saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 1075 قېتىم كۆرۈلدى
ilim

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1036
شۆھرەت: 6688 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6796 سوم
تۆھپە: 3744 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3807 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1514(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 جەمىئەتنى نېمە خاراپ قىلغان؟

 


دىن ئەخلاقىدىن يىراقلاشقان جەمىيەتلەردە ئەخلاقى ۋە ئائىلىۋى تۇيغۇلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن يوقىلىشقا باشلايدۇ. ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئۇقۇملىرى پەقەت شەخسى مەنپەئەت ۋە ئارزۇلار ئاساسىدا شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. بۇ سەۋەپ تۇپەيلىدىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن پارىخورلۇق، ئوغرىلىق، خىيانەتچىلىك، ساختىپەزلىك، دىننى سۇيئىستىمال قىلىش... قاتارلىق ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان ئىش - ھەرىكەتلەر يېيىلىپ ئەۋج ئېلىپ، بىر دۆلەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە، مىللى پۇتۇنلىكىنڭ ئاساسىغا << پالتا چاپىدىغان >> ئاساسلىق تەھدىت ھالىغا كېلىدۇ.
     بىر مىللەتنى بىر يەردە تۇتقان، دۆلىتىنى كۇچلۇك قىلغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرى بولسا، مەنىۋى قىممەتلەر ۋە دىن ئەخلاقىدۇر. ئۆتمۇشى ۋە مەدىنىيىتى قانچىلىك كونا بولسا بولسۇن، مەنىۋى ۋە دىنى جەھەتتىن ئاجىزلىشىش - جەمىيەتتە ئەخلاقى چۆكۇشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى، قالايمىقانچىلىقلار ۋە ئىسيانلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى، ئارقىدىن بۆلۇنۇشىنى ۋە ھالاك بولىشىنى مۇقەررەر ھالغا ئەكىلىدۇ. چۇنكى تارىخ، كۇچلەنگەن، گۇللەنگەن، بايلىققا ئېرىشكەن ئەمما مەنىۋى جەھەتتىن چۇشكۇنلۇككە ئۇچرىغانلىقى ئۇچۇن << ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلغان >> مىللەتلەرنىڭ مىساللىرى بىلەن تولغاندۇر.
     ئۇيغۇر ۋە باشقا تۇركىي مىللەتلەرنىڭ تارىختا سانسىزلىغان تەھدىت ۋە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي پۇت دەسسەپ تۇرالىشى، بىر - بىرىدىن كۇچلۇك 16 ئىمپىراتورلۇق قۇرۇپ مىليونلىغان ئىنسانلارغا ۋە يۇزلىگەن مىللەتلەرگە ھۇكۇمرانلىق قىلالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولسا، تۇركىي مىللەتلەرنىڭ مەنىۋى تۇيغۇلىرىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىندۇر.
    بىر مىللەتكە تەۋە بولغان ئىنسانلارنى بىر بىرىگە باغلايدىغان ئەڭ كۇچلۇك ئامىل بولغان ئورتاق ئەخلاقى تۇيغۇلار بولسا - ئۇ مىللەتنىڭ، ئائىلە، ئەخلاق ۋە دۆلەت تەشكىلىنىڭ داۋاملىشىشىغا تۇرتكە بولىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىللاردىن بىرىدۇر. دىن ئەخلاقى بولمىغان ياكى دىن ئەخلاقىدىن يىراقلاشقان جەمىيەتلەردە، ئائىلە، ئەخلاق ۋە دۆلەت ئۇقۇمىلىرى ئاستا ئاستا يوقىلىشقا باشلايدۇ ۋە ھالاك بولۇشقا قاراپ ماڭىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ پېتىشىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم سەۋەپلەردىن بىرى بولسا مەنىۋى جەھەتتىن چىرىكلىككە قاراپ مېڭىش.
     مەنىۋى كۇچ شۇنچىلىك مۇھىمكى، بىر مىللەتنىڭ سىياسي داۋالغۇشلاردىن ساق سالامەت ئۆتىشى، سىرتتىن كېلىدىغان بىر ھۇجۇم ياكى تاجاۋۇزغا قارشى بەرداشلىق بېرەلىشى ۋە پۇت تىرەپ تۇرالىشىدا شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى كۇچى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە دىنى ۋە مىللى تۇيغۇلىرى ئاجىز بولغان ياكى دىنسىز بولغان مىللەتلەر، تارىخ سەھنىسىدە ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ ۋە بارا بارا ئاستىلماتسىيە بولۇپ كېتىدۇ. بۇ سوتسىئال ھەقىقەت، تارىخ بويىچە دائىم تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ ۋە دىنى تۇيغۇلىرى كۇچلۇك بولغان دۆلەتلەر دائىم ھاياتىغا داۋام قىلىدۇ، باشقىلىرى بولسا تۇگىمەس جەڭگى - جىدەللەر، قالايمىقانچىلىق، ئاجىزلارغا زۇلۇم قىلىش ۋە ئىسيانلار ئىچىدە ۋەيران بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟

    * دىن ئەخلاقىدىن يىراقلاشقان بىر جەمىيەتتە، ئۇلى ئىتىقادسىزلىق ئۇستىگە قۇرۇلغان كۆز-قاراشلار ھۇكۇمران بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان خاتا ۋە دوگما پىكىر - ئىدىيەلەر يېيىلىدۇ. ئىنسانلار ئۆز كىملىكلىرىدىن ۋە ئورتاق كىملىكلىرىدىن يىراقلىشىدۇ. ئاساسى ئاتىئىزىم ۋە دىنسىزلىق ئۇستىگە << قوندۇرۇلغان >> ماتىرىئالىزىمغا ئوخشاش پەلسەپەلەر ۋە باشقا باتىل ئىدىئولوگىيەلەر، ئۇ جەمىيەتنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇمۇچۇك تورىغا ئوخشاش قاپلايدۇ. قىسقىسى، بۇنداق بىر جەمىيەتتە، دىن ئەخلاقىنىڭ يوقلىقىدىن مەيدانغا چىققان بوشلۇقنى بۆلگۇنچى ۋە بۇزغۇنچى پىكىر - ئىدىيەلەر تولدۇرىدۇ.
    * دىن ئەخلاقىدىن يىراقلاشقان جەمىيەتلەردە، ئىنسانلارنىڭ، ياخشىلىقنى يامانلىقتىن ئايرىش چۇشۇنچىلىرى يوق بولۇشقا باشلايدۇ. ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئۇقۇملىرى، شەخسىي مەنپەئەت ۋە ئارزۇلارغا ئاساسەن شەكىللىنىدۇ. شۇبھىسىزكى، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ھالدۇر!. چۇنكى، بىر ئادەم يامان ئىش قىلغىنىدا، جەمىيەت تەرىپىدىن ئەيىپلەنمەيدىغانلىقىنى، ۋە جەمىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلمايدىغانلىقىنى بىلگەن چېغىدا، يامان ئىش قىلىشتىن يانمايدۇ. بۇلارنىڭ << ئەگرى مەنتىغى >> بويىچە، ئوغرىلىق، پاھىشىلىك، پارىخورلۇق، ئۆز مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش توغرا ئىش. ئەمما چىن قەلبىدىن ئىمان ئېيتىپ، اللە دىن سەمىمى ھالدا قورققان ۋە دىن ئەخلاقى بويىچە ياشىغان بىر كىشى، توغرا بولۇشنىڭ، خۇشخۇيلۇقنىڭ، ۋەتىنىنى، مىللىتىنى اللە ئۇچۇن سۆيۇشنىڭ << ياخشى >>، پاھىشۋازلىقنىڭ، زۇلۇمنىڭ، پارىخورلۇقنىڭ، قېرىنداشلىرىغا زۇلۇم قىلىشنىڭ << يامان >> ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ۋە ھاياتىنى بۇ بويىچە ئۆتكۇزۇشكە تىرىشىدۇ. دىن ئەخلاقى - ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى ياردەملىشىش، دۇرۇستلۇق، ئادالەت، پىداكارلىققا ئوخشاش ئىسىل خىسلەتلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي مەنبەسىدۇر. دىن ئەخلاقىدىن ئايرىلغان بىر جەمىيەتتە بۇلارنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس، بولسىمۇ مەنپەئەت ئاساسىدا بولىدۇ. بۇنداق بىر جەمىيەتتە، ھەقىقى دۇرۇستلۇق، پەزىلەت، ئادالەت، ھەق-ناھەق، يولداشلىق بولمايدۇ!. دىنى ئىتىقادلار قەستەن يوق قىلىنغان خەلىقلەردە، بۇ مەنىۋى، ئەخلاقى تۇيغۇلار بارا بارا يوق بولۇشقا قاراپ ماڭىدۇ. دەل ئەتراپىمىزدىكىدەك.
    * ئادەمنى ئادەم قىلغان ئەخلاقى تۇيغۇلار يوق بولغان تەغدىردە، جەمىيەتنىڭ ھەر قىسىمى ۋە ھەر ئەزاسى بۇنىڭدىن نەسىبىنى ئالىدۇ. ھەر كىم پەقەت ئۆزىنى ئويلايدىغان ۋە باشقا ھىچ كىمنى ئويلىمايدىغان ئايرىم بىر << پارچە >> ھالىغا كېلىدۇ. ئائىلىۋى تۇيغۇلار يوق بولۇشقا قاراپ ماڭىدۇ. چۇنكى دىن ئەخلاقىنى ياشىمىغان بىر جەمىيەتتە، ئائىلىدىن ئىبارەت مۇقەددەس << بىرلىك >> ساغلام داۋام قىلالمايدۇ.
