saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 669 قېتىم كۆرۈلدى
imar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5789
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 93
شۆھرەت: 795 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 851 سوم
تۆھپە: 407 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 426 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 381(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئىت قۇيرىقى

ئەزىز نەسىن
تۇرسۇنجان ئابدۇقادىر تەرجىمىسى
بىز بارغان يېزىلاردا ئىتلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسىنىڭ قۇيريقىنىڭ يوقلۇقى دىققىتىمنى تارتتى.
مەن ئوقۇتقۇچۇمغا:
- يېزىلىقلارنىڭ «ئىتلار قورقماس بولسۇن» دەپ قۇلاقلىرىنى كېسىپ، تۇزلايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئەمما، قۇيرۇقلىرىنىمۇ كېسىۋېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن،- دېدىم.
- بۇ ئىتلار ئەسلى مۇشۇنداق بولسا كېرەك،- دېدى ئوقۇتقۇچۇم.
بىز تۇنجى بارغان يېزىدا بىزنى مېھمان قىلغان مويسىپىتتىن:
- نېمىشقا بۇ ئىتلارنىڭ قۇيرۇقى يوق، يا ئەسلى مۇشۇنداقمۇ؟- دەپ سورىدىم.
مويسىپىت كۈلۈپ كېتىپ:
- ئۇنىڭ ئايرىم ھېكايىسى بار. ئاڭلاشنى خالىساڭ سۆزلەپ بېرەي،-دەپ ھېكايىسىنى باشلىدى.
بىر يىلى، ناھىيە ھاكىمى: «بۇ يىل سىلەرنىڭ يېزىغا 30 چوشقا ئۆلتۈرۈش ۋەزىپە» دەپ خەۋەر يوللاپتۇ. بۇ خەۋەر يېزىغا كەلگەندە ھەممىمىز چۆچۈپ كەتتۇق! يېزىلىقلار ماڭا: «سېنىڭ كاللاڭ خېلى ئىشلەيدۇ. بۇ ئىشلارنى چۈشىنىسەن. ئەھۋالىمىزنى ناھىيە ھاكىمىغا چۈشەندۈرگىن...» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن، مەن ھاكىمنىڭ يېنىغا بېرىپ:
- بەي، مەن 14 يىل ئەسكەر بولدۇم... نە يەمەنى، نە ترالبۇس، نە چاناككالە، نە كافكاز...- دېيىشىمگە، ئۇ گېپىمنى بۆلۈپلا:
- كۆپ سۆزلىمە!... سەن ھەربىيلىكتىكى ۋەزىپەڭنى ئادا قىلىپ بولدۇڭ. يەنە نېمە دېمەكچىسەن،- دېدى.
- ئەستاغپۇرۇللا بەي، دېمەكچى بولغىنىم بۇ ئەمەس... كېيىن ئەسكەر بولۇم، ئەتراپىمغا تەلۋىلەرنى يىغىپ تاغقا چىقتىم...قولۇمغا «قۇماندان»، دەپ گۇۋاھنامىلەرنى بېرىشتى.
- قۇرۇق گەپ قىلىپ ۋاقتىمنى ئېلىۋاتىسەن. دۆلەت ئىشلىرىنى ئويلىساق، دېمەكچى بولغىنىڭنى تېز ئېيتقىن!- دېدى ناھىيە ھاكىمى.
مەن يەنە چۈشەندۈردۈم:
- كۆپ شۈكۈر، ئۇرۇش غەلبە قازاندى... يارىلىنىپ يېزىغا قايتتىم...
ناھىيە ھاكىمى يەنە سۆزۈمنى بۆلدى:
- ھەربىي ئىشلار تۇرمۇش كاپالىتى ئورنىدىن ئۆزۈڭگە مائاش تەلەپ قىلماقچىمۇ سەن؟ بۇ نامرات مىللەتنىڭ قانداق جاپا چىكىۋاتقانلىقىنى كۆرمەيۋاتامسەن؟
- كۆرمەي قالارمەنمۇ بەي،- دېدىم مەن،- تېخى ئۆتكەن ھەپتە تەقسىمدار سېرىق كالىنى تەقسىم قىلدى. كۆپ شۈكۈر، دۆلەت ماڭا بېرىدىغاننى بەردى. قىزىل لېنتىلىق ئوردىنىم بار... پۇلات مۆھۆرلۈك گۇۋاھنامەم بار... بۇرۇن يېزىغا بىر ئوقۇتقۇچى كەلگەنىدى. گەپ ئارلىقىدا ئۇنىغا بېشىمدىن ئۆتكەنلەرنى ئېيتتىم. ئۇ مېنى ئۇزۇن قىش كېچىلىرى سۆزلىتىپ بىر مۇ بىر يازدى. ئاللا سالامەتلىك ئاتا قىلسۇن، كېيىن ئۇ باشقا يەرگە كەتتى. ئاىدىن بىر ۋاقىت ئۆتتى. بىزنىڭ يېزىدىن شەھەرگە ئوقۇشقا كەتكەن بالا بۈگۈن يېزىغا قايتىپ كەلدى. ئۇ ماڭا، قارا، چاۋۇش تاغا، گېزىتكە سېنى يېزىپتۇ، دېدى.
ئېھتىمال، ئۇ ئوقۇتقۇچى مېنىڭ ھاياتىمنى گېزىتكە ساتقاندۇ! ئۇنىڭ پۇلىنى مەن ئالمىدىم، بىرەرىدىن بىرەر نەرسە تەلەپمۇ قىلمىدىم. دۆلەت ماڭا ئەڭ ئالىي شەرەپنى بەرگەن تۇرسا، پىشقەدەم بولغانلىقىمىزدىن، چوڭ بايراملاردا بىزنى پايتەخت شەھرىگە چاقىرىپ مۇراسىملارغا قاتناشتۇرغان تۇرسا. ئەمدى ياشىنىپ قالدىم، ئايىغىم ئېغىرلىشىپ كەتتى. بايراملاردا ئوفىتسېرلىق كىيىمىمنى كىيىپ، بېلىمگە قىلىچ ئېسىپ يۈرىمەن. بۇ ئاق ساقىلىمغا ئۇ چىرايلىق كىيىم يارىشامدۇ؟ مەن ئەمدى خىزمەت قىلالمايمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئەمدى ئوفىتسېرلىق كىيىمىنى تىكتۈرۈشۈمنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى. ياشلىقىمغا قايتىشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئاللا رازى بولسۇن!
ناھىيە ھاكىمى:
- خوش، ئۇنداق بولسا نېمە تەلەپ قىلىسەن. سېنى شاھ قىلسا بولامتىيا؟ ماڭا قارا، شۇنچىلىك ئاڭلىغىنىم يېتەرلىك،- دېدى.
- بەي،-دېدىم مەن،- سەن ھازىرقى ئەھۋالىمغا قارىما... بۇرۇن قول ئاستىمدا500 ئاتلىق ئەسكەر بار ئىدى. ئالدىمغا دۈشمەن ئۇچراپ قالسىلا، ئۇلارغا دۇنيانى تار قىلىپ، ئىشتانلىرىنى تەتۈر كىيدۈرەتتىم. قانچىلىك ئۆمرۈم قالدى دەيسەن. بۇ دېگىنىم سېنىڭدىن نە پادىشاھلىق، نە پۇل...
- ئۇنداق بولسا نېمە تەلەپ قىلماقچىسەن؟
-مېنى يېنىڭغا يېزىلىقلار ئەۋەتتى. بۇ يىل بىزنىڭ يېزىغا 30 چوشقا ئۆلتۈرۈشنى ۋەزىپە قىپسەن... بېشىڭنى ئاغرتىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىزنىڭ يېزىدا مەندىن باشقا چوشقا دىدارىنى كۆرگەن، بىلىدىغانلار يوق... مەن ئۇنى «گالىچيا جەبھەسى» دە كۆرگەنىدىم. ئۇنى ئۆلتۈرسە ئاللا رازى بولسۇن. ئەتەم بەي ئىسىملىك بىر تونۇشۇم بولىدىغان، شۇنداق بەستلىك ئادەم ئىدىكى، بۇرتىلا سەندەك ناھىيە ھاكىمىدىن ئىككىنى كۆتۈرەر ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىر كېچە ئۇرۇشتا بىللە بولدۇق. ئۇ ۋاقىتنىڭ ئادەملىرى باشقىچە ئىدى. ئۇ مېنىڭ كەينىدە قالغىنىمنى كۆرۈپ، يوغان تېڭىق لاتىسى بىلەن ئوراپ، تا گېرمانىيىلىكلەرنىڭ سەييارە كېسەلخانا چېدىرغىچە ئاپاردى. مانا مەن چوشقىنى دەل شۇ يەردە كۆردۈم. ئۇلار چوشقا باقىدىكەن. ئۇ يەردە گۆشلۈك تائام يىيىشنى كۆڭلۈم كۆتۈرمىدى. ئەيىبكە بۇيرۇمىغىن! بېشىڭنى ئاغرىتتىم. مويسىپىتلار بىلەن كۆپ مەسلىھەتلەشتۇق، لېكىن بىزنىڭ يېزىدا راستىنلا مەندىن باشقا چوشقا كۆرگەنلە يوق!
- شۇنداق، ئەپەندى،- دەپ ۋارقىرىدى ناھىيە ھاكىمى ئاچچىقلىنىپ،- ئارتۇقچە سۆزنىڭ كېرىكى يوق، بۇ يىل سىلەرنىڭ يېزىدىن 30 چوشقا ئۆلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىمەن. ئۇنى ھەم باقىسىلەر ھەم ئۆلتۈرىسىلەر!
- بەي،- دېدىم مەن،- بىز ئەسىرلەر بېرى مۇسۇلمانمىز، بىزنىڭ يېزىدا چوشقا يوق، ئەتراپتىكى يېزىلاردىمۇ يوق. بىز پەقەت چوشقا دېگەن سۆزنىلا بىلىمىز، ناۋادا بىرىگە خاپا بولساق «چوشقا!»«چوشقا كۈچۈكى!» دەپ تىللايمىز، ئەمما چوشقىنىڭ ئۆزىنى بىلمەيمىز.
ناھىيە ھاكىمى چوڭ بىر ۋاراق قەغەزنى چىقاردى.
- نېمىدىگەن جايىل ئادەمسەن، دۆلەت سىلەرنى شۇ قەدەر ياخشى چۈشەنگەچكە... قارا، ھەممىسى بۇ يەردە يېزىقچىلىق، ئوقۇۋالامسەن؟
- ياى!
- ئوقۇغان بولساڭ ھەممىنى چۈشىنەر ئىدىڭ.
- بەي،- دېدىم،- ھېچكىمگە نارازىلىقىم يوق!
- ئۇنداق بولسا بۇ قەغەزلەرگە نېمىلەر يېزىلغانلىقىنى ئاڭلا! قوناقلىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى چوشقا ئىكەن! قوناق دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ كىرىم مەنبەسى ئىكەن! يېزىلار كۆپ مەھسۇلات ئېلىشى ئۈچۈن... چۈشەندىڭمۇ، يەنى ئۆزۈڭلارغا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن چوشقىلارنى ئۆلتۈرىسىلەر. سەن تۈركچە بىلمەمسەن؟ چوشقىلار ئۆلتۈرۈلىدۇ!
- چۈشەندىم، بەي، ئەلۋەتتە، چوشقا ئۆلتۈرۈلىشى كېرەك. سەن چوشقىنى كۆرسەتكىن، بىز ئۆلتۈرەيلى،- دېدىم مەن.
ئەمما، بىز قوناق تېرىپ باقمىغان... بوۋىلىرىمىز تېرىمىغانىكەن، بوۋىلىرىمىزنىڭ بوۋىلىرىمۇ تېرىپ باقمىغان...
- ئەمدى، ئەپەندى، بىكار ئولتۇرماي تېرىغىن! تېرىغىن! قوناقلىقىڭ بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئاۋۋال دۆلەتنىڭ بۇيرۇقى ئورۇندالسۇن!
- باش ئۈستىگە، بىزغۇ تېرارمىز، ئەمما، بەي... بىزنىڭ بۇ تۇپراقلاردا قوناق ئۆسمەيدۇ. مەلۇمكى، ئالتە ئاي، بەزىدە سەككىز ئاي قىش بولۇپ قار ئېرىمەيدۇ.
- ھەممە ئىشقا باھانە تېپىپ بېرىسەن!- دەپ ۋارقىرىدى باشلىق،- ئامېرىكا يېزىلىرى قۇتۇپلاردا، مۇز ئۈستىدە جانلىق يېتىشتۈرۈۋاتىدۇ، ئۆگىنىپ قويمىساڭ بولماس...
بۇنى ئاڭلاپ ئاچچىقىم تېخىمۇ تۇتتى:
- ساڭا بۇ بۇيرۇقنى قىلغانلارغا ئېيتىپ قوي، بۇ يىل قار ياغدۇرمىسۇن! قوناق تېرىپ، چوشقىلارنى چىللاپ ئەكىرىپ ئۆلتۈرىمىز.
- ماڭا قارا! ماڭا يەنە ھاقارەت قىلىۋاتىسىنا!
- ئەستاغپۇرۇللا، بەي، بىز كىممىز، زاتىڭغا ھاقارەت قىلغۇدەك؟ يەنە دىسەم يەنە شۇ ، يېزىدا چوشقا يوق.
- ماڭا قارا، يەنە شۇ گەپ، سېنىڭ يېزاڭدا چوشقا بار - يوقلۇقىنى دۆلەت سەندىن ياخشى بىلىدۇ، بولمىسا بۇ بۇيرۇقنى چۈشۈرەتتىمۇ؟
- بىز قاراتۈركلەرمىز، بۇنى قەيەردىن بىلىمىز، ئەمما يېزىدا راستىنلا چوشقا يوق!- دېدىم.
- بۇ بۇيرۇقنى چۈشۈرگەنلەر پەقەت تەسەۋۋۇرغىلا قارايدۇ. ئۇلار كىتابلارنى ۋاراقلاپ، ياۋا چوشقىلارنىڭ قوناقلىقلارغا ئاپەت ئىكەنلىكىنى بىلگەن، سىلەر چوشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى ترەرققى قىلدۇڭلار، دىگەن تۇرسا. بەلكى، چوشقا بارلىقىدىن ئۆزۆڭنىڭ خەۋىرى يوقتۇ، كۆرمەي قالغانسەن...كۆزۈڭنى يوغانراق ئاچقىن!
- ئاچتىم، بەي، ئەمما يېزىدا چوشقا يوق!
- نېمانداق گەپ چۈشەنمەيدىغان ئادەمسەن، سېنىڭ ياخشى بولۇشۇڭ، ئادەم بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمىز. بۇنى كېيىن چۈشىنىپ قالىسەن. بۇ بۇيرۇق تېرىقچىلىق نازارىتىگە چۈشۈرۈلۈپتۇ، يېقىندا ھەر قايسى ۋىلايەتلەرگە چۈشۈرۈلىدىكەن. ئاندىن، ۋالىي مۆلچەرىچە، مۇنچىلىك چوشقا بار، دەپ ... بۇ يىل سىلەر بۇنچىلىك چوشقا ئۆلتۈرۈسىلەر، دەپ يازىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ناھىيە باشلىقلىرى... ئاندىن كېيىن مەن سىلەرگە يازىمەن. سەن نېمانداق قاتمال ئادەمسەن. مەن مانا ھەر بىر يېزىغا تەڭ كەلگۈدەك بۆلدۈم. سېنىڭ يېزاڭغا بولسا 30 چوشقا ۋەزىپە چۈشتى...
- ھاكىم، بەي، دېدىم،- جاھىل دېسەڭمۇ مەيلى، بىزنىڭ يېزىدا چوشقا يوق!
- سېنىڭ يېزاڭدا چوشقا بولمىغىنىنى دېھقانچىلىق نازارىتى بىلىدۇ، لېكىن ياۋرۇپادىكى دېھقانچىلىق مەكتەپلىرىدە ئوقۇغانلار بىلمەيدۇ، ۋالىي بىلمەيدۇ، دېھقانچىلىققا مەسئۇل خادىملار بىلمەيدۇ، تېخى مەنمۇ بىلمەيدىغان يەردە سەن قانداق بىلىسەن - ھە! كۆرمەيۋاتامسەن، نېمانچە ئارتۇقچە جاھىللىق؟...قارا، بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇچى قەيەرگە بارىدۇ؟ ھاقارەتنىڭ ئۇچى ئاۋۋال ماڭا تېگىدۇ، مەندىن شەھەر باشلىقىغا، شەھەر باشلىقىدىن ۋالىيغا ... كۆردۈڭمۇ ئۇنىڭ ئۇچى كىمگە تېگىدۇ؟
- ئەستاغپۇرۇللا، بەي.
- ھېچقايسىسى كېرەك ئەمەس،- ھاكىم ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە ئولتۇردى،- دۆلەت سىلەردىن چوشقىلارنى بەدەلسىز تەلەپ قىلمايدۇ. دۆلەت سىلەرنى چوشقىلاردىن قۇتۇلسۇن دەپ نۇرغۇن پۇل ئاجراتتى، ئۆلتۈرگەن چوشقىلارنىڭ قۇيرۇقلىرىنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلسەڭ، مەن ئىسپات قەغىزى يېزىپ بېرىمەن. ئاندىن ئۇنى دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا ئىمزا قويدۇرىسەن، كېيىن ئۇنى بانكىغا ئاپىرىپ، ھەر بىر چوشقا قۇيرۇقى ئۈچۈن ئون ئىككى يېرىم كۇرۇش ئالىسەن. دۆلەتتتىن يەنە نېمە تەلەپ قىلماقچىسەن؟.. ياخشىلىق ياراشمايدىغان! چۈشەندىڭمۇ؟ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چوشقا يوق دېيەلەمسەن. ئېيتىپ باقە، بۇغداينىڭ كىلوسى قانچە پۇل؟
- بانكا سەككىز كۇرۇشتىن ئالىدۇ.
- كۆردۈڭمۇ؟ .... بىر چوشقا قۇيرۇقى بىر يېرىم كىلو بۇغدايغا تەڭ. مەن ئورنۇڭدا بولسام، ئېتىزلىقلاردا بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ دۆلەتكە چوشقا قۇيرۇقى ساتقان بولاتتىم. قېنى، ھۇررا! ئەمدى ئارتۇقچە گەپنىڭ كېرىكى يوق. بۇيرۇق بۇيرۇقتۇر. بولمىسا، قانۇن ئىجراچىلىرى يېزىغا ئەۋەتىلىدۇ.
- ئاللا ئۆمرۈڭنى ئۇزۇن قىلسۇن،- دەپ يېنىپ چىقتىم.
مەن يېزىغا قايتىپ باشلىقنىڭ دېگەنلىرىنى بىر - بىردىن چۈشەندۈردۈم. يېزىلىقلاردىن بىرى:
- چوشقا باقىمەن، ئاندىن قۇيرۇقلىرىنى كېسىپ باشلىققا كۆرسىتىمەن !- دېدى.
- بۇنداق نەس باستۇرىدىغان ھايۋاننى يېزىغا يېقىن يۇلاتمايمىز!- دېيىشتى قالغانلار.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە زېرەك بىرى بار ئىدى. ئۇ ئەرمەنلەر يېزىسىدائەسكەر بولۇپ تۇرغان يەردە نۇرغۇن چوشقا بار ئىكەنتۇق. ئۇ ماڭا:
- چاۋۇش ئاغا،- دېدى،- سېنىڭ چوشقا تۇتقىدەك غەيرىتىڭ بولغاندىكىن، ئۇ يەرگە بېرىپ 30 چوشقا قۇيرۇقى ئېلىپ كەلمەمسەن!
ئۇلارنىڭ دېگەن يېرى پويىز بىلەن ئىككى كۈنلۈك يول ئىدى.
-شۇنداق بولسۇن،- دېدىم مەن،- بىر چوشقا قۇيرۇقىنى ئون ئىككى يېرىم كۇرۇشقا ئالىدۇ. بارغاندىكىن، چامىمىزنىڭ يېتىشىچە كۆپرەك ئېلىپ كېلىپ ساتىمىز. ھېچبولمىسا يول كىراسىنى بولسىمۇ چىقىرىمىز.
بىز مۇشۇنداق كېلىشىپ بانكىدىن قەرز ئالدۇق. كېيىن ئىككى تاغار ئېلىپ يولغا...
مەن گەپنى ئۇزارتمىدىم. ئۇلارنىڭ دېگەن يېرىگە باردىم. ئۇ يەردە چوشقا ئىنتايىن... ئەمما بۇ دۇنيادا مەندىن باشقا ئاچ كۆزلەر يوقمىدى؟ مېنىڭدەك ھەر بىرى ئۇ يەرگە چوشقا قۇيريقى ئالغىلى بارسا، بازارنى چوشقا قۇيرۇقى بېسىپ كەتمەمدۇ!
- دانىسى 25 كۇرۇش!
- بىز بۇنى دۆلەتكە ئون ئىككى يېرىم كۇرۇشقا ساتىمىز، يول كىراسى نەدە دەيسەن. پايدا ئالمىساممۇ مۇشۇ گەپلەردىن قۇتۇلاي دېدىم .
سودىلىشىپ يۈرۈپ 15 كۇرۇشتىن 200 قۇيرۇق ئالدىم… ئاندىن كىشىلەرگە كۆرسەتتىم.
- غوجام ئەپەندى، سەن چوشقا قۇيرۇقى كۆرمىگەنمىدىڭ؟- دېيىشتى كىشىلەر.
- قانداق، ئۇنىڭ نېمە ئالاھىدىلىكى بار؟
- بۇلار چوشقا قۇيرۇقى ئەمەس، ئىت قۇيرۇقى!

ئېھتىمال شۇنداقتۇ. ئۇلار ئىت قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىنى كېسىپ، ئازراق تۈكىنى قىسقارتىپ، زەيتۈن مىيىغا چىلاپ ئاندىن چوشقا قۇيرۇقى دەپ ماڭا ئۆتكۈزۈپتۇ.
- ئەمدى قانداق قىلارمەن؟- دېدىم.
- ھېچقانداق،- دېيىشتى ئۇلار،- سەن بۇلارنى ئېلىپ ئۇچىلىرىنى بىر ئاز كېسىۋەتكىن. ئاندىن ئۇنى مايلاپ دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا ئاپارغىن…
ھاۋا ئىسسىق، يول ئۇزۇن ئىدى. شۇ سەۋەپتىن قۇيرۇق پۇراشقا ، قۇرتلاشقا … پويىزدىكى ھەممە كىشى:
- نېمە پۇراق بۇ؟- دېيىشىپ كەتتى.
يېزىغا كەلگەندە:
- چاۋۇش ئاغا،- دېيىشتى كىشىلەر،- ئەمدى قاغا ئۇرۇشى بار ئىكەن. ناھىيە ھاكىمى 200 قاغا بېشى تەلەپ قىپتۇ.
بۇ يەردە قاغىدىن كۆپ نەرسە يوق. ئۆلتۈرۈپ ئېلىپ بارغىن! 15 كۈندىن كېيىن چېكەتكە ئۇرۇشى باشلايدۇ. دۇئا قىلغىن، چېكەتكە بېشى تەلەپ قىلمىسۇن!...
باشقا يېزىدىكىلەر بىزدە چوشقا قۇيرۇقى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بىزنىڭ يېزا زىيارەت ئورنى بولدى…دانىسى…
30 قۇيرۇقنى ناھىيە ھاكىمىنىڭ يېنىغا ئاپاردۇق.
- ماڭا قارا،- دېدى ھاكىم،- يېزاڭلاردا قانداق قۇيرۇق بار، سەن بۇ قۇيرۇقلارغا ئوبدان قارا، ياخشى، ياخشى،… بۇلارنىڭ قانداق چوشقىنىڭ ئىكەنلىكىنى كىم بىلىدۇ دەيسەن؟
شۇ كۈندىن كېيىن، مېنى مەينەت دەپ ئۆيىمىزگە ھېچكىم كەلمەيدىغان بولدى. چوشقا قۇيرۇقىنى تۇتتى دەپ، بىرە كىممۇ قول ئېلىشىپ كۆرۈشمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يۇرتنىڭ چوڭلىرىنىڭ يېنىغا باردىم:
- سىلەرگە بىر ئىشنى دېمەكچىدىم، ئەمما گۇناھ مەندە ئەمەس، - دېدىم.- مېنىڭ ئېلىپ كەلگىنىم چوشقا قۇيرۇقى ئەمەس، ئىت قۇيرۇقى!
بۇ گېپىم تارقالغاندىن كېيىن ئاچ كۆزلەردىن بىرى ئىشنى باشلىدى. شۇ سەۋەپتىن بۇ يەردە قۇيرۇقى بار ئىت قالمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن كاسابادا ئىت قۇيرۇقى سودىسى ئەۋجىپ كەتتى. كېيىن كاساباغا بېرىپ ھاكىمنى كۆردۈم.
- قانداق ئەھۋالىڭ، بەي؟- دېسەم.
- خۇداغا شۈكۈر، ئىتلارنىڭ سايىسىدە ياشاۋاتىمىز!....-دېدى.

تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-25, 21:03
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-25 20:30 |
budunya
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 353
شۆھرەت: 1796 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1798 سوم
تۆھپە: 1075 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1076 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 388(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەممىلايەردە كۆزبويامچىلىق، ئالدامچىلىق ،ھەرنىمەبولساقۇتۇلۇپتۇ   
lutun
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-26 11:53 |
بەگزات
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 766
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 89
شۆھرەت: 478 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 479 سوم
تۆھپە: 283 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 284 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 73(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      جەنۇبى   شىنجاڭ  دېھقانلىرىغا   چۈشكەن   ئالۋاڭدەكلا   ئالۋاڭكەنغۇ  بۇ  .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-26 12:46 |
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 280
شۆھرەت: 1747 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1761 سوم
تۆھپە: 984 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 991 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 290(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

 <<خۇداغا شۈكۈر، ئىتلارنىڭ سايىسىدە ياشاۋاتىمىز!.>>
ئىنسان تەبىئىتى چەكسىز دەپسەندە قىلىنغان ھايات نەقەدەر غەش -ھە؟
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-26 23:45 |
koygandengiz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6375
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 53
شۆھرەت: 265 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 265 سوم
تۆھپە: 159 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 159 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 87(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   بەرھەق ، چوشقىلارنڭ سايىسىدە ياشاۋاتىمىز ،-------------دىسىمۇ كېلەتتىكەن بۇ گەپ ...............
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-27 00:48 |
dilkash
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5014
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ئەزىز نەسىن ئالامەت يۇمۇرىستىك يازغۇچى جىمۇ، ئۇنىڭ يەنە بىر ھىكايىسى بولىدىغان، يۇقىرىدىن مەلۇم يېزىغا شۇ يۇرتنىڭ باشلىقىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگىنى كەلسە ھەممە ئادەم بۇ باشلىقنى يامان ئادەم دەپ جاۋاپ بېرىدۇ، سەۋەپ ناۋادا ياخشى دەپ قويسا دەرھال بۇ ئادەمنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇپ يەنە بىرنى ئەكىلىپ بېرىدىكەن، شۇڭا دېھقانلار ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئادەمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئامال ئويلاپ ياخشى ئادەمنى يامان دەپ تۇرىۋالىدىكەن. نېمە دېگەن تەدبىرلىك  دېھقانلار بۇ-ھە
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-27 09:18 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە