قانداق قىلارمەن
.
.
-مۇھەممەدجان راشىدىن-
.
.
ياشايمەن دۇنيادا سېنى دەپ، ئانا،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟
يۈرىمەن بىر سېنىڭ غېمىڭدە مانا،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟
ئانامنىڭ دېگەنتىم تاپقان پۇلۇمنى،
ئانامنىڭ دېگەنتىم كىيگەن تونۇمنى.
ئانامنىڭ دېگەنتىم تۇتقان يولۇمنى،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟
كەتكىلى بولسىدى ئۆلۈمنى تاشلاپ،
كېتەتتىم يىراققا سېنى ھاپاشلاپ.
ئامال نە؟ يۈرىمەن كۆزۈمنى ياشلاپ،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟
كېتىدۇ بېشىمنى سىلىغان قولۇڭ،
كېتىدۇ جىمىگە چىدىغان قولۇڭ.
ئەمدى يوق ماغزاپقا چىلىغان قولۇڭ،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟
بېشىمدا ساقلايمەن ئەسكى مەسەڭنى،
ئالتۇن، دەپ ئاسرايمەن ياماق كەشەڭنى.
قويۇپ كەت تەۋەررۇك ھاساڭنى،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟
يىپ - يىڭنەڭ قەيەردە؟ ئېيتىپ قوي، ئانا،
ئاخىرقى چايغا ئوت يېقىپ قوي، ئانا.
مەندە يوق سېنىڭدىن ئۆزگە ئوي، ئانا،
سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن؟
.
.
1989 - يىل،25-مارت
مەنبە:<ياخشىلارغا ناخشىلار تولا>دىن