سىتالىن سايلامدا ئۈزىگە بېلەت تاشلىمىغان
ۋەكىللەرنى ئۆلتۈرۋەتكەن
.
.
.
1934-يىلى سوۋېت كومۇنىستىك 17- نۆۋەتلىك قۇرۇلتېيى چاقىرىلدى، سىتالىن سايلامدا ئېرىشكەن بېلىتى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈنلا يېرىمدىن ئارتۇق ۋەكىلنى ئېتىپ تاشلىغان ئىدى.
ئەمەلدارلار سايلام ئارقىلىق ھۇجۇتقا كېلىش تۈزۈمى ئاستىدا ئۇلار خەلىققە مەسئۇل بۇلىدۇ، ئەكىسچە يۇقىرىدىن تەيىنلەش تۈزۈمى ئاستىدا بولسا پەقەت يۇقىرىغىلا مەسئۇل بۇلىدۇ. سوۋېت ھاكىميىتى ئىچكى تاشقى ئۇرۇش تالاپىتى ئاستىدا قالغان مەزگىللەردە سايلام دېگەنلەرگە ئەسلا چۇلىسى تەگمەيتى، شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى سايلام ئارقىلىق ھۇجۇتقا كېلىشكە تېگىشلىك رەھبەرلەرنى يۇقىرى تەشكىلدىن بىۋاستىلا تەيىنلەيدىغان بولدى. 1919-يىلدىن كىيىن سىتالىن سىياسى بىيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى بۇلۇپ، پارتىيە ھۈكۈمەتنىڭ ئەڭ ئالى ھۇقۇقدارى بولدى،1919-يىلى شۇجىچۇ خادىملىرى30نەپەر بولغان بولسا، سىتالىن چىقىپلا 1920-يىلىغا كەلگەندە بۇلارنىڭ سانىنى 150نەپەرگە يەتكۈزدى،1921-يىلى بولسا 600 نەپەرگە يەتكۈزدى.مەخسۇس سىتالىن كاتىبات ئىشخانىسى تەسىس قىلدى. ھەمدە ئەمەلى ھۇقۇقنى شۇجىچۇ قۇلىغا كىرگۈزۋالدى، سىتالىن شۇجىچۇنىڭ باش شۇجىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئەمەلىيەتتە بارىلىق ھۇقۇق ئۇنىڭ چاڭگىلىدا ئىدى. سىتالىن شۇجىچۇ ئارقىلىق رەھبەرلەرنى تەيىنلەش، كۆرسىتىش، تەستىقلاش ئارقىلىق، ئۈزىنىڭ يېقىنلىرىنى كەڭ كۈلەمدە ۋەزىپىگە قۇيۇپ، شۇئاساستا، ئۈزىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ۋەكىللەرنى قۇرۇلتايغا كىرگۈزدى. تەيىنلەش تۈزۈمى ئاستىدىكى كادىرلارنى ۋەزىپىگە قۇيۇش ئۈزنىڭ غايەت زور رۇلىنى جارى قىلدۇردى. سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ 12- ۋە 13- قۇرۇلتايلىرىغا قاتناشقان ۋەكىللەر پۈتۈنلەي رىقابەتچىسى يوق نامزات قىلىپ سايلاندى، يەنى ئۆلكىلىك پارتىكومنىڭ كۆرسەتكەن ئادەملىرىنى ۋەكىل قىلىپ سايلىدى، 1925-يىلى ۋە 1927-يىىلدىكى قۇرۇلتايدا سىتالىن ئۈزىنىڭ رەقىپلىرىنى تازلاپ، ئۈزىنى ئىتىراپ قىلىشقا قىستىدى. 1934-يىلى سىتالىن يېزائىگلىكىنى كوللىكتىپلەشتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇپ، 7مىلىيۇن ئادەمنىڭ ئاچارچىلىقتىن ئۈلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن 1934-يىلىدىكى سايلامدا 300دىن ئارتۇق ۋەكىل سىتالىنغا بىلەت تاشلىمىدى. ئەگەر سايلام ئىككى ئادەمنى رىقابەتكە سالغان رىقابەتچىسى بولغان سايلام بولغان بولسا، سىتالىن شۇجى بۇلۇش ئەمەس، ھەتتا مەركىزى كومىتىت ھەيئىتىمۇ بۇلۇپ سايلىنالمايتى. بۇچاغدا، سىتالىن سايلامغا مەسئۇل كاگانوۋىچ بىلەن بىرلىشىپ، 300 بىلەتنى يۇشۇرۇپ قالدى. 1937-يىلى ۋە 1940-يىلى بولسا، سىتالىن ئۈزىگە قارشى تۇرۇش ئىھتىمالى بولغانلارنىڭ ھەممىنى قاراچاپلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق زىيانكەشلىك قىلدى. 17-قۇرۇلتايدا سايلانغان 1966نەپەر ۋەكىل ئىچىدىن 1108نەپەر ۋەكىلنى سىتالىن ئېتىپ تاشلىدى، ياكى تۈرمىگە سۇلاپ زىيانكەشلىك قىلدى.سىرىتقا قېچىپ چىقىپ كەتكەنلەرنىمۇ ئىزقوغلاپ يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۋەتتى. ئۆزرەقىپلىرى تەرەپتە تۇرغان قىزىلئارمىيىەدىن 35مىڭ ئەسكەرنى ئېتىپ تاشلىدى. بۇۋاقىتقا كەلگەندە، مەركىزى كومىتىت، شۇجىچۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىرلا سىتالىننىڭ ئۈزى بۇلۇپ قالدى، سىتالىن سوۋېت ھاكىمىيتىدىكى پارتىيە، ھۈكۈمەت، ئارمىيەنىڭ ئەڭ ئالى ھۇقۇقدارىغا ئايلاندى. ئۇنى ھېچكىممۇ نازارەت قىلالمايتى، ھېچكىممۇ تەنقىتلىيەلمەيتى. ئۇنىڭ مۇستەبىت ئىستىبداتلىقى چاررۇسىيە پادىشاھىدىنمۇ ئېشىپ چۈشكەن ئىدى.
مەنبە: شىنلاڭ مۇنبىرى
http://forum.book.sina.com.cn/thread-4986641-1-1.html