ئانىلار بايرىمىغا مۇبارەك
تاماق ئەتسەڭ،يوق بولسام،ساقلايدىغان سەن قالدىڭ،
قىلغان ھەممە ئىشىمنى ياقلايدىغان سەن قالدىڭ.
تۆھمەتلەرگە كۆمۈلۈپ قىسىلغاندا تەنلىرىم،
كۆز يېشىڭدا تازىلاپ،ئاقلايدىغان سەن قالدىڭ.
جۇدۇنلاردا تىترىسەم تارتىۋېلىپ ئەي ئانا،
قۇياش كەبى باغرىڭغا قاقلايدىغان سەن قالدىڭ.
ھازىرقى بۇ گۈزەللەر پۇل كۆرمىسە كۈلمەيدۇ،
پەشلىرىڭنى كېتەي دەپ قاقمايدىغان سەن قالدىڭ.
زەپەر قۇچسام قۇتلۇقلاپ،يېڭىلگەندە يۆلەيسەن،
تۈنلىرىمدە يۇلتۇزدەك چاقنايدىغان سەن قالدىڭ.
بىر - بىرىنىڭ پېيىدە يۈرۈشكەندە بۇ خەقلەر،
ماڭا يامان كۆز بىلەن باقمايدىغان سەن قالدىڭ.
ئاپتورى:مۇھەممەتجان ئەمەت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى