murad lutun elan orni
بۇ تېما 539 قېتىم كۆرۈلدى
ilim
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 831
شۆھرەت: 5364 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5475 سوم
تۆھپە: 2999 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3044 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1207(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئانا تىلىم – ئۇيغۇر تىلى (ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار)

ئانا تىلىم – ئۇيغۇر تىلى
ئاپتۇرى : ئانا تىلىم- ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇرنىڭ قېنى.
قېنى نېمە؟ ھاياتلىقى، بارلىقى، جېنى.
مىنىڭ تىلىم مېنى تەۋەللۇت قىلغان، تەمتەم قەدەملىرىمدە مۇزىكا كۈيلىرىدەك زۇۋان ۋە ھېس-تۇيغۇ، ئىزگۈ ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلغان خاسىيەتلىك تىل. ئۇ ئانام روھىدەك پاك ۋە غۇبارسىز تىل. ئۇنىڭ مەنە كەڭلىكىدە خۇددى دېڭىزدىكى يەلكەندەك ئەركىن ئۈزگىنىمدە، ئۆزۈمنى گويا كۆكتىكى قىران بۈركۈتتەك چەبدەس ۋە غالىب ھېس قىلىمەن. ئۇنىڭ بىلەن نەپەسلىنىمەن، ئوزۇقلىنىمەن. ئۇنىڭ بىلەن ئۈزۈمنى ۋە كەڭ دۇنيانى كۆرىمەن. خىيال يىپلىرىمنى كەشتە قىلىپ توقۇيمەن. چۈنكى ئۇ مىنىڭ سۆيۈملۈك تىلىم ۋە دىلىم.
مىنىڭ تىلىم مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ كاپالىتى ۋە ھىمايىچىسى. ئۇ خۇددى كەلكۈن سۈيىدە كۆڭۈل ئېتىزىمغا قۇيۇلۇپ، مېنى قاغجىراق جەزىرىدىن كۆكلەم بەزمىسىگە ئېلىپ كېلىدۇ. مىنىڭ ئەمەس قوۋم-قېرىنداشلىرىمنى ئۆزگىچە ئاھاڭى بىلەن بېزەيدۇ. گويا دۇنيا سەھنىسىدىكى مەشھۇر سەنئەتكارلاردەك خەلقى ئالەمگە تونۇتىدۇ. چۈنكى مىنىڭ تىلىم سەنئەتلىك، مۆجىزىلىك تىل. ئۇ بىر قارىسا تاغ سۇيدەك شوخ ۋە ئويناق تىل. بىر قارىسا تاغ لەيلىسىدەك گۈزەل ۋە سىپايە تىل. بىر دالا تورغىيىنىڭ ناۋاسىدەك يېقىملىق ۋە ساددا تىل. شۇڭىمۇ ئۇنىڭسىز بۇ جاھان ماڭا زۇلمەت تۈن. ئۇنىڭسىز مەن پاڭ. ئۇنۇڭسىز مەن توكۇر. ئۇنۇڭسىز مەن گاچا. ئۇنىڭسىز مەن بىر يېتىم. ئۇنۇڭسىز مەن…
مىنىڭ تىلىم مىنىڭ يىلتىزىم. ئۇنۇڭدا ئەجدادلىرىمنىڭ تەۋەررۈك روھى دۇنياسى يىللار پايانىدا ئاقار يۇلتۇزدەك يېيىلىپ، كۆكلەم جىلۋىسىنى كۆرسەتسە، رېئاللىقىمدا خۇددى بۇلبۇل كەبى يېقىملىق ناۋا ۋە ئاھاڭنى، چۈچۈك تىللىرى بىلەن قۇشلار دۇنياسىنىڭ نەزمىگاھىغا ھۆسن قوشۇپ، ئالەمچە شۆھرىتى ۋە ھېكمىتىنى نامايان قىلىدۇ. ئەۋلادلارغا تارىخنى، ئاتا-ئانىنى، ئىنساننى ۋە ھەممىنى تونۇتىدۇ. بىلمىگەننى بىلدۈرىدۇ، ئۆگىتىدۇ. ئۇلارغا تۈن قوينىدىكى نۇرلۇق ماياكتەك يول كۆرسىتىدۇ. قەلبلەردىن قەلبلەرگە يول ئېچىپ، رىشتىلەرگە مېھىر سۈيىدىن ئابى زەمزەم ئىچكۈزىدۇ.
مىنىڭ تىلىم، شۇنداق بىر قۇدرەتلىك تىلكى، ئۇنۇڭدا ئوغۇز خاندىن تارتىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقىرى، ئەلىشىر نەۋائى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگىچە… ھەممە، ھەممە ئەقىل-ھىكمەت نۇرلىرىنى دۇنيا مەدەنىيىتىگە چاچقۇ قىلىدۇ. شۇ تىل بىلەن خسراۋ دېھلىۋى، شەيخ سەئىدى… لەر سېپىدىن ئورۇن ئالىدۇ. شۇ تىل بىلەن تۈندەك دىللارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلسا، كۆڭلى قارىلارنىڭ زۇلمىتىگە تەۋپىق، ھىدايەت نۇرىنى سېپىدۇ. شۇ تىل بىلەن مېھىر-مۇھەببەتنى، دىيانەتنى، ساداقەتنى ۋە ساپ ھېس-تۇيغۇنى كۈيلەيدۇ، ئۇلۇغلايدۇ، رەزىللىك، ئىپلاسلىق ۋە پاسىقلىقنىڭ گۆرىنى قازىدۇ. يىراقنى يېقىن، دۈشمەننى دوست قىلىدۇ. شۇ تىل بىلەن خەلقىم ئانا تۇپراق قوينىدا يىلتىز تارىتىپ، كۆككە بوي سوزغان كاتتا قامەتلىك دەرەختەك باراقسانلايدۇ، قۇياشقا يېقىنلىشىدۇ. چۈنكى بۇ مىنىڭ تىلىم، روھۇم ۋە دىلىم.
ئۇيغۇر تىلى مەن دېمەك، مەن ئۇيغۇرنىڭ ۋارىسى،
ئۇيغۇر تىلى روھ مۈلكۈم، قارىچۇقۇمنىڭ قارىسى.
مېنىڭ تىلىم بالىغا ئوخشاش تاتلىق تىل. ئۇنۇڭدا بوۋاي، مومايلارمۇ، ئوتتۇرا ياشلىقلارمۇ، بالىلارمۇ، دېھقان-چاۋىچىلار ۋە زىيالىيلارمۇ پىچىرلىشىدۇ. كۆڭۈللىرىدىكى مەقسەت-مۇدىئالىرىنى بىر-بىرىگە ئىزھار قىلىدۇ. ئاشىق-مەشۇقلار ئەڭ يوشۇرۇن، پىنھان ئىچكى سىرلىرىنى كۆڭۈل كۆلىگە تۆكەلەيدۇ. دەردمەنلەر تاغدەك دەرد-غېمىنى، ئىزگۈ تىلەكلىرىنى، مۇڭىنى ساتارنىڭ ئاۋازىدا تىڭشىيالايدۇ. مۇشۇ تىلىم يۇمشاق ۋە مېھرىبانلىق بىلەن، ھۈرپىيىشىپ تۇرغان رەقىبلەرنى پەسكويغا چۈشۈرەلەيدۇ. رەقىبلەرنىڭ قىلىچىنى قېنىغا سولىيالايدۇ. تاشتەك دىللارنىڭ باغرىنى ئېرىتىپ يۇم-يۇم يىغلىتالايدۇ. مۇزلاپ كەتكەن كۆڭۈللەرنى ھارارىتى بىلەن ئىللىتالايدۇ. يېقىشلىقى بىلەن دۇنيانى ئۆزىگە رام قىلالايدۇ. مانا بۇ مىنىڭ تىلىم. شۇڭىمۇ مەن ئانا تىلىم-ئۇيغۇر تىلى بىلەن پەخىرلىنىمەن، سۆيۈنىمەن. ئۇنى قۇياشتەك بۈيۈك ۋە يۈكسەك ئورۇندا كۆرىمەن. جىمى مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقات ئۆزىنىڭ سۈر-ھەيۋىسى، شان-شەرەپلىرى بىلەن ماختانسا، مەن ئانا تىلىم بىلەن ماختىنىمەن. ئۇنى دۇنيادىكى ھەر قانداق نەرسىگە تەڭ قىلمايمەن. ھەتتا بىر تاۋۇشىنىمۇ تۇتىيا بىلىپ كۆزۈمگە سۈرىمەن.
مىنىڭ تىلىم بارلىقىم، ھاياتىم ئۇ ماماتىم،
ساما ئارا ئۇچۇشتا گويا ئىككى قانىتىم.
مىنىڭ تىلىم مېنى بۈگۈنگە ئۇلىغان ئۇلۇغ ۋە ھىممەتلىك تىل. ئۇنۇڭدا ئۆتمۈشمۇ، بۈگۈنمۇ، كەلگۈسىمۇ بار.
ئېھ جانىجان ئانا تىلىم، پاسىبان ئۇيغۇر تىلى. مەن سېنىڭ كېسەلچان ھالىتىڭنى كۆرگىنىمدە نېمىشقىدۇر پىچاق يېگەن ئۆكۈزدەك، قۇمدا قالغان بېلىقتەك تېپىرلاپ كىتىمەن. سىنى سۆيمىگەن، قەدىرلىمىگەن، ئىززەت-ئىكرامىڭنى قىلمىغان تۇزكورلارنىڭ نادانلىقىغا ئېچىنىمەن. ئۇلارنىڭ دۆتلۈكىگە نەپرەتلىنىمەن. چۈنكى ئۇلار ئانىنىڭ قەدرىنى بىلسە ئىدى-ھە، سېنى ھەرگىزمۇ نا ئۈمىدتە قۇيمىغان بولاتتى. ئەمەلىيەتتە ئانا تىلنى سۆيۈش ۋە قوغداش ئۆزىنى سۆيگەن، قوغدىغان بىلەن باراۋەر ئەمەسمۇ؟
ئەگەر بىز سەندىن ئايرىلساق نېمىگە ئوخشاپ قالارمىز؟ بىلىمەن: شاتۇتى دوراش بىلەن بۇلبۇلنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ. سىنىڭ گۈلىستانلىقىڭدا بۇلبۇللار يەنىلا سەن ئۈچۈن ئۇۋا ياسىماقتا. سەن ئۈچۈن خەندان ئۇرماقتا. ئىپتىخار بىلەن سىنى چاقىرماقتا. مانا بۇ مىنىڭ روھۇم. مانا بۇ مىنىڭ تىلىم، مانا بۇ ئۇيغۇر تىلى.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-02-21 11:34 |
alnur
ئىنسانسەن، ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر،بولسۇن ھەم ..

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 62
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 672
شۆھرەت: 3623 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3618 سوم
تۆھپە: 2130 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2139 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 402(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-03-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئانا تىلىڭ__ ئىككىنچى ئېلىڭ.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-21 18:31 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » شېئىر - نەسىرلەر