زىيالىلار شۇنداقمۇ؟
جىمى ئالقىش ھەقلىقتۇر ئالەملەرنىڭ رەببىگە،
بىزدىن سالام ئىھتىرام ،ئۇ ئىۋەتكەن ئەلچىگە.
سۇئال كەپتۇ دوسلاردىن ،جاۋاپ يازدۇق رەددىگە،
ياراپ قالسا جاۋابىم تەڭ بارايلى سەجدىگە.
سوراقلاپسىز موللامنى ئايىماپسىز ئازراقمۇ،
بىزمۇ سورساق ھەقلىققۇ زىيالىلار شۇنداقمۇ
چىن ئالىمنى رادىكال ئۇنسۇر ئاتاپ يەكلەشلە،
ئىشەكلەرگە تون يىپىپ ئىمام قىلىپ تىكلەشلە.
ئاندىن سۇئال قويۇشۇپ شىئىر يىزىپ ئەپلەشلە،
سېسىتىشقا ئىسلامنى قانچە پۇلغا گەپلەشلە.
ھەقىقەتنى بىسىشقا ئامال باركەن مۇنداقمۇ؟،
مۇشۇ سۆزۇم جاۋاپتۇر زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.
بىلىمىڭ بار ۋە لىكىن ئىتقادىڭ دىتىڭ يوق،
كىملىكىڭ يوق ۋە ياكى تۇتاي دىسە سىپىڭ يوق.
جان بىقىشچۈن ئۈگەنگەچ بۈيۈك غايەڭ غىمىڭ يوق،
ھاراق ئىچسەڭ قاينايسەن يىشىلگەندە ئىسىڭ يوق.
ئىتقادسىز بىلىمدان ۋالاقلاركەن مۇنداقمۇ
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.
كۈندە بەش ۋاخ يۇيۇشنى داداڭغا بىز ئۈگەتكەن،
نەسىھەت قىپ ياخشىنى تىللاشنىمۇ تۈگەتكەن.
كاپىر دىيىش كاپىرنى دەل قۇرئاندا بار گەپكەن،
«خۇدۈكى بار سەكرەيدۇ» دىگەن ئەجەپ ھىكمەتكەن.
«چىدىمىساڭ ئۆلىۋال» دەل كىلەرمۇ مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.
باشلىساڭلا ئەگەشتۇق دەپ زىيالى ئۇلۇقكەن،
قىنى پارلاق كەلگۇسى ماڭغان يولۇڭ تۇيۇقكەن،
ئىست ئاخماق بولۇپتۇق ،قەلبىڭ بەكمۇ قۇرۇقكەن.
سەنلەر بولغاچ باشلامچى ئەلنىڭ كۅڭلى سۇنۇقكەن.
ھۆرمەت قىلساق دەپسەندە قىلعان بارمۇ مۇنداقمۇ
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.
چىمەن دوپپا بەقسەم تون ساقال سۇمبات بىزلەردە،
ناۋائىدەك ئىزچىل بىز بۇغرا باسقان ئىزلەردە.
ئوخشىمايسىز ئۇيغۇرغا ساقال تۇرماس يۈزلەردە،
ئۇيغۇرغا خاس نە سۇلكەت سالاپەت بار سىزلەردە.
ۋارىس ئەمەس ئۇيغۇرغا ياتقا ھاممال يانداقمۇ،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.
سەن ئۆگەتكەن تەلىمات ئىبلىسقا بەك ئوحشايدۇ،
قىزلىرىڭدىن دىن ئەمەس ،ۅەر بىر ۋىجدان قاقشايدۇ،
پەقەت جىنسى سۅيگۉدىن قانداق كۅڭۇل ياشنايدۇ،
ھالال نىكاھ سۆيگۈنى قاچان بوعۇپ تاشلايدۇ،
چاتاق چىقسا ھامىلە تاشلايدىغان قاسراقمۇ،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.
پاھىشىنى تانسىنى مەدەنىيەت دىيىشتىڭ،
ھاراق ئىچىپ مەلىنى باشلىرىڭغا كىيىشتىڭ.
مەسۇملارنى تەربىيلەپ ئىشتان كەيمەس قىلىشتىڭ.
پۇل تىپشىقا قىزلارنى مەبلەغ قىلىپ سىلىشتىڭ.
خوتۇنلارنى كۆنلىسەك بىز ياۋايى ئاخماقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.
موللام قىزى نازۇگۇم قاچقان ئامبال سولۇندىن،
سەن ئوقۇتقان داشۆسىڭ قاچماس ماڭنۇر مولۇندىن.
بۈگۈن جۆيلۇپ قوپۇپسەن ئىت قوپقاندەك كولۇڭدىن،
ئىززەت ھۆرمەت شان شەرەپ قايسى ئىدى بۇرۇندىن.
«ئوغرى تۇرۇپ ئوغرى دەپ ,توۋلاش» باركەن مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.
ئايغا چىققان خەۋەرنى سەن بىلەن تەڭ ئاڭلىدۇق،
خۇدا بەرگەن قۇدرەت دەپ باشمالتاقتا داڭلىدۇق،
سەن باشلىغان قايسى ھەق توغرا يولغا ماڭمىدۇق،
سەندىن قاچان توغرا گەپ توغرا نىشان ئاڭلىدۇق.
ئىتقادتىن ۋاز كەچسەم شۇندىلا بىز ئورتاقمۇ،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.
مەنغۇ ئايعا چىقمىدىم ، سەنمۇ چىقىپ باقمىدىڭ،
بىزلەردىغۇ مەكتەپ يوق ،سەن بولساڭمۇ ئاقمىدىڭ.
بىزغۇ دىننى قوغدىدۇق، سەن قەيەردە چاقنىدىڭ؟،
كاللىسى يوق ماڭقۇرۇت ،سەن شۇنچىلا پاكمىدىڭ.
ئۆز قەۋمىگە ئىت بولۇپ قاۋايدىكەن مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.
ئەمەس بولساڭ ھاراملىق ،چوقۇم ئاناڭ نىكاھلىق،
نەسلىڭ ھالال بولغاندۇ موللام بەرگەچ گۇۋاھلىق.
ئەزەن چىللاپ قويغاچقا ئىسمىڭ شۇنداق جۇلالىق،
قاچان بولۇپ قالغاندۇر موللام ساڭا گۇناھلىق.
ئەيت دۇنيادا تۇزكورلۇق قىلىغان بارمۇ مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟.