بۇ يىل 3-ئاينىڭ 30 كۈنى دۆلىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا سىنوككېر (بېرلىيانت) مۇسابىقىسى جوڭگو رايون مۇسابىقىسىدە، ئەنگىليىلىك <راكىتا> دەپ نام ئالغان داڭلىق ماھىر ئوسېلېۋېن مۇسابىقىدە يېڭىلگەندىن كىيىن، مۇخبېرلارنى كۈتىۋېلېش يىغىنىغا تاماكا چىكىپ كىرگەن ھەم سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەچ تاماكا ئىسىنى يومىلاق چىقىرىپ مۇخبىرلارغا پۈۋلىگەن. مۇخبېرلار ئەنگىليەدە موخبېرلارنى كۈتىۋېلېش يىغىنىدىمۇ موشۇنداق تاماكا چىكىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: ئەنگىليىدە ئۆي ئىچىدە تاما چىكىش قاتتىق چەكلەنگەن. لېكىن بۇ جايدا ھەممە ئادەم ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىكەن. دىگەن.
بۇ زالدىكى تامدا <تاماكا چىكىشكە بولمايدۇ> دەپ يېزىلغان. زالدىكى ھېچقانداق موخبېر ۋە خىزمەتچى خادىم تاماكا چەكمە دىيەلمىگەن. بۇلتۇر دۆلىتىمىز ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چىكىشنى قاتتىق چەكلىگەن نىزام چىقارغان. ئاممىۋى سورۇنغا ئېنىقلىما بىرىپ 3ئادەم بار جاي ئاممىۋى سورۇن بولىدۇ دەپ بەلگىلىگەن. ئەجىبا بۇ زال ئاممىۋى سورۇن بولمايدىغان ئوخشايدۇ؟قانون ئىجىرا قىلغۇچىلار ھەم نازارەت قىلغۇچىلار نىمە قىلغاندۇ؟
دۆلىتىمىزدە ھازىر تاماك چەككۈچىلەر 300مىلىيوندىن ئاشىدىكەن. تاماكا سودىسى يىلىغا بىر تېرلىيوندىن ئاشىدىكەن. كىلىدىغان باج 400مېلىياردتىن ئاشىدىكەن. ھەر يىلى تاماكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق كىسەللىكلەردىن ئۆلىدىغان ئادەم 1مىلىيوندىن ئاشىدىكەن.
يېققىنچىدا تاماكىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش يەنە غۇلغۇلا قوزغىدى. خېنەندىكى جوڭگو تاماكا تەتقىقات ئورنىدىكى بىر پىراپپىسور جوڭگو قۇرلۇش ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكلىكىگە ئەزا بولدى ھەم ئۇنىڭ بىرنەچچە تەتقىقاتى جوڭگو دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. لېكىن دۆلىتىمىزدىكى 100 ئارتۇق ئاكادىمىك ئىمزا قويۇپ جوڭگودا <تاماكا ئاكادىمىك>بولمايدۇ ھەم تاماكا توغۇرلۇق پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى بەرسە بولمايدۇ دەپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە خەلقىئارادا چەكلىگەن تاماككىنى چەكلىيەلمىگەننىڭ ئۈستىگە تاماكىدىن يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلغان ئادەمنى ئاكادىمىك قىلىپ نەتىجىسىنى پۇكاپاتلىسا، تاماكا چىكىدىغانلاغا ئىلھام بولۇپ، تاماكا چەكلەش تېخىمۇ تەسكە توختايدىكەن.لېكىن <تاماكا ئاكادىمىك> يەنىلا ئاكادىمىكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
ئەركنۇر(
ئەركنۇر بىلوگى ) تەرجىمە قىلدى.
مەنبە:
http://news.chinaunix.net/sports/2012/0330/2085348.shtmlhttp://roll.sohu.com/20120531/n344511661.shtml