5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى جۇڭگۇ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى دونىۋالد لۇندۇن ئولىمپك يغىنىغا يىغىپ مەشىقلەندۇرىۋاتقان 30 ئادەمدىن 3 نى قىسقارتقانلىقىنى جاكالىدى ، بۇ يىلقى مۇسابىقە پەسلىدە ۋە ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى قالتىس بولغان قەشقەر ئوغلانى شىرئەلىجان ئويلىمغان يەردىن تىزىملىكتىن بىرىنچى بولۇپ قىسقارتىلدى . بۇنىڭغا قارىتا ئاخبارات ۋاستلىرى ۋە شىنجاڭ گۇاڭخۇي كولۇبىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى دونىۋالد شىنجاڭ كومانسىدىن شەخسى ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى دەپ قارىدى ، ۋە تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق دونىۋالد نى ئەيىپلىدى ، دونىۋال بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ : شىر ئەلىجان ھەقىقەتەن ياخشى توپچى لېكىن ئۇنىڭ بويى ئولىمپىك يىغىندىدكى كوماندىلارئىچىدە ئۈستۈلۈكنى ئىگەللىيەلمەيدۇ ...دېدى ، لېكىن شىرئەلنىڭ بويى ھازىرقى دۆلەت كوماندىسىدىكى مۇداپىئەچى لىيۇۋېي بىلەن چېن جاڭخۇالاردىن ئېگىز بولۇپ ، دونىۋالد نىڭ باھانىسى كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغىماي قالمايدۇ .شنىخۇا كۈندىلىك گېزىتىمۇ شىر ئەلىجان دونىۋالدنىڭ ئۆچ ئېلىشدىكى قۇربانلىق بولۇپ قالدى دەپ خەۋەر بەردى ، دۆلەت كوماندىسىدىكى جۇڭگۇلۇق تېرىنىرلار ۋە ۋاسكىتبول باشقۇرۇش مەركىزىدىكى ئەمەلدارلار دونىۋالدنىڭ بىر مەيدانمۇ بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئوينىماي تۇرۇپ ئادەم شاللاش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىدى ۋە دونىۋالدنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتىپ ئادىل، ھەققانى ئاساستا ئادەم تاللاشنى تەۋسىيە قىلغان . شىر ئەلىنىڭ ئولىمپىك چۈشى مۇشۇنداقلا ۋەيران بولارمۇ ؟
بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى : پۇتبول كۇلۇبى
http://bbs.putbol.cn