saltanat lutun elan berig
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 4204 قېتىم كۆرۈلدى
barman007
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6667
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
تۆھپە: 31 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 31 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 35(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 چوقۇم ئوقۇيدىغان بىر تارىخ

      تارىخ  ئۆگىنىش  ۋەتەنپەرۋەرلىكنى  يىتىشتۈرۈشنىڭ   مۇھىم  يوللىرىنىڭ  بىرى ،مەن   ‹‹ شىنجاڭ  تارىخى ماتىرىياللىرى››  ناملىق  بىر  يۈرۈش  كىتاپنى  ئوقۇغاندىن  كىيىن  مۇشۇ  مەقسەتتە  بۇ  ماقالىنى  سۇندۇم  ،
تورداشلارنىڭ  تولۇق  بىر  خەتنىمۇ  قالدۇرۇپ  قويماي  ئوقۇپ  چىقىشىنى  ئۈمىد  قىلىمەن ،بۇ  ماقالە  تورداشلارنىڭ  بەزى  ئىشلارنى بىلىۋېلىشىغا ياردەم  بەرسە ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى  ئالالىسا  بۇ  ماشىنىست ۋە  يوللىغۇچىنىڭ ئارزۇسىدۇر،ماقالىنىڭ  ئاپتورى  سۇڭ  شىليەن  جاڭ جىجۇڭ  گېنىرال   شىنجاڭغا  كىلىپ  ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا  شىنجاڭ  ھەربىي  رايونىنىڭ  باش  قوماندانلىقىغا  تەيىنلەنگەن (1947-1945) ،نۇرغۇن  ۋەقەلەرنىڭ  شاھىتى بولغان  ،جاڭ جىجۇڭ  شىنجاڭدىن  كەتكەندە  ۋەزىپىسىنى تاۋ سىيۆ  ئۆتكۈزىۋالغان  ،كىيىن  ئامرىكىغا  چىقىپ  كەتكەن ۋە  شۇ  يەردە  ئۆلگەن ،خەنزۇچە ‹‹غالچا  جىياڭجۈن  ››  قاتارلىق  ئەسلىمە ۋە  ئەسەرلىرى  بار  ،  


تۇرپان قوزغىلىڭىنى بېسىقتۇرۇشنىڭ ئۆتمۈشى

سۇڭ شىلىيەن(شىنجاڭ ھەربىي رايونى گارنىزونىنىڭ باش  قوماندانى)

ھەر قانداق بىر ئىش ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولمايدۇ،قاچانلا بولمىسۇن ئۇنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئىچكى مۇناسىۋىتى بۇلىدۇ. تۇرپان ۋەقەسىمۇ دەل شۇنداق . مەن 1947- يىلى ئۈرۈمچىدىكى «25 –فېۋرال  ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى» دېگەن ماقالىدە ،ئەخمەتجان باشچىلىغىدىكى ئىلى ئىنقىلاپچىلىرى بىلەن جاڭ جىجۇڭ باشچىلىغىدىكى گومىنداڭچىلارنىڭ شىنجاڭدىكى كەسكىن كۈرەش ئەھۋالى توغرۇلۇق تەپسىلىي توختالدىم. يېڭى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەمدىلا قۇرۇلغان مەزگىلدە ئەخمەتجان جاڭ جىجۇڭنىڭ ئىلاج قىلىپ تېنچلىقنى ئارزۇ قىلىش كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ ،ھە دېگەندىلا ئېلى تەرەپتىن ئابدۇراخمان مۇھىتىنى تۇرپاننىڭ ھاكىملىقىغا كۆرسەتتى،ئۇ چاغدا مەن بۇ قارارغا رازىلىق بىلدۈرمىدىم ،ليۇمېڭچۈنگە(غەربىي شىمال مەمۇرى مەھكىمە باش كاتىپى ۋە قوشۇمچە شىنجاڭ ئۆلكلىك ھۆكۈمەت باش كاتىپى ) :«تۇرپان بولسا قۇمۇل ھەم ئىچكىرىگە قاتنايدىغان يولنىڭ ئېغىزى،شۇنىڭدەك دۆلەت ئارمىيىسىنى تەمىنلەيدىغان بازار، نىمىشقا بۇنداق  مۇھىم ناھىيىگە ئىلى تەرەپنىڭ ئادىمىنى ھاكىم قلىپ قۇيىمىز؟»دىدىم. لىيۇمېڭچۈن :« مىنىڭچىمۇ مۇۋاپىق بولمىدى.بىراق جۇرىن (جاڭ جىجۇڭنى دېمەكچى) ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەمدىلا قۇرۇلدى، ئەخمەتجان فۇشۇجىنىڭ بىرىنجى نۆۋەت ھاكىم كۆرسىتىشى بولغاچقا ،رەت قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قاراپ ،تەستىقلاندى» دىدى. « بۇنداق بولغاندا ھازىردىن ئېتىبارەن تۇرپاندا ۋەقە تولا بۇلىدۇ-دە» دىدىم مەن .
ئابدىراخمان مۇھىتى تۇرپانغا ھاكىم بولغاندىن كىيىن ،ئاستانىنى مەركەز قىلغان ھالدا، ناھايتى ئاكتىپ ھالدا تەشكىلي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، قوراللىق قوزغىلاڭنى پىلانلىدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇرپان ئۇيغۇر خەلقى جىقراق جايلاشقان جاي بولغاچقا،ئېلى تەرەپ ئۇلارنى قوزغۇلۇپ گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشقا تەشۋىق قىلدى ھەم قۇتراتتى.مانا بۇ- تۇرپاندا قوراللىق قوزغىلاڭ پەيدا بۇلۇشتىكى سەۋەپ.
لىكىن بۇ قېتىمقى ۋەقە 1947-يىلىنىڭ 7-ئايلىرىدا پەيدا بولدى، ئۇ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بۇلۇپ ،ئىلى تەرەپنىڭ ئالدىن پىلانلىشى بىلەن بولغان ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ توپلىغان كۈچى يىتىشسىزلىك قىلاتتى،تەييارلىقىمۇ تۇلۇق ئەمەس،ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشىمۇ دېگەندەك جايىدا ئەمەس ئىدى،نەتىجىدە بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئەمدى مەن ئالدى بىلەن ئىلى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى بالدۇر قوزغاپ قۇيۇشىدىكى .
قىسقىچە سەۋەپلىرىگە ئازىراق توختۇلۇپ ئۈتەي
1947-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى جاڭ جىجۇڭ،ئەخمەتجان فۇجۇشى، ۋاڭ زېڭشەن نازىر(ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ) ،مۇئاۋىن نازىر رەخمجان،ھەيئەت ئەزالاردىن ئەيسا،چۈي ۋۇ ۋە تەپتىش مەسئۇت،تاشقى ئىشلار ۋەكىلى لىيۇزېرۇڭلارنى باشلاپ ئۈرۈمچىدىن ئايرۇپىلان بىلەن ئاقسۇغا باردى.كىيىن قەشقەر،يەركەن،خوتەن قاتارلىق جايلارنى كۆزدىن كەچۈردى،قايتاشىدا كۇچا،قاراشەھەر قاتارلىق جايلاردىن ھال سورىدى،يەنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بەش ۋىلايىتىنى 23 كۈندە ئايلىنىپ چىقتى، 5 ۋىلايەتنىڭ ئىچىدە قاراشەھەر ۋىلايىتىدە مۇڭغۇل،خۇيزۇ مىللىتى جىقراق بولغاندىن تاشقىلىرى،قالغان 4 ۋىلايەتتىكى ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىگى ئۇيغۇرلار ئىدى،بۇلۇپمۇ قەشقەر ۋىلايىتىدە ھەممىدىن جىقراق ،ئۇمۇمەن 900 يۈزمىڭدىن ئارتۇقراق ئاھالە بۇلۇپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سىياسىي،ئىقتىساد،مەدەنىيەت مەركىزى ھېسابلىناتتى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى سېيىت ئەخمەت،يەرلىك چوڭ ئاخۇن ھەم چوڭ پومشىچىك ئىدى؛ خوتەن ۋالىسى خۇدىڭباڭ(نۇر بەگ)پومشچىك،خەنزۇتىلغا ماھىر،خەنزۇلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئىدى؛ يەركەن ۋىلايىتىنىڭ جۇفاڭگاڭ خەنزۇ، قاراشەھەر ۋىلايتىنىڭ ۋالىسى زۇشۇبىڭ ھەم خەنزۇ ئىدى. مەزكۇر 4 ۋىلايەتنىڭ مەمۇرى مەسئۇللىرى جايلاردا تۇرۇشلۇق قىسىملار بىلەن زىچ بىرلىشىۋالغان بۇلۇپ،ئىلى تەرەپتىن ھەرىكەتلىنىشكە ئەۋەتكەن ئادەملەر ئىش ئېلىپ بېرىشتا بەك قىيلىناتتى،شۇڭا جاڭ جىجۇڭ قاتارلىقلار 4 ۋىلايەتنى كۆزدىن كەچۈرگەن چاغدا،ھەممە ئىشلار تىپ-تېچلىق ئىدى،ئۇلار تەكلىپ قىلىپ سۆھبەتلەشكەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى،جاڭ جۇشىنى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسى پىروگىراممىسىنى ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى،شىكايەتمۇ قىلىشمىدى،نامايىش ھەم ئۆتكۈزمىدى،جاڭ جىجۇڭ ناھايتى رازى بولغان ئىدى. بىراق ئەخمەتجان ناھايتى نارازى بولدى، چۈنكى بۇ جايلاردا ئىلغار كۈچلەر تېخى شەكىللەنمىگەن ،بىر قەدەر ئىلغار ئادەملەر ئۇلارغا يېقىن كەلمەيىتتى. لىكىن قەشقەرنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭ ئەكىسچە بۇلۇپ چىقتى.1946-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەستىن،جاڭ جىجۇڭ ئەخمەتجان ھەم بورھاننىڭ پىكرىگە قۇشۇلغان ھالدا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يىغىنىدا ،ئابدېكىرىم مەخسۇمنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيلىقىغا بەلگىلەشنى ماقۇللىدى؛ بۇ ئادەم شۇ جايدىن چىققان مەشھۇر سوۋېت پەرەس ئادەم بۇلۇپ ،ئىلى ئىنقىلابىغا ھېسىداشلىق قىلغۇچىلاردىن بىرى ئىدى،ئېلى تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنىڭ ھېمايىسى ئارقىسىدا ناھايتى چاپسانلىق بىلەن راۋاج تېپپ «شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئىتتپاقى»نى تەشكىل قىلىۋالدى ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. جاڭ جىجۇڭ تېخى قەشقەرگە يىتىپ بېرىشتىن ئاۋۋال،بىز قەشقەردە تۇرۇشلۇق 42-كۇرپۇسنىڭ قوماندانى جاۋشىگۇڭنىڭ «ئۇيغۇر ياشلىرى دائىم تەشكىللىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ ،تۇرۇشلۇق قىسىملارغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيە قوللانماقتا،ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددى»دىگەن بىر قانچە تېلىگىراممىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدۇق.جاڭ جىجۇڭ قاتارلىقلار قەشقەرگە بارغاندىن كىيىن،كونا شەھەردىكى ۋالى مەھكىمىسىگە چۈشىدۇ (قەشقەر كونا شەھەر،يېڭى شەھەر دەپ ئاتىلىپ،ئىككى شەھەرنىڭ ئارىلىغى 9 كېلومېتىر كېلىدۇ.كونا شەھەر چوڭراق بۇلۇپ،ئاھالىسىنىڭ تولىسى ئۇيغۇرلار،سودا –سېتىق مەركىزى ھېسابلىنىدۇ،مەمۇرى ئورگانلارنىڭ تولىسىمۇ شۇ جايدا. يېڭى شەھەردە ئاساسەن ھەربىي قىسىملار ۋە قىسمەن خەنزۇلار جايلاشقان ) ،2-كۈنى ئېچىلغان ئاممىۋى قارشى ئېلىش يىغىنىدا،جاڭ جىجۇڭ بىلەن ئەخمەتجان،مەسئۇتلار سۆزلىگەندىن كىيىن،ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بىر نەچچىسى سۆزگە چىقىپ، خەنزۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆتمۈشتە شىنجاڭدا يۈرگۈزگەن دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئەيىبلىدى،دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىپ كىتىشىنى،يەرلىك قىسىمنىڭ قۇرۇلىشىنى،ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئەكسىيەتچى ھېسابلانغان يەرلىك رەھبىرى زاتلارنىڭ جازالىنىشىنى ۋە باشقىلارنى تەلەپ قىلىدى،ئامما بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قىزغىن چاۋاك چالدى ھەم قوللىدى،جاڭ جىجۇڭ جاۋاپ بەرسۇن دەپ تەلەپ قويدى. جاڭ جىجۇڭ ئۇلارنى گەپكە كۆندۈرۈشكە تىرىشپ باقتى،لىكىن تېلى قۇرۇپ كالپۇكلىرى تالغىچە سۆزلىسىمۇ،بىكار ئاۋارىچىلىق بولدى،ئاممىنىڭ كەيپىياتى بارغانسېرى ئۆرلەپ،جاڭ جىجۇڭنى مۈشكۈل ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى ۋە ئۈنلۈك ۋارقىراشتى.