مەن ئېقىم مەسىلىلىرى كۆرسىتىلگەن تىلۋىزىيە پىروگىراممىلىرىنى قىزىقىپ كۆرىمەن. مەركىزى تىلۋىزىيە داڭلىق مۇڭغۇل رىياسەتچى بەي يەنسوڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدىگى ھەر شەنبە كۈنى كەچ سائەت8(ئۈرۈمچى ۋاقتى) دە قويىلىدىغان خەۋەرلەر ھەپتىلىگىنىمۇ دائىم كۆرىمەن. شۇڭا بەزى قىززىق خەۋەرلەر تاللاپ تەرجىمە قىلىپ تورداشلارنىڭ ھوزورىغا سۇنۇشنى لايىق تاپتىم.
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بولغان غۇلغۇلا قوزغىغان خەۋەرلەر:
1. بۇلتۇر يەنى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى دوڭگۇەن شەھرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئاۋشىياڭ پىچاق كۆتۈرۈپ قىزلار ھاجەتخانىسىغا كىرىپ بىر قىزغا باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولغاندا، قىزنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچىراپ، قىزنى ۋەششىلارچە ئۆلتۈرۋەتكەن.ئۇ ئىلگىرى موشۇنداق ئۇسۇل بىلەن باشقىلارغا كۆپ تەھدىد سالغان. جىنايەتچىگە سوت ئېچىلىپ ئۆلۈم جازاسى بىرىلىپ 2يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بىرىلگەن. بۇ جازا يىنىك بولۇپ قالدى دەپ خەلىق ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغالغاندا، ئۆتكەن ھەپتە دوڭگۇەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى چۈشەندۈرۈپ: جىنايەتچى ئەمدىلا 22ياشقا كىرگەن ياش.ئۇ جىنسى ھەۋەسنىڭ ئارقىغا كىرىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن. زىيانلانغۇچىنىڭمۇ قاتتىق قارشىلىقى ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا شۇنداق جازا بىرىلدى دىگەن.
2.گەنسۇ ئۆلكىسىلىك كەلكۈندە قېلىپ ساۋاقدېشىنى يوقىرىغا ئىتىتىرىپ چىقىرىۋېتىپ، ئۆزى كەلكۈندە ئېقىپ كەتكەن ھەم يارلانغان قىز، موشۇ ھەپتە دوختۇردىن چىقتى.
3.داڭقى چىققان ۋاپادار ئوغۇل دېڭ مىڭجىن 88ياشقا كىرگەن،20نەچچە يىللىق سۈيدۈك يولىدا كىسەللىكى بار ئانىسىنى نۇرغۇن جايلارغا ئاپىرىپ داۋالاتقان.لېكىن ئاخىرى كىسەل ئازاۋى تارتىۋاتقان ئانىسىنىڭ قايتا-قايتا تەلەپ قىلىشى بىلەن، ئانىسىغا دېھقانچىلىق دورىسى ئەكىلىپ بىرىپ زەھەرلىنىپ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.يېققىنغا سوت ئېچىلغاندا ئۇنىڭغا 3يىللىق قاماق جازاسى بىرىلىپ4ئاي چىكىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بىرىلگەن.ئۇ سوتتا قانوننى ئوقمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ۋاپادار ئوغۇل بولۇشقا لايىق ئەمەسلىگىنى دىگەن.
4.يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا گۇيجو ئۆلكىسى دېجىياڭ شەھىرى دۆلەت زىمىن بايلىق ئىدارىسى دۆلەت زىمىنىنى تەكشۈرۈش ۋە قانون ئىجرا قىلىش ئەتىرىتىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى جاڭ بو قانونسىز قۇرلۇشلارنى مەجبورى چاقتۇرۋاتقاندا، جاڭ چۈەنشىۇ تەرىپىدىن سول كۆكسىگە پىچاق تىقىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن. جاڭ چۈەنشىۇ بولسا ئىچ مىجەز، ياۋاش، قورقۇنچاق ئادەم بولۇپ، ئۇ ياقا يۇرتلاردا 10نەچچە يىل ئىشلەمچىلىك قىلىپ، يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندە تۇرىدىغان جاي تاپالمىغان.نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا پۇل خەجلەپ كىچىك بىر زىمىن سېتىۋالغان. ئەمما قۇرلۇش قىلىشقا ئىجازەتنامىنى شۇنچە قاتىراپمۇ ھازىرغىچە ئالالمىغان.بۇ ئىككى ئېغىز خەتەرلى ۋە ئاددى ئۆينى ئۇ بارلىق بىساتىنى ئىشلىتىپ سالغان. موشۇ سەۋەپلىك بۇ ئىككى ئائىلىلا ۋايران بولغان. ئۇنىڭ بۇنداق ياۋايىلىقىنىڭ پەيدا بولىشى ھەممە ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.
ئەركنۇر (
ئەركنۇر بلوگى )تەرجىمە قىلدى.
مەنبە:
http://news.cntv.cn/china/20120602/105971.shtml