ب د ت سۈرىيە مەسلىسى يىغىنىدا جۇڭگۇ يەنە قارشى ئاۋازبەردى
ب د ت كىشىلىك ھۇقۇق كېڭىشى يىغىنى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى جەنۋەدە مەخسۇس سسۈرىيە خۇلا بازىرىدىكى ۋەھشى قاتىللىققا ئالاقىدار ئالاھىدە يىغىنى چاقىرىلدى، يىغىندا، ب د ت بۇۋەقەنى سۈرىيە ھۈكۈمەت ئارميىسى ۋە ھۈكۈمەتنى قوللايدىغان خەلىق ئەسكەرلەر تەشكىلاتى قىلدى، دەپ ئېلان قىلدى.
شۇكۈنى چۈشتىن كىيىنكى يىغىندا، ب د ت كىشىلىك ھۇقۇق كېڭىشى ئامېرىكا، قاتارۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆۋلەتلەر سۇنغان لاھيەگە قارىتا بىلەت تاشلاپ ماقۇللاش ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ، جۇڭگۇ، رۇسيە ۋە كۇبا ئۈچ دۆۋلەت يەنە قارشى ئاۋازبەردى، ئىكۋاتۇر ۋە ئۇگاندا ئىككى دۆۋلەت ھۇقۇقىدىن ۋازكەچتى.
بۇقاراردا خۇلابازىرىدا يۈربەرگەن ۋەھشى قاتىللىق قاتتىق ئەيىپلەندى، ھەمدە ۋەقەگە سۈرىيەھۈكۈمىتى ۋە ھۈكۈمەتنى قوللايدىغان خەلىق ئەسكەرلەر تەشكىلاتى مەسئۇل دەپ ئېلان قىلىندى، ب د ت مەخسۇس تەكشۈرش ئۈمۈكى ئىۋەرتىپ، بۇۋەقىنى تەل-تۈكۈس تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىندى، ب د ت ئالاھىدە ئەلچىسى ئاننان مەخسۇس دوكلات بەردى.
جۇڭگۇنىڭ ب د ت دە دائىم تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لىيۇۋىي مىن سۆزقىلىپ مۇنداق دېدى:« جۇڭگۇ خۇلابازىرىدا يۈزبەرگەن ۋەھشى قاتىللىقنى قاتتىق ئەيىپلەيدۇ، سۈرىيە ھۈكۈمىتى ۋە ئۆكتىچىلەر ئانناننىڭ تېچلىق پىلانىنى تىزدىن ئەمەلىلەشتۈرشى ، خەلقنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» ئالدىنقى قېتىملىق ب د ت نىڭ سۈرىيەنى جازالاش لاھيەسىگىمۇ جۇڭگۇ ۋە رۇسىيە قارشى ئاۋاز بەرگەن ئىدى، شۇچاغدا بۇنىڭدىن نارازى بولغان مىسىر ۋە سۈرىيە خەلىقى كوچىلارغا چىقىپ، جۇڭگۇ ۋە رۇسىيەنى ئەيىپلاپ نامايىش قىلغان ۋە جۇڭگۇ بايرىقىنى كۆيدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا دۆۋلەت ئىشلىرى باش كاتىپى ھىلارى :« جۇڭگۇ ۋە رۇسىيە خەلقارا جەمىيەتنىڭ باشارئاساد ھۈكۈمىتىنى جازالىشىدىكى چوڭ تۇسالغۇ، بۇئىككى دۆۋلەتنىڭ قىلمىشى سۈرىيەنى ئىچكى ئۇرۇشقا باشلاۋاتىدۇ» دەپ ئەيىپلىدى.
جۇڭگۇتەرەپ ھىلارىنىڭ سۈزىنى ئىنكار قىلىپ:« جۇڭگۇ ھۈكۈمىتى سۈرىيە مەسلىسىنى ھەل قىلىشتىكى پۇتلىكاشاڭ ئەمەس، ئەكىسچە سۈرىيە مەسلىسىنى تېچلىق بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگچى» دېدى.
سۈرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئاساد:« ئەگەر جۇڭگۇ ۋە رۇسىيە بولمىغان بولسا سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشقا دۇچار بۇلاتتى» دېدى.
گىرمانىيە تەرەپ :« سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش يۈزبىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، بولمىسا تېخىمۇ كۆپ بىگۇناھ خەلىقنىڭ قېنى ئاقىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
ئەنگىلىيە دىپلومات ۋەزىرى مۇنداق دېدى:« سۈرىيە ھازىر ئىچكى ئۇرۇش ۋە دىنى مەزھەپلەر تۇقۇنىشىغا قاراپ يۈزلەندى».
ب د ت باش كاتىپى بانكوكۋىن مۇنداق دېدى:« خۇلابازىرىدىكى ۋەھشى قىرغىنچىلىق سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشقا يۈزلەنگەنلىكىدىن بىشارەت بىرىدۇ، شۇنداق بۇلۇپ قالسا، سۈرىيەدە ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرزىسى يۈزبىرىپ، يەنە ئەتىراپتىكى لىۋان قاتارلىق دۆۋلەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتشى مۇمكىن».
ب د ت ئالاھىدە ياراشتۇرغۇچىسى ئاننان مۇنداق دېدى:« سۈرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئاساد چۇقۇم مەن ئوتتۇرغا قويغان ئالتە تۈرلۈك تېچلىق پىلانىنى قۇبۇل قىلىشى ۋە ئەمەلىلەشتۈرشى كېرەك ئىدى، بۇ سۈرىيە كىرزىسىنى تېچلىق بىلەن ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر چىقىش يۇلى». ئەنگىلىيە تەرەپ رۇسىيەنى ئەيىپلاپ:« رۇسىيەنىڭ قىلمىشى سۈرىيە ھۈكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنى قانلىق ئۆلتۈرىشىگە چاپان ياپقانلىق، سۈرىيەدىكى قىرغىنچىلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، ئىنتايىن ۋەھشى بۇلۇپ، زۈرۈر تېپىلسا خەلقارا جەمىيەت قۇرال كۈچى بىلەن سۈرىيەدىكى بىگۇناھ خەلىقنى قوغدىشى كېرەك» دېدى.
يەنەبىرقىسىم دۆۋلەتلەر :« ئاننان ئۈزىنىڭ تېچلىق پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغىلى شۇنچە ئۇزۇن بولدى، ئەمما باشار ئاساد ئۇنى قۇبۇل قىلمىدى، ئەمدى ئاننان ئۆزپىلانىنىڭ مەغلۇپ بولغىنىنى ئىتىراپ قىلىشى كېرەك» دەپ تەنقىت قىلدى. ئەنگىلىيە تەرەپ ئولىنپىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغان سۈرىيە خادىملىرىنىڭ كىشلىك ھۇقۇقنى ئاياق-ئاستى قىلىش قىلمىشىنىڭ بار-يوقلىقىنى ئېنىقلاپ ئاندىن ئەنگىلىيەگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇلابازىرىدىكى ۋەھشى قىرغىنچىلىق يۈربىرىپ، سۈرىيە ھۈكۈمىرى خەلقارا جەمىيەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىتىگە ئۇچىرىغاندىن كىيىن، ئىران ھۈكۈمىتى باشارئاساد ھۈكۈمىتىنى قوغداش ئۈچۈن بىرتۈركۈم ئالاھىدە خادىملارنى سۈرىيەگە ئىۋەرتتى ۋە بىرتۈركۈم سەرخىل قۇراللارنى سۈرىيەھۈكۈمىتىگە بەردى.
بۇقېتىمقى ئالاھىدە يىغىندا، قاتار، تۈركىيە ، ئامېرىكا، سەئۇدى ئەربىستان،دانىيە ۋە ياۋرۇپا گەۋدىسى تەكلىپ لاھيەئوتتۇرغا قۇيدى، بۇقېتىملىق يىغىن 2011-يىل 4-ئايدىن بىرى ئېلىپ بېرىلغان سۈرىيە مەسلىسى ھەققىدىكى تۆتىنجى قېتمىلىق ئالاھىدە يىغىن.
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ھۇمىس ئۆلكىسىنىڭ خۇلا بازىرىدا ھۈكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئۆكتىچىلەر تۇقۇنۇشۇپ قالغان بۇلۇپ، 108نەپەر بىگۇناھ ئامما قەبىھ ۋاستىلار بىلەن ئۆلتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە 49 نەپەر 10ياشتىن كىچىك بالىلار ۋە32نەپەر ئاياللارمۇ بارئىدى، بۇبىگۇناھلارنى قاتىللار باغلاپ مىلتىق ۋە پىچاق بىلەن ئۆلتۈرگەن بۇلۇپ، كىچىك بالىلارنىڭ بەزىللىرىنىڭ بوينى پىچاق بىلەن ئۈزۋىتىلگەن، بەزىللىرىنىڭ كۈزى ئۇيۋىتىلگەن ئىكەن. ۋەقەيۈزبەرگەندى كىيىنكى تەكشۈۈشتىن قارىغاندا، شۇكۈنى سۈرىيە ھۈكۈمەت ئارمىيىسى ھۈكۈمەتنى قوللايدىغان خەلق ئەسكەرلەر تەشكىلاتىدىكىلەردىن 800 دىن ئارتۇق ئادەم خۇلابازىرىدا ئۆكتىچىلەربىلەن قاتتىق تۇقۇنۇشقان، ھۈكۈمەت ئارمىيىسى تانكا ۋە توپ قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قۇراللارنى ئىشقا سېلىپ بۇجاينى قاتتىق ئوققا تۇتقان، ئاندىن ئۆيمۇئۆي كىرىپ، ھايات قالغانلارنى ئاقتۇرۇپ، باغلاپ ئېلىپ چىقىپ قاتىللىق قىلغان، ۋەقەدە ھايات قالغانلار بۇقاتىللىقنى ھۈكۈمەت ئارمىيىسى ۋە شۇلارنى قوللايدىغان خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان، تەكشۈرگۈچىلەرمۇ سۈرىيە ھۈكۈمەت ئارمىيىسىدىن باشقىلاردا تېخى تانكا قاتارلىق قۇراللار يوق بولغاچقا، ئۆلگەنلەر توپ ۋە تانكا ئۇقىدا پارتىلاپ ئۆلگەچكە، ۋەقەنى ھۈكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن. ئىلگىرىمۇ ھۈكۈمەت ئارميىسىنىڭ بىگۇناھ پۇقراغا قارتىلغان ئۆلتۈرۈش- قىرىش قىلمىشلىرى، بۇلۇپمۇ نامايىشقا چىققانلارنى ئوققا تۇتۇشتەك ئېغىر قان تۈكۈلۈش ۋەقەلىرى يۈزبەرگەن بولغاچقا، بۇقېتىم خەلقاراجەمىيەت سۈرىيە ھۈكۈمىتىدىن قاتتىق نارازى بولدى ۋە قاتتىق ئەيىپلىدى.
مەنبە: شىنلاڭ تورى. ئەسلى مەنبە:
http://news.sina.com.cn/w/2012-06-02/030824522199.shtml