2012-يىلى5-ئاينىڭ8-كۈنى قومۇلنىڭ قەدىمى شەھىرى لاپچۇقتا كۆلىمى چوڭ بىر قېتىملىق چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. نەق مەيداندىكى ئاممىنىڭ ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ دېيىشىچە، بۇنداق كۆلەمدىكى چېلىشىش سورۇنىنى كۆرمىگىلى 8-10 يىل بولۇپتۇ. بۇ قېتىملىق چېلىشىشنى لاپچۇق گۆدەگە كەنىتكە چۈشكەن <<ئىستىلنى تۈزىتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش>>خىزمەت گۇرۇپپسىدىكى ئەلقەمجان قاتارلىق خادىملار لاپچۇقنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىپ، بىر ئايدىن ئارتۇق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق روياپقا چىقارغان ئىدى. مەبلەغ كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن مەيدان قۇم بولسىمۇ ئەمما، چېلىشقا تەشنا خەلقىمىز ۋە ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ روھىنى سۇندۇرالمىدى. ئۇلار بوراندا توپا ئارلىشىپ كەتكەن قۇم ئۈستىدە شىر، يولۋاسلاردەك ھۆركىرىشىپ چېلىشقىنىدا پۈتۈن ئەتىراپ لەرزىگە كېلەتتى. گەرچە، مۇكاپات سوممىسى ئاز بولسىمۇ، لېكىن، چېلىش خۇمار پالۋانلىرىمىز بۈگۈنكىدەك سورۇننىڭ ھازىرلانغانلىقىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
روھى ۋە تېنى ساغلام قەۋىمنىڭ ھايات مەنزىلى پارلاق بولىدۇ. چېلىشىش بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي تەنھەركەت تۈرىدۇر. بىراق، بۇ بارچە ئۇيغۇرنى ھاياجانلاندۇرالايدىغان تەنھەركەت تۈرىمىز قىسمەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى. كىشىنى خوشاللاندۇردىغىنى شۇ بولدىكى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خەلقىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە مەدەنىيەت-سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمىز كۈنسېرى سەر خىللىشىپ ئاۋۇپ بارماقتا. جۈملىدىن بۇ قېتىملىق چېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان گۆدەگە كەنىتىگە چۈشكەن خىزمەتچى خادىملارمۇ ئۆز خىزمىتىنىڭ <<ئىستىلنى تۈزىتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش>> دېگەن ئىسمىغا مۇناسىپ شەرەپلىك بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. ئاممىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققان ھەرقانداق بىر خىزمەت ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ بىرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن، ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن قوشۇلغان زور تۆھپىدۇر.
****
****
قېنى كىم مەن بىلەن چۈشەلەيدۇ؟
ياش چاغلىرىدا رەقىبىنى بېشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ يەرگە ئۇرغان بوۋىلار...چېلىشىش بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ئولتۇرالماي قېلىپتۇ...
مانداق يىقىلىمىز...
يۇلۇپ ئېلىپ، يانپاشقا بىر سالاي!..
ماۋۇ پالۋاننى يىقىتىش ئەجەپ تەس كەلدى...
****
****
****
ئاۋۇ ئىگىزرەك كەلگەن قارا ئىشتانلىق بالا ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان لاپچۇقلۇق بالا ئىكەن، يۇرتىدا چېلىشىش مۇسابىقىسى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىككى كۈنلۈك رۇخسەت ئېلىپ كەپتۇ. نەتىجىدە ئۇ ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولدى...
ماۋۇ ئىككى پالۋانمۇ نوچىلاردىنكەن...شارائىت يار بەرگەن بولسا، دۇنيا سەھنىلىرىنى تەۋرەتكۈدەك ياشلار كۆپكەن...
****
****
****
****
باشلىرى ئاقارغان ئابلىز بۆرەلەقەملىك بۇ پالۋان گەرچەبارلىق رەقىبلىرىدىن زور كەلگەن بولسىمۇ ئاخىرى نەتىجىسىنى ياش ئەۋلادلارغا ئۆتۈنۈپ بەردى. ئۇنىڭ بۇنداق مەرد خىسلىتىدىن سورۇن ئەھلى قاتتىق تەسىرلەندى.
خىزمەت گۈرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەلقەمجان چوڭلار گۇرۇپپىسىدىن 3،2،1 بولغانلارغا مۇكاپات تارقاتماقتا.
ياشلار گۇرۇپپىسىدىن ئوڭدىن :4،3،2،1، بولغانلار...
بۇ بىر يېرىم كۈن داۋام قىلغان چېلىشقا جۇڭگونىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئاتانغان قارادۆۋە پالۋىنى قاھار زاكىر ئاكىمۇ ئىشتىراك قىلىپتۇ. چېلىش تاماملانغاندا ئۇ ھاياجان بىلەن ياشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنىڭ زورلىقىنى، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ چېنىقىپ زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ بۈگۈنكى چېلىشىشنى كۆرۈپ نۇرغۇنلىغان ياش چېلىشچىلارنىڭ شارائىت يار بەرمىگەنلىكتىن ئۈن-تىنسىز يوقۇلۇپ كېتىدىغانلىقى بايان قىلىپ ئۆتۈپ، ياش نوتىلارغا قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ شىنجاڭ ھەتتا دۇنيا سەھنىسىنى لەرزىگە سېلىشقا رىغبەتلەندۈردى.
بۇ پائالىيەت غەلبىلىك تاماملاندى. بىراق، كەمچىلىكلەردىنمۇ خالىي بولالمىدۇق. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى بۇ تۇنجى قېتىملىقىدۇر. بۇنىڭدىن كېيىن ھەممىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا پائالىيەتلىرىمىز تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
2012-يىلى5-ئاينىڭ10-كۈنى قومۇل
[ بۇ يازمىنىilimدە2012-05-16 14:27قايتا تەھرىرلىدى ]