saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 6162 قېتىم كۆرۈلدى
zoklan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4853
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 127
شۆھرەت: 812 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 831 سوم
تۆھپە: 462 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 466 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 588(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 يەجۆش قوپقانمىدۇ؟؟؟

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ilim تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-05-14)
يەجۆش قوپقانمىدۇ؟؟؟
.
  تۇرغۇن نېرىنكىر 
.
كۆپ تەرەقى قىلدۇق بۈگۈن كەتتى بىراق بەخىت توزۇپ،
ئاچ-زارلىققا كۆنۇققۇ بىز لېكىن كەتتى ئەخلاق توزۇپ.
تاپسا روناق بىركىملەر كۆرۈڭ تەڭسىزلىك تەخىت تۇتۇپ،
نىچۈن تىزدىن ئاچمايدۇ ئىشتان يۇرت شۇنچە باي تۇرۇپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قوپقانمىدۇ ئويغۇنۇپ.

ياققۇدەك بىر ئىش تاپالمىدىم كوچا-كوينى ئاختۇرۇپ،
ئوڭدا يېتىپ خەجلەيدىغاننى قويدۇم كىمگە تارقۇزۇپ.
بىراق شۇ نەس بۈگۈن ماڭا بار-يوقىمنى ساتقۇزۇپ،
بۇلغىۋەتتى قەلبىمنى قۇچۇپ پۈتۈن تېنىم ساق تۇرۇپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قوپقانمىدۇ ئۇيغۇنۇپ.

قالمىدى تاغ تېمىزدا چارۋىچى شەھەرنى ماكان تۇتۇپ،
سالدى كۆپ بىنالارنى داڭقىنى يۇرت-يۇرتقا ئاقتۇرۇپ.
كۆردۈمكى كۆپ ئانىلارنى مەن، قىزىغا دىدەك بولۇپ،
بىر كۆزىدە مىڭ پىغان ئۆتۈركەن ئوغۇللىرى ساق تۇرۇپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قوپقانمىدۇ ئۇيغۇنۇپ.

قىز بولۇشنى خالايدۇ يىگىتىم ئادەمنى قورقۇتۇپ،
ئەر بولۇشنى خالايدۇ قىزىم تۇغۇلغانغا تويغۇزۇپ.
جىنسى ئەركىنلىك سالىدۇ چوقان قۇلاققا مۇش ئۇرۇپ،
ھەر قەدەمدە شەيتان ئەدەپ، بىزنى كۇپرىغا پاتقۇزۇپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قوپقانمىدۇ ئويغۇنۇپ.

تويلىرىمىز غەرىپچە، قالدى ئادىتىمىز ئۇنتۇلۇپ،
سەھەردە ئوقىغان نىكا قالدى كەچكىچەڭ مۇڭلۇنۇپ.
بىر سورۇندا كۆپ ساقى ئەجنەبىدەك تولغۇنۇپ،
قالدى ئەخلاق بىر چەتتە يىتىملاردەك شۇمشۇيۇپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قالغانمىدۇ ئويغۇنۇپ.

ئەرلەرنىڭ قۇۋىتى يوق ئولتۇرار ئۆيدە ئانا بولۇپ،
ئايال ئالدىراش كاماندۇرۇپكىدا باشلىققا خوتۇن بولۇپ.
گۇنايى نىمىكىن ئەرنىڭ قاپتۇغۇ تىلى تۇتۇلۇپ،
بولمىسا سالاتتى شۇ خوتۇننى تال چۇۋۇق بولۇپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قوپقانمىدۇ ئويغۇنۇپ.

ئاتا-ئنىنىڭ كۆزىچە يۇرەر قىز-چوكانلار ئوينۇشۇپ،
يىگىت قالدى نەدىكى مەرەز كەلگۇندىگەتۇش بولۇپ.
مەززىسى قالمىدى تاراتقۇلارنىڭ ھەر نىمە قويۇپ،
گايىدا قىزلىق،گايى ئەرلىكنىڭ ئاھ يۈرەكنى مۇجۇپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قوپقانمىدۇ ئويغۇنۇپ.

ئۆزگىلەرنىڭ بايرىمىدا كەتتۇق رېستۇرانغا توشۇپ،
ئەخلەت-چاۋار ھەم لەڭگە-لاۋالار داستىخانغا تولۇپ.
ئەخلاق نىمە، ئېتىقاتچۇ يۇرسە بىزدىن نومۇسلۇنۇپ،
بىز مۇسۇلمان دەپ يۈرۈپتۇقكى شەيتان بىلەن دوسلۇشۇپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قوپقانمىدۇ ئۇيغۇنۇپ.

ئاياللارنى يۇردۇق يېتىلەپ شاتلىقتا ياساپ- جابدۇپ،
يەۋەتكۈدەك باقسا خەقلەر كەتمۇدۇق ئەيىپ قويۇپ.
ئۇيۇتۋەتسە تاڭسا دىگەننى ياتلار بىلەن تۇش بولۇپ،
راسسا ئىچتۇق توي-تۆكۇندە خوتۇنلاردىن خوش بولۇپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۇش قوپقانمىدۇ ئويغۇنۇپ.

بىر ئاتا قوشاركەن قاتارغا ئون بالىنى چوڭ قىلىپ،
بىراق باقالمىدۇق ئون بالا بىر ئاتىنى خوش قىلىپ.
ئايالارغۇ ئۆيدە باشلىق، قالدۇقكى نىچۈك ئالمىشىپ،
بولمىسا قالامتى ئانىمىز يات ئۆيلەردەك خارلىنىپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قالغانمىدۇ تىرىلىپ.

كەتتىكى كۆپ قىز-ئوغۇللىرىمىز خىرىستىيانلىشىپ
چوڭلىرى يۈرگەچكە ھەم بىز مۇسۇلمان دەپ پەسلىشىپ.
دىن دىگەن يەتكۈزىلمىسە ئەخلاق بىلەن زىننەتلىنىپ،
مەززىسى يوق قۇرۇق داۋراڭغا كىم ماڭىدۇ ئەگىشىپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قالغانمىدۇ تىرىلىپ.

كېچە-كۈندۈز يۈرەركەن قىز-ئوغۇللار چىرمىشىپ،
ئەرگە تېگەر شۇ قىزلار بىر كۈن قىزلىقىنى يامىشىپ.
يىگىتلەرمۇ ئالاركەن ماڭلوردىن قالغىنىنى دادلىشىپ،
ھەجەپ ئاسەن پۈتتى ئىشلار پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قالغانمىدۇ تىرىلىپ.

قايسى كېچە، قايسى كۈندۈز بىلمىدۇق ئىچىپ-چېكىپ،
 پۇل بولمىسا گۆرۆگە ئۆي-بىساتنى بېسىپ بېرىپ.
كىم بېرىدۇ بىكارغا زەھەر بولسىمۇ ئېھسان قىلىپ،
قورقماي چەكتۇق بولمىغاندا بىز خوتۇننى تۇتۇپ بېرىپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قالغانمىدۇ تىرىلىپ.

ئېتىقاتتىن يىراقلاشتۇق كونىلىق دەپ نومۇس قىلىپ،
ناماز دىسىكى چەكچەيدۇق قېرىلارنىڭ ئىشى بىلىپ.
ساقال قويۇپ ياغلىق چەگسە ۋاھابى دەپ تۇتۇپ بېرىپ،
قاۋاپ ياتتۇق يۇندا بەرسە تېتىپ كېتىپ مۇجۇق بېقىپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قالغانمىدۇ تىرىلىپ.

ئەرپەي دىسە چۇشەنمەپتىم ئىككىنجى رەتكەن دەپ بىلىپ،
مۇناپىقنىڭ ئىسمىكەن ئەمەسمۇ قويۇلغان ماس قىلىپ.
بىراق مەن ئوخشاتتىم ئۇلارنى ئۇزۇن يىل تەھلىل قىلىپ،
كوچىغا قويۇۋەتكەن بىر توپ ئىشەككە ئاختا قىلىپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قالغانمىدۇ تىرىلىپ.

