saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 993 قېتىم كۆرۈلدى
polat315
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 384
شۆھرەت: 2089 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2117 سوم
تۆھپە: 1231 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1253 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 283(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تۇردى سامساق بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپتە

                                          تۇردى سامساق بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپتە
                                                                (ئەسلىمە)
                                                  مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق
      مەن مەكتەپ يۈزى كۆرگىلى، مەكتەپنىڭ قوينىدا يۈرگىلى ئوتتۇز يىل بولۇپ قالدى، ئوتتۇز يىل بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىگە نىسبەتەن ئاز ۋاقىت ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇ ئوتتۇز يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمى مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن، كېيىنكى يېرىمى مەكتەپتە دەرس ئۆتۈش بىلەن ئۆتتى. بۇ جەرياندا گۈزەل بالىلىق غەۋغالىرى بىلەن ياشلىق سەۋدالىرى كۆڭۈل خاتىرەمدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ ئۆتتى. بۇ ئىزلارنىڭ بەزىلىرى چوڭقۇر، بەزىلىرى تېيزراق، بەزىلىرى نۇرلۇق، بەزىلىرى خىرە بولۇشىغا قارىماي مېنىڭ ئۆمۈرلۈك بايلىقىم ئىكەنلىكى شۈبھىسىز. شۇڭا پۇرسەت تاپساملا كۆڭۈل خاتىرەمنى توختىماي ۋاراقلايمەن... مانا، سۆيۈملۈك  ئانا مەكتىپىم بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى تەييارلىقى بىلەن ھېرىپ-چارچاپ ئۆيگە قايتقان بىر ئاخشىمى بىساتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىم ـــ كۆڭۈل خاتىرەمنى يەنە ئىختىيارسىز ۋاراقلاشقا باشلىدىم.....
  1
ھازىرقىدەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، 1986-يىلى تولۇقسىز 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. بىر كۈنى «ئەدەبىيات» دەرسلىكىمىزدىكى «پاگون» ناملىق ئوچېرىك ئۆتۈلدى. ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز مۇھەممەد نەزەر مۇئەللىم بۇ ئوچېرىكنى ئادەت بويىچە ئوقۇشقا يېتەكلىگەندىن كېيىن ئاپتورى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ «ئاتاقلىق يازغۇچى تۇردى سامساق 1923-يىلى قەشقەر بەشكېرەمدە دۇنياغا كەلگەن...» دەپ گەپ باشلىدى ھەم «بەشكېرەم» سۆزىنى ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق رەۋىشتە تىلغا ئالدى. بۇنىڭدىن ھەممىمىز ھەيران قالدۇق. چۈنكى مۇئەللىم قوۋۇزىنى تولدۇرغان ھالدا  يۇرتىمىز بەشكېرەمگە ئىما قىلىۋاتاتتى. تۈنۈگۈن بۇ ئوچېرىك ئالدىن ئوقۇپ كېلىشكە تاپشۇرۇق بېرىلگەن بولغاچقا كەچتە بىر قېتىم ئوقۇغان بولساممۇ «پاگون» دېگەننىڭ مەنىسىنى ئېنىق ئاڭقىرالمىغاچقا ئاپتورى ھەققىدە ئويلاشمىغان ئىكەنمەن. مانا قاراڭ، تۇردى سامساق بەشكېرەملىك يازغۇچى ئىكەن ئەمەسمۇ؟ تېخى ئۇنىڭ «كۆكلەم»، «بەشكېرەم» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «تەڭرىتاغ باغرىدا» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان ئىكەن! ئۇ قانداقراق ئادەمدۇر ـــ ھە!؟ مۇئەللىم ئۇ كىشىنىڭ تەرجىمىھالىنى سۆزلەپ ئاۋارە بولغىچە بەشكېرەملىك بولغاندىكىن دەرسخانىغا چاقىرىپ كىرىپلا يۈزتۇرانە تونۇشتۇرغان بولسىمۇ كاشكى!... مەن تېگى يوق سۇئاللار بىلەن تويۇنغان خىياللار قاينىمىدا ئۈزۈپ يۈرگەن چېغىمدا مۇئەللىم مېنى «پاگون» ئوچېىرىكىنىڭ ۋەقەلىكىنى بايان قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. مەن ئەندىككەن ھالدا ئېسىمگە كەلدىم ــ دە، باشتا سەل جىددىيلەشكەن بولساممۇ دەقىقە ئىچىدە ئۆزۈمنى ئوڭشىۋېلىپ ناھايىتى تەبىئىي رەۋىشتە بايان قىلىپ بەردىم. مۇئەللىم كۈتۈلمىگەندە «پاگون دېگەن نېمە؟» دەپ سوراپ قالدى. مەن دۇدۇقلىدىم، باشقىلارمۇ جاۋاب بېرەلمىدى. مۇئەللىم بىر ئاز ئۈمىدسىز قىياپەتتە ھەممەيلەنگە بىر قۇر تەكشى قاراپ چىققاندىن كېيىن: «‹پاگون› ئوفىتسىر-ئەسكەرلەرنىڭ چاپىنىنىڭ دولىسىغا تىكىلگەن ئىككى ئىلىك كەڭلىك، بارماق ئۇزۇنلۇقىدىكى ھەربىي بەلگە بولۇپ، شۇ چاپاننى كىيگەن كىشىنىڭ ھەربىي تەۋەلىكى، ئاتاق-ئۇنۋانى ۋە سالاھىيىتىنى بىلدۈرىدۈ» دەپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپ كەتكەن. مۇئەللىمنىڭ سۆزى بىلەن تەڭ تېخى يېقىندىلا مەكتىپىمىزنىڭ يېرىم كۈن دەرس توختىتىپ چوڭ زالدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بىر تۇتاش قويۇپ بەرگەن ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىگە دائىر ھېكايە فىلىم ـــ «يېتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى»دىكى ئوفىتسىر-ئەسكەرلەر كۆز ئالدىمغا كەلگەنلىكى ئېسىمدە. شۇنىڭدىن كېيىن «فاگون» دېگەن ئەسەرنى قانچە قېتىملاپ ئوقۇغىنىمنى بىلمەيمەن. ئەمما تۇردى سامساق دېگەن بۇ مۇبارەك ئىسىم قەلبىمگە مۆھۈردەك ئورناپ كەتتى. كۆز ئالدىمدا ئاجايىپ قامەتلىك بىر نۇرانە سىما پەيدا بولدى....
2
1988-يىلى ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى. چۈشتىن كېيىن دەرسكە كىرىش قوڭغىرىقىنىڭ ئورنىغا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىمىز باتۇر ئەلى(رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي) مۇئەللىمنىڭ تۇيۇقسىز  گۈدۈك چېلىشى بىلەن ئەمدىلا سىنىپقا كىرىپ بولغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ھويلىسىدىكى تال باراڭنىڭ ئاستىغا جەم بولۇپ، سىنىپ بويىچە ئورۇن ئالدۇق. تال باراڭنىڭ ئالدىدىكى ئىككى تۈپ چوڭ ئۈژمىنىڭ سايىسىغا شىرە-ئورۇندۇق قويۇلغان بولۇپ، بىرەر يىغىن ئېچىلىدىغاندەك كۆرۈنەتتى. بارلىق ئوقۇتقۇچىلار نېمىلەرنىدۇر دېيىشكىنىچە خۇددى بىر كىمنى قارشى ئالماقچى بولغاندەك مەكتەپ دەرۋازىسىغا پات-پات قارىشىپ قوياتتى. دەرھەقىقەت، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن بېشىغا بادام دوپپا، ئۇچىسىغا كاستىيۇم چاپان كىيگەن، يارىشىملىق بۇرۇت قويغان ئوتتۇرا بوي بىر كىشى كىمدۇر بىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا سالماق قەدەم تاشلىغىنىچە كىرىپ كەلدى. بارلىق ئوقۇتقۇچىلار دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ، ئىككى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى سېدە تۈۋىگىچە بېرىپ، قىزغىنلىق بىلەن كۆرۈشۈپ قارشى ئالدى. ئۇلار بىر قۇر تېنچلىق-ئامانلىق سورىشىپ بولغاندىن كېيىن بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈژمە سايىسىغا راسلانغان ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرغاچ ھەممەيلەنگە ئىللىق سالام قىلدى. كۆردۇقكى، ئالدىمىزدا بادام قاپاق، قاڭشارلىق، نۇر چىراي، خۇشخۇي بىر كىشى ئولتۇراتتى. بىز بۇ كىمدۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ ئولتۇرغىنىمىزدا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى سايىت نېدىر(رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي) مۇئەللىم: «ساۋاقداشلار، بۈگۈن ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچى تۇردى سامساق ئاكا ئالاھىتەن بىزنى يوقلاپ بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپكە كەلدى» دەپ بۇ نۇر چىراي كىشىنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ سۆزى يېرىملاشماي تۇرۇپلا بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئالقىش ياڭراتتۇق. مەن «بۇ ئوڭۇممۇ ياكى چۈشۈممۇ؟» دېگىنىمچە كۆزۈمگە ۋە قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. سايىت نېدىر مۇئەللىم تۇردى سامساقنىڭ ئىجادىي ھاياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا: «ھازىر تۇردى سامساق ئاكا بىزگە كۆڭۈل سۆزلىرىنى تۆكۈپ بېرىدۇ!» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى. بىز يەنە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتۇق.
ـــ ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار، سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچى- ساۋاقداشلار! سىلەر بىلەن ئانا يۇرتىمىزنىڭ مەرىپەت بۆشۈكى ـــ بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز كۆرۈشكىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. مەكتەپ تولىمۇ ئۇلۇغ ھەم خاسىيەتلىك جاي، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى مەكتەپسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، بىر ئادەمنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچى ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتى بولسا كېرەك. چۈنكى ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسى ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ خېمىرتۇرۇچى بولغان ئەقىل-پاراسەت ئاساسىدا سەبىي بالىلىق قەلبدە بىخلىنىشقا باشلىغان ئىتىقاد-ئەقىدە، غۇرۇر –ۋىجدان، غەيرەت-جاسارەت دەرىخىنىڭ تۈۋىگە سۇ قۇيۇپ پەرۋىش قىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن سىلەر تولىمۇ بەختلىك! شۇڭا سىلەرگە ھەۋىسىم كېلىدۇ. نېمىشقا دېسەڭلار، مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئاران بىر نەچچە يىللا ئوقۇيالىغان، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان. بالىلىق دەۋرىم تولىمۇ قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن. ئاتا-ئانامنىڭ ئەسلى يۇرتى بەشكېرەم چۈگۈر بولۇپ، بىز جەمئى ئالتە بالا، سەككىز نوپۇسلۇق چوڭ ئائىلە ئىدۇق. يۇرتتىكى يېرىمىز ئاز بولغاچقا، بەشكېرەملىك بايلارنىڭ  يېڭىئۆستەڭدىن ئالغان يەرلىرىنى «ئورتاق»قا تېرىش ئۈچۈن ئائىلىمز ئۇ يەرگە كۆچۈپ بارغانىكەن. يېڭى ئېچىلغان بىنامنىڭ ئۆزلىشىشىگە ئەگىشىپ تۇرمۇشىمىز بارا-بارا ياخشىلانغان. بىراق «ئورتاق»لاشقان زېمىن پۈتۈنلەي ھوسۇلغا كىرىپ نان تەييار بولغاندا، يېرىمىنى بىز يېگەنگە كۆزى قىزارغا بايلار ھەممىنى ئۆزى يېيىش ئۈچۈن يېڭىئۆستەڭدىكى «ئۆيىمىز»گە كۆچۈپ كىرگەن. «ئورتاق»لاشقان بايلارنىڭ يۈزسىزلىكىدىن كۆڭلى يېرىم بولغان بىچارە ئاتا-ئانام بىزنى ئېلىپ، ئون نەچچە يىللىق ئەجىر-مېھنىتىنىڭ مېۋىسىنى ئۈزۈشكە قادىر بولالماي ئەسلى يۇرتىمىز بەشكېرەمگە كۆچۈپ چىققان ئىدۇق.
تۇردى سامساق سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئۆزىنى تۇتالماي كۆزلىرىگە ياش ئالدى. ھەممەيلەننىڭ كۆزى نەملەنگەن، پۈتۈن مەيدان ئېغىر سۈكۈتكە چۈمگەن ئىدى. ئۇ كىشى يانچۇقىدىن قول ياغلىقىنى ئېلىپ، ياشلىرىنى سۈرىتىپ بولۇپ يەنە گەپ باشلىدى:
ـــ ئادەمنىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەر كەلمەيدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۆلۈپ قالمىدۇق. يۇرتىمىز بەشكېرەم بۇرۇنقىدەك قۇچاق ئاچتى، ئەھلى يۇرت كۈلۈپ باقتى. بىراق، ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ قاتتىق تۇرمۇشى رەڭگىمىزنى سارغايتقاچقا، يول تېپىش ئارقىلىق پۇل تېپىش مەقسىدىدە 1940-يىللارنىڭ بېشىدا يۇرتتىن چىقىپ كەتتىم. دەسلەپ ئالتايغا باردىم. «ھەممىلا يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت» ئىكەن. بىرەر يىل يۈرۈپمۇ بىرەر ئىشنىڭ ئېپىنى تاپالماي رەللە بولغان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ئاتا-ئانام چۈشۈمگە كىرىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرگە قايتتىم. يېرىم يولدا ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىگە قوشۇلۇپ ئەسكەر بولدۇم. بۇ ھاياتىمنىڭ مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.....
تۇردى سامساق ئاكا تۇرمۇشقا يېقىن ۋە دانە-دانە ھەم ئوبرازلىق سۆزلەيدىغان ناتىق كىشى ئىكەن. پەرىزىمچە تۆت سائەتچە سۆزلىگەن بولسىمۇ شۇنداق سېستىمىلىق ھەم يېقىشلىق سۆزلىگەن. بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان، ئۇستاز يازغۇچىمۇ ھەم پات-پات گەپ ئارىلىقىدا قىزقارلىق ۋەقەلەرنى يۇمۇرىستىك رەۋىشتە قىستۇرۇپ ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈپ ماڭغان. ئۇ باشتىن ئاخىرى ئاددىي، ئەمما ئوبرازلىق سۆزلەر بىلەن دەسلەپ ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىگە قاتنىشىش جەريانىنى ناھايىتى تەسىرلىك بايان قىلىپ بېرىپ، ھەممىمىزنى خۇددى شۇ ئىنقىلابقا قاتناشقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىۋەتكەندىن كېيىن «پاگون» ناملىق ئوچېرىكنىڭ يېزىلىش جەريانىنى سۆلەپ بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
1947-يىلى قىشتا كۈرەدە قانلىق بىر پاجىئە يۈز بەردى. بىر ئۆيدە تەنھا تۇرىدىغان بىر قېرى پۇقرانىڭ كېچىسى بوغۇزلاپ تاشلىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر شەھەرگە تارقالدى. ئاڭغىچە ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ قالغان ھەربىينىڭ بىر پاي پاگونى تېپىلغانلىقى، شۇنىڭدەك، بۇ پاگوننىڭ بىزنىڭ قىسىمنىڭ ئىكەنلىكى ھەققدىكى مىش-مىش پەيدا بولدى. بۇنى ئاڭلاپ بىز ساراسىمىگە چۈشتۇق. بىزنىڭ قارا جىيەكلىك، كرېست بەلگىلىك كۆك پاگون ئىدى. تەلىيىمىزگە ئۇ سېرىق جىيەكلىك كۆك پاگون ئىكەن. دېمەك، ئۇ بۇ تەۋەدىكى قىسىملارنىڭ ئەمەس ئىدى. چۈنكى بۇ يەردىكى تېكەس ئاتلىق پولكنىڭ پاگونى كۆك بولسىمۇ، سېرىق جىيەكلىك بولماستىن، قىزىل جىيەكلىك ئىدى. ئۇ يەردە چۈشۈپ قالغان پاگون  غۇلجا شەھىرىدىكى قىسىملاردا بار ئىدى. شەك- شۈبھىسىزكى، غۇلجىچە يەردىن ھەربىينىڭ كېچىسى كۈرەگە كېلىپ بىرئاددىي بوۋاينى ئۆلتۈرۈپ كېتىشىگە نېمە زۆرۈرىيەت بار؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىشلىتىشكە تېگىشلىك بولمىغان كونا پاگون ئىكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھەقىقەتەن شۇنداق بولۇپ چىقتىكى، غۇلجا شەھىرىدىكى بىر ئوغرىلار شايكىسى بۇ ئىشنى قىلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى بۇرىۋېتىش ئۈچۈن ئەتەي شۇنداق قىلغان ئىكەن. نەتىجە شۇ بولدىكى بۇ ئوغرىلار شايكىسى پاش قىلىنىپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئەمەلىي ۋەقە ئاساسىدا «پاگون» ئوچېرىكى بارلىققا كەلگەن.
تۇردى سامساق شۇ كۈنى يەنە شىڭشىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان قاباھەتلىك دەۋر ھەققىدە توختىلىپ، ئازادلىقتىن كېيىنكى مەلۇم پۇرسەتتە، بىر بۆلۈك يازغۇچى-سەنئەتكارلار قاتارىدا توقسۇن تەۋەسىدىكى تاغ جىلغىسىغا بېرىپ، شىڭشىسەي تۇتقۇن قىلغان كىشىلەر تىرىك قامالغاندىن كېيىن، ئاغزى ھىم ئېتىۋىتلگەن مەخپى ئۆڭكۈرلەرنى كۆرگەنلىكى، بەزى جەسەتلەرنىڭ ناھايىتى ئېچىنىشلىق رەۋىشتە قۇرۇپ قالغانلىقى، تەكچىلىرىنىڭ ئادەمنىڭ باش سۆڭىكى بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىدەك قەبىھ كۆرۈنۈشلەرنى ئوبرازلىق سۆزلەش ئارقىلىق مېھنەتكەش خەلقىمىزنىڭ يېقىنقى دەۋردىكى ئاچچىق قىسمەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئېسىمىزگە سېلىپ ۋۇجۇدىمىزنى لەرزىگە كەلتۈرگەن....
تۇردى سامساق يەنە ئۆزىنىڭ  شېئىر ئىجادىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:
مەدرىستە ئوقۇغان چېغىمىدا ئۇستازىم نىڭ يېتەكچىلىكىدە «سوفى ئاللايار»، «نەۋايى» قاتارلىق كىلاسسىك شېئىرلارنى كۆڭۈل قويۇپ يادلىغان. بۇ شېئىرلارنىڭ تىلىدىكى ئاجايىپ پاساھەت، تەسۋىرلىگۈسىز بەدىئىي بالاغەت ۋە ئۇنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىجادىي ماھارەت تۈپەيلىدىن يۈرىكىمگە ئوت يېقىلغان. بۇ ئوت بالىلىق دەۋرىمدىلا ماڭا ھەمراھ بولغان. دەسلەپتە مەنمۇ شېئىر يازالايدىغاندەكلا ھىس قىلىپ قولۇمغا قەلەم ئالغان. يانچۇقىمدىن قەلەم، خاتىرە ئۈزمەي ئويلىغىنىمنى قوشاق شەكلىدە يېزىپ ماڭغان. ئۇ چاغلاردا چىراغقا قۇيىدىغان كىرسىن ئەتىۋا بولغاچقا تۈزۈك چىراغ ياقالمايتۇق. بەزى كۈنلىرى كېچىسى ھويلىدا يېتىپ ئويلىغانلىرىمنى غۇۋا ئاي يورۇقىدا قېرىنداش بىلەن قەغەزگە تەخمىنىي يېزىۋېلىپ ئەتىسى تۈزىتىۋالاتتىم. نېمىشقىدۇر ئىچىمدە بىر ئوت كۆيەتتى. بەزىدە ئۆزۈمنى تۇتالماي قىرىق-ئەللىك كۇپلېت، ھەتتا بىرەر يۈز كۇپلېت «شېئىر» يېزىۋەتكەنلىكىم ئېسىمدە. كېيىن ئويلىسام مېنىڭ يازغنلىرىم شېئىر ئەمەسكەن. ئۇنداق «شېئىر» يېزىش ئارقىلىق شائىر بولغىلى بولمايدىكەن. ئۇ چاغلاردا شېئىرنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەستىن قەلەم تەۋرەتكەن ئىكەنمەن. كېيىن ھاياتىمدا بۇرۇلۇش بولۇپ، مىللىي ئارمىيىگە قاتنىشىپ قولۇمغا قۇرال ئالغاندىلا ئاندىن قەلەم، شېئىر، شائىر  توغرىسىدا ھەقىقى تونۇشقا ئىگە بولدۇم. چۈنكى مۇئەييەن دەۋردە قەلەم مىلتىق بىلەن باراۋەر بولىدىكەن، ھەقىقىي شېئىر قان بىلەن يېزىلىدىكەن.....
تۇردى سامساق «ئانا يۇرت ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ يۈرىكىگە تەڭداشتۇر، ئانا يۇرت ئىشقى يۈرەكتىكى قانغا ئوخشاشتۇر. شۇڭا ھەممىمىز ئانا يۇرتنى سۆيەيلى، ئانا يۇرت ئىشقىدا كۆيەيلى!» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا مەيداننى ئالقىش سادالىرى قاپلىدى. بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپ لەرزىگە كەلدى.  
مانا شۇنىڭدىن كېيىن تۇردى سامساققا بولغان ھۆرمىتىم تېخمۇ ئاشتى. ئۇنىڭ قەلبىمدىكى نۇرانە سىماسى قۇياشتەك جۇلالاندى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىزدەپ ئوقۇش ئىستىكى ۋۇجۇدۇمنى چۇلغىۋالدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرىدىغان ساۋاقدىشىم ھەسەنجان ئەمەت ئۆيىدە تۇردى سامساقنىڭ «بەشكېرەم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مېنى چەكسىز شادلاندۇرىۋەتتى. شۇ كۈنى مەكتەپتىن قايتىپلا يۇرتىمىزنىڭ مۇبارەك نامى بىلەن ئاتالغان بۇ كىتابنى ئۇنىڭدىن ئارىيەت ئېلىپ، خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك ھېسسىياتتا يېرىم كېچىگىچە ئوقۇپ چىقتىم. مۇقاۋىدىكى ئىسمى قىپ –قىزىل ئانار ئىچىگە يېزىلغان بارى يوقى 135 بەتلىك بۇ كىتابقا ھەزرىتى نەۋايىنىڭ «مەھبۇبۇلقۇلۇب» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان:
كىشى ئەگەر كىشى بولسا ئۆزىنى كىشى دېمىگەي،
قىلۇردا ھېچ ئىشنى ھەم كىشىنىڭ ئىشى دېمىگەي.
دېگەن بېيىت ئېفىگىراپ قىلىنغان. شۇنىڭدەك «تۇردى سامساق ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق قىسقا ماقالە قوشۇمچە قىلىنىش بىلەن بىرگە «ئىلتىجا»  ناملىق غەزەلدىن باشلاپ جەمئىي 85 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە «بەشكېرەم» ناملىق داستانى بېرىلگەن ئىكەن. كىتابنى ئوقۇپ بولغىنىمدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجاندىن لەرزىگە كېلىپ، ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمىدىم. بولۇپمۇ، 1950-يىل شىخودا يېزىلغان «تارىخ قەھرىمان» ماۋزۇسى ئاستىدىكى «خوش غۇلجا»، «باياندايدىن ئۆتكەندە»، «چەيلەڭزە»، «كۈرە»، «سالام كەڭساي»، «سايرام بويىدا»، «سۈرلۈك سادالار»، «توختات شوپۇر رولۇڭنى بىر دەم»، «جىڭ» قاتارلىق چاتما شېئىرلار ماڭا تۇردى سامساقنىڭ ئەلەم ھەم قەلەمدە تەڭ يېتىلگەن ئەكسۆيەر ۋە جەڭگىۋار ئوبرازىنى كۆز ئالدىمدا نامايان قىلىپ بەرسە، كېيىنكى يىللىرى يېزىلغان «خوتەن»، «تۇرپان تەسىراتلىرى»، «ئاقسۇ ھەققىدە» قاتارلىق چاتما شېئرلار،  جۈملىدىن، «سالام قەشقەر»، «تۈمەن بويىدا» ۋە «بەشكېرەم» ناملىق شېئرلار ئۇنىڭ ئاجايىپ ۋەتەنپەرۋەر ۋە ئۇلۇغۋار ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنى ئاشۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ «سالام قەشقەر» ناملىق شېئىرىدىكى
ئەسسالام نۇر ماكان قەشقەر قۇچاغى،
ھۈنەرۇ ھېكمەتنىڭ قەدىم ئوچاغى.
تىل تەمى بولسۇن... دەپ مېغىزلاپ ناننى،
يېگۈزگەن... سالام ئەي ھاياتنىڭ باغى.
دېگەن تاتلىق مىسرالار بىلەن «تۈمەن بويىدا» ناملىق شېئىرىدىكى
ئەي ئەزىز قەشقەرنىڭ ئانا دەرياسى،
بويلىرىڭ بېھىشنىڭ سەنئەت سەيناسى.
بۈدرە چاچ قىزلاردەك مەجنۇن تاللىرىڭ،
لەتاپەت يۇرتىنىڭ گۈزەل سىماسى.
دېگەن ئوتلۇق مىسرالار بىلەن «بەشكېرەم» ناملىق داستانىدىكى
بۇ ئۆلكىنى ياراتقان تەڭرى،
سېخى قىلىپ كۆڭلىنى كەڭرى.
ئاجايىپ يۇرت ياراتقان ئىمىش،
بۇ ئاجايىپ يۇرتنىڭ ئىشىغا
با ئىخلاسنى قاراتقان ئىمىش...
دېگەن مىسرالاردىن باشلىنىدىغان ئاجايىپ يالقۇنلۇق سېھرى بايانلار ۋۇجۇدۇمغا شۇ ئاخشىمى نەقىشلىنىپ قالدى. شۇڭا ئەتىسى ئەتىگەندە مەكتەپكە چىقىپلا سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمغا بۇ شېئىرلارنى قايتا-قايتا ئوقۇپ بەرگەنلىكىم يادىمدا....
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان ۋاقتىمدا تۇردى سامساقنىڭ «ئەدەبىيات» دەرسلىكىمىزگە كىرگزۈلگەن «بەش تال ئوق» ناملىق مەشھۇر ھېكايىسى يۈرىكىمنى يەنە بىر قېتىم لەرزىگە سالدى. بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن دەرسلىك كىتاب تارقىتىلىپ بېرىلگەن كۈنىدىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىش «ئەدەبىيات» دەرسلىكىنى بىر قۇر ۋاراقلاپ ئوقۇپ چىقىش بولسا كېرەك. ئادىتىم بويىچە كىتابلارنى ئالدىم ـــ دە، دەرھال مۇندەرىجىسىگە كۆز يۈگۈرتتۈم. «بەش تال ئوق» دېگەن ئەسەر نامىنىڭ كەينىدە «تۇردى سامساق» دېگەن مۇبارەك ئىسىمنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئويناپ كەتتى. ئالدى بىلەن شۇنى ئوقۇشقا باشچىلاپ كىرىپ كەتتىم. ۋاھ، نەقەدەر ئىسىل ئەسەر ـــ ھە؟ مانا، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرىگە يېڭىدىن ھەربىي فورما تارقىتىلدى. خۇشال بولغان پولات شۇ يەردىلا گىمناستۇركىنى كىيىپ باقتى. «ماش رەڭ دىگنال تېرىكىدىن تىكىلگەن بۇ گىمناستۇركا خۇددى قۇيۇپ قويغاندەك خوپ كەلگىنىگە خوش بولغان پولاتنىڭ ئۇنى تىككەن ئۇستىغا ئاپىرىن ئېيتقۇسى كەلدى.... پولات گىمناستۇركىنىڭ ئۇ يان-بۇ يانلىرىنى تۇتۇپ كۆرگىنىدىن كېيىن تۆش يانچۇقىغا قول سېلىۋىدى، بىر نېمە ئۇرۇندى. قارىغۇدەك بولسا، تۇمارچە قاتلانغان كىچىككىنە قەغەز ئىكەن. ئۇ ئالدىراپ ئاچتى. قەغەزنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە قوش يۈرەك سۈرىتى، چۆرىسىگە غۇنچىلاۋاتقان قىزىلگۈل سىزىلىپ، تېگىگە سۆسۈن رەڭ بىلەن چىرايلىق خەت يېزىلىپتۇ. خەت قىسقا، ئېنىق يېزىلغان بولۇپ، ھەر بىر سۆزى خۇددى مەرۋايىتتەك تىزىلغان ئىدى....
”مەن تىككەن مۇشۇ كىيىم مىللىي ئارمىيىنىڭ قانداقلىكى جەڭگىۋارىغا نېسىپ بولسا، مەن شۇنىڭكى. مۇشۇ كىيىمنى كىيگەن ئەي مەردانە يىگىت، سىز ئەڭ ئېغىر ھۇجۇم پەيتىدە، مېنىڭ نامىمدىن بەش تال ئوق بىلەن بەش دۈشمەننى يەر يۇتقۇزۇپ، غەلىبە بىلەن كەلسىڭىز، مېنى تېپىۋېلىڭ، مەن سىزنىڭ. مۇھەببىتىڭىز ـــ ش“»
ھېكايە مۇشۇنداق باشلىنىپ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك ئۇرۇش ـــ شىخو ئۇرۇشى تەسۋىرلىنىپ، ئوت يۈرەك جەڭچىلىرىمىزنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىخو شەھىرىنى ئازاد قىلىش يولىدىكى پىداكارلىقى ئوبېيكتىپ چىنلىق ئاساسىدا، پەقەت تۇردى سامساقتەك شۇ جەڭنى بىۋاستە باشتىن كەچۈرگەن ھۆرمەتلىك قەلەم ساھىبىنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئاجايىپ ماھارەت بىلەن ئىپادىلەنگەندىن كېيىن:
‹‹پولات ئۇ جايى جەھەننەمدە بولغۇرنى شۇنداق كېلىشتۈرۈپ ئاتتىكى، ئەبلەخنىڭ مېڭىسى ماغزاپتەك چاچراپ كەتتى. بۇ بىر تال ئوق پولاتنىڭ يانچۇقىغا ئايرىم سېلىپ قويغان ئاشۇ ”بەش تال ئوق“نىڭ ئاخىرقىسى ئىدى. بۇ جەڭگىۋار ئوقنىڭ ياڭراق ساداسىنى بەلكى ئاشۇ خەتنىڭ ھۆرمەتلىك ئاپتورى، ئاشۇ چىرايلىق گىمناستۇركىنىڭ ئۇستىسى شەمسى جانانمۇ ئاڭلاپ تۇرغاندۇ» دېگەن قۇرلار بىلەن، يەنە شۇ ھېلىقى سېھىرلىك «خەت» بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى.
مەن «بەش تال ئوق»نى تۇنجى قېتىم ئوقۇغىنىمدا قېنىم قىزىپ، يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى. ۋۇجۇدۇمدا مەن شۇ كەمگىچە ھېس قىلىپ باقمىغان بىر خىل روھ پارتلىدى. ئەسەرنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىققىنىمدا، شۇنىڭدەك، مۇئەللىم دەرس قىلىپ ئۆتۈپ بەرگەندە بولسا،  ۋۇجۇدۇمدىكى بۇ روھ تېخىمۇ يېلىنجاپ، كۈندىن كۈنگە ئۇلغىيىپ، ئۆچمەس يالقۇنغا ئايلىنىشقا باشلىدى. ئۆزۈمنى گويا «بەش تال ئوق»نى ئېتىشقا مۇيەسسەر بولغان پولات ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرىدەك ھېس قىلدىم. ساۋاقداشلىرىمنىڭمۇ شۇنداق ئاتەش تۇيغۇدا بولغانلىقىنى ئۇلارنىڭ بەس-مۇنازىرىلىرىدىن، بۇ ئەسەرنى تېخىچە ئوقۇمىغان ساۋاقداشلارنى ئۆزلىرىچە ئەيىپلەپ، دەرھال ئوقۇپ چىقىشقا تەۋسىيە قىلىشلىرىدىن ھېس قىلدىم. ئاپتۇرغا بولغان قايىللىقىم ھەسسىلەپ ئېشىپ، تۇردى سامساقنىڭ ئوزاقى يىللىرى ئانا مەكتىپىمىز ـــ بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپكە ئالاھىتەن كېلىپ، بىز بىلەن دىدارى مۇلاقەت بولغانلىقىنى، بىزگە سۆزلەپ بەرگەن سۆزلىرىنى يەنە بىر قېتىم كۆڭۈل ئىكرانىمدىن ئۆتكۈزدۈم. دەرھەقىقەت، بۇ دەل يازغۇچى  تۇردى سامساق ئەمىلىيەت جەريانىدا يېتىلدۈرگەن تارىخىي رىئاللىقنى ئەسلى قانۇنىيىتى بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشتەك ئىجادىي ماھارەت ۋە ھەقىقەتنى ئۆز سۈپىتىگە يارىشا ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلەپ چىقىشتەك بەدىئىي بالاغەتنىڭ كىتابخان قەلبىدىكى مەڭگۈلۈك تەسىرى ئىدى. دېمىسىمۇ ئەسەر ئاجايىب ماھارەت بىلەن يېزىلغانتى. قاراڭ، «ھۇجۇم ئالدىدىكى ئەھۋالنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەقەت جەڭچى بولغان كىشىلا تولۇق چۈشىنىشى مۇمكىن. ـــ دەپ يازغان ئىدى، ئۇ بۇ ھېكايىسدە، ـــ ھايات بۇچاغدا كىشىگە شۇ قەدەر شىرىن تۇيغۇلارنى بېغىشلايدۇكى، بۇنىڭ ھارارىتى تۈپەيلىدىن يۈرىكىڭنىڭ شۇررىدە ئېرىپ كەتمىگىنىگە ئۆزەڭدە ھەيرانلىق ھېس قىلىسەن. بۇ پەيتتە سېنىڭ ئالدىڭدا ئەزىز ئاتا-ئاناڭ، يارۇ-بۇرادەر، ئەل-ئاغىنىلىرىڭ، گۈزەل ئامرىقىڭ، ئۆسكەن يۇرتۇڭ ــــ ھەممە-ھەممىسى بىر-بىرلەپ كېلىشكە، كۆڭۈل كۆزۈڭدىن خۇددى كىنو لېنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلايدۇ. سەن ئۇلارنى ھەر بىر ئويلىغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ ئازۇ-ئۈمىدلىرى، ئوتلۇق تىلەكلىرى ساڭا كۈچ ۋە دەرمان بېغىشلاپ، ئالدىڭدا پارلاق تاڭ ئېتىۋاتقاندەك يورۇقلۇق سېزىسەن ۋە ئۆز ئىتختىيارىڭدىن غالىپ بىر كۈچلۈك ساراسىم قۇچىقىدا تىپىرلايسەن.
راست ئەمەسمۇ؟! ”ھۇجۇم“ بۇ ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ مەشرىپى ئەمەس-تە، ئۇ ھايات-مامات چېلىشى. سەن ئاشۇ كىشىلىرىڭنى قايتا كۆرەلەمسەن، يوقمۇ؟ بۇ ساڭا قاراڭغۇ. ھۇجۇم سائىتىدە جەڭچىنىڭ كۆڭۈل كۆزى ئەينىكىدە ئەكس ئېتىدىغان كىنو ئارتىسلىرى ئەنە شۇنداق بولىدۇ. لېكىن بۇ ئوتلۇق ۋە شىددەتلىك ھالەتلەر ھەقىقى جەڭچى قەلبىنىڭ قايناق ھارارىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. چۈنكى، ئانا يۇرت مېھرىنىڭ كۈچلۈك مۇھەببىتى ـــ جەڭچى روھىنىڭ سۇنماس ۋە تالماس قانىتى. جەڭچىنىڭ يۈرىكى ـــ مۇھەببەتنىڭ سوۋۇماس ئوتخانىسى. ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ئوتخانا ئۇنى قەھرىمانلىق مەيدانىغا تارتىدۇ».
مەن بۇ پارچىنى قايتا-قايتا ئوقۇغان. ھەر بىر قېتىم ئوقۇغىنىمدا يېڭىدىن–يېڭى تۇيغۇلارغا چۆمگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ئانا يۇرت مېھرىنىڭ كۈچلۈك مۇھەببىتى ـــ جەڭچى روھىنىڭ سۇنماس ۋە تالماس قانىتى. جەڭچىنىڭ يۈرىكى ـــ مۇھەببەتنىڭ سوۋۇماس ئوتخانىسى. ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ئوتخانا ئۇنى قەھرىمانلىق مەيدانىغا تارتىدۇ» دېگەن يەرلىرىنى ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغان بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئاشقازىنىدا چوڭقۇر ھەزىم قىلغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى مۇھىم بىر ئەستىلىك سۈپىتىدە خاتىرىلەپ ئالغان.  شۇ چاغدا ئىختىيارسىز رەۋىشتە شائىرنىڭ «بەشكېرەم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى ئەينى ۋاقىتتا يۈرىكىمنى لەرزىگە سالغان «تارىخ قەھرىمان» ناملىق چاتما شېئىرلىرى ئىچىدىكى مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاتاقلىق «كەڭساي ئاتلىق پولكى»نى ياد ئېتىپ يازغان «سالام كەڭساي» ئېسىمدىن كەچتى. ئۇ مۇنداق يېزىلغانتى:
ئەسسالام، ئانامسەن، شەپقەتچچىم كەڭساي،
يادىمدىن چىققايمۇ شۇ دەسلەپكى دەم.
چاپتۇرۇپ سەن بەرگەن جىرەن ئارغىماقنى،
ئاكوپلار ئاتلىتىپ تاشلانغان قەدەم.

قوللاردا ئاپتۇمات، بەللەردە بومبا،
باشلاردا مۇقەددەس بايراق سايىسى.
مەيدانغا ماگنىتتەك تارتاتتى جاننى،
ئانا يۇرت مېھرىنىڭ ئوتلۇق غايىسى.
مەن «بەش تال ئوق» ھېكايىسىنىڭ لەرزى بىلەن تۇردى سامساقنىڭ پروزا ئەسەرلىرى بىلەنمۇ تونۇشۇپ بېقىش ئىستىكىدە  ئۇنىڭ كىتابلىرىنى ئىزدەشكە باشلىدىم. بىر كۈنى دادام ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتېرىيالى ئېلىشقا بەرگەن پۇلنى ئېلىپ، ۋېلسىپىت بىلەن قەشقەر شەھىرىدىكى چوڭ كىتابخانىغا كىردىم. تەلىيىمگە يارىشا تۇردى سامساقنىڭ «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر» رومانى كۆزۈمگە چېلىقتى. شۇئان پايدىلىنىش ماتېرىيالى ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ، بۇ روماننى ئالدىم-دە، شەھەردىن ئۇدۇل مەكتەپكە يېنىپ چىقتىم. بۇ دەل چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى ئىكەن. مەن مەكتەپتىكى چوڭ ئۆستەڭنىڭ بويىغا بارغىنىمچە رومانغا چۆكتۈم. روماننىڭ بىرىنچى قىسمى «قەشقەر قىزى» بولۇپ ئۇنىڭ مۇقەددىمىسى:
يازغان ئىكەن كۆپ قەلەمكەشلەر،
قەشقەر قىزى ھەققىدە قىسسە،
ئوقۇپ كۆرسەم ئۇنىڭ بەرىدىن،
ئاڭلىنىدۇ غەم بىلەن غۇسسە.
تۈگىمەپتۇ بۇ ئۇزۇن تارىخ،
قان-ياش بىلەن شۇنچىلا پۈتسە.
ئەمدى نۆۋەت ماڭا يېتىپتۇ،
قوشار بولدۇم يېڭى بىر ھەسسە.
ياش قەشقەرنى كۆرەر ئەۋلادلار،
بۇ ئۆمۈرنىڭ پۇرسىتى يەتسە.
دېگەن گۈزەل شېئىردىن باشلىنىدىكەن. مەن ئۇنىڭغا سىڭىپلا كەتتىم. ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكىنىنى سەزمەيلا قاپتىمەن. بىر چاغدا ئۆستەڭگە سۇ ئىچكىلى كەلگەن بىر ساۋاقدىشىم مېنى روماندىن، توغرىسى دېڭىزدىن تارتىپ چىقاردى. قارىسام چۈشتىن كېيىنكى بىر سائەت دەرسنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن. مۇئەللىم مېنى سۈرۈشتۈرۈپتۈ. چۈنكى ئەتتىگەن شەھەرگە كىرىش ئۈچۈن پەقەت يېرىم كۈنلۈك رۇخسەت سورىغىنىم يادىمغا كېلىپ خېجىل بولغىنىمچە كەلگەن يەرنى قاتلاپ قويۇپ، سىنىپقا يۈگۈردۈم.
شۇ كۈنكى دەرس ھېچ كاللامغا چۈشىدىغاندەك ئەمەس، ئەس-يادىم توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاپ جان باقىدىغان مۇناپىق  خوتۇن ئايپاشاخان تەرىپىدىن ئالداپ ئېلىپ كېتىلىپ، پىڭ تەتەيگە سېتىۋېتىلگەن بەختسىز قەشقەر قىزى ـــ گۈلقىزنىڭ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولار؟ دېگەن ھەسرەتلىك سۇئالغا مەركەزلەشكەن ئىدى. شۇڭا پارتىنىڭ ئاستىغا روماننى ئاچتىم ــ دە، ئوقۇشقا باشلىدىم. مەكتەپتىن قايتىپ دەرس تەكرارلاشنى قايرىپ قويۇپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەتىسى سەھەر خوراز چىللىغاندا ھاياجان ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتكىنىم، ئەتىگەندە ئۇيقۇسىزلىقتىن قىزارغان كۆزلىرىمگە قاراپ مېھرىبان دادام بىلەن جاپاكەش ئانامنىڭ «بالام، ئىمتىھاندىن ئۆتىمەن دەپ، كېچىچە ئۇخلىماي ئۆگىنىش قىلغىنىڭ مۇۋاپىق بولماپتۇ. جېنىڭنى سېلىپ بەرمىگىن يەنە» دېگەن تەنبىھلىرىنى ئاڭلاپ خېجىل بولغىنىمدىن قىزىرىپ كەتكىنىم ھېلىمۇ يادىمدا. تەھقىقىكى، ئۇلار مېنىڭ كېچىچە ئۇخلىماي رومان ئوقۇغىنىمنى «ئۆگىنىش قىلىۋاتىدۇ» دەپ چۈشەنگەن...
مانا شۇنىڭدىن كېيىن بىر تەرەپتىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن تۇردى سامساقنىڭ «ئۆچمەس يۇلتۇزلار» ناملىق كىنو سىنارىيىسى ۋە پوۋېست-ھېكايىكەر توپلىمى بىلەن «يۈرەك سىرلىرى» ناملىق پوۋېستلار توپلىمىنى سېتىۋېلىپ ئوقۇپ چىقتىم. «ئۇيغۇر قىزى پىردەۋسى»دىكى پىردەۋسى تىراگىدىيەسىنىڭ قايغۇ-ھەسرىتى ئۇزۇنغىچە قەلبىمنى چۇلغىۋېلىپ، بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكەن ئالتە يىللىق ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئالدىراش مەزگىلى ــ ئالىي مەكەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش جەريانىدا پەيدا بولغان تەشۋىشلىرىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى.
3
مەن ئانا مەكتىپىم بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىنلا ئاتاقلىق يازغۇچى تۇردى سامساقنىڭ ئەسەرلىرى ۋە باشقا يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تولۇق تونۇشۇشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلغاندەك ھېس قىلدىم. چۈنكى، ئىنىستىتۇتقا كىرگەن كۈننىڭ ياندۇرقى ھەپتىسى 1990-يىلى قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈبخانىغا يىغىپ، مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى ۋە مەكتەپ كۈتۈبخانىسىنى بىرمۇ بىر تونۇشتۇرغان. ئېيتىلىشىچە، مەكتىپىمىز 1962-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بۆلۈنۈپ قۇرۇلغاندا ئۇنىۋېرسىتېت كۈتۈپخانىسىدىكى بارلىق كىتابلارمۇ تەڭ بۆلۈنۈپ، يېرىمى ياندۇرۇپ كېلىنگەن بولغاچقا، مەكتىپىمىزدىكى بۇ كۈتۈبخانا شىنجاڭ بويىچە 2-دەرىجىلىك چوڭ كۈتۈبخانا بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.... شۇ كۈننىڭ ئەتىسى ھەممەيلەنگە بىر تۇتاش كىتاب ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلدى. بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم. چۈنكى، بىز بۇ كىنىشكە ئارقىلىق كۈتۈبخانىنىڭ ھەر قانداق بۆلۈمىگە توسالغۇسىز كىرەلەيتۇق ھەم خالىغان كىتابتىن بىرلا ۋاقىتتا بەش پارچە ئارىيەت ئالالايتۇق. شۇ كۈندىن باشلاپ ئىنىستىتۇتتىكى كۈنلىرىمگە يېڭى مەنە قوشۇلۇپ، كىتاب ئوقۇش ھاياتىم قايتا باشلىنىپ كەتتى.
بىر كۈنى يەنە تۇردى سامساقنىڭ مەن ئىسمىنى ئاڭلىغان، ئەمما تېخى كۆرۈشكە نېسىپ بولمىغان «كۆكلەم» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن «تەڭرىتاغ باغرىدا» ناملىق ھېكايە توپلىمى يادىمغا كېلىپ، كۈتۈبخانىدىن ئىزلىدىم. بىراق، «كۆكلەم»نى تاپالماي «تەڭرىتاغ باغرىدا»نى ئېلىپ ياتاققا قايتتىم. ۋاھ، بۇ كىتابتىكى تۇنجى ھېكايە دەل ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشقا نېسىپ بولغان ھەم مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ئوت پەيدا قىلغان «بەش تال ئوق» ئىكەن. تېخى «پاگون» دېگەن ئوچېرىكمۇ بار ئىكەن. بۇنى كۆرۈپ، ئاتاقلىق يازغۇچى تۇردى سامساقنىڭ بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپتە سۆزلىگەن سۆزلىرىنى يەنە بىر  قېتىم ئەسلىدىم. ئىككىنچى ھېكايە «قەشقەر گۈزىلى» تېخىمۇ ئىسىل ئەسەر بولۇپ، «قەشقەردە كۈن ناھايىتى ئىسسىق ئىدى، چوغدەك قىزىغان يەرگە دەسسەپ بولمايتى. مەن سەمەندىن كونا شەھەرگە پىيادە كېلىۋاتاتتىم. بەزىدە يول بويىدىكى دەرەخلەر سايىسىدا ماڭاتتىم ۋە بەزەن جايلاردا قايناق توپىنى ئىختىيارسىز كېچىشكە توغرا كېلەتتى» دېگەن قۇرلاردىن باشلىناتتى.  بۇ ئاجايىپ تەبىئىي يېزىلغان جۈملىلەرنى، بولۇپمۇ ئاخىرىقى جۈملىنى ئوقۇپ ۋۇجۇدۇم ئۆرتىنىپ، ئانا يۇرتۇم بەشكېرەمدىكى توپىلىق يوللار ئېسىمدىن كەچتى. «شەھەرگە يېقىن بىر يەرگە كەلگىنمدە ئايالنىڭ قاتتىق قاقاقلاپ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. چۆچۈپ قارىسام، ئالدىمدا يېقىنلا يەردە، قامىتى خېلى قاملاشقان ياش يىگىتنىڭ شۇ قايناق ۋە قويۇق يول توپىسىغا پۇتلىرى پاتقان ھالدا خۇددى قاتۇرۇپ قۇيغان ھەيكەلدەك ئاجايىپ كۆڭۈلسىز كەيپىياتتا تۇرغىنىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ يېنىدا چىرايلىق ياش چوكان قاتتىق كۈلمەكتە ئىدى. ئۇ، قاتتىق كۈلكىنىڭ كۈچىگە چىدىيالمىدىمۇ ياكى بۆلەك ھال بولدىمۇ بىلمىدىم، چوكان كەينىگە داجىپ بارغىنىچە يول بويىدىكى ئېرىقنىڭ كۆك چىملىق قىرىغا كېلىپ ئەركەكلەرچە زوڭلا ئولتۇردى. چوكاننىڭ ئۈستىدە كىپەندەك ئاق پەرەنجە، يۈزىدە قارا چۈمبەت بولسىمۇ، ئەمما ھازىر يۈزى ئوچۇق ئىدى. ئۇ، ئولتۇرۇش بىلەن تەڭلا كۈلكىسىنى توختىتىپ شۇنداق يىغلاشقا باشلىدىكى، ئۇنىڭ پىغانىنى ئاڭلار بولسا تاغمۇ تاقەت قىلالماي، تاشمۇ ئېرىپ كەتكەن بولار ئىدى. يىگىت بولسا يەرگە بارغانسېرى چوڭقۇر پېتىپ كېتىۋاتقاندەك ۋە بەلكى يۇمشاق توپىلىق يەرگە پۈتۈن بويى بىلەن چۆكۈپ، سىڭىپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. چوكان بولسا بارغانسېرى ئۆكسۈپ ۋە ئەزۋەيلەپ يىغلايتتىكى، گويا يۈرەك باغرى ئېزىلىپ كۆز ياشلىرى قانغا ئايلىنىپ، بۇ قانلىق ياشلار ئېرىقنىڭ سۈيى بىلەن قوشۇلۇپ، بىر ئۇلۇغ غەزەپلەر تاشقىنىنى ھاسىل قىلىپ، بۇ غەزەپلەر تاشقىنى يولنىڭ توپىسى بىلەن قوشۇپ شۇ قاملاشقان يىگىتنىمۇ بىللە ئاققۇزۇپ كېتىدىغاندەك بىلىنەتتى» دېگەن ئىككىنچى ئابزاستىكى تەسۋىرلەرنى ئوقۇپلا يازغۇچىنىڭ تىل ماھارىتىگە ئىختىيارسىز ھالدا يەنە بىر قېتىم تەھسىن ئېيتتىم. يازغۇچى «قەشقەر گۈزىلى»نى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «قىز ھەقىقەتەن تولىمۇ چىرايلىق، چىچەن، چاققان بولۇپ، ئىسمى گۈلنەزەر ئىدى. گۈلنەزەر ھەققىدە كىشىلەرنىڭ ”بويى بىر گۇل، چېچى سۇمبۇل، تىلى بۇلبۇل...“ دېگەن شائىرانە تەرىپلىرى بىكار ئېيتىلمىغان. ئەسلىدە شائىر تەسۋىرلەيدۇ، خەلق تەستىقلايدۇغۇ. ئەمما بۇ قىزنى ھەممىدىن بالدۇر خەلقنىڭ ئۆزى تولۇق تەسۋىرلەپ ۋە تەستىقلاپمۇ بولغان. ھالبۇكى يەنە مەن ئۇ قىز ھەققىغە سۆز سەنئىتىنىڭ ھەممە ھۈىەرلىرىنى ۋە رومانتىكنىڭ ھەرقانداق رەڭدار بوياقلىرىنى ئايىماي ئىشلىتىپ، ھەرقانچە تەسۋىرلىسەممۇ مېنىڭ ئىشلىگەنلىرىم بۇ تەبىئىي لەتاپەت ئالدىدا خۇددى تاۋارغا تاغاردىن ياماق سالغاندەك بىر نەرسە بولۇپ قالماسمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇ قىز ھەققىدە بۆلەك ھېچنېمە دېمەيمەنكى، پەقەت مېنىڭ ھېكايەمگە ئاتاپ، ياق، مېنىڭ ھېكايەمگىلا ئەمەس، ئۇنىڭ خۇش پىچىم قاملاشقان قامىتى، ھۆسنى جامالىنى پۈتۈن گۈزەللەرگە ئەندىزە ۋە ئۇنىڭ خۇش خۇلقى، يېقىملىق مىجەزى، قول ھۈنەر، خىسلەت-پەزىلەتلىرىنى ھەممە چەۋەندازلارغا ئۈلگە-ئۆرنەككە لايىق قاملاشتۇرۇپ يارىتىپ قويغان تەبىئەتكە تەھسىن ئېيتىمەن». قاراڭ، بۇ چىن ھەم ئوبرازلىق تەسۋىر ماھىيەتتە يازغۇچىنىڭ خەلق تىلىدىن پايدىلىنىش جەھەتتىكى ئۆزگىچە سەنئىتى، شۇ سەنئەتتىن بالقىغان ئانا تىلنىڭ سېھرى قۇدرىتى، شۇنىڭدەك بۇ سېھرى قۇدرەتنى نامايان قىلغۇچى ھەقىقى بىر قەلەم ساھىبىنىڭ تەبىئەت ئالدىدىكى سەمىمىيىتى ئەمەسمۇ؟!... مەن  ئەنە شۇنداق چىن قايىللىق تۇيغۇسى ئىچىدە «تەڭرىتاغ باغرىدا» قايتا-قايتا ئىككى قېتىم ساياھەت قىلىپ چىقتىم. ھەر بىر قېتىمقى «ساياھەت» ماڭا يەنە باشقىچە ھوزۇر ئاتا قىلىپ، تۇردى سامساققا بولغان غايىبانە ھۆرمىتىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ «كۆكلەم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئوقۇپ بولغان بولدۇم.
بىر كۈنى كەچلىك مۇزاكىرە ۋاقتىدا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىمىز سۇلايمان سەپەرنىڭ ئىشخانىسىغا بىر چىگىش مەسىلىنى سوراپ كىرسەم پروفىسسور ئابلىمىت ئىسمايىل بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئىكەن. مەنمۇ ئۇلارنىڭ پارىڭىغا ھەمشىرىك بولۇپ قالدىم. سۆز ئابلىمت ئىسمايىل مۇئەللىمنىڭ شائىر ۋە تەتقىقاتچى ماھمۇدجان ئىسلام بىلەن بىرلىشىپ يازغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىپلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ يېزىلىش جەريانى ھەققىدە كېتىپ باراتتى. كىتاب يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىي ھاياتىغا بېغىشلانغان بولغاچقا بۇ ئىككەيلەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن بارلىق ئۇيغۇر ئەدىبلىرى بىلەن تولۇق دىگۈدەك يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ ماتېرىيال توپلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىشى ئاساسىدا ۋۇجۇتقا چىققان ئىكەن. شۇنداق بولغاچقا تېما ئېتىبارى بىلەن ئەدىبلىرىمىزنىڭ شەخسىيىتىگە ئالاقىدار بىر قىسىم كىتاب سىرتىدىكى مەسىلىلەرمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلدى. سۆز ئارىلىقىدا ئابلىمىت ئىسمايىل مۇئەللىم: «ئىنسان يېتەرسىزلىكتىن خالىي ئەمەس. يازغۇچىلارمۇ ئىنسان. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇنداق ياكى مۇنداق يېتەرسىزلىكلىرىنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال. ئەمما ئەدىپلىرىمىز ئىچىدە ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ئەھمەد زىيائى، نىمشېھىد داموللام، تىيىپجان ئېلىيوپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە تۇردى سامساق قاتارلىقلاردۇر. بۇلار بىلەن كۆپ قېتىم دىدارى مۇلاقەتتە بولۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم. ھەممىسى دېگۈدەك تولىمۇ خۇش چاقچاق ئادەملەر ئىكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ قېشىدا قانچە ئۇزۇن تۇرسىڭىزمۇ ئاغزىدىن ئاجايىپ شىرىن مۇھەببەت لەۋزىدىن باشقا چاقچاق ئاڭلىمايدىكەنسىز...» دېدى. ئاندىن كېيىن يازغۇچى تۇردى سامساق ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق دېدى:
«تۇردى سامساق ھەقىقەتەن تىلى بىلەن دىلى بىر سەمىمىي ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەن، سىرداشقان. ئۇ ماڭا ئىككى قېتىم يىغلاپ بەرگەن. بىرى، ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان رومان ئىجادىيىتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى مەزگىلىدە ئۇ مېنى ئالاھىتەن ئۆيىگە چاقىرىۋالغان چېغىدا ئۆزىنىڭ ئۆيىدە. يەنە بىرى، قەشقەردە ئېچىلغان 2-قېتىملىق مەملىكەتلىك ‹قۇتادغۇ بىلىك› ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مەزگىلىدە ئۇنى يوقلاپ قەشقەر مېھمانخانىسىدىكى ياتىقىغا يوقلاپ باغان چېغىمدا. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ ‹ئىللەت تۈزەلمىگىچە مىللەت تۈزەلمەس› دېگەن ماقالىسى ‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى›دە، ‹كىم كاپىر؟› ناملىق ماقالىسى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»دە ئېلان  قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر يۈز تۇرانە ياكى ئوچۇق-ئاشكارا تېلېفون بېرىپ ئۇ كىشىگە ھۇجۇم قىلغان. ھەتتا نەچچە ئون بەتلىك تەنقىد يېزىپ ‹سالام خەت› نامىدا ئەۋەتكەن ئىكەن. دېمەك، ئۆز مىللىتىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن  ئەينى ۋاقىتتا جەڭگە كىرگەن يازغۇچى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە مىللىتىنىڭ بىر قىسىم بولۇمسىز ئىللىتىگە جەڭ ئېلان قىلغاندا توغرا چۈشىنىشكە ئېرىشەلمىگەن. مەن ئۇ كىشىنىڭ بۇ ماقالىلىرىنى ئوقۇغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق ئالىملىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن بۇ ماقالە ھەققىدىكى تەرىپلەرنىمۇ ئاڭلىغان. شۇڭا ئۇ كىشىگە تەسەللىي بەرگۈدەك سالاھىيەتكە ئىگە بولمىساممۇ، چىرايلىق كۆڭلىنى ياساشقا تىرىشقانتىم».
مەن بۇ سۆھبەتكە نائىل بولۇپ ئاز كۈن ئۆتمەيلا ئاتاقلىق يازغۇچى تۇردى سامساقنىڭ ئۈرۈمچىدە قەستكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى شۇم خەۋەر تارقالدى. دەسلەپ قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. بىراق بىر ئاتاقلىق شەخس ھەققىدە گېزىتكە بېسىلغان خەۋەر يالغان بولاتتىمۇ؟ ياخشى ئادەملىرى ئۈچۈن ئۈنسىز ياش تۆكۈدىغان مىليونلىغان ئاق كۆڭۈل كىشىلىرىمىز قاتارىدا ئۈنسىز مۇڭلاندىم. شۇ كۈنى قولۇم ھېچ ئىشقا بارمىدى. قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات پاكۇلتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلى قاتتىق ئېزىلگەن. چۈنكى بۇ كۈنى پۈتۈن قەشقەر خەلقىنىڭ، ياق-ياق، تەڭرىتاغ ئىتەكلىرىدىكى ئاق-قارىنى پەرق ئېتىدىغان ئەدەبىيات ئاشىنالىرىنىڭ يۈرىكى قان–قان يىغلىغان. سۈيقەستچىنىڭ پىچىقى ئەمىلىيەتتە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باغرىنى تىلغىغان ئىدى. مەن شۇ كۈنى كەچتە ياتاقتىكى ساۋاقداشلىرىم غەرق ئۇيقىغا كەتكەندىن كېيىن بىر ئاز تېنچلانغاندەك بولدۇم ـ دە، ئۇنىڭ بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپتە كۆرگەن نۇرلۇق سىماسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، بىزگە يېرىم كۈن سۆزلىگەن سۆزلىرىنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ قولۇمغا ئاجىز قەلىمىمنى ئالدىم. ئۇزۇن ئۆتمەي تۆۋەندىكى مۇۋەششەھ پۈتۈپ چىقتى:
توختىدى ئاتەش نەپەس، دىللارنى باستى قايغۇ غەم،
تۈگىمەستىن كۈيلىرىڭ ھەم سۇندى سەن تۇتقان قەلەم.
ئۇھسىنىپ قالدۇق پەقەت (تەقدىرگە يوقكەن ھېچ ئامال)،
سۆزلىنەر دوستلار ئارا تەۋسىپلىرىڭ، بولغاندا جەم.
رەستىلەردە ياش تۆكۈپ يۈرمەكتە «قەشقەر گۈزىلى»،
يىغلىبان «ئۇيغۇر قىزى فىردەۋسى»دەك شاھى سەنەم.
دوستلىرىڭ تۆكمەكتە ياش كەلگەچ جۇدالىق بىمەھەل،
سىغمايىن بۇ دەرد يۈرەككە، بولدى ئاھ، سەكپارە ھەم.
ئىزلىدۇق ئالەمنى بىز، كەلدى سادا «مەن يوق» دېگەن،
ئۇچتى كۆزدىن قامىتىڭ، كەتتىڭ قەيەرگە مۆھتەرەم؟
سەن ئىدىڭ بەك ئەل سۆيەر، ئەل بەختىگە جان كۆيدۈرەر،
ئەل-ۋەتەن بەختى ئۈچۈن ئالغان ئىدىڭ مەزمۇت قەدەم.
ئالدى بۇ تەڭسىز پەلەك جانىڭنى تەندىن بىۋاقىت،
بولغۇسى ياتقان يېرىڭ شەكسىز بېھىش ــ بەيتۇل ھەرەم.
مۇڭغا چۆكتى ئاھ ئۇرۇپ، تارىم، زەرەپشان بويلىرى،
تۆكتى ياش كىندىك قېنىڭ چۈشكەن ئەزىز يۇرت-«بەشكېرەم».
سەن غەزەپ بىرلە بۇرۇن مۇدىھىش زامانغا تىغ ئۇرۇپ،
قان كېچىپ ھۆرلۈك ئۈچۈن جەڭگاھتا تۇتقان تۇغ-ئەلەم.
ئاقلىدىڭ ئەلنىڭ ئۈمىدىن، كۈيلىرىڭ ياڭرار ئەبەد،
ئۇ ئەسىردىن بۇ ئەسىرگە توختىماي ھېچ دەممۇ دەم.
قالدى ئالەم مۇڭلىنىپ، ئەزگەچ جۇدالىق باغرىنى،
ۋاي ئېسىت! ئاھ، ئەلۋىدا ئۇستازىمىز ساھىب قەلەم!!
شېئىرنى يېزىپ بولۇپ بىر ئاز يەڭگىللەپ قالغاندەك بولۇپ يېنىڭ تىندىم. ئەتىسى ئۇنىڭغا «ئەلۋىدا ئۇستاز» دەپ ماۋزۇ قويۇپ «قەشقەر ئەدەبىياتى»غا ئاپىرىپ بەردىم. ئارىلىقتا بەشكېرەمگە چىقىپ، تۇردى سامساقنىڭ يۇرتتىكى بىر قىسىم ئۇرۇق-تۇغقانلرىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئۇنىڭ نەزىرىسىنى ئۆتكۈزۈشكە چىقىپ كەتكەنلىكىنى، يۇرتداشلارنىڭ ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم. مەن يازغان مەرسىيە ئۇزۇن ئۆتمەي ئېلان قىلىنغاندا يەنە بىر ئاز يەڭگىللەپ قالدىم. «تارىم»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق باشقا گېزىت-ژورناللارمۇ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن، روزى سايىت، مۇھەممەدجان راشىدىن، مۇھەممەدئەلى زۇنۇن، ئەختەم ئۆمەر قاتارلىق نۇرغۇن شائىر-يازغۇچىلارنىڭ تۇردى سامساق ۋاپاتىغا بېغىشلانغان مەرسىيىلىرىنى ۋە ماقالىلىرىنى ئاقا-ئارقىدىن ئېلان قىلدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «دوستۇم تۇردى سامساققا مەرسىيە» ناملىق شېئىرىدا

بىر چاغلار سايرىتىپ قولدا ئاپتۇمات،
تەلكە داۋانىنى ئاشقان ئەر ئىدىڭ.
قەلەمنى ئات ئېتىپ مىنگەنلىرىڭدە،
«تەڭرىتاغ باغرىدا» قالدى ئىزلىرىڭ.

قالدى شۇ ئىزلىرىڭ ئەۋلادقا مىراس،
تۆھپىكار ئەدىپ دەپ ناملىرىڭ قالدى.
ئەل ئۈچۈن تەر تۆككەن مىليونلار بىلەن
ئەدىبلەر مېھرابىدا شاملىرىڭ قالدى.

تېنچ يات، گەرچە سەن ئارماندا كەتتىڭ،
سوراقسىز قالماس ھېچ دەۋا ھېچقاچان.
ھەممە رەڭ ئۆچسىمۇ، قان رەڭگى ئۆچمەس،
قانۇن ئۆز كۈچىنى قىلار نامايان!

دېگەن مىسرالار بار ئىدى. دەرھەقىەت، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر توغرا ئېيتقان ئىكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ دەۋا ھەقىقىي يوسۇندا جىددىي بىر تەرەپ قىلىنىپ، تۇردى سامساققا قەست قىلغان جىنايەتچى رىزۋان ھىدايەتكە قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى توغرىسدىكى خەۋەر گېزىتكە بېسىلدى.
4
مەن 1995-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئاتاقلىق يازغۇچى تۇردى سامساق ئەينى ۋاقىتتا بىز بىلەن ئورتاق دىدارى مۇلاقەتتە بولغان ئانا مەكتىپىم بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىندىم. مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشۈپ تۇنجى قىلغان ئىشىم نۆۋەتتە قوللىنىلىۋاتقان «ئەدەبىيات» دەرسلىكىدىكى ئەسەرلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ بېقىش مەقسىدىدە كەسپداشلىرىمدىن تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتۈلىۋاتقان 12 قىسىم كىتابنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىش بولدى. ۋا دەرىخ! تۇردى ساماقنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بىزگە دەرس قىلىپ ئۆتۈلگەن «پاگون» ئوچېرىكى بىلەن «بەش تال ئوق» ھېكايىسى كۆزۈمگە چېلىقمىدى. شۇ مىنۇتتا ماڭا خۇددى ئۇنىڭ سىماسى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆڭلىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلانغاندەك تۇيۇلۇپ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى. نېمە ئامال، دەرسلىكتە بارنى ئۆتمەكتىن بۆلەك چارە يوق. ئەمما شۇندىن كېيىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە دەرس ئۆتۈپ، شېئىر ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى سۆزلىگەن ۋاقتىمدا بولسۇن ياكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە دەرس ئۆتۈپ ئارۈز ۋەزىنلىك شېئىرلار ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسىي  شەكىللىرى ھەققىدە سۆزلىگەن ۋاقتىمدا بولسۇن تۇردى سامساقنىڭ شېئىرلىرىدىن مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرۈشنى، ئۇ زاتى مۇبارەكنىڭ بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتىپىمىزدە نۇتۇق سۆزلىگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ مېڭىشنى ئۇنتۇمىدىم. كېيىنچە يەنە ئوقۇتۇش خىزمىتىدىن سىرت  شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئەھمەد زىيائى، نىمشېھىد، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تىيىپجان ئېلىيۇپ قاتارلىق مەشھۇر شائىرلارنىڭ بىر قىسىم داڭلىق غەزەللىرىگە تەخمىس يازدىم. بۇ قاتاردا تۇردى سامساقنىڭ «بەشكېرەم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى تۇنجى شېئىرى «ئىلتىجا» دېگەن غەزەلگە تۆۋەندىكىدەك تەخمىس باغلىدىم:

ئۇنتۇما باتۇر ئوغۇل ۋە قىزلىرىم،
بار ئۇلۇغ تارىختا ئۆچمەس ئىزلىرىم،
شۆھرىتى ئالەمگە تەڭ يىلتىزلىرىم،
ھەزرىتى لۇتفى، نەۋايى پىرلىرىم،
ياقمىسا بولماس توقايغا جىرلىرىم.

بۇ ھاياتلىق مەن ئۈچۈن بىر ئىمتىھان،
قالمىسۇن كۆڭلۈمدە ئارزۇلار نىھان،
دەپ، قەلەم سۈردۈم ئۆزۈم بىر ناتىۋان،
ساھىبى پوشكىن ۋە بايرۇن تاجىدان،
بەر ئۇدۇم ئىلھامى ئوق شائىرلىرىم.

ئۆتتى باشتىن شادلىقۇ ھەسرەتكىچە،
ياغدى ھەتتا سۆيگۈدىن نەپرەتكىچە،
چېھرىنى ئىلھام قىزى كۆرسەتكىچە،
شەپقىتىڭ شامى قولۇمغا يەتكىچە،
بولمىدى ئاز دەسسىگەن ئوي قىرلىرىم.

ئىزدىنىپ ھەر كۈن سەھەردىن كەچكىچە،
سۆز گۈلىستانىنى سەيلە ئەتكىچە،
چىن شېئىرنىڭ مەنزىلىگە يەتكىچە،
ئەمدى خاس ئىزدىن نىشانغا كەتكىچە،
ئۆرتىنىپ كۈل بولدى ئوتلۇق سىرلىرىم.

ۋەتىنىم بەختىگە تائەت ئەيلىسەم،
ئەل جاپاسىنى پاراغەت ئەيلىسەم،
بوۋىلار روھىن زىيارەت ئەيلىسەم،
سەرگۈزەشتەمدىن رىۋايەت ئەيلىسەم،
مات ئېتەر «شاھنامە»نى تەپسىرلىرىم.

تۇرسا ئەل توغرا دالالەت ئالدىدا،
يول ئېچىپ ماڭدىم داۋامەت ئالدىدا،
تەۋرىمەي كەلدىم ئادالەت ئالدىدا،
بۇ كارامەت، بۇ ئالامەت ئالدىدا،
تاڭ قالۇر فىردەۋسىدەك تەقسىرلىرىم.

ھەرقاچان ئەيلەپ قەلەمنى تۇغ-ئەلەم،
بىر بۈيۈك مەنزىل تامان ئالسام قەدەم،
سۆيدى، ئاھ، مەڭزىمگە يۇرتۇم بەشكېرەم،
نى ئەجەبكىم، چولتا تىل، ئاجىز قەلەم،
يەتمىسە سەنئەت سۈپەت تەسۋىرلىرىم.

قىلدى تۇغلۇق ئىلتىجا ئەي ئەل-ۋەتەن:
ئىزلىرىمدىن گۈل ئەمەس ئۈنسە تىكەن،
قىل ھالاك، يۈتسۈن مېنىڭدەك جانۇ -تەن!!
سۆزدە نۇقسانلار كۆرۈلسە يا ئېۋەن،
يار بولار ئەيپ ئەتمىگەي تەھرىرلىرىم.

يېڭى ئەسىر كىرگەندىن باشلاپ مەملىكەت مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك يولغا قويۇلغان دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسى قايتا تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلغاندا، 8-يىللىقلارنىڭ 1-قىسىم «تىل-ئەدەبىيات» دەرسلىكىنىڭ «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق» دېگەن بۆلۈكىگە تۇردى سامساقنىڭ «بەش تال ئوق» ناملىق مەشھۇر ھېكايىسى كىرگۈزۈلۈپ، ھەممەيلەننى خۇش قىلدى. مانا شۇنىڭدىن بۇيان يازغۇچى تۇردى سامساق تەڭرىتاغ ئىتەكلىرىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە، جۈملىدىن ئانا مەكتىپىم بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپتە قايتىدىن پەيدا بولدى. «بەش تال ئوق» ھېكايىسىنى ئىلگىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ۋە بۇ ھەقتىكى دەرسنى ئاڭلىغان بولسام، ئەمدىلىكتە بىر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن دەرس قىلىپ ئۆتۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم. ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدىكى دەرستە ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان  بىر ئەسەرنى ئوقۇتقۇچى بولغاندا دەرس قىلىپ ئۆتۈش تولىمۇ ھوزۇرلۇق بولىدىكەن. تۇردى سامساقنىڭ يۇرتىمىز بەشكېرەمدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن داڭلىق يازغۇچى ئىكەنلىكىنى ھەم ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغىنىمدا ئالدىمكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق شادلىنىپ چاۋاك چېلىپ، كىتاب بېشىغا بېرىلگەن تۇردى سامساقنىڭ سۈرىتىنى قايتا-قايتا كۆرۈپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ دەرسىمگە تۇردى سامساق ئۆزى بىۋاستە قاناشقاندەك بىر خىل كەيپىيات شەكىللەندى ــ دە، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى پىكىر قىلىشتىكى قىزغىنلىقىغا گەپ كەتمەيتى. ئۆزۈممۇ قاتتىق ھاياجانلىنىپ يۈرىكىم ئويناپ كەتتى. دەرس تەييارلىغاندا كاللامغا كەلمىگەن ئۇلۇغۋار پىكىرلەر كۆڭلۈمدىن كەچتى. شۇڭا بۇ دەرس مەن بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان 15 يىلدىن بۇيانقى ئۇنتۇلماس دەرسلىرىمنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.....
5
2010-يىلى 9-ئايدا ئانا مەكتىپىمىز بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا رەسمىي كۈن تەرتىپكە قويۇلغان ئىدى. شۇڭا  بۇ يىلنىڭ بېشىدىن  باشلاپلا ماڭا بېرىگەن «چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى مەرىپەت بۆشۈكى» ناملىق مەكتەپ تەزكىرىسىنى يېزىش ۋەزىپىسىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان ئىدىم. شۇڭا مەكتەپتە ئىشلىگەن، ئىشلەۋاتقان، ئىشلەپ يۆتكىلىپ كەتكەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەرجىمىھالىنى تۇرغۇزۇش، ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەسەر ياكى ماقالىلىرىنى تەھرىرلەپ كومپىيوتېرغا ئېلىش بىلەن ناھايىتى ئالدىراش ئۆتتۈم. بۇ جەرياندا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىم. بۇنىڭ بىرى دەل تۇردى سامساق قاتارلىق يۇرتىمىزدىن چىققان يازغۇچى، شائىر، تەتقىقاتچىلارنىڭ تەرجىمىھالىنى مەزكۇر تەزكىرىگە قانداق كىرگۈزۈش مەسلىسى بولدى. چۈنكى، ھازىرغىچە ئىشلەنگەن مەكتەپ تەزكىرىلىرىگە شۇ مەكتەپتە ئىشلىگەن ياكى ئوقۇپ چىققان تۆھپىكارلانىڭلا قىسقىچە تەرجىمىھالى ئېلىنغان. ھالبۇكى، تۇردى سامساق قاتارلىق يۇرت ئوغلانلىرى ئوقۇغان چاغلاردا بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلمىغان. قانداق قىلىش كېرەك؟ بەشكېرەم تارىخىدا تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنىش ئالدىدىكى بىر ئاددىي تەزكىرىگە يۇرتىمىزدىن چىققان مۆتىبەرلەرنى كىرگۈزمەي ئۆتۈپ كېتىش ئاقىلانىلىك بولمىسا كېرەك، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ تەزكىرىسى يېزىشنىڭ مەقسىدى يالغۇز مەكتەپكە مۇناسىۋۋەتلىكلەرنىك ئىش-ئىزلىرىنىلا كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش ئەمەس، بەلكى، ئەڭ مۇھىمى كېيىنكىلەرنى ئۆگىنىش ئۈلگىسى بىلەن تەمىنلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ئەمەسمۇ؟  مەن شۇ خىياللار بىلەن  تۇردى سامساق، ئىبىراھىم نىياز، ئابلەت خوجايوپ، تۇرسۇناي ھۈسەيىن قاتارلىق خېلى بىر قىسىم بەشكېرەم پەرزەنتلىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى «چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى مەرىپەت بۆشۈكى» ناملىق تەزكىرىگە تەمتىرىمەستىن كىرگۈزۈشنى مۇۋاپىق تاپتىم. خەيرىيەت، مەن بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغىچە يازلىق تەتىل قويۇپ بېرىلدى. مەن ھامان ئۆز ئىشىم بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ئىلگىرى بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكەپتە ئوقۇغان، بۇ قېتىم يۇرتىمىزغا تۇغقان يوقلاشقا كەلگەن ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن قەشقەر شەھىرىگە كىرىپ، يەنە بىر قېتىم مۇڭداشقاچ كىتابخانا ئايلىنىشقا مۇشەررەپ بولدۇم. يېڭى كەلگەن كىتابلار قاتارىدا بۇ يىل يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان «ئاخرەتتىن كەلگەنلەر»، «يۈرەك سىرلىرى»، «ئاسمىنىڭدا ئاي بارمۇ»، «خەير كۈنلەر»، «ئۆچمەس يۇلتۇزلار»، «ئۆمۈر ئىزلىرى» قاتارلىق ئالتە توملۇق «تۇردى سامساق ئەسەرلىرى» كۆزۈمگە چېلىقتى. خۇددى گۆھەرگە يولۇققان غەۋۋاستەك بېرىپ قولۇمغا ئالدىم. ياق، سېتىۋالدىم. گەرچە تۇردى سامساقنىڭ «كۆكلەم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن باشقا ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىساتىمدا ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتقان بولساممۇ، بۇ قېتىم ئۇنىڭ تولۇق توپلىمى نەشىر قىلىنغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ ئۇنى ئېلىشنى مۇۋاپىق تاپقان ئىدىم. ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ ھەم بىر يۈرۈش سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىز خالىيراق بىر جاينى تېپىپ قانغۇدەك مۇڭدىشىۋېلىش مەقسىتىدە كىتابخانىدىن چىقىپ كەتتۇق..... خەيرىيەت، سۆھبىتىمىز تەبىئىي رەۋىشتە تۇردى سامساقتىن  باشلاندى. مەكتەپ تەزكىرىسىگە نۆۋەت كەلگەندە ئابدۇقادىر جالالىدىن: «يۇرتىمىزدىن چىققان ھەر ساھە تۆھپىكارلىرىنىڭ چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىڭ» دەپ جېكىلىدى. مەن يۇقرىدىكى مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇۋىدىم ئۇمۇ قوشۇلدى. مەن مەكتىپىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە ئاددىي بولسىمۇ مىللىي ئۆرپ–ئادەت مۇزىيى قۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىمىزنى، ئۇنىڭغا تۇردى سامساق، ئبىراھىم نىياز، ئىسلامجان شېرىپ، تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن قاتارلىق داڭلىق يازغۇچى، شائىر، تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن ئەسەرلىرىنى قويۇدىغانلىقىمىزنى، ئۆزىنىڭمۇ «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى»، «ئەقىل مېۋىسى ۋە شەيتان»، «شاراپ تومۇرى»، «كۆيگەن دېڭىز»، «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» ناملىق كىتابلىرىدىن بىر نۇسقىدىن تەقدىم قىلىشىنى ئېيتقىنىمدا ئۇ تولىمۇ خۇرسەن بولدى. مەن يەنە گەپ ئارىلىقىدا «تۇردى سامساق ئىجادىيىتى بىر قوللۇق ھەم سېستىمىلىق تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيىدىغان يازغۇچى ئىدى» دېگەننى قوشۇپ قويدۇم. ئۇ بۇ سۆزۈمنى «تۇردى سامساق ھەققىدە بىر نەرسە يېزىڭ» دەۋاتىدۇ دەپ چۈشەنگەن بولسا كېرەك، ئەتىمالىم. «توغرا، مەنمۇ بىر نەرسە  يېزىشنى ئويلىغان. ئەمما نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ كۆپلىكىدىن قاچان قەلەم تەۋرىتىشىمنى بىلمەيمەن. ئەمما تۇردى سامساقتەك ھەقىقىي جەڭگاھتا يېتىلگەن يازغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ھەممىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ» دەپ سۆزىنى ئاخىرىلاشتۇردى. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ سۆزى ئىسلامجان شېرىپنىڭ 2007-يىلى ئۈرۈمچىدە مەن بىلەن بىللە تۇردى سامساقنىڭ قەبرىگاھىنى يوقلاپ يانغان چېغىمىزدا ئېيتقان « بۇ كىشىدەك ئەينى دەۋردە قولىغا قۇرال ئېلىپ ئەمىلىي كۈرەشكە قاتناشقان يازغۇچىلار بىزدە كەم ئۇچرايدۇ. مېنىڭچە، تۇردى سامساقنىڭ كۆپىنچە ئەسەرلىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ بەدىئىي تارىخىدۇر. تارىخىي نۇقتىنەزەر ئاساسىدا ئەقىل كۆزى بىلەن قارىغاندىلا ئۇنىڭ ئەسەرلرىدىكى ماھىيەتلىك مەزمۇنلار ھەقىقىي رەۋىشتە ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى ئېسىمگە سالدى. دەرھەقىقەت، ئۇلارنىڭ سۆزى ئورۇنلۇق ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ تۇردى سامساق ئەسەرلىرى تىل، تارىخ، فولكلور، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيتى. مەن ئويلىنىپ قالدىم. ئەڭ ياخشىسى بۈگۈن سېتىۋالغان «تۇردى سامساق ئەسەرلىرى»نى ئانا مەكتىپىم بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىق مەرىكىسى ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان خاتىرە سارىيىغا تەقدىم قىلاي. يۇرتىمىز ئۆسمۈرلىرى ئۇنى ئوقۇپ چۈشەنسۇن. كىم بىلىدۇ، تۇردى سامساق ھەققىدىكى بۇندىن كېيىنكى تەتقىقاتلارنىڭ بىر قىسمى بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتقانلار ۋە  ئوقۇۋاتقانلارنىڭ تەتقىقات ئەمگىكىدىن روياپقا چىقامدۇ تېخى؟!...
«چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى مەرىپەت بۆشۈكى» ناملىق كىتابتىن
ئاپتۇر:بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتىپىدىن

تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-06-02, 19:37
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-06-02 18:44 |
arman03

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1710
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 230
شۆھرەت: 1694 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1699 سوم
تۆھپە: 936 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 942 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 458(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەرھۇم تۇردى سامساق ئەپەندىنىڭ {ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر} نامىلىق رۇمانى {شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى} ناھايىتە ئىسىل رۇمان ئىكەن، ئىلگىرى داڭقىنى ئاڭلىغان بولسامما كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. بۇلۇپمۇ غۇلجا ئۇرۇشى {ئانايۇرت} تىكى يوق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئاپتۇ،  بۇكاتتا سەركەردە يازغۇچىلارنىڭ ئىزى ئۈچۈپ كىتىۋاتىدۇ، تىرىخى ئەپسۇسلىق-دە بۇ.
lutun
ۋ
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-03 11:22 |
arman03

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1710
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 230
شۆھرەت: 1694 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1699 سوم
تۆھپە: 936 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 942 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 458(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاپتۇر: سىز «تۇردى سامساق ئەسەرلىرى» نامىلىق بۇئەسەرنى ئىلكىتاپ قىلىپ پۈتۈن ئۇيغۇرغا تەقدىم قىلىشنىمۇ ئويلاشسىڭىز دېگەن تەكلىپنى بىرەي.
تۇردى سامساق خۇددى مۇشۇ تېمىدا دىيىلگەندەك، جەڭلەرگە قاتناشقان تىرىك شاھىد يازغۇچى ئىدى، يازغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقى بۇلامدۇ؟ تۇردى سامساق تەتقىقاتى ئۇيغۇرنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان چوڭ بوشلۇق، قېنى سىلەر ئەدەبىيات تەتقىقاتچىللىرى؟ يازغۇچىلار خۇشامات تەخسىسىنى كۈتۈرۋېلىپ ھىجىيىپ يۈرمەستىن، مۇشۇنداق داڭلىق كىشىللىرىمىز ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارسا، كىيىنكى ئەۋلاتلار بۇكاتتا كىشىللىرىمىزنى بىلسە بۇلاتتى. كىشىنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىپ، باللىرىمىز «لىبەي، كۇڭزى...» ۋاھا-كازالارنى بىلىدىغان بوپ كەتتى. ئەمما مەرھۇم ئابدىرېىھىم ئۆتكۈر، تۇردى سامساق، زوردۇن سابىر، زۇنۇن قادىر... قاتارلىق كاتتا ئوغلانلارنى بىلمەيدۇ.
ۋ
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-03 11:30 |
polat315
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 384
شۆھرەت: 2089 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2117 سوم
تۆھپە: 1231 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1253 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 283(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى arman03دە2012-06-03 11:30يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاپتۇر: سىز «تۇردى سامساق ئەسەرلىرى» نامىلىق بۇئەسەرنى ئىلكىتاپ قىلىپ پۈتۈن ئۇيغۇرغا تەقدىم قىلىشنىمۇ ئويلاشسىڭىز دېگەن تەكلىپنى بىرەي.
تۇردى سامساق خۇددى مۇشۇ تېمىدا دىيىلگەندەك، جەڭلەرگە قاتناشقان تىرىك شاھىد يازغۇچى ئىدى، يازغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقى بۇلامدۇ؟ تۇردى سامساق تەتقىقاتى ئۇيغۇرنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان چوڭ بوشلۇق، قېنى سىلەر ئەدەبىيات تەتقىقاتچىللىرى؟ يازغۇچىلار خۇشامات تەخسىسىنى كۈتۈرۋېلىپ ھىجىيىپ يۈرمەستىن، مۇشۇنداق داڭلىق كىشىللىرىمىز ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارسا، كىيىنكى ئەۋلاتلار بۇكاتتا كىشىللىرىمىزنى بىلسە بۇلاتتى. كىشىنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىپ، باللىرىمىز «لىبەي، كۇڭزى...» ۋاھا-كازالارنى بىلىدىغان بوپ كەتتى. ئەمما مەرھۇم ئابدىرېىھىم ئۆتكۈر، تۇردى سامساق، زوردۇن سابىر، زۇنۇن قادىر... قاتارلىق كاتتا ئوغلانلارنى بىلمەيدۇ.

بۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ماقالىسى ،مېنىڭ تۇردى سامساقنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلكىتاپ قىلىش قولۇمدىن كەلمەسمىكىن....
saltanat
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-04 09:19 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تارىخ بەتلىرى