ئون نەچچە چەتئەللىك زەھەر ئەتكەسچىسىگە جۇڭگودا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشىنىڭ باش-ئاخىرى
2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىر فىلىپپىنلىق زەھەر سودىگىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى، فىلىپپىن پرېزىدېنتى ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتى تېزدىن بۇ جىنايەتچىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈمىدىدە بولدى. ئەمما بۇ جىنايەتچىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى. 2007-يىلى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگىلىيەلىك زەھەر سودىگىرى ئاكمالغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش دېلوسىغا ئەنگىلىيەنىڭ كۆپ قېتىم دېپلوماتىيە نارازىلىقى بىلدۈرۈشى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
1997-يىلىدىن بۇيان، ئاشكارا ئۇچۇرلارغا ئاساس سىستاتىستىكىلىغاندا، 16 نەپەر چەتئەللىك زەھەر جىنايەتچىسىگە جۇڭگودا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن، جۇڭگودا قاماق جازاسى بېرىلگەن ياكى قوغلاپ چىقىرىلغان جىنايەتچىلەر بولسا تېخىمۇ كۆپ. نۆۋەتتە چەتئەللىك كىشىلەرنىڭ زەھەر سودىسى دېلوسى داۋاملىق ئېشىۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك دۆلەت رەھبەرلىنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىنى تەلەپ قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەدلىيە دېپلوماتىيە تالاش-تارتىشلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
جۇڭگونىڭ ئەتراپىدا غايەت زور زەھەر ئېھتىياج بازىرى بار، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن سىرت، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زەھەر ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ جۇڭگو ئارقىلىق زەھەر ئەتكەس قىلىشى ئۈزۈلمىدى، جىنايەت سادىر قىلىش رايونى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىلارمۇ كۈنسېرى ئاشتى. جۇغراپىيىۋى سىياسەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، جۇڭگو سىياسىي جەھەتتە داۋالغۇپ تۇرىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە ئاساسلىق زەھەر ئىشلەپ چىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ زىچ قورشاۋىدا تۇرماقتا، ئالتۇن ھىلال ئاي رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان زور مىقداردىكى زەھەر جۇڭگو بازىرىنى تەمە قىلىشنى باشلىدى، چېگرا رايونىدا مۇسادىرە قىلىنغان ئەتكەس زەھەر تارىخىي رېكورت ياراتقان.
شەرقىي جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ چەتئەللەرگە چېتىلىدىغان جىنايەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىم جاڭ شىياۋۋېي نىڭ كۆزىتىشىچە، نۆۋەتتە چەتئەللىك زەھەر سودىگەرلىرى ئاساسلىقى شەخسىي ياكى چەتئەل جىنايى گۇرۇھلىرىنىڭ كونتروللىقى شەكلىدە زەھەرنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈپ ساتىدۇ ياكى جۇڭگونى ئۆتەڭ قىلىپ باشقا دۆلەتلەرگە توشۇيدۇ. قىلمىشىنىڭ شەكلىدىن قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردا چەتئەللىك زەھەر سودىگەرلىرى ھەر خىل قوراللارغا قىستۇرۇپ ئېلىپ ماڭغان ياكى ئادەم تېنىگە زەھەر يوشۇرۇش شەكلىدە ئايرودروم، دېڭىز پورتىدىن كىرگۈزۈش بۇ خىلدىكى دېلولاردا نىسبەتەن يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن. رايون جەھەتتىن قارىغاندا، زەھەر سودىگەرلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىلگىرىكى غەربىي جەنۇب رايونلىرىدىن پەندىنپەي ھەر قايسى ئۆلكىلەرگە كېڭەيگەن، زەھەرنىڭ تىپى تېخىمۇ كۆپ خىللاشقان، خىروئىن، مۇز زەھەر، ئېفېدرىن ھەتتا دولانتىن (Dolantin) قاتارلىقلار ئالاقىدار دېلولاردىكى زەھەر مەھسۇلاتى بولۇپ قالغان.
زەھەر سودىگەرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ياپونىيەلىكلەرنىڭ زەھەر دېلوسى كۆرىنەرلىك ئاشقان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قارا جەمئىيەت ئارقا كۆرۈنىشى بولۇپ، دەم ئېلىشقا چىققان خادىملار، ئۆيىگە قايتالمىغانلاردىن پايدىلىنىپ، جۇڭگودىكى مۇز زەھەر، خىروئىن قاتارلىق زەھەر مەھسۇلاتلىرىنى ياپونىيەگە ئەتكەس قىلىپ ساتقان، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى غايەت زور باھا پەرقىدىن پايدا ئالغان.
چەتئەللىك زەھەر سودىگەرلىرى جۇڭگودا (ياكى چېگرىدىن كىرىپ چىققاندا) قولغا چۈشكەندىن كېيىن نەق مەيداندا تۇتۇپ قېلىنىدۇ ھەمدە ئاخىرىدا ئەدلىيە ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ھازىرقى جىنايى ئىشلار قانۇنىدا زەھەر ئەتكەس قىلىش، سېتىش، توشۇش، ياساش جىنايەتلىرىگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىلگىرىكى قانۇنىدا، چەتئەللىك زەھەر سودىگەرلىرى دېلوغا چېتىشلىق دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار ئادەتتە چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش، مۇددەتلىك قاماق جازا بېرىش ھەتتا ئۆلۈم جازاسى شەكلىدە بىر تەرەپ قىلاتتى.
جۇڭگو خەلق جامائەت خەۋپسزلىك ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پراففىسسورى جاڭ جىيې نىڭ بايان قىلىشىچە، جۇڭگونىڭ چېگرا ئىچىدىكى چەتئەللىك زەھەر سودىگەرلىرى دېلوسىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بار ئىكەن. چەتئەللىكلەرگە چېتىشلىق دېلولارنى بىر تەرەپ قىلغاندا، چەتئەللىك زەھەر سودىگەرلىرىنى تەكشۈرگەندە، جىنايەتچى تۇرۇشلۇق شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ساقچىلار سوراق قىلىدۇ. «ۋېينا ئەلچىلىك مۇناسىۋەت ئەھدىنامىسى» دىمۇ، ئومۇمەن چەتئەللىكلەرنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان قانۇنىي ۋاستە قوللانغاندىن كېيىن، دەرھال مەزكۇر كىشىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىش، كۆرۈشۈش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ قويۇش كېرەك، شۇ دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىسىغا دەرھال ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئىككى تەرەپ كۆرىشەلەيدىغان ئىنسانىي ھوقۇق مېخانىزىمىنى تېزراق ئورۇنلاشتۇرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلىگەن.
1994-يىلى 2-ئايدا، فىلىپپىننىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسى دۆلىتىدىكى گېزىتتىن ئىككى فىلىپپىنلىقنىڭ زەھەر ئەتكەس قىلغانلىقى سەۋەبلىك جۇڭگو ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغان. بۇ دېلونى سوت قىلىش ۋاقتى ئىككى يىلغا سوزۇلغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە جۇڭگو ئەدلىيە ئورگانلىرى فىلىپپىننىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىغا ئۇقتۇرمىغان، فىلىپپىن شۇ سەۋەبلىك بېيجىڭغا دېپلوماتىيە جەھەتتىن ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1995-يىلى، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، ئالىي سوت، تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى قاتارلىق تارماقلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشقا چېتىلىدىغان دېلولاردا، تەكشۈرۈش تارماقلىرى 48 سائەت ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى ئورگانغا مەلۇم قىلىشى كېرەك، بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش دەرىجىدىكى ھۆكۈمەت تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىغا مەلۇم قىلىشى، ئوخشاش دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن دەرھال دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكىگە دوكلات قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلىگەنلىكىنى جاكارلىغان.
بېيجىڭدىكى بىر ئاقلىغۇچى ئاۋدوكات ئالاقىدار دېلوغا ۋاكالەتچى بولۇپ باققان، ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، چەتئەللىك زەھەر سودىگەرلىرى تۇتۇلغان ھەمدە بىرىنچى قېتىملىق سوت ئېچىش ۋاقتى بېكىتىلگەندىن كېيىن، سوت ئاچىدىغان سوت مەھكىمىسى دەرھال يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىلىشتىن 7 كۈن بۇرۇن سوت قىلىش ۋاقتىنى ئالاقىدار دۆلەتنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىغا ئۇقتۇرىدۇ. ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان بۇ ئاۋدوكاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوتلاش جەريانىدا خەنسۇچە تىل-يېزىق ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئالىي سوتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، چەتئەللىك جىنايەت گۇماندارلىرى تەرجىمان ۋە ئاۋدوكات تەكلىپ قىلسا بولىدۇ، ئەمما چوقۇم جۇڭگودا ئاۋدوكاتلىق ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئاۋدوكاتنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك. نۆۋەتتە، جۇڭگو چەتئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دېپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ جىنايەتچىنى يوقلاشىغا رۇخسەت قىلغان، ئەمما تاشقى ئىشلار تارماقلىرى ياردەملىشىشى كېرەك.
مەزكۇر ئاۋدوكاتنىڭ تونۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، جازا بېرىلگەندىن كېيىن، چەتئەللىك زەھەر ئەتكەسچىسى ئالاقىدار تۈرمىگە قامىلىدىكەن، جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پراففىسسورى شۈ لەنتىڭنىڭمۇ بىلدۈرۈشىچە، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، «قەيەردە تۇتۇلسا شۇ يەردە قامىلىدۇ ھەمدە يەرلىك سوت مەھكىمىسى سوتلايدۇ». ھەر قايسى جايلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەخسۇس چەتئەللىك جىنايەتچىلەرنى قامايدىغان تۈرمە تەسىس قىلىنغان، ئەمما ئومۇميۈزلۈك ئەمەس. قاماقتىكى جىنايەتچىلەر بەلگىلىك قاراتمىلىققا ئىگە، مەسىلەن شېنياڭدىكى ئالاقىدار تۈرمىگە ئاساسلىقى جەنۇبىي كورىيە، شىمالىي كورىيە ھەمدە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئالاقىدار جىنايەتچىلەرنى قامىلىدۇ. نۆۋەتتە گۇاڭدۇڭ، نەنجىڭ، شېنياڭ قاتارلىق كۆپلىگەن جايلاردا چەتئەللىك زەھەر جىنايەتچىلىرى جازا ئۆتىمەكتە.
چەتئەللىك جىنايەتچىلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ قامىغان تۈرمىلەردە ھەمىشە تەرجىمان سەپلىنىدۇ، ئەمما ئوخشىمىغان دۆلەتلەر جىنايەتچىلىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشقا تېخى يىراق. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو تۈرمىلىرى جىنايەتچىلەرنىڭ ئەمگەككا قاتنىشىشى بەلگىلەنگەن، نۇرغۇن چەتئەللىك جىنايەتچىلەر بۇ بەلگىلىمىنى تەستە چۈشنىدۇ. ئەمگەك ھەققى جەھەتتە، چەتئەللىك جىنايەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىس سەل يۇقىرى، يېمەكلىك ئۆلچىمىمۇ سەل ئوخشىمايدۇ.
نۆۋەتتە، چەتئەللىك زەھەر جىنايەتچىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغاندا كۆپىنچە ئوكۇل ئۇرۇش شەكلى قوللىنىدۇ. جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن، جەسىتى يەرلىكتە كۆيدۈرۈپ تاشلانسا ياكى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلسا بولىدۇ. بىر تەرەپ قىلىشتا ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ياكى شۇ دۆلەت ئەلچىخانىسىنىڭ پىكىرىنى ئالىدۇ. جەسەت كۈلى ۋە جەسىتىنى، مال-مۈلكىنى چېگرىدىن ئېلىپ چىقىشتا بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرى «ئۈلۈمنى مۇۋاپىق بىتەرەپ قىلىش ئەھۋالىدىن دوكلات» يېزىپ بېرىشى كېرەك. ئىچكى زاتلارنىڭ تونۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بەرسە، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دەرھال ئىجرا قىلىنىدىكەن. ئەگەر چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش قوشۇمچە جازا بولسا، ئاساسىي جازا ۋە باشقا جازالار ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ياكى يېنىكلىتىپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى ئىجرا قىلىنىدىكەن.
2009-يىلى 3-ئايدا، ۋېيتناملىق زەھەر سودىگىرى زەھەر ئېلىپ كىرگەندە، چاڭشا چېگرا مۇداپىئە ۋە تاموژنا تەكشۈرۈش پونكىتى تۇتۇۋالغان. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى، چاڭشا شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋېيتناملىق زەھەر سودىگىرى ۋە ئۇنى كۈتۈۋالغۇچىنىڭ زەھەر ئەتكەس قىلىش جىنايىتى تۇرغۇزۇلۇپ، ئىككىسىگە مۇددەتسىز قاماق جازا بەدى ھەمدە چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى.
مەنبە: سۇمرۇغ ھەپتىلىكدىن نەپرەت تەرجىمە قىلدى، مەزمۇن سەل كۆپ بولغاچقا، قالغان ئىككى بۆلىكى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ. باغداش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ !
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-05-11 01:08قايتا تەھرىرلىدى ]