بۇ ئىش 4-5 سائەت داۋام قىلدى،ھەل قىلىشنىڭ ئىلاجى بولمىغاچ،جاڭ جىجۇڭ مۇنبەرنى تاشلاپ كىتىپ قېلىشقا مەجبۇر بولدى.5-ئاينىڭ باشلىرىدا جاڭ جىجۇڭ قاتارلىقلار ،خوتەندىن قەشقەرگە قايتىپ ،يەنە ۋالى مەھكىمىسىگە چۈشكەن ئىدى،شۇ كۈنى كەچ سائەت 7دىن باشلاپلا 5-6مىڭدەك ئاممىنىڭ مۇھاسىرىسىدە قالدى،ئۇلار جاڭ جىجۇڭنىڭ ئۆتكەن نۆۋەت  ئوتتۇرغا قويغان بىر نەچچە ماددىغا جاۋاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى،يەنە بىر قانچە يېڭى ماددىلارنى ئوتتۇرغا قويدى. جاڭ جىجۇڭ ئۇلارغا ئۇزۇن سۆزلىدى،ئاساسەن دۆلەتنىڭ بىر تۇتاشلىغى ۋە مىللى ئاڭ-ھېسىياتنىڭ مۇناسىۋەتلىرنى چۈشەندۈرۈپ باقتى ،لىكىن بۇ سۆزلەرنىڭ ئاممىغا نىسپەتەن قىلچىمۇ رۇلى بولمىدى،ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى كونكىرىت مەسىللەر ھەم كونكىرت جاۋاپ ئېلىش بۇلۇپ،ئۇنىڭ ئىچىدە زور مۇناسىۋەتلىك ئىشلارمۇ بار ئىدى،مەسلەن:دۆلەت ئارمىيىسى شىنجاڭدىن چىقىپ كەتسۇن،مىللى ئارمىيە قۇرۇلسۇن دەيدىغان مەسىللەر،جاڭ جىجۇڭمۇ ئاسانلىقچە جاۋاپ بېرەلمەيدىغان مەسىللەر ئىدى. تاكېچە سائەت بىردىن ئۆتكىچە تىركەشسىمۇ ئامما تارقىمىدى،بەلكى ئەھۋال بارغانسېرى ئەۋج ئالدى،جاڭ جىجۇڭ ئىلاجىسىز قالدى،ئەخمەتجان چىقىپ بۇ مۇھاسىرىنى بىر تەرەپ قىلىسا دەپ ئويلىدى،لىكىن  ئەخمەتجان ئاللىقاچان ۋالى مەھكىمىسىدىن كىتىپ قالغان ،نەگە كەتكەنلىگى نامەلۇم ئىدى،جاڭ جىجۇڭ شۇ ۋاقىتتىلا بۇ ئۇيۇننى پىلانلاپ رېژىسورلۇق قىلغۇچى ئەخمەتجان فۇجۇشى ئىكەنلىگىنى تۇيۇپ قالدى.ئاممىنىڭ كەيپىياتى باغانسېرى ئۆرلىگەنلىكتىن ،جاڭ جىجۇڭنىڭ مۇھاپىزەتچى خادىملىرى ئىسيان چىقىپ جاڭ جىجۇڭنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمىسۇن دىگەن ئەندىشە بىلەن،بىرسى ۋالى مەھكىمىسىنىڭ كەينىدىكى يان ئىشىكتىن چىقىپ تېلېفۇن ئىدارىسىغا بېرىپ (چۈنكى بۇ چاغدا ۋالى مەھكىمىسىنىڭ تېلىفۇنىنى نامايىشىچىلار ئىگىلىۋالغان ئىدى) يېڭى شەھەردىكى جاۋجۈنجاڭ (جاۋشىگۇاڭنى دىمەكچى)غا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ.جاۋشىگۇاڭ بۇ پەيىتتە ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرسا ،ئېغىر ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدىغانلىغىنى بىلىپ،ئۆزى ماشىنا بىلەن كىلىپ ئەھۋالنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ . ئۇ ۋالى مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاراپ باققىدەك بولسا ،ئادەملەر سانجاق-سانجاق،ۋاراڭ-چۇرۇڭ،كىرىش مۇمكىن ئەمەسلىگىنى بىلگەچ،ئارقا ئىشىككە بېرىپ يان ئىشىكتىن كىرىدۇ.جاڭ جىجۇڭنىڭ مۇھاپىزەتچىسى جاۋشىگۇاڭنىڭ كەلگەنلىگىنى كۈرۈپ ناھايتى خۇرسەن بۇلىدۇ،يەنى ئاستا بېرىپ جاڭ جىجۇڭغا خەۋەر قىلىدۇ،جاڭ جىجۇڭ نامايىشچىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كېچىچە سۆھبەتلىشىپ ماغدۇرى تۈگىگەندەك ھالەتكە يەتتى،قانداق ھەل قىلىشنى بىلمەي تۇراتتى،شۇئان بىر بانا بىلەن سەھنىدىن چۈشۈپ جاۋشىگۇاڭ بىلەن بىللە ئارقا ئىشىكتىن چىقىپ ،ئاپتۇموبىلدا يېڭى شەھەرگە چىقىپ كەتتى. بۇ چاغدا تاڭ ئاتاي دەپ قالغان ئىدى.  جاڭ جىجۇڭ يېڭى شەھەرگە يىتىپ بارغاندىن كىيىن ،گەرچە سەل ئارام تېپىپ ،خەۋەپ-خەتەردىن قۇتۇلغاندەك بولسىمۇ،لىكىن ئەخمەتجان بىلەن ۋالى ئابدېكىرىم مەخسۇمنىڭ ئۇنى مۈشكۈللۈك ھەم رەسۋا ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىغا ناھايتى غەزەپلەندى،شۇڭا ئۇ قەشقەردىن دەرھال كىتىشنى قارار قىلدى،ھەمدە جاۋشىگۇڭغا ماشىنا ئەۋەتىپ ۋالى مەھكىمىسىدىكى ھەمراھلىرىنى يېڭى شەھەرگە ئەكىلىشنى بۇيرۇدى،يەنە سائەت 8دە ئۇچۇشنى بەلگىلىدى (ئايرۇدۇرۇم يېڭى شەھەرنىڭ جەنۇبى دەرۋازىسىنىڭ تېشىدا ئىدى).بۇ ئەخمەتجان قاتارلىقلار ئويلىمىغان ئىش بولدى. ئەخمەتجان ئايرۇدۇرۇمغا يىتىپ كەلگەندىن كىيىن ،جاڭ جىجۇڭ ھەمرالىرىنى دەرھال ئايرۇپىلانغا چىقىشىنى بۇيرۇدى،يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇزىتىشقا ئۈلگۈرەلمىدى.
  جاڭ جىجۇڭ 5-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،ئۇنىڭ پوزىتسىيىسىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى.قايتىپ كەلگەن كۈنى ئاخشىمى مەن،لىيۇرېڭ (غەربى-شىمال ھەربىي مەمۇرى مەھكىمىسىنىڭ سەنمۇجاڭى) ۋە لىيۇمىڭچۇنگە شۇنداق دىدى:« بۇ نىمىلەر بەك يولسىزلىق قىلدى،ئۇلار مىنىڭ شۇنچىلىك جاپا چىكىپ قولغا كەلتۈرگەن شىنجاڭ تېچلىغىنى «قورقۇتىۋالدۇق» دەپ ئويلاپ،ھە دېسىلا ئۆكتەملىك قىلىۋاتىدۇ،ئۇلارچە بولغاندا بىز پۈتۈنلەي شىنجاڭنى تاشلاپ چىقىپ كەتسەك ئاندىن ئارزۇسى قانىدىغان ئوخشايدۇ.ئەلۋەتتە بىز شۇنى ھەم كۈرۈۋېلىشىمىز لازىمكى ،ئۇلارنىڭ بۇنچىۋالا ھەددىن ئېشىپ كىتىش ئارقا كۈرۈنىشىدە خەلىقئارانىڭ قوللىشى بار،شىنجاڭنى 2-تاشقى مۇڭغۇلىيگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى.». مەن : بۇندىن كىيىن قانداق قىلماقچىسىز؟ دەپ سۇئال قويدۇم. جاڭ جىجۇڭ ھېچبىر ئىككىلەنمەستىن:«ئۇلارغا قاتتىق پوزىتىسيە قوللۇنۇپ ،قەتئىي يول قويماسلىق لازىم ،بىز شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىكى زاتلاردىن،دۆلەتنى ھېمايە قىلىپ (جىياڭ جېشىنىڭ دۆلىتىنى دېمەكچى)،مەركەزگە ئىتائەت قىلىدىغانلا بولسا (نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنى دىمەكچى)،ئۇلارنى مۇمكىن قەدەر قوللاپ يىتىشتۈرىشىمىز،ئىشىنىشىمىز لازىم.دۆلەتكە ،ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرىدىغانلار بولسا،ئۇنداقلانى يۈگەنلىشىمىز،تەقىپ قىلىشىمىز...لازىم»دىدى. بىزلەر جاڭ جىجۇڭنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئارتۇقچە يول قۇيشلىرىغا،ئاللىقاچان باشقىچە پىكىردە بۇلۇپ يۈرەتتۇق،ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ،ھەمدە قەتئىيلىگىىنى كۈرۈپ،ئەلۋەتتە خوش بولدۇق،ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسىنى بىر ئېغىزدىن ھېمايە قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق،شۇ كۈنى ئاخشىمى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىىسى ئابدېكىرىمخان مەخسۇمنى ئالماشتۇرۇپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن مۇۋاپىق بىرسىنى خىللاپ قۇيۇش قارارىغا كەلدۇق.
جاڭ جىجۇڭ جەنۇبى شىنجاڭ سەپىرىدە قەشقەردە مۈشكۈللۈككە ئۇچراپ ھەم ئېلى تەرەپنىڭ غەرىزىنى چوڭقۇر چۈشەنگەندىن كىيىن يول قۇيۇشتىن قاتتىق پزىتسىگە ئۆزگىرىشى،تۇرپان قوزغىلىڭىنى تىزلىتىشنىڭ ۋە ئېلى تەرەپ بىلەن ئاخىرقى بۇزۇلۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋىۋى بۇلۇپ قالدى.
جاڭ جىجۇڭ ئۈرۈمچىگە قايىتقاندىن كىيىن ،ئەخمەتجان قاسىمى،بورھان شەھىدى ئىككى فۇجۇشى نازىر مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا،نازىر سەيپىدىن ئەزىزى،مۇئاۋىن نازىر رەخىمجان ساۋۇر ھاجى ،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەيئەت ئەزاسى ئەيسا ئالىپتىكىن،ھەيئەت ئەزا چۇي ۋۇ،باش كاتىپ لىيۇمېڭچۇن،نازىر ۋاڭ زىڭشەن ،خارجى ئىشلار ۋەكىلى لىيۇزەيرۇڭ قاتارلىقلارنى چاقىرىپ ئۈچ كۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ،ۋەزىيەتتە بۇرۇلۇش قىلىپ بېقىشقا،ئىككى تەرەپنىڭ كەسكىن كۈرەشلىرىنى تۈگۈتۈشكە ئۇرۇنۇپ باقتى؛ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئاخىرقى يەكۈنى شۇ بولدىكى «شىنجاڭدا گەرچە نۇرغۇن زىدىيەتلەر مەۋجۈت تۇرسىمۇ،لىكىن تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلغىلى بۇلىدۇ،يەنە «ئىنقىلاپ قىلىشنىڭ»،«يەنە قوزغىلاڭ قلىشنىڭ» ھاجىتى يوق-دىدى. جاڭ جىجۇڭ يەنە :«شىنجاڭ خەلىقىگە ئۇرۇش لازىم ئەمەس،ئۇرۇشنى خەلىققە زورلاپ تاڭغۇچىلار چۇقۇم مەغلۇپ بۇلىدۇ،ئاساسىنى تۈزەپ، مەنبەنى تازىلاش؛قانۇن-سىياسەتكە ئەھمىيەت بىرىپ ،سوبېتۋىچىلىقنى تازىلاش؛دۆلەت ھەم مىللەتنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ،تەرەپبازلىق-شەخسىي كۆز قاراشلارنى تازىلاش؛خەلىقچىل رەھبەرلىككە ھۆرمەت قىلىش،سىياسى كۈرەشلەرنى ۋە بىرلا تەرەپنىڭ يۈگەنلىشىگە قارشى تۇرۇش؛زىدىيەتلەرنى تۈگىتىپ،سۆز-ھەرىكەتتە،ئىچكى تاشقى جەھەتتە،يۇقىرى-تۆۋەن بىرلىككە كىلىش لازىم، شۇنداق قىلغاندىلا يىراق ۋە پارلاق ئىستىقباللىق بۇلىمىز» دىدى.
جاڭ جىجۇڭ ئىلى تەرەپنىڭ سىياسى كۈرەشنى ئېلىۋىتىشىنى تەلەپ قىلدى،بۇنى ئەخمەتجان قاتارلىقلار زادىلا قۇبۇل قىلالمايتىتى.چۈنكى .ئۇلار ئۆز مەخسىتگ يىتىش ئۈچۈن خېلى يىراق تۇراتتى. ئۇلار ئۆز مەخستىگە يتىش ئۈچۈن ،پەقەت كۈرەش ئارقىلىقلا (بۇنىڭ دائىرىسىگەقوراللىق كۈرەش كىرىدۇ) ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ-دەيتتى.
جاڭ جىجۇڭ ،ئەخمەتجان قاتارلىقلار بىلەن مەسلىھەت قىلشماستىنلا،5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىراپىدا جىياڭ جېشىگە تېلىگرامما ئەۋەتىپ ،شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قۇشۇمچە رەئىسلىگىدىن ئىستىپا سورىدى،ھەمدە شۇ چاغدا شىنجاڭ باش تەپتىشلىگى خىزمىتىنى قىلىۋاتقان مەسئۇت سابىرىنى ئۆلكە رەئىسلىكىگە كۆرسەتتى.مەسئۇت سەبىرى غۇلجىلىق بۇلۇپ ،مىللىتى ئۇيغۇر ،تۈركىيىدە ئوقۇغان ،ئۇ ئۆتمۈشتە شىڭ شىسەي ھۈكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغانلىغى ئۈچۈن ئىچكىرىگە قېچىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان،گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەركىبىدە 10يىلدىن ئۇشۇغراق ئىشلىگەن،مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،گومىنداڭ پىرقىسى مەركىزى تەپتىش ھەيئىتى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان،جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭغا كىلىپ مەسئۇل بولغاندىن كىيىن شىنجاڭغا قايتىپ كىلىشكە مۇيەسسەر بولغان،نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى شىنجاڭنىڭ تەپتىشلىكىگە تەيىنىلىدى.
مەسئۇت سەبىرى،شۇ چاغدا تەمىرات نازىرى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەيئەت ئەزاسى ئەيسا ئالىپتىكىنلەر سىياسى جەھەتتە پانتۈركىسىتلەرگە مەنسۇپ ئادەملەر.بۇ ئادەملەر سىنىپى كۈرەش تەلىماتىغا قارشى تۇرۇدىغانلار ،سوۋىت ئىتتىپاقىچە ئىنقىلابىغا نىسپەتەن بەك ئېھتىيات قىلىدىغانلار ئىدى. ئۇلار دەسلىۋىدە ھەدە پ مىللى ئىدىيىنى تەرغىپ قىلدى،مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەركىنلىك ھەم مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلاتتى، بەزىلەر ئىنقىلابى ئىسيان كۆتىرىش ئىدىيسىنىڭ رەھبىرى ۋە تەشكىلاتچىسى بۇلۇپ،كىيىنرەك شىنجاڭدا ھەقىقى مۇستەقىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەسلىگىنى سېزىپ،يەنە سوۋىتچە ئىنقىلاپتىن قورققانلىغى ئۈچۈن،جۇڭگۇ نامى ئاستىدا ،شىنجاڭنىڭ مىللى مۇختارىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.بۇلار ھەتتا شىنجاڭ ئۆلكىسى نامىنى تۈرك ئۆلكىسى دەپ ئۆزگەرتىشىنى (بۇ مەسىلە ھەققىدە مەھەممەت ئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا ئالىپتىكىن ماڭا بىر نەچچە قېتىم دىدى.ئۇلاردىكى :«شىنجاڭ»دىمەكلىك خەنزۇلارنىڭ يېڭىدىن كېڭەيىتكەن زىمىنى دىگەن مەنادىكى گەپ،ئۇنىڭدا مۇستەملىكىچىللىك مەناسىمۇ بار)،ھەر دائىم خەنزۇلارغا تۈركلەرنىڭ تارىخىنى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ،خەنزۇلارنىڭ ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىگە قەتئىي قارشى چىقتى.جۇڭگۇدىن ئايرىلماسلىق ،مۇستەقىللىق ھەرىكىتى قوزغىماسلىق ،خەنزۇلارنىڭ ھۈكۈمرانلىقىغا ،سىنىپىي كۈرەشكە قارشى تۇرۇش ،بۇ تۈركۈمدىكەرنىڭ ئاساسى پىروگىراممىسى ئىدى.بۇ ئەخمەتجان قاتارلىقلار باشچىلىق قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتى،شىنجاڭ جۇڭگۇدىن ئاجراپ مۇستەقىل بۇلۇپ،شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقىش،شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر پۈتۈن تۈزۈمىنى تامامەن شىنجاڭغا كۈچۈرۈپ كىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان سىياسى پىروگىراممىسى بىلەن ئوخشاشمايدۇ.بۇ ئىككى گوروھ سىياسى تەشەببۇسلىرى تۈپەيلىدىن ،بىر-بىرسىدىن يىراق تۇراتتى.شەرقى تۈركىستانچىلار پانتۈركىستلار گوروھىنى ھەر ۋاقىت خەنزۇلارنىڭ غالچىسى،مىللەتنىڭ مەنپەئىتىنى ساتقۇچىلار دەپ ھاقارەت قىلاتتى.  
نەنجىڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ،جاڭ جىجۇڭنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قۇشۇمچە رەئىسلىگىدىن ئىستپا بىرىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاپ ،مەسئۇت سەبىرىنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنىلىدى.بۇ قارارغا ئىلى تەرەپ دەرھال قاتتىق قارشى چىقتى. 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا مەسئۇتقا قارشى چاپلانغان لوزۇنكا شۇئارلار پەيدا بولدى.21-كۈنى جاڭ جىجۇڭ ئەخمەتجاننى تەكلىپ قىلىپ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قارارىنى مەلۇم قىلدى،ئۇ ئاڭلاش بىلەنلا قۇشۇلمايدىغانلىغىنى بىلدۇردى،بىر مۇنچە دەلىللەرنى كۆرسەتتى،جاڭ جىجۇڭنىڭ رەئىسلىكنى داۋاملىق قۇشۇمچە بىجىرىشىنى،يەنى ئۆلكە باشلىغىنى خەلق سايلاپ چىققۇچە رەئىس بۇلۇپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.جاڭ جىجۇڭ «بۇيرۇق ئېلان قىلىنپ بولدى،ئۇنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس » دىدى. شۇنداق قىلىپ ئىككى تەرەپ بۇزۇلۇش گىرۋىگىگە يېتىپ باردى.
5-ئاينىڭ 28-كۈنى مەسئۇت سابىرى خىزمەت تاپشۇررۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى،ئېلى تەرەپنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەيئەت ئەزالىرىدىن بىرسىمۇ قاتناشمىدى. مۇراسىم يىغىنىدا قەشقەردىن كەلگەن ئۆلكىلىك كېڭەش ئەزاسى ئوسمان سەكىل سۈپىتىدە سۆزگە چىقىپ ،جاڭ جىجۇڭدىن ئۆز قۇلى بىلەن ئىمزالىغان تېچلىق بېتىمىنى ھەمدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسى ئىشلارنى يولغا قۇيۇش پىروگىراممىسىنى تەلتۈكۈس ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ غەرىزى روشەن بۇلۇپ،مەسئۇتنىڭ رەئىس بۇلۇشىغا رازى ئەمەس ئىدى.
مەسئۇت خىزمەت تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىن،ئلى تەرەپدارلىرىدىن بولغان ئۆلكىلىك كېڭەش ئەزاسىدىن 40نەچچە نەپەر ئادەم جاڭ جىجۇڭغا خەت يېزىپ:« تېچلىق بېتىم ئىزچىل ئىجرا قىلىنمىدى،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۆز خىزمىتىنى ئورۇنلىمىدى،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى يېڭى تەشكىللەش ھاجەتسىز ،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ فۇجۇشىلىرى بىلەن ھەيئەت ئەزالىرى بۇ ئىشتىن ئالدىن خەۋەردار بولمىغان،ئۆلكىلىك كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ماقۇللىشىدىنمۇ ئۆتكۈزۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا رەھبەرنى يەڭگۈشلەش مۇۋاپىق ئەمەس،يەڭگۈشلىمەسلىكنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز» دىيىشتى. جاڭ جىجۇڭنىڭ جاۋاپ خېتىدە :«رەئىسنىڭ يەڭگۈشلىنىشى بىلەن تېچلىق بېتىم تەلتۈكۈس ئىجرا قىلىنماي قالمايدۇ،مەركەز ھەيئەت ئەزالار بىلەن رەئىسنى يەڭگۈشلەشكە ھوقۇقلۇق،مەركەزنىڭ مەسئۇتنى رەئىسلىككە شىنجاڭ خەلىقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن،مەركەزدىن بۇيرۇقنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلىش مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس» دىگەنلەر بايان قىلىندى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،قۇمۇل،ئاقسۇ،خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەن كېڭەش ئەزالىرىدىن 60-70 ئادەم بىرلىكتە جاڭ جىجۇڭغا خەت يېزىپ : مەركەزنىڭ قارارىنى ھېمايە قىلىدىغانلىغىنى ،مەسئۇت سابىرىنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئالقىشلايدىغانلىغىنى بىلدۇرۈشتى.
شۇنداق قىلىپ ،شەرقى تۈركىستانچىلار بىلەن پانتۈركىستلار(تۈركچىلەر دەپمۇ ئاتىلدۇ) ئارىسدا ،مەسئۇتنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى بۇلۇشنى ھېمايە قىلىش ياكى قارشى تۇرۇش مەسلىسىدە كەسكىن تۇقۇنۇش پەيدا بولدى. ئىلى تەرەپتىكى بىر گېزىت جاڭ جىجۇڭنىڭ بۇ ئىشى جۇڭگۇدا ئەنئەنە بۇلۇپ كىلىۋاتقان«ئۆزى بىلەن ئۆزىنى ئىدارە قىلىش » سىياسىتىنىڭ جارى قىلىنىشى دەپ يازدى.
ئىلى تەرەپتە ئۆز تەۋەسىدىكى ئۈچ ۋىلايەت (ئېلى ،ئالتاي، تارباغاتاي) دا  مەسئۇقا قارشى چوڭ كۆلەملىك ھەرىكەت يۈرگۈگەندىن تاشقىرى،قالغان 7 ۋىلايەتتىمۇ ،ئۇلارنىڭ تەشكىللىرى ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى، ئىپادىسى ئەڭ كەسكىن بولغان جايلار :قەشقەر،تۇرپان،توخسۇن،پىچاندىن ئىبارەت.قەشقەردە قوللانغان ئۇسۇللىرى:يىغىن ئېچىپ سۆزلەش ،نامايىش ئۆتكۈزۈش ؛تۇرپان ، پىچان،تۇخسۇن ناھىيىلىرىدە بولسا،ھەربىي ھەرىكەت قوللاندى. مانا بۇ-تۇرپان قوزغىلىڭى ۋەقەسىنىڭ سەۋەپلىرىنىڭ بىرسى.
ئەخمەتجان كۆرسەتكەن ئابدىراخمان مۇھىتى تۇرپانغا ھاكىم بولغاندىن كىيىن،ئاستانىنى بازا قىلىپ،«شەرقى تۈركىستان ئىنقىلاپچى ياشلار ئىتتىپاقى» نى قۇرۇشقا ئاكىتىپ كىرىشتى.ياشلارغا ھەربىي مەشىق ئۈگەتتى ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئەخمەتجان قاتارلىق ئادەملەرنىڭ سىياسى جەھەتتىكى قولايلىقلىرىنى پەردە قىلىپ،ئۈزلۈكسىز ھەم مەخپىي ھالدا قورال-ياراق تۇشۇپ يۈردى.شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ باش قوماندانلىغى ئاللىقاچان خەۋەر تېپىپ،جاڭ جىجۇڭغا دائىم مەلۇم قىلىپ،يۈز بىرىش ئېھتىمالى بولغان قوزغىلاڭنى كۈزۈتۈپ تۇردۇق.دەسلەپتە جاڭ جىجۇڭ ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىغا ئىشەنمىدى،كىيىن ئھتىيات قىلىپ رازۋېتكا  قىلىپ ئالدىنى ئېلىڭلار دەپ يوليۇرۇق بەردى. 5-ئاينىڭ 5-ئاينىڭ 28-كۈنى مەسئۇت ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى بۇلۇپ ئولتۇرغاندىن كىيىن ،يەنى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بەيتىك ۋەقەسى پارتىلدى.بىز ئۈرۈمچىنىڭ يېقىن ئەتىراپىدا تۇرۇشلۇق بىر قىسىمنى گۇچۇڭغا ئەۋەتتۇق،ئىلى تەرەپ تېخىمۇ ئوبدان پۇرسەت كەلدى دەپ ئويلاپ،دەرھال ئىش باشلاشنى قارارىغا كەلدى.6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن تارتىپ 7-ئاينىڭ باشلىرىغىچىلىك كەينى-كەينىدىن تۆۋەندىكى ۋەقەلەر يۈز بەردى:
1-        تۇرپان يېڭى شەھەرگە يېقىن جايدا ،گومىداڭ مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەرنىڭ مىلتىقلىرىنى بۇلاش ۋەقەسى يۈز بەردى ھەمدە بىر ئەسكەر ئېغىر يارىدار قىلىندى.
2- 10نەچچىدىن،20،30 دىن بۇلۇشۇپ ،تۇرپان ئەتىراپىدا ھەربىي ماشىنىلارنى بۇلاش،قاتناشقا توسقۇنلۇق قىلىش ھەتتا ماشىنىنىڭ ئۈستىدىكى ھەربىي ئاشلىقنى ،جابدۇق-سايمانلارنى بۇلاش ئىشلىرى ئىلگىرى-ئاخىرى 4،5 نۆۋەت يۈز بەردى.
3- ئابدىراخمان مۇھىتى قاتارلىقلار تۇرپان ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا ئاممىنى يىغىپ مەجلىسلەرنى ئاچاتتى،تۇرۇشلۇق قىسىملارنى ھەر خىل بەتناملار بىلەن ھاقارەت قىلاتتى،ئاممىنى ئاشلىقىڭلارنى ھۆكۈمەتكە سېتىپ بەرمەڭلار ... دەپ قۇترىتاتتى،يەرلىك خەلقنى قوزغىلىپ خەنزۇلارنى دۈشمەن كۈرۈشكە،تۇرۇشلۇق قىسىملارنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ئاكتىپ دەۋەت قىلاتتى.
4- توخسۇن،تۇرپاننىڭ 30 كىلومېتىر غەرىبىدە بۇلۇپ،جەنۇبىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان يولنىڭ تۈگۈنى ئىدى. ئېلى تەرەپ مۇشۇ جايغىمۇ ئادەم ئەۋەتىپ بىر قىسىم كۈچ ئۇيۇشتۇردى،توخسۇن بازىرىنىڭ 50 كىلومېتىر غەرىبىدىكى ئالغۇينى بازا قىلغان ھالدا ئەخمەتجان تەيىنلەپ ئەۋەتكەن كادىر خەمىت باشچىلىغىدا 40،،50 مىلتىغلىق 500،400 ئادەم يىغىلىپ تاشيولغا پات-پات ھۇجۇم قىلىپ،جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئاشلىغىنى شىمالى شىنجاڭغا تۇشۇشقا توسقۇنلۇق قىلدى.بىر قېتىم ئۇلار بىر يۇلۇچىنى ئۆلتۈرۈپ،يەنە بىر يۇلۇچىنى يارىدار قىلدى.شۇنىڭدەك ئۇلار ئىلانلىقققا يېقىن ئەتىراپتىكى خەلىقنىڭ ئاشلىق ھەم ئات-ئۇلاغلىرىنى تارتىۋالدى.توخسۇن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارغا نەسىھەت قىلدى.ئۇلار:«گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تۇرپان ،توخسۇن، پىچان ئۈچ ناھىيدىن چىقىپ كەتسۇن، مەسئۇت ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسلىگىدىن ئېلىپ تاشلانسۇن» دېگەن تەلەپلەرنى قۇيۇشتى.
5- پىچاندا (پىچان تۇرپاننىڭ شەرق تەرىپىدە بۇلۇپ تەخمىنەن 30- 40 كىلومېتىر كېلىدۇ) .7-ئاينىڭ 8-كۈنى 100 دىن ئارتۇق قوراللانغان ئامما لەمجىندىكى ساقچى ئىدارىسىنى مۇھاسىرە قىلىپ،ئۇنىڭ كادىر-ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ ،قورال-ياراقلىرى بىلەن ئاتلىرنى بۇلاپ كەتتى. ئارقىدىنلا خاندو ساقچى ئىدارىسىنى مۇھاسىرىگە ئالغاندا ،بۇ يەردىكى ساقچى –ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىن تەييارلىغى بولغاچقا ،ئىستېھكامغا كىرىۋېلىپ قارشىلىق كۆرسەتتى،شۇنىڭ بىلەن مەخسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى،بۇ يەردىكى ئادەملەر كۆكيارغا توپلىشىپ،پارتىزانلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى. پىچان ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئادەم ئەۋەتىپ نەسىھەت قىلدى،ئۇلار ئۆزلىرىگە « ئىنقىلابىي ئارمىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان پارتىزان ئەترىتى»دىگەن نام بىرىپ 7 تۈرلۈك تەلەپ قۇيۇشتى،ئاساسلىغى يەنە گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تۇرپان ،توخسۇن،پىچان ئۈچ ناھىيدىن چىقىپ كەتسۇن، مەسئۇت ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسلىكىدىن ئېلىپ تاشلانسۇن دىگەنلەردىن ئىبارەت بۇلۇپ توخسۇن ئالغۇيدىكى بىر قىسىم ئادەملەرگە ئوخشاشلا گەپ قىلاتتى.
6- 7-ئاينىڭ 8-كۈنى پىچان  ياڭخىغا يېقىن جايدا 200دىن ئۇشۇق ئادەم شۇ جايدىكى ساقچى ئىدارىسغا ئۇشتۇمتۇن ھۇجۇم قىلدى،بىر نەچچە ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ ،بىر قانچە مىلتىقنى تارتىۋېلىشىتى،ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ شۇجايدىكى 10 مىڭ دادەندىن ئۇشۇقراق ئاشلىغىدىن ھىچنەرسە قالدۇرماي بۇلاپ كەتتى،

مۇشۇ جەرياندا كىچىك تىپتىكى بۇ كۈچنىڭ خىلمۇ-خىل ھەرىكەتلىرى، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىلگىرلەش ئەھۋالىدىن قارىغاندا تۇمۇرى بىرتۇتاش بۇلۇپ،ئەخمەتجان قاتارلىقلارنىڭ باش قاتۇرۇپ ،مەلۇم پىلانلارنى ئشلەپ چىققانلىغى،شۇنىڭ بىلەن جاڭ جىجۇڭدا قانداق ئىنكاس بۇلىدىغانلىغىنى سىناپ كۆرمەكچى بولغانلىغىنى چۈشەنگىلى بۇلاتتى. بۇ خىل ۋەقەلەر ئۆزلۈكسىز يۈز بەرگەندىن كىيىن ،مەن جاڭ جىجۇڭغا شۇنداق پىكىرلەرنى قويدۇم: 1.تۇرپان ھاكىمى ئابدىراخمان مۇھىتىنى دەرھال يۆتكەش؛2. يەرلىك ھەربىيلەر بىلەن ساقچىلارغا قوزغىلاڭچىلارنى بېسىقتۇرۇش بۇيرۇغىنى چۈشۈرۈش؛3. تۇرپان،پىچان،توخسۇن ئۈچ ناھىيىدە تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ كۈچىنى ئەھۋالغا قاراپ ئاشۇرۇش كېرەك. جاڭ جىجۇڭ بۇنداق قىلسا ئىلى تەرەپ بىلەن تامامەن بۇزۇلۇپ كېتىپ ،بىر يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ تېنىچلىق ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن بولماسمىكىن دېگەن ئەندىشە بىلەن ئىككىلىنىش ئىپادىسىدە بولدى. بىزگە سەۋىر قىلىپ ،يەنە جىم تۇرۇپ كۈزۈتۈشكە،ئىلى تەرەپنىڭ كىيىنكى ھەرىكىتىگە قاراپ ئاندىن بىر نەرسە دەيلى دېگەن يوليۇرۇقنى بەردى.  جاڭ جىجۇڭنىڭ يوليۇرۇقىغا بىنائەن ھەر بىر دىۋىزىيە-پلىكلارغا تېلىگىرامما يوللاپ ،ئۇلارنى مۇمكىن قەدەر سەۋىرچانلىق بىلەن يول قۇيۇپ ،شىنجاڭ تېىچلىغىنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا،يۇقىرى ھۇشيارلىق بىلەن تەييار تۇرۇڭلار ،ئەگەر «قوزغىلاڭچى »لار ھۇجۇم قىلسا قەتئىي قايتۇرما زەربە بىرىڭلار دەپ يوليۇرۇق بەردىم.
ئەخمەتجان قاتارلىقلار جاڭ جىجۇڭنىڭ بېسىقتۇرۇش تەدبىر قوللانمىغانلىغىنى يەنە سۆھبەتلىشىش ئىپادىسىنىڭمۇ يوقلىغىنى كۈرۈپ ،جاڭ جىجۇڭ قىيىن ئەھۋالدا قاپتۇ دىگەن تۇنۇشقا كەلدى.چۈنكى ئۇ چاغدا گومىنداڭ بىلەن گۇڭچەنداڭ ئارىسىدا جىددى سۇقۇش مەزگىلى بۇلۇپ،گومىنداڭ قىسىملىرى ھەدەپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراۋاتاتتى،گومىنداڭ ھۆكۈمىتى غەرپكە نەزەر سېلىشقا ئاجىز ئىدى،جاڭ جىجۇڭنىڭ ۋەزىپىسى كۈچنىڭ بېرىچە شىنجاڭنىڭ  مۇقىملىغىنى ساقلاپ قېلىش بولغانلىقتىن بېسىقتۇرۇش تەدبىرى قوللانمىدى،بۇزۇلۇشۇپ كەتسەك ،يېڭى باشتىن سۇقۇش بۇلۇشتىن ئەنسىرەيتتى.
7-ئاينىڭ 12-كۈنى توخسۇندىكى بىر قىسىم كۈچ ئۇشتۇمتۇت كۈمۈشكە ھۇجۇم باشلاپ ،تۇرۇشلۇق قىسىمنى يوقۇتۇشقا،جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قاتناش يۇلىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ئۇرۇندى.كۈمۈش توخسۇندىن قاراشەھەرگە بارىدىغان تاشيول ئۈستىدىكى بىر بازار بۇلۇپ،توخسۇنغا 50نەچچە كېلومېتىر كىلەتتى.ئۇ جايدا 128-دىۋىزىيىنىڭ ئىككى لىيەنى(روتىىسى) تۇراتتى،دېۋىزىيە شىتابى قارا شەھەردە ئىدى.
7-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇپان ھاكىمى ئابدىراخمان مۇھىتى،مۇئاۋىن ھاكىم باۋدۇن قاتارلىقلار ،ناھىيە شەھىرىدىن ئوغۇرلۇقچە قېچىپ ئاستانىگە بارىدۇ،ئۇ يەردە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدىن ئەۋەتىلگەن نامانجانلار بىلەن بىللە تۇرپان ،پىچان ئىككى جايدىكى كۈچلەرگە قوماندانلىق قىلىدۇ،تەشكىللىك ھالدا قوراللانغان پىيادە ھەم ئاتلىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ سانى تەخمىنەن 600-700 كىشى بۇلۇپ،ئۇنىڭغا قېتىلغان ئامما قېتىلسا  1000دىن ئاشاتتى.بۇلار 20دىن ئارتۇق ئېغىر-يىنىك پىلىمۇت، 500-600 چە مىلتىق بىلەن قوراللانغان ھالدا ،13-كۈنى كۈندۈز سائەت 4 لەردە سىڭگىم ئاغزىغا ھۇجۇم باشلىدى. سىڭگىم ئاغزى تۇرپاندىن 30نەچچە كېلومېتىر شەرققە جايلاشقان بۇلۇپ ،قۇمۇلغا قاتنايدىغان مۇھىم ئورۇن،سىڭگىم ئاغزىدىن تاشيول بويلاپ شەرققە ماڭسا،ئىككى تەرىپى بىپايان دۆڭلۈكلەردىن ئىبارەت.شۇنڭدەك سىڭگىم ئاغزىغا يېقىن جايدا خېلى مۇھىم بىر كۆۋرۈك بۇلۇپ  قاتناشنىڭ بىخەتەرلىگى ئۈچۈن ،بىز بىر يىڭ (باتالىيون) ئەسكەر تۇرغۇزۇپ مۇھاپىزەت قىلاتتۇق.بۇ بىر قىسىم تاغ ئاغزىدا تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دۆڭلۈكتە ئۆزلىرى سېلىۋالغان ئىستىھكامدا تۇراتتى.ئۇ چاغدا تۇرپان،پىچان ئىككى جايدا تۇرۇشلۇق تەخمىنەن 4يىڭ (باتالىيون) ئەسكىرى كۈچىمىز بار ئىدى (بۇنىڭغا سىڭگىم ئاغزىدا تۇرۇشلۇق بىر باتالىيون كىرىدۇ)،بۇنىڭغا 78-جۇن (كۇرپۇس) قارمىغىدىكى 176-دىۋىزىيە باشلىغى تىيەن زىمىن قوماندانلىق قىلاتتى،دىۋىزىيە شىتابى تۇرپاندا تۇراتتى.
   ئەخمەتجان قاتارلىقلارنىڭ قوماندانلىقىدىكى تۇرپان،پىچان،توخسۇن ئۈچ ناھىيدىكى قوراللىق كۈچلەر ،كۈچنى توپلاپ كۈمۈش،سىڭگىم ئاغزى ئىككى جايغا ھۇجۇم قىلدى،ئۇلارنىڭ ھۇجۇمى بوش ئەمەس ئىدى.دىمەك بۇجايلار جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالى شىنجاڭ قاتناش يولىنىڭ مەركىزى بۇلۇپ ،شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا جايى ئىدى،مۇبادا بۇ نۆۋەتتىكى قوزغىلاڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىقسا ،جەنۇبى شىنجاڭ ھەم شەرقى شىنجاڭدا ئارقىمۇ-ئارقا قوزغىلاڭ چىقىشىغا تەسىر كۆرسۈتەتتى،ئۈرۈمچىگە تەھدىت تۇغۇلاتتى،يەنى: ئىلى، تارباغاتاي،ئالتاي ئۈچ ۋىلايەت بىلەن ئىككى تەرەپلەپ قىستاش ۋەزىيىتى پەيدا قىلىپ،گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق  قىسىملىرىنى ئۈچ پارچە قىلىۋىتىپ،ناھايتى پايدىسىز ۋەزىيەت پەيدا قىلماقچى ئىدى.
   كۈمۈش،سىڭگىم ئاغزىدىكى قىسىملار جىددى ياردەم بىرىشىنى تەلەپ قىلدى،ھەر بىر كۇرپۇس،دېۋىزىيە ،پولىك باشلىقلىرى كەينى-كەينىدىن تېلىگىرامما يوللاپ ،قەتئىي بېسىقتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشاتتى.بۇلۇپمۇ 78-كۇرپۇس باشلىغى يې چىڭ ئۈزى تۇرۇشلۇق قۇتۇبىدىن كىلىپ مەن بىلەن كۈرۈشكەندە يىغلاپ تۇرۇپ«ئەگەر ئەمدى قەتئىي بېسىقتۇرۇش تەدبىرىنى قوللانمىساق ،ئۆلسەك جەسىتىمىزگە جاي تېپىلمايدۇ!» دىدى . مەن بۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ۋە ھەر دەرىجىلىك باشلىقلارنىڭ تەلىپىنى جاڭ  جىجۇڭغا مەلۇم قىلىپ،ئەمدى ئىككىلەنمەستىن  كەسكىن بۇلۇشنى تەلەپ قىلدىم. جاڭ جىجۇڭ تۇرپان،توخسۇن،پىچان ئۈچ ناھىيىنىڭ جەنۇبى شىنجاڭ،شەرقىي شىنجاڭلارنى بىر-بىرىگە چېتىپ تۇرغان بوغۇز ئىكەنلىگىنى،ئىلى تەرەپكە تارتقۇزۇپ قۇيۇشقا زادى بولمايدىغانلىغىنى  ،ئۇلار ئىگىلىۋالسا ، بىزنىڭ ھايات يولىمىزنى بۇغۇپ قۇيىدىغانلىغىنى چۈشۈنەتتى.شۇڭا كەسكىن بۇيرۇق بىرىپ :«قەتئىي بېسىقتۇرۇپ ،تەلتۆكۈس تازىلانسۇن،سەن بىر تەرەپ قىلىشقا تۇلۇق ھوقۇقلۇق»دىدى. جاڭ جىجۇڭنىڭ قەتئىي پوزىتسىيەسى بىلەن گېپى ،مەن ئۈچۈن تەسەللىي بولدى، چۈنكى ئۇ چاغدا مەن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەربىي قوماندانلىقىغا جاۋاپكار ئىدىم.ئۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە،ئارتۇقچە يول قۇيىمىز دەپ ،كەڭ زېمىندىن ئايرىلىپ قالساق،نەنجىڭدىكى مەركىزى ھۆكۈمەتكە جاۋاپ بىرىش تەس بولاتتى. مەن يەنە جاڭ جىجۇڭ يېنىۋالمىغاي دىگەن ئەندىشىدە ،«ئەگەر ئەخمەتجان قاتارلىقلار سىزگە ئەسكەرئىشلەتمەڭ،ئىلاج بار تېچلىق يۇلى بىلەن ھەل قىلىڭ دەپ تەلەپ قويسا ،قانداق قىلىسىز؟» دەپ سورىدىم.جاڭ جىجۇڭ ماڭا: « ئۈزەم ئىلاج قىلىمەن،سەن مىنىڭ دېگىنىم بۇيىچە ئىشلەۋەرسەڭ بولدى» دىدى. مەن جاڭ جىجۇڭنىڭ يېنىدىن چىقىپ ،باش قوماندانلىققا كىلىپ دەرھال جىددى ھەربىي يىغىن چاقىردىم،ئىشتىراك قىلغانلار: 5-ئاتلىق كۇرپۇس باشلىغى ماچېڭشياڭ،78-كۇرپۇس باشلىغى يې چىڭ،46-دېۋىزىيە باشلىغى لوشۇرىن،تەمىنات ئىدارىسىنىڭ باشلىغى شىيارىجاڭ،باش قومانلىقنىڭ شىتاپ باشلىغى شېن چىڭ،شىتاپ باشلىغىنىڭ ئورۇنباسارى لىيۇكەيجىيا قاتا رلىقلار بۇلۇپ، ئۇلار شىتاپ باشقارمىسىنىڭ ۋەزىيەت ئەھۋالى توغرۇلۇق دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن  ،مەجلىستە تۆۋەندىكىچە ئورۇنلاشتۇرۇش قارار قىلىندى.
1-        كۈمۈش ،سىڭگىم ئاغزى ئىككى جايدىكى قىسىمغا قاتتىق تۇرۇپ قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۆزەڭلارنى قوغداپ ياردەم كۈتۈڭلار دەپ دەرھال تېلىگىرامما يوللاش.
2- ماجۈنجاڭغا توخسۇندىكى يې چاڭشۇ باشچىلىغىدىكى ئاتلىق پولىكقا  توخسۇن  ناھىيە شەھىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان بىر قىسىم ئادەم قالدۇرغاندىن تاشقىرى،ئاساسلىق قىسىمنى يې تۇەنجاڭ شەخسەن ئۈزى باشلاپ چاپسانلىق بىلەن سىڭگىم ئاغزىغا يىتىپ بېرىپ «ئىسانچىلار»غا زەربە بىرىش ۋە تازىلاش ھەققىدە دەرھال تېلىگرامما بىرىش.
3-يې جۇنجاڭغا قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق 178-دىۋىزىيە باشلىغى مۇئېرنىڭ ئىككى باتالىيون پىيادە ئەسكەرنى ئاپتۇماشىنىدا (ئۇ چاغدا قۇمۇلدا ئاپتۇ ماشىنىدىن تەركىپ تاپقان بىر تۇۋەن پولىك تۇراتتى) سىڭگىم ئاغزىغا ياردەمگە ئەۋەتىش توغۇرلۇق تېلىگرامما يوللاش بىلەن ،يي چاڭشۇنىڭ پولىكى بىلەن بىرلىكتە شۇ جايدىكى  «ئىسانچىلار»غا زەربە بىرىشكە  ۋە يوقىتىشقا بۇيرۇق بىرىش.
4-قاراشەھەردە تۇرۇشلۇق 128-دېۋىزىيە باشلىغى جۇڭزۇيىڭگە مەلۇم ساندىكى ئەسكىرى كۈچ بىلەن بىر تۇەنجاڭنى دەرھال كۈمۈشكە ئەۋەتىپ شۇ جايدىكى  «ئىسانچىلار»نى يوقۇتۇشقا بۇيرق بىرىش .
5-ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق 46-دىۋىزىيە دەرھال بىر پىيادە  ئەسكەرلەر باتالىيونى ئەۋەتىپ ،تەمىنات ئىدارىسى تەييارلىغان ئاپتۇماشىنىدا داۋانچىڭ (داۋانچىڭ ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا ماڭىدىغان تاشيولنىڭ ئۈستىدە،ئۈرۈمچى بىلەن ئارىلىغى80-90 كىلومېتىر كېلىدۇ) نىڭ جەنۇبى ئېگىزلىكتە مۇداپىئە كۈرۈشكە ،ئېقىپ كىرگەن  «ئىسيانچىلار»نى توساپ زەربە بىرشكە بۇيرۇق بىرىش.
6-ھەر جايدا تۇرۇشلۇق قىسىملارغا تېلىگرامما ئارقىلىق ئەھۋالنى ئۇختۇرۇپ،ئۇلارنى ھۇشىيارلىق بىلەن تەييار تۇرۇشقا ،ئەگەر ئىسيان چىقىدىغان گۇمانلىق ئەھۋال كۈرۈلسە دەرھال بېسىقتۇرۇشقا تاپشۇرۇش.
ئۇنتۇلمىغان بولسام بۇ يىغىن 7-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچ سائەت 12لەردە ئېچىلغان بولسا كېرەك .يغىنىىڭ قارارى بۇلۇپ ئۆتكەندىن كىيىن دەرھال ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8لەردە بورھان فۇجۇشى كىلىپ ،مۇھىم ئىش ئۈستىدە مەن بىلەن كۈرۈشمەكچى بولدى، مەن نىمە ئىش ئىكەنلگىنى ئاساسى جەھەتتىن پەرەز قىلىپ مۇرەسسە قىلماسلىق ،يول قويماسلىق ئۈچۈن قەتئىي نىيەتكە كەلدىم ، ئۇيان-بۇياندىن قۇرۇق پاراڭلاشتۇق،لىكىن رەسمىي پارىڭىمىزنىڭ ماۋزۇسىغا ئۆتمىدۇق. بورھان فۇجۇشىنىڭ مەخسىتىچە بولغاندا ئۇنىڭ كىلىش مەخسىتىنى ئاۋال مىنىڭ سورىشىمنى،شۇنىڭ بىلەن سۆھبەتتە ئاساسى ماۋزۇغا كۆچۈشۈمنى ئۈمىد قىلاتتى، مەن بولسام ھىچقانداق ئىش بولمىغاندەك ئۇنىڭ بىلەن قۇرۇق پاراڭ سېلىشتىم. ئۇ تاقەت قىلالماستىن ئۇشتۇمتۇتلا :« يېقىندا چەت جايلاردا بىرەر ۋەقە يۈز بەردىمۇ» دەپ سوراپ قالدى، مەن ئۇنىڭغا :« باۋ فۇجۇشنىڭ دەۋاتقىنى نىمە ئىشكىن ؟»  دەپ سۇئال قويدۇم . بورھان :« ئاڭلىشىمچە تۇرپان ،توخسۇن ئەتىراپىدا خەلق چاتاق چىقىرىپتۇ،ئۈرۈمچىدىن ئۇ جايلارغا ئەسكەر ئەۋەتىلىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق،ھەققىي ئەھۋال زادى قانداقكىن؟» دىدى.« ئۇ جايلاردا مەسلە چىقتى،ئادەتتىكى چاتاق چىقىرىش بولماستىن تەشكىللىك ئىسيان چىقتى» دىدىم. « سۇڭزۇ ڭسىلىڭدىن شۇنى سوراپ باققىم بار،سىزنىڭچە قانداق بىر تەرەپ قىلماقچىسىز؟» دەپ سۇئال قويدى.مەن ئۇنىڭغا :«سىز جاڭ جۇرىن بىلەن كۈرۈشتىڭىزمۇ يوق؟» دىگەن سۇئالنى قويدۇم. « مەن باياتىن جاڭ جۇرىننىڭ قېشىدىن كېلىشىم ، جاڭ جۇرىنغا : قوراللىق بېسىقتۇرۇش تەدبىرى قوللانماستىن ،ئەڭ ياخشىسى تېچ يول بىلەن ھەل قىلىنسا دەپ تەكلىپ بەردىم » ،دىدى،-بورھان. « جاڭ جۇرىن سىزگە نىمە دەپ جاۋاپ بەردى؟» دەپ سورىدىم مەن .« جاڭ جۇرىننىڭ دىيىشىچە ،ئۇ ئەھۋالنى ئېنىق بىلمەيدىكەن ،ماڭا سىلىڭدىن سوراپ باقسىڭىز» دىگەن گەپنى قىلدى،-دىدى بورھان.
« ئابدىراخمان مۇھىتى تۇرپانغا ھاكىم بولغاننىڭ مابەينىدە ،ھەر خىل تەشكىلى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى،بۇلۇپمۇ مەخپىي قوراللىنىش بىلەن شۇغۇللاندى،بىز ئاللىقاچان خەۋەر تاپقان .يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئۇلار : ھەربىي ماشىنىلارنى توساپ،قاتناشقا كاشىلا قىلماقتا ،دۆلەت ئارمىيسىنىڭ قورال ياراقلىرىنى بۇلاپ ،ساقچى ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلماقتا ،شۇنىڭدەك ئاممىغا يامان غەرەزلىك تەشۋىقات يۈرگۈزۈپ ،مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقىغا بۆلگۈنچىلىك سالماقتا ،خەلق ئاممىسىغا تەھدىت سېلىپ ھۆكۈمەتكە ئاشلىق سېتىپ بىرىشىنى رەت قىلماقتا ،...ئۇلارنىڭ بۇنداق خىلمۇ-خىل قىلىقلىرى،قىسىملىرىمىزدىكى ئوفىستېر-ئەسكەرلەرنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغىدى.شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ باش قوماندانلىق شىتابى جاڭ جۇرىننىڭ پىكىرىگە بىنائەن ،بارلىق ئوفىسېر-ئەسكەرلەرگە،زور سەۋىرچانلىق بىلەن ،ھەر قانداق ھاقارەتكە چىداپ  يول قۇيۇڭلار،شىنجاڭدا بەرپا قىلىنغان تېچىلىقنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەيلى ،دىگەننى تەۋسىيە قىلىپ كەلدۇق.ئۇلار ئەمدىلىكتە دۆلەت ئارمىيىسىگە ئۇچۇقتىن-ئۇچۇق ھۇجۇم قىلىپ،تۇرپان،توخسۇن،پىچان ئۈچ ناھىيدە تۇرۇشلۇق قىسىملارنى يوقۇتۇشقا ،جەنۇبى شىنجاڭ ھەم شەرقى شىنجاڭنىڭ يول قاتنىشنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ،گويا بىر ئادەمنىڭ گېلىنى بۇغۇپ قويغاندەك ،بىزنى ئۈلۈم ھالىتىگە يەتكۈزۈشكە ئۇرۇندى. مانا بۇ يا-ھايات،يا-مامات كۈرىشى،قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىپ ،قەتئىي بېسىقتۇرۇشتىن باشقا ،چارە يوق» دىدىم،-مەن بورھان ،مىنىڭ بۇ سۆزلىرىمىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ،بىردەم جىم-جىتلىقتا ئولتۇرۇپ ،ئالدىرىماستىن :«مىنىڭچە ئەڭ ياخشىسى قان تۈكۈلمىگەي ،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن باش قوماندانلىقنىڭ بىرلىكتە ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپ ئاندىن ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزسەك بۇلار»دىدى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ جىددىيلىك بىلەن شۇنداق دىدىم:« بۇ ھەقتە مەسلىھەت قىلىشىدىغان ئورۇن قالمىدى».بورھان پوزىتسىيەمنىڭ قەتئىيلىگىنى كۈرۈپ ،گەپ قىلىشنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىگىنى بىلگەندەك خوشلۇشۇپ كىتىپ قالدى.
   مەن بۇ يەردە شۇ چاغدا بورھان توغرۇلۇق جاڭ جىجۇڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاراشلىرىمىز ھەققىدە قۇشۇمچە توختۇلۇپ ئۆتكۈم كېلىدۇ. جاڭ جىجۇڭنىڭ تۇنۇشىچە: بورھاننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيسى كۈچلۈك (بورھان جاڭ جىجۇڭغا شۇنداق دەپتۇ: مىنىڭ ئىسمىم بورھان包尔汉 دەپ قۇيۇلىشى ،خەنزۇلارنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىغىمنى كۆرسىتىدۇ)، سەنمىنجۇيىنىڭ سادىق ئېتىقاتچىسى،شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ بىلىملىك ھەم قابىليەتلىك ئادەم ئىدى. شۇڭا جىياڭ جېشىغا يوللىغان تېلىگراممىسىدىمۇ،بورھاننى سادىق،ئىشەنچىلىك ،يىتىشتۈرۈشكە ئەرزىيدىغان زات دەپ كۆرسەتكەن.مەن شىنجاڭغا كەلگەندىن كىيىن ،بورھانغا خېلى دېققەت قىلدىم،ھەممە ئادەم ئۇنى 4 دەۋىرنى كۆرگەن ئادەم دەپ ئاتىشىدىكەن (يەنى:ياڭ زېڭشىن،جىن شۇرېن،شىڭ شىسەي،ۋۇجۇڭشىنلەر ھۆكۈمرالىق قىلغان مەزگىلىدە ،خېلى مۇھىم خىزمەتلەردە بولغان)،ئۇنى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئاز ئۇچىرايدىغان زات دىيىشىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن دائىم ئۇچىرىشىپ تۇردۇم.كىيىن شەخسەن ئۈزەم بىر نەچچە نۆۋەتلىك پاكىتلار (بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالمايمەن)  ۋە ئاگېنىتلىق ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى ئارقىلىق ،سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلىغا خىزمەت قىلىدىغانلىغى ئېنىقلاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلاتتىم.جاڭ جىجۇڭغا :« بۇ ئادەمگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ» دىدىم . بۇلۇپمۇ 1946-يىلى 7-ئايدا يېڭى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كىيىن   ،جاڭ جىجۇڭ بورھاننى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە كۆتۈرۈپ،ئۇنى ئارلىقتىكى ئادەم دەپ تۇنۇپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ زىدىيەتلىرىنى پەسەيتىش خىيالىدا بولدى،ۋاھالەنكى  ئەمەلىيەتتە بولسا ، ئۇ پۈتۈنلەي ئەخمەتجاننىڭ يوليۇرۇغىنى ئاڭلايتتى. بۇ قېتىمقى تۇرپان قوزغىلىڭى چىققاندىن كىيىن،ئىلى تەرەپ بىزنىڭ جىددى بېسىقتۇرۇش تەدبىرى قوللانغانلىقىمىزنى كۈرۈپ،بورھاننى يول مېڭىشقا بۇيرىدى،بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ سىياسى ئارقا كۈرۈنىشىنى تېخىمۇ رۇشەن كۈرۈۋالغىلى بۇلاتتى.شۇنىڭدەك، مەن شىنجاڭدىكى ۋاختىمدا بورھاننىڭ تاتار ئىكەنلىگىنى بىلەتتىم،ئازاتلىقتىن كىيىنكى ھۆججەتلەردە ئۇنى ئۇيغۇر دەپ يېزىپتۇ،بۇنىڭغىمۇ ھەيران بولدۇم.

قوزغىلاڭنى بېسىقتۇرۇشنىڭ ئۆتمۈشى
كۈمۈش تەرەپتە: 7-ئاينىڭ 12- كۈنى كېچىسى ئۆزلىرىنى «شەرقى تۈركىستان پارتىزانلىرى» دەپ ئاتىغان 200-300 چە ئادەم،ئۇشتۇمتۇن ھۇجۇم قىلىپ،ئۇ جايدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى،ھۇجۇم قىلغۇچىلاردا جەڭ قىلىش تەربىيسى كام ۋە ئېغىر تىپتىكى قوراللار بولمىغانلىقتىن (مەسلەن: مىناميوت،پىلموت قاتالىقلار )،پەقەت قەھرىمانلىققىلا تايىنىپ بىر نەچچە قېتىم قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ كۆردى.قۇربان بېرىش ھەم يارىدار بۇلۇش ئېغىر بولدى،ھەر قېتىمدىلا چىكىندۈرۈلۈپ تۇردى.13-كۈنى چۈشتىن كىيىن يەنە 200 ئادەم قېتىلىپ ،داۋاملىق ھۇجۇم قىلدى،جەڭمۇ بىر كېچە داۋاملاشسىمۇ،يەنىلا نەتىجە چىقىرالمىدى.14-كۈنى 128-دىۋىزىيە ياردەمگە ئەۋەتكەن قىسىم يىتىپ كىلىپ ،ھېلىقى قوراللىقلارغا تامامەن زەربە بېرىلدى،ئۆلگەن ،يارىدار بولغان ۋە ئەسىرگە چۈشكەنلەردىن باشقىلىرى تارقاپ كىتىشتى،يول قاتناش ئەسلىگە كەلدى.
سىڭگىم ئاغزى تەرەپتە: 7-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەتىگەندە ، تەشكىللىك ۋە خېلى تەربىيە ئېلىپ قوراللانغان 600-700 چە ئادەم ،سىڭگىم ئاغزىنىڭ جەنۇپ ھەم شىمالىدىكى ئىگىزلىكنى ئىشغال قىلىپ، « شەرقى تۈركىستان پارتىزانلار ئەترىتى» دەپ يېزىلغان ئاق بايراقلارنى كۆتۈرگەن ھالدا پەيدا بولدى.تاڭ ئېتىش ئالدىدا سىڭگىم ئاغزىدا تۇرۇشلۇق قىسىمغا ھۇجۇم قىلدى،قىسىملىرىمىز ئىستىھكامدا تۇرۇپ قارشىىلىق كۆرسەتتى.ئىستھكامنىڭ تولىسى چوڭ تاش،پىششىق خشلاردىن خېلى پۇختا سېلىنغان،ئەتىراپقا چوڭقۇر خەندەك كولانغان،ئىستھكامنىڭ ئىچىدە خېلى مىقداردا ئاشلىق ۋە ئوق دورا بۇلۇپ ،مۇداپىئە قىسىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىچكىرىدىن چىققان خەنزۇ ئەسكەرلەر ئىدى.、ئۇلار: ئەگەر چىڭ تۇرۇپ جەڭ قىلمىغاندا ،«ئىسيانچىلار» تەرەپتىن يوق قىلىنىدىغانلىقىنى،بىردىن-بىر يول ،جان تىكىپ قارشىلىق كۆرسىتىش لازىملىغىنى ئوبدان بىلەتتى،ھۇجۇم قىلىۋاتقان پارتىزانلارنى كۈمۈش تەرەپتىكى پارتىزانلارغا سېلىشتۇرغاندا سۇقۇش ئىقتىدارى خېلى كۈچلۈك ئىدى،يەنە ئۇلاردا: 20دىن ئارتۇغراق ئېغىر-يىنىك پىلمۇت بار ئىدى.گىراناتلىرى جىق،ھۇجۇم قىلىش كۈچى خېلى كۈچلۈك ئىدى،ئىستىھكامغا قەدەممۇ-قەدەم قىستاپ كىلەتتى،قىسىملىرىمىزغا بىر نەچچە  گىرانات ئاتتى،ئۇلار ئىستىھكامنى پارتىلىۋىتىشنى ياكى بىر قىسىمىنى پارتىلىۋىتىشنى ئارزۇ قىلاتتى.ئەمما ئىستىھكام پۇختا قۇرۇلغاچقا ئۇلار مەخسىتىگە يېتەلمىدى؛ ئەكىسچە ،بىزنىڭ قىسىملىرىمىز ئىستىھكام ئىچىدە پىلموتتىن ئوق چىقاردى،گىراناتلارنى ئاتتى.شۇنداق قىلىپ ھۇجۇمچىلاردىن ئۈلۈپ-يارىدار بۇلۇش ئەھۋالى خېلى ئېغىر بولغان ئىدى.باتالىيون باشلىغى (يىڭجاڭ) چېڭ...نىڭ ماڭا دېيىشىچە : شۇ كۈنى (7-ئاينىڭ 13-كۈنى) تەخمىنەن  100دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن،يارىدار بولغانلار تېخىمۇ جىقراق بولسا كېرەك،13-كۈنىدىكى جەڭ تا-دىگەرگىچە داۋام قىلغان،پارتىزانلارنىڭ يۈرگۈزگەن  بىر نەچچە قېتىملىق ھۇجۇمىدىن نەتىجە چىقمىدى،ئابدىراخمان قاتارلىقلار ئەتراپتىن كۈچ توپلاپ،ئادەمنىڭ سانى 1000دىن ئاشتى،سىڭگىم ئاغزى قاتتىق مۇھاسىرىدە قالدى،تۇرپان،پىچان ئارلىغىدىكى تېلىفۇن،تېلىگراف سىملىرى ئۈزۈپ تاشلاندى،سىڭگم ئاغزىغا يېقىن ئەتراپتىكى تاشيول كۆۋرۈكلىرى پارتىلىتىلدى،ئۇلار بىزنىڭ قىسىملىرىمىزغا كېلىدىغان ياردەمنى كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق سىڭگىم ئاغزىدىكى قىسىملارنى يوقۇتۇش مەخسىتىگە يىتىش غەرىزىدە بولدى.13-كۈنى كېچىسى،يەنە شۇ « شەرقى تۈركىستان پاتىزانلار ئەترىتى» نىڭ بىر نەچچە يۈز ئادىمى ئىستىھكامغا يېقىنلاشتى،بەزىلەر خەندەكتىن شوتا قۇيۇپ ئۆتۈپ،ئىستىھكامغا يېقىنلاپ قايتا ھۇجۇمغا ئۆتتى،ئۇلار ئىستىھكامنى چۇقۇم ئېلىشقا ھەرىكەت قىلاتتى،مۇشۇ ھالدا مۇداپىئە قىلىۋاتقان قىسىملىرىمىزدىن خېلى كۆپ كىشى ئۆلدى ھەم يارىدار بولدى،قوماندانلىق قىلغۇچىلار تاقەتسىزلەندى،ئۇلار سىمسىز رادىئو ئارقىلىق ئۇرۇش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلدى ۋە جىددى ياردەم بىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتى.13-كۈنى كېچىسى قاتتىق جەڭ كېچىچە داۋام قىلىپ ،چوقان-سۈرەنلەر كۆتۈرۈلدى،مۇداپىئە قىسىملىرىمىز ئەگەر «جاندىن ئايرىلسا ،جەسىدىنى قۇيىدىغان جاي تاپالمايدىغانلىغىنى » چۈشەنگەن ئەھۋالدا ،جاسارەتلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ ،ئاخىرى پارتىزانلارنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق ھۇجۇمىنى قايتۇردى. لىكىن ھۇجۇمچىلار ھەر قانچە زەربىگە ئۇچىرىسىمۇ سىڭگىم ئاغزىنى تاشلاپ كىتىشكە كۆڭلى قىيمايىتتى.شۇڭا ئۇلار داۋاملىق كۈچ توپلاپ،ئورۇنلاشتۇرۇشنى رەتكە سېلىش ئارقىلىق ،يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇمغا تەييارلىنىپ،قىسىملىرىمىزنى يوقاتماقچى بولاتتى،لىكىن ياردەمچى قىسىم دەل ۋاختىدا يىتىپ كىلىپ،ئۇلارنىڭ ئورۇنۇشلىرىنى بۇزىۋەتتى.5-ئاتلىق كۇرپۇسنىڭ توخسۇندا تۇرۇشلۇق بىۋاستە ئاتلىق پولكى،بىر لىيەن ئەسكەر (روتا) نى توخسۇننى ساقلاشقا قالدۇرغاندىن تاشقىرى،قالغانلىرى تۇەنجاڭ يى چاڭشۇ باشچىلىغىدا 14-كۈنى كەچ سائەت 2 ئەتىراپىدا يولغا چىقىپ،ناھايتى تېز مېڭىپ سائەت 6 ئۆپچۆرىسىدە سىڭگىم ئاغزىغا يېقىنلاشتى،بۇ دەل « شەرقى تۈركىستان پاتىزانلار ئەتىرتى» نىڭ ھۇجۇمى زەربىگە ئۇچراپ تۇرغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى.ئاتلىق قىسىمنىڭ ھەرىكىتى تېز بولغاچقا ،سىڭگىم ئاغزىنىڭ جەنۇپ ھەم شىمالى ئېگىزلىكلىرىنى چاپسانلا تارتىۋېلىپ،بىر نەچچە جايدا جۇغلاشقان پارتىزانلارغا قاتتىق ھۇجۇم قىلدى،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاپتۇماشىنىدا قۇمۇلدىن ياردەمگە كەلگەن باتالىيونمۇ ،سائەت 6 ئۆپچۆرىسىدە سىڭگىم ئاغزىنىڭ شەرقىدىكى جايغا يىتىپ كىلىپ ،ئىگىزلىكنى ئىشغال قىلىپلا،بىر-بىرلەپ سىڭگىم ئاغزىغا قاراپ قىستاشقا باشلىدى،شۇنىڭ بىلەن شەرق ھەم غەرىپتىن ،ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن قىستاش ھالىتى پەيدا بولغاندا،ئابدىراخمان مۇھتىتى قاتارلىق ئادەملەر ۋەزىيەتنىڭ پايدىسىزلىغىنى كۈرۈپ،ياڭخى،قاراخۇجا،ئاستانە،ياغاچ بېشىى،سۇبېشى قاتارلىق جايلارغا چىكىندى،سىڭگىم ئاغزىدا تۇرۇشلۇق قىسم بىلەن ياردەمگە كەلگەن قىسملار قۇشۇلغاندىن كىيىن ،ئۆزلۈكسىز ھالدا قوغلاپ ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتتى.پارتىزانلارنىڭ سىڭگىم ئاغزىدا 200دىن ئارتۇق جەسىدى قالدى (ئۇلارنىڭ تولىسى ئاتلىق ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى)،قوغلاپ ھۇجۇم قىلغان قىسىم سىڭگىم ئاغزىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مەھەللە ئەتىراپىدا 70-80  ئادەمنى يوقاتتى.قالغانلىرىنىڭ تولىسى قېچىپ يوق بۇلۇشتى،قالغان 400دىن ئارتۇق ئادەم كۆكيار تېغىغا قاراپ قېچىشتى. كۆكيار تېغى دىگىنىمىز،پىچاننىڭ شەرقى شىمالىدا گۇچۇڭنىڭ غەربىي جەنۇپ تەرىپىگە جايلاشقان بۇلۇپ،خېلى كەڭ رايۇن ،ئسىتىراتىگىيە جەھەتتىن مۇھىم ئورۇن ئىدى.شىنجاڭدا بۇرۇن بۇلۇپ ئۆتكەن بىر نەچچە قېتىملىق قوزغىلاڭلارمۇ بۇ جاينى ئىش باشلاش نۇقتىسى قىلىپ كەلگەن. « شەرقى تۈركىستان پاتىزانلار ئەتىرتى» نىڭ قالدۇق قىسىملىرى تاغقا كىرگەندىن كىيىن 16-كۈنى يەتتى قۇدۇقتىكى قىسىملارغا ھۇجۇم قوزغىدى؛قىسىملىرىمىز سەۋىرچانلىق بىلەن مۇداپىئە قىلىپ بىر كۈن كەچكىچە قاتتىق جەڭ قىلدى،ئۇرۇش 17-كۈنى ئەتىگەنگىچە داۋام قىلدى،پىچاندىن ياردەمگە ئەۋەتىلگەن قۇشۇن يىتىپ كىلىپ،شەرق ۋە غەرپ تەرەپتىن قىسپ ھۇجۇم قىلىپ پارتىزانلاردىن 20دىن ئۇشۇق ئادەمنى يوقاتتى.ئۇلار ئەھۋالنىڭ يامانلىغىنى كۈرۈپ ،كۆكيار تېغىغا جايلىشىۋېلىپ تۇرپان ،پىچان ۋە گۇچۇڭ،مورى ئاىلىغىدىكى يول قاتناشقا دائىم توسقۇنلۇق قىلىپ تۇرغانلىقتىن،يەنىلا خېلى چوڭ تەھدىت بولدى.مەن مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن،پىچان،يەتتە قۇدۇق،گۇچۇڭ ئەتىراپىدا تۇرۇشلۇق قىسىملارغا ،قىسمەن ئەسكەر كۈچ ئاجىرىتىپ، بىر نەچچە يولغا بۆلۈنگەن ھالدا تاغقا كىرىپ ئاختۇرۇپ يوقۇتۇشقا بۇيرۇق بەردىم. 20-كۈنىدىن باشلاپ 23-كۈنىگىچە ئىلگىرى-ئاخىرى بۇلۇپ كەڭ ئېقىن ،كۆكيار تېغى قاتارلىق جايلاردا پارتىزانلار بىلەن ئۇچىرىشىپ جەڭ قىلىدى،100دىن ئۇشۇق ئادەم ئەسىرگە ئېلىندى،قالغانلىرىنىڭ سانى 300گە يەتمەيتتى،ئۇلار جەڭدىن سوۋۇپ، چىچانخۇ ئىسسىق بۇلاق،قارايۈزى ئارقىلىق غەرىپكە قاراپ كەتتى.24-كۈنى كېچىسى،پارتىزانلار ئۈچ بۇلاق دېگەن جايدا بىز تەرەپتىن توساپ زەربە بىرىشكە ئېۋەتىلگەن 47-دىۋىزىينىڭ قسىملىرى بىلەن بىر سائەتتىن ئارتۇق ئۇرۇشقاندىن كىيىن ،كېچىلەپ غەرىپكە مېڭىشىنى داۋاملاشتۇردى.25-كۈنى شىياۋياڭخۇغا يىتىپ بېرىپ،توساپ زەربە بىرىشكە ئەۋەتىلگەن يەنە بىر قىسىمىمىز بىلەن ئۇچراشتى،ئىككى تەرەپ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ئۇرۇشتى،پارتىزانلاردىن يەنە بىر نەچچە ئون ئادەم ئەسىرگە چۈشتى،بۇ چاغدا « شەرقى تۈركىستان پارتىزانلار ئەترىتى» نىڭ 100دىن ئارتۇق ئادىمى قالغان ئىدى، ئەسىرلەرنىڭ ئىقرارىچە :«ئۇلار بىر نەچچە كۈندىن بېرى كۈنىگە 50 كېلومېتىردىن جىقراق يول مېڭىپ ،تولاراق كېچىسى تاغ جىلغىلىرىنى بويلاپ ماڭغان،تاغ ئىچىدە ئاھالە ئاز بولغانلىقتىن ،ئۇزۇق تېپىش تەس بۇلۇپ،ئاچلىقتىن بەك ئاجىزلاشقان.بۇلارنىڭ ئىچىدە،ئىلىدىن ئەۋەتىلگەنلەر كۆپ ئىدى .ئۇلار: ئامال قىلىپ دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ مۇھاسىرىسىدىن قۇتۇلساقلا ،تىيانشان تېغىنى ياقىلاپ شىخوغا يىتىۋالىمىز دەيتتى.»25-كۈنى پارچە ساغاندىن داۋاملىق غەرپكە ماڭغان 100نەچچە ئادەم ،شۇ كۈنىسى ئالغۇيغا يىتىپ بارغان ھەمدە توخسۇننىڭ غەرىي جەنۇبىغا 15 كېلومېتىر كىلىدىغان جايدا بىر سودىگەرنىڭ ئاپتۇماشىنىسىنى تۇسۇپ ھۇجۇم قىلىپ ،تۆت نەپەر يۇلۇچىنى ئۆلتۈرگەن.26-كۈنى ئەتتىگەندە توخسۇننىڭ غەرىبي تەرىپىدىكى بورجاي دىگەن يەرگە يىتىپ بېرىپ،يەرلىك خەلىقتىن ئاشلىق سورىغاندىن تاشقىرى،مەزكۇر كەنىتتىكى ئات-ئۇلاغنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتكەن. داۋانچىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار بىلەن توخسۇندا تۇرۇشلۇق قىسىملار ئىككى تەرەپتىن پارتىزانلارنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى قوغلاپ ھۇجۇم قىلدى.26-كۈنى بۇرجاي ھەم كوجەي ئارىلىغىدا ۋە كوجەيگە يېقىن تاغلىقتا ئىلگىرى-كىيىن بىرنەچچە قېتىملىق كىچىك ئۇرۇشلار بولدى.ئۇ ئۇرۇشتا يەنە 50نەچچە ئادەم ئۆلدى ھەم ئەسىرگە ئېلىنىد،100گە يەتمەيدىغان قالدۇق قىسىم ،تىيانشان تېغىنى بويلاپ غەرىپكە كەتتى.ئاڭلىغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا،بۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي غۇلجىغا يىتىپ بارغاندا ،يەرلىك خەلق قەھرىمانلار دەپ قىزغىن قارشى ئالغان.
   تۇرپان قوزغىلىڭى جىمىقتۇرۇلغاندىن كىيىن ،جاڭ جىجۇڭنىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن ،شىنجاڭدىكى ئەسكەرلەرنىڭ باش قوماندانلىغى بىلەن شىنجاڭ ئۆلكلىك ھۆكۈمەت بىرلىكتە ھال سوراش ئۆمىگى ئۇيۇشتۇردى،تەركىۋىدە 20نەچچە ئادەم بۇلۇپ، بۇنىڭغا باش قوماندانلىق سىياسى بۇنىڭ باشلىغى شىياڭ كېشۇن باشچىلىق قىلىپ،تۇرپان،توخسۇن،پىچان ئۈچ ناھىيىگە بېرىپ خەلىقتىن ھال سورىدى،قوزغىلاڭدىن كىيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئىشلىدى،ئۇلار بۇ جايلاردا بىر مەزگىل تۇردى،تەپسىلىي خىزمەت ئەھۋالىنى ئانچە بىلمەيمەن.
   تۇرپان قوزغىلىڭى بېسىقتۇرۇلغاندىن كىيىن ،مەسئۇت تۇرپان ھاكىملىقىغا ئادەم تەيىنلەپ ئەۋەتتى،ناھيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا ھەربىي سوستاۋدىكى ئىشپىيۇنلاردىن تەيىنلەنگەن.ئاڭلاشقا قارىغاندا مەزكۇر ئىشپىيون تۇرپان ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ ،تۇرپان ناھىيىسىدە نۇرغۇن ئادەمنى قولغا ئالغان،بەزىلەرنى دەھشەتلىك ھالدا ئۆلتۈرگەن،بۇنىڭدىن مەن ھەم جاڭ جىجۇڭ شۇ ۋاقتتىكى ھەربىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ (ئەمەلىيەتتە ھەربىي سوستاۋدىكى ئىشپىيۇنلارنىڭ شىنجاڭدىكى پونكىتى) باشلىغى شې ۋەنشۇەن مۇئاۋىن باشلىغى راۋتېشەنلەرگە قاتتىق كايىغان بولسىمۇ،بىراق ۋاختى ئۆتكەن ئىدى.
تۇرپان ،پىچان،توخسۇن قوزغىلىڭى پەيدا بۇلۇپ ئىككىنجى كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 4 ئۆپچۆرىسىدە جاڭ جىجۇڭ ئۈزى مىنىڭ ئىشخانامغا كىلىپ ئەھۋالنى سورىدى،ۋە « باشقا جايلاردىمۇ ئارقا-ئارقىدىن قوزغىلاڭ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك،ھۇشىيار بۇلۇپ،قاتتىق مۇداپىئە ھالىتىدە بولغاندىن تاشقىرى،جايلاردا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇھىم ئۇنسۇرلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ قولغا ئېلىپ رېجىمدە تۇتۇش كېرەك.قەشقەر جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مۇھىم جايى بولغاچقا تېخىمۇ دېققەت قىلىش لازىم... » دىدى.ۋە شۇ ئانلا مىنىڭ ئىش جوزامدا ئولتۇرۇپ ئۆز قەلىمى بىلەن ئىككى پارچە تېلىگرامما يازدى،ئۇنىڭ بىرسىنى قەشقەردە تۇرۇشلۇق 42-كۇرپۇس  باشلىغى جاۋشىگۋاڭغا ،يەنە بىرسىنى خوتەن،يەركەن،ئاقسۇ،قاراشەھەر،قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىكى ھەربىي باشلىقلارغا يوللىماقچى.تېلىگراممىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى ئۇنىڭ ماڭا قىلغان گېپى بىلەن ئوخشاش دىيىشكە بۇلىدۇ،ھەر بىر كۇرپۇس،دېۋىزىيە،پولىك باشلىقلىرى جاڭ جىجۇڭنىڭ قول بۇيرۇغى بۇيىچە  جەنۇبىي شىنجاڭ،شەرقىي شىنجاڭدا قولغا ئېلىشنى ئېلىپ باردى،مىنىڭ خاتىرەمدە قالغانلىرىمنى ئېيىتسام،قەشقەردىن قولغا ئېلىنغانلار 40- 50 ئادەم،باشقا جايلاردىن 20-30 ئادەم قولغا ئېلىنغان بۇلۇپ ھەممىسى 70- 80 ئادەمگە يېتىدۇ .1947-يىلى 7-ئايدا مەن شىنجاڭدىن كەتكەن چاغدا ،بۇ ئادەملەرنىڭ كۆپچىلىگى تېخى قۇيۇپ بېرىلمىگەن ئىدى،كىيىن تاۋسىيۆ تاپشۇرۇۋېلىپ بىر تەرەپ قىلغان.جاڭ جىجۇڭنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان قولغا ئېلىش بۇيرۇغى ھەققىدىكى تېلىگىرامما ۋە تۇرپان،پىچان،توخسۇن قوزغىلاڭلىرنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدىكى پۈتۈن دىلونى ئۆز قۇلۇم بىلەن تاۋسىيۆگە تاپشۇرۇپ بەردىم.
  «قەتئىي بېسىقتۇرۇپ،تەلتۈكۈس تازىلانسۇن» مانا بۇ –جاڭ جىجۇڭنىڭ شەخسەن ماڭا ئۆزى بەرگەن يوليۇرۇغى؛قولغا ئېلىش بۇيرۇغىنى جاڭ جىجۇڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان. لىكىن جاڭ جىىجۇڭ ئۈزىنىڭ 70 ياشلىغى بىلەن يازغان خاتىرە نامىسىنىڭ 5-بابىدا «شىنجاڭ مەسلىسى» ئۈستىدە توختالغىندا ،ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزگەن سوۋېت بىلەن دوست بۇلۇش سىياسىتى ۋە مىللىي سىياسەتنى يۈرگۈزۈشۈمگە توسالغۇ بولغۇچى دەپ يېزىپتۇ،بۇ ھەقتە مىنىڭ ئۆزەمنى ئاقلاش غەرىزىم يوق،مەخسىتىم پەقەت پاكىتنىڭ ھەقىقىي ئۆتمۈشىنى بايان قىلىپ،تارىخشۇناسلارنىڭ پايدىلىنىشىغا تەقدىم قىلىشتىن ئىبارەت. تۇرپان قوزغىلىڭىنى بېسىقتۇرغاندىن كىيىن ،ئىلىدا چىققان  بىر گېزىت مۇشۇ ۋەقە توغرۇلۇق يازغان ئوبزورىدا:«جاڭ جىجۇڭ ئاق يۈزلۈك رولنى (سەھنە كەينىدىكى ئادەم)،سۇڭ شىلىيەن قارا يۈزلۈك رول (چوماقچىلىق)  نى ئالغان دەپ ئالغان ئىدى،مانا بۇ ئىككى جۈملە سۆز،دەرۋەقە مەن بىلەن جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلى ماھىيىتىمىزنى دەل تەسۋىرلىگەن ئىدى.
   تۇرپان ،پىچان،توخسۇن قوزغىلىڭى ۋەقەسى تېچلاندۇرۇلغاندىن كىيىن،ئەخمەتجان قاتارلىق ئادەملەر ئۈچۈن ئېغىر زەربە بولدى.ئۇلار جاڭ جىجۇڭ بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىششى ئىمكانىيىتى قالمىدى دەپ تۇنۇپ ،8-ئاينىڭ باش ۋە ئوتتۇرلىرىدا ئەسلىدە ئېلى تەرەپتىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە قاتناشقان ھەيئەت ئەزالار ھەم  خادىملار ،ئارقىمۇ-ئارقا ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا كېتىشتى.دېمەك جاڭ جىجۇڭ باشچىلىغىدىكى گومىنداڭچىلار بىلەن ئەخمەتجان باشچىلىغىدىكى شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ ھەمكارلىغىدا تەشكىل قىلىنغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، ئاران بىر يىل بىر ئاي داۋام قىلىپ ئاخىرى بۇزۇلۇشتى.
   تارىختا ئۆتكەن ھۆكۈمرانلار،چىگرا رايۇنىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نىسپەتەن ھەر زامان يۇقىرى دەرىجىلىك بېسىم ۋە ئالداش سىياسەتلىرىنى قوللۇنۇپ كەلگەن،چىگرا رايۇنلىرىدا كۆپ قېتىملىق پاراكەندىچىلىك  ۋە مىللەتلەر ئۆچمەنلىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ تۈپ سەۋىۋى مۇشۇ نۇقتىدا.مەن بۇ ھەقتە ئانچە چۇشەنمەيلا بۇرۇن ئۆتكەن «دانىشمەن» لەرنىڭ «چىگرادا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى» گە ئەقىدە باغلايتتىم،بۇلۇپمۇ «زۇزۇڭتاڭ غەربىي شىمالدا» ناملىق كىتاپنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىغىم ئۈچۈن (بۇ كىتاپنىڭ ئاپتۇرى چىڭ خەنسەي،شاڭۋۇ نەشىرىياتىدا بېسىلغان)،مېڭەمنى چوڭ خەنزۇچىلىق ئىدىيسى چۇلغىۋالغان ئىدى. ئىلى ۋەقەسىنىڭ ئەرباپلىرى تەشكىل قىلغان ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى » ۋە ئاكتىپ راۋاج تاپقان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى » ھەرىكىتى،شىنجاڭنى ۋەتەندىن ئايرىپ مۇستەقىل بۇلۇش غەرىزىدە ئىكەنلىگى رۇشەن. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش كېرەك ،لىكىن ئۇلارنى ۋەتەنپەرۋەر بول دىيىش ئۈچۈن ،ھەممىدىن ئاۋال ئۇلار ۋەتەننىڭ سۈيۈملۈك ئىكەنلىگىنى بىلىشى كېرەك.چىڭ خاندانلىغىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كىيىن گەرچە مىللەتلەر باراۋەرلىگى تەرغىپ قىلىنسىمۇ،بىراق شىنجاڭ خەلقىگە ھېچقانداق باراۋەرلىك ياكى بەخت يەتكۈزگىنى يوق .خەنزۇ ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئۇ جايلاردا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى ئۇسۇلى،ئاۋالقىسىچە بۇلۇپ،تا-گومىنداڭنىڭ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلگىچە پۈتۈنلەي ئۇچىغا چىققان مۇستەملىكىچىلىك سىياسەت دىيىشكە بولاتتى.
  « قەيەردە ئېزىش-ئېكىسپلاتاتسىيە بۇلىدىكەن،ئىزىشكە،ئېكىسپلاتاتسىيىگە قارشى ئىنقىلابى ھەرىكەتنىڭ بۇلۇشى مۇقەررەر» دىگەندەك،شىنجاڭ خەلقى پومشىچىك-كاپىتالىستلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ جاھالەتلىك سىياسىتىگە چىدىيالماي،ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ۋە ئازاتلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ،ئىنقىلاپ قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتىرىشى مۇقەررەر قانۇنىيەت. تۇرپان قوزغىلىڭى ۋەقەسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ قانداق بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر ،مەن بۇ ھەرىكەتنى دەھشەتلىك بېسىقتۇرغۇچى جاللات بولدۇم،شىنجاڭ خەلقىنى قىرىپ-چېپىپ،تۇرپان،پىچان،توخسۇن ئۈچ ناھىيىگە ناھايتى چوڭ زىيانلار يەتكۈزدۈم،مىنىڭ جىنايىتىم خېلى ئېغىر،مەن شىنجاڭ خەلقى ئالدىدا خىجالەتمەن.
[1965   -يىلى 10-ئاي    
مەنبە:شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى 3-كىتاپ    شىنجاڭ خەلق  نەشرىياتى 1981-يىلى نەشىرى
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-05-09 17:37قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-09, 15:54
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-09 14:27 |
arman03

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1710
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 265
شۆھرەت: 1929 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1934 سوم
تۆھپە: 1065 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1071 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 522(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

باغداشتىكى تارىخى مەزمۇنلار ئۇقۇرمەنلەرنى ئالاھىدە جەلىپ قىلماقتا. ماقالە يوللىغۇچىغا كۆپ تەەشەككۇر.
lutun
ۋ
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-09 17:34 |
arman03

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1710
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 265
شۆھرەت: 1929 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1934 سوم
تۆھپە: 1065 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1071 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 522(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بورھان شەھىدىنىڭ ئۆز ئىسىمى ھەققىدىكى سۈزى قىزىق تۇيۇلدى.
ۋ
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-09 17:36 |
arknur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1896
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 271
شۆھرەت: 1463 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1477 سوم
تۆھپە: 864 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 864 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ .ئوقۇپ باقمىغان تارىخ ئىكەن. كۆپ نىمىلەرنى بىلىۋالدىم.
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-09 17:38 |
qimbulak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7426
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 121
شۆھرەت: 630 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 659 سوم
تۆھپە: 375 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 375 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 299(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەجرىڭىزگە   كۈپ   رەىمەت.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-09 18:08 |
bakri428
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5338
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 21 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 21 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆزۈم بىر تۇرپانلىق تۇرۇپ بۇ تارىخنى بىلمەپتىمەن .كۆپ رەخمەت تارىخىمىز توغرىسىدا يېڭى بىلىم بىلىۋالدىم.تەشەككۈر....
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-09 18:41 |
yalghuz2
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6560
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 247 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 247 سوم
تۆھپە: 141 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 144 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 61(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ئاڭلىمىغان تارىخ ئىكەن. خېلىلا تەپسىلى يېزىلىپتۇ.
بىزدىن شېھىت بولغانلارنىڭ سانىنى يېزىپتۇ- يۇ ئۆزلىرىدىن ئۆلگەنلەرنى پەقەتلا تىلغا ئالماپتۇ.\
كۆمۈشتىكى ئۇرۇشتا ئۇلارنىڭ قوراللىرى ئاددى بولۇپ، پەقەت قەھرىمانلىققىلا تايىنىپ ئۇرۇش قىلدى. دېگەن سۆز ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلدى. .....
بۇرھان شېھىدى تاتار ئىدى كېيىن ئۇيغۇر دەپ يېزىلىپتۇ مەن ھەيران قالدىم دىگەن يەرنى ئوقۇغۇنۇمدا ئىختىيارسىز ئويلۇنۇپ قالدىم.......
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-09 20:07 |
tarim138
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7049
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 23
شۆھرەت: 115 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 115 سوم
تۆھپە: 69 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 69 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىنىڭچە  تارىخ  دىگەننى  ھەر كىم  ئۈز  مەيدانىدا  تۇرۇپ  يازىدۇ.  سۇڭ  جاڭجۆن  بۇ ماقالىسدا  گومىنداڭ  تەرەپنى  تىچلىقپەر ۋەر  مىللى  ئازاتلىق  ئنقىلاۋىنى  جىدەلخور ،تىچلىقنى بۇزغۇچى  قىلىپ  تەسۋىرلەپتۇ .
گومىنداڭنىڭ  خەلنىقنى  قانداق  ئكىسپولاتاتسىيە  قىلغانلىغى .نىمە ئۈچۈن  ئنقىلاپ  پارتلىغانلىغىنى،ئەخمەتجان باشچىلىغىدكى  ئۈچ  ۋىلايەت  تەرەپكە  ئارتىپ  قۇيۇپتۇ. تېخى ئۇلارنى  شەرىق تۈركىزىمچىلار  دەپ  ھاقارەتلەپتۇ ........
ئەگەر شۇنداق  بولسا،نىمە ئۈچۇن  رەئس ماۋزىدۇڭ بۇ  مىللى ئازاتلىق  ھاركىتىگە شۇنچىۋالا يۇقۇرى  باھالارنى  بېردۇ؟  نىمە ئۈچۇن  ئەخمەتجانىڭ  ۋاپاتىغا چۇڭقۇر  تەزىيە  بىلدۇردۇ؟نىمە ئۈچۇن ئۇچ  ۋىلايەت  رەھبەرلىگىدىن  بولغان  سەيپىدىن ئەزىزى مەركەزنىڭ  شۇنچىۋالا  ئشەنچىسىگە  ئىرىشىپ  پارتىيە ،ھۈكۈمەت، ئارمىيەنىڭ چوڭ  ھوقوقىنى  تۇتىدۇ؟

بۇ  ماقالىنى  سۇڭ  جاڭ جۈن  ،مىللى  ئازاتلىق  ئىنقىلاۋىنى ئىنكار  قىلىش  كۈرەلمەسلىك  ھىسياتى بىلەن يېزىپتۇ.
ھەقىقى تارىخنى خەلىق  يازىدۇ. مىنىڭچە  گومىنداڭنىڭ تەسلىم بولغان  گىنىرالنىڭ  تۈھپىسىدىن ھاقىقى  ئىنقىلاپ  قىلغان ئىنقىلاپچىلارنىڭ تۈھپىسى  چوڭ.بۇنى  پارتىيەمىز  ئاللامۇ بۇرۇن  يەكۈنلەپ  بولغان.
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-09 20:29 |
tarim138
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7049
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 23
شۆھرەت: 115 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 115 سوم
تۆھپە: 69 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 69 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماقالىنڭ  ئاخىرىنى  ئۇقىمايلا  ئىنكاس  يېزىپتىمەن  ئاخىردا  نىمىلا  بولمىسۇن بۇ  جاللات  گېنرال  ئۈز  جىنايىتىنى تۇنۇپتۇ.
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-09 20:51 |
idikut510
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3467
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 69
شۆھرەت: 363 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 364 سوم
تۆھپە: 215 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 216 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 191(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى ماقالە ... ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ
ئاللا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-09 21:00 |
yoluqi76
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7170
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 50 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 30 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 30 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن شامال قۇم يۇزىنى يالاپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى كۆمۈلۈپ كەتكەنلەرنى ئاشكارىلايدۇ. تارىخ  ئىشتىراكچىلىرىنىڭ تارىخ بېتىگە يوشۇرۇنغان  ياكى كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلغانلارنى سەمىمىيلىك  بىلەن خەلىققە يەتكۈزۈشنى مەسئوليىتىم، دەپ تونىشى تارىخنىڭ ئامىتى.  مېنىڭچە بۇ ماقالە مۇشۇ زېمىننى سۆيىدىغان، ئۆتمۈشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلار ئۈچۈن ياخشى ئوقۇشلۇق.                  
يولۇچى 76
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-09 22:09 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«123»Pages: 1/3     Go
Bagdax bbs » رەسىملەر دۇنياسى