37ياشلىق "بوۋاي"
2004-يىل 2-ئايدا قۇربان ھېيتتىن كىيىنلا مەن ۋىلايەتلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەركىۋىدە ۋىلايىتىمىزدىكى بىرنەچچە ناھيەنىڭ يېزاخىزمىتىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشتىم. بىز پوسكام ناھيىسىنىڭ يېزىللىرىنى ئارىلاپ، «يىما» يېزىسىغا كەلگەندە، باشقىلار يېزىلىق ھۈكۈمەتتە قېلىپ، مەن ۋىلايەتتىن كەلگەن يەنەبىرنەپەر رەھبەر ئىككىمىز كەنىتلەرنى ئارىلاپ، دېھقانلاربىلەن بىۋاستە كۈرۈشمەكچى بۇلۇپ، نىشانسىزلا ماڭدۇق، چۈنكى بىز كىملەربىلەن كۈرۈشۈشنى ئالدىن بىكىتمەيتۇق. ماشىنا دېھقانلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان بىركەنىتكە كىرگەندە، ماشىنىنى كەنىت ئېغىزىغا توختۇتۇپ قۇيۇپ، ئىككىمىز پىيادە ماڭدۇق ۋە يول بۇيىدىكى بىرئۆيگە ئۈسسۈپلا كىردۇق، ھويلىدا تۇرساق، ئۆي ئىچىدىن «گۈپ-گۈپ-گۈپ...» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. مەن ئىشىكنى چىكىپ، ئىشىك ئېچىلغاندىن كىيىن ئۆي ئىچىگە قارىدىم، بىر بۇۋاي توقماق بىلەن قۇناق سۇقىۋاتقان ئىكەن، بىر ئايال مۇرا ئۇچاق ئالدىغا تاشلانغان ئۆچكە تىرىسىگە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئۇچاققا كىۋەز شادىسى قالىغاچ، بۇۋاي سوققان قۇناقنى غەلۋىر بىلەن تاسقاپ، قۇناق ساقاللىرى ۋە ئەخلەتلەرنى تىرىۋىتىپ، قازانغىلا سېلىۋاتاتتى. بۇھالنى كۈرۈپ ئوبدانلا ھەيران قالدىم، ئارقامدىن كىرگەن رەھبەرمۇ بۇنى كۈرۈپ، ئەجەپلەنگەن ھالدا بۇۋايدىن گەپ سورىدى، مەن ئارلىقتا تەرجىمانلىق قىلىپ بەردىم.
--- تاغا، نېمىش قىلىۋاتىسز؟،--- دەپ سورىدى رەھبەر.
--- ئەتىگەنلىك تاماق قىلىۋاتىمىز،--- دېدى بۇۋاي.
--- قانداق تاماق بۇ؟--- رەھبەر شۇنداق دەپ تۇۋاقنى ئالدى، قازاندىكى سۇ يۈزىدە قۇناق ساقاللىرى لەيلەپ قالغان ئىكەن، قازاندا ھېلىلا سېلىنغا قۇناق قايناۋاتاتتى.دېمەك مانا مۇشۇ ئۇلارنىڭ ئەتىگەنلىك تامىقى ئىدى.
--- ماۋۇتاماقنى مەن چوڭ بۇلۇپ كۆرمەپتىكەنمەن،--- دېدى رەھبەر ماڭا قاراپ،--- سىلەردە مۇشۇنداق كىشى بىلمەيدىغان تاماقلارمۇ بارئىكەن-دە.
مەن بۇخىل تاماقنى كۈرۈپ باقمىغانلىقىمىنى ئېيىتسام، رەھبەر تېخىمۇ ھەيران قالدى.
--- نېمىشقا بۇ قۇناقلارنى تۈگمەنگە ئاپىرىپ، ئۇن تارتىپ، قۇناق ئۈنى بىلەن تاماق ئىتىپ يىمەي، قۇناقنى مۇشۇ پېتىلا قازانغا سېلىپ يەيسىلەر؟
--- ئۇنىڭغا چول تەگمىدى، شۇڭا مۇشۇنداق قىلىپ ئولتۇردۇق، قالدىسىنى ئەتىگىچە تۈگمەنگە ئېلىپ بارارمىز، تۈگمەنمۇ سەل يىراق.
ئۆي ئىچى شۇنداق نامرات بۇلۇپ، ھېچبىر بىسات يوق ئىدى، كىۋەز شادىسىنىڭ تۈتۈنىدىن ئۆي ئچى ئاچچىق بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. رەھبەر ئۆي ئىچىدە تۇرالماي، بۇۋاينى سىرىتقا تەكلىپ قىلدى. بۇۋاي بىر كىچىك بالىنى كۈتۈرۈپ ئارقىمىزدىن ھويلىغا چىقتى.
--- بۇۋا، نەۋرىڭىز بۇيىل نەچچە ياشقا كىردى؟--- دەپ سورىدى رەھبەر مۇشۇنداق گەپ باشلاپ، بۇۋاي بىلەن بولغان سۆھبەتنى داۋام قىلماقچى بۇلۇپ. چۈنكى باشقا يېزىلاردىمۇ رەھبەر ئاۋۋال ئەنە شۇنداق گەپلەرنى باشلاپ ئاندىن رەسمى تېمىغا ئۈتەتتى.
--- نەۋرە كۆرگىنىم يوق تېخى.
--- نېمە، قۇلىڭىزدىكىسى كىمنىڭ نەۋرىىسى ئەمىسە؟
--- مېنىڭ بالام.
بۇجاۋاپتىن ئىككىمىز ھەيران قالدۇق.
--- يالغان گەپ قىلماڭ بۇۋا، ماۋۇتەرەپ ۋىلايەتتىن كەلگەن رەھبەر، سىلەربىلەن ئۈزى كۈرۈشمەكچى بۇلۇپ كىرىشىمىز،--- دەپ ئازراق چۈشەنچە بەردىم، چۈنكى مېنىڭچە بۇۋاي بىزگە سەمىمى ماسلاشمايۋاتقاندەك تۇيۇلغان ئىدى.
--- راست گەپ قىلدىم، بۇمېنىڭ بالام، ئۈچ ياشقا كىردى.--- دېدى بۇۋاي ، بۇۋايدىن سەمىمىلىك چىقىپ تۇراتتى.
رەھبەر ماڭا قاراپ، خەنزۇ تىلىدا:«مۇشۇ ياشتا قانداق پەرزەنتلىك بۇلالايدۇ، قاراپ بېقىڭ، بۇكىشى كەم دېگەندە60 ياشتىن ئاشقاندۇ» دېدى.
--- بۇۋا، ئەمىسە ئۈزىڭىز نەچچە ياش؟--- دەپ سورۇدۇم.
--- بۇيىل خۇدا بۇيرىسا 37 ياش مەن،--- دېدى . بۇنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەيران قالدۇق. بۇۋاينىڭ بۇ جاۋابىدىن رەھبەر تېخىمۇ گۇمانسىرىدى. ماڭىمۇ بۇۋاي بۈگۈن بىزگە سەمىمى بولمايۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى. راىست ئەمەسمۇ، مۇشۇ تۇرقىدا بۇۋاي كەم دېگەندىمۇ 65ياشتا كۈرۈنمەكتە ئىدى. نەچچە كۈندىن بىرى بىز مانامۇشۇنداق يېزىمۇ-يېزا ئارىلاپ، نۇرغۇن دېھقانلاربىلەن كۈرۈشكەن ئىدۇق. ھېچقايسىسى مۇنداق «يالغان گەپ» قىلمىغان ئىدى.
--- بۇۋا، بايا دېدىم، ماۋۇ تەرەپ ۋىلايەتتىن كەلگەن چوڭ رەھبەر بۇلىدۇ، سىلەردەك دېھقانلاربىلەن ئۈزى ھېچكىمنى ئارلاشتۇرماي بىۋاستە كۈرۈشۈپ، سىلەرنىڭ ھالىڭلارنى ئاڭلاش ئۈچۈن كەلدى، مۇمكىن بولسا، راست گەپ قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز،--- دېدىم بۇۋايغا يەنە بىرقېتىم ئەسكەرتىپ.
--- ھەممىسى راسىت گەپ.--- دېدى بۇۋاي قەتئىيلىك بىلەن.
--- كىملىكىڭىزبارمۇ؟--- دېدى رەھبەر ھەيران قالغاچقا. بۇۋاي ئۆيگە كىرىپ كىتىپ كىملىكىنى كۈتۈرۈپ چىقتى. ئارقىسىدىن ئايالمۇ چىققان ئىدى. كىملىكتە مۇشۇ كىشىنىڭ سۈرىتى بارئىدى. يېشى ھەقىقەتەنمۇ 37ياش ئىدى. بىز بۇنىڭغا ئىشەنمەي ئامالىمىز يوق ئىدى. رەھبەر ئايالدىن سورىدى:
--- بۇكىشى سىزنىڭ نېمىڭىز بۇلىدۇ؟
--- يولدۇشۇم،--- دېدى ئايال. شۇندىلا ئەر بايىدىن بىرىقى گەپلەرنى ئايالىغا بىرقۇر دەپ بەردى.
--- راسىت، بۇكىشى بۇيىل 37ياش، بالىمىز 3ياش،--- دېدى ئايال بىزگە قايتا چۈشەندۈرۈپ، --- مەن ئۇزۇن يىل پەرزەنىتلىك بۇلالمىغان ئىدىم، كىيىن ئازراق پۇلنىڭ غېمىنى قىلىپ، ۋىلايەتتە داۋالاندىم، ئۈچ يىل ئاۋۋال ياراتقان ئىگىسى بىزگە مانامۇ شۇ پەرزەتنى ئاتا قىلدى.
بىزيەنىلا بىرخىل شۆبھى بىلەن ياكى ئىشىنىشنى، ياكى ئىشەنمەسلىكنى بىلمەي تۇراتتۇق.
--- ئەمىسە نېمىشقا سىز بۇۋايغا ئوخشاپ قالدىڭىز؟--- دەپ سۇرىدى رەھبەر.
--- بۇنى ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن، ئوننەچچە يىل ئاۋۋال يامان ئەمەس ئىدىم، مانا بارا-بارا مۇشۇنداق قېرىپ بۇۋاي سىياقىغا كىرىپ قالدىمغۇتاڭ،--- دەپ پاتىڭىنى قاشلاپ كۈلدى ئەر.
--- بۇ ئىشقا زادى مېنىڭ ئەقلىم يەتمىدى ،--- دېدى رەھبەر ماڭا خەنزۇ تىلىدا.
بىز يەنە كەنىت خىزمىتى، كەنىت كادىرلىرى توغرىسىدا بۇلاربىلەن پاراڭلىشىپ، قايتىپ چىقتۇق.
يولدا كىتىۋاتقان بىردېھقاندىن، مۇشۇ كىشىنى يەنە سورىدۇق، چۈنكى بىزنىڭ ئىچىمىزدە بىرخىل شۆبھى تېخى يىشىلمىگەن ئىدى. دېھقانمۇ بايىقى «بۇۋاي»نىڭ گەپلىرىنىڭ راسىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
ماشىنىدا ئولتۇرۇپ رەھبەر مۇنداق خۇلاسە چىقاردى:
--- ناچار ئۇزۇقلۇق، تۈگۈمەس ئېتىز ئىشى، ئۈزىنى ياخشى ئاسىرىيالماسلىق، قاتارلىقلار بەلكى ئادەمنى مۇشۇنداق قىلىپ قۇيىشى مۇمكىن، بۇلارنىڭ ئەتىگەنلىك تامىقى ھېلىقىدەك تۇرسا...
شوپۇر گېپىمىزنى ئاڭلاپ، گەپ قىستۇردى:
--- بەلكى بىرەر سۇزۇلما كېسەل بۇلىشىمۇ مۇمكىن.
ماشىنا ئىچىنى بىردەم جىمجىتلىق قاپلىدى، ئېنىقكى، ھەممەيلەن بايىقى «بۇۋاي» ھەققىدە ئويلاۋاتقان ئىدۇق. بۇئىشقا مېنىڭ ئەقلىم يەتمەيتى. راستلا ئېغىر ماشاقەت ۋە ناچار ئۇزۇقلۇق كىشىنى مۇشۇنداق قىلىپ قۇيامدىغاندۇ؟... فىزىلوگىيە نوقتىسىدىن مۇشۇنداق ئىشلارنى ئىسپاتلىغىلى بۇلارمۇ؟
ئەتىسى بىز قاغىلىق ناھيىسىگە كەلدۇق ۋە ئوخشاشلا كەنىتلەرنى ئارىلاپ، دېھقانلاربىلەن كۈرۈشمەكچى بولدۇق. بۇيەردىمۇ بىز خېلى ماڭغاندىن كىيىن يەنە بىر كەنىتكە كىلىپ ۋە بىردېھقان ئۆيىگە كىردۇق. بۇئۆيدە ئۇششاق بالىلارئويناۋاتقان ئىكەن، بالىلار بىزنى كۈرۈپ بىرئايالنى باشلاپ چىقتى. ئايال بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئايالنىڭ قىرىق ياشلار ئىكەنلىكى، يولدىشى كىسەل بىلەن تۈگەپ كەتكەچكە، بالىلارنى ئۈزى بېقىپ كىلۋاتقىنى مەلۇم بولدى.
--- قۇربان ھېيتتا قوي ئۆلتۈرەلىدىڭىزمۇ؟--- دەپ سورىدى رەھبەر. مەن مۇشۇ گەپنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەچ ھەيران قالدىم، مېنىڭچە، قۇربان ھېيتتا قوي ئۆلتۈرەلمەيدىغانلار يوق ئىدى.
--- ياق،--- دەپ جاۋاپ بەردى ئايال،--- يەتتە جىڭ گۆش سېتىۋىلىپ ھېيتنى ئۆتكۈزدۇق.
--- يەتتە جىڭ گۆشنى قانداق بىرتەرەپ قىلدىڭىز؟
--- بىريېرىم كىلوسىدا قۇدامنى پەتىلەتتىم، بىريېرىم كىلوسىدا خۇلۇم- قوشنىلارنى پەتىلەتتىم، بىرجىڭنى بالىلارغا پۇشۇرۇپ بەردىم.
مۇشۇ گەپلەرنى رەھبەرگە تەرجىمە قىلىپ بەرگەچ كۈزۈمگە ياش كىلىۋالدى. ھەرقانچە قىلىپمۇ كۆزياشلىرىمنى سىڭىرەلمىدىم، ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولدىكى، مەن مۇشۇ ياشقا كەپتىمەن-يۇ، ئادەم باريەردە كۈزۈمنىڭ پوتلىسىنى ئېقىتقان بەندە ئەمەس ئىدىم. بالىلارنىڭ جۇل-جۇل كىيىمى، ئايالنىڭ ئۈستى-بېشى كىشىنىڭ ئىچىنى سىيرىيتى. بۇئايال تېخى يېشى قىرىقلارغا ئارانلا بارغان بۇلىشغا قارىماي، نامراتلىقتىن ھالىدىن كەتكەنلىكى كىيىۋالغان كىيىمىدىنلا چىقىپ تۇراتتى، چۈنكى ئاياللار ئادەتتە ئۈزىنى سەلپەل بولسىمۇ تۈزەپرەك يۈرۈشكە ئىنتىلىدۇ. ئەمما ماۋۇ ئايالنىڭ چاپانلىرىنىڭ پەشلىرى يىرتىلىپ ساڭگىلاپ قالغان ئىدى، چاپىنىنىڭ بىر يېڭى يىرتىلىپ چۈشۈپ قالغان ، يەنە بىريىڭى ساق بۇلۇپ، بىرسى ئۇزۇن، بىرسى قىسقا كۈرۈنەتتى. شۇكۈنى ھاۋا جۇدۇن بۇلۇپ، غۇر-غۇر شامال بارئىدى، شامالدا ئايالنىڭ يۈزلىرىنى تۇپا بېسىپ كەتتىمۇ، ياكى ئەسلىدىلا شۇنداقمۇ، ئىشقىلىپ، ئايالنىڭ شامال يالاپ يېرىلغان يۈزلىرىدىن تۇپا تۈكۈلەتتى. قىرىق ياشلىق ئايال دېمەك، تېخى ئەمدى تولغان چاغلىرى ئىدى-دە، ئەمما ماۋۇ ئايالچۇ؟
--- نەچچە قۇدىڭىز بار؟
--- بىرسى بار، چوڭ قىزىمنى كۈزدە تالالىق قىلغان.
بىزبۇئۆيدىكى سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ چىققاندا رەھبەر ماڭا:
--- بۇيەردىكىلەر كۆپ نامرات ئىكەن، بىز يەنە كۆپرەك ئائىللەرگە كىرىپ چىقايلى ،---دېدى.
بۇيەردە بىز ساناپ تۇرۇپ ئون ئائىلىگە كىردۇق. «قۇربان ھېيتتا قوي ئۆلتۈرەلىدىڭىزمۇ؟»دېگەن سۇئالىنى ھەممىسىدىن سورىدۇق، بىرئائىلە تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىشىپ بىر مۇزاينى قۇربانلىق قىلىپ ئۈلەشكىنىنى ئېيتتى، قالغان توققۇز ئائىلە قۇربانلىق قىلالمىغانلىقىنى، ھېيتنى بازاردىن نەچچە كىلو گۆش سېتىۋېلىپ ئۇزاتقىنىنى ئېيتتى.
--- ئون ئائىلىدىن توققۇزى قۇربانلىق قىلالماپتۇ، دېمەك توقسەن پىرسەنىت ئائىلە قۇربانلىق قىلالمىدى دېگەن گەپ،--- دېدى رەھبەر. رەھبەرنىڭ ئاساسى قاتلام خىزمەت تەجرىبىسىنىڭ خېلى ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېسقىلدىم. بىز ناھيىگە كەلگەندە كۆرگەن- ھېسقىلغانلىرىمىزنى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە ئىنكاس قىلدۇق. نامراتلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى جىكىلىدۇق.
ئارىدىن مانايەتتە يىل ئۈتۈپتۇ. ھېلىقى «37ياشلىق بۇۋاي» نىڭ چىرايى ۋەھېلىقى كۈزۈمدىن ياش چىقىپ كەتكەن ھويلىدىىكى ئايالنىڭ پەشلىرى يىرتىلىپ ساڭگىلاپ قالغان جۇل-جۇل چاپىنى كۆزئالدىمدىلا تۇرىدۇ. ئۇلارنى پەقەتلا ئۇنتۇپ كىتەلمىدىم. مەن كىچىكمىدە يېزىدا چوڭ بولدۇم، كىيىن خىزمەتكەچىقىپمۇ نەچچە يىل يېزىلار ئىشلىدىم، ئۇمۇمەن مەنمۇ دېھقان بىلەن ياشاپ كىلىۋاتقان ئادەم، ئەمما دېھقانغا ھەقىقى چۆكمىگەن ، دېھقاننى ھەقىقى چۈشەنمىگەن، دېھقاننىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقى بىلمىگەن ئادەم ئىكەنمەن.
شۇندىن كىيىن دېھقان دېگەن ئىسىم مېنىڭ دىققىتىمنى ئالاھىدە تارتىيدۇ. ئۇلارغا مەندە چۇڭقۇر مۇھەببەت شەكىللەنگەن ئىدى. ھەرقېتىملىق تۈرلۈك ئولتۇرۇش-زىياپەتلەردە ئېشىپ قالغان ئىسىل تائاملارنى كۆرسەملا، ھېلىقى پەشلىرى يىرتىلىپ كەتكەن نامرات ئايال ۋە «بۇۋاي» شۇئانلا كۆزئالدىمغىلا كېلىۋالىدۇ. « ھەي ئىسىت، مۇشۇ تاماقلار ئەجەپ ئىسراپ بوكەتتى-دە، ھېلىقى ئايال چۈچۈرىدەك ئۇششاق باللىرى بىلەن كەچلىك تاماققا نېمىلەرنى يىدىكىن، ھېلىقى «بۇۋاي» يەنە قۇناق قاينىتىپ يىگەنمىدۇ...» دېگەن خىيال كاللامنى ئىگىلەيدۇ.
بۇمېنىڭ ئەمەلى كۆرگەن تەسىراتىم، تۇقۇغان ھېكايە ئەمەس.قەلەم قۇۋىتىم تۈپەيلى بۇماقالىدا شۇچاغدىكى مېنىڭ كۆزياشلىرىمنى چىقىرىۋەتكەن ئەھۋاللارنى ئەينەن تەسۋىرلىيەلمىدىم، بەلكى مەن مۇنداق ئەھۋاللارنى ئىلگىرى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ماڭا تۇيۇقسىزلا بەكرەك تەسىر قىلىغاندۇ. يەرلىكتىكىلەر بۇھالنى كۈندە كۈرۈپ تۇرغاچقا ئۇلار كۈنۈپ كەتكەندۇ، دەپ ئويلايمەن.
2011-يىل 2-ئاي. قەشقەر
مەنبە: ئۈزۈم
[ بۇ يازمىنىeverollدە2012-05-16 14:16قايتا تەھرىرلى ]