ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنى ئۇرىشى توغرىمۇ
دۆۋلىتىمىز تەرەققى قىلغانسىرى مىللى مائارىپىمىزغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۈلۈپ، كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشى،سىستىمىلىق تەربىيلىنىشى جەھەتتە ئىنتايىن كۆڭۈل بۈلۈپ ھەر جەھەتتىن ،ئۇقۇغۇچىلارنى خاتىرجەم ئۇقۇش شارائىتىگە ئىگە قىلدى.ئەمما ھازىرقى مىللى مائارىپىمىزغا دۆۋلەت ئىنتايىن كۆڭۈل بۈلۋاتقان ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىراتقان مۇشۇنداق مەزگىللەردە بىرقىسىم ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ تەن جازاسى بىرىشى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇش قىزغىنلىقىنى تۆۋەنلىتىپ،روھى جىسمانى جەھەتتىن زور بېسىمغا دۈچيار قىلۋاتىدۇ.
مەن مۇشۇ يىقىندا ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراپ ،روھى ،جىسمانى جەھەتتىن ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغان ئۇقۇغۇچىنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالمىدىم.نادان ئاتا-ئانىلار باللىرى مۇشۇنداق تەن جازاسىغا ئۇچراپ شۇ ھالەتكە كەلسىمۇ ،بارلىق گۇناھنى باللىرغا قۇيۇپ دەردىنى ئىچىگە يۇتدىكەن.بۇ قىلغىنى بەلكىم توغرىدۇ.ئەمما مىنىڭ نەزرىمدە بۇنداق قىلغىنى توغرا ئەمەس،مەكتەپ دېگەن،ئۇقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بىرىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇش قىزغىنلىقىنى تۆۋەنلىتىپ،روھى جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچرىتىدىغان ئۇرۇن ئەمەس،ئەكسىچە ئۇقۇغۇچىلارغا بىلمىگەننى بىلدۈرۈپ سىستىمىلىق تەربىيلەيدىغان ئۇرۇن،شۇڭا ئۇقۇتقۇچىلار ئائىيلە ياكى خىزمەت جەھەتتە بېسىمغا ئۇچرىسا ئاچچىقىنى ئۇقۇغۇچىلىرىدىن ئالماي،ئۆزىنى تەڭشەپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ھەقىقى بىر ئۇستاز بۇلىشى كىرەك.
قارقاش ناھىيە پۇچاقچى يىزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق 1-سىنىپنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى ماھىنۇر،5-ئاينىڭ مەلۈم بىركۈنى سىنىپىدىكى بارلىق ئۇقۇغۇچىلارغا ۋاقىراپ بىر باشتىن ئۇرۇپ چىققان،ساۋاقداشلىرنىڭ بىرباشتىن تاياق يىگەنلىكىنى كۆرگەن زۇلپىيە ،نوۋەت ئۆزىگە كىلىپ بولغۇچە ناھايىتى قورقۇپ كەتكەن.مۇئەللىم بۇقىزنىمۇ ئۇخشاش ئۇرغان،قىز قورقۇپ ھەم تاياقنىڭ زەربىستىن ئارقىغا يىقىلىپ مىڭىسى قاتتىق يەرگە تىگىپ،شۇجايىدىلا ھۇشۇدىن كەتكەن.ئۇقۇتقۇچى بالىنىڭ دادىسىنى چاقىرىپ كەلگەن،زۇلپىيەنىڭ دادىسى قىزىنى شۇھامان دوختۇرخانىغا ئاپارغان.دوختۇرلار بالىنى<< قورقۇپ كىتىپتۇ>>دەپ ئۇكۇل ئۇرۇپ ھۇشۇغا كەلتۈرۈپ قويغان.زۇلپىيەمۇ ئەتىسى يەنە مەكتەپكە داۋاملىق بېرىۋەرگەن.زۇلپىيەنىڭ دادىسى ئەتىسى ئالدىراپ،تىجارەت بىلەن قىزىنى ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا تاشلاپ قۇيۇپ يىراق شەھەرگە ماڭغان.
ئۇكۈنى زۇلپىيە مەكتەپكە بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي يەنە ھۇشۇدىن كەتكەن.مەكتەپتىكى مەلۈم بىرئۇقۇتقۇچى ،زۇلپىيەنىڭ ئائىيلىسىگە خەۋەر بىرۋېتىپ،قىزنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان.دوختۇرلار يەنە ئۇكۇل سېلىپ ھۇشۇغا كەلتۈرگەن.زۇلپىيەنى تاغىسى ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلگەن.ئۆيگە قايتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي زۇلپىيە ،چوڭ ئانىسنىڭ ئۆيىگە بېرىش جەريانىدا يەنە ھۇشۇدىن كىتىپ،يولدىلا ئۈلۈكتەك يېتىپ قالغان.يولدىن ئۆتكەنلەر بالىنى<< ئۇخلاپ قالغان ئوخشايدۇ>>دەپ مىدىرلاتسا بالا ئۈلۈكتەكلا مىدىرلىغان.ئۇلار قورقۇپ دەرھال بالىنى كۆتۈرۈپ،زۇلپىيەنىڭ مۇمىسنىڭ ئۆيگە ئەپكەلگەن.
بۇئۆيدىكلەر بالىنى شۇھامان دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ياتاققا ئالدۇرۇپ چوڭ تەكشۈرۈش ئەپ بارغان.زۇلپىيەنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ،يۈرەكتە ئېغىر چۈچۈش ھەم مىڭىستە زەخمىنىڭ بارلىقى ئىنىقلانغان.قىزمانا مۇشۇ سەۋەپلەر بىلەن دائىم ھۇشۇدىن كىتىپ،ئۆيدىكىلەرنى بەك ئەنسىرەتتى...قىزنى نەچچە كۈن ياتاقتا ياتقۇزۇپ تەكشۈرتۈپ ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلگەن، بولسىمۇ مەكتەپتىن بىرەر ئىنسان بالىنىڭ ھالىنى سوراپ يوقلاپ كەلمىگەن.بالا ئىككى ھەپتىدىن كۆپرەك دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىپ بىرئاز ياخشى بولدى.زۇلپىيەنىڭ ئاتا-ئانىسنىڭ قىزنى داۋاملىق ئۇقۇتقۇسى بارلىقى ئۈچۈن،قىزىنى يەنە مەكتەپكە بېرىشقا ئۈندەپ تېلفۇن ئۇردى.قىز بەك قورقۇپ كەتكەچكە ئۇ مۇئەللىمنىڭ قۇلىدا ئۇقۇغۇسى يوقلىقىنى،باشقا سىنىپقا يۆتكۈلۈپ ئۇقۇشنى تەلەپ قىلدى.ئاتا-ئانىسى مەكتەپ رەھبەرلىرگە تېلفۇن ئارقىلىق بۇ ئىشنى دېگەن بولسىمۇ،مەكتەپ رەھبەرلىكى قىزنى كۈچەيتىش سىنىپىنىڭ دەرسىگە يىتىشەلمەيدۇ دەپ قاراپ ،زۇلپىيەنىڭ ئاتا-ئانىسنى قايىل قىلدى.
زۇلپىيە مەكتەپكە قايىتتى.ئەمما قەلبىدە ئېغىر جاراھەت ساقلىنىپ،ئازراق زەربىگە يۇلۇقسىلا ھۇشۇدىن كىتدىغان بۇلۇپ قالدى.
بەلكىم مۇشۇنداق ،روھى جىسمانى جەھەتتىن ئۇقۇتقۇچىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان ئۇقۇغۇچىلار بىرلا زۇلپىيە بولماسلىقى مۇمكىن،قەدىرلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرىغا ھەرۋاقىت كۆڭۈل بۈلۈپ،ئۆز مەسئۇلىيتىنى ياخشى ئادا قىلىپ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراتماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
ئۇقۇتقۇچىنى ھەممىمىز يېنىپ تۇرغان شام چىراققا ئوخشىتىمىز.چۈنكى ئۇقۇتقۇچى قاراڭغۇ دىللارغا بىلىم بىرىپ،سەبى قەلىپلەرنى سۇغارغۇچى بىربۇلاق،ئۇقۇتقۇچىنىڭ مانا مۇشۇنداق تىللاردا داستان بولغان نۇرلۇق شام چىراق ،تاشقىنلاپ تۇرغان بۇلاق بۇلىشىنى،ھەرگىزمۇ باللارنى ئۇرۇپ تەربىيلەيدىغان چىچلاڭغۇ ئۇقۇتقۇچى بولماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
مەنبە نەق مەيدان ھىسياتىم.