ئاۋالۇك-تاڭسىڭ
ھەجۋى داستان
ئەسلى ئاپتۇرى: بىن ۋاڭمەتىۋىچ
بىرىنچى جىلىد
تاڭ راھىبىنىڭ ئۆمۈچۈك داۋىنىدا ۋاڭ ئانا بىلەن ئۇچراشقىنى
ئەلقىسسە، تاڭ راھىبى ئاۋالۇك سۇۋاراغا بولغان سۆيگۈ رىغبىتى بىرلە مەغرىىپكە ۋىسال ئىزدەپ مېڭىش سەپىرىدە نەچچە تۈمەن تۈرلۈك رىيازەتلەرنى چكىپ،مىليۇن مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، ئاخىرى تاڭ چىگرىسىدىن چىقتىلەر. يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى تاشقا تىگىپدۇر دىگەندەك ، چىگرىدىن چىقىپلا چۈشكەن بىرىنچى ئۆتەڭ دەل ئۆمۈچۈك داۋىنى بولدى.
بۇ ئۆتەڭدە شىمىنچىڭ قۇرغان ئۆمۈچۈڭ پەرى ناملىق چوڭ بىر دەڭ ساراي بار ئىدى. بۇ ساراينىڭ نامى يەتتە ئىقلىمغا پۇر كەتكەن بۇلۇپ سارايدا پەن جىنلىيەن قاتارلىق نامى بار سەتەڭلار سەككىز يۇلتۇز دەرىجىلىك ئالى مۇلازىمەت قىلىدىغان بولغانلىقتىن نۇرغۇن كىشىلەر ئەشۇ ئۆمۈچۈك گۈزەللەرنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتالمىغان تەقدىردىمۇ، جامالىنى كۆرەي دەپ بولسىمۇ يالغاندىن مۇساپىر قىياپىتىدە ياسىنىپ بۇ دەڭدە ئاي ئايلاپ يېتىۋالاتتى. شۇڭا بۇ سارايدا ئادەتتە ئۆي بەك قىس بولاتتى.
تاڭ سىڭنىڭ ياماق چۈشكەن كاسايا جەندىسىنى ساڭگىلىتىپ، سىرلىرى چۈشۈپ، دات بېسىپ كۆكەرگەن قاققاراغا تايانغىنىچە دەلدەڭشىپ كىرگەنلىكىنى كۆرگەن سارايۋەن ياردەمچىسى ۋاڭ ئانا قاپىقىنى تۈردى، چۈنكى بۇنداق دىۋانە موللا-دۇئاخانلارنى ئۇ ئايال ئۆمرىدە كۆپ كۆرگەن بولۇپ ئۇنىڭ كاللىسىغا ساۋاپنىڭ كۆتى تۈشۈك دىگەن ئەقىدە سىڭىپ كەتكەن بولغانلىقتىن ئەزەلدىن بۇنداق كىشىلەرگە بىر نەرسە بەرمەيتى، ھەتتە ئۇلارنى ساراينىڭ ئىناۋىتىگە دەخلى يەتكۈزدى دەپ خىزمەتكارلارغا ئۇردۇرغان چاغلىرىمۇ بولغان ئىدى. بىراق بۇ قېتىم ئۇ تاڭسىڭغا قايتا قارىدى، چۈنكى تاڭسىڭ ناھايىتى ۋەيرانە، ئۇرۇق ،چاچلىرى ئۈسۈپ كەتكەن بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ بىر يەرلىرى ۋاڭ ئانىغا تۇنۇشتەك بىلىنىپ كىتىۋاتاتتى. قارىغاندا ئۇ ۋىسال ئىزدەپ ماڭغان بىر ئاشىق بولسا كىرەك دەپ ئويلىدى ۋاڭ ئانا. چۈنكى ئۇنىڭمۇ ياشلىق چاغلىرى بولغان، گۇزەل تۇيغۇلار ئىچىدە ئەينەككە قاراپ كۈلگەن، ياستۇقنى نەمدەپ يىغلىغان چاغلىرى بولغان... بىراق نەچچە ئون يىللار ئىلگىرىكى بىر راھىپنىڭ قىلغانلىرى ئۇنىڭ ياشلىق باھارىنى نابۇت قىلىپ بۇ داڭلىق ياڭگۇ گۈزىلىنىڭ مۇشۇ مىھمانىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك مۇلازىمەتچىسىگە ئايلىنىپ قېلىشقا سەۋەب بولغان ئىدى.
ئەشۇ گۈزەل ياشلىق چاغلاردا ئۇ غەرپتىن كەلگەن بىر سودىگەر يىگىتكە ئاشىق بولۇپ ئۇنىڭ دەردىدە بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغان بولۇپ قېلىپ زادىلا ئۇخلىيالماس بۇلۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پال ئاچتۇرۇپ بېقىش ئۈچۈن بۇتخانىغا كىردى، بۇ كۈنى قۇرئە ئېچىپ پال سېلىشقا بىر ئوتتۇرا ياش راھىپ مەسئۇل بولغان بۇلۇپ،ئۇ ۋاڭ ئانىنىڭ جامالىغا قاراپ كۆزىنى ئۈزەلمەيلا قالدى، چۈنكى ئۇ چاغدا ۋاڭ ئانا داڭلىق ياڭگۈ گۈزىلى ئىدىدە...، لىكىن راھىپ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ دەرھال ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ كۆزىنى يېرىم يۇمدىدە سۈرە-ئايەتلەرنى ۋاراقلاشقا باشلىدى ۋە ئاخىرى توساتتىن كالام شىرىپتىكى بىر بەتنى ئېچىپ ئۇنىڭغا تەپسىر قىلىشقا باشلىدى، ئۇ ئايەتلەرنى مۇقەددەس قىبلىدىكى تائىپىلەرنىڭ تىلىدا ئۇقۇيتى ئاندىن تاڭ تىلىغا تەرجىمە قىلدى، ئاخىرىدا ئۇنىڭدىكى مەزمۇننى ۋاڭ ئانىنىڭ باش ئايىغىغا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دىدى،
كالام شىرىپتە دىيىلىشىچە، كىمەرسىكى نوم پارىلىرىنى تولۇقى بىلەن سەككىز مەرتىبە ئوقۇپ چىقسا ئۇنىڭ تۈرلى كىسەللىرى شىپا تاپقايلەر، شۇڭا خالىسىڭىز ھەر كۈنى كىلىپ مىنىڭ يىنىمدا نوم ئوقۇپ بەرسىڭىز ھەرقانداق كىسەل بولسا چىقىپ كىتىدۇ قىزچاق.
شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ ئانا ھەر كۈنى بۇدخانىغا كىلىدىغان بولدى، بىراق شۇنچە ئۇقۇسىمۇ 888 پارە نومنى بىرەر ئىككى يىلدىمۇ ئوقۇپ بولغىلى بولىدىغاندەك قىلمايتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىچى پۇشۇپ ئانچە كەلمەيدىغان بۇلۇپ قالدى، بىر كۈنى ۋاڭ ئانا قىزىل تۈگۈچ تۈگۈپ ئولتۇرسا بىرسى ئىشىكنى چىكىپ قالدى، چىقىپ ئېچىۋىدى، ھېلىقى راھىپ ئىكەن.
ساخاۋەتچىم ، دىدى راھىپ يېرىم يۇمۇلغان كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭ قىزىل قەغەز چاپلىنىپ قىزارتىلغان يۇمران لەۋلىرىگە بىگىزدەك قاراپ، يېقىندىن بىرى كەلمەيدىغان بۇلۇپ قالدىلا ، شۇڭا يوقلاپ ئۆتەي دەپ كىردىم.
ۋاڭ ئانا ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيىتتى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بۇتخانىغا بارماسلىق سەۋەبىنى چۈشەندۈردى.
بۇ ئاسان دىدى، راھىپ، سىز ئۇقۇمىسڭىزمۇ بولىدۇ.
ئۇنداقتا كىم ئوقۇيدۇ دىدى، ۋاڭ ئانا ساددىلىق چىقىپ تۇرغان شەھلا كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ.
دىمىدە ئىچىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدا نوم ئايەتلىرىنى مەلۇم نەرسىگە دىمىدە قىلىمىز، ئۈنۈمى ئوخشاش بولىدۇ.
نىمە دىگەن ياخشى دىدى، ۋاڭ ئانا. ئۇنداقتا موللام سىلى بىر يولىنى قىلىپ بەرگەن بولسىلا،
شۇنىڭ بىلەن راھىپ دىمىدىنىڭ يولىنى قىلىدىغان بولۇپ قايتىپ كەتتى، شۇ كەتكەنچە بىر ھەپتىلەردىن كېيىن يەنە ئۇنىڭ ئىشكى چىكىلدى . ۋاڭ ئانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يەنە شۇ راھىپ تۇراتتى،
ئۆيگە كىرسىلە دىدى ۋاڭ ئانا،
راھىپ كىرگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ دىمىدىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ۋاڭ ئانىنىڭ ئۇنى تاھارەت بىلەن ئىستىمال قىلىشى لازىملىقىنى ئېيىتتى،
ۋاڭ ئانا غۇسلى تاھارەت ئېلىپ كىرگەندىن كىيىن ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ راھىپتىن سورىدى،
ھەزرىتى موللام دىمىدە قېنى؟
راھىپ بۇنى ئاڭلاپ سەل ئوڭايسىزلانغاندەك بولدى دە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتى،
888پارە كالام شىرىپنى ئوقۇپ بولۇش ئۈچۈن يەنىلا بىرنەچچە يىل كەتكۈدەك دىدى ئۇ بېشىنى قاشلاپ،
بايا ئەكەلدىم دىگەن ئىدىلىغۇ ... دىدى ۋاڭ ئانا چۈشەنمەسلىك چىقىپ تۇرغان بۇلاقتەك كۆزلىرىنى راھىپقا تىكىپ.
ئېلىشنىغۇ ئېلىپ كەلدىم، دىدى، راھىپ ، شۇ سەل قولايسىزراق،
نىمە ئۇ دىدى ۋاڭ ئانا چۈشەنمەي.
مەن... دىدى راھىپ سەل قىزىرىپ تىلى كالۋالاشقانچە ، 8 يېشىمدا ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ ھازىر قىرىق ياشقا كىرىپتىمەن، ھازىرغىچە نومنى نەچچە مەرتىبە ئۆتكۈزۈپ خەتمە كەردە تالىپتىن ئۇرۇنباسار داموللىلىققىمۇ ئۆستۈم ، شۇ 32 يىلدا ئۇقۇغان كالاملىرىمنى بىر نەرسىگە دىمىدە قىلىپ كەلگەنمەن...،
نىمىنى دەيلا دىدى ۋاڭ ئانا،
مېنىڭ مۇشۇ كالام شىرىپ ئۇقۇغان تىلىم ، دىدى راھىپ يەرگە قاراپ...
شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ ئانا نىمە ئۈچۈندۇر ئەشۇ 32يىللىق دىمىدىنى ئىستىمال قىلدى، لىكىن شۇندىن كىيىن ئۇ دىمىدە راستىنلا ئۇزۇن تۇرۇپ كۈچى ئېشىپ، پۇرىقى ، رەڭگى قىيامىغا يەتكەن كونا شاراپتەك ئۇنى خۇمار قىلىۋالدى. كىيىنكى ئىشلارنى بۇ يەردە دىگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش ئاخىرى پاش بولغاندىن كىيىن راھىپ ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولماي قېچىپ كەتتى، موللىنىڭ دىگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما دەپتكەن،دەپ يىغلايتى ۋاڭ ئانا تۇپپايغان قۇرسىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ... گەرچە كونىلاردا پاۋلې، خېشاڭ، پاۋبۇلىياۋ مىياۋ دىگەن گەپ بولسىمۇ بۇتخانا بۇ ئىشقا ئىگە بولغىلى ئۇنىمىدى، ئامبالغا ئەرىز قىلغان بولسىمۇ پەقەت بۇتخانىنىڭ تىنىچ بۇتخانا دىگەن ۋىۋىسكىسىلا ئېلىۋىتىلدى خالاس.
شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ ئانا ئامالسىز ھېلىقى ئايەت ئوقۇغان تىلىنى دىمىدە قىلىپ شوراتقان موللامنىڭ پۇشتىنى ئۇنىڭ خانىقاسىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قۇيۇپ ئۆزى مانا ھازىرقى سارايغا كىلىپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭ راھىپ دىۋانىلەرگە ئۆچلىگىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ ئىدى.
داۋامى بار.