ئالامەت تەكلىپ ۋە كارامەت تەنقىت
ئالامەت تەكلىپ
جۇتاۋ : ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىدىنى تەكلىماكانغا دەپنە قىلىش كېرەك
بوزقىر تەرجىمىسى
‹‹جەنۇب ئازنىسى›› گېزىتى 2008-يىلى 4 – ئاينىڭ 10- كۈنى يازغۇچى جۇتاۋنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سېياسىي كېڭەش يىغىنىغا سۇنغان ”تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش“ھەققىدىكى تەكلىپىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنى ئارقا-ئارقىدىن كۆچۈرۈپ باستى ۋە تارقاتتى.‹‹ئامېرىكا دۇنيا كۈندىلىك گېزىتى››،‹‹سىنگاپور بىرلەشمە سەھەر گېزىتى››،كانادانىڭ چوڭ-چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى،‹‹ئاۋىستىرالىيە گېزىتى››،‹‹ئوۋمېن گېزىتى››،چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى‹‹ شەرىق سەھەر گېزىتى››،‹‹جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار سودا گېزىتى›› ھەمدە ھەر قايسى چوڭ تور پونكىتلىرىمۇ ئۇنى بېسىپ،بىمەھەل قىزىق نۇقتىلىق ئاخباراتقا ئايلاندۇردى.
مەشھۇر پەيلاسوپ جۇ گوڭپىڭ ”تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش“ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرغا باھا بېرىپ:”جۇتاۋنىڭ بۇ تەكلىپى پەقەت تەسەۋۋۇردىنلا ئىبارەت خالاس،ئۇ ئەقىلغە سىغامدۇ-يوق،ئۇنى رىياللىققا ئايلاندۇرغىلى بولامدۇ- يوق، بۇ 21-ئەسىردىكىلەرگە باغلىق ئىش.“ دېدى.
جۇتاۋ ئالدىنقى كۈنى‹‹جەنۇب ئازنىسى››گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا” قۇملۇق قەبرىستانلىقى “ھەققىدىكى تەسەۋۇرىنى يەنىمۇ ئوچۇق شەرھىلەپ،ئۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى ۋە مەشخۇلاتچانلىقىنى يەنىمۇ كونكىرىتنى ئوتتۇرغا قويدى.جۇتاۋ بۇئىشتا بەش قولنىڭ ھەممىسىنى ئېغىزغا بىراقلا تىققىلى بوولمىغاندەك، زور كۆللەملىك جەسەت يۆتكەشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى،100مىليون ئەمەس 10مىڭ جەسەتنى يۆتكەپ كېلىشنىڭمۇ تەسلىكىنى ئېيىتتى.ئۇ تۇنجى قەدەمدە ئىشنى ئادەتتىكى پۇقرالاردىن باشلىماي ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ موھىم سېياسىي ئەرباپلىرى،داھىلار،مەدەنىيەت ئەرباپلىرى،كىنو-تېلېۋىزىيە،تەن-تەربىيە چولپانلىرى، لېي فېڭدەك كىشىلەرگە ئوخشاش جەسەتنى مومىيا قىلىپ ساقلاش قىممىتىگە ئىگە كىشىلەردىن باشلاش لازىملىقىنى،بۇنى”ئاممىۋى خارەكتىر“گە ئەمەس بەلكى ”مەدەنىيەت خارەكتىر“ىگە ئىگە قىلىشنى ئوتتۇرغا قويدى.ئۇنىڭ پىكرىچە، ھەر قايسى ساھە،ھەر قايسى كەسىپلەردىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى ئاممىۋى قەبرىستانلىققا دەبنە قىلىشقا بولىدىكەن.يەنە كېلىپ بۇ تېخىمۇ زور قاتلاملىق شەرەپلىك ئىشكەن.مۇشۇنداق بولغاندا يەنە 50يىل ھەتتا 100يىللاردىن كېيىنمۇ ھۆجەيرىلەرنى قايتا كۆكلىتىپ مارىيان.مونرو (ھوللىۋودنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى-تەرجىماندىن) لارنى قايتا ئاپرىدە قىلغىلى بولىدىكەن. بۇ ئىشتا كۆلەمگە ئەمەس بەلكى مەدەنىيەت دەرىجىسىگە ئەھمىيەت بەرگەندىلا ئۇنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.
شۇڭا ئۇ ئالدى بېلەن ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى بېيجىڭدىن شىنجاڭغا يۆتكەپ تەكلىماكان قۇملۇقىغا دەبنە قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ،دۆلەت قۇرۇشقا ئۇلۇغ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر چېگرا رايوننى ساقلاپ ياتسا ھېچكىمنىڭمۇ جۇڭگونى بۆلىۋېتەلمەيدىغانلىقىنى ،باشقىلارنىڭ ئەجدادلارنىڭ قەبرىسىنى قېزىشقا يول قويماسلىقنى ئېيىتتى.جۇتاۋ تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى:”خۇا گوفېڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن شۇ چاغدىكى تارىخىي شارائىت ۋە سېياسىنىڭ چەكلىمىلىكى تۈپەيلى ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىدى تىيەنئەنمىن مەيدانىغا قويۇلۇپ،خاتىرە سارىيى ياسالغان.بۇ پۈتۈنلەي تارىخنىڭ ئالاھىدە چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىشلار.ئەمەلىيەتتە، ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىدى تىيەنئەنمىن مەيدانىدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرىۋەرسە مۇۋاپىق بولمايدۇ.شۇنچىلىك تۇرغىنىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ.خەلق قەھرىمانلىرىنى خاتىرلەش ئابىدىسىنى قەيەرگە قويسا بولىۋېرىدۇ.چۈنكى، خاتىرلەيدىغانلار بەرىبىر خەلقتۇر.يەنە كېلىپ ئۇنداق يەرلەرگە بىر داھىنىڭ جەسىدىنى قويغاندا ئاز-تولا فېۋدال خاندانلىق تۈسىنىمۇ ئېلىپ قالىدۇ.مەيلى سىز دۆلەت قۇرۇشقا قانچە زور تۆھپە قوشقان بولماڭ شۇنداق ئىش رۇي بەرسىلا ئاكاڭ قارىغاي مۇشۇ دۆلەتنىڭ خوجىسى،دېگەن مەنادىن مۇستەسنا بولماق تەس. ئەمەلىيەتتە ،بىرەر ئادەمنىڭ بولمىغىنىغا دۆلەت مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتمايدۇ،فېۋدال خان-پادىشاھلارسىزمۇ دۆلەت قۇرۇش مۇمكىن.دۇنيادا نەدىمۇ گۈلى گۈلىگە كېلىۋېرىدىغان ئىش بولسۇن دەيسىز؟مېنىڭچە،بىراۋلار سىزنىڭ ئىچكى ئەھۋالىڭىزنى قانچە بىلىپ كەتكەنسېرى سىز شۇنچە بىئارام بولىسىزغۇ دەيمەن؟ “
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە،ماۋزېدوڭ خاتىرە سارىيىنىڭ ئىشىدا گەرچە مۇمكىنچىلىك بەك ئاز بولسىمۇ ئەمما بۇ مۇمكىنچىلىك ئاز ئىشلارنى ئويلىمىسىمۇ بولىدۇ دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدىكەن.دېڭ شىياۋپىڭ ئىدىيىدە ئازات بولۇشنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن،باش شۇجى خۇجىنتاۋمۇ ئىدىيىدە ئازات بولۇشنى تەكىتلەۋاتىدۇ،ئاۋال ئىدىيىرىمىزنى ئازات قىلىشىمىز كېرەك،ئىدىيىمىزنى ئازات قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىساق قانداقمۇ يېڭىلىق يارىتالايمىز؟تەسەۋۋۇر دۇنيانى يارىتىدۇ، كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ دەپ ئارىسالدى بولغاننىڭ پايدىسى يوق .
جۇتاۋ مۇنداق دېدى : بەزىلەر مېنى ”ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەپتۇ“ دەپ تەنقىدلەپتۇ(ئەمەلىيەتتە جۇداكې قاتارلىق ئالىملار جۇتاۋنى”ئالجىغان زىيالىي“ دەپ تەنقىدلىگەن-تەرجىماندىن )،ۋاڭ سۇمۇ‹‹يېڭى سەۋدايى خاتىرسى››دە پايتەخىت بېيجىڭنى شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ ،”غەربىي ئاستانە“گە ئايلاندۇرۇش تەسسەۋۇرىنى ئوتتۇرغا قويغانغۇ؟ئۇنداقتا ئۇ مەندىنمۇ بەكرەك ئالجىپتۇ-دە.
جۇتاۋ،يازغۇچىلارئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سەنئەت كاتېگورىيىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات،ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى دەرىجىدىن تاشقىرى تەسسەۋۋۇر ۋە ئوي-پىكىر بېلەن تەمىنلىشى كېرەك؛سېياسىيونلار مەسىلىلەرنى بەك كونكىرىتنى ئويلايدۇ،ئۇلار تۈزۈلمىنىڭ ئىچىدىكى يۇقۇرى-تۆۋەن يۈرۈشتۈرۈش بېلەنلا بولۇپ كەتكەچكە ئۇلاردا جانلىق تەپەككۇر،مول تەسسەۋۇر قىلىش كۈچى كەمچىل.سەنئەتكارلاردا بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە پايدىلىنىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن پىلان-تەسەۋۋۇرلار بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىلا رېئاللىققا ئايلاندۇرالىشى ناتايىن.كونكىرىتنى مەشخۇلاتتا يەنىلا سېياسىيونلارغا ،ئەمەلدارلار سىستېمىسىغا تايانماي بولمايدۇ،دەيدۇ.
جۇتاۋ يەنە غەرىبنى ئېچىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك بولمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دەيدۇ: ”غەرىبنى ئېچىش شۇئارى پەقەت ئېغىزدىكى قۇرۇق گەپكىلا ئايلىنىپ قالدى،بۇ شوئارنى شۇنچە يىللار كۈچەپ توۋلىغانسېرى پەرىق شۇنچە زورىيىپ باردى.سىزدە ئىرادە بولمىسا بۇنداق شوئارنى مىڭ كۈچەپ توۋلىسىڭىزمۇ بەرىبىر بىكار.سىز ئىرادەم بار دېگەن بېلەن كۈچىڭىز بولمىسا يەنە بىكار.شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كونا يولدا مېڭىۋېرىشكە بولمايدۇ.چوقۇم يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش دېگەنلىك شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنى تېپىپ چىقىش كېرەك دېگەنلىكتۇر.“
جۇتاۋ يەنە جۇداكې،ۋاڭ شاۋمىڭ،ئەي ۋېيۋېيلارنىڭ گەرچە قۇرسىقىدا ئۇمىچى بولسىمۇ ،نەزەر دائىرسى كەڭ بولسىمۇ ئەمما ئۇلار ساغلام بولمىغان غەيرى روھى ھالەتتىكى كىشىلەردۇر ،مۇمداقچە ئېيىتقاندا،ئۇلار مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بىنورماللاردۇر،دېدى. بۇنداق بىنورمال ئادەملەرنىڭ تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى كەم بولىدۇ شۇڭا ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە بولغان كەڭ دائىرىلىك نەزىرىمۇ ئامما بېلەن ،ئەمەلدارلارنىڭكى بېلەن ئوخشاش چىقماسلىقى تەبىئىي.ئۇلار تالىپ مىجەز،زەيپانە،ئىدىيىسى قاتىمال،ئىچىدە تۇڭگۇز قاترايدۇ.ئىش قىلىپ مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر سەركىلىككە يارىمايدۇ،ھەممىسى ئىچى قوتۇر ،چۈپرەندە چاشقانلاردۇر خالاس.ئالىي بىلىم يۇرىتلىرىدا شۇنچە يىل جان ساقلىغانغا چۇشلۇق تورلاردا بىرەر قېتىم ھۆكۈمەت ۋە خەلققە نان تەگكۈدەك بىرەر تەكلىپ –پىكىر سۇنالىسا نېمە دەي،شۇنىڭغا قاراپلا جۇڭگودا ئۇنۋېرسىتېت يوق ئوخشايدۇ، ، دېگۈسى كېلىدۇ كىشىنىڭ.ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى يوق تاقا-تۇقۇ پاراڭلىرىدىن ئەمەلدارلارمۇ بىزار.
جۇتاۋ مۇنداق دەيدۇ: ” مېنىڭ سېياسىي كېڭەش يىغىنىغا تەكلىپ سۇنۇشۇم ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈندۇر،قانداقتۇر تەدبىر بەلگۈلەش ئۈچۈن ئەمەس.مېنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشىم قانۇنلۇق،نېمە ئۈچۈن قانۇنلۇق؟ دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇنلۇق.بۇنىڭدىكى مەقسەت قانداقتۇر ئۆزۈمنىڭ ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى،شىنجاڭنىڭ ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈندۇر.
ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە،ئۇنىڭغا قاتناشقانغا تۇشلۇق چوقۇم تېگىشلىك رول ئوينىماق لازىم.قانداقتۇر مۇزېيخانا سېلىش كېرەك ،دېگەندەك تولا تەكرارلاپ مەززىسى قالمىغان تەكلىپ –پىكىرلەرنى سۇنغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟سەن ئويلىغاننى خەقلەرمۇ ئويلىيالايدۇ،خەق ئويلىيالمىغاننى ئويلىيالىساڭ ئاندىن قالتىس ئىش قىلغان بولىسەن.“
قوشۇمچە:جۇتاۋ 1946-يىلى سەنشىدە تۇغۇلغان،1965-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن.ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ قەشقەر شەھەرلىك ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك كۇمىنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كومېتىتى،شىنجاڭ ھەربىي رايونىدا خىزمەت قىلغان.ھازىر شىنجاڭ ھەربىي رايونى سېياسىي بۆلۈمى ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى،1-دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى.1972-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلغان.1983-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان.ئەسەرلىرى دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
مەنبەسى: http://blog.sina.com.cn/s/blog_4d884eb901009yim.htm
كارامەت تەنقىت
” ئىدىيىنى ئازات قىلىش “ نى باھانە قىلىپ ماۋزېدوڭنى خۇنۈكلەشتۈرگەن كىملەر، ئۇ؟
سى مانەن
بوزقىر تەرجىمىسى
2008 -يىلى4-ئاينىڭ10-كۈنى‹‹جەنۇب ئازنىسى››گېزىتى يازغۇچى جۇتا ۋنىڭ ”تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش“ ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇ ئىشتا تېخىمۇ دەب-دەبە قوزغاش مەقسىدىدە مەدەنىيەت ئەرباپلىرى (جاڭ شىيەنلىياڭ،لىياڭ ۋېنداۋ،جۇ گوپىڭ،يى جوڭتىيە،مو يەن،ۋاڭ شىياۋمىڭ،بەي يەنسوڭ،ئەي ۋېيۋېي،چېن دەنچىڭ،ۋاڭ شاۋخۇي قاتارلىقلار )نى ئىزدەپ ،ئۇلاردىن قوللاشنى تەلەپ قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن يازغۇچى جۇ تاۋنى تېخىمۇ ”ئىچكىرلەپ زىيارەت قىلدى“.‹‹جەنۇب زنىسى››گېزىتىنىڭ ئۇستىلىق بېلەن ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرى نەتىجىسىدە جۇتاۋ مەسئۇلىيەتسىزلىك بېلەن ئەسلى پىلاندا يوق بولسىمۇ ئەمما بەزىلەر ئىنتايىن ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ھالقىلىق مەسىلە-”ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىدىنى بېيجىڭدىن يۆتكەپ،شىنجاڭدىكى قۇملۇققا ئاپىرىۋېتىش... تەكلىپى“نى ئوتتۇرغا قويدى. ‹‹جەنۇب ئازنىسى››گېزىتى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى گېزىتكە جۇتاۋ بېلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى تېخىمۇ كۆپتۈرۈپ ” جۇتاۋ ماۋزېدوڭ خاتىرە سارىيىنى يۆتكەش تەكلىپىنى بەردى“ دەپ”ئوبىيېكتىپ“چانلىق بېلەن خەۋەربەردى.
مۇشۇنداق كاتتا پىلاننى تۈزگۈچىلەر ئاڭلىماققا شۇنداق يېقىشلىق بولغان” دۆلەت قۇرۇشقا ئۇلۇغ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر چېگرا رايوننى ساقلاپ ياتسا كىممۇ ۋەتەننى پارچىلىۋېتەلىسۇن؟باشقىلارنىڭ ئەجدادلارنىڭ قەبرىسىنى قېزىشقا يول قويماسلىق كېرەك “ دېگەن سەۋەبنى كۆتۈرۈپ چىقىشتى.
ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى نېمىشقا بىرىنچى بولۇپ تىيەنئەنمىندىن يۆتكەش لازىم بولۇپ قالدى؟جۇتاۋ بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى بەش جەھەتتىن شەرھىلەيدۇ:
1-، خۇا گوفېڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن شۇ چاغدىكى تارىخىي شارائىت ۋە سېياسىنىڭ چەكلىمىلىكى تۈپەيلى ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىدى تىيەنئەنمىن مەيدانىغا قويۇلۇپ،خاتىرە سارىيى ياسالغان.
2-، ئەمەلىيەتتە، ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىدى تىيەنئەنمىن مەيدانىدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرىۋەرسە مۇۋاپىق بولمايدۇ.
3-، خەلق قەھرىمانلىرىنى خاتىرلەش ئابىدىسىنى قەيەرگە قويسا بولىۋېرىدۇ.چۈنكى، خاتىرلەيدىغانلار بەرىبىر خەلقتۇر.يەنە كېلىپ ئۇنداق يەرلەرگە بىر داھىنىڭ جەسىدىنى قويغاندا ئاز-تولا فېۋدال خاندانلىق تۈسىنىمۇ ئېلىپ قالىدۇ.
4-، بىرەر ئادەمنىڭ بولمىغىنىغا دۆلەت مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتمايدۇ،فېۋدال خان-پادىشاھلارسىزمۇ دۆلەت قۇرۇش مۇمكىن.دۇنيادا نەدىمۇ گۈلى گۈلىگە كېلىۋېرىدىغان ئىش بولسۇن دەيسىز؟
5-، بىراۋلار سىزنىڭ ئىچكى ئەھۋالىڭىزنى قانچە بىلىپ كەتكەنسېرى سىز شۇنچە بىئارام بولىسىزغۇ دەيمەن؟
ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى شىنجاڭنىڭ قۇملۇقىغا يۆتكەش؟ ۋاھ،مەن ئۇلارنىڭ قالتىس ئىجادىي تەپەككۇرىغا قول قويدۇم. ئۇلارنىڭ سەمىمىي نەسىھەتلىرىدىن ئۆرگىلەي،ئۇلارنىڭ دىتسىزلىقى ۋە قاپ يۈرەكلىكىدىن تېخىمۇ ئۆرگىلەي .بۇ ئىجادكارلارنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ مەلۇمكى، ماۋزېدوڭ خاتىرە سارىيىنى يۆتكەش ئىشىدا گەرچە” مۇمكىنچىلىك بەك ئاز “بولسىمۇ ئەمما ئۇلارچە بولغاندا”بۇ مۇمكىنچىلىك ئاز ئىشلارنى ئويلىمىسىمۇ بولىدۇ “دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدىكەن.دېڭ شىياۋپىڭ ئىدىيىدە ئازات بولۇشنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن،باش شۇجى خۇجىنتاۋمۇ ئىدىيىدە ئازات بولۇشنى تەكىتلەۋاتىدۇ،ئاۋال ئىدىيىرىمىزنى ئازات قىلىشىمىز كېرەك،ئىدىيىمىزنى ئازات قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىساق قانداقمۇ يېڭىلىق يارىتالايمىز؟تەسەۋۋۇر دۇنيانى يارىتىدۇ، كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ دەپ ئارىسالدى بولغاننىڭ پايدىسى يوق. “ شۇڭا ئۇلار قەتئىي نىيەت بېلەن ” مۇمكىنچىلىك ئاز ئىشلارنىمۇ ئويلىماي قالماپتۇ“ -دە.
ئۇلارنىڭ”ئىدىيىنى ئازات قىلىش“ئىرادىسى نېمىدىگەن قۇدرەتلىك ھە،ھەتتا ”قىلغىلى بولىدۇ ،قىلغىلى بولمايدۇ“دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي قارا-قويۇقلا چوقۇم قىلىش كېرەككەن ئەمەسمۇ؟ئۇلارنىڭ ئىرادىسى نېمىدېگەن مۇستەھكەم،نىيىتى نېمىدېگەن دۇرۇس-ھە؟ئۇلارنىڭ قۇملۇق كەسپىنى ئېچىشتىكى ماۋ زېدوڭ خاتىرە سارىيىنى يۆتكەش پىلانىنى زادى قانچىلىك ئادەم قوللار ؟ بۇ جەھەتتە ئۇلاردىمۇ تۈزۈك ئىشەنىچ يوق.لېكىن ئۇلار قانداقلا بولمىسۇن تورداشلار تەھلىل قىلغاندەك ئۆز ساداسىنى يەتكۈزدى.ئۇلار مۇراد-مەقسىدىگە يەتتى.ئۇلارنىڭ ساداسى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق خەلقى ئالەمگە تارقىلىپ،زور نەتىجە قازىنىپ، باسقۇچ خارەكتىرلىك ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.
‹جەنۇب ئازنىسى››گېزىتىدىن باشقا ھېچقانداق بىرەر ئاخبارات ۋاستىسى بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچمىدى،ھەتتا شىنجاڭنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ زۇۋان سۈرمىدى. جاڭ شىيەنلىياڭ،لىياڭ ۋېنداۋ،جۇ گوپىڭ،يى جوڭتىيە،مو يەن،ۋاڭ شىياۋمىڭ،بەي يەنسوڭ،ئەي مومو،چېن دەنچىڭ،ۋاڭ شاۋخۇي قاتارلىق زىيارەتنى قوبۇل قىلغان زەكىلەرنىڭ ئەپتىدىنمۇ ‹‹جەنۇب ئازنىسى››گېزىتى بازارغا سالغان ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىدىنى يۆتكەش پىلانىنى قوللاش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى.پەقەت پەيلاسوپ جۇ گوڭپىڭ ”تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش“ھەققىدى تەسەۋۋۇرغا باھا بېرىپ:”جۇتاۋنىڭ بۇ تەكلىپى پەقەت تەسەۋۋۇردىنلا ئىبارەت خالاس،ئۇ ئەقىلغە سىغامدۇ-يوق،ئۇنى رىياللىققا ئايلاندۇرغىلى بولامدۇ- يوق، بۇ 21-ئەسىردىكىلەرگە باغلىق ئىش.“ دەپتۇ.
ئەمما، مۇئەللىپ بۇنىڭدىن گۇمانلىنىدۇ. جۇ گوڭپىڭ ئەپەندى مۇشۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا ھەقىقى ئەھۋالنى چۈشۈنۈپ يەتمىگەندەك قىلىدۇ.ئۇنىڭغا پۇراتقۇچىلار تام تۈۋىدىن ھوشۇ قوپقاندەك گەپنى ئۇدۇللا دېگەن گەپ،مۇبادا ماۋ زېدوڭنىڭ جەسىدىنى يۆتكەش ئىشىنىمۇ قوشۇپ دېگەن بولسا ئۇ يۇقۇرقىدەك گەپلەرنى قىلارمىدى؟
بەزىلەرتېخى ئۆزىچە، ‹‹جەنۇب ئازنىسى››نى ” راسىت سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان“گېزىت،دەپ ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىپ كېتىشىدىكەن.ھېچ چۈشەنمىدىم ئۇ كىملەر ئۈچۈن راسىت گەپ قىلىدىغاندۇ؟ يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ راسىت گەپ قىلغانلىقىنى كىم ئىسپاتلاپتۇ؟ئۇنداقتا، پەقەت‹‹جەنۇب ئازنىسى››نىلا راسىت گەپ قىلغان بولسا ئۇلارغا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەندۇ؟ ئۇلاردىكى ئاتالمىش” جۈرئەت“نەدىن كەلگەن بولغىيدى؟ئۇلارنىڭ ئاتالمىش باتۇرلۇقىچۇ؟مۇبادا ‹‹جەنۇب ئازنىسى››سىمان ئاخبارات ۋاستىسى ئاتالمىش راسىت گەپ قىلىپ جەمئىيەتنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولسا باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرى نېمىدەپ ئۇنىڭغا ئەگەشمەيدۇ؟”تۈزۈلمىگە قارشى خەۋە“رلەر، ”قىممەت قارىشىنى يېتەكلەيدىغان“ بۇ ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ سىتراتېگىيسى قانداق قىلىپ راسىت سۆزلەشكە باراۋەر بولۇپ قالغاندۇ؟” بىرنچى بولۇپ ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى قۇملۇققا يۆتكەش“ مانا بۇ راسىت گەپ قىلغانلىقىما؟ ئۇنداقتا ئۇ كىملەرنىڭ راسىت گېپىدۇ؟ روشەنكى،بۇ پەقەت بەزىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئارزۇ-تىلەكلىرىدۇر خالاس.بۈگۈنكى كۈندە بەزىلەر ئۇنى كۆپتۈرۈپ راسىت گەپكە ئايلاندۇرماقچى بولىۋاتىدۇ.مۇبادا بۇنى راسىت گەپ دېسەك ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئالجىشتىن نېمە پەرقى بولسۇن؟
ھازىرلىقتا بىز شۇنىمۇ سورىماي تۇرالمايمىزكى، ” راسىت سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان“‹‹جەنۇب ئازنىسى››بۈگۈنكى كۈندە نېمىدەپ ” بىرنچى بولۇپ ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى قۇملۇققا يۆتكەش“ ھەققىدىكى خەۋەر –ماقالىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بېلەن يىغىشتۇرىۋالىدۇ؟ يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بېلەن ئۈزىلىپ قالغان بولسا ئۇنى يەنە داۋاملاشتۇرسا بولىدىغۇ؟ قارىغاندا ئۇلار قوللىغۇچى تاپالماي يەككە يىگانە ھېلىم دىۋانە بولۇپ قالغان چېغى؟ ياكى بولمىسا جۇتاۋ ئەپەندى ئۇنداق دېمىگەن بولسا ‹‹جەنۇب ئازنىسى›› ئۇنى ئويدۇرۇپ چىققانمۇ –يە؟....مانا بۇ ھەقتە ‹‹جەنۇب ئازنىسى››نىڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئاز-تولا راسىت سۆزلەپ بېقىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ قانداق؟
يېڭىلىق يارىتىش ھەققىدىكى تەپەككۇر مەسىلىسىگە كەلسەك،شۇ يەرلىكلەرنىڭ ئىقتىساد بېلەن بولۇپ كېتىپ بىمەھەل مۆجىزە يارىتىشقا سەل قارىغانلىقى(مۇشۇنداق تونۇشتىكى كىشىلەرنى ئاز دېيەلمەيمىز )نى ئاممىنىڭ ئېسىگە سالغانلىقىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، ھەم ئۇنى شۇ يەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن پىكىر دېيىشكىمۇ بولىدۇ.ئەمما ،‹‹جەنۇب ئازنىسى››نىڭ بۇ ئىشقا قول تىقىپ ،ئۇنى بازارغا سېلىپ،داۋراڭ پەيدا قىلىشى ھەم باتۇرلۇق بېلەن خەۋەر قىلىپ ،جامائەت پىكرىنى ماۋزېدوڭغا مەركەزلەشتۈرۈپ ،ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى يۆتكەپ كېتىشكە چاقېرىق قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتقا چۈشەنچە بېرىشكە ئامالسىزمىز.
بىراۋلارنىڭ قۇملۇق ئىقتىسادى،قۇملۇق ساياھىتى،قۇملۇق كەسپى دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق قالپاقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ”تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش“ دېگىنىمۇ قۇرۇق گەپ.بۇلارنىڭ ھەممىسى ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى يۆتكىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان.ئۇنداقتا،مۇشۇ بويىچە چۈشەنگەندە ، ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدى يۆتكىۋېتىلسىلا سېمۋوللۇق خاراكتىرگە ئىگە بولىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ مۇبادا راستىنلا يۆتكىۋېتىلسە بەزىلەرنىڭ پاقىسى قانارمۇ؟ئۇلار بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىيالىغانمىدۇ؟ئۇلار ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى يۆتكەپ كەتكەن بېلەن ماۋجۇشىنىڭ بايرىقىنى 1مىليارىت300مىليون خەلقنىڭ داۋاملىق كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟
بەزىلەر جۇڭگونىڭ ھازىرقى سېياسىيسىغا باشتىن ئاخىر دىققەت قىلىپ كەلمەكتە،ئۇلار پۈتۈن كۈچى بېلەن ”ماۋزېدوڭسىزلاشتۇرۇش“ قا تىپىرلىماقتا،ئەمەلىيەتتە بۇ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ماۋزېدوڭنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان بىر قاتار قىلمىشلارغا ماسلاشقانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ئېھتىمال يېقىنقى يىللاردا يۈز بېرىۋاتقان ”رەڭلىك ئىنقىلاپ“ ھەركەتلىرىنىڭ بىر قىسمى بولسا ئەجەپ ئەمەس.
شۈبھىسىزكى،ماۋزېدوڭنىڭ روھى مىراسلىرى بۈگۈنكى سوتسىيالىزىمنىڭ قىممەت سىستېمىسى بېلەن بىردەكلىككە ئىگە.شۇڭا ئۇلار ماۋزېدوڭنىڭ بايرىقىنى يىقىتىشنىلا ئويلايدۇ.چۈنكى، ماۋزېدوڭنىڭ بايرىقى جۇڭگودا رەڭلىك ئىنقىلاپ ئېلىپ بېرىشتىكى ئەڭ چوڭ توسسلغۇدۇر.ماۋ زېدوڭغا زادى قانداق باھا بېرىش كېرەك؟ بۇ ھەقتە ھەممە كىشىنىڭ كۆڭلىدە سان بار.دېڭ شىياۋپىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈزۈلگەن ھەم پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان ‹‹جۇڭگو كۇمۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ موھىم تارىخىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى قارارى››دا ماۋزېدوڭغا ئوبىيېكتىپ ھەم ئادىل باھا بېرىلگەن.سوتسىيالىزىم ئىشلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،ماۋزېدوڭنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە نىسبەتەن ماۋزېدوڭنىڭ ئورنىنى ھېچكىم ئالالمايدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ھېس قىلىپ يەتمەكتە.
مەنبەسى: http://blog.sina.com.cn/s/blog_4d884eb901009yim.htm