ئەسكەرتىش بۇ خەۋەرنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ماۋۇ تېمىنى ئىنكاسلىرى بىلەن بىر ئوقۇۋېتىڭ .
http://www.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=41226#Inkasلېيدى گاگا (Lady Gaga) دېگەن ئىسىم تورداشلارغا ئانچە ناتونۇش بولمىسا كېرەك. دىنىي ئېتىقاد ۋە سەنئەتكە بولغان تونۇشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم كىشىلەر « لېيدى گاگا مايكول جېكسوندىن كېيىنكى ئەڭ ئۇلۇغ سەنئەتكار، ئامېرىكا-ياۋرۇپا مودا مۇزىكا خانىشى، ئۇنىڭ ناخشىلىرى ئادەمنى ناھايىتى سىرلىق تۇيغۇغا باشلايدۇ» دېيىشسە، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر« ئۇ ئۆزىنىڭ ئوچۇق تېنى، ناھايىتى ئەبجەش ناخشىلىرى ۋە ھايۋانىي قىلىقلىرى بىلەن ئىپپەت ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ» دېيىشىدۇ. ئىشقىلىپ، ئۇنىڭغا بولغان كۆز قاراش بىردەك ئەمەس.
1986-يىلى ئامېرىكىنىڭ نىيويورىكتىكى مانخاتتاندا دۇنياغا كۆز ئاچقان لېيدى گاگا 13 يېشىدا تۇنجى مۇزىكىسىنى تاماملايدۇ. 17 ياشقا كىرگەن يىلى نىيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئانچە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئوقۇشتىن چېكىنىدۇ ۋە كىشىنىڭ شەھۋىتىنى قوزغىتىدىغان يالىڭاچ كىيىملىرى بىلەن ئۆزىنى ئىپادىلەش يولىنى تاللىۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پلاستىنكا شىركىتى Def Jam بىلەن توختام تۈزۈپ، تۇنجى پلاستىنكىسىنى بازارغا سالىدۇ، ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، توختام بىكار قىلىنىدۇ. ئۇ 20 ياشقا كىرگەن يىلى دۇنياغا داڭلىق پلاستىنكا شىركىتى Interscope Records نىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 2008-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈن يەرشارىدا لېيدى گاگا قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى تال پلاستىنكىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15 مىليون دانىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇمۇ تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ.
ئەمدى گەپكە كەلسەك، لېيدى گاگا 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، كورىيە پايتەختى سېئولدا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزمەكچى بولغانىدى. بۇ خەۋەر توردا تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان كورىيەلىكلەر ئىچىدە غۇلغۇلا قوزغىغان. نەچچە يۈزلىگەن مۇخلىسلار يىغىلىپ، بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، ئۆزىنىڭ «ئىلاھى» دىن لېيدى گاگا بۇ قېتىملىق كورىيە سەپىرىنى توسۇپ قىلىشنى تىلەپ مۇنداق دېيىشكەن:« لېيدى گاگاغا ئىشەنسە، مەڭگۈلۈك ھايات بولمايدۇ». ئۇلار يەنە بۇ «ئالۋاستى» نىڭ كېيىنكى بىر ئەۋلاد كورىيە ياشلىرىغا ھەمجىنسىلىق ۋە شەھۋانىيلىقنى ئۆزىگە مەزمۇن قىلغان سېرىق مەدەنىيەتنى «مىراس» قىلىشىغا يول قويالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ئۇلار يەنە مۇنداق دېگەن:« بۇ قېتىم لېيدى گاگا چوقۇم قاتتىق ئازار يېدى، ئەمما بۇ قېتىمقى قارشىلىقىمىز نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئايدىڭلىشىدۇ».
ئەمما 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇ سېئولدىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن، بۇ كېچىلىككە 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ بىردەك كىرىشى چەكلەنگەن. لېدى گاگامۇ بۇ كېچىلىك قورامىغا يەتمىگەنلەرگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دەسلەپتە، مەزكۇر كورىيە ناخشا كېچىلىكى تەشكىلاتى تەرەپ كېچىلىككە كىرىش ئەڭ تۆۋەن ياش چەكلىمىسىنى 12 ياش دەپ بېكەتكەن ، ئەمما كەڭ تاراتقۇلارنىڭ بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەچكە، ياش چەكلىمىسىنى ئۆزگەرتكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىز مەزكۇر بەلگىلىمىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، بىلەت ئېلىپ بولغان 18 ياشقا توشمىغانلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىمىز».
دېمەك، لېدى گاگا كورىيەدىكى ناخشا كېچىلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن. گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا قارشى تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈمى بولمىغان. بۈگۈنكىدەك مەدەنىيەتلەر جىددىي رەۋىشتە يۇغۇرۇلۇۋاتقان كۈنلەردە، مىللىي مەدەنىيەتنى ساقلاپ قىلىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم نامايان بولدى. ئەگەر مىللىي مەدەنىيەت پۇت تىرەپ تۇرالمىسا، تەبىئىي ھالدا باشقىلارنىڭ ھايۋانىي قىلمىشلىرىنى سەنئەت ۋە مەدەنىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىدىغان، خۇددى دىنغا ئېتىقاد قىلغاندەك ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىدىغان يامان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، سەنئىتىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرۈپ-ئادىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئېلىپ مېڭىش ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئەخلاق ۋە سەنئەت تەربىيەسى بېرىش ئىنتايىن مۇھىم.
مەنبە نۇر تورى:
ئەسكەرتىش:لەدىي گا گا شەيتان دىنى مۇرتى .بۇ نى مەن ئىلگىرى بىر تېمامدا دىگەن .كەڭ ئاتا ئانىلار بىلمەيدۇكى لەدىي گاگا غا چوقۇنۇش ئوتتۇرا مەكتەپ قىز-ئوغۇللىرى ئارسىدا شۇ قەدەر ئوموملاشقان.
[ بۇ يازمىنىilimدە2012-05-07 11:33قايتا تەھرىرلىدى ]