بۇ مەزمۇنbagdashiدە2012-06-03 22:38يوللىغان يازمىسى ئادەم گۆشى يىگەن ئىرانلىق پىراففىسور :
ئادەم گۆشى يىگەن ئىرانلىق پىراففىسور
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۋېتسارىيەدە يېقىندا بىر قېتىملىق ئادەم گۆشى يېيىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىر پروفېسسورى ئايالىنى تالاغا قارىغان دەپ گۇمان قىلىپ، ئۇنىڭ لېۋىنى كېسىپ يەۋەتكەن.
قاتىللىق قىلغان بۇ پروفېسسور بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىراندىن كەلگەن. ئىلگىرى شۋېتسارىيەدىكى بىر تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى بولغان. دېلو يۈز بېرىشتىن بۇرۇن شېۋىتسارىيەنىڭ ستوكھولېمدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ خىلىلا كىچىك ئايالىنىڭ باشقىلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇنىڭ لېۋىنى كېسىپ يەۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
ھازىر بۇ پروفېسسور قولغا ئىلىندى، خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ قىلچىمۇ پۇشايمان قىلمايدىكەن. چۈنكى ئۇ ئايالىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزىگە ھاقارەت قىلغانلىق، نام-شۆھرىتىنى يەرگە ئۇرغانلىق دەپ قارايدىكەن. بۇ دېلوغا 7-ئاينىڭ باشلىرىدا سوت ئېچىلىدىكەن. چۈنكى بۇ پروفېسسورنىڭ قىلمىشى ناھايىتى قەبىھ بولۇپ، تەپتىش ئەمەلدارى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۇنى ئەيىبلىمەكچى ئىكەن. ئەمما سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ جىنايىتىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى قىلىپ بېكىتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
.......