قاتتىق يامغۇر بۈگۈن كورلىغا ھۇجۇم قىلدى!
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈش ۋاقتى سائەت1:30ئەتراپىدا كورلا شەھىرىدە تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر ياغدى. بۇ قېتىمقى يامغۇر30يىلدىن بۇيان ياققان ئەڭ قاتتىق يامغۇر ھېساپلىنىدىكەن.ئىككى سائەت ئىچىدە يامغۇرنىڭ چۈشىشى 72.5مىللىلىتىرغا يەتكەن.بۇ قېتىمقى يامغۇر شەھەر ئىچىدىكى قىسمەن رايۇنلارنىڭ توك توختىشىنى كەلتۇرۈرۈپ چىقارغان.دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگىمۇ بەلگۈلۈك زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن.بايىنغولىن ھاۋارايى ئىستانسىسى سېرىق رەڭدە 3قېتىم چاقماقتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى تارقاتقان.