بانكىدا كەسپ بېجىرگەندە ئىسىمنى
قانداق تولدۇرۇش كېرەك ؟
ئۆتكەندە بانكىغا كارتا بېجىرىش ئۈچۈن كىرىپ بىر جەدۋەلنى تولدۇرۇش توغرا كېلىپ قالدى ، بانكا خادىمىنىڭ ئۆزى تولدۇرۇپ بېرىشىنى ئېيتتىم ، ئەمما ئىسىم يازىدىغان يېرىگە كەلگەندە تېخى ھەل قىلىنمىغان مەسىلىدىن بىرى كۆرۈلدى .
بۇجەدىۋەل مۇنداق —————— 姓—————————名ئالدىغا فەمىلىسى كەينىگە ئىسمى يېزىلىدىكەن بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى خەنزۇچە يېزىش توغرا كەلسە دادىسىنىڭ ئىسمى ئالدىغا ئۆزىنىڭ ئىسمى كەينىگە بوپ قالىدىكەن (شۇبانكا خادىمىنىڭ دىيىشىچە چوقۇم شۇنداق يېزىلىشى كېرەككەن ).
مەسىلەن :买买提.艾海提دىگەننى 艾海提.买买提دەپ يازىدىكەنمىز . بىراق بۇنداق يېزىلسا جامائەت خەۋپسىزلىك تورىنىڭ كىملىك تەكشۈرۈش يەنى (身份证核查)ئۆتكىلىدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ ، شۇنداق قىلىپ سىز يېرىم كۈن ئاۋارە بولۇپ بېجىرمەكچى بولغان كارتىڭىزنى بېجىرەلمەيسىز يەنى بانكا سىزنى توردىن تەكشۈرسە دۆلىتىمىزدە بۇنداق ئادەم يوق دەپ چىقىدۇ ...
مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار زادى تەدبىر قوللانغانمۇ يوق، بىرلىككە كەلگەن ھەل قىلىش ئۇسولى بارمۇ موشۇلارنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقساق .
موشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان تورداشلار بارمۇ ؟؟