سىز دۇكان دەپ ئاتىۋالغان ئۆيلەرگە قانۇنىي جەھەتتىن تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىپ ئاندىن ئاچقان بولسىڭىز ئۇ ئۆيلەرنى دۇكان دەپ ئەنگە ئېلىشقا بولاتتى. يەنى خاراكتېرى ئوخشىمايدۇ، ئەسلى يەر خېتىڭىزدە دۇكان يېرى دەپ يېزىلغان بولسا رەسمىي دۇكان ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر ئۆي ئورنىنى دۇكان قىلىپ پايدىلانغان بولسىڭىز، ئائىلە ئۆيىنى دۇكان قىلغان دەپ تىزىمغا ئېلىنىدۇ، ھازىر چىقىپ - كۆچۈرۈشكە دۇچ كەلگەن بولسىڭىز بەلكىم بۇ ئىشلار سىزگە كۆپ توسالغۇ بولىدۇ، چېقىپ - كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ قائىدىسىدە مەيلى دۇكان ياكى ئۆينى دۇكان قىلىپ ئىشلەتكەن بولۇپ چوقۇم تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىلگەن بولۇشى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 2 يىل بۇرۇن بېجىرىلغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، شۇندىلا دۇكان ھېسابلىنىدۇ. (بۇ ھازىر ئۈرۈمچىدە قوللىنىۋاتقان سىياسەت، سىلەر تەرەپتە قانداق ماڭا نامەلۇم)
يەنە بىر گەپ: قۇرۇق يەرگە تۆلەم بېرىلمەيدۇ، چۈنكى ئۆي سىزنىڭ بولغان بىلەن زېمىن دۆلەتنىڭ .... ئۆيسىز يەرگە قانداق تۆلەم بېرىدۇ ؟؟؟ بۇ بىزدىكى ئالاقەت سىياسەتلەرنىڭ بىرى ....
مەنچە سىز شەھەردىكى دۆلەت ئېتىراپ قىلىدىغان ئۆلچەپ - سىزىش ئىدارىسىدىن بىرنى تەكلىپ قىلىپ، ئالدى بىلەن بارلىق ئۆي ئورنىڭىزنىڭ ئومۇمىي كۋادارت سانىنى بىر ھېسابلىتىپ چىقىرىپ قويىسىز، ئاندىن بارلىق بار بولغان ئۆيلەرنىڭ كۋادرات سانىنى ئايرىم ھېسابلىتىپ چىقىرىپ قويغىنىڭىز ياخشى، ئۇلار سىزگە ئۆلچەملىك تەكشىلىك خەرىتىسى چىقىرىپ تامغا بېسىپ بېرىدۇ. ( ئۇلار كەلگەندە ئادەتتىكى مېتىر ياكى لازىر نۇرلۇق ئۇسكۈنە بىلەن ئۆلچەش ئېلىپ بارغاندا ئۇنىماي، سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئۆلچەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئۈسكۈنىدە بىر سانتىمېتىر يەرمۇ كەم بولمايدۇ. مەن شۇنداق قىلدۇرغان )
ئۇنىڭدىن باشقا ئۆيىڭىزنى ئالغۇچىلار چوقۇم بارلىق ئۆينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بويىچە بىر پارچە باھالاش دۇكلاتى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك. (بۇ مەزمۇنىدا، ئۆينىڭ قانداق قۇرۇلمۇلۇق ئۆي ئىكەنلىكى، ئۈستىنىڭ نېمە بىلەن يېپىلغانلىقى، ئۆي ئالدىغا لەمپە قىلىنغانمۇ، لەمپە نېمىدىن ياسالغان، يولغا خىش يېيىتىلغانمۇ، ئۆينىڭ ئىچى - سىرتى تېمىغا چىنە خىل چاپلانغانمۇ، ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە جەمئىي قانچە ئوچاق، تام مەش (خوچاڭ) بار، ئىشقىلىپ مۇشۇ ئۆيگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق نەرسىلەرنى پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاپ بېرىدۇ، بۇ پۇللار ئۆينى چېقىپ - كۆچۈرۈش ئىشىدىكى تۆلەم بىلەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق جۇمۇ ، بۇ پۇل ئايرىم ھېسابلىنىدۇ .....)
[ بۇ يازمىنىmuqamدە2012-05-07 22:58قايتا تەھرىرلىدى ]