saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 728 قېتىم كۆرۈلدى
alim20
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1396
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 72
شۆھرەت: 365 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 365 سوم
تۆھپە: 218 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 218 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 249(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئاللاھنى تونۇشنىڭ ۋاستىلىرى

ئاللاھنى تونۇشنىڭ ۋاستىلىرى




       ئاللاھنى تونۇشنىڭ ئىنتايىن كۆپ.ئەمما  ئۇلارنى تۆۋەندىكى ئىككىگەقىسكارتىپ چۈشەندۈرۈش مۈمكىن؛ بىرى،ئەقىل بىلەن ئىلىم، يەنە بىرى،ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن ئىبارەت.ئىنساندىكى ئورگانلارنىڭ ھېچبىرى بىكارغا يارىتىلغان ئەمەس .ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ يېتەكچىسى بولغان ئەقىلنى ئالايلۇق؛ ئەقىلنىڭ ۋەزىپىسى -تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت.ئەگەرئىنسان ئەقلىنى ئىشلىتىپ ،ئەتراپتىكى شەيئىلەر  ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ ،ئىزدەنمەيدىكەن ،ئۇ  ئەقىلنىڭ  ۋەزىپىسىنى جارىقىلدۇرمىغان،ھەتتا  بارا -بارا ئەقىلنىڭ رولىنى يوقاتقان بولىدۇ .ئىسلام دىنى ئەقلىي بىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان  بىر  دىن بولۇپ ،ئۇنىڭ دەۋىتى پەقەت ئەقىللارغا خىتاپ قىلىدۇ .كىشىلەرنى پىكىر يۇرگۈزۈپ ئىزدىنىشكە چاقىرىدۇ .ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قارغۇلارچە ئېتىقات قىلىشىنى قەتئى رەت قىلىدۇ.  ئۇ  كىشىلەرنى ئەقىل ئىشلىتىپ ئويلاپ ،پىكىر يۈرگۈزۈپ ،ياخشى چۈشۈنىپ،ئاندىن ئىسلام دىنىغا  كىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا،قۇرئان كەرىمدە ،ئاللاھنىڭ ئاسمان، زىمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى  گۈزەل سەنئەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ ،پىكىر  يۈرگۈزۈشنى ئىبادەتنىڭ جەۋھىرى دەپ قارىغانلىقتىن ،ئۇنىڭغا ئىنتايىن كۆپ ساۋاپلىق بېرىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىنغان. ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ؛ [ئېيتقىنكى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۈزۈتىڭلار] .بۇ ئايەتتىكى كۈزۈتىشتىن مەخسەت،ئاللاھنىڭ  كائىناتتىكى ئاجايىپ قۇدرەتلىرى ۋە كامالىغا يەتكەن سەنئەتلىرى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئاللاھنى تونۇشتۇر. ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ؛ [ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ  قارنىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى، ئاللاھ سىلەرگە شۈكۇر قىلسۇن دەپ ،قۇلاق ،كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى ]ئاللاھ كائىناتتىكى ئۆزىنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەردىن ئىبرەت ئالمىغانلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ؛[ ئۇلار زىمىندا سەير  قىلمىدىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار { يەنى سەير قىلىپ} چۈشۈنىدىغان دىللارغا ،ياكى  ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن كۆزلەر كور بولمايدۇ. لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلىپلەر كوردۇر]  ئاللاھ ئىنساندىكى قۇلاق،كۆز ۋە يۈرەك قاتارلىق ئورگانلارنىڭ  بىكارغا يارىتىلمىغانلىقى توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ؛ [ قۇلاق، كۆز، دىل {يەنى سەزگۈ ئەزالىرى} نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە سۇئال -سوراق قىلىنىدۇ] دىمەك: قۇلاق ،كۆز، قەلپ قاتارلىق سەزگۈ ئەزالارنىڭ ئىنسان ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمەتلىرى كۆپ ۋە بۇ ئەزالار نىڭ  ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى ئېغىر بولغانلىقتىن ، ئاللاھ بۇ ئەزالارنى قۇرئاندا  بىر  قانچە يەردە  تەكرار  بايان قىلغان . چۈنكى ئىنسان قۇلۇقى بىلەن ئاللاھنىڭ  كالامىنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئاڭلايدۇ . كۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ  كائىناتتىكى گۈزەل سەنئەتلىرىنى ،ئۇنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىگىنى نامايەن قىلىدىغان تۈرلۈك  ئالامەتلەرنى كۆرىدۇ. قەلبى بىلەن ،كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىپ، ئاللاھقا ئىمان  ئېيتىدۇ. يوقۇرقى ئۈچ  ئەزانى ئىشلىتىش پەقەت  ئەقىلنىڭ ۋاستىسى بىلەن بولىدۇ. ئەقىل ئۆز يولىدا ئىشلىتىلگەندىلا ،يوقۇرىقى ئۈچ ئەزامۇ ئۆز  ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلالايدۇ . 


 مەنبەسى:{ دىن ۋە ھايات}
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-25, 17:37
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-25 17:12 |
arkimjan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7372
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 105 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 105 سوم
تۆھپە: 63 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 63 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

توغرا شۇنداق . ئەقىلنى ئىشلىتىش كېرەك . تەپەككۈر قىلدىغان ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرەت كامالىنى بىلدۇردىغان كارامەتلەر ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن -نۇرغۇن ..............شۇڭا ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى پەقەت ئالىملارلا بىلىدۇ . ئەمەسمۇ......................
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-25 19:29 |
bagdashi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6223
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 92
شۆھرەت: 563 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 563 سوم
تۆھپە: 315 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 327 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

3كۈنلۈك جىددىي پۇرسەت .ئالدىراڭ،


گېرمانىيە ۋولكىسۋاگىن گوروھى ئۈرۈمچى ئاپتوموبىل زاۋۇتى شىنجاڭدىن ئۇيغۇر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ. خىزمەت خارەكتىرى زاۋۇت ئىشچىسى بولىدۇ. تىزىملاتقاندىن كىيىن شاڭخەيگە بېرىپ ئالتە ئاي تەربىيلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاندىن ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتتا خىزمەت قىلىدۇ. ئاۋال سىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەيسىز، ئاندىن زاۋۇت سىزگە تېلېفون ئارقىلىق ئوقتۇرۇش قىلىدۇ.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: سىناپ باقىدىغانلار ئەمەس، قوبۇل قىلىنىپ قالسىڭىز چوقۇم شاڭخەيگە بېرىپ تەربىيلەشكە قاتنىشالايدىغان، قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتتا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىيەلەيدىغان بولۇشىڭىز كېرەك، چۈنكى بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش كىيىنكى قېتىمدىكى سانى ئىنتايىن كۆپ بولغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشى مومكىن.

قوبۇل قىلىش شەرتىلىرى: جىسمانى كۈچى ياخشىراق بولىشى كېرەك، مەلۇم دەرىجىدە خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى بولۇشى كېرەك، چۈنكى شاڭخەيدە خەنزۇ تىلىدا تەربىيلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەمدە زاۋۇتتىمۇ خەنزۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە خىزمەت قىلىدۇ. ئاساسلىق تەلەپ خەنزۇ تىلىنى پىششىق بىلىش كېرەك ئەمەس، ئەڭ ئاساسلىقى پوزىتسىيە مەسىلىسى، چۈنكى سىزنىڭ شۇ يەردە ئۇزۇن، مەسئۇلىيەتچالىق بىلەن ئىشلەپ بېرىشىڭىز زاۋۇت ئۈچۈن ئەڭ موھىم. چوقۇم ئۇزۇن ئىشلىيەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتچان، جاپاغا چىدايدىغان بولۇشى كېرەك، ۋاقتى كەلگەندە توختام تۈزۈشۈپ، قانۇن بويىچە خىزمەت قىلىدۇ، مائاشى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، لىكىن بۇ گېرمانىيە بىلەن دۆلىتىمىز بىرلىشىپ قۇرغان زاۋۇتى ، شۇڭا مائاشتىن ھەرگىز ئەندىشە قىلماڭ، مائاشىڭىز ئادىللىق بىلەن تارقىتىلىدۇ. ھەرگىز كىچىك زاۋۇتلاردەك قالايمىقانچىلىق يوق.

ئەگەر بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەن بولسىڭىز، دوستلىرىڭىز، ئۇرۇق تۇغقانلىرىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى خىزمەتكە ئېھتىياجلىقلارغا خەۋەر قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ، مىللىتىمىز ئۈچۈن قوشقان تۆھپىڭىز بولۇپ قالىدۇ.
ئىلگىرى زاۋۇتلاردا خىزمەت قىلىپ باققانلار بولسا ئالدىن ئويلىشىلىدۇ، چۈنكى بۇ خىزمەتكە تەجىرىبىلىك بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.

تىزىملىتىش ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى (دۈشەنبە) كەچكىچە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن يوللانغان ئۇچۇرلار بىردەك ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.

سىز تىزىملاتقاندا ئىسىمىڭىزنىڭ لاتىنچە يېزىلىشى، خەنزۇچە يېزىلىشى (كىملىكتىكى ئىسىم بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك)، كىملىك نومۇرىڭىز، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىڭىز، جىنسىڭىز، يېشىڭىز، ئىگىرى باشقا زاۋۇتتا خىزمەت قىلىپ باققان باقمىغانلىقىڭىز قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى ئېلخەت ئادىرىسىغا ئەۋەتىپ قويسىڭىز بولىدۇ. تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىش قولايسىز، چۈنكى ئالاقىلاشقۇچى خادىم چەتئەللىك بولغاچقا، ئۇيغۇرچە سەۋىيىسى تۆۋەن.

ئىلخەت ئادىرىسى: VWUrumqiRecruiting@gmail.com
ئۇچۇرلارنى ئامال بار خەنزۇچە يېزىڭ!

ئەگەر ئىلخەت يوللاشنى بىلمىسىڭىز، كومپيوتېر ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى ئىزدەپ يازدۇرسىڭىز بولىدۇ، سىز ئەۋەتىپ بەرگەن ئۇچۇرلارنى رەتلەپ، تاللاش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، سىز بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. يېرىم يولدا توختاپ قالىدىغانلار ھەرگىز تىزىملاتماڭلار، چۈنكى بۇ بىرىنچى قېتىملىق ئىش بولغاچقا، كىيىنكى قېتىملىق ئىشلارغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئىلخەت ئارقىلىق تەمىنلەيدىغان ئۇچۇرلار:
ئىسىمىڭىزنىڭ لاتىنچە يېزىلىشى
خەنزۇچە يېزىلىشى (كىملىكتىكى ئىسىم بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك)
كىملىك نومۇرىڭىز
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىڭىز (ئارىلىقتا تېلېفونىڭىز ئېتىلىپ قالسا بولمايدۇ)
خەنزۇ تىلى سەۋىيىڭىز (سەۋىيىڭىز ئادەتتىكىدەك بولسا 一般, ياخشى بولسا 良好, دەپ يازسىڭىز بولىدۇ)
ئادەتتىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ چۈشىنەلىسىڭىز ئادەتتىكىدەك دەپ يېزىڭ، راۋان پاراڭلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرالىسىڭىز ياخشى دەپ يازسىڭىز بولىدۇ.
جىنسىڭىز-
يېشىڭىز-
ئاخىرىغا باشقا زاۋۇتلاردا خىزمەت قىلىپ باققانلار ئەسكەرتىش بېرىپ قويۇڭ!
ئىلخەت ئادىرىسى: VWUrumqiRecruiting@gmail.com
بۇ ئۇچۇرنى ئۇچۇر تورى ۋاكالىتەن يوللاپ بەرگەن بولۇپ، تۆۋەندىكى چ چ نومۇرى ئۇچۇر تورىنىڭ، ئەگەر ئالاھىدە ئىش بولمىسا چ چ نومۇرغا خەت يازمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
378519069
ئالاقىلاشقۇچى  گىرمانىيە ۋولكىس ۋاگىن گۇرۇھى.
بۇ ئۇچۇر ھەمىمىزگە  پايدىلىق بولغاچقا  ئۇچۇر تورىدىن يۆتكەپ ئەكەلدىم
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-25 22:36 |
islamoglani
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4355
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرەت: 295 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 295 سوم
تۆھپە: 168 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 168 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى bagdashiدە2012-05-25 22:36يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
3كۈنلۈك جىددىي پۇرسەت .ئالدىراڭ،


گېرمانىيە ۋولكىسۋاگىن گوروھى ئۈرۈمچى ئاپتوموبىل زاۋۇتى شىنجاڭدىن ئۇيغۇر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ. خىزمەت خارەكتىرى زاۋۇت ئىشچىسى بولىدۇ. تىزىملاتقاندىن كىيىن شاڭخەيگە بېرىپ ئالتە ئاي تەربىيلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاندىن ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتتا خىزمەت قىلىدۇ. ئاۋال سىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەيسىز، ئاندىن زاۋۇت سىزگە تېلېفون ئارقىلىق ئوقتۇرۇش قىلىدۇ.

.......

سىزگە نىمبولدى؟
saltanat
ئەلىخان
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-26 22:40 |
anwarkapak
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 98
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 440
شۆھرەت: 2240 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2260 سوم
تۆھپە: 1338 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1338 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 269(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  ئەتراپىمىزغا ئەستايدىل  نەزەر سېلىپ تەپەككۈر قىلساق ، ھەقىيقەتەن  ئاللاھنىڭ مۆجىزاتلىرىنى ھىس قىلالايمىز .
مەسلەن : قۇياشنىڭ يەر شارىغا  يېقىنمۇ ئەمەس، يىراقمۇ ئەمەس دەل مۇۋاپىق ئارلىقتا  دەۋرىلىك ھالەتتە ئايلىنىپ  ،ئۆزلۈكسىز ھەركەت قىلىپ تۇرىشى..
پۇتۇن دۇنيادىكى مىليۇنلىغان  ئىنسانلارنىڭ  شاپىلاقچە چىرايىنىڭ  بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىپ تۇرۇشى............... تەبىئەت،، ھايۋانات.، ئۆسۈملۈكلەردىكى  تۈمەن خىل مۆجىزاتلار ئش قىلىپ  ساناپ كەلسەك ئېيتىپ تۈگەتكۈسىزدۇر.
   يۇقۇرقى ئىشلارنىڭ تەتۈرسى بولغان بولسا قانداق بولاتتى ؟  دېگەن سۇئالنى ئۆزىمىزگە قويۇپ تەپەككۈر قىلىپ باقايلى  ...قۇياش يەر شارىغا يەنىمۇ يېقىن  ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا  ياكى تېخىمۇ يىراق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا  قانداق ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىققان بولاتتى ؟؟؟دېگەندەك .......
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-26 22:56 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز