ئانا تىلىدا تېلفۇن نومۇرى يوق مىللەت!
1997-يىلى ئەتىگەنلىك دەرستە، چىرايلىرى پارنىك مېۋىسىدەك يۇمران كەلگەن ئاق پىشماق ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىمىز سىنىپىمىزغا كىرىپ كەلدى. بۇ ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئۆزگىچە مىتوتى بولغاچقىمۇ، سىنىپىمىزدىكى، ھەپتىدە ئاران بىر نەچچە سائەتلا دەرىسكە قاتنىشىدىغان ئەڭ بەڭباش ساۋاغدىشىمىز ئېكىس قارىمۇ، بۇ ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ دەرسىگە تۇلۇق ھەم ئىنتىزامچانلىق بىلەن قاتنىشاتتى. ھەرقانداق كۈنى ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ سىنىپقا كىرىپلا تۇنجى بولۇپ دەيدىغان بىر ئېغىز گېپى:- ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتى بەك ھورۇن...شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىپ ئوقۇپ، ئۆزىمىزنى بۇ زوۋاللىقتىن قۇتۇلدۇرىشىمىز كېرەك! دەپ قىسقىغىنە ئەمما مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان دەرسىنى سۆزلەشكە باشلايتتى...ئوقۇتقۇچى بولسا ئەنەئاشۇنداق بولىشى كېرەك! چۈنكى، ئوقۇتۇش مىتودى ياخشى بولمىغان ئوقۇتقۇچىلار، نۇرغۇنلىغان تالانىتلىق ئوقۇغۇچىلارنى بىلىپ-بىلمەي كېرەكتىن چىقىرىۋېتىدىكەن. ئارىدىن ئون نەچچە يىللار ئۆتۈپ،شۇ كۈنلۈك دەرسنىڭ مەزمونىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولساممۇ، ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچىمنىڭ بىزگە ئوقۇپ بەرگەن ئىنگىلىزچە گېزىتنىڭ بەت ئوتتۇرىسىغا بېسىلغان، ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار سەھىپىسىدىكى بىر خەۋىرى(دۇنيا ھەپتىلىكى گېزىتىغۇ دەيمەن) تا ھازىرغىچە ئىسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىدى. ئۇ خەۋەرنىڭ تېمىسى، <<ئۆز ئانا تىلىدا تېلفۇن نومۇرى يوق مىللەت>> بولۇپ، مەزمۇنى مۇنداق ئىدى،- يىراق شەرىقتىكى قەدىمى دۆلەت جۇڭگونىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ دېگەن بىر جايدا نوپۇسى26 مىليوندىن ئاشىدىغان بىر يەرلىك مىللەت بولۇپ،( بىزنىڭ نوپۇسىمىز ئىنگىلىزچە گېزىتتە شۇنداق خاتا ئېلىنىپ قالغان ئىكەن...)ئاجايىپ قىزىقارلىق يېرى، ئۇلارنىڭ، ئۆز ئانا تىلىدا تېلفۇن نومۇرى يوق ئىكەن!...بىز بۇ خەۋەرنىڭ تەرجىمىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىر سىنىپ بالا قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتكەن ئىدۇق. بۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىمىز كۆز ئەينىكىدىن مارىلاپ بىزگە قاراپ، مەسخىرىلىك كۈلىۋەتكەندىن كېيىن، سىنىپىمىزدىكى بىر نەچچە بالىنى، ئۆز ئۆيىنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى ئۇيغۇرچە دىيىشكە بۇيرىدى...بىراق، شۇ كۈنى ھېچكىم، ئۆز ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىدا، ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا سېغىنىدىغان، ئايدا بىر نەچچە پۇل كېلىدىغان ئۆيىنىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى ئېيتىپ بېرەلمىگەنتى...بۇ ئىش يۈز بەرگىلى ئۇزاق يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، ھېلىغىچە ئەسلەپ تۇرىمەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن،ئۆز تېلفۇن نومۇرۇمنى ئانا تىلىمدا ئاتاشقا ئادەتلىنىپ كەلدىم. بەزى چاغلاردا بىر قىسىم كىشىلەرگە نومۇرۇمنى ئۇيغۇرچە دەپ بەرسەم، ئاڭقىرالماي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالىدۇ.
ماتىرىياللاردا ئېيتىلىشىچە، مۇشۇ كۈنلەردە دۇنيادا، ھەپتىسىگە ئىككى خىل تىل يوقۇلىۋېتىپتۇ. بەلكىم شۇ يوقالغان تىللارنىڭ بىچارە مىراسخورلىرى ئۆز ئانا تىلىدا ھېچنىمە دىيىشەلمەسلىكى مۇمكىن ... ئەمما بىزچۇ؟! بىز دىيىشەلمەسمىزمۇ؟! بۇ مەن مىسال ئالغان خەۋەر گەرچە كىچىككىنە مىسال بولسىمۇ، بۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان خەۋپ ۋەزىيان بىزنىڭ مۆلچەرىمىزدىكىدىنمۇ نەچچە يۈز ھەسسە خەتەرلىكتۇر! كىچىككىنە ئىشنى كۆزگە ئىلمىغانلار ھامان بىر كۈنى چوڭ بىر بالايى ئاپەتكە دۇچار بولغۇسى! سۇ كەلمەستە توغان تۇتقانلار دانا سانىلىدۇ...ھەممىنى خەققە دۆڭگەپ قويماي، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك!
بىر قانچە يىللارنىڭ ئالدىدا، ئامرىكىدا ئىشلەنگەن << ئەڭ ئاخىرقى ئېكىس(ئىندىئان) مىللىتى>> دەيدىغان بىر فىلىمنى كۆرۈپ، بۇ بىچارە مىللەتتىنىڭ يەرشارىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئەزاسى بولغان، ياشانغان بىر ئاتىنىڭ بىچارە تۇرقىنى كۆرۈپ يۈرەكلىرىم ئىزىلىپ، ئۇنىڭغا چەكسىز ھېسداشلىقىم قوزغالغانتى. فىلىمنىڭ تۈگەنچىدىغۇ دەيمەن، ئۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقامىدەك مۇڭلۇق بىر كۈينى ئۆز تىلىدا ئېيتىپ فىلىم ئاياغلاشقانتى. كېيىن ماتىرىيللاردىن كۆرسەم ئامرىكىدىكى ئىندىئانلارنىڭ ئارىسىدىمۇ مۇقام ۋارىيانىتلىرى بار ئىكەن. ھەتتا، پۈتكۈل دۇنيانى بېسىۋېلىشقا ئاز قالغان ئىمپىراتور چىڭگىزخاننىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قېچىپ، سوغوق مۇز ئوكيان، پايانسىز تېنىچ ئوكيانلاردىن ئاتلاپ ئىندىئان زىمىنغىغا ئۆتكەن، يەرلىك ئىندىئانلاردىن مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتە زور پەرىقلىنىدىغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئوقۇدۇم...
تىل قەلىبلەر كۆۋرۈكى! كۆپ خىل تىل بىلىش شەرەپتۇر...ئانا تىل بولسا بىر مىللەتنىڭ بارلىقى! ئاناتىل بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى! بىر تىلغا بىر مىللەتنىڭلا ئەمەس ئاشۇ مىللەت كۈچ قوشۇپ گۈللەندۈرگەن دۇنيانىڭ، مەدەنىيەت-سەنئەت، تارىخ، دىن، سىياسەت، ئېتىقاد، دۇنيا قاراش،سۆيگۈ-مۇھەببەت، پەلسەپەلىرى سىڭگەن بولىدۇ! بىر تىل يوقالسا، بىر خىل مەدەنىيەت، بىر خىل سەنئەت، بىر خىل تارىخ، بىرخىل ئېتىقاد، بىر خىل سىياسەت، پەلسەپە، دۇنيا قاراش،سۆيگۈ-مۇھەببەت ھەم تىل بىلەن ئاسانلىقچە تەسۋىرلەپ كەتكۈسىز ئىنچىكە ھېس-تۇيغۇلارمۇ يوقالغان بولىدۇ!
تۆنۈگۈن، يەنى 2-ئاينىڭ21-كۈنى <<خەلقارالىق ئاناتىل كۈنى>> ئىكەن...شۇ كۈندىكى ۋە بۈگۈنگىچە مېنىڭ كاللامدا، قەلبىمدە ئانا تىلغا بولغان چەكسىز ئىپتىخار ھەم ھۆرمەت يالقۇنلىرى لاۋۇلداپ كۆيمەكتە...بۇ ئوتنىڭ مۇنۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان سىزلەرگىمۇ تۇتۇشۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! تۇرۇپلا ئانا تىلىم ھەققىدە توختاۋسىز، تەخىرسىز، تەگسىز خىيال قايناملىرىغا چۆكۈپ كەتتىم...بۇ قايناملارنىڭمۇ سىزلەرنى ئاياپ قالماسلىقىنى تىلەيمەن...
2011-يىلى2-ئاينىڭ22-كۈنى قومۇل
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
[ بۇ يازمىنىarkimدە2011-02-23 16:28قايتا تەھرىرلىدى ]