ئاگاھمەن شۇم توزاقلاردىن، يامانلەر سۆيمىسۇن ياق-ياق!
يۈرەي خالىي پىراقلاردىن، يۈرەكلەر كۆيمىسۇن ياق-ياق!
ھايات بىرلە نادامەتتۇر، بىلەي ھەققىن كى خالىقنىڭ،
كۆڭۈل ئىزلەپ نادانلىقتا، ئىمانلەر ئۆلمىسۇن ياق-ياق!
ئەمەستۇرمەن قاقاس چۆللۈك، گۈزەللىكنى تەرك ئەتكەن،
تېرىك مۇردا كەبى چاغلاپ، رەقىبلەر كۈلمىسۇن ياق-ياق!
پەقەت بىرلا ھەقىقەتچۈن تەسەددۇق ئەيلىدىم جاننى،
ھەۋەس قىلسۇن جىمى ئالەم، كۆزىلەر تەگمىسۇن ياق-ياق!
ئۇنۇتسام گەر نىشانىمنى، بېرىلسەم مەئىشەتلەرگە،
نە كار قىلغاي پۇشايمانغا، غەزەپلەر ئۇرمىسۇن ياق-ياق!
ئەجەپ مەنكى ئەمەس شائىر، نېمىكىن بۇنچە سۆزلەتكەن؟
تامامى ئوت بايان بۇندا، نادانلەر بىلمىسۇن ياق-ياق!
مەنبە:ئاشىق