    * بۇلار، بىر دۆلەتنىڭ رايىغا ئولتۇرغان تۇزۇمىنى ۋە بىر مىللەتنىڭ ئىگە بولغان << ھۇجەيرىسىنى >> ئىنتايىن تېز ۋەيران قىلىدۇ. چۇنكى دۆلىتىگە ساھىپ چىقىش، ۋەتەن سۆيگۇسى قاتارلىق ئىسىل خىسلەتلەر دىنى ئىتىقادلارنىڭ نەتىجىسىدە تەرەققى قىلىدىغان ئالاھىدىلىكلەردۇر. دىن ئەخلاقىنى ياشىمىغان، شۇنداقلا ۋىجدان تۇيغۇلىرى تەرەققى قىلمىغان بىر ئادەمنىڭ مىللىتىنى سۆيىشى، ۋەتىنى ئۇچۇن خىزمەت قىلىشى، مىننەت قىلماي باشقىلارغا ياخشىلىق قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ خىسلەتلەرگە ئىگە بولغان ئادەملەر يېتىشمىگەن، يېتىشكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ قەدرىگە يىتەلمىگەن بىر جەمىيەت، شۇبھىسىزكى، ھەم سوتسىئال جەھەتتىن ھەم سىياسىي جەھەتتىن مەۋجۇدىيىتىنى داۋام قىلدۇرالمايدۇ!...
    * دىن ئەخلاقىنىڭ يوق بولىشىنىڭ يەنە بىر باشقا خەتەرلىك نەتىجىسى بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئاستا - ئاستا پسىخولوگىيەلىك مەسىلىلەر ئىچىدە << مەغلۇپ >> بۇلۇشقا باشلىشىدۇر. جىنايەتلەرنىڭ جىقىيىشى، ئىچىملىك ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە يۆنىلىشى، پاھىشۋازلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى، خاتىرجەمسىزلىك ۋە توقۇنۇش مۇھىتى... قاتارلىقلار بۇ جەمىيەتنىڭ پىسىخولوگىيەلىك جەھەتتىن خاراپلىشىشقا قاراپ يۇزلەنگەنلىكىنىڭ ئەڭ ئوچۇق ئالامىتىدۇر. ۋە بۇلارنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدە- بىر - بىرىگە ئىشەنمەيدىغان، بىر - بىرىنى سۆيمەيدىغان، پەقەت ئۆز ھاياتى ئۇچۇن ئىشلەشكە تىرىشىدىغان، جەمىيەتنىڭ باشقا ئەزالىرىنى بىر رەقىپ ھەتتا دۇشمەنگە ئوخشاش كۆرىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. سوتسىئال ئادالەتسىزلىك ۋە ئىقدىسادىي قىيىنچىلىقلار بىلەن كۇچلەنگەن بۇ جىددىلىك، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر ئاممىۋى ئەسەبىلىككە ئايلىنىدۇ ۋە نەتىجىدە بۇ جەمىيەت پارچە - پارچە بولۇپ كېتىدۇ...
    * دۇنيا تارىخىدا ئىنتايىن جىق مىللەت، دىنى ۋە مەنىۋى تۇيغۇلىرىغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى ئۇچۇن، ئەخلاقى چۆكۇش، بۇزغۇنچىلىق ۋە پارچىلىنىش قاتارلىق تەھدىتلەرگە دۇچ كەلدى. دۇنيانىڭ نەرىدە بولسا بولسۇن، دىنى تۇيغۇلار يوق قىلىنىشقا، ئىتىقاد ئەركىنلىكى بېسىم ئاستىغا ئېلىنغاندا، جەمىيەتمۇ ئۇنىڭغا كۆنگەندە، دۆلەتكە قارشى ئىسيانچى ھەرىكەتلەر، دۆلەت ئىچىدە قالايمىقانچىلىقلار، خاتىرجەمسىزلىكلەر يۇقىرى پەللىگە ئۇلاشتى.ھەتتا بەزىلىرى پارچىلاندى. نەتىجىدە بەزى كىشىلەر ھوقوقنى قولىغا ئېلىپ، مەۋجۇت بولغان تۇزۇمنى يىقىتىپ ئورنىغا دىكتاتور تۇزۇملەر ئورنىتىشقا ئۇرۇندى. ئەسىرلەرچە بىر يەردە ياشىغان مىللەتلەرنى لاگىرلارغا ئايرىپ، بۆلۇشكە ئۇرۇندى. جەمىيەتنى ئوڭچى - سولچى توقۇنۇشلار بىلەن ئىچكى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردى. سولچىلىقنى باھانە قىلىپ، نامايىشلار، بۇزغۇنچىلىقلار، بۇلاڭچىلىقلارنى قىلدى ۋە جەمىيەتنىڭ ئىچىدە زور داۋالغۇشلارغا سەۋەپچى بولدى. مەسىلەن: سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىن بۆلۇنۇپ چىققان دۆلەتلەر، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى...
    دىن ئەخلاقى ۋە مەنىۋى تۇيغۇلارغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك بولسا، مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى تىنچلىققا تەھدىت قىلىدىغان مۇھىم بىر خەتەردۇر. دىن ئەخلاقى نەتىجىسىدە بىر - بىرسى بىلەن تىنچلىق ئىچىدە ياشىغان خەلىقلەر، دىن ئەخلاقىدىن ئۇزاقلاشقان ۋاقتىدا، يەر يۇزىدە قالايمىقانچىلىق، توقۇنۇش ۋە ئۆچمەنلىكلەر مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ.
    بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە شۇنى ھىس قىلىشىمىز كېرەككى، بىر مىللەت ئۇچۇن دىنى ۋە مەنىۋى تۇيغۇلارنىڭ كۇچلىنىشى ۋە مۇھاپىزە قىلىنىشى ئىنتايىن، ئىنتاتىن مۇھىمدۇر.  بىز ھەق دىننى رەھبەر قىلىپ تۇرۇپ << خېمىرىمىزدا بار بولغان >> مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنى قېزىپ چىقىرالىساق، تارىختىكىگە ئوخشاش كېلەچەكتىمۇ << ئىززەت - ھۆرمىتىمىزگە >> قايتا ئېرىشەلەيمىز.
<< دىن لازىمدۇر. دىنسىز بىر مىللەتنىڭ داۋام قىلالىشى مۇمكىن ئەمەستۇر. دىن بار ۋە لازىم >>
ئەسلى ئاپتورى :
مەن ۋە تور  
[ بۇ يازمىنىeverollدە2012-05-24 20:38قايتا تەھرىرلى ]
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-24 16:37 |
dildax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7837
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 17 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 17 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم، قەلىمىڭىز ھارمىغاي.
lutun
روھىڭنى تاۋلاپ تۇرمىساڭ،جىسمىڭنى دات باسىدۇ.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-24 16:44 |
yaxna
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6538
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 45
شۆھرەت: 270 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 279 سوم
تۆھپە: 154 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 154 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دىن لازىمدۇر. دىنسىز بىر مىللەتنىڭ داۋام قىلالىشى مۇمكىن ئەمەستۇر. دىن بار ۋە لازىم،
بۇ بەك ئورۇنلۇق گەپكەن..
تىما ئىگىسىگە رەخمەت.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-24 18:53 |
isyankar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2174
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 123
شۆھرەت: 643 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 666 سوم
تۆھپە: 387 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 393 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 134(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

 شۇنداق بولغاندا ، دۆلىتىمىز دىندىن ئەڭ قاچىدىغان ، قورقىدىغان  يامان كۆرىدىغان  دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلگىرىكىلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى ھەم بېشىدىن ئۆتكۈزىدىكەندە؟؟؟

بەزى يەرلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئوبدان يېزىپسىز...
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-24 20:30 |
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 280
شۆھرەت: 1747 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1761 سوم
تۆھپە: 984 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 991 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 290(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

 بىر مىللەتنىڭ سىياسي داۋالغۇشلاردىن ساق سالامەت ئۆتىشى، سىرتتىن كېلىدىغان بىر ھۇجۇم ياكى تاجاۋۇزغا قارشى بەرداشلىق بېرەلىشى ۋە پۇت تىرەپ تۇرالىشىدا شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى كۇچى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ.ئەكسىچە روھى تىنەپ .ھىستىريە بولۇپ كەتكەن مىللەتتە  كەيىپ - ساپا ئاساسى ئورۇندا ئېتىبارلىنىدۇ.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-24 22:38 |
yoluqi76
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7170
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 45 سوم
تۆھپە: 27 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 27 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

جەمئيەتنى تىرەپ تۇرغان ئۈچ پۇت بار. بىرى قانۇن، بىرى ئەخلاق يەنە بىرى دىن. قايسى بىرى يىقىلىدىكەن، جەمئىيەت پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، دىننىي ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىشى كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى شەيتان ۋەسۋەسسىسىنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرىدۇ. ئاڭنىڭ كونتىروللىقىنى يوقاتقان ھەرىكەت گۇناھ پاتقىقىدا ئۆز تىراگېدىيىسىنىڭ قەلىمىنى تەۋرىتىدۇ.
lutun
يولۇچى 76
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-24 23:40 |
bagdashi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6223
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 95
شۆھرەت: 578 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 578 سوم
تۆھپە: 324 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 336 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

3كۈنلۈك جىددىي پۇرسەت .ئالدىراڭ،


گېرمانىيە ۋولكىسۋاگىن گوروھى ئۈرۈمچى ئاپتوموبىل زاۋۇتى شىنجاڭدىن ئۇيغۇر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ. خىزمەت خارەكتىرى زاۋۇت ئىشچىسى بولىدۇ. تىزىملاتقاندىن كىيىن شاڭخەيگە بېرىپ ئالتە ئاي تەربىيلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاندىن ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتتا خىزمەت قىلىدۇ. ئاۋال سىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەيسىز، ئاندىن زاۋۇت سىزگە تېلېفون ئارقىلىق ئوقتۇرۇش قىلىدۇ.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: سىناپ باقىدىغانلار ئەمەس، قوبۇل قىلىنىپ قالسىڭىز چوقۇم شاڭخەيگە بېرىپ تەربىيلەشكە قاتنىشالايدىغان، قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتتا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىيەلەيدىغان بولۇشىڭىز كېرەك، چۈنكى بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش كىيىنكى قېتىمدىكى سانى ئىنتايىن كۆپ بولغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشى مومكىن.

قوبۇل قىلىش شەرتىلىرى: جىسمانى كۈچى ياخشىراق بولىشى كېرەك، مەلۇم دەرىجىدە خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى بولۇشى كېرەك، چۈنكى شاڭخەيدە خەنزۇ تىلىدا تەربىيلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەمدە زاۋۇتتىمۇ خەنزۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە خىزمەت قىلىدۇ. ئاساسلىق تەلەپ خەنزۇ تىلىنى پىششىق بىلىش كېرەك ئەمەس، ئەڭ ئاساسلىقى پوزىتسىيە مەسىلىسى، چۈنكى سىزنىڭ شۇ يەردە ئۇزۇن، مەسئۇلىيەتچالىق بىلەن ئىشلەپ بېرىشىڭىز زاۋۇت ئۈچۈن ئەڭ موھىم. چوقۇم ئۇزۇن ئىشلىيەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتچان، جاپاغا چىدايدىغان بولۇشى كېرەك، ۋاقتى كەلگەندە توختام تۈزۈشۈپ، قانۇن بويىچە خىزمەت قىلىدۇ، مائاشى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، لىكىن بۇ گېرمانىيە بىلەن دۆلىتىمىز بىرلىشىپ قۇرغان زاۋۇتى ، شۇڭا مائاشتىن ھەرگىز ئەندىشە قىلماڭ، مائاشىڭىز ئادىللىق بىلەن تارقىتىلىدۇ. ھەرگىز كىچىك زاۋۇتلاردەك قالايمىقانچىلىق يوق.

ئەگەر بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەن بولسىڭىز، دوستلىرىڭىز، ئۇرۇق تۇغقانلىرىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى خىزمەتكە ئېھتىياجلىقلارغا خەۋەر قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ، مىللىتىمىز ئۈچۈن قوشقان تۆھپىڭىز بولۇپ قالىدۇ.
ئىلگىرى زاۋۇتلاردا خىزمەت قىلىپ باققانلار بولسا ئالدىن ئويلىشىلىدۇ، چۈنكى بۇ خىزمەتكە تەجىرىبىلىك بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.

تىزىملىتىش ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى (دۈشەنبە) كەچكىچە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن يوللانغان ئۇچۇرلار بىردەك ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.

سىز تىزىملاتقاندا ئىسىمىڭىزنىڭ لاتىنچە يېزىلىشى، خەنزۇچە يېزىلىشى (كىملىكتىكى ئىسىم بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك)، كىملىك نومۇرىڭىز، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىڭىز، جىنسىڭىز، يېشىڭىز، ئىگىرى باشقا زاۋۇتتا خىزمەت قىلىپ باققان باقمىغانلىقىڭىز قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى ئېلخەت ئادىرىسىغا ئەۋەتىپ قويسىڭىز بولىدۇ. تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىش قولايسىز، چۈنكى ئالاقىلاشقۇچى خادىم چەتئەللىك بولغاچقا، ئۇيغۇرچە سەۋىيىسى تۆۋەن.

ئىلخەت ئادىرىسى: VWUrumqiRecruiting@gmail.com
ئۇچۇرلارنى ئامال بار خەنزۇچە يېزىڭ!

ئەگەر ئىلخەت يوللاشنى بىلمىسىڭىز، كومپيوتېر ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى ئىزدەپ يازدۇرسىڭىز بولىدۇ، سىز ئەۋەتىپ بەرگەن ئۇچۇرلارنى رەتلەپ، تاللاش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، سىز بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. يېرىم يولدا توختاپ قالىدىغانلار ھەرگىز تىزىملاتماڭلار، چۈنكى بۇ بىرىنچى قېتىملىق ئىش بولغاچقا، كىيىنكى قېتىملىق ئىشلارغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئىلخەت ئارقىلىق تەمىنلەيدىغان ئۇچۇرلار:
ئىسىمىڭىزنىڭ لاتىنچە يېزىلىشى
خەنزۇچە يېزىلىشى (كىملىكتىكى ئىسىم بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك)
كىملىك نومۇرىڭىز
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىڭىز (ئارىلىقتا تېلېفونىڭىز ئېتىلىپ قالسا بولمايدۇ)
خەنزۇ تىلى سەۋىيىڭىز (سەۋىيىڭىز ئادەتتىكىدەك بولسا 一般, ياخشى بولسا 良好, دەپ يازسىڭىز بولىدۇ)
ئادەتتىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ چۈشىنەلىسىڭىز ئادەتتىكىدەك دەپ يېزىڭ، راۋان پاراڭلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرالىسىڭىز ياخشى دەپ يازسىڭىز بولىدۇ.
جىنسىڭىز-
يېشىڭىز-
ئاخىرىغا باشقا زاۋۇتلاردا خىزمەت قىلىپ باققانلار ئەسكەرتىش بېرىپ قويۇڭ!
ئىلخەت ئادىرىسى: VWUrumqiRecruiting@gmail.com
بۇ ئۇچۇرنى ئۇچۇر تورى ۋاكالىتەن يوللاپ بەرگەن بولۇپ، تۆۋەندىكى چ چ نومۇرى ئۇچۇر تورىنىڭ، ئەگەر ئالاھىدە ئىش بولمىسا چ چ نومۇرغا خەت يازمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
378519069
ئالاقىلاشقۇچى  گىرمانىيە ۋولكىس ۋاگىن گۇرۇھى.
بۇ ئۇچۇر ھەمىمىزگە  پايدىلىق بولغاچقا  ئۇچۇر تورىدىن يۆتكەپ ئەكەلدىم
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-25 23:18 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە