالدىغا مېڭىشتىن باشقا ئامال يوق.
ئەگەر دۈشمەننى ئۆگزىگە چىقارغاندا چوقۇم ئۇنى تۇتۇش شارائىتى ئىشەنچلىك بولىشى لازىم. بۇ يەردە “ئۆگزە” چىققان كىشى چۈشۈش ئۈچۈن چوقۇم “شوتا” نى كونترول قىلغان كىشىگە بوي سۇنۇشقا مەجبۇر بولىشىنى كۆرسىتىدۇ. دۈشمەننى ئۆگىزىگە ئەمەس، “ئۆي”گە باشلاپ قويسا ئۇ كۈچلۈك ھالەتتە بولسا ئۇنى تۇتماق تەس. ئاجىز بولسا ئاندىن ئىشىكنى تاقاپ ئوغرىنى تۇتۇش تەدبىرى قولىنىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا بۇ تەدبىردە دۈشمەن قىلتاققا چۈشكەندىن كېيىن تەسلىم بولۇش ياكى ئۆلۈمدىن باشقا يول قالمايدىغان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ.
29. 树上开花 shu shang kai hua
دەرەختە گۈل ئېچىلدۇرۇش؛ قۇم چىچەكلىتىپ تۆگىنىڭ قۇيرۇقىنى يەرگە تەككۈزۈش
ئەسلى دەرەختە گۈل ئېچىلمايدۇ، بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنى رەقىبكە ئۆزىنى كۈچلۈك كۆرسىتىش، رەقىبىنىڭ نەزىرىدە مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان نەرسىنى پەيدا قىلىپ ھەيۋە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزى ئاجىز ھالەتتە باشقىلارنىڭ كۈچىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ كۆرسىتىپ رەقىبىنى قورقۇنچقا سېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى “دەرەخ” باشقىلارنىڭ ، ئۇنىڭغا چاندۇرماي گۈلگە ئوخشاش نەرسىنى قېتىپ پەردازلاپ ئېچىلىپ تۇرغان گۈلگە ئوخشاش كۆرۈنىدىغان قىلىپ ئۆزىنىڭ كۈچىنى ھەيۋەتلىك كۆرسىتىشنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئالغان “دەرەخ” بەلكىم باشقىلارنىڭ كۈچى، ياكى ئوبىكتىپ ۋەزىيەت بولىشى مۇمكىن.
(1)ئۆزى ئاجىز بولسا باشقىلارنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىنى كۈچلۈك كۆرسىتىش؛ (2) داۋراڭ سېلىپ ئۆزىنى كۈچلۈك كۆرسىتىش، مەسىلەن بەزى دۆلەتلەر ئۇرۇشنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى كۈچلۈك دەپ تەشۋىق قىلىدۇ، بەزىدە ھەربىي مانۋېر ئۆتكۈزىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ. (3) ئۆزىدە بار بولغان شارائىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆزىنى كۈچلۈك كۆرىستىدۇ.
ئىراق ئۇرۇشىدا ئىراق تەرەپ مۇشۇ چارىنى قولانغان. سادام ئىراقنى كۆچلۈك كۆرىستىپ ئامىركا قوشۇنىنىڭ ئالدىراپ كىرىشىنى كەينىگە سۈرگەن؛ پات-پات تېلىۋىزورغا چىقىپ رەھبەرلىكنىڭ بىخەتەر تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ خەلىق ۋە قوشۇننىڭ كۆڭلىنى تىنجىتقان؛ ئۇرۇشتىن بۇرۇن باغداتنىڭ تېگىدە يەر ئاستى شەھەر بار، ئوزۇق -تۆلۈك ۋە مۇداپىيەلىنىشكە ئەپلىك دەپ كەڭ تەشۋىق قىلغان؛ ئۇرۇشتىن بۇرۇن ھەممە ئادەمگە دىگۇدەك قۇرال تارقىتىپ بەرگەن؛ ئامىركا ئارمىيەسىنىڭ كۆڭلىگە ئىراقتا كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قۇرال بار دىگەن پىسخىكىسىن پايدىلانغان؛ ئۇرۇش بولغان دەسلەپكى كۈنلەردە ھەر كۈنى دىگۈدەك ساخافنى تېلىۋىزورغا چىقىرىپ راست-يالغان خەۋەرلەرنى بەرگەن، كىچىك ساننى چوڭ ئېيتىپ ، چوڭ ساننى كىچىك ئېيتىپ تەشۋىقات قىلغان؛ مۇشۇ چارە شۇ چاغدا مەلۇم رولىنى كۆرسەتكەن.
30. 反客为主 fan ke wei zhu
تالا مۈشۈكى ئوي مۈشۈكىنى قوغلاش؛ مىھمان ساھىپخان ئورنىغا ئۆتىۋېلىش؛
بۇ چارە ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇپ، ئاۋال بىر ئاماللار بىلەن رەقىبنىڭ ئىچكى قىسمىغا سىڭىپ كىرىۋېلىش، ئۇنىڭ رەھبەرلىك ئورۇنلىرىغا كىرىش، ئاندىن ئۇنى كونترول قىلىپ بۇ تەرەپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بەزىدە رەقىبنىڭ قۇماندانىنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ ئاستىرتىن بۇ تەرەپكە پايدىلىق ئىش قىلىشىغا مەجبۇر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تالا مۈشۈكى پەردە ئارقىسىدا بۇ قۇمانداننىڭ قۇماندانى بۇلىۋېلىپ رەقىبكە چوڭ زىيان سالىدۇ. رەقىبنىڭ رەھبىرى ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ قارىشىدا ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچى بولغان بىلەن، ئۇ بىر قۇرۇق جازا ، ئۇنىڭ قۇماندانى(تالا مۈشۈكى) پەردە ئارقىسىدا بولىدۇ.
بۇ چارە ئىسلام دۇنياسىغا ئىشلىتىلسە مۇنداق ئىشلىتىش مۇمكىن: كۈچلۈك دۆلەت بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھاكىمىەت بېشىدىكىلەرنى شەخسىي مەنپەتنى يۈكسەك دەرىجىدە كاپالەتلەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ نەپسىدىن پايدىلىنىپ ياكى ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا تەھدىت سېلىپ كونترول قىلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىغا پايدىسىز، شەكىلدە ئىسلام ئەمەلىيەتتە غەيرى ئىسلام يولىنى تۇتۇشقا يېتەكلىشى مۇمكىن. ئۇلارنى يۆلەپ، ئارقا تىرەك بولۇپ ھەقىقىي مۇسۇلمانلارنى بولسا، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن يوقىتىشى مۇمكىن. ئىسلاھات قىلغۇچى شەكلى بىلەن ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنى ئىشلەتمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ نەپسىنى قاندۇرىدىغان، ئىسلامغا زىيان بولىدىغان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ، كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق يولىنى تۇتۇپ مېڭىشىغا توسقۇن بولىشى مۇمكىن. ئافغانىستان، ئىراقلارغا خوجايىنلىق ئورنىغا ئەكىلىپ تىكلەپ قويۇلغانلار ئىسلام دىنى ۋە شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارغا نىسبتەن تالا مۈشۈكى ھىساپلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە پەردە ئارقىسىدا قانداق تالا مۈشۈكى بارلىقى ئىنىق بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ خۇجايىنى ئامىرىكا بولىشى مۇمكىن.
31~36 رەقىبى كۈچلۈك چاغدا كۆپرەك ئىشلىتىدىغان ھىلىلەر
31. 美人计 mei ren ji
ساھىپجامال ھىلىسى
رەقىبى كۈچلۈك بولغاندا ئۇنىڭ قۇماندانىنى ئاجىزلىتىش ھېلىسى ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە قۇماندان ئەر كىشى بولىدۇ. ھەم قابىلىيەتلىك يۇقۇرى ئورۇندا ھوقۇق تۇتىۋاتقان كىشىلەرمۇ كۆپىنچە ئەر كىشى بولىدۇ. ھەم بۇ خىل كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى گۇزەللەرگە ئامراق بولىدۇ. شۇڭا ئايال كىشى ئارقىلىق بۇ قۇمانداننى ئاجىزلىتىش، قايمۇقتۇرۇش ھىلىسىنى قوللانغان. رەقىبنىڭ قۇماندانىغا ېيقىنلاشتۇرماقى بولغان ساھىپجالمال، تەرقى-تۇرقى ئۇنى جەلىپ قىلغۇدەك گۈزەل بولۇپلا قالماي يەنە ئەقىل-پاراسەتلىك شۇ قۇمانداننى قايمۇقتۇرالايدىغان بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ساھىپجامالنىڭ ئۆتەيدىغان رولى ھەر خىل بولىدۇ: قۇماندانغا خوتۇنلۇققا بېرىلىپ ئۇنىڭ يېقىن ئادىمى ھىساپلىنىپ ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قۇلى بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى غوللۇق كىشىلەرنى يوقۇتۇش؛ مۇھىم ئاخباراتلارنى بۇ يۇ تەرەپكە يەتكۈزۈش؛ قۇمانداننىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاجىزلىتىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشى مۇمكىن. بەزىدە ساھىپجامالنى رەقىبنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئىشپىيون قىلىپ كىرگۈزۈپ مەخسۇس ئاخبارات ئوغۇرلىشى مۇمكىن. بەزىدە يىراقنى كۆزلەپ رەقىبى بىلەن ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن قۇدا بولۇپ تېنچ ئۆتۈشى مۇمكىن. جوڭگو تارىخىدا شۇنداق ئىشلارنىڭ بولغانلىقى سۆزلىنىدۇ. بەزىدە ساھىپجامال ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە رەقىبنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىنى يۇقىتىشىم مۇمكىن.” ئاتتىلا” دەيدىغان بىر كىنو فىلىمى بولىدىغان، ئاتتىلا ئىنتايىن باتۇر ھەم ئىنتايىن قابىلىيەتلىك قۇماندان بولۇپ ئۇنىڭغا ھېچكىم تەڭ كېلەلمىگەندە، ساھىپجامال ھىلىسى بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرگەن بىر ۋەقە بايان قىلىنىدۇ.
1-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە داڭلىق بىر ئايال جاسۇس گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىىسدا جاسۇسلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. شۇ چاغدا ئۇنى يارۇپالىقلار بىر ئارمىيەگە تەڭ تۇرالايدۇ دەپ قارىغانكەن. چۈنكى ئۇ بىر پاھىشە ئايال بولۇپ گېرمانىيەگە تەمىنلىگەن ئاخباراتى سەۋەپلىك بەش مىڭ فىرانسىيەلىك جېىندىن ئايرىلغان. ئۇنىڭ ئىسمى ماتا.خالى ئىكەن؛
قىسقا فىلم: http://v.ifeng.com/his/200807/c2e403cf-95f6-49cc-9a1f-ea366e63b584.shtml
32. 空城计 kong cheng ji
شەھەرنى قۇرۇق قالدۇرۇش ھىلىسى
بۇ بىرخىل پىسخىكا ئۇرۇش تاكىتكىسى بولۇپ، شەھەرنى مۇداپىيە قىلىپ قوغداپ قېلىشقا كۈچ يېتەرلىك بولمىغاندا قەستەن شەھەرنى قوغدىمىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، دۈشمەنگە شەھەرنى ھېچ كىشى قوغدىمىغان قىياپەتنى كۆرسىتىپ قويۇلىدۇ. بۇ چاغدا دۈشمەن گۇمانغا چۈشىدۇ، چۈنكى شەھەرنى قوغداش ئەقىلغا مۇۋاپىق ئىش . ئەمما شەھەرنى قوغدىمىغان قىياپەتنى كۆرسەتكەندە، دۈشمەن تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى بۆكتۈرمە قويۇپ شەھەرگە كىرىشىمىزنى كۈتىۋاتقان گەپ دىگەن گۇمان پەيدا بولىدۇ. “ئۆگزىگە چىقىرىپ شۇتىنى ئېلىۋېتىش” ، ياكى “ئىشىكنى تاقاپ ئوغرىنى تۇتۇش” ھىلىسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولسا كېرەك دىگەن گۇمان بىلەن شەھەرگە ئالدىراپ كىرىشكە پىتىنالماي تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ ھىلىدە دۈشمەن تەرەپ قۇماندانىنىڭ پىسخىكىسىنى ۋە مىجەز خاراكتىرىنى بىلىش مۇھىم. قۇماندان گۇمانخور بولسا بۇ قىلتاققا ئاسان چۈشىدۇ. بۇ ھىلە پەقەت دۈشمەننى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ تەدبىرنىڭ ئىككى خىل شەكلى بولىدۇ: (1) ئەسلىدىلا ئاجىز كۈچسىز بولۇپ ئۆزىنى تېخىمۇ ئاجىز قىلىپ كۆرسىتىلسە دۈشمەن تەرەپ بۆكتۈرمىگە ئۇچراش خەۋپىدىن قورقۇپ، ياكى ئىشىكنى تاقاپ ئوغرى تۇتۇش، ياكى ئۆگزىگە چىقىرىپ قويۇپ شۇتىنى تارتىۋېتىش قىلتىقىغا چۈشۈپ قېلىشتىن قورقۇپ ھۇجۇم قىلىشتىن يانىدۇ؛ (2)ئەسلىدە كۈچلۈك بولۇپ، ئۆزىنى ئاجىز كۆرسىتىپ دۈشمەننىڭ كىرىشىنى كۈتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۆكتۈرمە قويۇپ تۇيۇقسىز زەربە بېرىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
بۇ تەدبىرگە جۇگېلىياڭنىڭ ياڭپىڭ شەھىرىنى ئون مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن قوغداپ قالغان ئىشى مىسال بولىدۇ. جۇگېلىياڭ ۋېييەننى چوڭ قوشۇنغا باش قىلىپ ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىۋەتكەندە ۋېي قوشۇنى ئىككى يۈزمىڭ كىشىلىك زور قوشۇننى باشلاپ ياڭپىڭ شەھىرىگە كېلىپ قالىدۇ. جۇگېلىياڭ باشقا يەردىن قوشۇننى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئۈلگۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن شەھەرنى قۇرۇق قالدۇرۇش ھىلىسىنى قوللىنىدۇ. شەھەرنىڭ ھەممە قوۋۇقىنى چوڭ ئېچىۋېتىپ قېرى كىشىلەرنى دەرۋازا ئالدىنى تازىلاشقا سېلىپ قويۇپ، ئۆزى شەھەر سېپىلىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ساز چېلىپ ناھايىتى خاتىرجەم ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ ئولتۇرىدۇ. گۇمانخور سىما جۇگېلىياڭنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ چوقۇم بىر ھىلە بار، بەلكىم بىزنى ئالداپ شەھەرگە كىرگۈزمەكچى، شۇڭا ئېھتىياتھان بولۇپ چېكىنىپ تۇرايلى دەپ شەھەرگە كىرىشكە پېتىنالمايدۇ. كېيىن سىما بۇ شەھەردە راستىنلا كۈچلۈك قوشۇن يوق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ پۇشايمان قىلىشتىن باشقا ئامال قالمايدۇ، ئۇ چاغدا كۈچلۈك قوشۇن ئاللىقاچان شەھەرگە قايتىپ كەلگەن ئىدى.
ئۆگىزگە چىقىرىپ شۇتىنى ئېلىۋېتىش بىلەن، شەھەرنى بوش قالدۇرۇش ھىلىسى قارىمۇ-قارشى بولۇپ، بىرىدە ئالداپ كىرگۈزسە ، يەنە بىرىدە قورقۇتۇپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دۈشمەن تەرەپ بۇ ھىلىنىڭ قايسىسىغا چۈشىشىنى بىلەلمەي قېلىپ قىلتاققا دەسسەپ قالىدۇ. شۇڭا ئالدىنقىسىدا دۈشمەننىڭ ئۆگىزىگە چىقىشىغا جۈرئەت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرسە، كېيىنكىسىدە شەھەرگە كىرىشكە پېتىنالماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم بولىدۇ. بۇ ھىلىلەرنىڭ ھالقىلىق يېرى شۇ يەردە.
33. 反间计 fan jian ji
ئارىنى بۇزۇش ھىلىسى
بۇ ئەسلىدە دۈشمەننىڭ جاسۇسىدىن ئەپچىللىك پايدىلىنىپ بۇ تەرەپ ئۈچۈن ئىشلىتىش ھىلىسى. بۇنىڭدا دۈشمەننىڭ جاسۇسىنى بايقاپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنى تۇتماي، ھەم ئۇنىڭغا سەزدۈرمەي، بۇ تەرەپنىڭ يالغان ئاخباراتىنى ئۇنىڭغا راستتەك بىلىندۈرۈپ (ئۇ مۇھىم ئاخباراتنى ئوغۇرلىدىم دەپ يالغان ئاخباراتنى ئوغۇرلايدۇ )دۈشمەن تەرەپكە يالغان مەلۇماتنى تارست دەپ يەتكۈزىشىنى كۆرسىتىدۇ.
جاسۇسدىن پايدىلىنشنىڭ بەش خىل شەكلى بولىدۇ: (1) دۈشمەن تەرەپنىڭ يەرلىك ئادىمىنى جاسۇسلۇققا سلېىش؛ (2) دۈشمەن ئىچىدىن ئادەم سېتىۋېلىپ جاساسلۇققا سېلىش؛ (3) دۈشمەن تەرەپ جاسۇسلۇققا ئەۋەتكەن ئادىمىنى سېتۋېلىپ ياكى ئەپچىللىك بىلەن ئۇنىڭ بۇ تەرەپ ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش؛ (4) دۈشمەن تەرەپنىڭ جاسۇسىغا قەستەن يالغان ئاخبارات بىلەن تەمىنلەپ دۈشمەن تەرەپكە يەتكۈزۈش، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن بۇ جاسۇسنى ئۆلتۈرىدۇ؛ (5) بېرىپ كېلىش قۇلايلىق بولغان كىشىنى دۈشمەننىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى رازۋىتكا قىلىپ كېلىشكە ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەش. بۇلارنىڭ ئىچىدە دۈشمەننىڭ جاسۇسىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىش مۇھىم. جاسۇسنى بايقاپ قالغاندىن كېيىن ئۇنى يۇقۇرى پايدا بېرىپ سېتىۋېلىپ ياكى ئۇنىڭغا ئۇقتۇرماي ساختا مەلۇماتنى ئۇ ئارقىلىق دۈشمەن تەرەپكە يەتكۈزۈپ، دۈشمەن تەرەپنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلگۈنچۋىلىك پەيدا قىلىش. جاسۇسنى سېتىۋېلىشمۇ دۈشمەن تەرەپكە بۆلگۈنچىلىك سالغانلىق بولىدۇ؛ ئۇنى سېتىۋالماي، ھەم ئۇنىڭغا ئۇجتۇرماي ئۇ ئارقىلىق ساختا ئاخبارات يەتكۈزۈلسىمۇ، كېيىن ئۇ بۇ جاسۇسنى ئۆلتۈرىدۇ.
بۇ ھىلىنىڭ يەنە بىر شەكلى بولسا، دۈشمەننىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرىپ ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىغاا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ ئۇلارنى يوقۇتۇشقا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاش. ئارىنى بۇزۇش ئۇسۇللىرى: (1) ئىغۋا تارقىتىش؛ (2) ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىش؛ (3) ئەسلىدە بار بولغان ئىچكى زىددىيەتلىرىنى ئۇلغايتىش؛ (4) بىرىنى تارتىپ يەنە بىرىنى ئۇرۇش. ئارىنى بۇزۇش ھىلىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەقىل -پاراسەت لازىم بولىدۇ.
مىسال: 1994- يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ، ئامىرىكا بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى چاقماق تېزلىكىدە بېرىپ ئالىنتون شەھەر سىرىتىدكى بىر داچىنى قورشايدۇ. 52 ياشلىق ئەيمۇس چاماداننى ئېلىپ ئىشىكىدىن چىقىشىغا ئۇنىڭ قۇلىغا كوزا سالىدۇ. ئەسلىدە ئەيمۇس 1962-يىلدىن تارتىپ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان بولۇپ 1985-يىلىدىن باشلاپ سوۋىت ئۇنى سېتىۋالغانمىشكەن.
ئارىنى بۇزۇش ھىلىسىنى ئىسلامغا ئىشلەتسە مۇنداق ئىشلىتىدۇ: نىشان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇش بولغاچقا ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاق بولىشىغا تۈرتكە بولىدىغان يەرنى بۇزىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق بولىشىغا ئەڭ چوڭ كۈچ بولىدىغان نەرسە توغرا ئېتىقاددۇر. شۇڭا ئارىنى بۇزۇش، ئىتتىپاق بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن: (1) ھەر قايسى رايونلارغا مەزمۇندا پەرىقلىق بولغان كىتاپلارنى تارقىتىش؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ رايون مۇسۇلمانلىرى بىلەن يەنە بىر رايون مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسلامنى چۈشىنىشىدە پەرىق چوڭىيىدۇ، ھەر قايسىسى ئۆزىنىڭكىنى تۇغرا دەپ چىڭ تۇرۇپ بىر-بىرى بىلەن ئىناق ھالەتكە كېلەلمەيدۇ. (2) مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى شەرىئەتتە رۇخسەت قىلىنغان ئىختىلاپ مەسىلىلەرنى بىر-بىرىنى سىغدۇرمايدىغان چوڭ ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەرگە ئايلاندۇرۇش؛ مەزھەپلەرنىڭ پەرقىنى چوڭايتىپ تەشۋىق قىلىش؛ (3) ئىسلامنى سەت كۆرسىتىدىغان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرۇش؛ (4) مۇسۇلمان رايونلارنىڭ ئەمەلدارلىرىنى كونترول قىلىپ ئۇلار ئارقىلىق ئىسلام ئەھكاملىرىنى ئۆزگەرتىش؛ (5) بىر قىسىم مۇسۇلمانلارغا تۆھمەت قىلىپ قالغان مۇسۇلمانلارنى ئۇلاردىن يىرگەندۈرۈش؛ (6) مۇسۇلمانلار رايونلىرىدا “مۇسۇلمانلار قېرىنداش” دىگەننىڭ ئورنىغا مىللەت ئۇقۇمىنى كۈچلەندۈرۈپ ئۇنىڭغا دەسستىش؛ شۇنىڭ بىلەن ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى تەبى ھالدا بىر-بىرىنى يەكلەپ چەتكە قاقىدۇ. (7) بىر قىسىم مۇسۇلمانلارغا زىيان سالغان بىرەر ۋەقەلەرنى تۇغدۇرۇپ، ئۇنى باشقا مەزھەپ مۇسۇلمانلىرىغا دۆڭگەپ قويۇش؛ (8) مۇسۇلمانلارنى دۆلەت چىگرىسى ئارقىلىق بىر -بىرىدىن ئايرىش؛ ئارىنى بۇزۇش ھىلىسىنى ئورۇنلاشتا مۇناپىقلاردىن پايدىلىنىدۇ. ئېتىقادنىڭ بىر خىل بولىشى، چۈشەنچىنىڭ بىر خىل بولىشى بىرلىكلىكنى ھاسىل قىلىشتا رولى چوڭ. شۇڭا چۈشەنچىلەردە زىتلىق پەيدا قىلىنسا ئىناقلىقنىڭ ساقلىنىشىمۇ تەس.
34. 苦肉计 ku rou ji
قىيناق ھىلىسى
ئادەتتە كىشىلەر ئۆز-ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىشنى خالىمايدۇ، ئەگەر باشقىلار زىيانكەشلىك قىلدى دىسە ئىشىنىدۇ. بۇ ھىلە مانا مۇشۇ پىسخىكىدىن پايدىلىنىدۇ. بۇ ھىلە “ئارىنى بۇزۇش ھىلىسى”نىڭ ئالاھىدە شەكلى . ئۆزىنى يارىلاندۇرۇپ راست ئارقىلىق يالغاننى پەردازلايدۇ، يەنى يارىلانغىنى راست، ئەمما ئۆز ئادىمى تەرپىدىن راستىنلا زىيانكەشلىككە ئۈچرىغىنى يالغان. بۇ ھىلىدە، دۈشمەنگە بۇ تەرەپتە ئىچكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ ئۆز-ئارا دۈشمەنلەشكەندەك تەسىر بېرىپ ، بىر تەرەپنىڭ دۈشمەنلىك قىلغانلىقىغا دۈشمەننى ئىشەندۈرۈپ، دۈشمەننىڭ ئىچكى قىسمىغا ئەپچىللىك بىلەن كىرىپ جاسۇسلۇق قىلىدۇ. شۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن بۇ تەرەپتىكىلەر تەرىپىدىن يارىلاندۇرۇلۇپ ياكى ئۆزىنى ئۆزى يارىلاندۇرۇپ ، زىيانكەشلىك قىلىنغانلىقىغا قارىتا دۈشمەننى ئىشەندۈرىدۇ. يەنى ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىش بەدىلىگە دۈشمەننىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
بۇ ھىلىنىڭ شەكىللىرى: (1) دۈشمەننى ئالداپ ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش؛ ئۆزىنى ئېغىر يارىلاندۇرۇپ، ھەم بىچارە قىياپەتتنى شەكىللەندۈرۈپ، دۈشمەننىڭ ھىسداشلىقى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش؛ (2) دۈشمەننىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرىپ ئارىنى بۇزۇش؛ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىپ دۈشمەننىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرىۋالغاندىن كېيىن ئاستىرتىن ئارىنى بۇزۇش بىلەن شۇغۇللىنىش؛ (3) دۈشمەننى قەستەن قىسمەن ياكى ۋاقىتلىق غەلىبە قىلدۇرۇپ، بۇ تەرەپنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ جان تىكىپ جەڭ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ (4) ئاۋال ئۆزىنى مەلۇم دەرىجىدە قۇربان قىلىپ تۇرۇپ، دەسمايىغا ئېرىشكەندىن كېيىن تېخىمۇ چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ (5) ئۆزىنى يۇشۇرۇن يارىلاندۇرۇپ، ئېغىر يارىلانغاندەك پەردازلىنىپ ئاندىن باشقىلارنىڭ ئەدىۋىنى بېرىش؛
بۇ ھىلىنى ئىشلىتىشنىڭ خەتىرى كۆپ. ئۆزى زەخىملەنگەندىن سىرت، ئەگەر دۈشمەن سېزىپ قالسا ھەممە تارتقان جاپا بىكارغا كېتىدۇ.
بۇ ھىلىنى مۇرەككەپ جەڭلەردە كۆپ ئىشلىتىدۇ. تۇرمۇشتىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.
پاكىستاننىڭ “مىراسخور” دەيدىغان كۆپ قىسىملىق فىلىمىدە مۇنداق بىر ۋەقەلىك بار: ئەسىمەتخان مۇھەممەد شىر دىگەن ئادەمنى تۇتىۋېلىپ 25 يىل سۇلاپ قويىدۇ، شۇنچە ۋاقىت قىيناپ نەچچە ساندۇق ئالتۇنلارنى نەگە يۇشۇرۇپ قويغانلىقى توغرىسىدا ئېغىزىنى ئاچۇرالماي، بۇ ئىشتا دىلاۋۇرنىڭ ياردەم قىلىشىنى سورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن دىلاۋۇر ئەسىمەتخانغا ئەقىل كۆرسىتىپ: “مېنى ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا تاشلاپ قويۇڭۇلار” دەيدۇ. ئەسەمەتخان دىلاۋۇرغا ئامراق بولغاچقا “نىمە دەپ سېنى ئۇرغۇدەكمەن! بولمايدۇ!” دەۋىتىپ، ئاندىن ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى چۈشىنىدۇ. دىلاۋۇرنى يارىلاندۇرۇپ مۇھەممەد شىر قامالغان يەرگە تاشلاپ قويىدۇ. بۇنداق قىلشىتىكى مەقسەت، مۇھەممەد شىرنى دىلاۋۇرمۇ ئەسىمەتخاننىڭ دۈشمىنى قىلىپ ئىشەندۈرۈپ ، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ مۇھەممەد شىرنىڭ ئالتۇنلارنى نەگە يۇشۇرغانلىقىنى بىلىش ئىدى. دىلاۋۇر ھەققانىيەتنى بەك ياقىلايدىغان كشى بولغاچقا، مۇھەممەد شىر بىلەن مۇڭدىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ دۆلەت مەنپەتنى ئۈچۈن شۇنچە ئازاپلارنى چېكىپمۇ چىدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، بۇ يەردىن قاچۇرۋېتىپ ئۇ ئالتۇنلارنى دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشكە ياردەم قىلىش نىيىتىگە كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ “قىيناق ھىلىسى”نى ياندۇرۇپ يەنە ئەسىمەتخانغا ئىشلىتىدۇ. مۇھەممەد شىرنى قاچۇرۋېتىپ ئۆزىنى يارىلاندۇرۇپ يېتىۋالىدۇ. بۇ يەردە دىلاۋۇرنى مۇھەممەد شىر يارىلاندۇرۇپ قېچىپ كەتكەن دىگەن شەكىلنى چىقىرىپ ئەسىمەتخاننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشمەكچى. شۇنداق قىلىپ دىلاۋۇر ھەر ئىككىلا تەرەپكە “قىيناق ھىلىسى”نى قوللىنىپ ھەققانى تەرەپكە ياردەم قىلىدۇ. فىلىمنىڭ ئاخىرىدا ئەسىمەتخان دىلاۋۇرنىڭ ئۇنىڭغا ساتقىنلىق قىلغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ ئۇ چاغدا بەكلا كېچىككەن بولىدۇ.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، دۈشمەن تەرەپنىڭ تۈرمىسىگە چۈشۈپ قالغان كىشىلەر ئارقىلىق بەزى ئاخباراتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن مۇشۇ خىل ھىلە بىلەن ئۆز ئادىمىنى تۈرمىگە يارىلاندۇرۇپ كىرىگۈزىدىغان ئىشلارمۇ بار.
35. 连环计 lian huan ji
زەنجىرسىمان ھىلە
بۇ ئىككىدىن ئارتۇق پەمنى بىر -بىرىگە كىرىشتۈرۈپ تەڭ قوللىنىشنى كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن، ئىسرالىيە ئىراقنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلىشتا، شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا، “توپىلاڭدىن تۇقاچ ئوغۇرلاش” نى “سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش” تەدبىرى بىلەن تەڭ قوللانغان.
“زەنجىرسىمان ھىلە”نى ئىسلامغا ئىشلەتسە مۇنداق ئىشلىتىدۇ: “قازاننىڭ ئوتىنى تېرتۋېتىش ھىلىسى”،”شەكىلنى قالدۇرۇپ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ھىلىسى” بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقى تۇغرا ئېتىقادقا ئېرىشىشىغا تۇسقۇنلۇق قىلىش، “ئارىنى بۇزۇش ھىلىسى” بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى، ئۇيۇيۇش كۈچىنى ئاجىزلىتىش، ھەم “باشقىلارنىڭ قۇلى بىلەن جايلاش” ھىلىسى بىلەن ھەقىقى مۇسۇلمانلارنى يوقۇتۇش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچكى زىددىيىتىنى كۈچلەندۈرۈپ قويۇپ “ئۆزىنى دەم ئلدۇرۇپ رەقىبىنى چارچىتىش”، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا زىددىيەتنى كۈچەيتىپ توقۇنۇش ھاسىل قىلىپ “توپىلاڭدا تۇقاچ ئوغۇرلاش”، “جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا” ھىلىسى بىلەن ھەركەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى باشقا يەرگە بۇراپ، ئۆزلىرىنىڭ يۇشۇرۇن ھەم سىتراتىگىيىلىك رەزىل نىشانلىرى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش، مۇسۇلمانلار ئارىسىغا ئوت قۇيۇپ(توقۇنۇش پەيدا قىلىپ) بېرىپ ياكى بەزى پۇرسەتلەردە “ئېغىزىدا كۈلكە، قوينىدا بەكە” ھىلىسى بىلەن “ئازراق بەدەل تۆلەپ تېخىمۇ چوڭ پايدىغا ئېرىشىش”، ئاللا يولىدا جىھاد قىلىۋاتقان كىشىلەرنى “چۆپنى ئۇرۇپ يىلاننى ئۆركۈتۈش” ھىلىسى بىلەن قېزىپ چىقىرىپ يوقۇتۇش، بەزى رايونلاردا “تۇتۇش ئۈچۈن ئارقاننى ئۇزۇن قويىۋېتىش” ھىلىسى بىلەن مۇسۇلمانلارنى بىخۇتلاشتۇرۇش، “ئوغرىنى تۇتساڭ چوڭنى تۇت” تەدبىرى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا داڭلىق ئالىم بولغان كىشىلەرنى كونترول قىلىش، پارچىلانغان مۇسۇلمانلار ئارىسىدا “بىر قىسىملار بىلان دىپلۇمات ئورنۇتۇپ بىر قىسىملارنى يېتىم قالدۇرۇپ ئۇرۇش”، بەزى مۇسۇلمان رايونلىرىدا ھوقۇقدارلارنى پەردە ئارقىسىدا باشقۇرۇپ “مېھمان خۇجايىن بولىۋېلىش” قاتارلىق ھىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەڭ دىگۇدەك ئىشلىتىپ، ئىسلامنى ئەڭ ئاجىز ھالەتكە كەلتۈرۈش، مۇسۇلمانلارنى شەكىلدە “مۇسۇلمان” ئەمەلدە باشقا قىلىۋېتىش، دۇنيانى ئاللاھنىڭ قانۇنى بىلەن باشقۇرمايدىغان ھالەتنى ساقلاش.
36. 走为上 zou wei shang
كەتكەن ئەلا
三十六计،走为上计
ئىش ئەپلەشمىگەندە: “36 پەم دانادۇر، غىپپىدە تىكىۋېتىش ئەلادۇر” دەپ چېكىنىشتە ئىشلىتىلىدۇ
بۇ تەدبىر، رەقىب بەك كۈچلۈك بولۇپ، ئەمەلىي شارائىت مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا ، جاھىللىق بىلەن قاراملىق قىلىپ دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلماي، ۋاقتىنچە چېكىنىش، ياكى يۆتكىلىش، ياكى چېكىنىپ يۈرۈپ رەقىبىنى جايلاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قېچىپ كېتىش بىلەن پەرىقلىنىدۇ. “قېچىش” بولسا دۈشمەندىن يېڭىلىپ قورقۇچتا ئىنتىزامسىز ھالدا قچېىشنى بىلدۈرىدۇ. “كېتىش” بولسا شۇ چاغدىكى پايدىسىز شارائىتتىن ۋاقىتىنچە باشقا يەرگە يۆتكىلىپ، پايدىلىق شارائىتقا ئىگە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پىلانلىق ھەم “تومۇزغىنىڭ قاسراقىنى تاشلىشى” دىگەندەك پەملەر بىلەن دۈشمەنگە مەقسەتنى سەزدۈرمەي ئېلىپ بېرىلىدۇ. “كەتكەن ئەلا ” تەدبىرىنىڭ نىشانى يەنىلا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

مەنبە:12تاغ تورى
 
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-06 05:17 |
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 298
شۆھرەت: 1942 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1951 سوم
تۆھپە: 1099 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1106 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 329(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىلىم ئەپەندى ،ئەجرىڭىزدىن خەلقىمىز بەكمۇ سۆيۈنمەكتە!!!.
تېنىڭىزگە سالامەتلىك ،قەلىمىڭىزگە بەركەت يار بولسۇن!!!.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 10:58 |
jasurbek
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7356
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 24 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 24 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت  . بۇ پەملەرنى بىزمۇ ئۈگۈنۈپ قويساق بولغۇدەك.بۇنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا  قولللىنىش قىممىتى ئىنتايىن زور .مۇداپىئە ھەم ھۇجۇم چارىسىكەن.مەن  ساقلىۋالدىم.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 11:10 |
adilxa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4743
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 45
شۆھرەت: 225 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 225 سوم
تۆھپە: 135 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 135 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت سىزگە مەنمۇ ساقلىۋالاي.
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 13:03 |
caliskan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7407
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 21 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 21 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر،ياخشى يىزىپسىز،لىكىن مەن تازا قوبۇل قىلىپ كىتەلمىدىم، نامىنى قايتا ئويلىنىپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن،مىنىڭچە <پەم>ئاتالغىسى بىزدە ئىجابى سۈپەتتە قوللىنىلىدۇ،لىكىن بۇ <36تەدبىر>دىگىنى ھەرقانچە ياپسالىساقمۇ ماڭا پەقەتلا بىراۋغا زىيانكەشلىك قىلىش،ۋەھشىيلىك،.....قىسقىسى ھىلە-مىكىر دائىرىسىدىن چىقىپ كىتەلمەيدىغاندەكلا تۇيۇلىدۇ،شۇڭا <36پەم>گە قارىغاندا <36ھىلە>دەپ ئاتىساق بىرقەدەر ئىلمى ۋە سىپايە بولامدىكى،
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 17:08 |
kapitan1227
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7053
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 64 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 64 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نىمە دەپ ئاتساق بىزگە پايدىلىق ئىكەن.ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچە ئاتلىپتۇ.چۈشنۈش ئۈزىمىزدىكى گەپ .ئىلىم ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر.ئۇقۇپ قويساق خەقتىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىمىز.خەقتىن ئازراق بولسىمۇ پەخەس بۇلىمىز.خەقنىڭ دېپىغا ئازراق ئۇسسۇل ئوينايمىز.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 18:10 |
turan
سۇكۇتتە تۇرۇشۇم ئاجىزلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 159
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 578
شۆھرەت: 3307 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3328 سوم
تۆھپە: 1927 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1934 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 533(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەممىسى ئادىمىلىككە يات پەملەركەن،بۇ پەملەر ئېتقادى بار ئادەملەرگە راۋا ئەمەس،ھەممىسىنىڭ نەفىس ئۇچۇن ئېشلتىلدىغىندا گەپ يوق...
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 19:47 |
ilim

دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1086
شۆھرەت: 6991 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 7100 سوم
تۆھپە: 3920 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3984 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1590(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ تېما ئەسلى ئىزدىنىشتىكى 86 قېرىندىشىمىزنىڭ يازمىسى ئىدى .بۇ تېمىنى ئۇنىڭ رازىلىقى بىلەن بۇ يەرگە 12تاغ مۇنبىرىدىن يۆتكىدىم .
36 پەم دەپ كىتاپمۇ بار .قارىغاندا تەرجىمان ئىلىمگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن مەجبورەن پەم دەپ تەرجىمە قىلغان بولىشى مۇمكىن
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 22:23 |
arknur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1896
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 272
شۆھرەت: 1468 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1482 سوم
تۆھپە: 867 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 867 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزدەك ئۇدۇل قاراش، تۈز چۈشۈنۈش، ساددا بولۇش،  ھېيلىگەر بولماسلىق بىزنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن ئىسىل، مەدھىلىنىدىغان خىسلەتلەر بولغىنى بىلەن باشقىلار ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەسكەن. باشقىلار ھېيلىگەرلىكنى كۈندە ئۇچ ۋاق تاماق يىگەندەكلا نورمال،ئادەتتىكى ئىش دەپ قارايدىكەن. قارىغاندا بىز ھېسسى مىللەت، بارلىق ئىشلىرىمىزنى ھېسىياتقا باغلاپ قىلىمىز ، باشقىلار ئەقلى مىللەت ئوخشايدۇ، ھېسىياتقا قارىماي، پۇرسەت يىتىلمىگىچە ئۇ ئىشنى قىلمايدىكەن. شۇڭا بىزنىڭ ئارىمىزدىنمۇ نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئەقلى بىلىم بىلەن ئىش بىجىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 12:14 |
diwa

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 724
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 199
شۆھرەت: 1295 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1308 سوم
تۆھپە: 722 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 734 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 143(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھىلىلەرگە تاقابىل تۇرغاندا ئىشلەتسەك بولغۇدەك
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-09 11:03 |
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 599
شۆھرەت: 3638 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3794 سوم
تۆھپە: 2087 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2093 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 746(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

36 ھىلە
36 قىلتاق
دېسەكمۇ بولارمىكىن...
ئەمەلىيەتتىمۇ بۇلار ھىلە-مىكىر بىلەن يۇغۇرۇلغان...
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-07-09 11:51 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » تەرمىلەر