بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى bagdashiدە2012-06-04 13:47يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سەمىمى تەكلىپ:
دەردىڭىز بولسا نۇر بەكرىگە ياكى چاڭشۈجىگە يېزىپ يوللاڭ.
چۈنكى تورداشلارنىڭ قولىدىن بۇ ئىشنى ھەل قىلىش كەلمەيدۇ.
بۇ يەردە ئاسمانغا پىچاق ئېتىپ خۇددى ئەخمىدى نىجاتتەك ئامېرىكىنى ، ئىسرائىلىيەنى خەرىتىدىن ئۈچۈرىۋىتىدىغانلار بولغان بىلەن خۇددى مىجەزىڭىز يوق چاغدا چۈشىڭىزگە كىرىپ قورقۇتالايدىغان، لىكىن ئەمەلىيەتتە قولىدىن ساماننىمۇ مىدىرلىتىش كەلمەيدىغان جىن-شەيتان كەبى كىشىلەر كۆپ. بىزنىڭ قولىمىزدىن پو ئېتىش، بىر بىرىمىزنى تىللاش، بىر تاغار قۇرۇق گەپ بىلەن تاغارنى ئۆرە تۇرغۇزۈشلا كىلىدۇ. يەنە تېخى ئۆزىمىزنى ئەۋلىيا باشقىلارنى بولسا شەيتان چاغلاپ باقى دۇنيانىڭ نىسى بىلەتلىرىنىمۇ كىسىپ قويىمىز شۇ.