18 ياش، 18 تۇيغۇ
بۇنىڭدىن 18 يىل مۇقەددەم، بىر قايچا سۆيۈملۈك ئانىمىزنىڭ مېھىرلىك باغرىدىن ئايرىغان بولسا، مانا ئەمدى يەنە بىر نامەلۇم قايچا بىزنى ئائىلىمىزنىڭ مېھىرلىك ۋە ئىللىق قۇچىقىدىن ئېلىپ كەتمەكچى. غەمسىزلىك، بىغۇبارلىق ۋە ساددىلىقنىڭ ئالىمىدىن رىقابەت تەرەققىيات دۇنياسىغا ماڭغان پويىز ئارقىلىق كەلگۈسىمىز ۋە ئەتىمىزگە تۇتاشقان خەيرلىك سەپەرگە بىزنى ئۇزاتماقچى. مەنچە ئۆسمۈرلۈكنىڭ ئۇنتۇلماس مىنۇتلىرىنى قىيالماسلىق بىلەن ئۇزۇتۇپ، يېڭى بىر سىناق ۋە رىقابەت مەيدانىغا قاراپ كېتىۋاتقان، ھاياتىتىكى ئەڭ مۇھىم تاللاش ۋە ئىمكانىيەتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ تېڭىرقاۋاتقان، نۇرغۇنلىغان سوئال بەلگىلىرى ئىچىدە گاڭگىراۋاتقان بىزدەك ياشلارنىڭ، 18 ياشلىقلارنىڭ ھېس قىلىدىغان، ئېرىشكەن، شۇنداقلا يەكۈنلەشكە تېگىشلىك بولغان ھېس تۇيغۇ، تەجرىبە ساۋاقلىرىمىز ئاز بولمىسا كېرەك. يېڭىچە مۇھىت، يېڭىچە ئۇسلۇپ، يېڭىچە رېتىمغا تەييارلىنىۋاتقان بىزدەكلەرنىڭ كاللىمىزدا زىددىيەتلىق توقۇنۇشلارنىڭ، ئاللىقانداق تەشۋىشلەرنىڭ پەيدا بولىشى، شۇنداقلا كەسكىن تاللاش ۋە شاللاش ئالدىدا ئەنسىرەش ۋە تەۋرىنىشنىڭ ئەۋج ئېلىشى ھەممىمىزنى مۇرەككەپ تۇيغۇ ۋە تەپەككۇر قايناملىرىغا شۇڭغۇتماقتا، بىزنى پىكىر قىلىش، ئويلىنىش، شۇنداقلا يۈزلىنىشكە چاقىرماقتا. بۇنداق كۈچلۈك خىتاب ئالدىدا سۈكۈت قىلىش مۇمكىنمۇ؟ پىكىر قىلىشنى پەرز، يازما يېزىشنى قەرز دەپ ئويلاپ بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن، بەلكىم 18 ياشتىكى 18 تۇيغۇم چوڭلارغا ئۆزلىرىنىڭ شۇ دەۋرلىرىنى ئەسلىشىگە، ياشلارنىڭ ئۆز ئۆزىدىن سوئاللارنى سورىشىغا تۈرتكە بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. بۇ يازمامنىڭ پاكىز پىكىر ۋە سۈزۈك ھېسيات بىلەن يۇغۇرلۇپ چىقىپ، ئوقۇرمەنلەرگە زوق ۋە ئوزۇق ئاتا قىلىشنى ئۈمۈس قىلىپ قولۇمغا قەلەمنى ئالدىم.
1. ئىمانىمىز بۇلغانمىسۇن. ئەقىدە جىسمىمىز ۋە روھىيىتىمىزنى كونتىرول قىلغۇچى رول، ئىمان بولسا تارازا. شۇنى ئېسىمىزدە ساقلىشىمىز كېرەككەنكى، ئەقىدىسىزلىك ، ئىمانسىزلىق مەنىۋىيىتىمىزگە چۈشكەن ئەڭ چوڭ پارازىت بولۇپ قالىدىكەن. ئەقىلسىزلىق ئەمەس، ئىمانسىزلىق ئەڭ قورقۇنچلۇق دېگەن سۆز ھەرگىز ئورۇنسىز ئەمەس. ھەربىر ئىش، ھەربىر ھەرىكەت ۋە ھەربىر تاللىشىمىزنى ئىمانىمىز ئالدىدا تارازىغا سېلىپ، ئەقىدىمىز ئارقىلىق باشقۇرۇپ، ئالدىغا داغدام قەدەم ئالساق، ئىنشائاللاھ، بىزنى كۈتۈپ تۇرىدىغىنى پارلاق كېلەچەك ۋە بۈيۈك ئىقبال بولغۇسى.
2. نىشانىمىزنى ئېنىق تىكلەيلى. نىشانسىز يول يۈرگۈچىلەرنى بېشى قايغان پۇتى تايغان تەرەپكە ماڭدى دەپ قويىدۇ كونىلار. لېكىن ھاياتتا بېشى قېيىپ، پۇتى تېيىپ مۇۋەپپىقىيەت مەنزىلىگە يېتىپ بارغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. ھەربىر ئىش باشلاشتىن بۇرۇن پىلان تۈزۈش مۇھىم بولغاندەك، ھايات سەپىرىمىزنى ھەقىقىي باشلاشتىن بۇرۇن كاللىمىزغا ئېنىق بىر نىشان ۋە مىزان تىكلىنىشى زۆرۆر بولۇپ قالىدۇ. توغرا نىشان، توغرا يولدا مېڭىشنىڭ ئاچقۇچى.
3. ئىشقا ئىشقىمىز بولسۇن. ئاكامنىڭ ھەربىر ئىشقا مۇھەببىتىڭ بولسۇن دېگەن گېپىنى پات پات ئەسلەپ تۇرىمەن. ئۆزىمىز قىلماقچى بولغان ياكى قىلىۋاتقان ئىشىمىزغا مۇھەببىتىمىز بولسۇن، مۇھەببەت بولغاندىلا ئاندىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن، شەخسەن. قىلغان ئىشنى سۆيۈشىمىز، ئەگەر سۆيمىسەك سۆيۈشكە تىرىشىشىمىز، ھېچ بولمىغاندا قىلىۋاتقان ئىشىڭىمىزدىن قىزىققۇدەك ئامىللارنى ئىزدىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلالىساق ئۈزۈپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ بولىدۇ دەپ قارايمەن.
4.مۇھەببەت نەپرەت قارىشىمىز ئېنىق بولسۇن. غۇرۇر ۋە ۋىجدانىمىز كۆتۈرمەيدىغان ئىشقا زىيادە سەبىر قىلىشىمىز ئاجىزلىقىمىزنى ئىپادىلەپ قويىدۇ بەزىدە. پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ دېگەن قاراشمۇ ئاساسسىز بولمىسا كېرەك. دېمەكچى، كۆڭلىمىز زىيادە كۆتۈرمىگەن ئىشقا ئۆزىمىزنى مەجبۇرلىغانلىق ئۆزىمىزنى خارلىغانلىق بولۇپ قالىدۇ. ئىشلارغا تۇتقان پوزىتسىيەدە كەسكىن بولىشىمىز كېرەك-ئەلۋەتتە.
5. ئۆيدىن ئايرىلىش ئۇنچىلىك كۆڭۈللۈك ئەمەس. كۆپىنچىمىزدە، ئالىي مەكتەپلەرگە ياكى يىراقلارغا كېتىپ باقسام، ئۆيدىن ئايرىلىپ باقسام دېگەن خاھىش مەۋجۇت، لېكىن ئۆيدىن ئايرىلغاندا بولسا ئۆيدىن، ئىسسىق تاماقتىن، ئىللىق قۇچاقتىن ۋە كۈچلۈك قاناتتىن ئايرىلىشنىڭ ئۇنچىلىك گۈزەل بولمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە يالغۇزلۇق ۋە تەنھالىق ئىچىدە قايتا چوڭ بولىدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ قالىمىز ، مەنچە بولغاندا.
6. ئۆتمۈش كەتتى، ئالدىمىزغا قارايلى. سەن ئۆتمۈشكە قاراپ ئوق ئاتساڭ، كەلگۈسى ساڭا زەمبىرەك ئاتىدۇ دەپتىكەن بىر قىرىم تاتارلىرىنىڭ شائىرى. ھەقىقەتەن، ئۆتمۈشكە قاراپ ئاھ ئۇرۇشنىڭ ئورنى يوق، پەقەت بۈگۈنىمىز ۋە ئەتىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلساق ئەڭ توغرا قىلغان بولىدىكەنمىز.
7. ئۈزلۈكسىزلىك ئىنتايىن مۇھىم. سۇ ئۈزلۈكسىزلىكى بىلەن ئېتىزنى قاندۇرالايدۇ. شۇنداقلا بىزمۇ ئۈزلۈكسىزلىكىمىز بىلەن نىشانغا يېقىنلىشالايمىز دەپ قارايمەن. مەلۇم ئىشقا بەل باشلىغاندا چوقۇم ئۈزلۈكسىزلىكنى ئالدىن شەرت قىلىش ئەڭ ئۈنۈملۈك يول ئارقىلىق كۆزلىگىنىگە ئېرىشىش بولىدۇ دەپ كۈرەش قىلىش ماڭا ئاز بولمىغان ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى دەپ ئويلايمەن.
8. كىتاب ئوقۇش ئېسىل ئادەت. بىر كىتاب بىر دۇنيا، بىر كىتاب بىر تۇرمۇش، بىر كىتاب بىر ھەقىقەت، بىر كىتاب بىر ھېكمەت. توغرا كىتاب ئوقۇش ئادىتىدىن پايدا چىقسا چىقىدۇكى، زىيان چىقمايدۇ. لېكىن كىتابنى تاللاپ ئوقۇش، ئەھمىياتسىز كىتابلار ئۈچۈن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق لازىم. دۇنيادىكى ئۇچۇر يېڭىلىنىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، تور كەڭ ئۇچۇر ئامبىرى، لېكىن كىتابتىن ئالالايدىغان زوق ۋە ئىلمنى تورنىڭ تولۇق بېرىپ كېتەلىشى ناتايىن.
9. يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي بولۇش لازىم. ئۆتكەندە كۆرگەن بىر قىسقا فىلىمدە 2010-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ لازىملىق خىزمەتلەر، 2004 -يىلى مەۋجۇت ئەمەس؛ ھازىر، بىر ئۇچۇر تېخنىكىسىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىنىڭ 1-يىلى ئۆگەنگەنلىرىنىڭ 50% تى 3-يىلىغا كەلگەندە، ئەمەلدىن قالىدۇ؛ نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتىدە بىر ھەپتە تارقىتىلىدىغان ئۇچۇر،، 18- ئەسردە ياشىغان بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىدە توپلىغان ئۇچۇرىدىنمۇ كۆپ دېيىلىپتۇ. دېمەك، كۈنسايىن تېزلىشىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە بىزگە كېرەك بولغىنى يېڭىلىق ۋە ئىزدىنىش.
10. ھايات كىشىگە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ. ھاياتنىڭ قانچىلىك تاتلىق ئىكەنلىكىنى ئۆلۈش ئالدىدىكى كىشىلا ئېنىق بىلسە كېرەك. ھاياتنى قىزغىن سۆيۈش مۇھىم، لېكىن ھەرگىز بىزار بولماسلىق لازىم. ھازىرقى ۋاقتىمىزنى قەدىرلەيلى، بىلىشىمىز كېرەككى كىشىنىڭ پەقەت بىرلا 18 يېشى بولىدۇ.
11. تارىخ بىلىملىرىنى ئۆگىنىش _ كەلگۈسىگە يول ئېچىش. تارىخ كەلگۈسىنى قۇرۇشنىڭ ئۇلى. تارىخىنى بىلمىگەن، تارىخىنى يوقاتقان مىللەت، ياكى قەۋمنىڭ مەۋجۇدلىقىدىن، مەدەنىيىتىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە، چۈنكى، مەدەنىيەت، مەۋجۇدلۇق تارىخنىڭ ھەربىر بېتىگە مۆھۈر بولۇپ بېسىلغان. دېمەك، بىزنىڭ كۈچىمىزنى يېتىشىچە تارىخىمىزنى بىلىشىمىز، بۈگۈنىمىزنى چۈشىنىشىمىز، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، بىز يېڭى بىر دەۋرنىڭ قۇرغۇچىلىرى.
12. قانائەت گۈزەل ئەخلاق. شۈكر-قانائەت قىلىشنى بىلىش ئەڭ چوڭ نېئمەت. ھەر كۈنى ئەتىگەن كۆزىڭىزنى ئاچالىغانىكەنمىز، بىز ئەڭ بەختلىك كىشىلەر بىز، چۈنكى بىزدە ھاياتىي كۈچ ۋە جاسارەت بار. ساق سالامەت قۇياشقا قارىيالىغانلىقىمىز ئۈچۈنمۇ قانائەت قىلىشىمىز كېرەك. قولىمىزدا بار بولغان بارلىق نېئمەتلەرنى بەرگۈچىگە چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇن.
13. ھەرگىز ئۆزىمىزنى چوڭ بولدۇق دەپ قاراپ قالمايلى. كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ دېگەندەك، تېخى ئالدىمىزدا بىز ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلار ئىنتايىن نۇرغۇن. ئىشلارنى بىز تېخى سەبىي كۆزلىرىمىز بىلەنلا كۆرەلىدۇق، قېنى كۆزلىرىمىز ئېچىلسۇن، دۇنيا نەزىرىمىزدە قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كېتىدىكەنكەن.
14. سالامەتلىك ئىنتايىن مۇھىم. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل. ساغلاملىقىنى قەدىرلىگەن، ساغلاملىقنىڭ قەدرىگە يەتكەن كىشى ھەممىنىڭ قەدرىگە يېتەلەيدۇ. توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش بىز ئۈچۈن بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك مۇھىم.
15. بىز دۇنياغا ئەمەس، دۇنيا بىزگە مۇھتاج! دېمەكچى، ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. چۈشكۈنلۈك ۋە ئىرادىسىزلىكتىن يىراق تۇرايلى، بىز دۇنيانى قايتا قۇرالىشىمىز، تەرتىپنى قايتا ئورۇنلاشتۇرالىشىمىز، دەۋرنى ئۆزگەرتەلىشىمىز مۇمكىن! ئىنشائاللاھ، ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە ئىزنى بىلەن.
16. ئوقۇشتىن ئاسان ۋاز كەچمەيلى. مەكتەپنىڭ زور بېسىمى ئاستىدا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇپ بولغۇچە ھۆ بولۇپ كەتتۇق، لېكىن ئۆگەنگەنلىرىمىز ھەقىقىي بىلىم ئەمەس، پەقەتلا ئاساس. دېمەكچى، كېيىنكى ئۆرلەپ ئوقۇشلاردا تېخىمۇ كۈچىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئىلىم ۋە بىلىم بىلەن كىشى قەدىرلىك ۋە ئىززەتلىك بولالايدۇ.
يازغانسېرى يازغانلىرىمنىڭ قۇرۇق شوئاردىن باشقا نەرسە بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم. سۆز تىزمىلىرى ۋە ئەھمىيەتسىز شوئارلارنى ئۆزۈمنىڭ تۇيغۇم دېيىشتىن ئەلۋەتتە نومۇس قىلىشىم كېرەك. لېكىن مەن يەنە شۇنى تەكىتلەيمەنكى، يوقۇرقىلار، ئۆزۈمنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىم، ياكى مۇساپەمدە ھېس قىلغانلىرىم ۋە بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغانلىرىم.ئەلۋەتتە، مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم يالغۇز بۇلارلا ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن كۆپ، لېكىن مۇشۇنچىلىكلا يېزىشنى توغرا تاپتىم. ھېلىمۇ چۇۋالچاق پىكىرلىرىمنى ھۆرمەتلىكلەرنىڭ ھۇزۇرىغا ئەدەپسىزلارچە سۇنغانلىقىمدىن خىجىلمەن، لېكىن تەجرىبىلىك ئۇستازلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق ۋە توغرا بولغان ئەسكەرتىشلەرنى بىز ياشلارغا مۇشۇ يازمام ۋەجىدىن يەتكۈزگەن بولسا ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلغان بولاتتىم ۋە يازمامنىڭ مەقسىتىگە يەتتىم دېيەلەيتتىم. ئەمدى يازمامنىڭ تۈگەنچىسى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى ئاددىي قۇرلارنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
گۈزەللىك ھەرخىل بولىدۇ، لېكىن 18 ياشنىڭ گۈزەللىكى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە. 18 ياش ماڭا ئويناقشىپ ئاققان تاغ سۇلىرىنى، بەسلىشىپ چاپقان تايچاقلارنى ۋە يۈگۈرۈشكە تەييارلانغان تەنھەركەنچىلەرنى ئەسلىتىدۇ. ھەممە نەرسە شۇنچە قىزغىن، شۇنچە رەڭدار، شۇنچە گۈزەل شۇنچە جەزبىدار. شۇنداقلا بۇ ۋاقىتلار ھاياجان ۋە قايناق ھېسيات، پۈتمەس تۈگىمەس قۇۋۋەتنىڭ شاھىدى.
18 ياش خۇددى بىر ئاچا يول كەبى بىزنىڭ ئالدىمىزدا. 18 ياش خۇددى قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر كەبى بىزنىڭ قولىمىزدا. 18 ياش بەئەينى بىر پەللە، ۋە شۇنداقلا بىر باشلىنىش نۇقتىسى كەبى بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزدە. لېكىن، ئۇنى قانداق قەدىرلەش، قانداق ئىشلىتىش، قانداق باشلاش بىزنىڭ ئىختىيارلىقىمىزدا. بىلىڭلاركى، 18 ياشلىقلارغا خاس جاسارەت، ئۇيغۇر ئوغلانلىرىغا جاس پاراسەت بىزنىڭ جىسمىمىزدا، قەلبلىرىمىزدە!
مەشئەل20 قەلىمى. قەلىمىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.