بىزدە مۇنداقمۇ قىز سودىسى باركەن -توۋا !!!


يېقىندا بىر تۇنۇشۇمنىڭ ئائىلسىدىكىلەر ئوغلىنى ئۆيلىمەكچى بولۇپتۇ . ۋە ئوغلىغا مەسلىھەت ساپتۇ . ئوغلى بىر قىز
بىلەن ئۇزۇندىن بىرى ئارلىشىۋاتقانلىغىنى ، شۇ قىزنى ئالدىغانلىقىنى ئيتىپتۇ .
ئوغولنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزنىڭ ئائىلسىنىڭ ئادىرسىنى بىلگەندىن كىيىن ئوغلىنىڭ تەلىۋى بويىچە قىز سوراپ بارماقچى بولۇپتۇ .
مەلۇم بىر كۈنى ئوغۇل تەرەپ قىزنىڭ ئائىلسىگە بىرىپتۇ . قىز تەرەپ ئۇلارنىڭ كىلىشىدىن ، قىزى ئارقىلىق ئالدىن خەۋەردار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى مول داستىخان بىلەن كۈتىۋاپتۇ .
ئوغۇل تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ كېلىش مۇددىئاسىنى قىز تەرەپكە ئېيتىپتۇ .
قىزنىڭ ئاتا -ئانىسى : بەك ياخشى بولۇپتۇ . قىز - ئوغۇلمۇ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىشىدىكەن . بىز بۇنىڭغا يەنە نېمىمۇ دىيەلەيمىز ؟ دىيشىپتۇ .
زىياپەت ئاخىرلاشقاندا ئوغۇلنىڭ دادىسى : قىز مېلى تۇغۇرۇلۇق بىر نىمە دەپ بەرگەن بولساڭلار . بىز شۇ بويىچە تەييارلىق قىلساق دەپتۇ .
قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى : بىز ئويلىشىپ جاۋاپ قايتۇرايلى ، دېيشىپ مىھمانلارنى يولغا ساپتۇ .
2 كۈندىن كىيىن ئوغۇل تەرەپ بىرەيلەننى قىزنىڭ ئۆيىگە جاۋاپ ئەكىلىشكە ماڭدۇرۇپتۇ . ئەلچى بولۇپ بارغان كىشى قىزنىڭ ئۆيىگە بىرىپ جاۋابىنى ئېلىپ كەپتۇ ۋە ئوغۇل تەرەپكە يەتكۈزۈپتۇ .قىز مىلى ئۈچۈن 12000 يۈەن بولسۇن .--دەيدۇ .
ئوغۇلنىڭ ئانىسى بۇنى ئاڭلاپ:- ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغان خوتۇنغا 12000 يۈەن دىسە قانداق بولىدۇ ؟؟؟
9000 يۈەندىن ئوشۇقى ئوشۇق . دەپ قايناپلا كىتىپتۇ ۋە ئەلچىگە:- سىلە خاپا بولماي يەنە بىر قىتىم بېرىپ دېسلە، ئۇلارنى ئادەم كۆرۈپ ئالدىغا بىرىپ قويسام بەك ئىشىۋالمىسۇن .
ئوغلۇم ئالىمەن دەپ تۇرۋالمىغان بولسا ماڭا يارايدىغان نى -نى قىزلار بار ئىدى .9000 يۈەندىن ئارتۇق بىرەلمەيدىكەن دەپ قويسىلا . دەپ ئەلچىنى يەنە ئەۋەتىپتۇ .
ئەلچى قىزنىڭ ئۆيىگە بىرىپ ئوغۇل تەرەپنىڭ مۇددىئاسىنى يەتكۈزۈپتۇ .
قىزنىڭ ئانىسى :- ئۆتكەن ھەپتە خانسارايدا كىيىم-كىچەك سودىسى قىلدىغان ئۆمەر ھاجىم قىزىمنى ئوغلىغا سوراپ كىرىپتىكەن .قىزىم ئۇنىماي تۇرىۋالدى . بولمىسا ئۇ ھاجىم پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپمۇ كەتمەيدىغان باي ئادەم ئىدى . قىزىم دىگەن ئەخمەق بېشىغا قونغان بەخىت قۇشىنى بىلمىدى-دە .
ئەلچى :- توي دىگەن ئۆمۈر ئىشى ، ئىككى ئائىلە قۇدىلاشسا يىقىن تۇققانلاردىن بولۇپ قالىدۇ ،شۇڭا سىلمۇ بەك چىڭ تۇرىۋالماي مۇۋاپىق باھاغا چۈشۈرۈپ بەرسىلە .ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز بىلەن يىگىتنىڭمۇ كۆڭلى بارئىكەن ئەمەسمۇ؟
قىزنىڭ ئانىسى:-تازا توي قىلىپ باقمىغان خەقلەر ئوخشىمامدا ئۇ خەقلەر؟؟ سىلگىمۇ مەلۇم نەدە ئاتا- ئانىسىنىڭ تايىنى يوق بىر خەقلەرنىڭ تويلۇقى 15 مىڭ بولۇپ كېتىپ بارىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ھەممە نەرسە قىممەت بولۇپ كەتتى . بەرگەن تۆت تال پۇلىغا بىر نەرسە كەلمەيدۇ -جۇما !
ئەلچى :-شۇنداق بولسىمۇ ئىككى ياشنىڭ بەختى ئۈچۈن سەل مۇۋاپپىقىراق بولسۇن .
قىزنىڭ ئانىسى: -بىرلا ئىغىز گەپ، 10000 يۈەن بولسۇن .بۇنىڭغىمۇ ياق دىسە يىپىق قازان يىپىق پىتى قالسۇن.ئىش تامام . دەپتۇ .
ئەلچى قىزنىڭ ئانىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئىقىتماي -تىمىتماي ئوغۇل تەرەپكە يەتكۈزۈپتۇ .
ئوغۇلنىڭ ئانىسى قاتتىق ئاچچىغلاپ :-ئوغلۇم ياخشى كۆرىدىكەن دەپ ئولتۇرۇپ قالغان قىزىنى ئېلىپ بىرىپ ساۋاپ تاپاي دىسەم نىمانداق ھەددىدىن ئاشىدۇ ما جادى، دەپ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ كىتىپتۇ .
ئوغۇلنىڭ دادىسى:- راسىت ئەمەسمۇ ؟ قۇدىلىشىپ تۇققان بولىمىز دەۋاتساق مال سودىسىدەك باھا تالشىپ كەتتىغۇ بۇ نىملەر .
ئوغۇلنىڭ ئانىسى:-دادىسى بولدى بۇ توينى قىلمايلى. قىزىنى كىمگە بەرسە بېرىۋالسۇن . ياكى كىم ئارتۇق سودىسىغا قاتناشتۇرۇپ ساتسۇن .مەن ئوغلۇمغا چىرايلىق ،تىرناقتا توختايدىغان قىز ئېلىپ بىرىمەن .دەپ قايناپلا كىتىپتۇ .
ئۇلار ئوغلىغا بىر قانچە كۈن نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ ئوغۇل ئۇنىماپتۇ . ئوغۇل:-ئاشۇ قىزنى ئالمىسام ئۆمۈر بويى توي قىلمايمەن دەپ شاتۇتتەك بىر سۆزنى تەكرارلاۋىرىپتۇ .
ئۆز گىپىنى يىدۈرەلمىگەن دادا بىر كۈنى ئايىلىغا :-ھەي ئانىسى ،ئوغلىمىز بەك جاھىل چوڭ بولۇپ قالدى . بولدى قىلىلى ، ئوغلىمىزنىڭ كۆڭلى شۇ قىزدا بولغاندىكىن 1000 يۈەن قېتىپ ئېلىپ بىرەيلى ، دەپتۇ .
ئانىسى: ئۇ نايناق ئوغلىمىزنىڭ بىشىنى ئالاندۇرۋالمىغان بولسا ئوغلىمىزمۇ بىزنىڭ دېگەن يىرىمىزگە كەلگەن بولاتتى . بىر مۇنچە ئارتۇق چىقىمغا ئۇچرىتىدىغان بولدى-دە بۇ قانجۇق .
دادىسى : بولدى قىلە ، 1000 يۈەن ئارتۇق چىقىم قىلغانغا نامراتلىشىپ كەتمەسمىز . ئۆتكەن ھەپتە خانئېرىق بازىرىدىن ئالغان ھېلقى سىغىن ئىنەكنىمۇ 12000 يۈەنگە ئالمىدىممۇ ؟ ئۇلارنىڭ قىزى شۇ سىغىن ئىنەكتىنمۇ ئەرزان توختايدىكەنغۇ ؟ دەپ مەسخىرىلىك ھىجايدى؛ ئوغۇلنىڭ ئانىسىمۇ ئېرىگە ئەگىشىپ كۈلۈپ كەتتى .
- بوپتۇ دىدى ئانىسى :-ئاۋال پۇلنى نەخ بېرىپ بۇ توينى قىلىۋالىلى .ھازىر ئۇلارنىڭ دېگىنى ھىساپ بولسا تويدىن كىيىن تويغۇزىۋەتمىسەم ھېساپ ئەمەس . دەپتۇ .
بۇ تونۇشۇم ماڭا تۇققان كەلگەچكە بۇ جەريانلاردىن تولۇق خەۋەردار ئىدىم .
توۋا !!! بۇ تويمۇ ؟ ياكى ئۇلاق سودىسىمۇ ؟؟؟
توي باشلانماي تۇرۇپ بىر -بىرىگە چىش بىلەپ تۇرۇۋاتسا ، بۇ بىر جۈپلەرنىڭ ئەھۋالى تويدىن كىيىن قانداق بولار؟؟؟؟
مۇشۇنداق سودا ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ نىكاھ تويدىن كىيىن قانچە ئۇزۇن داۋام قىلار--ھە ؟
بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ پاك سۆيگۈسى مال- ئۇلاق سودىسىدىن پەرقى قالدىمۇ ؟؟
بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز بىر بىرىگە بولغان ساداقەتنى ، ئادەمگەرچىلىكنى يۇقۇرى ئورۇنغا قويغان .
ھەرگىزمۇ تۇيلۇق ئۈچۈن پۇل -مال تەلەپ قىلمىغان .
قايسىبىر ناخشىچىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ناخشىسى قەلىب ئىكرانىمدا ياڭراشقا باشلىدى .
بەزىلەر كۆرەڭلەپ كەتتى ۋەجىدىن ،
تۆرەلدۇق بىز زادى كىمنىڭ نەسلىدىن .
ئەجداتلار تويلۇققا ئالغانمىدى پۇل ،
بۇ ئادەت ، بۇ يوسۇن يوقتى ئەسلىدىن .

تويلۇقنىڭ ئورنىغا تەلەپ قىلىپ پۇل ،
ئۆلچەمگە يەتمىسە قىلمىدۇق قوبۇل .
بۇلدۇقلاپ كۆزلەردىن ھەسرەتلىك ياشلار ،
قىز-يىگىت بويتاقلار ئۆتۈشمەكتە تۇل.
تەڭرىمىز سىخىغا ياراتتى جەننەت ،
تويلۇققا پۇل ئىلىش ئەڭ يامان ئىللەت ،
پاك ۋىجدان سىلەردىن ئالمامدۇ ھېساپ ،
بىلىڭلار مۇھەببەت ھەممىدىن قىممەت .
قانچىلغان قىز-يىگىتلەر مۇشۇنداق سودىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشى چەكسىز ئازاپ ، ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولماقتا .
ھەممە نەرسە پۇل ، تاۋار سودىغا ئايلىنىپ كەتكەن بۇ دەۋىردە قىز -يىگىت ئوتتۇرسىدىكى مۇقەددەس نىكاھمۇ سودىغا ئايلىنىپ كەتتىمۇ --قانداق ؟؟؟؟؟؟
ھەي پۇلغا تويماس ئىنسانلار !! سېتىڭلار ،قىزلىرىڭلارنى، ئادىمى ئەخلاقىڭلارنى سېتىڭلار !!چىن سۆيگۈ ، مۇھەببەت ، ئىنسانى قەدىر -قىممەت ھەممىنى سېتىڭلار !!!
ھەممىنى پۇل-مالنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ پۇخادىن چىقىڭلار!
بۇ ۋەقە ئەتراپىمدا بۇلۇۋاتقان ئەمەلى ئىشلار .بەلكىم بۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقان دوسىتلىرىمىزمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا قالماسلىقى مۇمكىن . يىقىندا بىرەيلەندىن مۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم . ئىككى ئائىلە قۇدىلاشماق بوپ يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە قىز تويلۇق پۇلى ئۇچۇن 10000 يۈەن ئاپارغان . قىزنىڭ دادىسى بۇ پۇلدىن پەقەتلا 1000 يۈەنلا ئىلىپ قالغان . قالغان 9000 يۇەننى ئوغۇل تەرەپكە قايتۇرۇپ بەرگەن . يىگىت تەرەپ بۇنىڭدىن ھەيران بولۇپ تۇرغاندا قىزنىڭ دادىسى ؛--ھازىر تويلۇق توغرىسىدا ئۆز-ئارا باھا قۇيۇشۇش ، باھا تالىشىشتەك مىللىتىمىز ، دىنىمىزغا يات بولغان ناچار ئادەتلەر يۇقۇملۇق كىسەلدەك كۆپىيىپ كەتتى . قىزىمىز ھەرگىزمۇ تاۋار ئەمەس . ئۇنىڭ قىممىتىنى پۇل بىلەن ئۆلچەش توغرا ئەمەس . قىز مەھرى ئۈچۈن پەقەت 1000 يۈەنلا ئىلىپ قالدىم . قالغان چىقىملىرىغا مەن بار دەپتۇ . مەن بۇنى ئاڭلاپ مۇشۇنداق ئادەملەرمۇ بارمىدۇ دەپ ھەيران قالدىم .
