saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«12345»Pages: 1/5     Go
بۇ تېما 6553 قېتىم كۆرۈلدى
tughluk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3115
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 113 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 114 سوم
تۆھپە: 67 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 68 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بالىڭىزنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇتىسىز؟؟؟

بالىڭىزنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇتىسىز؟؟؟




     بۇ ئەسلى ئىزدىنش تور بېتىگە يوللانغان تېما ئىدى. نېمە سەۋەبتىنكىن ئۆچۈرلۈپتۇ. مەن ئەينى چاغدا ساقلىۋالغان ئىدىم. بۈگۈنكى ئانا تىل بايرىمىنى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن مۇھىم يەرلىرىنى رەتلەپ يوللاپ قويدۇم.

تېما يازغۇچى:
        ئوغلۇم 2-ئايدا 7ياشقا كىرىدۇ،9-ئايدا مەكتەپكە بېرەي دىگەن،ھازىر مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى ‹قوش تىل›،قوش تىل دىيىلگىنى بىلەن ئاساسەن تاق تىل ، خەنزۇ مەكتەپ يا قوش تىل مەكتەپنىڭ قايسىسىغا بىرىش توغرۇلۇق يولدۇشۇم ئىككىمىز بىر قارارغا كەپ بولالمايۋاتىمىز. باللارنى قايسى مەكتەپكە بەرگەن تۈزۈك؟ كۆپچىلىكنىڭ پىكىرنى ئاڭلاپ باققۇم بار.بالامنىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك:ئاناتىل ساۋادى 3 يېشىدىلا چىقىپ بولغان،ئانا تىلدىكى باللارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپ بولدى.سالامەتلىكى ناھايتى ياخشى، تەنتەربىيە چېنىقىش ئىشلىرىنىمۇ ئائىلىدە خېلى چىڭ تۇتىمىز،ماتىماتكىدا 1- سىنىپ باللىرىنىڭ سەۋيەسى بار دەپ ئويلايمز.خەنزۇ تىلىغا كەلسەك، سۆزلەشتىن باشقا يېزىش تونۇش جەھەتلەردە 1000 خەت بىلەرمىكى. بىز ئاساسلىقى ھازىرقىچە ئائىلىدە ئىسلام تەربىيەسىنى ئاساس قىلدۇق.پىكىرلىرى ئۆزگىچە، يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي، جۇغراپىيە ،فىزىكا، خىمىيە بىلىملىرىگە ئالاھىدە قىزقىدۇ.ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى ئالاھىدە ياخشى. بالىمىزنى بىر ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن يولدۇشىم ئىككىمىز ئاز بولمىغان تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. بىراق قايسى مەكتەپكە بېرىش توغرۇلۇق بىر پىكىرگە كېلەلمەيۋاتىمىز. كۆپچىلىكنىڭ ئەركىن ئازادە پىكىر بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

ك نىڭ ئىنكاسى:
مەن بولسام تاق تىل، يەنى ئاناتىل مەكتىۋىدە ئوقۇتاتتىم.
بالىڭىز ھەقىقەتەن ئەقىللىقكەن. ئىشقىلىپ، قانداقلا مەكتەپتە ئوقۇمىسىۇن، چوقۇم تالانتلىق ئادەم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ھەممىمىز قوشتىل، خەنزۇ تىل مەكتەپلىرىگە بەرسە، تاقتىلدا كىم ئوقۇيدۇ؟ تاق تىللىق مەكتەپلەرگە كىرىدىغان بالىلار ئازلاپ كەتسە، ئۇ خىل مەكتەپلەر تەبىئىي ھالدا تاقىلىپ كېتىدۇ. قوشتىللىق مەكتەپلەر بولسا خەنزۇچە مەكتەپلەرگە قوشۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن.
مېنىڭ پەرزىمچە، كەلگۈسى 20- 30 يىل ئىچىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى ئېشىپ بېرىشى، ئۇيغۇر تىلى شىنجاڭدىكى ئەڭ كۈچلۈك تىل ئورنىغا ئۆتۈشى مۇمكىن. شۇڭا، چوقۇم ئۇيغۇرچە ئۆگىتىدىغان مەكتەپكە بېرىڭ. خەنزۇچەنىمۇ تەڭ ئېلىپ ماڭالايدۇ. ئەگەر ساپلا خەنزۇچە مەكتەپكە بېرىپ قويسىڭىز، دەرسلەرنىڭ ئېغىرلىقىدىن، ئۇيغۇرچە ساۋادىنى تەكرارلاشقا ۋاقىت چىقىرالماسلىقى، ئاقىۋەتتە ئۆگەنگەن ئۇيغۇرچىلىرىنى بارا-بارا ئۇنتۇپ كېتىشى مۇمكىن.

بىزنىڭ بۇ يەردە پەقەت ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇ مەكتەپلا بار. 1 ئۇيغۇرچە باشلانغۇچ، 3 خەنزۇچە باشلانغۇچ بار. ئۇيغۇر نوپۇسى ھازىر %15 ئەتراپىدا. 20 يىلنىڭ ئالدىدا %10 مۇ ئىگىلىيەلمەيتتى. پىنسىيەگە چىقىپ كەتكەن خەنزۇلار يۇرتىغا كەتتى، ئوقۇپ چىقىپ كەتكەنلەر خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار قايتىپ كەلمىدى، ئاتا- ئانىلىرى ئۇلارنى پاناھ تارتىپ ئىچكىرىنىڭ چوڭ-چوڭ شەھەرلىرىدە ياشىماقتا. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولغاچقا، يۇرتىمىزغا يېنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئىچكىرە ئىشلەپ قالغان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئاتا-ئانلىرى مەجبۇرىي چاقىرتىپ كېلىپ، تويلىرىنى قىلىۋەتتى.... بۇ يەردە خەنزۇلار 100 مىڭ يۈەن بولمىغىچە بىرەر توينى ئەلقاتارى قىلالمايدۇ. ئۇيغۇرلاردا 10 يۈەن بولسىلا، راۋۇرۇس تويدىن بىرنى قىلالايدۇ. يۇرتىمىزدا خەنزۇ بويتاقلار كۆپ، توي قىلغانلىرىمۇ ئاران 1 بالا ئالىدۇ، ھەتتا بەزەنلىرى بالا ئالماي، ئىت- مۈشۈك بېقىپ كۈنلىرىنى مەنلىك ۋە خۇشال ئۆتكۈزىشىدۇ. قايسى كۈنى، قايسى بىر كۈنى، مەلۇم تىزىملىكتىكى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ساناپ باقتىم. 33 ئۇيغۇرنىڭ 26 بالىسى بار ئىكەن، يەنە 31 خەنزۇنىڭ 10 بالىسى بار ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىماڭ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي دۆلەتلەر ئىتقسادىنىڭ ئېشىشى، مىللىي ئۆزلۈكىنىڭ كۈچىيىشى، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۈچىيىشى ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ جۇڭگو ۋە ئورتا ئاسىيادىكى ئورنى بارغانسېرى ئېشىپ بارغۇسى.
ئەگەر بالىڭىز پەقەت خەنزۇچە مەكتەپتىلا ئوقۇپ قېلىپ، ئۇيغۇرچە بىلمىسە، كەلگۈسىدە خىزمەت تاپمىقى تەس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن جۇمۇ!
مائارىپ ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان بىر قازاق تونۇشۇمدىن تۇققىنى بالىسىنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇتۇش ھەققىدە مەسلىھەت سوراپتۇ.
-بالامنى خەنزۇچەدە ئوقۇتسام بولامدىكىن؟
-سەن ئۆيۈڭدە بىر خەنزۇنى يېتىشتۈرمىسەڭمۇ، 1 مىليارد 200 مىليون خەنزۇ جۇڭگوغا يېتىپ ئاشىدۇ.

د نىڭ ئىنكاسى:
ھەرگىز خەنزۇ مەكتەپكە بەرمەڭ. قايسى مەكتەپتە ئوقۇتۇش مەسىلىسى كىچىك ئىش ئەمەس، ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈر ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. ئۆزىڭىزنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش جەھەتتىكى جاپالىرىڭىزنى ئويلاپ ئالدىراپ بالىڭىزنى خەنزۇ مەكتەپكە بەرسىڭىز، كېيىن پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ زىيان ئەسلىگە كەلمەيدۇ.
ئەڭ ئاددىي مىسال: دادام ئالىي مەكتەپتە خەنزۇچە ئۆگىنىش جەريانىدا قىينالغانمىكىن، ياكى خىزمەتكە چىقاندىن كېيىن باشقا ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا خەنزۇچىنى ياخشى بىلگەننىڭ پايدىسىنى كۆرگەنمىكىن-تاڭ، بارلىق ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىز ۋە بوۋام موماملارنىڭ قەتئى قارشى چىقىشىغا پەرۋا قىلماي، بىزنىڭ ئۆيدىكى 4 بالىدىن 3نى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتتى. (مەن بالىنىڭ چوڭى، ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقىدىم، ئانامنىڭ دادىسى مەسچىتنىڭ ئىمامى ئىدى، مەن 6 ياشقا كىرگەندە ۋاپات بولغان، ماڭا 3 ياش ۋاقتىمدىن باشلاپلا ئايەت يادلاتقان)
مەندىن 2 ياش كىچىك ئىنىممۇ خۇددى سىزنىڭ ئوغلىڭىزدەك ئەقىللىق ئىدى. ئائىلىدە بىر ئوغۇل دەپ ئەتىۋالاپ، دادام ئۇنى كىچىكىدىن باشلاپ كەلگۈسىدە ئەزھەردە ئوقۇتىمەن، كېيىنچە تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ئېلىپ بېرىمەن دەيتتى. ئۇنى ياخشى ئوقۇتۇش ئۈچۈن خەنزۇ مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى. دادامنىڭ ھەر كۈنى دەرسلىرىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى بىلەن 4-سىنىپقا چىققۇچە 3تە ياخشى ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇپ، مۇكاپات ئېلىپ ئوقۇدى. ئىنىم دەرستە ياخشى بولغاچقا ئۇنىڭ كىچىكى 2 سىڭلىمنىمۇ خەنزۇ مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى. دادامنىڭ دادىسى رەھمەتلىك بوۋام قىزلارنىڭ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇشىغا قاتتىق قارشى چىقتى. ھەتتا 2-سىنىپقا چىققۇچە داۋاملىق «خەنزۇ مەكتەپتىن ئاجرىتىپ ئۇيغۇر مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىڭلار» دەپ يالۋۇردى. دادام گەپ ئاڭلىمىدى. ئىنىم 4-سىنىپقا چىققاندىن كېيىن دەرستە چىكىنىپ كەتتى. (ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق ئويناش، بالىلار ئارا گوروھ بولۇپ مۇشتلىشىشقا بىرىلىپ كەتتى). دادام ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپلا ئىنىمنىڭ مەكتىۋىگە باراتتى. تاپشۇرۇقلىرىنى ئۆزى قاراپ تۇرۇپ ئىشلەتكۈزەتتى. ئىنىم ماتېماتىكا تاپشۇرۇقۇنى ئىشلەپ بولدۇم دەپ دادامغا كۆرسەتكىلى ئۇنىماي ئەتىگىنى سىنىپقا بېرىپ باشقىلاردىن كۈچۈرۈپ يۈرۈپتۇ....ئىككى سىڭلىم ياۋاش بولغاچقا ئەلاچى ئوقۇدى. مەن ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقىغىنىم بىلەن خەنزۇچە دەرسلەردە 100 نۇمۇر ئېلىپ ئوقۇدۇم.
ئىنىم ئوتتۇرا مەكتەپتە دەرستە تېخىمۇ چىكىنىپ كەتتى. دادامنىڭ تەنقىدى ئۇنى تېخىمۇ چىكىندۈردى. سىنىپ مۇدىرى ۋە باشقا ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇيغۇر بالىلارغا كۆيۈنمەيدىكەن، ئۇلارغا مىللەتچىلىك قىلىپ، پىسخىك ھۇجۇم قىلىدىغان ئوخشايدۇ، غايىسىز، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، كۆڭلى نازۇك ... ئاجىز چوڭ بولدى. ئىنىم ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىدى. (رېمۇنتىچىلىق دوكىنى ئېچىپ بەردۇق.) ئىنىم توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئاغىينىلىرى بىلەن تۇلا ھاراق ئىچىپ دادامنى بەك قىينىدى. ئۈچ قېتىم توي قىلدى، بالىلىق بولغاندىن كېيىن ھاراق ئىچمەيدىغان بوپتىمىش.
ئىككى سىڭلىم ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكىمۇ چىقتى. (ئەڭ كىچىك سىڭلىمنىڭ يېقىندا تۇيى بولدى، ئۆزىگە ئوخشاش خەنزۇ مەكتەپتە ئوقىغان غولجىلىق بىر خىزمەتدىشى بىلەن توي قىلدى، كىيوغلىمىز دۇختۇرلۇق كەسپىدە دوكتۇرلۇققىچە ئوقىغان قابىلىيەتلىك يىگىت دەپ مەغرۇرلىنىپ ئولتۇرساق، سىڭلىمنىڭ دېيىشىچە، پات-پات ھاراق ئىچىپ مەس يۈرەرمىش. ئۇلار ئۈرۈمچىدە ئىشلەيدۇ، ماڭا خەت يازسىمۇ خەنچە يازىدۇ)
يەنە بىر سىڭلىم خىزمەتتە بەك قابىلىيەتلىك. ئەخلاقىمۇ ياخشى. ھازىرغىچە بىرەر ئوغۇل بالا بىلەن گەپلەشكىنىنى بىلمەيمىز. لېكىن مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمايدۇ، شۇنچە كۆپ لايىق چىقسىمۇ بىرنىمۇ ياراتماي، ئۆمۈر بويى بويتاق ئۆتۈش يولىنى تاللىۋاپتىمىش. ئاتا-ئانام توي قىلغىن دەپ بېسىم قىپتىكەن، بىر ئاخشام ئىشخانىدا قونۇپ، ئۆيگە كەلمەي بىر قورقۇتۇپتىكەن، ئانام-دادام، مەيلى ھايات بولغىنىغا شۈكرى قىلايلى، توي قىلمىسا قىلمىسۇن دەپ كارى يوق.
ئۆتكەن ئاي دادام بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن (كۆرۈشمىگىلى 9 يىل بولغانتى)، ئىككى ھەپتە تۇرۇپ قايتىپ كەتتى. بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى كۆرگەندىن كېيىن، (ئىنىم ۋە سىڭلىم بىلەن سېلىشتۇردى كۆڭلىدە) ئۇلارنى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇتقىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقىنى، بوۋامنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي خاتا قىلغانلىقىنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە سۆزلەپ بەردى. مېنىڭمۇ دادامغا قاتتىق ئىچىم ئاغرىدى. «تەقدىر پىشانە» دەپ تەسەللىي قىلدىم. ئەمما، ئۆزىمىزدە تاللاش ئىختىيارى ۋە پۇرسىتى بار چاغدا توغرا تاللىماي، كېيىن يامان ئاقىۋەتكە قالغاندا «تەقدىر پىشانە» دەپ سالپىيىپ ئولتۇرۇش بىچارىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
(مېنىڭ ئىنىم بىلەن ئىككى سىڭلىمنىڭ ئۇيغۇرچە ساۋادى 10 ياشتىن كىچىك چېغىدىلا چىقىپ بولغان. ئەمما ئۇلار ھېرىپ قالىدىكەنمىز دەپ ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇغىلى ئۇنىمايدۇ. ئىنىم چامباشچىلىق رومانلىرى 武侠小说 غا ئامراق، سىڭلىللىرىم بولسا، مودا كىيىم، تۇرمۇش، ئائىلە توغرىسىدىكى خەنچە ژورناللارغا مۇشتىرى. ئىمان ئېتىقادىمىز بار دەيدۇ، ئىنىم جۈمەدىن باشقا نامازدا يوق، سىڭلىم ئۇزۇن يوپكا كىيىش، ياغلىق ئارتىش دېگەندە يوق. بىزنى دېمىدى دەمسىز؟! ئاتا-ئانام نەسىھەت قىلىپ دېمىگىنى قالمىدى. ئۇلار مېنى كۆرسە «ئاچام بەك خۇراپىي كىيىنىدىكەن» دەپ ياراتمايدۇ. تېلېفوندا گەپ قىلسام، ھازىر ئالدىراش دەيدۇ، خەنزۇچە دىنىي كىتاب ئەۋەتسەم، ۋەزىيەت ئانداق مۇنداق، كىتاب ئەۋەتمە! دەيدۇ. بىز بىر ئاتا-ئانىدىن دۇنياغا كەلدۇق، ئەمما بىرىمىز ئۇيغۇر، ئۈچىمىز خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن پەرقلىق ئىككى دۇنيانىڭ ئادىمى بولۇپ يېتىشىپ چىقتۇق.)
قىسقىسى، بالىڭىزنى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتمىسىڭىزمۇ ئۇ بەرىبىر خەنزۇچىدىن ساۋاتلىق بولىدۇ. (مەنمۇ خەنزۇچىدىن 9-دەرىجىدىن يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئۆتكەنمەن) ئۇغلىڭىزدا ئاڭسىز ھالدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشالمايدىغان بىر روھنى يېتىلدۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىككىلەنمەي ئۇيغۇر مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىڭ.
دادام ھازىر ھەر قانچە پۇشايمان قىلغىنى بىلەن ۋاقىتنى ئارقىغا ياندۇرالمايدۇ!

تېما ئىگىسنىڭ سۇئالى:
خەنزۇ مەكتەپكە بەرگەننىڭ زىيىنى بىلەن قوش تىلغا بەرگەننىڭ پايدىسىنى سېلىشتۇرۇپ پىكەر بېرىپ باقساڭلار.


1. تىلدىن زىيان تارتىدۇ: ئۇيغۇر تۇرۇپ، ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ تېگى -تەكتىگىچە چۈشۈنەلمەيدۇ. ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ئوقۇيالمايدۇ، ئوقۇسىمۇ راۋان ئەمەس. جۇڭگو ئۈچۈن "خەنزۇ"دىن بىرنى ئارتۇق يېتىشتۈرۈپ بېرىسىز. بالىڭىز خەنزۇلارغا ئىسلام ئۆگىتىمەن دەپتۇ. بۇ ئىدىيىسى ياخشى. لېكىن شۇنى بىلىش كېرەككى، بىر تامچە سىياھ دېڭىز سۈيىنى سىياھغا ئايلاندۇرالمايدۇ، بەلكى سىياھمۇ دېڭىز سۈيى بولۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىڭىزنى ئىسلام مۇھىتىدا تەربىيەلەپسىز، ئەگەر بالىڭىز خەنزۇ مەكتەپتە ئىسلام توغرىلىق سۆزلەپ يۈرسە، ئەسلىدىنلا دىنغا ئىشەنمەيدىغان خەنزۇلار تەبئىي ھالدا بالىڭىزنى زاڭلىق قىلىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەيپلىشىگە ئۇچرايدۇ. بۇ چاغدا بالىڭىزغا ئېغىر روھىي بېسىم تېپىپ بېرىسىز. ئۇيغۇرچە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ھەر ھالدا دىننى چۈشىنىدۇ، ھەتتا ئىچكى جەھەتتىن قارشى ئېلىشقا ئۇچرىشى مۇمكىن.
2. ئەخلاقتىن زىيان: ئالدىڭىدا بۇرنىنى تاشلاشتىن، تۈكۈرۈشتىن، ھەتتا ئۇسۇرۇپ قويۇشتىن ھېيىقمايدۇ. يولدا بىرەر بوۋاي ياكى موماي يىقىلىپ قالسا يۆلىمەيدۇ، سىلەر قېرىپ قالساڭلار تۈزۈك باقمايدۇ، بەلكىم ساناتورىيەگە ئەۋەتىپ بېرىشى مۇمكىن. پارە بېرىش ۋە ئېلىش يوللىرىنى پىششىق ئىگىلەيدۇ. يوللاردا قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ يۈرگەنلەرنى "ئوچۇق كەيپىيات" دەپ چۈشىنىدۇ، ھەم ئۇنداق ئىشلاردىن ئانچە ھېيىقىپ كەتمەيدۇ.
3. كۆزدىن زىيان: خەنزۇچە خەت كۆزگە ئىنتايىن زىيانلىق يېزىق. شۇڭا خەنزۇلارنىڭ %90ى ئاساسەن يىراقنى كۆرەلمەي، كۆزئەينەك تاقاپ يۈرۈيدۇ. كۆزئەينەكنىڭ سودىسى دۇنيا بويىچە جۇڭگودا ئەڭ ياخشى. خەنزۇچە ئوقۇغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭمۇ كۆزى ئاجىز. مەن مۇشۇ جەھەتتىكى تەكشۈرۈشنى ھەريىلى قىلۋاتىمەن.
4. روھىي زىيان: خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسى خەنزۇچە، كىملىكى ئۇيغۇرچە بولغاچقا، يا خەنزۇغا يا ئۇيغۇرغا تەۋە بولالماي، ئارسالدىچىلىقتا قالىدۇ. روھىي كەيپىياتىمۇ تۇراقسىز، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، 4 ئۇيغۇرنىڭ ئالدىدا ئوڭشاپ ئىككى ئېغىز ئۇيغۇرچە گەپنى دىيەلمەيدۇ.
5. چوڭ بولغاندىن كېيىنكى ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرىسىگە زىيانلىق: سىلەرغۇ توي قىلىپ، ئويلۈك- ئوچاقلىق بولۇپ ئىشىڭلارنى پۈتتۈرۈپ بولدۇڭلار. بۇ تەغدىر بالاڭلارنىڭكىگىمۇ كېلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ كىم بىلەن ئارىلىشىدۇ؟ توي قىلىدىغان جۆرىسىنى قانداق تاپىدۇ؟ بۇنىڭغا چوقۇم مەلۇم دائىرىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكى كېرەك بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ چەمبىرىكى ئاساسەن خەنزۇلار بىلەن تەشكىل تاپىدىغان تۇرسا، ئۇيغۇر يىگىت- قىزلىرى بىلەن نەدە يۈرەپ، قاچانلاردا ئارىلىشىپ كېتەلەيدۇ؟ ئەگەر بالاڭلار چوڭ بولۇپ بىر خەنزۇنى ئېلىپ كېلىپ، مۇشۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن دىسە، سىلەر بۇنىڭغا رازىمۇ؟ نەۋرەڭلەرگە نېمە دەپ ئىسىم قويۇشۇڭلار مۇمكىن؟
6. مىللەتتىن زىيان: مىللىي ئۇقۇم ئاجىزلاپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدىيىىسى سۇسلاپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى بالىنىڭ سۆزلەيدىغىنى خەنزۇچە، ئوقۇيدىغىنى خەنزۇچە، ئارىلىشىدىغىنى خەنزۇ، ئىدىيەسى كۇڭزىچە ۋە ئاتزمچە بولغاچقا، باشقا نەرسىلەر تەبئىي سۇسلاپ كېتىدۇ.
7. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن زىيانلار بار. مەسىلەن: ئۇيغۇرچە مەكتەپلەرنىڭ تاقىلىپ قېلىشىغا، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشسىز قېلىشىغا، ئۇيغۇرچە مەتبۇئارلارنىڭ ئازلاپ كېتىشىگە، ئۇيغۇرچە رادىئو، تېلېۋزىيەلەرنىڭ يوقىلىپ كېتىشىگە، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ ئىشسىز قېلىشىغا، قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ بارا- بارا يوقاپ كېتىشىگە، ئۆزەڭلارنى بىلىپ - بىلمەي تۆھپە قوشۇشۇڭلار مۇمكىن.
ئۆزەممۇ بەش ۋاق نامازلىق مۇسۇلمان. مېنىڭ نەزىرىمدە، ئۇيغۇرلار ھازىر ئاچا يولغا كېلىپ قالدى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۆز ئائىلىمىزنى، ئۆز ئەتراپىمىزنى، ئۆز تىلىمىزنى، ئۆز مىللىتىمىزنى قوغداشنى مەقسەت قىلماي ئوقۇغان نامازلىرىمىزنىڭ ھېچقانچە ساۋابى بولمايدۇ.

ر نىڭ ئىنكاسى:
خەنزۇچىدا ئوقۇتۇپ نېمە پايدا ؟؟ مەنمۇ تولۇق ئوتتۇرىغىچە ئۇيغۇرچە ئوقۇپ، ئالىي مەكتەپنى خەنچە ئوقۇدۇم (خەنلەر بىلەن بىر سىنىپتا) ، ئوقۇش پۇتتۇرگەندە نۇرغۇن ئورۇنلارغا مەسىلەن ؛ ھاۋارايى ئستانسىسى ، يەر تەۋرەش ئىدارىسى ، سۈپەت تەكشۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىقلارغا بىزنىڭ سىنىپتىكى خەنلەرنى قوبۇل قىلدى ،بىر قىتىم يەر تەۋرەش ئىدارىسىغا خادىم قوبۇل قىلىدىغانلار مەكتەپكە كەلدى ، بىزنىڭ سىنىپتىكى خەنلەرنىڭ تەرجىمھال (تەۋسىيە خىتى ) نى ساقلاپ قالدى ، لېكىن مېنىڭكىگە قاراپ قويمايدۇ ، شۇ خادىم قوبۇل قىلىدىغانلارنىڭ بىرسى بىلەن سوقۇشۇپ قالدىم - ھەي مېنىڭكىنى نېمىشقا ئالمايسەن ؟ ماۋۇ ساۋاقدىشىم بىلەن مىنىڭ پەرقىم شۇ ماۋۇ يىگەن توڭگۇز گۆشىنى مەن يىمەيمەن خالاس ، بىلىپ قوي ، مانىڭ بىلەن مەن بىر سىنىپتا ئوقۇدۇم ، مۇشۇ بىلگەننى مەنمۇ بىلىمەن ، مۇشۇ ئۆتكەن تۆتىنچى دەرىجىدىن(CET-4) مەنمۇ ئۆتكەن ، مېنىڭ نەرىم بولمايدىكەن ؟ دەپلا تۇرىۋالدىم ، ئۇ خەن - مەن خەن قوبۇل قىلىمەن ، مىللىي قوبۇل قىلمايمەن ، نېمە قىلالايسەن دەيدۇ .

يىغىپ ئىيتقاندا ھەرقانچە HSK دا 12- دەرىجىنى ئېلىۋەتسىمۇ ، خەن تىلىنى خەندىن بەكراق بىلسىمۇ ، بەرىبىر ئاخىرىدا ئۇيغۇر توپىغا تەۋە بولىدۇ ، مەمۇرلۇق ،كەسپى ئورۇنلار ئىمتاھانىدا يەنىلا مىللەت ئايرىلىپ ئشقا ئورۇنلىشىدىغان گەپ ، شىنجاڭدا خىزمەتنى قابىليەتلىكلەر ئەمەس مىللەت تەركىبى قىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالىمەن بەزىدە .
ئانا تىلدا ئوقۇتۇڭ . خەنزۇچە ئاخىرى ئۆگىنىلىپ كېتىدۇ ....

ب نىڭ ئىنكاسى:
تېما ئىگىسى سىزگە ۋە بالىڭىزغا بەكمۇ ئېچىندىم، سىزدىكى تەھلىل قىلىش بەكلا ‹‹ئەمىلىلەشكەن›› بىر خىل تەھلىل ئۇسۇلىكەن، بىچارە بالىڭىزنى ھېلىمۇ يەتتە يىل قىيناپ چىققاندەك تۇرىسىز، نېمانداق بىچارە بالىدۇ ئاۋۇ دەپ قالدىم يائاللا..
گەپلىرىم ئېغىر كەتمىگەي، مەن سىزگە يەنە بىر خىل ئەكسىچە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنى قالدۇراي. (مۇنۇ گەپلىرىمنى ئېغىر ئالماي، خاپا بولماي ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈپ بېقىڭ)
1.بالىڭىزنى خەنزۇ تىلى مەكتەپكە بەرسىڭىز ئالدى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى خەنزۇلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن بىر نارەسىدە بالىچىلىك ھەسسىڭىزنى قوشقان بولىسىز .خەنزۇلار خەنزۇ تىلىنى دۇنيا تىلى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ھەتتاكى تارىخنى قايتىدىن يېزىپ دۇنيا مەدەنىيىتىنى خەنزۇ مەدەنيىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشقا كۈچەيدۇ،جۇڭگونىڭ تەبىيئى بايلىقى ئارقىلىق دۇنيانىڭ پەن-تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمدىن كەلگەن بايلىق مەنبەسىنى قارا قويۇق باستۇرۇۋېتىشكە دۇنيانىڭ زاپاس بانكىسى بولۇشقا تىرىشىدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قارا چەمبەر ھاسىل قىلىشقا تىرىشىدۇ، بۇلار ئىجادى بايلىق ياكى ئىجادى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى غايەت زور سانلار بايلىقى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن كۈچەيدۇ، بۇلار بىر تال ئۇرۇقچا ئارقىلىق باغۇ بوستان بىنا قىلىشقا ئەمەس، بەلكى ئاسمان-پەلەك شاخ-شۇمبا ئارقىلىق ئەسلىدىكى مۇنبەت تۇپراقنى بۇزۇپلا ئورمانلىق پەيدا قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا ئۇلار ھېچ بولمىسا خەنزۇ تىلىدىن بىر تال خەتنى ئارتۇق بىلگەن ئادەمگە موھتاج. ھېلىمۇ سىز بالىڭىزنى يەتتە يېشىدىلا 1000 تال بىلگۈدەك قىپ بوپسىز، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بۇمۇ خېلى يېتىپ ئاشىدۇ.

2. خۇدا يوق دەپ قارايدىغان قەۋم ئۈچۈن (دۇنيا نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان قارا بىر توپ ئۈچۈن) بىر ئاق قەغەزنى قارا سىياھ ئوكيانىغا چىلاپ بېرىسىز، كۈندە سىز ئۇنى ئاشۇ قارا سىياھ ئوكيانىغا چىلاپ قۇيۇپ كەچتە يېنىپ كەلسە ئۇنى يەنە ئاقارتىمەن دەپ ئاۋارە بولىسىز تاكى سىز ئۆلۈپ بالىڭىز سىزنى گۈنسەيگە سېپ كۆيدۈرگۈچە. چۈنكى بالىڭىز خەنزۇلار بىلەن ئارلىشىپ يۈرۈپ قىسقىنىغا نەچچە ھەپتىدىلا ئېتقادىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ، چۈنكى خەنزۇلار ئېتقادنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ، بىلىشنىمۇ خالىمايدۇ، ئۇلار مۇسۇلمانلارنى زوراۋان ياكى دۆت كۆرىدۇ، ھەرگىزمۇ ئېتقاد دېگەننى ئويلاپ يەتمەيدۇ. مۇشۇنداق بىر توپنىڭ ئىچىدە بالىڭىز كۈندە 50 ۋاق ناماز ئوقىسىمۇ ئېتقادسىز ئوقۇيدۇ، ئېتقادىم بار دېگەندىمۇ بۇ ئېتقادقا قارا چاپلاشقان ھالىتىدە بولىدۇ.پاكىزە بولمايدۇ. سىز بالىڭىزنى خەنزۇ مەكتەپكە بېرىۋېتىپ ئۇنىڭغا يەنە دىنىي بىلىم ئۆگىتىشىڭىزنىڭ قىلچە ھاجىتى قالمايدۇ، چۈنكى ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە مۇسۇلمان بەك ئاز ياكى يوق دېيەرلىك، ئۇيغۇرلاردا دىنىي ئىلىم ۋە دىنىي ئېتقاد بەكلا تۆۋەن، ھەتتاكى يوقنىڭ ئورنىدا دېيەرلىك.(ئۆزىمىزنى ئېتراپ قىلايلى قېرىنداشلار) مۇشۇ ھالىتىدە تۇرۇپ يەنە بالىڭىزنى ئۇيغۇر بالىلىرىدىن ئايرىپ ئاشۇ قەۋىم ئىچىگە ئاپىرىپ تاشلاپ بېرىش نۆۋەتتە بالىڭىز ياشاۋاتقان ئەسلىدىكى ئىنتايىن تۆۋەن دىنى مۇھىتنى ئاساسەن يوق قىلغانلىق بىلەن باراۋەر خالاس، شۇڭا بالىنى خەنزۇ مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىپ بوپ سىزنىڭ يەنە قايتا دىنى ھەققىدە ئويلىشىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

3.دۇنيانىڭ زاۋۇتى ئۈچۈن يەنە بىر ماشىنا تەغدىم قىلغان بولىسىز، بالىڭىز بىر ئۆمۇر بۇ زاۋۇت ئۈچۈن بىر ماشىنا بوپ ئاخىرى زاپچاسلىرى كونىراپ،چۇۋۇلۇپ ھالىدىن كەتسە كېتىدۇكى ھەرگىزمۇ ماشىنا ياسىغۇچى بولالمايدۇ. تاكى بالىڭىز شۇ قەۋىمدىن ئەبىدىلئەبەت ئايرىلمىغۇچە...چۈنكى سىز،بىزلەرگە ئۆز قەۋمىنىڭ ئاڭ قۇرۇلمىسىدىن تەدىرجى تەرەققىي قىلىپ كەلگەن كۈچلۈك ئەقلى تەپەككۇرگە ئىگە بىر ئەۋلاد لازىم، يادىملا ماشىنىسى( ھەممىنى يادىلاپ تەھلىل قىلىش تىپى) ياكى تەرتىپ ماشىنىشى (كېچە كۈندۈز مەكتەپ تۈزۈمىگە ياكى ئائىلە تۈزۈمىگە بويسۇنۇش تىپى)لازىم ئەمەس. بالىڭىز يېتەرلىك ئەقلى تەپەككۇرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئاتايىن مەكتەپ تاللاش، دەرس تاللاش، مۇھىت تاللاش كەتمەيدۇ، ئۇنىڭغا مۇشۇ مىللىي مەدەنىيەت ۋە مۇشۇ يىللار بىلەن تەڭ بولغان ئۇيغۇرلارغا خاس پىكىر ئالماشتۇرۇش، تەھلىل قىلىش مۇھىتى بولسىلا يېتەرلىك.

4. سىز بالىڭىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا ئۇنى ئادەملارنىڭ ياكى ئىسلامنىڭ ئاڭ فورمۇلاسى بىلەن ئەمەس ھايۋاناتلارنىڭ ئاڭ فورمىسى بىلەن تەربىيلەشنى ئاساس قىلغاندەك تۇرىسىز، سىزنىڭ تەربىيلەش ئۇسۇلىڭىز ۋە نۆۋەتتىكى خىيالىڭىز بويىچە بولغاندا ھايۋاناتلارنىڭ كۈچلۈكلىرى ئاجىزلىرىنى يەيدىغان، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىللىگەنلەر (ھەرقانداق ۋاستە تاللىماي) تاللىنىپ، قالغانلىرى شاللىنىدىغان..بىر خىل كۆز ئالدىمىزدىكى مۇھىتتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىللەش ئۈچۈن بالىڭىزغا خېلى كۆپ ۋاستىلەرنى قوللىنىپ باققاندەك يەنە قوللانماقچى بولغاندەك تۇرىسىز، لېكىن ئادىمىيلىك ۋە ئىسلامنى ئاساس قىلغان بالا تەربىيلەش ئۇسۇلى بەئەينى دەرەخنىڭ يىلتىزى بىلەن يوپۇرمىقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشايدۇ. يىلتىز تۇپراق،سۇ ۋە قۇياشتىن قوبۇل قىلغان ئوزۇقنى پۈتۈن شاخ-يوپۇرماقلىرىغىچە قوۋزاق ئارقىلىق يەتكۈزىدۇ، بۇ مۇناسىۋەت ئىنتايىن زىچ باغلاشقان بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ئوتتۇردىكى بىر شېغىنى سۇندۇرۇپ سېرىق ئوت چۆپنىڭ قېشىقا چوقۇپ قويمايدۇ. شۇڭا سىز بالىڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت، ئاڭ قۇرۇلما، ھەرىكەت..ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دائىرىسنى ھەقىقىي ئادىمى ۋە ئىسلامى قانۇنىيەت بىلەن ياخشى بېكىتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ، ھەرگىزمۇ ھايۋاناتلارنىڭ كۈچلۈك،ئاجىزلىق قانۇنيىتى بويىچە تەھلىل قىلماڭ. ئۇنداق بولمىغاندا بالىڭىز بۇ ئۆمرىنى يا ھايۋاناتلارنىڭ قانۇنيىتى بىلەن يا ماشىنىنىڭ قانۇنيىتى بىلەن تاماملىشى مۇمكىن. (بۇ ھەقتىكى گەپ سۆزلەر ئەمىلىيەتتە مۇنداقلا ئاددىي كىچىك ئەمەس ئىدى، لېكىن ۋاقت قىسلىقىدىن ئاران مۇشۇنچىلىك ئىزاھلىيالىدىم.)

5. بالىڭىزنى خەنزۇ مەكتەپكە بەرسىڭىز خەنزۇلارغا بىر كىشىلىك ئارلاشما پۇراق قوشۇپ بەرگەن بولىسىز. بۇ نېمە گەپ ئەمدى دېگەندە، خەنزۇلار جىقراق چىققان كوچا ئابتوبۇس ياكى يىغىن زالىغا كىرىپ پۇراپ باقسىڭىزلا بىلىسىز، سىز بۇ پۇراقنى ئاددىيلا قانداقتۇر چوشقا گۆشى ياكى شۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك،كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ پۇرىقىمىكى دەپ قالماڭ، ئەمەلىيەتتە بۇ پۇراق ئۇلارنىڭ شۇ توپقا (شۇنداق بىر پۇراق چىقىرىدىغان توپقا) تەۋە ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى، بالىڭىز ئۇدا ئۈچلا ھەپتە مۇشۇ توپ ئىچىدە يۈرۈپ باقسۇن، ئاندىن خاتىرجەم بالىڭىزنى ھىدىنى پۇراق بېقىڭ، ياخشىراق ھېس قىلسىڭىز سىزنىڭ بۇ يەردە دىمىقىڭىزغا ئۇرۇلىدىغىنى قانداقتۇ خەنزۇلارنىڭلا پۇرىقى ئەمەس بەلكى چوشقا گۆشىنىڭ (دىنىي نۇقتىدىن -ھارام)، ئوسۇرۇقنىڭ (تاھارەت نۇقتىسىدىن - ھارام)،ماڭقا-تۈكۈرۈكنىڭ (پاكىزلىق نۇقتىسىدىن- ھارام)،دىنسىزلقىنىڭ (ھارام-ئاللاھ بىزنى كاپىرلاردىن يىراق قىلغاي)،ئېتقادسىزلىقنىڭ (ھارام-ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئەقلى-ئېقادىنى زىيادە قىلغاي)، ھاياسىزلىقنىڭ (ھارام-خەنزۇلار بىلەن ئارىمىزدىكى قىز ئوغۇللۇق ئەخلاق نىزامىدىمۇ ئاسمان زېمىن پەر با)،شەيتاننىڭ (ھارام–شەيتان كاپىرنىڭ ئەي يېقىن قېرىندىشىدۇر.)….دېمەك بۇ ئارلاشما پۇراققا، بۇنچە كۆپ ھارام پۇراققا مەپتۇن بولۇشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق، ھازىر يولدىشىڭىز بىلەن بالىڭىزنى خاتىرجەم پۇرىيالايسىز، ئەتىلىككىچۇ؟ ئۆگۈنچۇ؟ ..بۇ ئارلاشما پۇراق پەقەت پۇراق نۇقتىسىدىنلا دېيىلىۋاتقان گەپ ئەمەس، بۇ نۇقتىنى ئوبدانراق ئويلىشىڭ.

6. مۇھىت پەرقى
7. پەن–تېخنىكا پەرقى
8. ئەقىل پاراسەت، تەھلىل،تەپەككۇر پەرقى..
9. ئىقتىساددى ئۈنۈم پەرقى
10. خىزمەت،تەمىنات،ئىجتىمائىي ئۈنۈم پەرقى….

ۋاي بولدىلا يازسام بۇ گەپلار بەك بەك جىقلاپ كەتكۈدەك. مەن سىزگە يەنە تۆۋەندىكى مىساللارنىمۇ كۆرسىتىپ باقاي..ئۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ..

بالىڭىزنى قىينىماپسىز، بەلكى بالا بۆشۈكىدىلا تۈگىشىپتۇ،بىچارە بالا..نېمىشقا دېمەمسىز، بالا سىزدىن قانچە قېتىم نېمە ئۈچۈن؟ نىمىشقا...دەپ سوراپ باقتى، قانچە قېتىم مەسىلە ھەل قىلىپ باقتى..بۇنى ئۆزىڭىز بىلىسىز، ھازىر سىزدىكى بالا تەربىيلەش ئۇسۇلى مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان تەربىيلەش ئۇسۇلى، بۇ خىل تىپتا تەربىيلەنگەن بالىلارنىڭ ئالدى تۆت ياشتىلا كەينى 70 ياشقىچە جەمىيئەتتە سۆرۈلۈپ يۈرگىنى يۈرگەن ، يېڭىلىق يوق، ئۆگىنىش، قىزىقىش..بىلەنلا ماشىنىدەك ئۆتۈپ كەتكىنى كەتكەن، شۇڭا تەرەققىي قىلغان بىر قىسىم دۆلەتلەر دۆلىتىمىزنىڭ تەربىيلەش ئۇسۇلىنى،مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئەخلەت قاتارىغا چىقىرۋەتكەن..خالاس،
ئۆگىنىش،قىزىقىش مەسلىسىگە كەپ قاپسىز؟ دۇنيادىكى ئەمەس ئۈرۈمچىدىكى بىلىم غەزىنىسىنى مىسالغا ئالساق بىر بالا ئانا قورسىقىدىن باشلاپ كۈنىگە 16 سائەت بۇ كىتاپلارنى ئوقۇش، بۇ بىلىملەرنى ئۆگىنىش،ئىگىللەش،قىزىقىش بويىچە ماڭسا 70 يىل ئۆمۈر كۆردى دېسەك، مۇشۇنداق 70 يىل ئۆمۈر كۆرىدىغان 学习机 ياكى 复读机...دىن نەچچىسى قانچە ئۆمرىدە مۇشۇ بىلىم غەزىنىسىنىڭ %1 نى ئىگىللەپ بولىشى مۇمكىن...بۇنىمۇ بىلمەيسىز ئەمەس بىلىسىز،
بالا مىڭ كىتاپ ئوقۇپ بولغىنى ئەۋزەلمۇ ياكى نېمە ئۈچۈندىن راۋرۇس بىرسىگە جاۋاپ تاپقىنى ياخشىمۇ؟ ئۆگىنىش، قىزىقىش يامان ئەمەس لېكىن ئۇنى مەلۇم يۆنىلىش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئويلاشقىنىڭىز خاتا ئەمەس، ئىنتايىن ياخشى ئىش، لېكىن ئۇسۇل بىلەن ئاڭدا مەسىلە بەك ئېغىر.
سىزدىن يەنە سوراپ باقسام ئەگەر رايونىمىزدا خەنزۇلار ئۈچۈن خىزمەت ئەۋزەللىكى بولماي ئالتۇن تېزەكلەيدىغان ئات-ئېشەكلەر ئۈچۈن سىياسەت ئوڭ كەلگەن بولسا بالىڭىزنى ئېغىلغا ئاپىرىپ بېرەمتىڭىز؟ ئەگەر بالىڭىز ئوغۇل بولماي قىز بولغان بولسا خىزمەت مەنپەئىتى ئۈچۈن خەنزۇلارغا ياتلىق قىلامسىز؟؟...
ئەمەلىيەتتە سىز ئوتتۇرغا قويغان مەسىلە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تەۋە بولغان نورمال بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئوتتۇرغا قويىدىغان مەسىلە ئەمەس، لېكىن سىزدە مەنپەئەت خاراكتېرلىك جاھىللىق كېسىلى باركەن، مەن بۇ ھالەتتە سىزگە نېمىلا دېسەم ئۇ گەپنىڭ سىلەرگە ئۆتىدىغىنىغا ئىشەنچىم قالمىدى، كونىلار ئۆتمىگەن پىچاقنى غىلاپقا سال دەيدىغان گېپى بار. مەنمۇ ئالدىراشچىلىقتا گېپىمنى ئىخچام قىلاي، كەچلىككە بالىڭىزنىڭ ئالدىغا بىر قاچا تاماقنى قويۇپ، ما تاماقنى نېمىشقا بۇ يەردە يەيسەن دەپ سوراپ بېقىڭ نېمە دەيدىكىن؟ ...
بالىلار ئۆگىنىشكە ئەمەس، نېمە ئۈچۈنگە بەكرەك قىزىقسۇن، بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالدىدا ئەمەس تەڭتۇشلىرىنىڭ، ئوخشاش تىپلىقلارنىڭ ئالدىدا بەكرەك يېتىلسۇن، بالىلارنى ئاتا ئانا ئەمەس، تەڭ ياشتىكى، تىپتىكى بالىلار بەكرەك داڭلاپ باقمىسۇنمۇ؟
....
مەن كىچىكلىكىمدە ئۆيدىن بەكلا كىچىك ئايرىلغان،ئوقۇش جەريانىدا تولىراق ئاسان باشقۇرغىلى بولىدىغان، گەپكە كۆندۈرەلەيدىغان بالىلار ئاساسەن مۇشۇ ئاتا-ئانىسى بەكرەك تەربىيلىۋەتكەن بالىلار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا كىچىكىدىلا ئاتا ئانىسى تەرىپىدىن ئەۋلىياغا، پادىشاھلارغا ئايلاندۇرۋەتكەن بالىلار تولىمۇ كۆپ ئىدى. 12 يىل ئاساسەن باشلىق بوپ ئوقىدىم، بۇ خىل بالىلارغا داۋلى چۈشەندۈرسىڭىز ئۇلار سىزنىڭكىنى توغرا دەپ ھېساپلا قالسا كەينىڭىزدىن قالماي سوكۇلدايتى، شۇڭا مەن بۇ خىل ئەۋلىيا،پادىشاھلارغا تولىمۇ ئامراق ئىدىم، ئۇلارغا ئاۋال نېمە ئۈچۈن قايسى ئىشنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى ئوبدان چۈشەندۈرەتتىم، ئۇلار نېمە ئۈچۈندىن بەكرەك ئۆگىنىشكە قىزىقاتتى، مەندەك ئۆگىنىشتىن بەكرەك، نېمە ئۈچۈنگە قىزىقىدىغان كەپسىز شۇمتەك ئۈچۈن 30-40 ھەتتا بىرەر يۈز پادىشاھ-ئەۋلىيانى يىغىپ خىزمەت قىلدۇرۇش راسلا بەك كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى، ھې ھې...ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى بالدۇر تۈگەپ قېلىپ ھاڭۋېقىپ قالغانلىرىمۇ بار ئىدى...
گەپ نەدە ؟ ئاتا-ئانىلار مەنپەئەت خاراكتېرى بىلەن بالا تەربىيلىگەن بولغاچقا ئۇ بالىلىرى ئۆيىدە ئەۋلىيا،پادىشاھ بوپ كەتكەن، تالادا گاڭگىراپ قېلىشقان.. بالىڭىز ئەسلى 5-6 ياشلاردىلا ئۇنى مۇمكىن بولسا ئۇيغۇرلارلا ئولتۇراقلاشقان سەھرالارغا، ئېتىزلىقلارغا، تاغلارغا قويىۋەتكەن بولسىڭىز، ئىسسىقتا كۆيۈپ، قىشتا توڭلاپ، تالا تۇزدە ئانچە مۇنچە تاياق يەپ يارلىنىپ، سۇ توشۇپ، ئوتۇن يېرىپ، كالا بېقىپ(كۈنىگە بىر ئىككى سائەت كىتاپ ئوقۇپ، تىل ئۆگەنسە بولىدۇ،مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ)..تەربىيلەنگەن بولسا ھازىرقىدىن 10 ھەسسە ئەقىللىق چوڭ بولار بولغىيتى..بالا كىچىك تۇرۇپلا كومپيۇتېردا،لۇغەتتە، كىتاپ جازىسىدىلا تۇرسا بولىدىغان بىر توپ يېڭىلانمايدىغان ئۆلۈك، تەييار نەرسىلەرنى مېڭىسىگە قۇيغىلى تۇرۇپسىز..ئەمدى 9-ئايدىن باشلاپ خەنزۇ مەكتەپ قۇيىدۇ، كېيىن جەميئەتتىكى ھەرساھە ئورۇن قۇيىدۇ، بالىڭىز كۆلچەككە ئوخشاش قاياقتىن سۇ كەلسە شۇ ياقتىن ئوخچۇپ ئۆمرى ئۆتكىنى ئۆتكەن.
بۇ ئەۋلاد تەربىيلەشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ئەمەس، بالا ئىنتايىن ئەركىن ئازادە،جانلىق چوڭ بولىشى كېرەك، ئۇ توختىماي ھەرخىل ئەمەلىي ھادىسىلەر ئۈستىدە مىڭلىغان نېمە ئۈچۈنلەرنى ھەل قىلالايدىغان تەھلىل قىلىش قابىليىتى بويىچە تەربىيلىنىشى كېرەك. مۇقىم بىر كەسپى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىش كېرەك. فىزىكا،خېمىيە، ماتىماتىكا، خەنزۇ تىلى...ھەممىنى بىلىشنىڭ قىلچە ئەھمىيتى يوق، بىر ئىشقا ياكى كەسىپكە زور ئىشتىياق بىلەن كىرىشكىنى ياخشى، قالغانلىرى بۇ ئىش ئۈچۈن پەقەت بىر ۋاستە خالاس. بالىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن بەك بەك باش قاتۇرۇپ كېتىش ئاخماقلىق خالاس، نېمىشقا دەمسىز، سىز بىر جەمىيئەتكە ۋەكىللىك قىلالمايسىز، بالىلار مۇشۇ جەمىيئەت ئىچىدە تەربىيلىنىدۇ، پىشىپ يېتىلىدۇ، كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بوپ چوڭ بولىدۇ، شۇنىڭغا ئىشەنچ قىپ ئانچە مۇنچە سۈرۈشتۈرۈپ قويسىڭىز بولىدۇ، بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش، تەھلىل قىلىش، مەسىلىلەرنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئانچە مۇنچە ياردەم قىلسىڭىز بولىدۇ، بالىڭىز ھەرگىز سىزگىلا تاينىۋالمىسۇن. ئۇنى ئەقىللىق، بىلىملىك (كىتاپ جازىسى) قىلىپ تەربىيلەشنى ئاساس قىلماي تەدبىرلىك (مەدەنىيەت ۋە جەمىيئەتنى ھېس قىلالايدىغان) ياراملىق ئادەم قىپ تەربىيلەشنى ئاساس قىلسىڭىز بولىدىغۇ؟؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپ ئايرىش، تىل ئايرىش، مەدەنىيەت ئايرىش..كەتمەيدۇ. پەقەت شۇ كۆپرەك نېمە ئۈچۈنلەرگە جاۋاپ ئىزدىسە بولىدۇ، قويۇق مىللىي مۇھىت ۋە مىللىي مەدەنىيەت دائىرىسىدە ياشاپ ئەتراپتىكى باشقا مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىم ئىلغار تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ كېيىن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي ھاياتىغا ئادەتتىكىچە بىر ۋاستە قىلىپ تاللىسا بولىدىغۇ؟..
ئەمدى مەن گەپ قىلماي، قولۇم ئىشتا ئىدى، ئەسلى ما يۇقارقى ئىنكاسنى يوللىماقچى ئەمەس ئىدىم، باشقا بىر نەرسە تەييارلاتقان ئىدىم، لېكىن بولدى ئۇنىمۇ يوللىماي، ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر مۇنچە ۋاقت تەھرىرلىسەم بولغۇدەك..قالغان گەپلەرنى ئۆزىڭىز ئويلىشىپ بىر ئىش قىلارسىز، بالىڭىزنىڭ تەغدىرى ئۆزىنىڭ قولىدا، جەمىيئەت تەرىپىدىن تاۋلىنىدۇ، سىز ۋە مەكتەپ پەقەت بىر ۋاستە خالاس..
ھەرقانداق ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشلاردىن بىرى ئۆزى تەۋە بولغان مەدەنىيەت (شۇ قەۋمنىڭ يىلتىزى)

س نىڭ ئىنكاسى:
ب دېگەن تورداش
جەنۇپتا مىللەت تەركىۋى ئاز بولغاچ ھەم ئۇيغۇرلار 96%دىن يۇقۇرى نىسبەتنى ئىگەللىگەچكە سىلەر شۇنداق ھىس -تۇيغۇلىرىڭلارنى ساقلاپ قىلىۋاتقان بولۇشۇڭلار مۈمكىن.بىز تەرەپتە خەنزۇچە ئاساسى جەھەتتىن ئومۇملىشىپ بولدى. دوختۇرخانە، بانكا قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۇيغۇرچە يىزىق يوق.مانا بىزنىڭ ئىدارىدىمۇ بىرەر پارچە ئۇيغۇرچە ماتىريال يوق، مىللى باشلىقلارمۇ خەنزۇچە يىغىن ئاچىدۇ. بىزدىن چوڭلار يىغىندا ئولتۇرۇپ بىر ئىغىز گىپىنى چۈشەنمەي، چىقىپ يىغىندا نىمە دىدى دەپ بىزدىن سورايدۇ.
بىرنەچچە ئۇيغۇرچە مەكتەپلەرنى خەنچە مەكتەپلەرگە قۇشۇپ بولدى. ئەڭ ئىچىنىشلىق بولغىنى ئەزەلدىن ئۇيغۇرچە ئوقۇپ ، ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتۈپ كىلىۋاتقان مۇئەللىملەرنى بىرەر ئىككى ئاي كورۇستا ئوقۇتۇپ، خەنزۇچە دەرس ئۆتۈشكە سالدى. نەتىجىدە نىمە بولدى؟ قايسى كۈنى كىتاپخانىدا 3-يىللىقنىڭ قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇيدىغان بىر قىزنىڭ ئاپىسى ماڭا «قىزىم بىر كىتاپنى تاپالمايۋاتىدۇ تىپىشىپ بىرىڭە «دىگەن «نىمە كىتاپكەن »دىسەم «زىبيەن»دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى «زىديەن»دۇ «لۇغەت» ئىلىڭ مانا دىسەم ، «ياق ، مۇئەللىم زىبىيەن »دىگەن دەپ مۇئەللىمگە تىلىپون ئۇرۇپ سورىدۇق. ئەسلىدە «شىنخۇا لۇغىتى»ئېلىڭلار دەپتىكەن. بىزنىڭ باللار بۇنداق لۇغەتتىن نەچچىنى ئىلىپ بولدى.
مۈمكىن بولسا بۇنداق ھەممىنى ئىنكار قىلىۋەتمەي، پايدىلىق تەرىپى ھەم زىيانلىق تەرىپىنى سۆزلەپ مۇنازىرە قىلغان بولساق ياخشى بولاتتىكەن. بۇنداق كەسكىن ئۇيغۇرچە ئۇقۇتۇش كىرەك دەۋەتساڭلار قايسى مەكتەپتە ئوقۇتىمىز بولمىسا شۇ ئۇيغۇرچە مەكتەپ؟يېزا قىشلاقلارغا ئىلىپ چىقىپ ئوقۇتامدۇق يا؟
مىنىڭ بالاممۇ ئۆز ۋاقتىدا بەك شوخ ئىدى. بىرىنچى يىللىققا كىرمىگەن چاغدا، ئۇيغۇرچە مەكتەپنىڭ رەسىم كورسىغا ئەكىرىپ بەرسەم. مۇئەللىمنىڭ ئۇ يەر بۇيىرىنى تۇتۇپ، باشلىرىغا بىرنەرسىلەرنى تاشلاپ يۇرۇيدۇ. كىيىنچە خەنزۇچە ئوقىغاندىن بۇيان، يۇۋاشلاپ كەتتى. چۈنكى دەرس جىق. بالىلار ئازراق جاپا تارتقانغا نىمە بوپتۇ؟ ھازىر شەھەرلەردە كۆتىرىدىغان سۇ ، يارىدىغان ئوتۇن يوق، جاپا تارتقۇزماي «ئاقنانچى» قىلىپ تەربىيەلىسەك بولماس يەنە؟
خەنزۇچە مەكتەپلەرنى كارخانىچىلار قوللامدۇ ئىشقىلىپ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئىلغار، مۇھىتى ، شارائىتى شۇنداق ياخشى. ئۇيغۇرچە مەكتەپلەر قاچانلا قارىسا نامراتچىلىقتا ۋايساپ يۈرگىنى يۈرگەن.شۇنداق ياخشى شارائىتتىن باشقىلار بىزنى پايدىلانما دىمىگەندىن كىيىن نىمە قىلىمىز جىق ئىشلارنى ئويلاپ.
ئاندىن مىنىڭ بالام خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 5يىلدىن بۇيان پەقەت مەنلا باشقىچە ئەندىشىلەرنىڭ قوربانى بولۇپ كەلدىم دىسەممۇ بولىدۇ. بالام نىڭ دەپ بىرىشىچە ، بىرىنچى سىنىپ چىغىدا تازىلىق قىلىۋاتقان چىغىدا بالام يەرگە چۈشۈپ كەتكەن نان پارچىسىنى ئىلىپ ئىگىز يەرگە قويۇپ قويۇپتىكەن.ھەممىسى ھەيران قىلىشىپتۇ. كىيىن بىر مۇزاكىرىدە سىنىپ تەربىيەچىسى بۇ ئىشنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى ئەخلاق پەزىلىتى توغرىلىق نۇرغۇن سۆزلەپتۇ. شۇندىن كىيىن باشقا خەنزۇ بالىلار يەردە نان پارچىلىرىنى كۆرۈپ قالسا ئىلۋىتىدىغان بولۇپتۇ. بالامنىڭ سىنىپىغا بىرىپ قالسام، ساۋاقداشلىرىنىڭ بالامنى ئورىۋىلىپ قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈمەن. يەكلەش دىگەن نەرسە يوق. يەنە مىنى تۆۋەنكى قەۋەتكىچە ئۇزۇتۇپ چىقىدۇ ئۇ بالىلار كوچا- كويلاردا كورۇپ قالسا «پالانچى ئاپا ياخشىمۇسىز»دەپ ئەخۋال سوراپ كىتىدۇ. ھازىرغىچىلىك بىرەر قالايمىقان گەپ قىلدى دەپ كەلگىنىنى بىلمەيمەن. ئوغلۇم بەك بەڭۋاش بولسىمۇ، يەسلىدىن تارتىپ خەنزۇ مۇئەللىملىرى « شوخ بالا ئەقىللىق بولىدۇ.بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق مىجەزىنى ياخشى كۆرىمىز » دەيتى. ھىيت بايراملاردا مۇئەللىمگە ئۆيدىكى ساڭزا پىرەنىكلەرنى ئازراق ئاپىرىپ بەرسە ، شۇنداق خوش بولۇپ يەپ كىتىدىكەن. شۇنىڭدىن قارىغاندا قالايمىقان گەپنى بىزلا قىلىمىزكەن دەپ قالىمەن.

پ نىڭ ئىنكاسى:
بالىنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئەركىنلىكى، ھوقوقى. ئۆزەڭلار ئويلىغىنىڭلار بۇيىچە قارار قىلساڭلار بۇلىدۇ. لىكىن بىرنەچچە ئىش چۇقۇم ئىنىق بۇلۇشى كېرەك.
ھازىرقى دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىدىن كۆپ ئادەملەر رازى ئەمەس. كەمچىلىكلىرى بىر تالاي. بالا تەربىلەشتىكى يىتەرسىزلىكلىرى ھەممە ئادەمگە ئايان. ئۆزگەرتىشنى خەنلارمۇ كۆپلەپ تەكىتلەۋاتىدۇ. مۇشۇلارنى بىلىش كېرەك.....
ئەگەر خەنچە ساۋادى چىقىشنى مەقسەت قىلسىڭىز قوش-تىل مائارىپى يىتەرلىك. مەيلى خەنچىنى قانداق ياخشى سۆزلىسۇن، خىزمەت ئىزدىگەندە مىللىي تەركىۋى بۇيىچە ماڭىدۇ. ئېنىق قىلىپ خەن مىللىتىنى ئالىمىز دىگەن ئورۇنغا باشقىلارنى ئالمايدۇ. خەنچە سۆزلەش ئاقمايدۇ.
خەنچە مەكتەپلەردە شاراھىت ياخشى. لىكىن بۇنى بىۋاستە نەتىجە بىلەن باغلىۋالماڭ. توردىكى ئىسمى يىزىلغان دوكتۇرلارنىڭ قانچىسى خەنچە مەكتەپتە ئوقۇپتىكەن ساناپ كۆرۈڭ؟ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقانلارنى ساناپ كۆرۈڭ؟ شىنجاڭ بىلەن ئىچكىردە ئوقۇغانلارنىڭ ئاسپىراتلىققا ئۈتۈش سانىنى ساناپ بېقىڭ. ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ساناپ بېقىڭ؟ جەمىئەتتىكى ئۆزئالدىغا ئىگىلىك تىكلەۋاتقانلارنى ساناپ بېقىڭ؟ (ئەلۋەتتە، خەنچە ئوقۇغانلارنىڭ ئاز بۇلۇشى بىر سەۋەپ بۇلۇشى مۇمكىن ).
مىللىي ئاڭ دىگەن ئاستا-ئاستا سىڭىدىغان جەريان. ناخشا، شئېرلاردەك يادلايدىغان جەريان ئەمەس. كىچىك ۋاقتىدىكى جەريان ئەڭ مۇھىم. كىيىن تۇلۇقلىۋالىمىز دەپ قارايدىغانلار بار. لىكىن بۇنىڭغا بىر مىسال يوق. كىيىن تۇلۇقلىيالمىغانلارغا مىسال كۆپ. بىر دوستۇم پەقەت باشلانغۇچنى خەنچە ئوقۇغان، كىيىنكى ئوقۇشلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار بىلەن. ئۇيغۇرچە ھىكايىلەرنى، ماقاللارنى ياخشى يازىدۇ. لىكىن ئاغزىنى ئېچىپ گەپ قىلسىلا چانىدۇ. 30نەچچە ياشقا كىردى. ئۆزگەرتەلمىدى. يەنە ئادەملەر ئويدە تەربىلىۋالىمىز دەپ قارايدۇ. بۇمۇ ئاجىز، مىسال ئاز. ماركىزىمنى چۇقۇم بىلىسىز، ئادەم جەمىيەتنىڭ مەھسۇلى. ئائىلىڭىز جەمىيىتىدە قانچە ئادەم بار؟ مەكتەپتە قانچە ئادەم بار؟ ئۆيدا پىكىر قىلىدىغان ۋاقىت قانچىلىق؟ مەكتەپتە قانچىلىك؟ بۇلارنى بىلىش كېرەك.
ئۇيغۇر باللار بىلەن ئوقۇسا، مىللەتنى تۇنۇش پۇرسىتى كۆپ بۇلىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالىمىز، دىھقانلىرىمىزنىڭ كۈنى .... جىق ئىشلارنى چۈشۈنۈشكە پۇرسەت بۇلىدۇ. خەنچە ئوقۇسا ئاڭلايدىغىنى- -- ئىچكىردىكى ئوغۇرلۇق قىلىش، ئاق سېتىش، ..... مۇشۇ ئىشلار. باشقىلار بىلەن مۇنازىرلىشىش ئۇچۇن، تىل بىلىشتىن ئاۋال، مۇنازىرلەشكىدەك، جۈرئەت، تۇنۇش، غورور بۇلۇشى كېرەك.
خەنچە مەكتەپلەرنىڭ يىغىدىغان پۇلى كۆپ، بىر سىنىپتا 30 ئوقۇغۇچى بولسا 10نەچچە باشلىق بار، سىنىپ ئايرىمچىلىقى بۇلۇپلا قالماي، ياتاق ئايرىمچىلىقلىرى بار. گەپ تولا....

ئې نىڭ ئىنكاسى:
بۇ تېمىدىن ئۇبدان مەنپەئەت ئالدىم، مۇشۇنداق رېئال مەسىلىدىن بىرنى ئوتتۇرىغا قويغان كەۋسەر خانىمغا رەھمەت. بۇ تېمىغا ئەستايىدىل پىكىر قاتناشتۇرغان، بىخۇتلىشىۋاتقان كاللامنى سىلكىپ قويغان تورداشلارغىمۇ كۆپ رەھمەت.

مەنمۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپ مۇشۇ توغرىسىدا گەپ چىقىپ قالسا، كەلگۈسىدە مەن بالامنى چوقۇم ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇتىمەن، خەنزۇۋانلار ھەرقانچە ئەتىۋار بولۇپ كەتسىمۇخەنزۇۋان قىلمايمەن دەيىتتىم، ئۇ ۋاقىتلاردا قوش تىل دەيدىغان گەپ يوقتى، بارا-بارا قوش تىل پەيدا بولدى، ئۇۋاقىتلاردا چوقۇم ئۇيغۇرچە ئوقۇتىمەن، قوش تىلدا ئوقۇتمايمەن دەيىتتىم، ئەمما كىم بىلسۇن ۋىلايىتىمىز چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەپ قوش تىلنى شۇنداق تېز ئۇمۇملاشتۇردىكى بىراقلا 3- باسقۇچقا سەكرەپ، مېنىڭ بالام مەكتەپ يېشىغا كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە بىرمۇ ئۇيغۇرچە دەرىس بېرىدىغان مەكتەپ بولمىغان ھالەتكە يەتتى، دەسلەپتە ساددىلىق قىلىپ، دىيىشىمەن، بىر مىللەتنىڭ ئۆز تىلىدا دەرىس ئاڭلاش ھوقۇقى بولمىسا قانداق بولىدۇ، بىزگە چوقۇم تاللاش پۈرسىتى بىرىشى كېرەك، دەپ ئويلاپ يۈردۈم، مانا ھازىر بالام ئوقۇش يېشىغا يەتتى،
كىم بىلەن دىيىشىمەن، ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىلەنما؟ ۋىلايەتنىڭ ۋالىيسى بىلەنما؟ ياكى رەئىس بىلەنمۇ؟ ئۇلارنىڭ قولىدىن تەدبىر بەلگىلەش كىلەمدۇ؟ بىزنىڭ ئاتىمىز بولغان، بېشىمىز بولغان، يۆلىكىمىز بولىدىغان ئادەملەرنىڭ قولىدىن كەلمىگەن، ئەكسىچە قوللاۋاتقان ئىشتا مەندەك بىر يالاڭتۆشنىڭ ئاجىز ئاۋازى كىمگە ئاڭلىنىدۇ؟
مانا ھازىر كەينىمگە بىر قەدەم يېنىپ، قوش تىل بولسىمۇ ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇتىمەن دەپ يۈرۈپتىمەن، ئارىلىقتا بەزى ئورۇق تۇققانلارنىڭ، بالىسىنى خەنزۇ مەكتەپكە بەرگەن ئۇيغۇر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئاغىنىلىرىمنىڭ ، خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپنى چۈشۈرۈپ، خەنزۇ مەكتەپكە قىزىقتۇرۇپ قىلغان بەزى گەپلىرى بىلەن سەل ئىككىلەنگەنمۇ بولغانتىم. بۇ تېمىدىكى بەزى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ كاللام قاتتىق بىر سىلكىندى، بالام ھەرقانچە خەنزۇ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ ئالىم بولۇپ كەتسۇن، ئامېرىكىدا دوكتۇر بولۇپ كەتسۇن، ئۇيغۇر بۇلالمىسا ئۇنىڭ نېمىگە پايدىسى؟؟؟

غ نىڭ ئىنكاسى:
ئاتا-ئانا بوپ تۇرۇپمۇ پىكرى قاتمىغان ئادەملەر خېلى باركەن ئارىمىزدا.. ئاتا-ئانىسى شۇنداق بولسا بالىسى قانداق بولار؟بىر ئائىلە كىشىلىرى شۇنداق بولسا ھېلىمۇ شىنجاڭدا مىللىي مائارىپنى پۈتۈن ئەمەلدىن قالدۇرۋەتسە بولغۇدەك تولۇق ماتىرىيال تەييار بولايلا دەپتىمۇنېمە؟ بۇنداق تەييار تىپ، ماتىرىيال تۇرسا قارار قىلغۇچىلار ئۈچۈنمۇ ياخشى ئىسپات.
تۆۋەندىكىلەرنىمۇ ئويلىشىپ بېقىڭلار
بىر نورمال بالا قورساقتا تۆرىلىپ 3-ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇنىڭغا جان كىرىدۇ، جان كىرىش بىلەن تەڭلا چوڭ مېڭە ۋە يۈرەك يېتىشلىشكە باشلايدۇ. بالا تۇغۇلغۇچە چوڭ مېڭىنىڭ (ئەسلىدىكى ئاپئاق يۇمران يىپسىمان توقۇلمىلارنىڭ) سىرتتىن ھېس قىلالايدىغان تەسىرى نامەلۇم، ئاۋاز،تىۋىشلاردىنلا ئىبارەت، چوڭ مېڭىدە ھېچقانداق ئېرسى ئەقىللىق ياكى دۆتلۈك..بۇنداق ئامىللار ئاساسەن مەۋجۇت بولمايدۇ، لېكىن بالىنىڭ تېنى يەنىلا ئاساسى جەھەتتىن ئاتا بىلەن ئانىنىڭ ئېرىسى ئامىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ، بالا تۇغۇلۇپ 3-ئېيىدىن باشلاپ تاكى ئىككى يىلدىن تۆت يىلغىچە ئاڭلاش ۋە كۆرۈش سېزىمىدىن شەكىللەنگەن ئۇقۇملار چوڭ مېڭىگە ئورناشقا باشلايدۇ. تىل، رەڭ، تەم، ئاۋاز، ھاۋا،شەكىل...ھەممىسى شۇنىڭ ئىچىدە. ئۇنىڭدىن كېيىن بالا ئۆزىنڭ كىمنىڭ بالىسى، قايسى ئائىلىگە تەۋە..ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ھەققىدىكى ئۇقۇمغا 6-يېشىغىچە ئاساسەن تولۇق بىلىپ كېتەلەيدۇ. 6 يېشىدىن 9 يېشىغىچە ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ھەرىكەت (ياشاش) دائىرىسى، تەۋەلىكى...قاتارلىق ئۇقۇملارنى ئاساسەن بىلىپ كېتەلەيدۇ. 9-يېشىدىن 15-ياشقىچە بولغان ئارلىقتا بالا ئائىلە، مىللەت،دۆلەت،مەدەنىيەت.. ۋە باشقا ئىجتىمائى، تەبئىي..مەسىلىلەرنى ئاساسەن بىلىپ يېتەلەيدۇ. 15-يېشىدىن باشلاپ ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلار(كەسىپ،كېيىنكى ياشاش نىشانى،يۆنىلىشى..قاتارلىق ئىشلار) بىلەن شۇ ئىشىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇغۇللىنىشقا باشلايدۇ. 18 يېشىدا بالا ئائىلىسىدىن ئىدىيە جەھەتتە ئايرىلىپ پۈتۈنلەي دېگۈدەك مۇستەقىل كۆز قاراشقا ئىگە بولالايدۇ.
بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى %90 دىن ئارتۇق بالا باشتىن كەچۈرىدىغان تەبئىي جەريان ھەم چوڭ مېڭىنىڭ ئەڭ ئاددىي نورمال تەرەققىياتىمۇ بالىدا شۇنچىلىك ئەقىل ۋە تەدبىر پەيدا قىلالايدۇ دېگەن گەپ، بۇ جەرياندا ئاتا - ئانا بولغۇچى بالىسىنى سولاپ قويمىسىلا، بەش ئەزاسى ساق بولسىلا، باشقا نورمال بالىلاردەك ھەرىكەت دائىرىسىگە ئىگە بولسىلا 15 ياشقىچە بالا كەسىپ تاللاپ كېيىنكى ھاياتىدا شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي ھاياتىنى باشلىسا بولغۇدەك ئەقىل ۋە تەدبىرگە ئېرىشەلەيدۇ دېگەن گەپ..
15 ياشقىچە بولغان ئارلىقتا ئالاھىدە جىق نەرسىلەنى ئۆگىتىۋېتىشنىڭ، بالىنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىشنىڭ، بالىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە بەك جىق ئويلىنىپ تىرىشىپ كېتىشنىڭ قىلچىمۇ ھاجىتى يوق، پەقەت دىن ۋە قانۇن بەلگىلىگەن دائىرىدە ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسىلا بولىدۇ.. بۇ جەرياندا بالا ئۈچۈن ھېچ قانداق ئالاھىدە بىر ئوخشىمايدىغان تىل ئۆگىنىش مۇھىتى، قىزىقىش،ئۆگىنىش مۇھىتى بولۇشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى بومايلا قالماستىن بەلكى بالىنىڭ ئۆزىنى، ئائىلىسىنى، مىللىتى،دۆلىتىنى، مەدەنيىتى، قىزىقىشى..قاتارلىق تەرەپلىرىنى تەبئىي بىلىپ يېتىشكە باشلىغان نۇرغۇن تۇيغۇلىرىنى چەكلەپ، بوغۇپ تاشلاپ جەمىيئەت ئۈچۈن بىر غەيرى تىپ (ھېچنىمىگە تەۋە ئەمەس، ھېچنىمىگە ھېساب ئەمەس پەقەت تىل ۋە كەسىپ ئالاھىدىلىكىلا بولغان، ماشىنىنىڭ ھېسياتىغا ئىگە بىر غەلىتە تىپ) ھاسىل قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا بالا 15 ياشقىچە ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىكى مىللىي مائارىپ (توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپ) ئىچىدە تەبئىي يېتىلگىنى ياخشى.

يەنە بىرى خەنزۇ تىلى شۇنچە مۇھىممۇ؟
ئەلۋەتتە ھەقىقەتەن مۇھىم، لېكىن 15 يېشىدىن باشلاپ ھەر كۇنى ئەتىگىنى پەقەت 25 مىنۇتلا ئۇدا ئۈچ يىل خەنزۇ تىلى ئۆگەنسە 18 يېشىدا خەنزۇلاردەك بىلىپ كېتەلمىسىمۇ قېلىشمىغۇدەك ھالىتىگە كەپ قالىدۇ، ئىنگلىز تىلىمۇ شۇ، بەك بومىغان يېرىگە كىچىك ئېىلكترونلۇق لۇغەت سەپلەپ بەرسەكمۇ بولىدۇ، لېكىن بالىنى تىلنىڭ جازىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان بىر تاللاش. بالىغا قوش تىل ياكى باشقا ئالاھىدە تەربىيلەش ۋاستىسى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرلۇق سۈپىتى بىلەن قانداق تىرىشىش،نەتىجە يارىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويساقلا كۇپايە.
بالىغا ئائىلە تەربىيسىى بېرىش شۇنچە مۇھىممۇ؟
ئەلۋەتتە ھەقىقەتەن مۇھىم.لېكىن ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى سىزنىڭ بۇ ئائىلىڭىز جەمىيئەتنىڭ ئەڭ كىچىك بولغان بىر ھۈجەيرىسى خالاس، سىز بالىنى ئائىلىدە پادىشاھ، مەكتەپتە ئەۋلىيا قىلىۋەتسىڭىزمۇ بالىڭىز بۇنداق كىچىك بۇلۇڭدىن تولۇق ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ ئىگىللىگەن بىلىمى بىلەن بالىڭىز جەميئەتتە پەقەت پىكرى،تۇيغۇلىرى،كىملىكى، ئۆزلىكى، مەدەنىيىتى، مەۋجۇتلۇقى بوغۇلغان بىر غەيرى تىپ سۈپىتىدە مەيلى قەيەرگىلا بارسۇن بوغۇلۇپ ياشاش ھالىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ، بۇنىڭغا مىساللار كۈرمىڭدۇر. بالىڭىزغا ياخشى مەسئۇل بولسىڭىزلا، قانۇننىڭ، دىننىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەيدىغان ئاڭلىق بىر بالا قىلىپ تەربىيلىسىڭىزلا بولىدۇ، قالغان بىلىملەرنى بالا يەنىلا جەمىيئەتتىن ئۆگىنىدۇ. شۇڭا بالىغا نېمە ئۈچۈن تىرىشىپ ياشاش كېرەكلىنى ئۆگىتىپ قويسىڭىزلا قالغىنى ئارتۇقچە ياكى ئەھمىيىتى يوق.
بالىنىڭ ئەقىللىق بولىشى شۇنچە مۇھىممۇ؟
ئەلۋەتتە مۇھىم، ھەقىقەتەن ھېچكىم ئۆز بالىسىنىڭ ئەقىلسىز چوڭ بوپ قېلىشىنى خالىمىسا كېرەك، لېكىن ئۇنۇتماڭ ئەقىل، بىلىم،تەدبىر( ماۋۇ ئۈچىمۇ ئايرىم ئايرىم ئۈچ ئۇقۇم).. پۈتۈنلەي دېگۈدەك جەمىيئەتتىن كېلىدۇ، جەمىيئەت قاتلام–قاتلام تىپ، تەبىقە(تەبىقە ھازىرمۇ خېلى ئوبدانلا مەۋجۇت،بايلىق–نامراتلىق، كۈچلۈكلۈك–ئاجىزلىق..جەمىيئەتتە ھېلىھەممۇ مەۋجۇت،كېيىنمۇ شۇ) ، مەدەنىيەت،ئۆرپ ئادەت.. قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. بالا مۇشۇ جەمىيئەت قوينىدا (ئائىلە ۋە مەكتەپ مۇشۇ جەمىيئەتنىڭ كىچىككىنە بىر ھۈجەيرىسى خالاس) ئۆزلىكىدىن تەبئىي تەرەققىي قىلىدۇ، بىلىپ يېتىدۇ، چۈشىنىدۇ، مۇستەقىل كۆز قاراشقا ئىگە بولىدۇ. بولۇپمۇ مىللىي مائارىپتىكى بالىلار تىرىشچان، قەيسەر، غورۇرلۇق،تەدبىرلىك..ھەقىقىي ئۇيغۇر خسلىتىنى ھازىرلاشتا بەك زور رول ئوينايدۇ. ئەقىللىق دېسە مانا مۇشۇ خىل تىپىتىكىلەرنى دېسە بولىدۇ. ئائىلىدە ياكى مەكتەپتە ياكى خىزمەتتە بەك بىلىپ كەتكەنلەرنى ۋاي بىلىملىككەن دەيدىغان جاھان 90–يىللاردىلا قالغان بولسا كېرەك. جەمىيئەتنىڭ ھەر خىل قاتلاملىرىدا ئۆزىنىڭ تولۇق مىللىي ئالاھىدىلىكى ، مىللىي مەدەنىيىتى، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كىملىكى بىلەن ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالىغان ئاشۇ ئادەملەر دۇنيانىڭ نەرىگىلا بارسۇن يەنىلا ئەقىللىقتۇر.

ئۇيغۇر ئاتا–ئانىلىرى بالىلىرى ئۈچۈن بەك غەم يەپ كېتىدىكەن، ئۆزۋاقتىدا مېنىڭ ئاتا–ئاناممۇ شۇنداق ئىدى،مېنىمۇ ئالتە ياشقا كىرە كىرمەيلا ساۋادلىق قىلىپ كىتاپلارنى ئوقىغۇدەك قىلىۋەتكەن ئىكەن. 80–يىللاردا بالدۇر ساۋادلىق بولۇشمۇ مودا بولسا كېرەك، مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقىدىم، كىچىكىمدىن چوڭ بولغۇچە ئۆي بىلەن مەكتەپتىن باشقا ئىشلارغىمۇ بەكرەك قىزىقاتتىم، بولۇپمۇ ئەتراپمىدىكى بالىلارنىڭ خىلمۇ–خىل تۇيغۇلىرىغا،ئارزۇ–ئارمانلىرىغا بەكرەك ھەمدەم بولاتتىم.
15 ياشقا كىرگۈچە باشلىق بوپلا ئوقۇپ، خېلى ئىشلارنى بىلگۈدەك بولغاندا ھېس قىلسام 15يېشىمغىچە ۋاقتىمنى باكا ئۆتكۈزگەندەكمۇ ھېس قىلىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن تولا قېرىشىپ قالاتتىم، مەن مانى ئۆگىنىمەن دېسەم ئۆيدىكىلەر (ئاپام ئوقۇتقۇچى بولغاچقا) ئانى ئۆگىنىسەن دەپ قىينايتى، گۈزەل–سەنئەت، تەنتەربىيە، پەندە،دىندا..ھەممىسىدە دېگۈدەك ئالاھىدىلىكىم بار ئىدى. لېكىن بىرەرسىدە ۋايىغا يەتمىگەن ئىدى. ئىسىت دەپلا قالدىم بىرسىنىلا چىڭ تۇتۇپ كەتكەن بولسام 15 ياشقىچە خېلى ئىشلارنى قىلار ئىكەنمەن دەيمەن دائىم. كېيىنلىكتە كەسىپ ئايرىيدىغان ئىش چىقىپ چوڭلار بىلەن ئۇرۇق تۇغقانلار ئوقۇتقۇچى قىلىمىز،ماتىماتىك قىلىمىز، يازغۇچى قىلىمىز، شائىر قىلىمىز، رەسسام قىلىمىز…دەپ كۆزۈمگە كىرىپلاۋالدى، مېنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغۇم ياكى قانداقتۇر مەن بىلىدىغان ماتىماتىك، رەسسام، ياكى يازغۇچى، شائىر، مۇزىكانت..دېگەندەك كەسىپلەر بىلەن ھەپىلەشكۈم پەقەتلا يوق ئىدى. مېنىڭ ئىگىللىك تىكلۈچى، چەتئەللەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتالايدىغان چوڭ ئىگىللىكنىڭ قۇرغۇچىسى بولغۇم بار ئىدى. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئاخىرىدا تاس قالدىم ئۆيدىكىلەر بىلەن كېچىشىپمۇ كەتكىلى. ئەسلى مەنلا ئەمەسكەنمەن، ئۇ ۋاقىتلاردا مەندىن باشقا نۇرغۇن نۇرغۇن ياش كىچىك بالىلار ئۆيدىكىلىرىدىن ياكى مەكتەپتىن ئاساسەن نارزاى ئىدى. چۈنكى بىز كىچىك ۋاقىتلاردا ھەمىمىز شۇنداق ئەركىن، تەبئىي چوڭ بولغان، ھەمىمىمىز ئۆزىمىز قىزىقىدىغان دائىرىدە ھارماي–زېرىكمەي تىرىشقان، لېكىن ئاتا–ئانىلار بىزدىن تولا غەم يەپ، ئىچىمىزنى پۇشۇرۇپ ئۆزلىرى جەميئەتتىن ھېس قىلغانلىرىنى بىزلەرگە زورلاپ تېڭىپ، پۇت قوللىرىمىزنى بوغۇپ ئارىمىزدىن بىر قانچىسىنى شۇ قەدەر دۆتلەشتۈرۋەتكەن ئىدىكى ئۇلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغىچىمۇ ئوقىيالماي قالدى. كېيىن ئۇنۋېرسىتىتقىمۇ ئۆتتۇق، خەنزۇلار بىلەنمۇ ئوقىدۇق، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خەنزۇلار بىلەنمۇ خىزمەت قىلدۇق، بىر قىسىملىرى يۇقىرلاپ ئوقىدى، بىر قىسىملىرى چەتئەللەرگە چىقىپ كەتتى، بىر قىسىملىرىمىز ئىگىللىك تىكلىدۇق، بىر قىسىملىرى باشقا تىرىكچىلىكلەرنى قىلدى، ھېلىقى ئۆيلىرىدە پادىشاھ، مەكتەپتە ئەۋلىيا بوپ كەتكەنلىرى ئۇنۋىرسىتىتىكى ۋاقتىدىلا قەدىر قىممەتلىرىنى يوقىتىپ، غەيرى تىپ بولاپ سۆرىلىپ يۈرۈپ، يەنە ھەممىسى دېگۈدەك تۆۋەنگە كېتىپ كېلىشتى…

مەن ئىشنىمەنكى ئۇلار بالىرىنى يەنىلا ئۆزلىرىدەك تەربىيلەيدۇ، يەنە ئۆزلىرىدەك قەدىر قىممەتىسز چوڭ قىلىدۇ. مەن ئاشۇ يىللاردىكى ساۋاغداشلىرىمغا ئانچە مۇنچە دەيتىم سىلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ سىلەر قانداق مەدەنىيەت،ئاڭغا،تىپقا..قۇرۇلمىغا تەۋە دەيتىم، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەت قۇرۇلمىسىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى شۇ ھامانلا ئېتراپ قىلىشاتتى، يەنە سورايتىم، سىلەر ھاياتىڭلاردا مۇشۇ مەدەنىيەت دائىرىسى ئىچىدە بىر ئۆمۈر قىلساڭلار زېرىكمىگۈدەك بىرەر كەسىپ، بىرەر ئىش بارمۇ دەيتىم؟ ئۇلار دەيتى، خىزمەتكە چىقىشىمىز كېرەك..
ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا خەنزۇ تىلى بەرگەن مۇئەللىم سىلەر ئۇيغۇرلاردا ۋىجدان،غورۇر دېگەن نەرسە بارمۇ؟ دەپ سورىۋىدى، غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولدۇم، بۇ خەنزۇ مۇئەللىم بۇ گەپنى تولۇق ئۇيغۇرچىلا دېگەن ئىدى. دېمىسىمۇ سىنىپ بويىچە توپ توپ بوپ سۆرىلىپ يۈرگەن غەيرى تىپلارنىڭ تولالىقىدا ئۇمۇ نەق گەپنى دەپتۇكەن ئۆز ۋاقتىدا، بىر سىنىپتا يېرىمدىن كۆپ بالىنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆلچىمى دەرىجىگە توشمىغاچقا خەنزۇ مۇئەللىم ئەنە شۇ گەپنى دېگەن ئىدى. ئۈندىمەي سىنىپتىن چىقىپ كېتىپ قولۇمدىكى بارلىق خەنزۇچە كىتاپنى يىغىپ ئۈچ–تۆت ھەپتە كېچە كۈندۈز يادىلاپ، يېزىپ، ئاڭلاپ بۇ ۋاقىتتا تۈزۈك بىرەر كېچە ئۇخلاپ باققىنىمنى بىلمەيمەن، شۇنداق ئۇيقۇ باسسىلا شۇ مۇئەللىمنىڭ ۋىجدان،غورۇر..دېگەن سۆزلىرى ئېسىمگە كەپ چاچراپ تۇراتتىم، تۆتىنچى ھەپتىسىدىكى سىناقتا مەن خەنزۇ تىلى 4–دەرىجىگە ئېرىشتىم، مۇئەللىم ھەيران قالغىنىدىن چاقىرىپ يەنە بىر سىناپ باقتى، ئاندىن سورىدى سەن قانداق ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئىشلەتتىڭ، مەن دېدىم ئۇسۇلدىكى مەسىلە ئەمەس ، تىرىشىشىتىكى، خاراكتېردىكى مەسىلە ..شۇ مۇئەللىم بىر قانچە يىللارغىچىمۇ مېنىڭ شۇنداق بىر ئوقۇغۇچۇم بولغان، ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن بەكلا قالتىس،بەكلا ئەقىللىق ئىكەن..دەپ يۈرۈپتىكەن. ئۇ چاغدا مەنلا ئەمەس يەنە بىر قانچىيلەنمۇ خەنزۇ مۇئەللىملەرگە ئۆزىنىڭ كارامىتىنى ئوبدانلا كۆرسىتىپ قويۇشۇپتىكەن.
شۇڭا بۇ نۇقتىلاردىنمۇ خەنزۇ تىلى ئەسلى ھېچقانچە بىر ئىش ئەمەس، قوش تىللىق مائارىپمۇ شۇ، خەنزۇ مەكتەپ دېگەن ئەمەلىيەتتە بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچنىمىگە ھېساب ئەمەس..بىزگە ھەقىقىي لازىم بولىۋاتقىنى ھەقىقىي ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيتى، ھەقىقىي ئۇيغۇرنىڭ تىپى، ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى، بۇ تىپ ئىچىدە ئاجايىپ قەيسەر، ئىرادىلىك، تىرىشچان، بىلىملىك،تەدبىرلىك كىشىلەر بار. مۇشۇ تىپ ئىچىگە مەنسۇپ كىشىلەردىن ھەقىقىي ياراملىق ئادەملەر چىقتى، چىقىۋاتىدۇ، ھەم چىقىدۇ.
15 يېشىغا توشمىغان بالىنى ھەر ئۆز مەدەنىيتىدىن باشقا ھەر قانداق مەدەنىيەت ۋاسىتىگە ئىلىندۈرۈش، بالىسىنىڭ مەدەنىيەت تىپىغا باشقا شالغۇت مەدەنىيەت تىپىنى ئارلاشتۇرۇش ئاتا–ئانىلار ئۈچۈن ئىنتايىن خاتا تاللاش، بالىلار ئۈچۈن ھاقارەت.
مەدەنىيەت دېگەن نېمە؟
ئۇنتۇپ قالماڭ، مەدەنىيەت يىلتىز دېمەكتۇر.
يىلتىزسىز دەرەخ نە بولۇر؟
قۇم شېخىللار ئارىسىدا غازان بولۇر.

ك نىڭ س قا قايتۇرغان جاۋابى:
گەپلىرىڭىزنى چۈشىنىۋاتىمەن. سىز "خەنزۇچە مەكتەپنىڭ ئازراقمۇ پايدىسى يوقمۇ؟" دىگەن مەۋقەدە تۇرۇپ، باللىرىڭىزنىڭ خەنزۇچە مەكتەپتىن ئالغان نەپلىرىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق، خەنزۇچە مەكتەپنىڭمۇ پايدىسى بار، دىگەن ئىدىيەنى ئالغا سۈرمەكچى بولغاندەك تۇرىسىز.
ھۆكۈمەت مەبلەغنى قەيەرگە سالسا، شۇ يەرنىڭ شارائىتى ياخشى بولىدۇ ئەلۋەتتە. تاراتقۇلاردا ۋە قەغەز يۈزىدە "ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئانداق قىلىپ بەردۇق، مۇنداق قىلىپ بەردۇق" دەپ جار سالغان بىلەن، خەنزۇچە مەكتەپلەردىكى ئوقۇش شارائىتىنىڭ مىللىيچە مەكتەپلەردىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېچ يەردە تىلغا ئالمايدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردىكى مىللىي مەكتەپنىڭ ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانى يوق، لېكىن باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلار تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان خەنزۇ بالىلارنى 7-8 توپ سېلىپ يېڭىدۇ، خەنزۇچە مەكتەپلەرنىڭ بولسا ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانلىرى بار. ئۇيغۇرلار مىڭ تالانتلىق بولۇپ كەتسىمۇ، يەنىلا ئۇلارغا شارائىت يوق. مەقسەت پەقەت، خەنزۇچە مەكتەپلەرگە قىزىقتۇرۇش.
مەن مەمۇرىي ئىمتىھان جەدىۋەللىرىنى توردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقتىم. لېكىن "تۇنگان ئالىمىز" دىگەن تەلەپنى كۆرمىدىم. بىزمۇ كەلگۈسىدە تۇنگاندەك خەنزۇچىنى ئاناتىل قاتارىدا قوللىنىپ كەتسەك، ئىشىنىمەنكى "ئۇيغۇر ئالىمىز" دىگەن سۆزلەر ئۇچرىتالماسلىقىمىز مۇمكىن. ئۇ چاغدا بىز پەقەت كاۋاپ ساتىدىغانغىلا ياراپ قالىمىز. دىمىسىمۇ، تۇنگانلار ھازىر راڭپىزا سېتىشتىن باشقا يەنە نىمىش قىلىۋاتىدۇ. بىز مۇشۇنداق كىچىككىنە مەنپئەتنى دەپ، بالىمىزنى "تۇنگان سۈپەت" قىلىشقا تىرىشساق، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ھالى تۇنگاننىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالىدۇ.
"مىنكوخەن ئالىمىز" دىگەن مەمۇرىي قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىمۇ بىر خىل ۋاستە خالاس، ئۇنىڭ ئىچىگە بىر خىل ساقتىلىق يۇشۇرۇنغان. ئويلاپ بېقىڭ، مىنكوخەنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر يېزىشنى بىلمەيدۇ، ھەتتا بەزەنلىرى ئۇيغۇرچىنى ئوڭشاپمۇ سۆزلىيەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار يەنە كېلىپ خەنزۇ بولالمايدۇ، ھەم خەنزۇنىڭ رولىنى ئالالمايدۇ. دىمەك، ئۇلاردا يا ئۇيغۇر بولۇش يا خەنزۇ بولۇش سالاھىيىتى بولمىسا، ئۇلارنىڭ خىزمەتتە زادى قانداق ئالاھىدىلىكى بار. تور شىركىتى ئاچقان بىر دوستۇمنىڭ نەۋرە سىڭلىسى مىنكوخەن ئىكەن، لېكىن تورغا ئائىت ئۇيغۇرچە ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىكەن، شۇڭا ئامال يوق يۈگۈر-يېتىم ئىشلارغا مېڭىۋېتىپتۇ.
ئۆزەم شەخسەن خىزمەت ئىزدەش بلوگ ۋە توربەتلىرى ئاچقان ئىدىم. مېنىڭ كۈزىتىشىمچە، مىنكوخەنلەرنىڭ خىزمەتتىكى ئۈنۈمى تايىنلىق. كۆپىنچە شىركەتلەر يا تولۇق ساۋادلىق ئۇيغۇرنى يا بولمىسا تولۇق ساۋادلىق خەنزۇنى ئېلىشنى ئويلايدىكەن. بەزى خەنزۇ شىركەتلىرىدە ئۇيغۇر ئالماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچە تىل- يېزىقنى بىلىدىغان- بىلىدىغانلىقىنى سورايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار تېخى.
جەمئىيىتىمىزدە دەل ئۇيغۇر تىلىنى ئاناتىل قارتاىدا سۆزلەيدىغانلارنىڭ كۆپ بولۇشى، ئۇيغۇرلارغا نۇرغۇنلىغان خىزمەت ئورۇنلىرىنى بەرپا قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر كېيىنكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇتىلىنى ئاناتىلى قىلىۋالسا، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغانلار ئازلاپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان خىزمەت ئورنى تەبئىي ھالدا ئازلاپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا، ھەر بىر ئۇيغۇر خەنزۇچە ئۆگەنمىسە بولمايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ، ئەھۋالىمىز تۇنگانلارنىڭكىگە قاراپ يۈزلىنىدۇ.
ھەر بىر ئۇيغۇر بىر بالىسىنى خەنزۇچە مەكتەپكە بەرسە، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۇلى بىر گۈجەك كولىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىمى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇسا، ئۇيغۇر مىللىي ئۇلىنىڭ يېرىمى يوقاپ، قىيسىيىپ قالىدۇ. %80- %90 ئۇيغۇرنىڭ تىلى خەنزۇ تىلىدا چىقسا، ئۇ چاغدا ئۇيغۇرنىڭ ئۇلى ئاساسەن بەربات بولىدۇ.
بالىڭىز خەنزۇ خوتۇن ئالمايدىغانلىقىنى دەپ سىزنى خاتىرجەم قىلىپتۇ. ئاللاھ دىگىنىنى بەرگەي!
لېكىن، ئۆزەمنى مەھەللىمىزدە 5 ۋاق نامازنى تاشلىماي ئوقۇيدىغان بىر بوۋاي بار بولۇپ، بۇرۇن قىزىنى خەنزۇچىغا بەرگەن ئىدى. ئۇ قىزى تولۇقسىزغا چىققاندىن كېيىنلا خەنزۇ دوستلىرى بىلەن قاتتىق ئارىلىشىدىغان، ئاتا- ئانىسىغا جاۋاب ياندۇرىدىغان، بەزى كۈنلىرى ئۆيگە كىرمەيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۋاپتۇ. قىزىغا قاتتىق ۋە يۇمشاق ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ ھېچ ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمەمدۇ. بىر كۈنى قىزى يوقاپ كېتىپتۇ، كېيىن ئۈرۈمچىدىن تېلېفون قىلىپتۇ، خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن ئىچكىرىدىن تېلېفون قىلىپتۇ..... تا ھازىرغىچە 10 يىلدەك بولۇپتۇ، لېكىن قىزىنى كۆرۈپ باقماپتۇ، پەقەت يىلدا بىرەر قېتىم تېلېفون قىلىپ قويىدىكەن. بوۋاي كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا، ئۆزىنىڭ قىزىنى خەنزۇچىدا ئوقۇتۇپ خاتا قىلغانلىقىنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ماڭا ئېيتىپ بەردى. قاغا بىلەن ئارىلاشساڭ، يېيىشىڭ پوق دىگەندەك، كىم بىلەن ئارىلاشسا، ئادەم شۇنىڭ مىجەزىنى ئاز- تولا يۇقتۇرىۋالىدىغان گەپكەن. قايسىدۇر بىر خەۋەردە، تولۇق ئوتتۇرا 2-يىللىقتا ئوقۇيدىغان خەنزۇ ئوقۇغۇچى ئاتا-ئانىسىنى چانىۋەتكەنلىكىنى يېزىلغان. خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىسىغا جاندۇرىغانلىقى، ھەتتا ئۇرۇشىدىغانلىقى كۆپىنچىمىزگە مەلۇم. بۇنداق مىجەز ئادەتتە تولۇقسىزدىن، يەنى قۇرامىغا يېتىشكە ئاز قالغاندا باشلىنىدىكەن.باللىرىمىزنىڭ ئاشۇنداق بولۇپ قېلىشىنى ئاللاھ ساقلىسۇن!
سىز "ئەتراپىڭلاردا ئۇيغۇرچە مەكتەپنىڭ يوقلۇقى" سەۋەبلىك، خەنزۇچە مەكتەپكە بەرگەنلىكىڭلارنى ئېيتىپسىز. سىزنىڭ بۇ قىلغىنىڭىزنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. مۇشۇ توربەتتىكى كۆپىنچە تورداشلار سىزدەك ئەھۋالغا يولۇقسا، ئەلۋەتتە سىزگە ئوخشاش بىر تەرەپ قىلغان بولاتتى. قانداقلا بولمىسۇن، بالا ئوقۇشسىز قالمىغىنى ياخشى.
بالىڭىزغا ئاللاھتىن ئىنساپ تىلەيمەن!

http://www.alip.biz/thread-3156-1-1.html

پ د ف نۇسخسى تەييار بولدى ، 34-قەۋەتتىن چۈشۈرۈڭ
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-15, 01:14
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-15 00:58 |
rawiya
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2959
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 144
شۆھرەت: 936 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 938 سوم
تۆھپە: 536 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 538 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 362(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

 ئۇ خەن - مەن خەن قوبۇل قىلىمەن ، مىللىي قوبۇل قىلمايمەن ، نېمە قىلالايسەن دەيدۇ . ....

بو گەپلەرنى دەپ كەلسەك بىز نۇرغۇن ئىشلاردا مەجبورمىز ھازىرچە ئاچچىقىزنى ئىچىمىزگە يۇتماقتىن باشقا ئاماليوق تە.
لاكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەن ئاينىڭ15قاراڭغۇ بولسىمۇ 15يۇرۇق بۇلىدۇ.ئۇنىسى موقەررەر...
lutun
ھەقىقەت ئىگىلىدۇ،سۇنمايدۇ.........
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-15 10:22 |
begir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6865
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 79
شۆھرەت: 394 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 397 سوم
تۆھپە: 237 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 240 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قىزىمنى ساپ ئۇيغۇرچە تەربىيلەش ئىستىكىدە 32- رايون ئىچىدىكى بالىلار باغچىسىغا ئاپىرىپ بەردىم . ئۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىدى . ئەتىسى بالامغا باغچىدىن كىتاپ تارقىتىپتۇ ، قارىسام ساپلا خەنزۇچە كىتاپلار ، چوچۇپ كەتتىم . بېرىپ مەكتەپ مەسئۇلىدىن <بۇ نىمە ئىش ؟ مەن قىزىمنى ئۇيغۇرچە تەربىيلەي دەپ بۇ يەرگە بەرگەن تۇرسام ، دەرسلىكى ساپلا خەنزۇچە تۇرىدىغۇ ؟> دىسەم مەكتەپ مۇدىرى <بۇ دىگەن قوش تىللىق يەسلى> دەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن غۇژژىدە تۇتتى <قوش تىل دىگەن ھەم خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە دەرسلىكنى تەڭ ئېلىپ بېرىش دىگەنلىك ، مەن قىزىمغا ئانا تىل تەربىيىسى تاما قىپ بۇ يەرگە كەلگەن > دىسەم ئۇ <سىز بۇ يەرگە كېلىپ مۇشۇ گەپنى قىلغان بىردىنبىر دادا ، ئەنسىرىمەڭ ئېلىپبەمۇ ئۆتىمىز ، كىتاپ كەلمىدى تېخى ، لېكىن يوقىرى يىللىققا چىققاندا بارلىق دەرسلىرى خەنزۇچە ئۆتىلىدۇ> دىدى . ئۇ كۈنى قىزىمنى ئاپىرىپ بەرگەندىن كېيىن مەكتەپ مۇدىرىغا < قىزىم مۇشۇ ئوتتۇرا يىللىقتا ئوقۇلىۋەرسۇن ، يوقىرى يىىللىققا ھەرگىز چىقمىسۇن> دەپ قويدۇم .
باغچىنىغۇ پۈتتۈرە ، لېكىنزە قەيەرگە بېرىپ ئۇيغۇرچە مەكتەپ ئىزدەرمەن ھە ؟ شەھرىمىزدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى قوش تىللىق مەكتەپلەر تۇرسا ...قوش تىللىق مەكتەپلەر ماھىيەتتە <تاق تىل>لىشىپ كەتكەن تۇرسا ...
مەن ئاھ ئۇرماي كىم كىملەر ئاھ ئۇرسۇن ئەمدى..
كىشى ئاخىر ئۆلۈپ كېتىدۇ....
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-15 10:52 |
ketih
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6834
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 135 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 135 سوم
تۆھپە: 78 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 78 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئەھمىيەتگە ئىگە تېما ئىكەن. ئۆز ئانىمىز تۇرسا خەقنىڭ ئانىسىنى ئانا دەپ نېمە كەپتۇ بىزگە. ئۆگەي بالىلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرىۋاتىمىزغۇ. قومۇلدىن ئىبارەت مىللىي مائارىپ سۈپىتى يوقىرى يۇرتتىمۇ يەسلىدىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە خەنزۇ تىلىدا ئوقۇۋاتقان مىللىي ئوقۇغۇچىلار (تۇڭگان)مۇ بۇنىڭ ئىچىدە 4000 دىن ئاشىدۇ. بۇ سان كىشىنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ، ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. قوش تىل ئوقۇتۇشىنى ھەدەپ كۆككە كۆتۈرىۋاتقان مىللىي رەھبەرلەر ئادەمنىڭ تېخىمۇ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ. نېمە يەتسۇن ئۆز ئانا تىلىدا ئەركىن تەپەككۇر قىلغانغا، ئەركىن پىكىرلەشكەنگە. پەرزەنتلىرىمىزنى ئانا تىلدا ئوقۇتايلى، ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتايلى. ئۆز گۆرىمىزنى ئۆزىمىز قازمايلى!
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-15 10:53 |
alqondi
ئەلقوندى
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 404
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 682
شۆھرەت: 3696 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3705 سوم
تۆھپە: 2189 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2198 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1899(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خەلق مۇشۇنداق مۇنبەرلەردە بىر-بىرىگە قاخشاش ، ۋايساش بىلەنلا  ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ .  لېكىن بىرەر ئەمەلىي ھەرىكەت يوق .  ھەممە ئاتا-ئانا بىرلىشپ بالىلىرىنى بىركۈن مەكتەپكە باغۇزماي باقسۇن مانا شۇچاغدا ئاشۇ پوخقۇرساق ئاتالمىش يىراقنى كۆرەرمەن باشلىقلارنى چۆچۈتمىگىنىنى مەن بىركۆرەي .   ئاممازە يەنە شۇ نۇرغۇنلار  بۇنداق قىلسا  ئۆزىنىڭ ياۋاتقان نېنىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ يەنە شۇ دەردىنى ئىچىگە يۇرتۇپ يۈرۈيدۇ . 
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-15 11:17 |
bulak20
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7614
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ مەسىلە ئۈستىدە مەنمۇ ناھايىتى كۆپ باش قاتۇرۇپ كەتتىم، مېنىڭ بالام ئەمدى 4ياشقا كىردى، مېنىڭمۇ ساپ ئۇيغۇرچە مەكتەپكە بەرگۈم باتتى،بىراق ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى تاق تىللىق بوپ كەتتى،مۇشۇ شىنجاڭدىكى 10مىلىيون ئۇيغۇرنىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغان بىرەمۇ رەھبەر چىقمامدىغاندۇ،بىزنىڭ ئۇيغۇر رەھبەرلەر بۇنى ئويلىمامدىغاندۇ دەيمەن،بىزنىڭ ئۇيغۇر ئالىملىرىمىز،زىيالىلىرىمىز ،ھەرقايسى ساھەلەردىكى كىشىلىرىمىز بىرلىشىپ مۇشۇ توغرىسىدا ھۆكۈ مەتكە بىر تەكلىپ سۇنسا دەپ ئويلايمەن.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-15 11:24 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1633
شۆھرەت: 8996 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 9058 سوم
تۆھپە: 5295 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5305 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2474(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

جانابى ئەلقوندى   بۇ تىمىنى يانفۇن پ د ئېف قا ئايلاندۇرغان بولسىڭىز ،  خېتىنى چوڭ قىلىپ تازا
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-15 12:01 |
mustafa127
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6053
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 33
شۆھرەت: 272 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 267 سوم
تۆھپە: 148 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 151 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خەنزۇ يولداشلاردا  بەزى نامۇۋاپىق كۆز قاراشلارمۇ بار ئىكەن.مىسال ئالساق، ئۇلار خەنزۇ تىلىنى بىلىدىغان  ئۇيغۇرلارنى «سەۋىيەلىك» دەيدىكەن.گۇيا تىل بىلىشلا سەۋىيەدەك!  ئۇلار « خەنزۇ تىلى بىلمىسەڭلار ، يېڭى پەن - تېخنىكا  بىلىملىرىدىن بىخەۋەر قالىسىلەر »دەيدىكەن.ئەمەلىيەتتە، خەنزۇ تىلىدىكى قايسى بىر دۇنياۋى ئىلغار تېخنىكا كىتابى ئېنگلىز تىلىدىن تەرجىمە قىلىنمىغان دەيسىز؟!
شۇڭا ، مەن دەيمەن : چەتئەل تىلى ئۈگۈنۈش توغرا كەلسە ، بىۋستە ئېنگلىز تىلىنى ئۈگۈنۈش __ئەڭ توغرا تاللاش! ھازىرقىدەك ، دۇنيا تورلاشقان دەۋردە ، بىزمۇ خەنزۇ يولداشلاردەك ئەسلى مەنبەدىن سۇ ئىچىشكە ھەقلىقمىز!!!
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-15 12:11 |
koygandengiz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6375
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 375 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 375 سوم
تۆھپە: 225 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 225 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 107(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   زىيالىلار ئەگەر مۇشۇ ھەقتە ھەقىقەتەن ئويلىنىش قارارىغا كەلگەن بولسا ، ھەقىقەتەن مىللىي مائارىپ جۈملىدىن ئۇيغۇرنىڭ مائارىپى ئۈچۈن جان پىدالىق كۆرسىتىش خىيالى بولسا ، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئاساسىي سالمىقىنى ئىگەللەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن بالىلىرىنى ئانا تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپلەرگە ، ئەڭ بولمىغاندا قوش تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپلەرگە بەرسۇن . ئاندىن مەيدىسىنى كېرىپ مائارىپ ھەققىدە سۆزلىسە بولىدۇ  . نۇرغۇن كىشىلىرىمىز بۇ نۇقتىنى ھېس قىلىپ يەتمىگەن بولىشى مۈمكىن ، چۈنكى بالىلارنى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتۇش دۇلقۇنىنى ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار قوزغىدى. جەمىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كىشىلىرى ئۇقۇتقۇچى بولغان كىشىلىرىمىزنىڭ ئۆز بالىلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ مەكتەپلىرىگە ئىشىنىپ تاپشۇرالمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ھەر ساھەنىڭ كىشىلىرىدە ،مىللىي مائارىپقا نىسبەتەن شۈبھە تۇغۇلدى .  « قوش تىل ئوقۇتۇش » دولقۇنىنىڭ كۆتىرىلىشىگە ئەگىشىپ خەنزۇ تىلى بىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىش ئۇرنىدىن قالدۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىش ،  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەھە بويىچە بالىسىنى خەنزۇ مەكتەپكە بېرىشىگە تېخىمۇباھانەبولدى. سورىسىڭىز دەيدۇ ، « بالاممۇ ماڭا ئوخشاش كۈنگە قالمىسۇن دىدىم » دەپ . دىمەك ، مىللىي مائارىپنى جۈملىدىن ئۇيغۇر مائارىپىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئوقۇتىدىغان بالا بولىشى كېرەك . ئۇندىن قالسا ئۆزى شۇغۇللىنۋاتقان مائارىپقا ئىشىنىدىغان ، شۇنىڭغا ئۆزنى بېغىشلىيالايدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى كېرەك . ھالبۇكى ، بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز جېنىدا ئۆزىمىزنىڭ مائارىپىمىزدىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ بالىلىرىنى خەنزۇ مەكتەپكە بېرىۋاتسا ، باشقىلارغا نىمە دىيشىمىز مۈمكىن ؟! نىمە دەپ چۈشەندۈرىمىز ؟ !
مائارىپ قۇرۇق شوئارغا ئەمەس ئەمەلىي ھەركەت ئارقىلىق جان پىدالىق كۆرسىتىشكە مۇھتاج .
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-15 12:37 |
nawkeran
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1153
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 60
شۆھرەت: 303 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 304 سوم
تۆھپە: 181 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 182 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 165(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ تىما ھەقىقەتەن نۇرغۇن مەسىللەرگە بولغان ئىنكاس ۋە پىكىر بىلەن تۇلغان ياخشى تىما ئىكەن . مىنىڭچە يەنىلا ئۆز تىلىدا ئۇقۇغان ياخشى ، خەنزۇچىىنى قۇشۇمچە تەبئى  ئۇگۇنۇپمۇ كىتىدۇ
ئەپۇچانلىق ___ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ ئىسىل خىسلەت
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-15 14:47 |
ilim

دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1070
شۆھرەت: 6871 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6980 سوم
تۆھپە: 3850 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3914 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1559(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھۆكۈمەت ئۇيغۇرچە تەربىيەدە ئوقۇغانغا تاماق يوق دەپ قىسقان،
بىچارە ئۇيغۇر ئۇيغۇرچە مائارىپتە ئوقۇتالماي ئاۋارە بولغان .
مانا بۇ بىزدىكى بەخىت تۇيغۇسى ..خەنزۇچە بەخىت تۇيغۇسىنى ھۆكۈمەت زورلاپ تاڭماي ئەكسىنچە خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت تەبىئىي چوڭقۇرلاشسا بولاتتى .
سۆزىمىز ئېنىقكى بىز خەنزۇچە مائارىپنى قوبۇل قىلالمايمىز .لېكىن مىللى مائارىپىمىزنىڭ تىزگىنى ئۆز قولىمىزدا ئەمەس .بۇ تىزگىننى زادى نىمە ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىزگە بەرمەيدۇ ؟بەرمەسلىكتە نىمە مەقسەت بار ؟ھۆكۈمەت بۇ مەقسەتنى ئوچۇق دەپ باققان بولسا بىز ئاڭلاپ باقساق .
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-15 15:47 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/5     Go
Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى