ھەل قىلغۇچ تاللاش ۋە يوشۇرۇن خىرىس
ئاساسلىق شاھماتچىلار ۋە ئاچقۇچلۇق ئوق مەركەز دۆلەتلىرىنى تونۇپ يېتىش، ئامېرىكا دۇچ كەلگەن ئېغىر سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىش ۋە ئامېرىكا ياۋروئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا دۇچ كېلىدىغان ئاساسلىق خىرىسلارنى ئالدىن پەرەز قىلىشقا ياردىمى بار. بۇ مەزمۇنلار كېيىنكى بابلاردا تېخىمۇ تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنىدۇ، ھازىر پەقەت تۆۋەندىكى بەش چوڭ نۇقتىغا يىغىنچاقلاندى:
• ئامېرىكىغا قانداق ھالەتتىكى ياۋروپا كېرەك،شۇنداق ھالەتكە كېلىشىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟
• قانداق ھالەتتىكى روسىيە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئامېرىكا بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك ۋە قانچىلىك قىلالايدۇ؟
• ياۋروئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىدە يېڭى بىر «بالقان» نىڭ بارلىققا كېلىش ئېھتىماللىقى قانچىلىك, ئامېرىكا قانداق تەدبىر قوللىنىپ بۇ ئېھتىماللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەۋپ خەتەرنى ئازايتىشى كېرەك؟
• جۇڭگونىڭ يىراق شەرقتە قانداق رول ئوينىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك، بۇ رول ئامېرىكا ۋە ياپونىيەگە نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
• قانداق ھالدىكى يېڭى ياۋروئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بارلىققا كېلىشى مۇمكىن، قانداق ئىتتىپاق ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە چوڭ تەھدىد ھەمدە قانداق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشقا موھتاج بولىدۇ؟
ئامېرىكا تارىختىن بۇيان ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى قوللاپ كەلدى. كېنىندى ھۆكۈمىتىدىن باشلاپ، ئۆلچەملىك يولغا قويۇلۇۋاتقىنى«باراۋەر شېرىكلىك مۇناسىۋىتى»دۇر. ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە بىر گەۋدىلەشكەن ياۋروپانى كۆرۈشنى، يېتەرلىك كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن دۇنياغا رەھبەرلىك قىلىش مەسئولىيىتىنى ۋە يۈكىنى تەڭ زىممىسىگە ئېلىشنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى.
بۇلار ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى دائىم ئېيتىلىدىغان دەبدەدىلىك سۆزلەر. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ مەيدانى مۇنداق ئوچۇق ئەمەس ھەم ئۇنچىلىك ئىزچىل ئەمەس. ۋاشىنگىتون راستىنلا ياۋروپانىڭ دۇنياۋى ئىشلاردا ئامېرىكىنىڭ باراۋەر شېرىكىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلامدۇ ياكى باراۋەر بولمىغان ئىتتىپاقنى بەكرەك خالامدۇ؟ مەسىلەن ئېيتساق، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتىكى رەھبەرلىك ئورنىدىن ياۋروپا بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى خالامدۇ؟ياۋروپا ئوتتۇرا شەرقكە ئامېرىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتى ھەمدە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتكە ئېرشىتى. ئىسرائىلىيە مەسىلىسىمۇ ئەمەلىي مىسال بولالايدۇ.ب ۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا ئىران ۋە ئىراق مەسىلىسىدە ياۋروپا بىلەن بولغان ئىختىلاپنى باراۋەر شېرىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە دەپ قارىمايدۇ، بەلكى ياۋروپا ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىكىگە بوي سۇنمىدى، دەپ قارايدۇ.
ئامېرىكىنىڭ مۇجمەل مەيدانى ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى قانچىلىك دەرىجىدە قوللىشىغا ئالاقىدار بولۇپلا قالماي، يەنە ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش دائىرىسىنى قانداق بېكىتىش، بولۇپمۇ لازىم بولغاندا قايسى دۆلەتنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ياۋروپاغا رەھبەرلىك قىلىشىغا چېتىلىدۇ. گەرچە ۋاشىنگىتون فرانسىيەنىڭ ئەمەس بەلكى گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا رەھبىرى بولۇشىنى خالايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن لوندوننىڭ ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مەسىلىسىدىكى ئايرىمىچىلىق مەيدانىدىن ۋاز كېچىشىنى نەسىھەت قىلمىدى. فرانسىيە سىياسىتىنىڭ ئەنئەنىۋى يۆلىنىشىنى نەزەردە تۇتقاندا،ب ۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئەمما مۇنداق تاللاش فرانسىيە بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ بەزىدە تاكتىكىلىق بىرلىشىپ، گېرمانىيەنىڭ جاسارىتىگە زەربە بېرىشتەك ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەمدە فرانسىيەنىڭ پات-پات موسكىۋا بىلەن بىرلىشىپ گېرمانىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشىنى كەلتۈرپ چىقاردى.
ھەقىقي ياۋروپا بىرلەشمىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي قوللىشىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى باغلاپ تۇرىدىغان ش ئا ئە ت دىن ئىبارەت ئاساسلىق تەشكىلاتنى قۇرۇلما ۋە تەرتىپ جەھەتتىن زور ئىسلاھ قىلىش لازىم. ش ئا ئە ت ئامېرىكىنىڭ ياۋروپاغا تەسىر كۆرسىتىشتىكى ئاساسلىق مېخانىزىمى بولۇپلا قالماي، ئامېرىكىنىڭ غەربىي ياۋروپادىكى مۇھىم سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ھەربىي مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن ئاساس يارىتىپ بەردى. ئەمما ياۋروپانىڭ بىرلىككە كېلىشىنى يېڭى رېئاللىققا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ قۇرۇلمىغا تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ئىككى تەرەپ ئاساسىي جەھەتتىن باراۋەر بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئاساسىدىكى ئىتتىپاق قۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ھەرگىزمۇ بۇرۇنقى ئەنئەنىدىكى بىر ھۆكۈمران ۋە بىر قانچە بېقىندى دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان ئىتتىپاقنى ئەمەس. گەرچە 1996-يىلى مۇۋاپىق تەدبىرلەر قوللىنىپ، غەربىي ياۋروپا ئىتتىپاقى(WEU) دىن ئىبارەت غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەربىي ئىتتىپاقىنىڭ ش ئا ئە ت دىكى رولى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلە ھازىر ئاساسەن بېسىقتۇرۇلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر راستىنلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قوللاش قارار قىلىنسا، چوقۇم ش ئا ئە ت نى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ھالدا قايتا تەشكىللەش لازىم، بۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقتىكى ھەممىدىن مۇھىم ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
ئومۇملاشتۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپاغا قارىتا ئۇزۇن مەزگىللىك جۇغراپىيىۋى ئىستراتىگىيىسى ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ۋە ياۋروپا بىلەن ھەقىقىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى مەسىلىسى ئۈستىدە بىپەرۋالىق قىلسا بولمايدۇ. ئامېرىكا ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى راستىنلا قوللىسا ھەم بۇ سەۋەبلىك ياۋروپا تېخىمۇ مۇستەقىل بولسا، ئۇنداقتا ياۋروپانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىشىگە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر قىسىم ياۋروپا كۈچلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى كېرەك. مۇنداق ئىستراتىگىيە يەنە بىر مەزگىل كۆككە كۆتۈرىۋېتىلگەن ئامېرىكا-ئەنگىلىيە (U.S-U.K) ئالاھىدە مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىزنالىرىنىڭ يوقىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە بولغان سىياسىتى يەنە ياۋروپانىڭ جۇغراپىيىلىك دائىرىسىنى قانداق بېكىتىشتىن ئىبارەت سەزگۈر مەسىلىگە يۈزلىنىشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرققە قانچىلىك كېڭىيىشى كېرەك؟ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي چېگرىسى ش ئا ئە ت نىڭ شەرقىي چېگرىسى بىلەن بىردەك بولامدۇ يوق؟ ئالدىنقى مەسىلىنى ئاساسلىقى ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۆزلىرى بېكىتىشى كېرەك، لېكىن ياۋروپانىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قارارى ش ئا ئە ت نىڭ قارارىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كېيىنكى مەسىلە ئامېرىكىغا چېتىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ش ئا ئە ت دا يەنىلا ھەل قىلغۇچ پىكىر قىلىش ھوقۇقى بار. ئوتتۇرا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ش ئا ئە ت غا كىرىشىگە ئالاقىدار پىكىرلەرنىڭ بارغانسېرى بىردەكلىككە يۈزلىنىشىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ مەسىلىنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ئاساسلىقى بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئورنىغا مەركەزلەشكەن،ئېھتىمال ئۇكرائىنانىڭ كەلگۈسى ئورنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ياۋروپا قيىنچىلىقلىرىنىڭ روسىيەگە ئالاقىدار ئىككىنچى قىيىن مەسىلە بىلەن مۇھىم ئوخشاشلىقى بار. روسىيەرنىڭ كەلگۈسىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە جاۋاپ بەرگەندە، دېموكراتىك ياۋروپا بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان روسىيەنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلىش ئۇنچە تەس ئەمەس. تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، دېموكراتىك روسىيە بولسا ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا ئورتاق بولغان قىممەت قارىشىنى تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە نىسبەتەن مۇھىم ۋە ھەمكارلاشقان ياۋروئاسىيا قۇرۇقلىقى بەرپا قىلىشتا كىچىك شېرىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن روسىيە پەقەتلا دېموكراتىك دۆلەت دەپ ئېتراپ قىلىنىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ھۆرمەتتىن رازى بولماسلىقى مۇمكىن. روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە سىياسىتى تۈزگۈچىلىرى (ئاساسىي جەھەتتىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىدىن تەركىب تاپقان) دە يەنىلا قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ياۋروئاسىيا قۇرۇقلىقىدا ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇش كۈچلۈك ئىستىكى بار. مۇنداق رول يېڭى مۇستەقىل بولغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ موسكىۋاغا قايتىدىن ئىتائەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا روسىيەلىك تاكتىكىچىلار گۇرۇھىنىڭ بىر قىسىم تەسىرى بار زاتلارنىڭ نەزىرىدە، غەرب روسىيەگە دوستانە سىياسەت تەغدىردىمۇ، مەقسىتى روسىيەنىڭ دۇنياۋى ئورۇنغا ئېرىشىشتەك ھەققانىي تەلىپىنى قانائەتلەندۈرۈشنى رەت قىلىش ئۈچۈندۇر. روسىيەنىڭ ئىككى نەپەر جۇغراپىيىۋى سىياسىئونى:«ئامېرىكا ۋە ش ئا ئە ت بىر تەرەپتىن ئامال بار روسىيەنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئازار بەرمەيدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە، روسىيەنىڭ ھېچ بولمىغاندا نەزەرىيە جەھەتتىن دۇنيا سىياسىتىدە ئىككىنچى چوڭ دۆلەت ئورنىغا ئېرىشىش ئارزۇسىدىكى جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئاساسىغا قەتئىي ھەم ئۈزۈلدۈرمەي بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى مۇنداق ئورۇندىن بەھرىمان بولغان » دېگەن ئىدى.بۇنىڭدىن سىرت،ئۇلار ئامېرىكا ھازىر:
غەرب ھازىر ياۋروپانى قايتىدىن تەشكىللەۋاتىدۇ. ياۋروپا قۇرۇلمىسىنىڭ تۈپكى ئاساسى بولسا بۇ رايوندىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان، نىسبەتەن كىچىك ۋە ئاجىز مىللىي دۆلەتلەرنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. قوللاش ئۇسۇلى ئۇلارنى ش ئا ئە ت ۋە ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقۇزۇش.
دېگەندەك سىياسەتنى يولغا قويىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ سۆزلەردە گەرچە دۈشمەنلىك غەرىزى بار بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى توغرا تەسۋىرلەپ بەردى. ئامېرىكا روسىيەەە قانچىلىك ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى كېرەك؟ مۇنداق ياردەم روسىيەنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچىنى مۇقەررەر كۈچلەندۈرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،ئامېرىكا يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرگە كۆپلەپ ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش كېرەكمۇ؟ روسىيە بىرلا ۋاقىتتا كۈچلۈك دۆلەت ۋە دېموكراتىك دۆلەت بولالامدۇ؟ ئەگەر روسىيە قايتىدىن قۇدرەت تاپسا، يوقىتىپ قويغان زېمىنلىرىغا قايتىدىن ئىگە بولۇشنى كۆزلەمدۇ يوق؟ ئۇ چاغدا روسىيە بىرلا ۋاقىتتا ئىمپېرىيە ۋە دېموكراتىك دۆلەت بولالامدۇ؟
ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق مۇھىم جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئوق مەركەز دۆلەتلەرگە بولغان سىياسىتى بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرسا بولمايدۇ، ئامېرىكا موشۇ سەۋەبلىك تاكتىكا تەڭپۇڭلىقى ۋە ئىستراتىگىيىلىك نىشان جەھەتتە قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلدى. دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى روسىيەنىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ۋە ئەڭ ئاخرىدا ياۋروپالىشىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان شەرت. لېكىن روسىيەنىڭ ئىمپېرىيالىزىملىق يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بۇ ئىككى نىشاننىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، دەل موشۇ مەسىلىدە ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوخشىمىغان قاراشتا بولىشى مۇمكىن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ش ئا ئە ت نىڭ كېڭىيىش چېگرىسى مەسىلىسىدە تېخىمۇ شۇنداق. ئەڭ ئاخىرىدا روسىيەنىڭ بۇ ئىككى ئورگاندىن بىرىگە كىرىشنى ئويلىشىش كېرەكمۇ يوق؟ روسلارنىڭ ئىدىيىسىدە روسىيەنى چەتكە قېقىشنىڭ بەدىلى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ دەيدىغان قاراش شەكىللىنىدۇ. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى ياكى ش ئا ئە ت نى ئاجىزلىتىشنىڭ ئاقىۋىتى بەلگىلىك دەرىجىدىكى مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ياۋروئاسىيا قۇرۇقلىقىنىڭ مەركىزىدىكى جۇغراپىيىۋى سىياسىي مۇناسىۋىتى تۇراقلىق بولمىغان كەڭ رايوندا مۇھىم بىر مۇقىمسىزلىق ئامىلى مەۋجۇت.تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ يوشۇرۇن ئاجىزلىقى بۇ مۇقىمسىزلىقنى زور دەرىجىدە جىددىيلەشتۈرىۋەتتى. قارا دېڭىزدىكى قىرىم يېرىم ئارىلىدىن، شەرقتە روسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى يېڭى چېگىرىسىدىن تاكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغىچە، جەنۇبتا ھىندى ئوكيانغىچە، غەربتە قىزىل دېڭىزغىچە، شىمالدا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىسىمىدىن يەنە قىرىم يېرىم ئارىلىغىچە بولغان بۇ رايوندا تەخمىنەن 400 مىليون نوپۇس بار بولۇپ،25 دۆلەتكە تارقالغان. ھەممە دۆلەتتە دېگۈدەك كۆپ خىل مىللەتلەر ۋە دىنلار مەۋجۇت، سىياسىي ۋەزىيىتى تۇراقسىز، بەزى دۆلەتلەر ئېھتىمال يادرو قورالىغا ئېرىشمەكچى بولىۋاتقان بولىشى مۇمكىن.
بۇ كەڭرى رايون پارتىلاش خاراكتېرلىك ئۆچمەنلىكنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان،ئۆزئارا رىقابەتلىشىۋاتقان كۈچلۈك قوشنىلىرىنىڭ قورشاۋىدا تۇرماقتا. بۇ رايون ئېھتىمال ئاساسلىق جەڭ مەيدانى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ رايوندىكى مىللىي دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۇرۇش پارتىلىشى، مىللىي ۋە دىننىي زوراۋانلىق توقۇنۇشى پارتىلىشى مۇمكىن. ھىندىستان مەلۇم پۇرسەتتىن پايدىنلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى پاكىستانغا تېڭىپ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان توقۇنۇش دائىرىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ۋەزىيەت يامانلىشىپ قالماي، ئۇلارنىڭ پارتىلاش خاراكتېرىدىكى بۇ رايوندا
مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى ئويناش ئىقتىدارىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. مۇنداق ۋەزىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە كىرىشى تېخىمۇ تەس بولىدۇ. ئامېرىكا كونتروللىقىدىكى پارس قولتۇقى رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدىسىز تەسىر پەيدا قىلىدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بۇ رايوندا دۇچ كېلىدىغان خىرىس ئېھتىمال يېقىنقى يىللاردىكى سابىق يوگۇسلاۋىيەدە يۈز بەرگەن كىرزىستىن تېخىمۇ ئېغىر بولىشى مۇمكىن.
بۇ مۇقىمسىز رايون دۇچ كەلگەن يەنە بىر مەسىلە بولسا ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرى (Islamic fundamentalism) ئامېرىكىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئورنىغا خىرىس قىلىشى مۇمكىن. ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرى ئامېرىكىچە تۇرمۇش شەكلىگە قارىتا دىننىي ئۆچمەنلىك قۇترىتىش ۋە ئەرەب-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدىن پايدىلىنىپ، بىر قىسىم غەربپەرەس ئوتتۇرا شەرق ھۆكۈمەتلىرىنى ئامالنىڭ بارىچە ئاجىزلىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ رايونلۇق مەنپەئەتى، بولۇپمۇ پارس قولتۇقى رايونىدىكى مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. لېكىن سىياسىي جەھەتتە ئىختىلاپ بولغاچقا ھەم ھەقىقىي كۈچلۈك ئىسلام دۆلىتى بولمىغاچقا، ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرىدىن كەلگەن خىرىسنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي يادروسى كەمچىل، شۇڭا زوراۋانلىق ھەركەتلىرىنى كېڭىيىشى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ چىقىشى مۇمكىن.
جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەت سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم جۇغراپىيىۋى ئىستراتىگىيىلىك مەسىلە پەيدا قىلىدۇ. ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش دېموكراتىيىلىشىش ۋە ئەركىن بازارلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىۋاتقان جۇڭگونى ئاسىيا رايونى ھەمكارلىق رامكىسىغا كىرگۈزۈشتۇر. ئەگەر جۇڭگو دېموكراتىيىلىشىش يولىدا ماڭماي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچى داۋاملىق زورايسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەتراپىدىكى قوشنىلىرىنىڭ قانداق ئۈمىدتە، قانداق غەرەزدە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، «بۈيۈك جۇڭگو» بارلىققا كېلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. بارلىققا كېلىشىگە بولغان توسقۇنلۇق جۇڭگو بىلەن كەسكىن توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن. بۇ توقۇنۇش ئامېرىكا-ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. چۈنكى يىراقنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىغا ئەگىشىپ جۇڭگونى چەكلەشنى خالاش خالىماسلىقىغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. بۇ توقۇنۇش توكيونىڭ ياپونىيەنىڭ رايونلۇق رولىغا بولغان قارارىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىشى مۇمكىن، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرقتىكى مەۋجۇتلىقىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن.
لېكىن جۇڭگوغا يول قويۇشتا بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ رايونلۇق چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىش بىر شوئارنى قوللىغاندەك ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. مۇنداق رايوننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورنىنىنىڭ چوقۇم ماھىيەتلىك ئەھمىيىتى بولىشى كېرەك.مۇنداقچە ئېيتقاندا، مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا جۇڭگونى دۇنياۋى ئىشلارغا قاتناشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسىمى بولغان جۇڭگونىڭ كەڭرى كۈچ تەسىر دائىرىسى بولىشىغا ئامېرىكا ماقۇل بولىشى كېرەك، بۇ تەسر دائىرە قەيەردە؟ بىر خىل يول قويۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ سىياسىي تەسىر دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى ھەر قايسى جايلارنى يېڭىدىن قەد كۆتۈرۈۋاتقان جۇڭگونىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزمىسە بولمامدۇ؟
