saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 927 قېتىم كۆرۈلدى
uyokush
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6171
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 10 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 چەتئەل ۋە چەتئەلدە ئوقۇش ھېكايەم

 چەتئەل ۋە چەتئەلدە ئوقۇش ھېكايەم




         چەتئەلدە ئوقۇش كۆپىنچە ياشلىرىمىزنىڭ ئورتاق قىزىقىشىغا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت ئاتلاپ،ماكان ئاتلاپ ياقا يۇرتلاردا ئوقۇش،ياقا يۇرتلاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئېلىش،ئۆرلەپ ئوقۇش بىرخىل ‹‹مودا››ئېقىمغا ئايلانماقتا، شەخسەن مەنمۇ شۇ چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇيۇمنى قاندۇرۇش،ياقا يۇرتلارنى كۆرۈپ بېقىش،مۇھىت ئالماشتۇرۇش ئىستىكىدە مالايسىياغا قەدەم ئالدىم،بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئۆز ۋەتىنىدىن ،ئاتا-ئانىدىن،دوست بۇرادەر،ئۇرۇق تۇققاندىن ئايرىلىشنىڭ قانچىلىك ئازاب ئىكەنلىكىنى تامامەن چۈشۈنۈپ يەتتىم،ئىلگىرى يۇرتۇم،مەھەللەم،ئۆيۈم دېگەن بولسام ئەمدىلىكتەدۆلىتىم،ۋەتىنىم دېيىشكە كۆنۈپ كەتتىم،ئىلگىرى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا سۆھبەتتە بولغاندا ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ۋەتەنگە قايتىمەن. "ۋەتىنىمنى سېغىندىم..."دېگەن گەپ-سۆزلىرىنى ئاددىي ھېسلاردا كاللامدىن ئۆتكۈزەتتىم. ئەمدىلىكتە بولسا ‹‹ۋەتەن›› دېگەن بۇ سۆزنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى تامامەن ھېس قىلىپ يەتتىم.
     ئەلۋەتتە ۋەتەندىن ئايرىلىپ باقمىغان كىشى ۋەتەننىڭ مېھرىنى، ئىللىقلىقىنى تولۇق ھېس قىلالمايدۇ دەپ ئويلايمەن .
      ۋەتەندىن ئايرىلىپ بۇ يەرگە كەلگۈچە كۆپ ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىدىم،كۆپ ئىشلارنى كۆردۈم ھەم ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۈم... شۇ سەۋەب تۈپەيلى بېشىمدىن ئۆتكەن تەجرىبىلەرنى ھەمدە ساۋاقلارنى بۇ يەرگە قالدۇرسام بۇندىن كېيىنكىلەرگە ئاز تولا پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس

ئەمدى گەپنى ئەڭ باشتىن باشلاي
2011-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ مالايسىيادا 6يىل ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان بىرەيلەن بىلەن بىر سودا سەۋەبى بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ دوست  بولۇپ يېقىن ئۆتتۇق. بارا بارا چەتئەلدە ئوقۇش ئىستىكىم ھەسسىلەپ كۈچىيىشكە باشلىدى،ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقتىمدا كۆپىنچە ۋاقتلاردا چەتئەلنىڭ پارىڭى بولاتتى.ئۇمۇ ھەم بېشىدىن ئۆتكەن ئىسسىق سوغۇقلارنى ماڭا ئېيتقان بولدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ماڭا مالايسىيادىن چاقىرىق ئەكەلدۈرۈپ بېرىشكە بۇ ئىشلاردا ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈندۈم، شۇنداق قىلىپ 4-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا مالايسىيادىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلغانلىق چاقىرىقىنى قولۇمغا ئالدىم ھەمدە پاسپورت بېجىرىش يولىغا ئاتلاندىم.

پاسپورت: خەلقئارالىق كىملىك بولۇپ بۇ بولمىسا ۋەتەن چىگرىسىدىن ئاتلاش مۆمكىن ئەمەس
پاسپورت بېجىرىش ئۇسۇلى: چەتئەلدىكى مەلۇم بىرمەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش(چاقىرىق ھەقىقى بولۇش كېرەك)
چاقىرىقنى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇش(مۇناسىۋەتلىك公证处لار بېجىرىدۇ)
چاقىرىقنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە تەرجىمە نۇسخىسىنى ئېلىپ ج خ ئىدارىسىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئەترىتىگە تاپشۇرۇش ھەمدە پاسپورت ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى ئىلتىماس قىلىش
جەدۋەلنى تەپسىلىي،ھەقىقى تولدۇرۇش
مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ سىياسىي جىنايىتى يوق،قانۇنسىزئىشلارغا ئارلاشمىغان...قاتارلىق ئىسپاتلىرىنى ئېلىش(بۇنى ج خ ئىدارىسىنىڭ كۆرسىتىپ بېرىدۇ)
جەدۋەل ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك(ج خ ئىدارىسى تەلەپقىلغان) ماتېرىياللارنى تولۇق قىلغاندىن كېيىن ج خ ئىدارىسى دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئەترىتىگە تاپشۇرۇش ئادەتتە نورمال ئەھۋالدا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن20 كۈن ئەتراپىدا پاسپورتىڭىز چىقىپ بولىدۇ
.
شۇنداق قىلىپ چەتئەلدە ئوقۇغاندا دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارغا قەتئىي ئارلاشمايدىغانلىقىمنى ج خ ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا بىلدۈرۈپ پاسپورتىمنى قولۇمغا ئالدىم.
دوستۇمنىڭ ئەسكەرتىشى ھەمدە يول كۆرسىتىشى بىلەن پاسپورتىمنى ئىچكىرىدىكى بىر شىركەتكە ئەۋەتىپ ساياھەت ۋىزىسى چاپلىتىۋالدىم(بىر ھەپتىدەئىشلارنى پۈتتۈرۈپ پاسپورتنى قولۇمغا قايتۇرۇپ بەردى)
پاسپورتنى قولۇمغا ئېلىپلا چەتئەلگە مېڭىشقا مادارىم يەتمەيتتى(ئىقتىساد مەسىلىسى)شۇنىڭ بىلەن قاتتىق تىرىشىپ ئىشلىدىم،شۇنداق قىلىپ11-ئايلارغا كەلگەندە مېڭىشقا تەمشەلدىم.ئۆيدىكىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش،ئۇرۇق تۇغقانلاربىلەن پاراڭلىشىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجۇغا ماڭىدىغان پويىز بېلىتىنى ئېلىپ ۋەتەن ئىچىدە ئۆز ۋەتىنىم بىلەن خوشلاشتىم. بۇ سەپەر تولىمۇ ئۇزۇن بىر سەپەر ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە چاغان مەزگىلى بولغاچقا ئىچكىرىگە ماڭغان يولۇچىلار چۈمۈلىدەك كۆپ ئىدى... بۇ ئۇزۇن سەپەرمۇ ئاياغلاشتى،ئالدىمدا ئۆمرۈمدىكى ئەڭ چوڭ بىر سەپەر مېنى كۈتۈپ تۇرماقتا ئىدى.شۇنىڭ بىلەن گۇاڭجۇ دېگەن بۇ چوڭ،تەرەققى قىلغان شەھەرگە كېلىپ كۆزۈمنى ئاچتىم. 28-چىسلا كەچنىڭ بېلىتىنى ئالغاچقا(مالايسىياغا) گۇاڭجۇ دا بىر قانچە كۈن تۇرۇشۇم كېرەك ئىدى،ئۆمرۈمدە ئىچكىرىگە تۇنجى كېلىشىم بولغاچقا ئاجايىپ ھېس تۇيغۇلار بېشىمنى قايمۇقتۇراتتى، چىقىپ بازار ئايلاندىم، ئېلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ تولۇق قىلىۋالدىم، ياتاقتا ئولتۇرىۋېتىپ بىر مۇنبەردىن گۇاڭجۇنىڭ شياۋبېي دېگەن يول ئەتراپىدا ئۇيغۇر كاۋاپچى ئۇستاملارنىڭ دۇكىنىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ئۇ كوچىغا قەدەم ئالدىم. كەچلىكى بۇ كوچىنىڭ ھەممە يېرى ئاساسەن چەتئەللىكلەر بىلەن تولۇپ كېتەتتى، ئۇلارغا ھەيران بولغاچ  بۇ كوچىدا 10دىن كۆپرەك ئۇيغۇر كاۋاپچىنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار100 مېتىردا بىر دېگۈدەك تونۇر كاۋىپى پۇشۇرىدىغان ھارۋىسىدا كاۋاپچىلىق قىلىۋاتاتتى،ئارىسىدىن كۆڭلۈم تارتقان بىر ئادەمنىڭ قېشىغا بېرىپ كۆرۈشتۈم ھەمدە ئەھۋاللاشتىم،ھەمدە كاۋىپىدىن4زىق يىدىم.  كاۋاپنىڭ بۇنچە قىممەتلىكىنى بىلگەن بولسا ھەرگىز يېمەسكەنمەن بىر زىقىنى15يۈەندىن يەپتىمەن،نېمانچە قىممەت دەپ سورىسام ‹‹ئۇكا بىزگىمۇ ئامال يوق،ئەرزان ساتساق بىز جېنىمىزنى قانداق باقىمىز؟ بۇ دېگەن كىشى يۇرتى تۇرسا، كىشىنىڭ يۇرتىدا جان باقماقنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى شۇ تۇرمۇشنى كۆرگەندە چۈشىنىسەن››دېدى، بۇ گەپنى ئويلاپ ياتاققا قايتتىم، ئىچىمنى بىر خىل جىددىلىشىش كەيپىياتى ئىگىلىۋالغان ئىدى،ياتاققا قايتىپ كەتتىم،ئەتىسى كۈندۈزى بىر كۈن سىرتقا چىقماي تور ئالدىدا ئولتۇردۇم. كەچ بولغاندا ئىچىم پۇشۇپ سىرتلارنى چۆگلەش ئىستىكىدە يول ئالدىم. سىرتقاچىقىپ بىرىنجى بولۇپ كۆرگىنىم 30ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر ئايال بىلەن 25ياش ئەتراپىدىكى بىر يىگىتنىڭ يول بويىدىكى رىشاتكىدە قىلىقسىز قىلىقلارنى قىلىپ پاراڭلىشىشى بولدى...ئۆتۈپ كەتتىم. يولدا كېتىۋاتسام بىر قارا تەنلىك چەتئەللىك قىز ماڭا Hi دەپ سالام قىلدى،يولغا چىقىشتىن بۇرۇن 2 يېرىم ئايچە كەچلىكى كۇرستا ئوقۇغاچقا ئۆزۈمنى سىناپ باقاي دەپ ئۇنىڭغا جىددىيلەشكەن ھالەتتە سالام قايتۇردۇم. گەپلىرىم تازا قولاشماي قېلىۋاتاتتى،ئۇ مەندىن ئىسمىڭ نېمە؟ يۇرتۇڭ نەدىن دېگەندەك سۇئاللارنى سورىدى،ئالدىرىماي جاۋاب بەردىم،ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئورنىنى ۋە باشقىلارنى چۈشەندۈردۈم،جىددىيچىلىكتە ئۇنىڭدىن سوراشنى ئۇنتۇپتىمەن. ئارلىقتائۇ مېنىڭ تېلفۇن نومۇرۇمنى كىرگۈزىۋېلىپ كېيىن يەنە كۆرۈشەرمىز دەپ خوشلاشتى،مەنمۇ يولۇمغا راۋان بولدۇم...بىرەر سائەتتە چۆگلىگەندىمەن. ئاندىن سەل چارچاپ قايتىپ كەتتىم،يۇيۇنۇپ بولۇپ ئەمدى تېلىۋېزورنى ئېچىپ تۇرسام تېلفۇنۇم سايرىدى،ئالسام بايىقى قىز ئىكەن، تېلفۇنۇمنىڭ ئاۋازى ياخشى بولمىغاچقىمۇ ياكى تىلنى ياخشى بىلمىگەچكىمۇ ئۇنىڭ گەپلىرىنى قەتئىي چۈشىنەلمىدىم.ئۇچۇريازىدىغانلىقىمنى ئۇقتۇرۇپ تېلفۇننى قويدۇم ھەمدە نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپ ئۇچۇريازدىم،بىردەمدىلا ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلدى قاراپ ياقامنى چىشلىغىلى تاسلا قالدىم. بىركېچە 250 يۈەن دەپ خەت كەلگەن ئىدى...........
      بۇنىڭغا نېمە دەي ئەمدى،تولىمۇ بىئارام بولدۇم، بايادىن بېرى پاراڭلاشقان ئادىمىمنىڭ بىر ‹‹جىنايەتچى›› ئىكەنلىكىنى بىلىپ تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم، مۇشۇلارنى ئويلاپ تۇرسام يەنە ئۇچۇر كەلدى،‹‹ياتىغىڭنىڭ ئورنىنى دەپ بەر،مەن باراي››... تېلفۇنۇمنى ئەتىگەن سەھەر سائەت6دە توۋلايدىغان قىلىپ قويۇپ ئېتىۋېتىپ ئۇخلىدىم،كاللامدا تۈگىمەس خىياللار ، ئۇنىڭ ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ بۇ يەردە بۇنداق قىلىپ يۈرۈشى،كاۋاپچى ئادەمنىڭ ماڭا دېگەن گېپى...ھەممىسى مېنى قاتتىق ئويلاندۇرۇشقا باشلىدى،ئىشقىلىپ تاڭ كېچە بولغۇچە خىياللار بىلەن بولدۇم...گۇاڭجۇدا ھېس قىلغانلىرىم ئاساسلىقى مۇشۇنچىلىك(كېيىن ئاڭلىسام گۇاڭجۇدا ئۇنداق ئىش قىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن)
     ئەمدىكى مەنزىل گۇاڭجۇ ئاق بۇلۇت ئايرىپورتى ئىدى،چۈشتىن كېيىن سائەت 6لەر ئەتراپىدا يەرئاستى مېتروغا ئولتۇرۇپ ئايرىپورتقا قاراپ يول ئالدىم(بۇمۇ ھاياتىمدىكى تۇنجى مېتروغا ئولتۇرۇشۇم بولغاچ بېلەت ئالىدىغان ئورۇننى تاپالماي، بېلەت ئالالماي كۆپ ئاۋارىچىلىق تارتتىم، ئاخىرىدا بىر 55 ياشلاپ ئۆپچۆرىسىدىكى خەنزۇ بوۋاي يول كۆرسىتىپ بېلەت ئېلىپ بەردى) ئايرىپورتقا كەلدىم،ئايرىپورت ھەقىقەتەنمۇ چوڭ ئىدى،كىرىپ يۈك تاق ساقلاش ئورنىغا يۈك تاقلىرىمنى 3 سائەت ساقلاپ بېرىشكە تاپشۇرىۋېتىپ ئايرىپورت ئىچى ۋە تېشىنى چۆگلەپ يۈردۈم سائەت 10لار ئەتراپىدا كۇئالالامپۇرغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى ئالماشتۇرۇش ھەمدە تەكشۈرۈش باشلاندى،بېلەتنى ئىچكىرىدىكى بىر خەنزۇ ئايال ئېلىپ بەرگەن بولغاچقا يۈك تاق ئېغىرلىقىنى 30جىڭ دېسە مەن 30 كىلوگىرام دەپ ئاڭلىۋېلىپ ئىككى چامدان سۆرەپ كەپتىمەن،دۈمبەمگە ئاتىۋالغان ئوقۇغۇچىلار سومكامدا تەخمىنەن8-10 كىلوگىرامغىچە نەرسە بار ئىدى،بېلەت تەكشۈرگەندە 15كىلوگىرام يۈك تاق ئېشىپ كېتىپ ھەر بىر كىلوسىغا 98يۈەندىن پۇل تاپشۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتتى،بۇنداقتا 1500 يۈەن ئەتراپىداپۇل تاپشۇرۇشۇمغا توغرا كېلەتتى،شۇنىڭ بىلەن ئىچىدىكى مۇھىم ئەمەس دەپ قارىغان نەرسىلەرنى ۋە يېمەكلىكلەرنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇر بولدۇم، كىچىك چامداندىكى نەرسىلىرىمنى چوڭ چامدانغاچىڭداپ سالدىم،ئەپسۇس 9كىلوگىرام يەنە ئارتۇق چىقتى،1000 يۈەننى بېرەي دېسەم تېخى بەرمەي دېسەم تېخى چىدىماسلىق قىلىپ بېلەت ساتقان ئايالغا تېلفۇن قىلىپ سوقۇشتۇم،ئاخرىدا ئۇمۇشۇ ئايرىدىرومدىكى بىر خىزمەتدىشىنى مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە بۇيرىدى. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم،ئارلىقتا مالايسىيادىكى بىر تونۇشۇم تېلفۇن قىلىپ نەق پۇللارنىڭ ھەممىنى ئېلىۋېلىشىمنى مالايسىياچىگرىسىدا خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېنىمدا پۇل بار يوقلىقىنى سورايدىغانلىقىنى ئېيتتى،ئايروپىلان ئۇچىدىغانغا يېرىم سائەت ۋاقت قالغان ئىدى،ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ تۇيۇقسىزلا بۇنچىۋالا ئاۋارىچىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.چامداننى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بىر ئامال قىلىشىنى ئېيتىپ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا قاراپ يۈگۈردۈم،8كىلوگرامكېلىدىغان سومكىنى ئېسىپ يۈگۈرۈش ماڭا تولىمۇ ئېغىر كەلدى،پۇللار ئاران 2000 دىن چىقاتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر قېتىم پۇل چىقىشى ئۈچۈن مىنۇتلارچە ۋاقت كېتەتتى،شۇنداق قىلىپ 20مىڭيۈەن چىقىپ بولۇپ پۇل ئالغىلى بولماس بولۇپ قالدى،ئەمەلىيەتتە بىر 24 سائەت ئىچىدەئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 20،000يۈەن ئالغىلى بولىدىكەن.ئامال يوق شۇ پۇلنى سومكىغا سېلىپ يۈك تاق تاپشۇرۇش ئېغىزىغا كەلدىم،بايىقى خىزمەتچى بىر يولۇچى بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق چامداننى ئۇنىڭ نامىدا تاپشۇرۇشقا ماقۇل كەلتۈرۈپتۇ،بىركىشىلىك يۈك تاق پۇلى ئۈچۈن 90يۈەن تاپشۇردۇم،مېنىڭ ئايرودىرومغا تۇنجى كىرىشىم بولغاچ ئۇ كىشى ماڭا ياردەمدە بولۇپ تەكشۈرۈش ئۆتكەللىرىدىن ئۆتتۇق.شۇنداق قىلىپ ئايروپىلانغا ئاران ئۈلگۈردۇق،ئۇنىڭ ئورنى ئالدى تەرەپتە ئىكەن مېنىڭ ئايروپىلاننىڭ كەينى تەرىپىدە،ئايروپىلانغاچىقىپ بولۇپ ئۇنىڭغا 100يۈەن پۇل تەڭلىدىم،ئۇ قەتئىي رەت قىلدى،يانچۇقىغا سېلىپ قويساممۇئۇنىماي قايتۇرۇپ بەردى...شۇنداق قىلىپ ئىشلار تۈگەپ ئۇف دەپ ئورنۇمدا ئولتۇردۇم،ئايروپىلان قوزغالدى،مەن بۇلۇتلار ئارىسىغا كىرىپ كەتتىم،دەرىزىدىن پەسكە تويماي قارىدىم،بارغانسىرى كۆرەلمەي قېلىۋاتاتتىم.ئارقىدىن ئايروپىلان خادىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق 5 سائەتكەيېقىن ئۇچىدىغانلىقىمىزنى بىلدىم،بىرەر سائەتتەك خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئۇيقۇم كەلدى،ئۇخلاشنى لايىق تاپتىم،يېنىمدىكى ئىككى ئورۇندا ئادەم بولمىغاچ كەڭ تاشا بەھوزۇر يېتىپ ئۇخلىدىم،بىرچاغ بولغاندا ئايروپىلاننىڭ قاتتىق سىلكىنىشىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم،كۆزۈمنى ئاچسام بىلىم ۋە مەيدەم تەرەپتىن بىخەتەرلىك تاسمىسىنىڭ تاقالغانلىقىنى بىلدىم(ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىمدا ئايروپىلان خادىمى تاقاپ قويغان ئىكەن).بىرىنى يېشىۋېتىپ دەرىزىدىن پەسكە قارىدىم يەنىلا ئوخشاش قاراڭغۇلۇق يەنە تۈگىمەس خىياللارغا پېتىپ كېتىپتىمەن،بىر ۋاقت بولغاندا خادىملار 30 مىنۇتتىن كېيىن قونىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى توختىماستىن مالايسىيانى كۆرۈشكە تەمشىلەتتىم،بارا بارا پەستىن يۇلتۇزدەك چاقناۋاتقان چىراقلار،ئېگىز بىنالار،ئارقىدىن يوللار ۋە يوللاردا مېڭىۋاتقان ماشىنىلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى،ئارقىدىن قوندۇق.مەن خىيالىمدا گۇاڭجۇ دىكىدەك مەخسۇس يولۇچى توشۇش ماشىنىلىرى ئايروپىلان ئالدىغا كېلىپ شۇنىڭغا ئولتۇرۇپ چىقىش ئېغىزىغا بارىدىغان ئوخشايمىز دەپ ئويلاپتىمەن نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن،سومكىنى ئېسىپ باشقىلارغا ئەگىشىپ 300 مېتىرچە ماڭدىم،ئالدىمدا ئادەتتىكىدەك بىر كۈتىۋېلىش زالى بار ئىكەن،مەن دەسلەپ ئۇنى كۈتىۋېلىش زالى ئەمەس ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن،ئادەتتىكىدەكلا گۇاڭجۇ دىكىدەك ئۇنچىۋالا ھەيۋەتمۇ ئەمەس،ئارقىدىنلا يۈز ۋە قول تېرىلىرىم نەملىشىپبى ئارام قىلىشقا باشلىدى ھاۋا ناھايىتىمۇ دىمىق ئىدى.باشقىلارغا ئەگىشىپ ئىچىگە كىردىم . بىر قاتار تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، بىرى مېنى بىر ئىشخانىغا كىرىشكە بۇيرىدى،كىرسەم بىردانە ئۈستەل ۋە ئۈستەل ئالدىدا فورما كىيگەن بىركىشى بار ئىدى.ئۇ سومكامنى ئېچىشقا بۇيرىدى،ئېچىپ ئالدىراپلا پۇللارنى كۆرسەتتىم،ئۇ قولىغا بىر ھېسابلىغۇچنى ئېلىپ بىر نەرسىلەرنى ھېسابلاپ كۆرۈپ چىقسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى،چىقتىم يولۇچىلار ئارىسىدا پەقەت مەنلا قېلىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم،يۈك تاق ئېلىش ئورنىدىمۇ پەقەت مېنىڭلا چامدىنىم بار ئىدى.چامدىنىمنىڭ سىرتلىرى ئاز تولا يىرتىلىپ كەتكەن ئىدى،ئېنگىلىزچە سەۋىيەم ئانچە ياخشى بولمىغاچ ئارتۇق گەپ قىلىشنى لايق تاپماي ئېلىپ ماڭدىم... ئەڭ ئاخىرقى ئېغىزدىن ئايلىنىپ چىقىپ مېنى ساقلاۋاتقان دوستۇمنى كۆردۈم،بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتىم ئۇ يەنە ئىككى دوستىنى ئېلىۋالغان ئىكەن(بىرى ئۇيغۇر يەنە بىرى ئەرەب) ئۇلار بىلەنمۇ كۆرۈشتۈم،ئارقىدىن ئۇلارئەكەلگەن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق،ئۇلار بىلەن ئۇزۇن ئۇزۇن پاراڭلاشتىم،پاراڭ ئارىلاپ ئارىلاپ ئۈزۈلگەندە سىرتلارغا كۆزۈم يۈگىرەيتتى،ئەتراپ ئوخشاشلا ياپيېشىلچىلىق بىلەن تولغان،نە ئېگىز بىنالار، ئىمارەتلەر كۆرۈنمەيتتى.بىرەر سائەتتەك مېڭىپ، ماشىنا بىر مەھەللىگە كېلىپ توختىدى،ھەمدە مۇشۇ يەردە تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆيىگە باشلىدى،ئۆي ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ چەتئەلنىڭ كىنولىرىدا كۆرگەن داچىلاردەك ئىدى.ئۆيدىن چىقساقلا يېشىلچىلىق ...چارچاپ كەتكىنىمدىنمىكىن دوستۇم كۆرسەتكەن بىر ھۇجرىغا كىرىپ ياتتىم،ھاياجاندىن مالايسىيانىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئىستىكى ئۇخلاشقا يول قويمىدى،بىرەر سائەتتەك ئولتۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئورنۇمدىن قوپۇپ ئۆيدىن چىقتىم،ھەمدە يولنى بايلاپ ماڭدىم،5مىنۇتتەك مېڭىپ چوڭ يولغا چىقتىم،يول ئەتراپىمۇ ئوخشاشلا ھېچقانداق پەرق يوق ئىدى...
شۇنداق قىلىپ 20-30 مىنۇتتەك ئۇ يەر بۇيەرلەرنى بىرەر قۇر ئايلىنىۋېتىپ ئۆيگە قايتتىم،ھەممە ئۆي ئاساسەن ئوخشاش بولغاچقا قايسى ئۆي ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدىم، بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن بىر ئۆينى ئوخشاشراق كۆردۈم ھەمدە ئىشىك ئالدىغا باردىم،قارىسام ئۆي ئىچىدە ئىككى ئايال (ھىجابلانغان) ئولتۇرۇپتۇ.توغرائەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ كىرمەي قايتىپ چىقتىم،ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چىقىۋالغىنىمغا تولىمۇ پۇشمان قىلدىم. ئۇياققا مېڭىپ، بۇياققا مېڭىپ يۈرۈپ يەنە بىردەم كۆزەتتىم،مېنى ئالغىلى چىققاندا بارغان ھېلىقى ئەرەب بالىنى كۆردۈم ئىچىمدە خوشال بولۇپ ئۆيگە كىردىم،ئۇ مېنى كۆرۈپلا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام قىلدى،ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەپ جاۋاب قايتۇردۇم.
ئۇخلىماپسەنغۇ؟چارچىمىدىڭمۇ دەپ سورىدى،مەن ئۇخلىيالمىدىم،سىرتلارنى كۆرۈپ باقاي دەپ سرتلارنى كۆرۈپ كىردىم دەپ كېكەچلەپ جاۋاب قايتۇردۇم،ئارقىدىن ئۇ ماڭا بىر ئىستاكان قەھۋە تەييارلارپ بەردى.رەھمەت بىلدۈرۈپ قولىدىن ئالدىم،يەنە ئاز تولا پاراڭلاشتۇق...شۇنداق قىلىپ مالايسىيادىكى تۇرمۇشلىرىم باشلىنىپ كەتتى.
دوستلىرىم بىلەن بىرگە مەكتەپكە تىزىملىتىپ ئوقۇش ئىىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم،بارا بارا مالايسىيانى ۋە بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشكە باشلىدىم،ۋەتەن مېھرى يەنىمۇ بەك بىلىنىشكە باشلىدى،يالغۇز قالغان ۋاقتلىرىمدا كۆپىنچە كۈنلىرىمنى ئولتۇراق رايوندىكى باغچىغا چىقىپ خىيال سۈرۈش ۋە سېغىنىش بىلەن ئۆتكۈزدۈم،يالغۇزچىلىق ئېغىر كېلىپ بىر قانچە قېتىم يىغلاپمۇ سالدىم. بۇكەيپىياتنى ۋەتەندىن ئايرىلغانلارلا تولۇق چۈشىنەلەيدۇ. مۇھىت ئوخشىمايدۇ، كىشىلەر ئوخشىمايدۇ،تىل ئوخشىمايدۇ،تاماق ئوخشىمايدۇ...ھەممە ئوخشىمايدۇ،خۇددىي ئاسماندىن چۈشۈپ قالغاندەكلا ھەممە ماڭا ناتونۇش ئىدى.بارا بارا يالغۇزچىلىققىمۇ كۆنۈپ قالدىم،سېغىنغان ۋاقتىمدا كۆپىنچە ئۆزۈمنى كىتاب كۆرۈشكە زورلىدىم،ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى،تۇرمۇشۇم رېتىمغا چۈشۈپ قالغاندەك ھېس قىلدىم،ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇيقۇمنى ئېچىش ئۈچۈن ئاچچىق چاي ئىچىشنى ئادەت قىلدىم،ئارقىدىن مەھەللە ئالدىغا چىقىپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە يول ئالاتتىم،بۇيەرنىڭ ئاپتوبۇسلىرى ئۈرۈمچىدىكى 911-يول،915-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئوخشاش ناچار ئىدى،ئاپتوبۇس نەدىمۇ ئۇنداق 5 مىنۇتتا بىر كېلىدىغان ئىش بار دەيسىز،تېز بولسا يېرىم سائەت، ئاستا بولسا بىر سائەت ئەتراپىدا بىر قېتىم كېلەتتى،يوللاردا تېز سۈرئەتتە ماشىنىلارنى يانداپ كېلىۋاتقان ئىككى چاقلىق موتوسېكىلىتلار دائىم ئۇچراپ تۇراتتى،سەللا دىققەت قىلمىسىڭىزموتوسېكىلىتلارغا سوقۇلۇپ كېتىش ئېھتىماللىقىڭىز بار .
35مىنۇتچە ئاپتوبۇستا ماڭغاندىن كېيىن مەكتەپ ئالدىغا كېلەتتىم،ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ 100 مېتىرچە مېڭىپ مەكتەپكە كېلەتتىم،تىل تەربىيىلەش مەكتىپى بولغاچ ئانچە چوڭ دېگىلىمۇ بولمايتتى،بىر بېشىدىن يۈگۈرسىڭىز بىردەمدە يەنەبىر بېشىغا بېرىپ ئۈسۈپ توختاپ قالاتتىڭىز.سىنپتىمۇ 7بالا بىللە ئوقۇيتۇق،ئوقۇتقۇچىمىز پاكىستانلىق ئىدى، دەرس ئوقۇش ۋاقتىدا ئەرزان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولاتتى،ھەمدە دەرستىن چۈشۈپلا سىنىپ يېنىدىكى مەخسۇس ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تەييار قىلىپ قويغان ئۆيگە كىرىپ ناماز ئوقۇيدىغانلار ۋاقتىدا ئوقۇۋالسا بولاتتى.
چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىم 1 سائەت،دەسلەپ ئىككى ھەپتىدەك دەرستىن چۈشۈپلا قورساقنى تويغۇزۇش ئۈچۈن مەكتەپ يېنىدىكى ھىندىلارنىڭ ھالال دەپ خەت بار ئاشخانىسىدا تاماق يەيتىم،بۇ يەردە گۈرۈچ ۋە توخۇ گۆشى،كالا گۆشى ئەڭ ئاساسلىق يېمەكلىك بولۇپ ھېسابلىناتتى،ئۇسۇزلۇققا مۇز قوشۇلغان لېمون چېيىنى ئەڭ ئاساسلىق قىلدىم.شۇچاغدىلا لەغمەنلەر،نارىن-چۆپلەر،پولو،ئۆپكە-ھېسىپ...قاتارلىق مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان تائاملارنىڭ قەدرىنى بىلدىم.ئىككى ھەپتە بۇلارنىڭ گۈرۈچ ۋە توخۇ گۆشىنى يەۋېرىپ كېيىن كۆرسەم  ھۆ  قىلغۇدەك ھالەتكە بېرىپ قالدىم،توخۇ گۆشىنىڭ تېشىدىن قارىسىڭىز ۋەتەندىكى تونۇر كاۋاپلىرىنىڭ سىرتقى قىسمىغا ئوخشايتى،لېكىن يېسىڭىز ھېچقانداق تەمى يوق... بۇتاماقلاردىنمۇ چىقىپ كەتتىم،چۈشلۈكى تاماق يېمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدىم.
بىر سائەت ۋاقتنى يەنە خىيال سۈرۈش بىلەن توشقۇزىۋېتىدىغان بولۇپ قالدىم.
چۈشتىن كېيىنلىك دەرس 2سائەتلا ئىدى.دەرستىن يېنىپ يەنە ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتاتتىم،قورساق ئاچ بولغاچ تاماق ئېتىپ قورساقنى توقلايتتىم.
تاپشۇرۇقلارنى ۋە يادىلاشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى قورو ئىچىدىكى باغچىغا چىقىپ ئىشلەيتتىم،ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالسام تاپشۇرۇق قېلىپ ئىختىيارىسىز كومپىيوتېرىم ئالدىغا كېلىپ دوستلىرىم بىلەن پاراڭلىشىشقا چۈشۈپ كېتەتتىم.
قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن تورغاچىقىپ ئۇنىڭ بۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ كۈننى كەچ قىلىپ ئۇيقۇغا كېتەتتىم....
=======================================
    ۋاقىت قىس بولغاچ ھەمدە مەزمۇن بىر قەدەر كۆپ بولغاچبىرلا ۋاقتتا ھەممىنى يېزىپ بولالمىدىم ،داۋامى تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە ياكى يېڭى تېما قىلىپ يوللىنىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئارىمىزدا چەتئەلدە ئوقۇشنى ئويلاۋاتقان دوستلارئاز ئەمەس،چەتئەلدە ئوقۇش ھەققىدە توردىن جاۋاب تاپالمىغانلار ئېلخەت ئادىرسىمغا خەت يازسا قولۇمدىن كېلىشىچە جاۋاب بېرىشكە ،قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشكە،يول كۆرسىتىشكە ھەقسىز ياردەمدە بولىمەن.(ۋاقتىمنىڭ يېتىشىچە)

ئېلخەت ئادىرسىم:AlkamAnwar@yahoo.com
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-31, 11:10
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-31 06:00 |
bulak20
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7614
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى يېزىپسىز ،داۋامىغا تەشنامىز!
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-31 11:53 |
sarsan88
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 1952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 456
شۆھرەت: 2325 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2345 سوم
تۆھپە: 1392 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1397 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 176(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چەتئەلدىكىلەر دائىم ئۇيغۇرچە خەت يازمىغاچقا ئىملادىن كېتىپ قالامدۇ قانداق ،.
داۋامىنى ساقلايمىز ،  ئىملاغا دىققەت قىلىڭ
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-31 13:40 |
فىدا
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 186
شۆھرەت: 950 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 964 سوم
تۆھپە: 566 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 566 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 136(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    چەتئەل  حاتىرلىىرى  تورداشلار ئەڭ ياقتۇردىعان  تىما ھىساپلىنىدۇ . مەنمۇ حۇددى سىز بىلەن بىرگە يۇرگەندەك  ھىسسىياتتا ئوقۇپ توگەتتىم ،ئىپادىلەش ئىقتىدارىڭىز  ھەقىقەتەن يۇقۇرى ئىكەن .  داۋامىعا تەشنامىز .
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-31 14:35 |
uyghurizlari
ئۈزەمنىڭ تاللىغان يولۇمنىڭ توغۇرلۇقىنى ھامان بى ..
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3877
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 306
شۆھرەت: 1618 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1635 سوم
تۆھپە: 959 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 964 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 219(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەھمەت  بەك  ياخشى  يىزىپسىز  ...ئاللاھ  خالىسا  مەنمۇ  ياخشى  ئۇقۇپ  ئاندىن   چەتئەللەرگە  چىقىمەن...
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-31 17:06 |
hamra
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5229
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 74 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 74 سوم
تۆھپە: 40 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 46 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى  يېزىپسىز````مەنمۇ چەتئەلدە```تورداشلار```چەتئەل ئۇنچىۋالا قورقۇنۇچلۇق ئەمەس```مۇھىمى تىل ``چىدامچانلىق````
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-01 02:41 |
قورچاق
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8003
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 140 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 140 سوم
تۆھپە: 82 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 82 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېنىڭمۇ  مۇشۇ تۈردىكى يازمىلارنى ئۇچراتساملا ئوقۇغۇم كېلىدۇ ، بىللە يۈرگەندەك كۆرگەندەك بولىدىكەن كىشى .
ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغان بىر بالىنىڭ << جېك نىڭ سوتقا چىقىشى>> دەيدىغان بىر يازمىسى بارتى  بەك قىزىكارلىق ، قايتا ئوقۇي دىسەم تاپالماي قالدىم ...
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-01 19:19 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ياردەم ياردەم