ئابدۇقادىر جالالىددىن شۇنداق دېگەن
كامىل قېيۇم
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ! دۇنيادىكى بىلىمگە ھەم ئىلىمگە ئىنتىلگۈچى قىرىنداشلار !
كەمىنە كىلياڭدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام مەقسەتكە كەلسەم بىر مىللەت ياكى بىر دەۋىر مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتى ئاپتۇرلار قوشۇنىنىڭ كۆلىمى ، ۋە سەۋىيەسى ، نەشىر بۇيۇملىرىنىڭ مىقتارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك .
مەسئۇلىيەتلىك ئوقۇرمەنلەر توپى سۈپەتلىك ئاپتۇرلارنىڭ شەكىللىنىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان تۈرىتكە .
قەشقەر پەيزاۋاتلىق دېھقان يىگىت كامىل قېييۇم ئابدۇقادىر جالالىددىن ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇپ ، ئەسەرلەردىكى ئەقىلىيەلەرنى ، بەدئىيلىك تۈسى قويۇق ئېيىتمىلارنى تاللاپ ، كىتاپ قىلىپ تۈزۈپ چىقىپتۇ . بۇ ئوقۇرمىنىمىزنىڭ كىتاپ ئوقۇشقا بولغان ئىخلاسى ، بىلىمگە بولغان تەشنالىقى ، جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشقا بولغان كۆزىتىشنى كۆرگىلى بولىدۇ .
مۇشۇ سەۋەپ بىلەن مەنمۇ ئابدۇقادىر جالالىددىن ، زۇلپىقار بارت ئۆز باش ، ئەسئەت سۇلايمان . جالالىددىن بەھرام ، نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن ، قاتارلىق بىرقىسىم يازغۇچىلارنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزەمدىكى مەسئۇلىيەتنى ئازراق بولسىمۇ تونۇپ دېھقان يىگىت كامىل قېيۇم تۈزگەن ( ئابدۇقادىر جالالىددىن شۇنداق دېگەن ) بۇ كىتاپنى كەڭ تور ئاممىسىغا يوللاپ قويۇشنى ئويلىدىم .
توردىكى دوسلارنىڭمۇ بۇ يازمىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۆزى ئابدۇقادىر جالالىددىن ئەپەندى دىگەن گەپلەرنى يىزىش ئارقىلىق بۇيەردە تىلغا ئىلىنمىغان بىزمۇ ئاڭلاپ باقمىغان سۆزلىرىنى بىرلىكتەئاڭلىساق دىگەن ئۈمۈدتىمەن .
1 _ ئىنسان پىكىر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالىي مۇقامىنى يارىتىدۇ .
2 - اللەھنىڭ گۈزەل ۋە ساغلام بەدەننى ئاتا قىلىشى ھەممە بايلىقنى ئاتا قىلىشنىڭ دەل ئۆزىدۇر . ئادەم مېڭىسى پىكىر قىلىش ، ئويلىنىش ئۈچۈن يارالغان . كۆز ، قۇلاق ، پۇت - قول قاتارلىق باشقا ئەزالارمۇ ئۆزىگە لايىق قۇدىرەتكە ئىگە . ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قەدىر -قىممىتىنى تونۇپ مۇۋاپىق رولىنى جارى قىلدۇردىغان بولسا ، ئىنسان بالىسىغا نېمىلەر نېسىپ بولمايدۇ ؟ ساغلام ۋۇجۇد ئاتا قىلغان اللە ئۇنى توغرا ئىشلەتكەن ، ئۆز بەخىت سائادىتىنى ئىزدەش يولىدا سەرىپ قىلغان بەندىسىگە نۇسرەتنى ئايارمۇ ؟
3 - ئۆيمۇ ئادەمگە ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسە ، ئۇ ، ئۆزىدىن تاشقىرى دۇنياغا دېرىزە ئارقىلىق قارايدۇ ، ئۇنىڭ ئادەملەرگە ئوخشاش تىنىپ كەتكەن مەڭگۈلۈك دۇنيالىرى بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئولتۇردىغان ئادەم بولسا ، ئۆينىڭ سوقۇپ تۇرىدىغان يۈرىكى .
4 - تەقۋا كەمبەغەل ، پاسىق بايدىن ئاجىز ئەمەس .
5 - ئاياللار شۇنداق يارىتىلغانكى ، ئۇلار بىر قارىساڭ ئەمگەك كۈچى ، بىر قارىساڭ مېڭىپ بەرگۈچى . بىر قارىساڭ ئانا ، بىر قارىساڭ لاۋا.................. ئاخىرقى ھېسابتا ئۈزۈل -كېسىل قۇربان بەرگۈچى ، ئىشلاردا ناقابىل ئەرلەر ئاياللاردىكى ئېلاستىكىلىق ۋە مول ئىچكى دۇنيانى كوزىر قىلىپ ، مەستۇ مۇستەغرەق بولۇپ ياشىماقتا .
6- تارىخنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقنىڭ يوشۇرۇن ئىگىسى ئاياللاردىن ئىبارەتتۇر .
7 - بىر مىللەتنىڭ چۈشكۈنلىكى ئاياللاردىكى ساياقلىقتا روشەن كۆرىلىدۇ ، بۇ يەنە ئەرلەردىكى قەيسەرلىكنىڭ بەرپات بولغانلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ .
8 - ئىنسان ياش ۋاقتىدا رومانتىزىمچى ، ئوتتۇرا ياشتا رېئالىزىمچى ، ياشانغاندا تارىخچى بولىدۇ .
9- ئاتا تاغقا ئوخشاش سۈرلۈك بولۇشى ، ئانا باغقا ئوخشاش ئىللىق ، خۇشپۇراق بولۇشى كېرەك .
10 - بىر مىللەتنىڭ چۈشكۈنلەشكەنلىكىنى قىز - ئاياللارنىڭ بۇزۇلىشىدىن بىلگىلى بولىدۇ .
11 - مۇكەممەل ئادەم بولۇش نەدىن باشلىنىدۇ ؟ ھىدايەت ئۈستىگە قۇرۇلغان روھىي ساغلاملىقتىن ، پىكىر تېرەنلىكىدىن باشلىنىدۇ . دېمەك ، سەن غايە ۋە ئەقىدە ئىگىسى بولۇشۇڭ كېرەك ، بولمىسا سەپەر ئۈستىدە ئاسانلا ئېغىپ كېتىسەن ، ئۆزىڭنى باشقىلارغا تەقلىد قىلىپ سالىسەن ، مانا بۇ ئۆزىنى كەمسىتىشنىڭ يىلتىزى .
12 - نومۇس قىلىشنى بىلمىگەنلەردە باتۇرلۇق بولمايدۇ . قورقۇنچاقلار نومۇستىن تەرلەشنى بىلمەيدۇ . ئۇلار دەل قورقۇنچاقلىقى تۈپەيلى ، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ .
13 - ئوقۇتقۇچىدا ئالدى بىلەن كۆيۈم ، ئاندىن بىلىم بولۇشى كېرەك چۈنكى ئادەم تەربىيلەشتە ئەڭ مۇھىمى كۆيۈم ، ئىنسانى مۇھاببەت .
14 - يازغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى -- ئىنساننىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئۈچۈن يىغلاش ۋە قايغۇرۇش .
15 - تىلدىكى بۇلغىنىش مىللىي ئىماندىكى بۇلغىنىشتىن دېرەك بىرىدۇ .
بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي ئىنكاس شەكىلدە داۋاملىق يوللايمەن ، تورداشلارنىڭمۇ قوللىشىنى ۋاقىت بولسا يوللاپ تۇرۇىشنى ئۈمۈد قىلىمەن . كۆپ بولۇپ كەتسە ھەزىم بولماي قالمىسۇن .
مەنبە : دېھقان يىگىت كامىل قېيۇم تۈزگەن ئابدۇقادىر جالالىددىن شۇنداق دېگەن ماۋزۇدىكى كىتاپتىن ئىلىنىپ يوللاندى .
2012 - يىل 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى يەكشەنبە
خوتەن ۋىلايىتى گۇما - ناھىيە كىلياڭ يىزا يۇلغۇنجاي كەنتىدىن : ئىمىنجان ھىدايەت
چ چ 1395898567