ياشلىقتا ئويناپ كۈلدۇق قېرىغاندا ئىمان ئېيتىپ،
زاكات ئارماي يىغىپ-چىگىپ نومۇس قىلماي ھەجگە بېرىپ.
يازدا ئالدىراش ساقىت قىلدۇق قېرىغاندا تېپىۋېلىپ،
ھەجەپ ئاسان چۇشتى ئىسلام پەتىۋانى پىچىۋېرىپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قالغانمىدۇ تىرىلىپ.

خەندان ئۇرۇپ سايراپتۇقكى بىر چاغ سەھەردە شاتلىنىپ،
بولغاچ تىلىمىز بىباھا كۆپلەر بىزگە باغلىنىپ.
بۈگۈن نىچۈك قالدۇقكى قاغا-قۇزغۇنغا ئايلىنىپ،
دىۋانى لۇغەت تۇرسا پارلاپ باشقا تىلغا ياللىنىپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قالغانمىدۇ تىرىلىپ.

كىچىك قىزلار دورايدۇ خانىمنى كۆكسىنى دىڭ قىلىپ،
ئوغۇللارنىڭ خىيالى كېزەر قىسقا يوپكىدىن كىرىپ،
نىمە ئويلاركىن بىلمىدىم باغۋەنلىرىم ھەرخىل كىيىپ،
نە كۈتىمىز غۇنچىلاردىن يۈرسەك يوتتىمىزنى ئېچىپ.
شۇڭائويلاپ قالىمەن يەجۆش قالغامىدۇ تىرىلىپ.

ئېنتىرنىت شىۋىرلايدۇ مەسۇملارغا ھىسداشلىق قىلىپ،
18 ياش بولمىساڭ يىراق تۇر دەپ قۇرۇق داپ چېلىپ.
چىقىپ كەلسە ئىچىدىن شەيتان ھىلە نەيرەڭلەر چېچىپ،
مەپتۇن بولدى شەھۋەتكە يۇرگەن بالىلار ئېمىزگە ئىمىپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قالغانمىدۇ تىرىلىپ.

شاتمەن دىسە رەسولىمىز كۆپ مۆھمىندىن پەخىرلىنىپ،
بوغىۋەتتۇق بەچچىداننى ئاياللارنى تۇغماس قىلىپ.
باقالمايمىز دىدۇقمىكىن كۆپ بالىنىڭ رىسقىنى تېپىپ،
چۆجىلىرىنى باقاركەن قۇشمۇ قۇرۇت تۇتۇپ بېرىپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قالغانمىدۇ تىرىلىپ.

قەرىز بەرسەك بىروغا كۆرۈڭ ئۆسۈم ئالدۇق شاتلىنىپ،
ئاشتى پۇللىرىمىز يىلمۇ-يىل ھەسىلەپ ۋە قاتلىنىپ.
ھالال-ھارامنى ئىلغىماي نەپسىمىز قۇيۇندەك ئايلىنىپ،
قۇپارمىز بىركۇن قەۋرىمىزدىن قالغاندەك جىن چاپلىشىپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قالغانمىدۇ تىرىلىپ.

شائىر ئەمەسمەن قالدى   قەلەمنىڭ يورغۇسى چىقىپ
شۇڭا يازدىم كۆڭۈلدىكىنى قاملاشمىسىمۇ تىزىپ.
ئەگەر قالمىغان بولسىڭىز  ئۇشبۇ ئىللەتلەرگە پېتىپ
كەتمەڭ ئەي جان دوستۇم يازغىنىمنى ئۆزىڭىزگە ئېلىپ.
شۇڭا ئويلاپ قالىمەن يەجۆش قالغانمىدۇ تىرىلىپ. 

                                       
تېما تەستىقلىغۇچى : alqondi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-12, 22:10
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(ilim) ئىجادىي
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-12 20:29 |
    karakeqik
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 7021
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 90 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 90 سوم
    تۆھپە: 54 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 54 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بارىكاللا ئنتايىن ياخشى يېزىپسىز، خۇدايىم قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن!
    lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-12 22:46 |
    begir
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6865
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 76
    شۆھرەت: 376 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 378 سوم
    تۆھپە: 226 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 228 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قىيامەت قايىم بولۇش ھارپىسىدا يەجۈجى مەجۈجىلەر تىرىلەرمىش ..ئۇلارنىڭ بىر كالپۇكى ئاسماندا بىر كالپۇكى يەردە بولۇپ زىمندىكى بارلىق نەرسىلەرنى سۈپۈرۈپ دىگۈدەك يەپ كېتەرمىش ...مەغرىپكە بىر تال تۇخۇمنى قويۇپ قويسا مەشرىقتە تۇرۇپ ئۇنى كۆرگىلى بولارمىش ...
    كىشى ئاخىر ئۆلۈپ كېتىدۇ....
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-13 11:45 |
    afrasiyap
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6456
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 40
    شۆھرەت: 200 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 200 سوم
    تۆھپە: 120 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 120 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 59(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    كىچىگىمدە ئاپامدىن مۇشۇ يەجۆش  ھەم  دۇرجال  توغرىسىدا كۆپ ئاڭلايتتىىم،ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئنسانلارنى ئېزىقتۇرىدىغان دۇرجالنىڭ ئېشىكىنىڭ  توقۇمى مەڭڭۈ پۇتمىسىكەن دەپ تىلەيتتىم.
    saltanat
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-13 22:21 |
    ilim

    دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


    UID نۇمۇرى : 35
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 1069
    شۆھرەت: 6861 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 6970 سوم
    تۆھپە: 3845 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3909 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1559(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇشۇ شېئىرنى بىر دېكىلماتسىيە قىلىپ ئاۋازغا ئېلىپ باقساق ھە ؟
    simfoniya
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-13 22:57 |
    iparhan

    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 383
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 636
    شۆھرەت: 3230 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3260 سوم
    تۆھپە: 1934 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1934 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 694(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك شېئىر بوپتۇ . ئەجرىڭىزگە رەھمەت !.........................
    lutun
    پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-13 23:20 |
    anwarkapak
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 98
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 435
    شۆھرەت: 2268 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2289 سوم
    تۆھپە: 1355 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1356 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 271(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

      نېرىنكىردىن يەنە بىر ئىقتىساس ئىگىسى بايقالدى ...  بەك ياخشى يېزىلىپتۇ .
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-14 14:54 |
    yavaatirgul
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 7227
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 80 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 48 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،تىرىشىڭ.....
    saltanat
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-14 15:16 |
    hikmat
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 5113
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 80
    شۆھرەت: 418 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 419 سوم
    تۆھپە: 249 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 250 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 159(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇ يغۇر جەمئىيىتىمىزگە يات لېكىن ئۆزلىشىپ كەتكەن ئىشلارنى،مۇسۇلمان دەپ ئۆزلىرىنى بەزلىشىپ ئىسلامنى چىڭ تۇتقانلارنى بولسا ھەرخىل ئاتلارنى قويغانلارنى ناھايىتى ياخشى قامچىلاپسىز،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
    ozgul munbar
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-14 16:24 |
    menggutash

    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 349
    نادىر تېما : 13
    يازما سانى : 116
    شۆھرەت: 1105 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1159 سوم
    تۆھپە: 592 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 592 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1792(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. شېئىرىڭىزدىن مەسئۇلىيەت ۋە ئىمان تۆكۈلۈپ تۇرۇپتۇ. ياخشىلىققا بۇيرۇپ ، يامانلىقتىن توسۇش مۇسۇلمانلىقنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى.
    ئاللاھ بۇ خالىس خىزمىتىڭىزنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بەرسۇن.
    چ چ:1272497571
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-15 16:30 |
    hunqa
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 7314
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 24
    شۆھرەت: 125 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 125 سوم
    تۆھپە: 74 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 74 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تولىمۇ نادىر  تېما يوللاپسىز !ئەپەندىم .ئوخشۇتۇش ۋە قامچىلاشلىرىڭىز تولىمۇ جايىدا بولۇپتۇ.
    قولىڭىزغا ئاللا كۇچ ئاتا قىلسۇن!
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-15 22:08 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «12»Pages: 1/2     Go
    Bagdax bbs » شېئىر - نەسىرلەر