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيەدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئىنتايىن مۇھىم مەسلە. ئەگەر ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيەدىن چېكىنىپ چىقسا، ئامېرىكا-ياپونىيە مۇداپىئە ئورۇنلاشتۇرىشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. چۈنكى ياپونىيە كەلگۈسىدە ھەربىي جەھەتتە مۇستەقىل بولمىسا بولمايدۇ. لېكىن جەنۇب شىمال كورىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشىدىكى ھەر قانداق ئىلگىرلەش ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيەدە داۋاملىق ئەسكەر تۇرغۇزۇش ئاساسىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ. بىرلىككە كەلگەن كورىيە ئېھتىمال ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەربىي مۇھاپىزىتىنى كېرەك قىلماسلىقى مۇمكىن، جۇڭگو ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىپ، يېرىم ئارالنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇمكىن. يىغىنچاقلىغاندا، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئامېرىكا-ياپونىيە-كورىيە ئۈچ بۇرجەك بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا، كەلگۈسىدىكى سىياسىي ئىتتىپاقلاردا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىشىمىز كېرەك. بۇ مەسىلە مۇناسىۋەتلىك بابلاردا تېخىمۇ تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. ئۆتمۈشتە، خەلقئارالىق ئىشلاردىكى يېتەكچىلىك ئورۇننى ئىگەللەش ئاساسلىقى دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يېتەكچىلىك ئورۇننى تالىشى ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا ياۋروئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىن ئامېرىكىنى قوغلاپ چىقىرىش غەرىزىدە بولىۋاتقان رايونلۇق ئىتتىپاققا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلمىسا بولمايدۇ. مۇنداق ئۇرۇنۇش ئامېرىكىنىڭ يەر شارىۋى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىغا تەھدىد سالىدۇ. ئامېرىكىغا خىرىس قىلىدىغان ئىتتىپاقنىڭ بارلىققا كېلىش كەلمەسلىكى ئەمەلىيەتتە ئاساسلىقى ئامېرىكا بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئېغىر مۈشكۈلاتلارنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش قىلالماسلىقىغا باغلىق.
ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن تەھدىد بولسا جۇڭگو بىلەن روسىيە ئېھتىمال ئىرانمۇ بىرلىشىپ چوڭ ئىتتىپاق قۇرۇشىدۇر. مۇنداق «زومىگەرلىككە قارشى» ئىتتىپاق تۈزۈشنىڭ سەۋەبى ئېدىئولوگىيە ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆز ئارا بىرلەشكەن نارازىلىقتۇر. گەرچە بۇ قېتىمقى ئاتامان جۇڭگو، ئەگەشكۈچىسى روسىيە بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىتتىپاقنىڭ كۆلىمى ۋە دائىرىسى جەھەتتە جۇڭگو –سوۋېت گۇرۇھى پەيدا قىلغان خىرىس بىلەن ئوخشاشلىق تەرىپى بار. گەرچە مۇنداق كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن يۈز بېرىشىنى توساش ئۈچۈن،ئامېرىكا چوقۇم بىرلا ۋاقىتتا ياۋروئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىي، شەرقى ۋە جەنۇبى قىسىمىدا جۇغراپىيىۋى ئىستراتىگىيىلىك ۋاستىنى ئەپچىللىك بىلەن ئىشقا سېلىشى كېرەك.
جۇڭگو-ياپونىيە ئوق مەركىزى ئېھتىمال جۇغراپىيىلىك جەھەتتە نىسبەتەن چەكلىك، ئەمما يوشۇرۇن خەۋپى چوڭقۇر بولغان خىرس پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇ ئوق مەركەز ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرقتىكى ئورنىنى يوقىتىپ قويغاندا ۋە ياپونىيەنىڭ دۇنياغا بولغان قارىشىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. بۇ ئىتتىپاق غايەت زور ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بولغان ئىككى مىللەتنى بىرلەشتۈرۈپ ھەمدە مەلۇم شەكىلدىكى «ئاسىيائىزم» نى بىرلەشتۈرۈپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشتىكى تەلىمات قىلىشى مۇمكىن. ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى كۆزدە تۇتقاندا، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئىتتىپاق تۈزۈشى مۇمكىن ئەمەس. يىراقنى كۆرەر ئامېرىكا سىياسىتى مۇنداق ئىتتىپاقنىڭ شەكىللىنىشىنى جەزمەن توسىيالايدۇ.
يەنە بىر خىل ئېھتىماللىق كىچىك، ئەمما پۈتۈنلەي چەتكە قاققىلى بولمايدىغان ئەھۋال بولۇپ،بۈيۈك ياۋروپانىڭ بارلىققا كېلىشىدۇر، گېرمانىيە-روسىيە ئىتتىپاقى ياكى فرانسىيە-روسىيە ئىتتىپاقى بولسۇن، بۇ ئىككى ئىتتىپاقنىڭ ئېنىق تارىخىي ماتىرىياللرى بار. ئەگەر ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسى توختىسا ياكى ياۋروپا-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يامانلاشسا، يۇقىرى ئىككى خىل ئىتتىپاقنىڭ ھەرقانداق بىرى بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ياۋروپا-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يامانلاشسا، ياۋروپا ۋە روسىيەنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ ئامېرىكىنى ياۋروئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىن قوغلىۋېتىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. نۆۋەتتە، ھەر خىل ئىتتىپاقلارنىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. بۇ ئىتتىپاقلار پەقەت ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا سىياسىتىدە ئېغىر خاتالىق يۈز بەرگەندە ۋە ياۋروپادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر نىشانىنى جىددىي ئۆزگەرتكەن ئەھۋالدا ئاندىن بارلىققا كېلىدۇ.
كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئامېرىكىنىڭ ياۋروئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى ھەممىدىن مۇھىم ئورنى پاراكەندىچىلىككە، ھېچ بولمىغاندا كىچىك كۆلەمدىكى زوراۋانلىق ھەركەتلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ دەپ قارىشىمىزنىڭ ئاساسى بار. ئامېرىكىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئورنى يېڭى خىرىس ئالدىدا ئاجىزلىشىشى مۇمكىن. بۇ خىرىس رايونلۇق رىقابەتچىسىدىن كېلىشى مۇمكىن ياكى يېڭى ئىتتىپاقلاردىن كېلىشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئورنى ئۇزۇن مەزگىللىك جۇغراپىيىۋى ئىستراتىگىيىنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ، ماسلاشتۇرۇلغان ئىجتىمائىي سىياسىي تۈزۈمنى ئاساس قىلىشى كېرەك، كېيىنكىسى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپ تەرەپلىك رامكىنى بىرلەشتۈرۈشى مۇمكىن. پەقەت ئامېرىكىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئورنى مەۋجۇت بولغان، نۆۋەتتىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئىگەللىگەن، بىر خىل «ئاشكارا ئۇرۇش تەھدىتى بولمىغان»،ئامېرىكىنىڭ يەر شارىۋى سېستىمىسى بولغان جايلا ئاندىن مۇقىملىققا ئېرىشەلەيدۇ.
①'Samuel P. Huntington. "Why International Primacy Matters," International
Security (Spring 1993):83
ساموئىل خانتىڭتون: خەلقئارالىق ھەممىدىن مۇھىم ئورۇن نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ (خەلقئارا بىخەتەرلىك،1993-يىلى باھار پەسىللىك سانى،83-بەت)
②2Roy Den man, Missed Chances (London: Cassell, 1996).'
روي دېمان:«كېتىپ قالغان پۇرسەت» (لوندون،كاسېل نەشىرىياتى،1996-يىل)
③In Robert Skidelsky's contribution on "Great Britain and the New Europe,"in From the Atlantic to the Urals, ed. David P. Calleo and Philip H. Gordon
(Arlington, Va.: 1992), p. 145
روبېرت سكېدىلسكي:«بۈيۈك بېرىتانىيە ۋە يېڭى ياۋروپا» « ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۇرال تاغلىرىغىچە » داۋىد پ كالوۋ ۋە فىلىپ H گاردون
④A. Bogaturov and V. Kremenyuk (both senior scholars in the Institute ofthe United States and Canada), in "Current Relations and Prospects for Interaction Between Russia and the United States," Nezauisimaya Gazeta, June
1996،28
A بوگاتۇروۋ ۋە ۋ كرېمېنيۇك (ئىككىلىسىلا ئامېرىكا ۋە كاناداد تەتقىقات ئورگىنىدىكى تەتقىقاتچى)، روسىيە ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتى ھەمدە ئۆز ئارا تەسىرىنىڭ كەلگۈسى
(مۇستەقىللىق گېزىتى)،1996-يىلى6-ئاينىڭ28-كۈنى