saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 579 قېتىم كۆرۈلدى
qohleh
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8078
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 53 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 53 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئانامغا يېزىلغان خەت

ئانامغا يېزىلغان خەت




       سالام ئانا، ساڭا ئېيتالمىغان يۈرەك سۆزلۈرۈمنى، ،كۆز يېشىمنى سىياھ ،ھەسرىتمنى قەغەز،نەپرىتىمنى قەلەم قىلىپ ،ھۆرمەت يۈزىسىدىن سېنى يەنىلا ئانا دەپ،ساڭا بولغان سېغىنىشىم،نەپرىتىم ،سېنىڭ ماڭا بەرگەن ئازاپلىرىڭنى.يىگىرمە يىلىدىن بېرى تارتقان ئانىسىزلىق،يىتىملىك ،تەنھالىق كۇچىسىدا تارتقان،دەرت ئەلەملىرىمنى،قەغەز يۈزدە ئىپادىلەۋاتىمەن.رەھىمسىزلىگىڭ تۈپەيلى ئارىمىز شۇنچە يېقىن تۇرۇپمۇ،سېنى بىرەر قېتىم ئانا دەپ چاقىرالمىغىنىمغا،مېھرىڭگە تەشنا ۋاقىتلاردا،ئۈيۈمدىن يۈگرۈپ چىقىپ ،جېنىم ئانا مەن سېنىڭ ئوغلۇڭ ،ماڭا دەرت كەلدى ،مىنى باغرىڭغا بىر قىتىم بولسۇممۇ باسقىن ،كىچىكلىكىمدە مەھرۇم قىلغان ئانىلىق مىھرىڭنى ماڭا ئەمدى بولسۇممۇ كۆرسەت دىيشكە ئامالسىز قالغان مەندەك بىچارە ،يىگانە ،ھەم ئاتىسىز ،ھەم ئانىسىز،ئوغلۇڭدىن ساڭا سالام.
ئىيتقىنا ئانا ،توققۇز ئاي ،توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ ،ئاچىچق تولغاق يەپ،مېنى دۇنياغا تەۋەللۇت قىلىشىڭ نىمە ئۈچۈن ئىدى؟ئىيتقىنا ئانا ،سەن مىنى تەۋەللۇت قىلغان شۇ ۋاقىتتا،بۇ دۇنيانىڭ ئاجايىپ ـ غارايىباتلىرىدىن خەۋەرسىز،سەبئى دىلىمغا، بىشىمغا كىلىدغان ،ئاشۇ دىشۋارچىلىق،رەھىمسىز قىسمەتلەرنى ،ئالاھ ئىگەم دىلىمغا سالغاندەك ،چىقىراپ يىغلىغان شۇ مىنۇتلاردا،سەن ئاچىق تۇغۇت ئازابىنى ئۇنتۇپ،مېنى قۇچۇقۇڭغا ئېلىپ ،باغرڭغا مەھكەم بېسىپ تومۇر ـ تۇمۇرلىرىڭدىن ئۆركەشلەپ ئىقىۋاتقان،ئابى زەمزەمدەك ،ئاپپاق .تاتلىق
سۈتلىرىڭنى ئىمىتىپ،مىنى بەزلىگەن ۋاقتىڭدا،مېنىڭ ئوغلۇم دەپ خوشالىقتىن كۆز ياشلىرىڭنى تۆكۈپ،پىشانەمگە


كىچىككنە مەڭزىلىرىمگە سۆيگەن ۋاقىتڭدا،مىنى بىر ئۆمۈر بەخىتسىز قىلىشنى ئويلاپ باققانمىتىڭ؟،ئانىسىزلىق
كوچىسىغا تاشلاپ،خارلىنىپ يۈرۈشلىرىمنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ باقانمىدىڭ؟،مىنى بىر ئۆمۈر «ئانا» دىگەن سۆزدىن مەھرۇم قىلىشنى،كۆرۈپ تۇرۇپمۇ سىنى بىر قىتىم ئانا دىيەلمەسلىكنى ماڭا راۋا كۆرگەنمىدىڭ؟ بۇدۇنيانىڭ ئازاپلىرىنى تۇنجى قىتىم پىشانەمگە سۆيگەن ۋاقتىڭدا مۆھۆر قىلىپ بېسىۋەتكەنمىدىڭ؟.
ئېيتقىنا ئانا، بەخىتسىز قىسمىتىڭنىڭ باشلىنىشى مەنمۇ؟ سېنى بەخىتسىزلىك قاينىمىغا سۆرەپ ئەكىرگۈچى سەۋەپكار مەنمۇ؟ ئاتالمىش بەخىتسىز تۇرمۇشڭنىڭ جىنايەتچىسى مەنمۇ؟
ئىيتقىنا ئانا؟ئۈنداقتا مىنى نىمىشقا تۇققان ئىدىڭ؟ ئۆزەڭنىمۇ ،مېنىمۇ بۇنچە قىينىغۇچە قورسىغۇڭدىكى چاغدىلا ئالاھنىڭ دەرگاھىغا ئۇزۇتۇپ قويغان بولساڭ بولمامتى؟نىمە ئۈچۈن مېنى بىر ياشقا كىرگۈچە ئىمىتىپ،تاڭلار ئاتقۇچە كۆز يۇمماي،ئەلەي ناخشىلىرىڭنى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقماس قىلىپ،قۇلاقلىرىمغا، سەزگۈلۈرۈمگە ئورنىتىۋەتكەن ئىدىڭ.
ئانا،سەن ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن يۈرەك پارەڭنى،سۈتىڭدىن مەجبۇرى ئايرىپ،ئۆزەڭ قىلچىمۇ  ياخشى كۆرۈپ باقمىغان،ھەم ياخشى كۆرۈشكىمۇ ئەرزىمەيدىغان،<روھى قۇرۇنۇپ قالمىسىۇن > دادامغا تاشلاپ بەردىڭ، شۇ كۈندىن باشلاپ مىنىڭ ،ئانىسىزلىق يىتىىملىك ھاياتىم باشلاندى،دادام ئىچىپ ،چېكىپ ئۆزنىڭ ھالدىن چىقالمايۋاتقان ئادەم قانداقمۇ مىنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالالىسۇن؟ ئەپسۇس يىرىم يىلغا بارمايلا داداممۇ بىر قىتىملىق ھادىسىدە ئۈلۈپ كەتتى،مانا ئەمدى  مىنىڭ قارا يىتىملىك ھاياتىم رەسمى باشلاندى، لىكىن مەن بۇنى بىلمەيتىم ،مەن بەكمۇ كىچىك ،بەكمۇ سەبى ئىدىم ، توختىماي سىنى ئىزلەيتىم،ئەمدى چىققان تىللىرىم بىلەن ئانا دەپ يىغلايتىم، لېكىن سەن بۇنى بىلەتتىڭ ئانا،ئەپسۇس مېنى ئىزلەپ كەلمىدىڭ.
ئېيتقىنا ئانا؟سەن مىنى يىتىملىك كوچىسىغا تاشلاپ قويۇپ ،يۈرەك پارەڭگە قانداقمۇ چىدىغانسەن؟ كىملەرنىڭدۇ دۈشكەللەپ ،كىملەرنىڭدۇ،سىلكىشلەپ ،يەنە كىملەرنىڭدۇ ھۇ يىتىم ئوغلاق شۇم دەپ ،ئۇرۇپ سوقۇشلىرىنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۇرۇپ باقتىڭمۇ؟ئانا دەپ تېلىقىپ يىغلىغىنىمدا،توپا،چاڭغا مىلىنىپ كەتكەن كىيىملىرىمنى قېقىپ يۆلەيدىغان ،بىشىمنى سىلاپ يېشىمنى سۈرتىدىغان ئانام نەدە  دەپ تۆت تەرىپىمگە تەلمۈرۈپ يىغلىغىنىمدا كىملەرنىڭدۇ كۆزۈڭگە قاراپ ماڭساڭ بولمامدۇ شۇم ماۋۇ كىيىمنى يەنە پاسكىنا  قىلىپسەن دەپ ھاقارەت قىلىپ قۇ لاقلىرىمنى سوزۇپ،يۇمران كاچاتلىرىمغا ئۇرۇشلىرنى بىرەر قېتىم كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ باقتىڭمۇ؟ بالام نەدىدۇ؟ نىمە ئىش قىلۋاتقاندۇ ؟نىمە يەۋاتقاندۇ؟ بالام ئاغرىپ قالغانمىدۇ ؟ دەپ بىرەر قېتىم ئويلاپ باققانسەنمۇ؟
ئىيتقىنا ئانا؟ دىلىم ئازار يەپ ،تام تۈۋىدە بوينۇمنى قىسىپ ،خىيالىمدىكى سېنى ئەسلەپ ،كۆزلۈرۈم ياش چۈشلۈرۈمدە سىنى كۆرۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا بىرەر قىتىم ،بىرەر قىتىم بولسۇممۇ سىنىڭمۇ چۈشلىرىڭگە كىرىپ باقتىممۇ؟
ئانا دەپ چۆچۈپ ئويغانغان ۋاقىتتا سەنمۇ بىرەر قېتىم بالام دەپ تۆت تەرىپىڭگە تەلمۈرۈپ باقتىڭمۇ؟؟؟؟.
ئەپسۇس ئانا.سەن ئويلاپ باقمىدىڭ،بولمىسا مېنى ئىزلەپ كىلەتتىڭ،سېنىڭ قەلبىڭ ئۆلگەن قەلىب،مۇھەببەتنىڭ نىمىلىگىنى ،سۆيۈش ـ سۆيۈلۈشنىڭ نىمىلىگىنى سەن ئەسلا بىلمەيسەن .
ئانا ،مەكتەپ يىشىغا يەتتىم، سىنىپتا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ،چەتكە قىقىشلىرىدىن، كەمسىتىشلىرىدىن خالى بولالمىدىم،ھىيىت ـ  بايراملاردا بوينۇمنى قىستىم ،ئاتاـ ئانىسى بارنىڭ كەينىدىن قاراپ ياش تۆكتۈم...........

ئانا ،مەنمۇ چوڭ بولدۇم ،سىنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئالدىڭغا ئادەم ئەۋەتسەم رەت قىلىپسەن ،مەن ئۇ بالىنى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقىرۋەتكەن دەپسەن ،جاۋاپ بەر ئانا بۇ سىنىڭ ھەقىقى جاۋابىڭمۇ؟ بۇ گەپنى ئاڭلاپ مىنىڭ قانچىلىك ئازاپلانغانلىغىمنى ھىس قىلالامسەن؟ مەن ئەمدى كىچىك بالا ئەمەس،توي يېشىغا يەتكەن يىگىت بولۇپ قالدىم،ئانا ،ئەسلى مەن ئەمەس ،سەن مىنى ئىزلەپ كەلسەڭ بۇلار ئىدى،خەيرى ھىچ گەپ يوق  توققۇز ئاي ،توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ تۇققانلىغىڭنىڭ ،بىر يىل بەرگەن سۈتىڭنىڭ ھەققى ـ ھۆرمىتى ،ئەڭ ئاخىردا سېنىڭدىن شۇنى سوراپ باقاي ئانا ،ئالاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىل سەن مېنى راستىنلا ئۇنتۇپ كەتتىڭمۇ؟ئەمدى بولسۇممۇ مىنى باغرىڭغا بېسىشنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟،بۇ دۇنيادا تېنىۋالغىنىڭ بىلەن ئۇ دۇنيادا قانداقمۇ تانالايسەن؟
ئانا، ساڭا ئۇلۇغ ئاللاھتىن سالامەتلىك،ئىنساپ، ئىتقاد،مۇزلىغان قەلبىڭگە مىھىرـ مۇھاببەت تىلەيمەن،جاۋابىڭغا تەشنا ئوغلۇڭدىن.


تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-06-05, 19:10
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-06-05 19:00 |
be42late
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 190
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 226
شۆھرەت: 1339 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1328 سوم
تۆھپە: 779 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 786 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 933(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم... بۇ راست ھىكايىمۇ ؟؟؟

ئەگەر راست بولسا، بىچارە ئانىڭىزنىڭمۇ قىيلىنىدىغان يېرى باردۇ......

ئادەم ئەۋەتتىم دەپسىز ( نىمىشقا ئادەم ئەۋەتىسىز؟؟؟)... نىمىشقا ئۆزىڭىزلا بارمايسىز؟ ھىچ بولمىغاندا بىر قېتىم بولسىمۇ «ئانا» دىيەلەيتتىڭىز.......

ياخشى بولسىمۇ، ناچار بولسىمۇ ئۇ مەڭگۈ  سىزنىڭ ئانىڭىز...... سىز ئانىڭىزنى ناچار دىسىڭىز، باشقىلار سىزگە ياخشى ئانىسىنى بەرمەيدۇ،،،

غەيرەتلىك بولۇڭ،،،،، ئانىڭىز بىلەن پاتراق بىللە بولىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن...
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 20:36 |
qohleh
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8078
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 53 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 53 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ،راس ھىكايە،لىكىن پۇرسۇناژ ئوغۇل ئانا ئالدىغا بىرىشقا ھەقىقەتەن ئامالسىز.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 11:16 |
bear
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7947
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 25
شۆھرەت: 180 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 180 سوم
تۆھپە: 99 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 99 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك تەسىرلىككەن. مەنمۇ  نىمە دىيىشنى بلەلمەي قالدىم.بالىسنى سۆيمەيدىغان ئانا يوق.ئانىڭىزنىڭمۇ قىينىلىدىغان يەرلىرى بولىشى مۇمكىن.
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 11:34 |
xirzatjian
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8095
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سالام ئاپا
      سۆيۈملۈك ئاپا ياخشىمۇسىز! ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟ مۇبارەك تېنىڭىز ئامانمۇ؟
       ئاپا سىز بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئىككى يىل بولاي دەپتۇ. سىزنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرگەندىكى چىرايىڭىز
ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى.لىكىن مەن بۇ كۆرۈشۈشنى ئىككى يىللىق دەپ ئويلىماپتىمەن.بىلمەيمەن؟يەنە قانچىلىك ۋاقىت سىزنى كۆرەلمەيمەن؟ ئاپا ئىسىمنى بىلسەم سىز دادامدىن ئايرىلىپ كىتىپتىكەنسىز.مەن چوڭ ئاپامنىڭ يېنىدا 8يىل تۇردۇم.بۇ جەرياندا سىزنى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن يىلىغا پەقەت ئىككى قېتىملا كۆرەلىدىم.
كىيىن دادام قايتا ئۆيلەندى، مەن دادامنىڭ يېنىغا يېنىپ كەلدىم.شۇنىڭدىن كىيىن بىز تېخىمۇ ئاز كۆرۈشىدىغان بولدۇق.ئاپا مەن سىزسىز ياشاپلا كەلدىم.بەزىلەر" ئۇنداق سەن بىلەن كارى يوق ئادەم ساڭا قانداق ئاپا بولالايدۇ؟"دېيىشتى.لىكىن مەن پەقەت سىزنىلا ئاپا قاتارىدا كۆرۈپ كەلدىم.
       ھازىرمۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ؟بىر كۈنى سىزنى سېغىنىپ مەن بىردىن-بىر ساقلاپ كىلىۋاتقان سىزنىڭ رەڭسىز سۆرىتىڭىزگە تەلمۈرگىنىمچە ئولتۇرۇپ خىيالغا كىتىپتىمەن.تۇيۇقسىز قۇلاق تۇۋىمگە تەككەن شاپىلاق مېنى چۈچىتىۋەتتى،قارىسام ئۆگەي ئاپام ئىكەن;سېنى شۇنچە باقسام يەنە شۇ پاسكىنا ئاپاڭنى كۆرۈپ ئولتۇردىڭما؟\;دېگنىچە قولۇمدىكى سۆرەتنى تارتىپ ئېلىپ يىرتىپ يال ئۇرغىنىمغا قارىماي كۆيدۈرۋەتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتىم،لىكىن دادامنى ئويلاپ ئاچچىغىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ يۈرىۋەردىم.
كىيىن سىڭلىم تۇغۇلدى. بۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئۆينىڭ مالىيىغا ئايلاندىم.ھەتتا سىڭلىمنىڭ پوق لاتىسىنى مەن يۇيدۇم.تاماق ئېتىشنى ئۆگەندىم.ئۆيدىكى باھارلىق ئىشلار مىنىڭ زىممەمدە ئىدى.شۇنداق قىلىپ باشلانغۇچتىن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە بۇ ئازاپلارنى تارتىپ كەلدىم.
      تەلىيىمگە مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم.سىز مەن بىلەن ئۈرۈمچىدە كۆرىشىدىغان بولدىڭىز.مەن بەك خوشال بولدۇم.سىز پات -پاتلا كېلىپ مىنى يوقلاپ كېتەتتىڭىز.مەن بۇ چاغدا ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەمدەك ھېس قىلاتتىم.
      لىكىن بۇ خوشاللىقمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى.كىچىك ئاپام سىزنى ;سودىدا زىيان تارتىپ قەرىزگە بوغۇلۇپ يوقاپ كەتتى;دېدى.شۇنىڭدىن كىيىن مانا ئىككى يىل بوپتۇ ئاپا سىزنى كۆرۈپ باقمىدىم. سىزنىڭ نەگە كەتكىنىڭىزنى كىچىك ئاپام ماڭا دەپ بەرمىدى.مەن سىزدىن بەكلا ئەنسىردىم.
       ئاپا سىز زادى نەدە؟مەن ھازىر مۇھەببەتلەشتىم.ئۇ ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ.لىكىن بۇلارنى دادامغا دىيەلمەيمەن.سىز بولغان بولسىڭىز........
       ئاپا سىز ماڭا ئېلىپ بەرگەن مايكا تېخى بار .مەن ئۇنى كۆز قارچۇقۇمنى ئاسىرىغاندەك ئاسىراۋاتىمەن.
چۈنكى،بۇنى سىز ماڭا 20ياشلىق تۇغۇلغان كۈنۈمگە سوۋغا قىلغانىدىڭىز...        
      ئاپا ،ئېسىڭىزدىمۇ ؟سىزگەمەن چۇقۇم تىرىشىپ ئوقۇپ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولىمەن !دېگەن ئىدىم.
مەن ھازىر ;ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى;بولۇپ ئوقۇۋاتىمەن.
       جېنىم ئاپا ،سىزنى بەكلا سېغىندىم.قايتىپ كېلىڭ.مېنى بۇنداق ئەنسىرەتمەڭ.سىزدىن ئېلتىجا قىلىدىغىنىم.مىنى ئەمدى ئاپىسىز قالدۇرماڭ.ئاپا يىقىلغان بولسىڭز مەن سىزنى يۆلەي ئاپا. مىنى بۇنداق تاشىۋەتمەڭ!
        ئاپا،خېتىمنى قايسى ئادىرىسقا ئەۋەتىشىمنى بىلمەيمەن.لىكىن مۇشۇنداق قىلسام ئازراق بولسىمۇ يىنىكلەپ قالىدىكەنمەن.ئاپا شۇ تاپتا سىزمۇ مىنى سېغىنىپ ئولتۇرۇپسىز بۇ ماڭا ئايان.ئاپا.....

                دەپ:ئوغلىڭىزدىن.
  
                     2010 -يىل10-ئاينىڭ4-كۈنى.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 12:59 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر