شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىغا
ئوچۇق خەت
ئەسسىلامۇ -ئەلەيكۇم ، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىدىكى رەھبەرلەر ، ئاكا - ھەدىلەر ، تېچلىقمۇ؟
ئەمدى ھەرقايسىڭلار بىلەن باداشقان قورۇپ ئولتۇرۇش پۇرسىتى بولمىغاندىكىن ئازراق كۆڭۈل سۆزلىرىم ۋە سېسىق گەپلىرىم بار ئىدى ، مۇشۇ يەرگىلا تۆكەي دەپ ئويلىدىم .
ھەرقايسىلىرى كۆپ جاپا -تارتىپ مەركەزنىڭ ۋە مەملىكەت ئىچى سىرتىدىكى خەۋەرلەرنى بىزگە تارقىتىپ تۇرىشۋاتىلا ، كۆپ تەشەككۈر .
ئاندىن بىزنىڭ سەنئەتخۇمار خەلق ئىكەنلىكىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ سەنئەت پىروگراممىسى بەكلا تولا ، مەشرەپ دەمدۇ ،ناۋا دەمدۇ ، ئاندىن سورايدىغان سوئاللىرىنىڭ سەۋىيسىنىڭ بەك تۆۋەنلىكىكى ، قىممىتىنىڭ يوقلىقى بىلەن بىر قانچە يىلدىن ئىزچىل قويىلىۋاتقان تەلەي يۇلتۇزى دەمدۇ ، ئىشقىلىپ مۇشۇنداق نەرسە ساماندەك .....
شۇڭلاشقىمۇ رىياسەتىچمۇ جىق مۇشۇ xjtv دا ! ئەمدى ئۇنىمۇ -دەيمىز بۇنى دەيمىز ، يوقتىن ياخشى ،
ھەرقايسىلىرىنىڭ چوڭ شىركەتنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن شىنجاڭدا پوتبول كۇلۇبى قۇرۇلۇپ مەملىكەت ب دەرىجىلىك مۇسابىقىگە چۈشىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرلىرى بارمىكىن . بەلكىم خەۋەردار بولىشقانلا ، ما نۆۋەت تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خېلى كۆپ ئاتامانلىرى خىزمەتلىرىنى تاشلاپ مۇسابىقە كۆرگىلى بېرىپتۇ . شۇلار ئويلىمىغانمىدۇ دەيمەن ، شىنجاڭدا 16 شەھەر بار ، نۇرغۇن ئادەم مۇسابىقە كۆرەلمەيدۇ . مانى بىر سۈرەتكە ئېلىپ نەق مەيداندىن تارقىتايلى دىگەننى . ...............
ئەگەر بۇنىڭغا شارائىت ياكى ئىقتىساد يار بەرمايدۇ دەپ قالسىلازە تۈف قىلىپ تۈكۈرۈپ قويغىسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ ..........
ياكى ماۋۇ مۇسابىقىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەن دىيىشىسىلىمۇ بولمايدۇ ، مەيلى قانچىلىك تۆۋەن بولسۇن شىنجاڭلىقلار ئۈچۈن بۇ دۇنيا لوڭقىسىدىنمۇ بەكرەك مۇھىم .....
ئەگەر زادى پۇل يوقتى .، ئېلاندىن كىرگەن كىرىمنى بۆلىشىپ خەجلەپ بولۇپتىمىز دەپ قېلىشسىلا كېينكى نۆۋەت مۇسابىقە مەيدانىغا XJTV يېزىپ يوغان - يوغان ساندۇقتىن 30 نى قويۇپ قويىشالا ، 40 مىڭ پوتبول مەستانىسى 5 يۈەندىن بېرەيلى . 200 مىڭ يۈەن دىگەن گەپ . لېكىن ماۋۇ پۇلنىڭ 100 مىڭنى بۆلىشىپ خەجلىۋېلىشلىما قالغان 100 مىڭغا ما ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ ، تامامەن بولىدۇ .
ئۇنداق بولسا خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ ما ئىشنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ بېقىشىلا.................
ھۆرمەت بىلەن : "شىنجاڭ پوتبول مەستانىلىرى .