saltanat lutun
«12345»Pages: 1/8     Go
بۇ تېما 10693 قېتىم كۆرۈلدى
diwa

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 724
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 153
شۆھرەت: 1032 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1044 سوم
تۆھپە: 571 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 582 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 129(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قەۋمىڭنىڭ ياغلىقىنى سېتىپ خەجلە!!!

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلىقتىن قالدۇرۇلدى(2012-06-06)
قەۋمىڭنىڭ ياغلىقىنى سېتىپ خەجلە



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت!!!!
ئەسلى بۇ ئىشنى دەل شۇ كۈنى تورغا يازاي دىگەن. لېكىن،بۇ كۈنى يازسام بۇ رەھبەرنىڭ كىملىكى بىلىنىپ قېلىپ،پايتىمىسى چۇيلىنىپ چىقىپ قالىدىغان بولغاچقا سەۋىر قاچامنى چىڭ تۇتۇپ تۇردۇم .لېكىن بۇ رەھبەرنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئەمەل تاماسىدا ،ئۆزىنى تۇتالماي ،ئەجداتلىرى ئەۋلاتتىن -ئەۋلاتقا چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان قىممەت قارىشىنى مەسخىرىگە ئېلىشى مېنى بەكمۇ غەزەپلەندۈردى .
ئاشۇ موللاق ئېتىپ چۈشكەن  مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئاقۋاش باشلىقى بىر يېزا مەكتىپىگە بېرىپ،ئوقۇغۇچىلار كەيگەن دوپپىنى مازاققا ئالغانلىقىنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر !شۇ كۈنلەردە بىز پارتىيەنىڭ مىللەتلەر لۇشىيەنىگە خىلاپ قىلىق قىلغان بۇ رەھبەرى يولداشقا  لەنەت دىگەن ئىدۇق .خەيىر ئۇ قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تارتىپ ،پاھىشۋازلارغا يانتاياق بولغانلىقى ئۈچۈن يىقىلىپ چۈشتى .بۇ <يولداش> رەھبەرنىڭ يۈرىكىمىزگە سالغان سوغاقچىلىقنى ئۇنتۇپ قالماي تۇرۇپلا ................................ئەمدى تۆۋەندىكى بايانغا نەزەر سېلىڭ .
تا بۇ كۈنلەرگىچە قومۇل مىللى رەھبەرلىرىدىن ئانىلىرىمىز بېشىغا سالىدىغان ياغلىقنى ۋە ياكى دوپپىنى مازاققا ئېلىپ باققانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدۇق .لېكىن مانا يېقىنقى كۈنلەردە دىيارىمىزدا شۇنداق بىر رەھبەر <تەۋەللۇت> بولدى .ئۇ شۇنچىلىك ناتىق ئىدى .ئۇ چىراينى ئىنتايىن تەبىئىي تۇتۇپ سۆزلەيتتى .ئۇنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزى شۇنچىلىك ياخشى بولۇپ ،ھەر بىر سۆزنى دانە دانە سۆزلەۋەتاتتى .لېكىن ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەر يىغىن ئەھلىنىڭ يۈرىكىگە زىق بولۇپ تېگىۋاتاتتى .مەسخىرە ئارلاش ماز سۆزلەرنى ئاياللارنىڭ بېشىدىكى ياغلىققا ئىشلەتتى .خىزمەتچىلەرنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى  بەكمۇ قورقۇنۇشلۇق سۆز ئىبارىلەر بىلەن تەسۋىرلىدى !
قومۇل رايونى ئەلمىساقتىن ئۆز غۇرورىدا چىڭ تۇرۇپ ھەم ئىززىتىگە تەگمىگەن ھەرقانداق ھاكىمىيەتنى قوللاپ، بۇ ئارقىلىق ئۆز ھوقوق مەنپەتىنى قوغداپ مۇشۇ كۈنلەرگە كەلگەن ئىدى .لېكىن بىزنىڭ بۈيۈك قىممەت قارىشىمىزنىڭ بىرسى بولغان، شەرمى ھايالىق ئاياللىرىمىز بېشىغا ئارتىدىغان ياغلىقنى بۇ قەدەر مازاققا ئېلىشى تېخى قومۇلدىكى مىللى ئەمەلدارلار تارىخىدا تېخى تۈنجى قېتىملىق بولسا كېرەك .ئۇ زادى نىمىگە بۇنچە ئالدىرايدۇ ؟ نىمىگە ئۆز ئەجداتىنىڭ مەدەنىيىتىنى سېتىپ يىيىشكە ئالدىرايدۇ ؟ بۇ  شۇ دەل شەيتان قەلبىنى چىرمىغان ئەمەلدارلىق رەشىك ئوتى ....
ئى ئىنسان ،سەن يېتىشتۈرگەن كەلگۈسى ئەۋلادىڭنى تەسەۋۇر قىلىپ باق . كۆزلىرىڭگە ياشلار كەلمىىدىمۇ؟ سېنىڭ ئاناڭ ياغلىق سېلىپ باقمىغانمۇ؟
ئەجىبا سېنىڭغا بايلىق ۋە ئەمەللا لازىممۇ؟
مەنبە :مەن
ئەسكەرتىش: بۇ يازمىدا تەسۋىرلىگەن شەخىسنى ھەرقانداق بىر كىشىگە ئوخشىتىۋېلىپ ئىسمىنى ئاتاش قەتئىي چەكلىنىدۇ .بەلكى سىز مۇشۇ ئىنساننىڭ قىلمىشىغا نەپرەت ۋە سەمىمى نەسىھىتىڭىزنى ئىپادىلىسڭىز ،ئۇ سەگەپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .شاخسىيىتىنى تارتىپ چىقىش تور بىكىتىمىزگە زىيانلىق .
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-06-05, 21:57
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-06-05 19:58 |
kokturuk
ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟

دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 410
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 556
شۆھرەت: 3574 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3565 سوم
تۆھپە: 1999 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2039 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1010(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەسىم:
مائارىپ ساھەسىدىكى بۇ خىل ھەركەت مائارىپنى خەلىققە دۇشمەن كۆرسەتمەكتە،ئاتا-ئانىلار بىر قۇتۇپقا،مائارىپ بىر قۇتۇپقا ئايرىلىماقتا،ئاتا-ئانىلار بىلەن مەكتەپ ئورتاقلىق شەكىللەندۇرەلمىسە بۇنى مائارىپ دىگىلى بولامدۇ؟
ئىشتان كەيمىگەن،ياۋرۇپا پاھىشىلىرىدەك ياسىنۋالغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى يوق ئەجىبا مىڭ يىللاپ ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ياشاپ ،مىڭ يىللاپ ئىسلامچە دۇنيا قاراشتىكى ئەخلاقىمىز مائارىپىمىزغا ئەجەپ تاقاشتى دىسە؟
يۇسۇپ خاس ھاجىپ شۇنداق دەيدۇ:
<< كۆر ئارسلانلارغا ئىت(لالما ئىت)بولسا باش،
بولۇر ئارسلانلار ئىت( لالما ئىت) سىمان.>>
ھازىر دۆلىتىمىز ساپالىق ،ئەخلاقلىق دۆلەت پۇخرالارنى يىتىشتۇرۇشنى مائارىپنىڭ نىشانى قىلىپ بېكىتتى،ئەمما بىز مىللى ئەندىزىدىكى ئەخلاقسىزلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتىمىز،مانا بۇ تېنچ جەميەتتىكى يۇشۇرۇن تېنچسلىق،ئىناق جەميىتىمىزدىكى قەبىھ ئىناقسىزلىق ،سېپى ئۆزىدىن مائارىپنىڭ ئوبرزىنى خۇنۇكلەشتۇرۇش.
ئەگەر ئازراق ئىلىم ئەھلى باشلىق بولسا ئىدى ،بۇنداق تۇكى يوق ئىشلارغا ئارلىشۋالمىغان بولاتتى.
[ بۇ يازمىنىkokturukدە2012-06-05 23:45قايتا تەھرىرل ]
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 23:17 |
abdul-ahad
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1515
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 244
شۆھرەت: 1271 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1285 سوم
تۆھپە: 755 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 757 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 543(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەجىبا ئۇيغۇر قىز-ئاياللار بېشىغا سالىدىغان ياغلىقنى شۇنچىلىك مەسخىرە قىلغان ئاشۇ نىجىسنىڭ دەككىسىنى بېرىدىغان بىرەرى چىقمىدىما؟
قىز-ئاياللارنىڭ ياغلىق سېلىشى شەرمى ھايالىقنىڭ ئىپادىسى! ئەجىبا ئۆز ئۆرپ-ئادىتىمىز بويىچىمۇ يۈرگىلى قويمىسا، زادى نىمە قىل دەيدىكىن؟
ئۆرپ-ئادىتىمىزنى قانۇن ئارقىلىق قوغداشنى تەلەپ قىلىدىغان دەرىجىگە يېتىپتۇ!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 23:57 |
dilsoz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7024
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 65 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 65 سوم
تۆھپە: 39 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 39 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نىمە بوپ كەتتى بۇ ئىشلار !!!ئازاتلىقتىن بۇرۇن تۇغۇلۇپ كومپارتىيەنىڭ غەمخورلىقىدا ئۆسىپ يېتىلىپ ھاياجانلانغىنىدىن <كونىلىق > دەپ ئاپىلىرىمىز ياغلىقلىرىنى تاشلىۋېتىۋىدى ،ئەمدى بىزنىڭ قايتا چەگمىگىمىز   بەزىلەرگە غەلىتە تۇيۇلۋاتىدۇ .بۇ بىر ساۋاق !  بارلىقىڭنى قەدىرلە ! سەنلا ۋاز كەچمىسەڭ ھېچكىم سېنى ۋاز كەچتۇرەلمەيدۇ !!
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 00:05 |
caliskan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7407
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر چاغلاردا ئاتالمىش يازغۇچى-شائىرلار ھە دىسىلا <چۈمبىلىڭنى قايرىۋەتمەمسەن><رومىلىڭنى ئىچىۋەتمەمسەن><......>دىگەندەك شىئر،ھىكايە،پوۋىست،رومان دىگەندەكلەرنى تولا يىزىپ خوتۇن-خەقنىڭ چۈمبىلى بىلەنلا قالغانتى،<مەشھۇر>ناخشىچى سەنئەتكارلىرىمىزمۇ كانىيى يىرتىلغۇچە<ئىچىۋەت،قايرىۋەت،سىلىۋەت>دەپ كاكىراپ يۈرگەنتى،ما تىمىنى كۆرۈپ شۇ چاغلار ئىسىمگە كىپ قالدى.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 00:18 |
diwa

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 724
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 153
شۆھرەت: 1032 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1044 سوم
تۆھپە: 571 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 582 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 129(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بولسا بۇ تېمىنى شۇ كىشى بىر كۆرسە ،ئۆزىنىڭ قانونسىز تەشۋىقات قىلىۋاتقانلىقىنى ،مىللىتىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىش ھېسابىغا ئەمەل تاما قىلىدىغان چۈپرەندىچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلسە ئىدى كاشكى .
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 08:39 |
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 593
شۆھرەت: 3508 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3669 سوم
تۆھپە: 2018 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2024 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 720(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇ كىشى چوقۇم ئۇيغۇرچىنى بىلمەيدۇ!
ئۇنىڭ مومىسى، ئاپىسى ياغلىق چەگمەي ياشىغانلاردىنمىكىن....چوقۇم شۇنداق!
بولمىسا ئۇ ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىسىنى بۇنچىلىك يەرگە ئۇرمىغان بولاتتى...ھازىر پۈتۈن قومۇللۇقنىڭ ئازىدا شۇنىڭ گېپى
simfoniya
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 09:46 |
arkimjan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7372
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 160 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 96 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 96 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 26(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھازىر ھەرقايسى ئورگانلاردا ئۆزىنىڭ  كىملىكىنى ئاڭقىرالمايدىغان ،نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيدىغان ماڭقۇرت رەھبىرى كادىرلار يوق ئەمەس ،خېلە بار ،ساپاسى تۆۋەن .ئۇلار پارتىيەمىزنىڭ تىنىچ -ئىتىپاق جەمىيەت موھىتى ،گۈللەنگەن شىنجاڭ قۇرۇش چاقىرىق ،تەشەببۇسلىرنى قانداق قىلغاندا ھەقىقى توغرا ئۇسۇل بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلىدە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس شۇڭا نەدىكى ئىشلارغا چات كېرۋېلىپ خەلق بىلەن رەھبەرلەر ھەم ھۆكۈمەت ئوتتۇرسىدا مەلۇم زىددىيەتلىك پىكىر ئېقىملىرغا سەۋەپ بولىدۇ ھەم بولىۋاتىدۇ .شۇڭا بۇلار ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشى ،قانۇن ئۆگۈنىشى كېرەك .
ئۇيغۇر كىيىم -كېچەكلىرى بۈيۈك ئەخلاقنىڭ ،بۈيۈك مەدەنىيەتنىڭ نامايەندىسى ،بىزدىكى بۇ مەدەنىيەت ،ئەخلاق ئىپادىسى خېلە خېلە مىللەتلەردە يوق  بىز قەتئىي قوغدايمىز .بۇ قانۇنغا . ھۆكۈمەتنىڭ  نۆۋەتتىكى ساياھەتچىلىق ۋە باشقا مىللى ئۆرپ ئادەت -..... .سىياسەتلىرىمىزگە پايدىلىق . چۈنكى بۇ گۈزەل يەرلىك  مەدەنىيەت .
باشقۇرۇش توغرا كەلسە ھە دېسىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشتىنى ،چېچى بىلەن بولۇپ ،ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ قانداق يۈرۋاتقانلىقى ،قانداق كىينىۋاتقانلىقى بىلەن كارى بولىمىغا ن رەھبەر-ئەخلاق مۇدىرلىرنى باشقۇرۇش كېرەك .   قوشۇۋېتىلگەندىن بېرى بولۇپمۇ بۇ يىل كۈن ئىسسىغاندىن بېرى بەزى ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىينىشىدىن بىز نومۇس قىلىمىز . ئىشتانسىز .........مەكتەپكە كېلۋاتىدۇ .
قايسى كۈنى بىر ئوقۇتقۇچى بۇرادەر  دەرۋازا ئالدىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيمىنى قاتتىق تەنقىتلەۋاتقان مۇدىرغا :  ئوقۇغۇچىنى باشقۇرمەن دېگۈچە -ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرايلى  باشتا! دەپ سالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى ماڭا .
بىزئۆزىمىزنىڭ ئېسىل  شەرمى-ھايا،ئەخالق گۈلتاجىمىز  بولغان كىيىم -كېچەكلىرمىزدىن
پەخىزلىنىشمىز كېرەك   بىلسەك  .
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 09:52 |
ilim

دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1057
شۆھرەت: 6816 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6925 سوم
تۆھپە: 3819 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3883 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1548(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر قومۇللۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ئەمەلداردىن سەسكەندىم . ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بوۋىمىزنىڭ ماۋۇ شېئىرىنى بۇ كىشىگە سۇندۇم

ئۆزىنىڭ ئەزىزى كىشىلىرىنى قەدىرلىمىگەن مىللەت چوقۇمكى ياتلارنىڭ كىشىللىرىنى بىشىدا كۆتىرىدۇ ۋە تارىخنىڭ بۈيۈك ئېقىنىدا تۇنجۇقۇپ يوقىلىدۇ.
خەجلە،خائىنلار خەجلە….
خەجلە خائىنلار خەجلە،بۇ ئەلنىڭ مالىنى خەجلە،
يىتىشمەي قالسا ئۇ ھەم ئېلىپ سەن جانىنى خەجلە.
خىنىمغا ئوسما دەپ خەجلە،بىگىمگە تاسما دەپ خەجلە،
تالان-تاراجدىن قالغان پارچە نانىنى خەجلە.
دىھقانغا ئاچقۇزۇپ بوزنى،دۇكانغا توقۇتۇپ بۆزنى،
سىلىپ ئالۋاننى يۇز قاتلام،ئىچىپ سەن قانىنى خەجلە.
كۆلدە بىلىقى كۆپ دەپ ،يەر ئاستى بايلىقى كۆپ دەپ،
قەدەمدە مىڭ تىپىپ ھىلە،ئېچىپ سەن كانىنى خەجلە.
پالانىدۇر ئاقچىدۇر-كۆكچى،بۇ ئۆتكۈرمۇ يامان دوقىچى،
دەپ پارچىلاپ بۇ مىللەتنى،سىتىپ ۋىجدانىنى خەجلە.
(1949-8-يانۋار)
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 10:14 |
sunflower
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7931
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قىزىق ئىش!دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنىدا مىللەتلەرنىڭ ياغلىق چىگىشى ياكى دوپپا كېيىشى،ساقال قويۇشى چەكلىنىدىغان بىرمۇ ماددا يوقكەن.ئاڭلىسام تۇرپاندا نورغۇن ساقال قويغان ياشلارنىڭ ساقىلىنى مەجبورىي چۈشۈرگۈزىۋېتىپتۇ.ئالىمجان كاۋابچى چىققاننىڭ ياقى سەل بوشىشىپ قالغانمىش.يەرلىك ئەمەلدارلار خەلق بىلەن مەركەز ئوتتۇرسىغا بۇنچىلىك كۆپ ئۇقۇشماسلىقلارنى سېلىپ نىمە مەقسەدكە يەتمەكچىدۇ؟؟؟
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 11:41 |
diwa

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 724
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 153
شۆھرەت: 1032 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1044 سوم
تۆھپە: 571 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 582 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 129(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇشۇ ئىنكاسىمنى كۆرىۋاتقان قېرىندىشىم .بۇ يازمىنى ئوقۇپ قانداق ھىسياتقا كەلدىڭىز؟شۇنداق بۇ رەھبەردىن نەپرەتلىنىۋاتىسىزغۇ دەيمەن؟ئەمىسە نىمە ئۈچۈن بۇ بەتنى ئۆچىرۋېتىشنى ئويلىدىڭىز؟ئەجىبا ئۆز ئىنكاسىڭىزنى قالدۇرۇپ بۇ تېمىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆرىشىگە ھەسسە قوشقىڭىز يوقمۇ؟
قارىسام 400 دىن ئارتۇق كۆرۈلۈپتۇ .قايتا كۆرگەنلەرنى چىقىرىۋەتكەندە ئاز دىگەندىمۇ 100 ئادەم كۆردى لېكىن ئىنكاس ئونغا يەتمىدى...بىز زادى نىمىدىن قورقىمىز .ئىسسىق جېنىمىزغا بۇنچىلىك ئىنكاس يېزىپ قويساق ھىچ زىيىنى تەگمەس قېرىنداشلار .مەن ئىنكاس دىۋانىسى ئەمەس لېكىن ماۋۇ تېمىدا دىۋانە بولسام بولاي .
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-06 11:59 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/8     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە